ئىسلامدا جىنسىي تۇرمۇش S-~)|7d.
@H~oOf
ئاپتۇرى: ئەلى رىزا دەمىرجان [تۈركىيە] .oTS7rYw
bqA`oRb\
تەرجىمان: ئابدىمىجىت /N<aN9Z<x,
cZ)mp`^n7
1-قىسىم .oT'(6#
']I!1>v$[
جىنسىي تەربىيە پەرىزدۇر
f_xvX f: +/RR!vG, مۇھىم ئەسكەرتىش
-@`Ah|m@} k0ai#3iJ ئاللاھ ياراتقان مەۋجۇداتلار ئىچىدە ئەڭ بۈيۈك مەۋجۇدات ئىنساندۇر. ئاسمان ۋە زېمىندىكى پۈتكۈل شەيئىلەر ئىنساننىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر.
U.Iw/T-5 شۈبھىسىزكى، ئىنساننىڭ روھى كۈچىگە قارىغاندا جىسمانى كۈچى بەك ئاجىزدۇر. روھى كۈچنىڭ ئۇلۇغۋارلىقى ۋە چوڭقۇرلۇقىغا نىسبەتەن جىنسىي ئارزۇ-تەلەپلىرى ئۇلۇغۋار ئەمەستۇر.
W}3%BWn بىز بۇ كىتابتا ئىسلام دىنىنىڭ ئىككى ئاساسى مەنبەسى بولغان قۇرئان ۋە سۈننەت ئۆلچىمى ئاساسىدا ئىنساننىڭ جىنىسىيەتى ۋە جىنسي تۇرمۇشىنى بايان قىلىشنى مەقسەت قىلدۇق.
}+pwSjsno كىتابنىڭ تېمىسىنى تېخىمۇ ئېنىق يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن، ئىنساننىڭ جىنسىي تەرىپىنىلا تىلغا ئالدۇق. بۇ جەھەتتە ئىنساننىڭ جىنسىي ئەھۋالىنى بايان قىلىشتا قۇرئان ۋە سۈننەتتە كۆرسىتىلگەن جىنسىي قائىدە-تۈزۈملەرنى ئىزاھلاشقا تىرىشتۇق.
ITqAy1m@C كىتابىمىزدىكى قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ جىنسىي تۇرمۇشنى بايان قىلىدىغان قائىدە-تۈزۈملەرنى ئوقۇغان ۋاقىتىمىزدا، «قۇرئان» ۋە «سۈننەت» پەقەتلا جىنسىي تۇرمۇشنىلا بايان قىلامدۇ؟ دەيدىغان بىر شۈبھىگە چۈشمەسلىكىمىز كېرەك.
0!ZaR6 يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، كىتابىمىزدا پەقەتلا جىنسى تۇرمۇش بايان قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ جىنسىيەتكە مۇناسىۋەتلىك پرىنسىپلىرىلا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
$%"hhju شۇنى بىلىش لازىمكى، قۇرئان ۋە سۈننەت ئىنسانىيەتنىڭ يېگانە ھايات نىزامىدۇر. بۇ ئىككى مۇقەددەس مەنبە جىنسىي تۇرمۇشنىلا ئەمەس، بەلكى ئىنسانغا مۇناسىۋەتلىك سىياسىي، ئېتىقادىي، ئىجتىمائىي، قانۇنىي، ئىقتىسادىي ۋە ئەخلاقى قاتارلىق پۈتكۈل ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىنساننى دۇنيا ۋە ئاخىرەت سائادىتىگە ئېرىشتۈرىدۇ.
PlS)Zv3 (?^ F }] قۇرئان ۋە سۈننەتتە جىنسي تەربىيە پەرىزدۇر
p_&B+<z "مۇنداق دۇئا قىلغىن: رەببىم ئىلمىمنى زىيادە قىلغىن" (تاھا سۈرىسى 14-ئايەت )
]u$tKC ئىسلام دىنى قائىدە-تۈزۈملىرىنى ئاللاھ ۋە پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بېكىتكەن بىر ھايات نىزامىدۇر. ئاللاھ ئىنسانلارنى ئىشەنسۇن، ئەمەل قىلسۇن دەپ ئەۋەتكەن بۇ دىن شەخس ۋە جەمئىيەتنى بىر پۈتۈن دەپ قارايدۇ.
-.MJ3 بۇ دىن ئىنسان ھاياتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندەك، جىنسىي تۇرمۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، توغرا ۋە پايدىلىق تەۋسىيەلەر بىلەن ئىنساننى بەندىچىلىك دائىرىسىدە تۇتىدۇ.
O#18a,o@ جىنسىيەت ھەققىدىكى ھالال ۋە ھاراملارنىڭ ئۆگۈتىلىشى پەرىزدۇر
J(/J;PW ئىسلام دىنىنىڭ ئىمان ئاساسلىرى ۋە مەسئۇلىيەت خارەكتېرىدىكى بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىنى بىلىش پەرىز ئەيندۇر.
YzM/?enK}T ھەر بىر مۇئمىن بىلىشكە تېگىشلىك پەرىز ئەينلەرنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلىكتە بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق ھالدا ئەۋلادلارغا ئۆگىتىشكىمۇ مەسئۇلدۇر. بۇ ھەقتە ئىسلام ئالىملىرىنىڭ پىكرى بىردەكتۇر.
5EI"5&`* ئىسلام دىنىنىڭ جىنسىي تۇرمۇشنى تەرتىپكە سالىدىغان پرىنسىپلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئىجرا قىلىشقا تېگىشلىك بۇيرۇقلار (ھالاللار) ۋە قىلماسلىققا تېگىشلىك چەكلىمىلەر (ھاراملار) دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. بۇ سەۋەپتىن بۇ ئىلاھى ئەمىر ۋە چەكلىمىلەر دائىرىسىدە جىنسىي تەربىيە پەرىزدۇر.
G;u~H< پىرىنسىپ شەكلىگە كەلتۈرۈلگەن بۇ ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن، دىنىمىزنىڭ جىنسىي تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك چەكلىمىلىرىنىڭ بىر قىسمىغا قاراپ باقايلى:
\#w8~+`Gq "جىنسىي ئارزۇ بىلەن شەھۋەت بىلەن قاراش، بالاغەتكە يەتكەن قىز-ئوغۇلنىڭ بىر يەردە يالغۇز قېلىشى، جىنسىي ھېس-تۇيغۇلارنى غىدىقلايدىغان مۇزىكا، زىنا، ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ مۇھەببەتلىشىشى، ھايۋانلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش، جىسمانى گۈزەللىكىنى ئايان قىلىدىغان كىيىملەرنى كىيىش، پاھىشخانا ئېچىش، ئىپپەتلىك ئايالغا بۆھتان قىلىش، جۇنۇپ بولغان ۋاقتىنى بىر تاھارەت ۋاقتىغىچە ئۇزارتىش، ئادەت، نىفاس ۋاقتىدا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش، ئايالى بىلەن ئارقا تەرەپتىن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش، تىببى ۋە دىنى بىر سەۋەپ بولماستىن ئېرىنىڭ جىنسى تەلىۋىگە قارشى چىقىش، ئايالىغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك، ئايالىنىڭ ھەق ۋە ئەركىنلىكىنى قىسىپ قويۇش، ئەر-خۇتۇن ئېغىزدىن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش قاتارلىقلار."
CVkJMH_ يۇقىرىدا قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئاساسلىنىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قىسىم جىنسي ھارام (چەكلىمە)لار ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ساۋاتلارنى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش پەرىزدۇر.
z(^dwMw} بۇ ھاراملارنى بىلمىسەك ۋە بىلدۈرمىسەك قانداق بولىدۇ؟ بۇ ھاراملارنى بىلمسەك، بۇنىڭدىن ئۆزىمىزنى قانداق ساقلاپ قالالايمىز؟ يەنە بۇ چەكلىمىلەرنىڭ سىرتىدا قالغان بىر قىسىم جىنسىي خارەكتېرلىك ۋەزىپىلىرىمىزمۇ بار.
2V \hG?< جىنسي ھالال ۋە ھاراملار ئاخىرەت ھاياتىمىزغا يېقىندىن مۇناسىۋەتلىكتۇر. مۇئمىنلار خاتىرجەم ۋە بەختلىك دۇنيا ھاياتى ئۈچۈن جىنسي چەكلىمىلەرنى بىلىشكە موھتاج بولغىنىدەك، جەھەننەم ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈنمۇ بۇ چەكلىمىلەرنى بىلىشكە موھتاجدۇر. چۈنكى ئاللاھ رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جەھەننەمگە كىرىشكە سەۋەپ بولىدىغان گۇناھلارنىڭ تىل ۋە جىنسي ئەزا بىلەن قىلىنغان گۇناھلار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن جىنسىي ھاراملاردىن يىراق تۇرۇش لازىملىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېگەن:
P{`fav "ئەي مۆمىنلەر! كىم ماڭا تىلى ۋە ئەۋرىتىنى يالغاندىن، زىنادىن يىراق تۇتۇشقا كاپالەتلىك قىلسا، مەن ئۇنى جەننەتكە كىرىشكە كاپالەتلىك قىلىمەن."
r1RM7y جىنسىي ساۋاتلارنى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش ھاياسىزلىق ئەمەستۇر. ئاللاھ رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جىنسىي تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىلاھى ئەمىر ۋە چەكلىمىلەرنى بىلدۈرۈشكىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن. ئاللاھ رەسۇلىنىڭ تىل ۋە ھاياغا دىققەت قىلىشى، ئۇنىڭ جىنسىي تەربىيە بېرىشىگە توسقۇن بولمىغان ۋە جاھالەتكە مەھكۇم قىلىدىغان خىجىلچانلىقنىمۇ تەۋسىيە قىلمىغان. ھايا جىنسىي مەسىلىلەرنى، جىنسىي مەسىلىلەرمۇ ھاياغا دىققەت قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن بىز ھايانى قىسقىچە چۈشەندۈرىمىز.
h@ ZC{B ھايا_ ئىنساننى خورلۇقتىن، پۇشايمان قىلىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەردىن ساقلايدىغان تۇيغۇ-ھېسسىياتتىن ئىبارەت. ھايا ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھېسابقا تارتىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىش بىلەن كۈچلىنىدۇ، ئىلاھى ئەمىر ۋە چەكلىمىلەر بىلەن ئەمىلىي قىممەتكە ئىگە بولىدۇ.
!- QB>`7$ ھايا ئىنسان تەبىئىتىدە مەۋجۇت بولغان نەرسە بولۇپ، ئۇ ئاللاھقا، ئىنسانلارغا ۋە پەرىشتىلەرگە قارىتا قانداق ھايا قىلىش قاتارلىق بىر نەچچە قىسىملارغا بۆلىنىدۇ.
pG)dF@ ھايانىڭ ھەر بىر پارچىسى ئىسلامىدۇر ۋە ھەر ئىنساندا بولۇشقا تېگىشلىك دىنىي بىر ئالاھىدىلكتۇر. ھايا بىر خەيىردۇر، ئىسلام دىنىنىڭ بارلىق ئەمىر ۋە چەكلىمىلىرىنى بىلىش تېخىمۇ بۈيۈك خەيردۇر. خەيىر ياخشى ئىشلارغا توسالغۇ ئەمەس، ئەكسىچە ياردەمچىدۇر. چۈنكى ئاللاھ رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: "ھەقىقى ھايا پەقەتلا ياخشىلىق ئېلىپ كېلىدۇ" دېگەن. بۇ سەۋەپتىن ھايا پەرز بولغان جىنسىي تەربىيەگە توسالغۇ بولمىغان، ئەكسىچە پەزىلەت دەپ قارالغان.
fQ!W)>mi پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قەدىرلىك ئايالى، ھۆرمەتلىك ئانىمىز ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مەدىنىلىك مۇسۇلمان ئاياللارنى مەدھىلەپ: "ئۇلار نېمە دېگەن ھۆرمەتلىك ئاياللار! ئۇلارنىڭ ھايا تۇيغۇسى، دىنىنى ياخشى بىلىشكە توسالغۇ بولمىدى" دېگەن.
&{a#8sbf#c ئىسلام دىنى جىنسىي تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئەمىر-چەكلىمىلەرنى ئۆگىنىش، ئۆگىتىشتە جىنسىي ئەزا، بۇ ئەزالاردىن چىقىدىغان مەنى، مەزى، قان قاتارلىق جىنسىي ھېسسىيات ۋە بۇ ھېسسىياتنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەرنىمۇ بايان قىلىدۇ. جىنسىي خارەكتېرلىك كېسەل ۋە ئاجزلىقلارنى ئوتتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن جىنسىي ئەزالارنىڭ فىزولوگىيلىك تۈزۈلىشىنىمۇ بايان قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللارنى كۆپەيتىش مۇمكىن.
[`tNa Vg يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلار دىنىي ھاياتنىڭ چەكلەنگەن دائىرىسىگە كىرگەن بولسا ئىدى، بۇ مۇقەددەس دىن ئۆز ئىچىدە زىتلەشكەن بولاتتى.
4A(h'(^7A ئاللاھ رەسۇلىنىڭ جىنسىي تەربىيەسى
|+sAqx1IF " ئى پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان ئەھكاملارنىڭ ھەممىسنى يەتكۈزگىن، ئەگەر تولۇق يەتكۈزمىسەڭ، ئاللاھ تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا قىلمىغان بولىسەن، ئاللاھ سېنى كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن كاپىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ." (مائىدە سۈرىسى، 67-ئايەت)
Zn)o@'{}{ ئاللاھ رەسۇلى قۇرئان ئايەتلىرىنى تەبلىغ قىلدى
7AGUi+!ICl ئاللاھتائالا پەيغەمبىرىمىزنىڭ شانىنى ئۈستۈن، ئەگەشكۈچىلىرىنى كۆپ قىلسۇن. ئاللاھ رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جىنسىي تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر نازىل بولغاندا، بۇنى باشقىلارغا يەتكۈزۈپ، بۇ ھەقتە ئىزاھاتلار بەردى.
,g"JgX جانابى ئاللاھ بەقەرە سۈرىسىدە ئاياللارنىڭ ئادەت ھالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت چۈشۈرگەن ۋاقتىدا ئاللاھ رەسۇلى بۇ ئايەتنى تەبلىغ قىلدى.
(0_zp`) "ئاللاھ رەسۇلى بۇ ئايەتنى تەبلىغ قىلدى. مۆمىنلەر ئادەت ۋاقتىدا ئاياللىرى بىلەن بىر يەردە يەپ-ئىچىشنى، ئولتۇرۇپ قوپۇشنى ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن باشقا ھەر تۈرلۈك ئادەتلىنىپ كەلگەن ئىشلارنى قىلىشنى بۇيرىدى."
\{a5]G(4s ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا دۇرۇت ۋە سالام بولسۇن. ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئوقۇلغان ۋەھيى بولغان قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ سىرتىدا ئۆزىگە بىلدۈرۈلگەن جىنسىي خارەكتېردىكى ئىلاھىي بۇيرۇقلارنى چۈشەندۈرۈپ، جىنسىي تەربىيەنى داۋاملاشتۇردى.
xc`O\z_) ئۇ بىر ھەدىسىدە مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھقا، پەرىشتىلەرگە ۋە ئىنسانلارغا قارىتا ھايالىق بولۇڭلار. شۇنى بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتنى بىلدۈرۈپ ئەمىر قىلىشتا ھايا قىلمايدۇ."
y[S9b(:+ "ئەي مۆمىنلەر! ئاياللىرىڭلار بىلەن ئارقا تەرەپتىن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماڭلار."
jMS>B)'TO ئاللاھنىڭ رەسۇلى سوئال ۋە مەسىلىلەرگە جاۋاب بەرگەن
w&VDe(:~ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىۋاستە سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىش بىلەن بىرلىكتە ۋاستىلىق سورالغان سوئاللارغىمۇ جاۋاب بېرىپ، جىنسىي تەربىيەنى داۋاملاشتۇردى. مىسال بەرسەك، ئۇزۇن مۇددەت چۆلدە قالغانلىقى ئۈچۈن جۇنۇپلۇقتىن غۇسلى قىلىشقا سۇ تاپالمىغاندا نېمە قىلىش لازىملىقىنى سورىغۇچىلارغا، تەيەممۇم قىلىشنى ۋە تەيەممۇمنىڭمۇ قانداق قىلىنىدىغانلىقىنى ئۆگەتتى.
fN<Y3^i" مەنىنى بالىياتقۇنىڭ سىرتىغا قويۇپ بېرىپ، بالا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقى ئېيتىلغان ۋاقىتتا، ئاللاھ رەسۇلى قۇرئانغا ئاساسلىنىپ، بۇ خىل تەدبىرلەرنى "بالىنى مەخپى توپراققا كۆمۈش" دەپ ئىپادىلەپ، ئاللاھنىڭ قەدەر (تەقدىر) پروگراممىغا قويغان جانلىقلارنىڭ مۇتلەق يارىتىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
~P~q' شاھىت بولغان ۋەقەلەر ھەققىدە ئىزاھات بەرگەن
ty%,T.@e مەسىلەن، قارنى ئۈستىدە ياتقان بىر ئادەمنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى:
{/aHZ<I&^h "قارنى ئۈستىدە يېتىش ئاللاھ ياخشى كۆرمەيدىغان يېتىش شەكلىدۇر، بۇنداق ياتماڭلار" (تىرمىزى، ئەدەب، 21)
[!uVo>Q4 ئۆزىنىڭ ھېس-تۇيغۇسىغا قاراپمۇ چۈشەنجىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى
em- <V5fb ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىر ئىنسان، بالاغەتكە يەتكەن بىر ئەركەك بولىشى سۈپىتى بىلەن ئۆزى ھېس قىلغان جىنسىي تۇيغۇلارنى بالاغەتكە يەتكەن باشقا ئەركەكلەر تەرىپىدىنمۇ ھېس قىلىنىش ھەقىقىتىدىن يولغا چىقىپ، پايدىلىق تەۋسىيەلەرنى قىلىپ، تۇنجى مۇسۇلمانلارنى جىنسىي تەربىيەدىن ئۆتكۈزدى. ئۇ بۇ ھەقتە بىر ھەدىسىدە مۇنداق دەيدۇ:
0XqxW\8_l "مەيلىنى تارتىدىغان بىر ئايال تۈپەيلىدىن بىرىڭلارنىڭ كۆڭلىدە جىنسىي ئارزۇ پەيدا بولسا، دەرھال ئايالىنىڭ يېنىغا بېرىپ، جىنسىي مۇناسىۋەت قىلسۇن، بۇنداق قىلىش پەيدا بولغان جىنسىي تەلەپنى قاندۇرىدۇ"
`}bvbvmA جنسىي تەربىيە ئاياللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ
I6@"y0I ئاللاھ رەسۇلى يۇقىرىدا ئېيتىلغان جىنسىي تەربىيە ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئەركەكلەرگىلا بىلدۈرۈپ قالماستىن، ئاياللارغىمۇ بايان قىلىپ، ئۇلارنىمۇ بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىسى قىلدى.
P6'Se'f8 ئاياللارغا بىۋاستە خىتاب قىلغان ھەدىسلەردىن شۇ ئىككى ھەدىس تۆۋەندىكىچە:
/Ah&d@b "ھەر قانداق بىر ئايال خوشپۇراق بىر نەرسە چېچىپ، مەلۇم كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتسە، ئۇ ئايال مەنىۋى جەھەتتىن زىنا قىلغان بولىدۇ. (قاراش چەكلەنگەن ئەزالارغا قارىغان) ھەر كۆزمۇ زىنا قىلغان بولىدۇ." (فەيزۇل قادىر،47/3)
M,bs`amz "ئاياللار ئارىسىدا ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشى زىنا ۋە ھارامدۇر."
L*vKIP<EMM جىنسىي تەربىيە بەزى ۋاقىتلاردا بىرلىكتە قىلىندى
Jo~fri([%Q ئاللاھ رەسۇلى جىنسىي تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئەمىر ۋە چەكلىمىلەرنى ئەر-ئاياللارغا ئايرىم-ئايرىم بىلدۈردى. ئۇنىڭ تەربىيەسىدە جامائەتكە ئەرلەر بىلەن بىرگە ئاياللارمۇ قاتناشقانلىقى ئۈچۈن، بەزى ۋاقىتلاردا ئورتاق ساۋاتقا ئىگە بولغان ۋاقىتلارمۇ بولدى. شۇ ھەدىس ئورتاق تەربىيەگە مۇناسىۋەتلىك بىر مىسالدۇر:
@_#\qGY يەزىد قىزى ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۆزى شاھىت بولغان بىر ۋەقەنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
$7i[7S4 "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر نامازغا ئىماملىق قىلغاندىن كېيىن ئەتراپىدا ئايرىم-ئايرىم ئولتۇرغان ئەر-ئاياللارنى ئورنىدا تۇرۇشنى بۇيرىدى. سوئال تەرىقىسىدە ئالدى بىلەن ئەرلەردىن:
?N!kYTR%} - ئەجىبا ئارىمىزدا ئىشىكنى ئىتىۋېتىپ، ئايالى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندىن كېيىن، بۇ مۇناسىۋەتنى باشقىلارغا ئېيتقان ئەرلەر بارمۇ؟ - دەپ سورىدى. كېيىن ئاياللارغا بۇرۇلۇپ:
v+SdjFAY - سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىمۇ يولدىشى بىلەن قىلغان جىنسىي مۇناسىۋەتنى باشقىلارغا ئېيتقانلار بارمۇ؟ - دەپ سورىدى. جامائەتتىن بىر جاۋاپ كەلمىگەچكە مەن شۇنداق دېدىم:
9tVV?Q@) - يا رەسۇلەللاھ! ئاللاھقا قەسەم قىلىمەنكى، ئەرلەردىنمۇ قىلغان مۇناسۋەتنى باشقىلارغا دېگۈچىلەر بار، ئاياللاردىنمۇ بار. (مەن بۇنى دېگەندىن كېيىن) ئاللاھنىڭ رەسۇلى شۇ تەلىماتنى بەردى:
v=cQ`nou - جىنسىي تۇرمۇشۇڭلارنى ئوچۇق-ئاشكارا ئېيتىپ يۈرمەڭلار. بۇنداق قىلغان ئەر ۋە ئايال ئىنسانلار ئۆزىگە قاراپ تۇرغاندا، ئەركەك چىشىنىڭ ئىشىنى تۆگەتكەن ئەر-ئايال شەيتانغا ئوخشايدۇ.
257$ ! ساھابىلار ئالغان تەربىيە نەتىجىسىدە ئەمىلىيەتچىل ئىدى
c/v|e&q ئاللاھ رەسۇلىنىڭ، ئىنساننىڭ جىنسىي تەلىۋىنى قاندۇرۇپ، روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈرۈش يولىدىكى تىرىشچانلىقىنى ھاياتىنىڭ بىر پارچىسى دەپ قارىشى، باشقا مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرگەندەك، جىنسىيەت ھەققىدىكى مەسىلىلەرنىمۇ نازۇك ئۇسلۇپتا بايان قىلىشى دەسلەپكى مۆمىنلەرنى ئەمىلىيەتچىل قىلغان ئىدى.
G43r85LO ساھابە-كىرام پەيغەمبىرىمىزنىڭ تەربىلىشى نەتىجسىدە ناھايىتى ئەمىلىيەتچىل ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ساھابىلار جىنسىي تۇرمۇش ھەققىدە بىلمىگەن نەرسىلەرنى تارتىنماستىن پەيغەمبىرىمىزدىن سورايتتى. بۇنىڭغا تۆۋەندىكى ھەدىسنى مىسال قىلىمىز.
uN>5Eh&=Pf جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
M6Np!0G بىر ساھابى پەيغەمبىرىمىزدىن (جىنسىي مۇناسىۋەت، ئېھتىلام ۋە جەلق قىلىش تۈپەيلىدىن) جۇنۇپ بولغان بىر كىشىنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ:
?2dI8bG - يارەسۇلەللاھ!جۇنۇپ بولغان بىر ئادەم يۇيۇنماي ئوخلىسا ۋە يەپ-ئىچسە بولامدۇ؟ - دەپ سورىدى. پەيغەمبىرىمىز:
%9Z0\a)[ - جىنسىي ئەزاسىنى يۇيۇپ، نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئېلىپ ئۇخلىسا ۋە يەپ-ئىچسە بولىدۇ.- دېدى. (بۇخارى، غۇسلى)
~ A=Gra ساھابىلار بىلىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنى سوراش بىلەن بىرلىكتە قىلىپ سالغان، گۇناھ بولۇش ئېھتىمالى بولغان مەسىلىلەرنىمۇ پەيغەمبىرىمىزگە ئېيتىپ، ئۇنىڭدىن مەسلەھەت سورايتتى.
\]5I atli ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئاللاھ رەسۇلىنىڭ يېنىغا كېلىپ:
*pv<ZF0> - تۈگەشتىم يا رەسۇلەللاھ. - دېدى.
|('o g *$ پەيغەمبىرىمىز:
#u8#<,w - سېنى تۈگەشتۈرگەن نەرسە نېمە؟ - دەپ سورىدى.
m;MJ{"@A' - يا رەسۇلەللاھ! جىنسىي ئەزا بىلەن ئەمما ئارقا تەرەپتىن ئايالىم بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلدىم. - دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنىڭغا جاۋاب بەرمىدى. بۇ ۋاقىتتا بەقەرە سۈرىسىنىڭ 223-ئايىتى ئاللاھ رەسۇلىغا ۋەھيى قىلىندى. بۇ ئايەتە مۇنداق دېيىلگەن:
L~Peerby "ئاياللىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن (خۇددى) ئېكىنزارلىقتۇر (يەنى نەسىل تېرىيدىغان جايدۇر)، ئېكىنزارلىقىڭلارغا خالىغان رەۋىشتە كېلىڭلار، ئۆزەڭلار ئۈچۈن ئالدىنئالا ياخشى ئەمەل تەييارلاڭلار، (گۇناھتىن چەكلىنىش بىلەن) ئاللاھتىن قورقۇڭلار، بىلىڭلاركى، سىلەر ئاللاھقا مۇلاقات بولۇسىلەر، مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن خوش خەۋەر بەرگىن. " (بەقەرە سۈرىسى، 223-ئايەت)
)E>yoUhN ئاللاھ رەسۇلى بۇ ئايەتنى تەبلىغ قىلغاندىن كېيىن ساھابىلارغا مۇنداق دېدى: "ئايالىڭلارغا ئالدى ۋە ئارقا تەرەپتىن يېقىنلىشىپ، پەقەتلا جىنسىي ئورگاندىن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىڭلار، ئارقا تەرەپتىن ياكى ئادەت كۆرگەن ۋاقتىدا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشتىن يىراق تۇرۇڭلار." (تىرمىزى)
,1N|lyV ساھابىلار ئاللاھ رەسۇلىنى "ھايات رەھبىرى" دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن، دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ئېيتقاندەك، جىنسىي مەسىلىلەردىكى قىيىنچىلىقلارنىمۇ پەيغەمبىرىمىزگە ئېيتاتتى. ساھابىلارنىڭ قارىشىدا سىياسىي، ئىقتىسادىي مەسىلىلەر بىلەن جىنسىي مەسىلىلەر ئوتتۇرىسىدا بىر پەرق يوق ئىدى. مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىش چارىسىنى تاپمىغۇچە ھەرىكەت قىلمايتتى.
4\Xaou2V[ ئاياللارمۇ جىنسىي مەسىلىلەردە ئەمىلىيەتچىل ئىدى
AguE)I&m ئاللاھ رەسۇلىنىڭ جىنسىي تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىلاھى بۇيرۇقلارنى ئەركەكلەر بىلەن بىرگە ئاياللارغىمۇ تەبلىغ قىلىشى، ئەركەكلەرگە ئوخشاش ئاياللارنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئېيتىشى، ئاياللارنىڭمۇ جىنسىي ساۋاتلارنى بىلىشىگە تۈرتكە بولغان. بۇ سەۋەپتىن ئاياللارمۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ يېنىغا كېلىپ جىنسىي مەسىلىلەر ھەققىدە سوئال سورىغان. بۇ سوئاللارنىڭ ئىچىدە بىر ئايالنىڭ جىنسىي تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ نامەھرەم يەرلىرىنى ئاشكارلىغان سوئاللىرىمۇ بار ئىدى.
Q+9:]Bt ئۇممۇ سۇلەيم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىدىن ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ خوشنىسى ئىدى. پات-پات ئۇنى زىيارەت قىلاتتى. بۇ زىيارەتلەرنىڭ بىرسىدە ئاللاھ رەسۇلى بىلەن ئۇچرۇشۇپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ رەسۇلىدىن:
B\)Te9k' -يا رەسۇلەللاھ! ئىرى ياكى باشقا بىر ئەركەك بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىپ چۈش كۆرگەن بىر ئايال غۇسلى قىلامدۇ؟ -. دەپ سورىدى. (بۇنداق بىر سوئالنىڭ سورىلىشىدىن خىجىل بولغان ) ئۇممۇ سەلەمە، ئۇممى سۇلەيمگە قاراپ، خاپا بولغان قىياپەتتە:
2(@2z[eKr - پالتىنى تاشقا ئۇردۇڭ، ئاللاھ رەسۇلىنىڭ ئالدىدا ئاياللارنىڭ ھۆرمىتىنى چۈشۈردۈڭ.- دېدى. ئۇممى سۇلەيم:
dVEs^ZtI -شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەقىقەتنى بىلدۈرۈشتە تەرەددۇت قىلمايدۇ. ئېنىق بىلمىگەن مەسىلىلەرنى ئاللاھ رەسۇلىدىن سوراپ بىلىشىمىز، ئۇ مەسىلىلەردە مەلۇماتسىز قېلىشتىن ياخشىدۇر. – دېدى.
Nn FR; ئاللاھ رەسۇلى(ئۇممى سۇلەيمنىڭ سوئالىنىڭ توغرىلىقىنى تەستىقلاش ئۈچۈن):
gI;"P kN -ئاللاھ سېنى ئەزىز قىلسۇن! ئەسلى سەن توخۇمنى تاشقا ئۇردۇڭ. ئى ئۇممى سۇلەيم! چۈش كۆرگەن ئايال، چۈشىدە ئېھتىلام بولۇپ، مەنى كەلگەن بولسا يۇيۇنىدۇ، مەنى كەلمىگەن بولسا يۇيۇنمايدۇ. – دېدى.
`HXv_9 ئەنساردىن باشقا بىر ئايالنىڭ يۇقىرىقىدەك سوئال سورىشى بىلەن ھەزرىتى ئائىشە ئانىمىزنىڭمۇ ھەزرىتى ئۇممى سەلەمەگە ئوخشاش، ئاياللارنى كەمسىتكەندەك جاۋاب بېرىشى بىلەن ئاللاھ رەسۇلى مۇنداق دېدى:
:QGo-,6- "ئى ئائىشە! ئاياللارنىڭ ئىشىغا ئارىلاشما. چۈنكى ئەنسار ئاياللار (مۇسۇلمان ئاياللار) بىلىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنى سوراۋاتىدۇ" خىجىلچانلىقىدىن پەيغەمبىرىمىزدىن بىر قىسىم سوئاللارنى سورالمىغان ئاياللارمۇ بار ئىدى. بۇنداق ئاياللار پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئايالىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق مەلۇمات ئىگىسى بولغان. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئاياللىرىدىن ئۇممى سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:
>U{iof< "مەدىنىلىك ئەنسارلارنىڭ ئەرلىرى ئارقا تەرەپتىن ئەمما جىنسىي ئورگانغا يېقىنلىشىپ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلدى." يەھۇدىلار مۇنداق دەيتتى:
$5JeN{B "ئايالىغا كەينىدىن يېقىنلىشىپ، ئالدىدىن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغانلارنىڭ بالىسىنىڭ كۆزى ئالغاي بولىدۇ.''
HdqB B مۇھاجىرلار ھىجرەت قىلىپ، مەككىدىن مەدىنىگە كەلگەندە ئەنسار ئاياللار بىلەن ئۆيلىنىپ، ئايالىغا كەينىدىن يېقىنلىشىپ، جىنسىي ئورگانىدىن مۇناسىۋەت قىلدى. لېكىن يەھۇدىلارنىڭ يۇقىرىدىكى سۆزىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بىر ئايال يولدىشىنىڭ بۇ خىل تەلىۋىگە قارشى چىقىپ:
xj>P5\mW# "شۇنى بىلكى، مەن ئاللاھ رەسۇلىنىڭ يېنىغا بېرىپ، سېنىڭ بۇ قىلمىشىڭنىڭ توغرا-خاتالىقىنى بىلگىچە بولغان ۋاقىتقىچە، مەن بىلەن بۇنداق مۇناسىۋەت قىلمايسەن. " دېدى.
Ol RXgJ بۇ ئايال ئۇممى سەلەمەنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئەھۋالنى بايان قىلدى. ئاللاھ رەسۇلى كەلگەن ۋاقىتتا بۇ ئايال بۇ مەسىلىنى بايان قىلىشتىن خىجىل بولدى. (ئۇممە سەلەمەنىڭ سورىشىنى) ئىشارەت قىلىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. ئۇممۇ سەلەمە مەسىلىنى پەيغەمبىرىمىزدىن سورىشى بىلەن، ئاللاھ رەسۇلى:" ئۇ ئايالنى چاقىر!" دېدى. ئۇممۇ سەلەمە ئۇ ئايالنى چاقىردى. ئاللاھ رەسۇلى بەقەرە سۈرىسىنىڭ 223-ئايىتىنى ئوقۇپ مۇنداق دېدى:
iv~R4;;) "جىنسىي ئەزا بىلەن مۇناسىۋەت قىلىش شەرتى بىلەن خالىغان شەكىلدە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلسا بولىدۇ." بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نوقتا، پەيغەمبىرىمىزدىن بىۋاستە سوراشقا خىجىل بولغان ئايالغا، پەيغەمبىرىمىزنىڭ بىۋاستە جاۋاب بېرىشىدۇر.
|gO7`F2 جىنسىي مەسىلىلەرنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويىدىغان ئاياللارمۇ بار ئىدى
<