باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1126 
  •    ئىنكاس 
       3 

ئويغۇرلار ھەققىدە ئاجايىپ رىۋايەتلەر

قەۋەت ئاتلاش
kawkaz
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7609

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   97 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8801 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   805 (قېتم)
 تۆھپە:   805  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3189
 سائەت
دەرىجىسى:
3189 سائەت 51 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-12-18
ئاخــىرقىسى:2013-01-19

|#r [{2sS  
0S{dnp  
:[#~,TW  
   !_EaF`oh(  
1
       ed,w-;(n~  
W.xlSZEB  
N@M(Iw  
ئىسكەندەر  زۇلقەرنەيىن شەرقتىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنى بويسۇندۇرۇپ ،،ئويغۇر ئېلىگە يىقىنلاشقاندا ،تۈرك خاقانى ئۇنىڭغا قارشى تۆت مىڭ ئادەم ئەۋەتكەنىكەن .ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن .ئوقىنى ئالدىغا قانداق ئاتسا ،كەينىگىمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىكەن .زۇلقەرنەيىن ئۇلارغا ھەيران قاپتۇ ۋە ‹‹ئنانخۇز خۇرەند››(يەنى بۇلار باشقىلارغا موھتاج بولماي ،ئۆز ئوزۇقىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن .ئۇلارنىڭ قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ ،قاچان خالىسا شۇ چاغ ئېتىپ يىيەلەيدۇ ) دەپتۇ .شۇنىڭدىن تارتىپ بۇ ئەل ‹‹خۇز خور ››دەپ ئاتىلىپ ،،بۇ سۆز بارا-بارا ‹‹ئويغۇر ››غا ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ . kp4*|$]  
c!$8>  
6,"fH{Bd  
T K)Kq  
2
w1J&c'-  
uC3o@qGW<  
رىۋايەتتە ئېيتىلىشچە ،ئوغۇز نوھ ئەلەيھىسالامنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى ياپەسنىڭ ئەۋلادى بولۇپ ،ئۇ بارلىق تۈركى ۋە مۇڭغۇل قەبىلىلىرىنىڭ ئەجدادى ھېسابلانغان قاراخاننىڭ ئوغلى ئىكەن . *t;'I -1w^  
ئوغۇزخاننىڭ بوۋىسى ئەبۇچەلخان (بۇلچەخان )ئەسلىدە ئاۋۇر تاغ بىلەن قىز تاغ ئارىسدىكى ئىنانچ شەھرىدە ياشايدىكەن .ئۇنىڭ قاراخان ،ئۇرخان ،كۆزخان ،گۆرخان ناملىق تۆت ئوغلى بار ئىكەن . كۈنلەرنىڭ بىرىدە قاراخاننىڭ ئايالى ئاجايىپ بىر ئوغۇل تۇغۇپتۇ ..بالا بىر ياشقا توشقاندا يۈزىدىن نۇر يېغىپ تۇرغان چوڭلا بىر يىگىت بولۇپ قاپتۇ .دادىسى ئۇنىڭغا ناھايىتى ھەيران قالىدىكەن .ئۇ پۈتۈن بەگ سانغۇنلىرى ،ۋەزىر -ۋۇزرالىرىنى يىغىپ بالىغا ئات قويماقچى بولغاندا ،تېخى ئەمدىلا بىر ياشقا توشقان بالا :‹‹مېنىڭ ئېتىم ئوغۇز بولسۇن ››دەپتۇ .ھەيران قالغان دادىسى ۋە جامائەت ناھايىتى چوڭ مەرىكە ئۆتكۈزۈپ بالىغا ‹‹ئوغۇز ››دەپ ئات قويۇپتۇ. كىيىنچە ئۇنىڭ ئىنىسى كۆزخاننىڭ قىزىنى ئېلىپ بېرىپتۇ .ئوغۇز ئۇنى ياخشى كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن ،يەنە بىر ئىنىسى گۆرخاننىڭ قىزىنى ئېلىپ بېرىپتۇ .ئوغۇز بۇ ئايالنى ئۆزىگە ئوخشاش مۇسۇلمان قىپتۇ .بۇنى ئاڭلىغان دادىسى بالىغا قارشى لەشكەر تارتماقچى بوپتۇ .بالىسى بۇ خەۋەرنى خوتۇنىدىن ئاڭلاپ ،دادىسىغا قارشى تەييارلىنىپتۇ .ئۇرۇشتا ئوغۇز غەلىبە قىلىپ ،دادىسى قاراخاننى ئۆلتۈرۈپتۇ .دادىسىنىڭ پايتەختى ئىنانچ شەھرى ،شۇنداقلا تالاس ، سايرام ،ۋە بۇخارا شەھرىنى ئىگەللەپتۇ .ئۇزۇن يىللىق ئۇرۇشتىن كىيىن ئۇنىڭ تاغىلىرى ۋە باشقا ئەۋلادى ئوغۇزغا تەسلىم بوپتۇ .تەسلىم بولمىغانلار شەرق تەرەپكە كۆچۈپ ،ئۆز ئالدىغا ياشاپتۇ .ئۇلار كىيىنچە ‹‹موڭ-ئول››(مۇڭغۇل) دەپ ئاتىلىپتۇ .بىر كۈنى ئوغۇز ئالتۇن بارىگاھ تىكتۈرۈپ ،ئۆز غەلبىسىنى تەبرىكلەپ ناھايىتى چوڭ مەرىكە ئۆتكۈزۈپ ،ئۆزىنى ‹‹خان ››دەپ ئېلان قىپتۇ .مەرىكىدە ئۆز ئەتراپىغا ئۇيۇشۇپ جەڭ قىلغانلارنى ‹‹ئويغۇر ››دەپ ئاتاپتۇ .بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ‹‹ئۇ بىز بىلەن بىرلەشتى ،بىزگە ياردەملەشتى ››دىگەن بولىدىكەن .كىيىنكى چاغلاردا بۇ سۆز ئاستا-ئاستا شۇ كىشىلەرنىڭ كىيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ مىللەت نامى بولۇپ قاپتۇ . `laaT5G\y  
/B$"fxFf  
8K!l X  
6V=69}  
3
*P_3A:_  
)bZS0f-  
mie<jha  
قاراخان ئوغلىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئاڭلاپ ،بەگلىرىنى چاقىرىپ كىڭەش ئۆتكۈزدى .ئۇلار ئوغۇزخاننىڭ ئوۋدا يۈرگەندە ،ئۆلتۈرەيلى دەپ قارار قىلىشتى ۋە ئەلگە كىشى ئەۋەتىپ ‹‹ئۇلار تېز يىنىپ كەلسۇن .مەن ئوۋغا چىقىمەن ››دەپ خەۋەر قىلدى .ئوغۇزخانمۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ،ئەلگە كىشى ئەۋەتىپ‹‹ئاتام كىشى ئەۋەتىپ ،مېنى ئۆلتۈرمەكچى ،مېنى ياقلايدىغانلار ماڭا كەلسۇن ،ئاتام تەرەپتۇ تۇرىدىغانلار ئاتام تەرەپكە بارسۇن ››دەپ خەۋەر بەردى .ئەلنىڭ كۆپ قىسمى قاراخان تەرەپكە باردى ،ئاز قىسمى ئوغۇزخان قىشىغا باردى .قاراخاننىڭ ئىنىلىرىنىڭ ئوغۇللىرى كۆپ ئىدى .ھېچكىم ئۇلارنى قاراخاندىن يۈز ئۆرىدۇ دەپ ئويلىمايتتى .ئۇلار ھەممىسىلا ئوغۇزخاننىڭ يېنىغا كەلدى . _ x&Y'X|  
BN&^$1F((  
ئۇغۇزخان ئۇلارغا ‹‹ئويغۇر››دەپ ئات قويدى .بۇ سۆز تۈركچە بولۇپ ،ئۇنىڭ مەنىسى ‹‹يىپىشقۇچى ››،‹‹ئىتائەت قىلغۇچى ››دىگەن بولىدۇ .كىشىلەر ئىچىدە سۈت ئۇيۇيدۇ،ئۇ ئۇيۇشتىن بۇرۇن سۇيۇق ۋە ھېچىلىپ كېتىدىغان ھالەتتە بولىدۇ ،ئۇيۇپ بولغاندىن كىيىن ئۆز ئارا ئۇيۇشۇپ قالىدۇ .ئويغۇر دىگەن سۆز مۇشۇ ‹‹ئۇي››دىن كەلگەن ،دىگەن ئوخشىتىشلار بار .كىشىلەر ئارىسىدا ‹‹ئىمام ››ئۆلچەم قىلىنىشى كېرەك دىيىلىدۇ .‹‹ئىمام ئولتۇرسا بىز ئولتۇرىمىز ،ئىمام قوپسا ،بىز قوپىمىز .بۇ ئۇلارنىڭ ئىمامغا يىپىشقىنى بولمامدۇ .ئۇلار ھەممىسى ئوغۇزخاننىڭ پېشىنى ئىككى قوللاپ تۇتۇپ تىز پۈككەندە ،خان ئۇلارنى ‹‹ئويغۇر ››دەپ ئاتىغان . UY*3b<F}  
'rJkxU{  
{J2*6_  
{D1"bDZ  
4 2aYM!  
4
UD`bK a`E  
0R&$P 6  
nZe2bai  
iE$qq ~%  
مۇڭغۇل يۇرتىنىڭ كۈنپىتىشىدا بىر تاغ بولۇپ ،ئۇ ‹‹قۇتتاغ ››دىيىلىدىكەن .بۇ تاغنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئون ساي ،يەنە بىر تەرىپىدە توققۇز ساي بولۇپ ،ھەممىسىدە ئۇلۇغ سۇ ئاقىدىكەن .ئويغۇرلار ئېلى ئەنە شۇ سايلارنىڭ ئارىلىرىغا جايلشقان بولۇپ ،ئون ساي تەرەپتە ئولتۇرغانلىرى ئۆزلىرىنى ‹‹ئون ئويغۇر ››دىسە ،،توققۇز سايدا ئولتۇراقلاشقانلىرى ئۆزلىرىنى ‹‹توققۇز ئوغۇز ››دەپ ئاتايدىكەن .ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى ئاۋات ،ئېتىز يايلاقلىرى كەڭ ۋە مۇنبەت ئىكەن . ئۇلار بىر يۈز يىگىرمە ئۇرۇقنى تەشكىل قىلىدىكەن .ھەر قايسىسى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولۇپ ،بىر پادىشاھلىققا بىرلەشمىگەنىكەن .شۇ سەۋەبتىن ئۇلار ئارىسىدا ئىتتىپاقسىزلىق تۇغۇلۇپ ،قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىشكە باشلاپتۇ .كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلار يىغىلىپ مەسلىھەتلىشىپتۇ :‹‹بىز ئىككىگە بۆلۈنگەن ئەلمىزھەر قايمىسىمىز بىر كىشىنى ‹‹تۇغران››(خان ) قىلايلى ،كىمكى ئۇنىڭ سۆزىگە كىرمىسە ،شۇ كىشى مال -مۈلۈك ،ۋە بىشىدىن ئايرىلسۇن ،دىيىشىپتۇ شۇنىڭدىن كىيىن ئون ئويغۇرلار ‹‹مەڭگۈ باش ››ئاتلىق كىشىنى تۇغران قىلىپ كۆتۈرۈپ ،‹‹ئەل ئېلتەر ››دەپ نام بېرىپتۇ .توققۇز ئوغۇزلار يەنە بىر كىشىنى تۇغرانلىققا كۆتۈرۈپ ‹‹كۆل ئەركىن ››دەپ نام قۇيۇپتۇ .بۇ ئىككىسىنىڭ ئوغلانلىرى يۈز يىللارچە تۇغرانلىق قىپتۇ ۋە كۆپ يىللارغىچە خاننىڭ نامى شۇ تەقلىتتە يۈرگۈزۈلۈپتۇ .كىيىنرەك ئۇلاردىن كىم تۇغران بولسا ،شۇ كىشىنى‹‹ ئىدىقۇت ›› دىگەن نام بىلەن ئاتايدىغان بوپتۇ . aMQfg51W:  
?yop#tjCbY  
x5_V5A/@LU  
[%'yHb~<  
4SRX@/ #8*  
C&Rv$<qc  
5
7 lc -  
d>[=]  
S- {=4b'  
ئېگىز ھارۋىلىقلار قەدىمكى قىزىل تۇرالارنىڭ نەسلىدىن ئىكەن ...ھون تەڭرىقۇتنىڭ ئايالى ئىككى قىز تۇغقان بولۇپ ،بۇ قىزلار ناھايىتى چىرايلىق ئىكەن  .بۇ ئەلدىكى ئادەملەر بۇ قىزلارنى پەرىلەر دەپ ئاتايدىكەن .ھون تەڭرىقۇتى ‹‹مۇشۇ قىزلىرىم قانداق كىشىلەرگە جورا بولۇشى مۇمكىن ؟ ئۇلار تەڭرى بىلەن جورىلاشسا بولىدۇ ››دەپتۇ ،شۇنداق قىلىپ تەڭرىقۇت ھونلار ئېلىنىڭ شىمالىدىكى ئادەم قەدىمى يەتمىگەن جايغا ئېگىز قورغان سالدۇرۇپ ،قىزلارنى قورغانغا جايلاشتۇرۇپ ،‹‹ قىزلارنى تەڭرىنىڭ ئۆزى كىلىپ قارشى ئېلىشىنى ئۆتۈنىمەن ››دەپتۇ .ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندە قىزلارنىڭ ئانىسى قىزلارنى كۆرمەكچى بولغاندا ،تەڭرىقۇت :‹‹بۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ ، ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيا بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن ››دەپتۇ .يەنە بىر يىل ئۆتكەندە بىر قېرى بۆرە پەيدا بولۇپ ،كېچە-كۈندۈز قورغاننىڭ ياقىلاپ ھۇۋلايدىغان بوپتۇ بۆرە قورغان تىمىنىڭ تۈۋىنى كولاپ بىر ئۇۋا ياساپتۇ .كۈنلەر ئۆتىۋېرىپتۇ .بۆرە زادى كەتمەپتۇ .كۈنلەرنىڭ بىرىدە قىزلارنىڭ كىچىكى ئاچىسىغا :دادام مېنى مۇشۇ قورغانغا جايلاشتۇرۇپ قويغاندا ،تەڭرى بىلەن جورا بولۇشۇمنى ئارزۇ قىلغان .بۈگۈنگە كەلگەندە بۆرە پەيدا بولدى . بۇ بىر ئىلاھى مەخلۇق ياكى پەرىشتىنىڭ ئۆزى ››دەپتۇ ۋە قورغاندىن چىقىپ بۆرىگە جورا بولماقچى بوپتۇ .سىڭلىسىدىن بۇ سۆزنى ئاڭلىغان ئاچىسى قاتتىق چۆچۈپ كېتىپ :‹‹ئۇ ھايۋان تۇرسا ،ئۇنىڭغا جورا بولىمەن دىيىش ئاتا-ئانىمىزغا قىلىنغان ھاقارەت !›› دەپتۇ .سىڭلىسى ئاچىسىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالماي ،قورغاندىن چىقىپ بۆرىگە جورا بوپتۇ .بۇلاردىن توققۇز ئوغۇز ،ئون ئويغۇر تۇغۇلۇپتۇ .ئۇلارمۇ بالىلىق بولۇپ كۆپىيىپتۇ . J?VMQTa/+  
~n9x,  
/dGpac  
u7  s-  
w)}' {]P"c  
JmlMfMpXMs  
6
haNi [|  
g"b{M  
r xlKoa  
قەدىمكى ھون ھۆكۈمدارلىرىدىن بىرىنىڭ بەك چىرايلىق ئىككى قىز بار ئىكەن . بۇ قىزلار شۇنچىلىق چىرايلىق ئىكەنكى ،پەقەت تەڭرىلەر بىلەن جۈپ بۇلۇش ئۈچۈن يارىتىلغاندەك ئىكەن .قىزلارنىڭ دادىسى بولغان ھون ھۆكۈمدارى مۇنداق قىپتۇ ،قىزلىرىنىڭ ئىنسانلارىدىن يىراق تۇتۇش ئۈچۈن مەملىكىتىنىڭ شىمالى تەرىپىگە ناھايىتى بىر ئېگىز راۋاق ياسىتىپتۇ -دە ،قىزلىرىنى شۇن راۋاققا ئۇرۇنلاشتۇرۇپتۇ،ھۆكۈمدارنىڭ قىزلىرىنىڭ ئۆيلىنىش ئۈچۈن يالۋۇرۇپ چاقىرىلغان تەڭرى ئاخىرىدا بىر كۆ بۆرىنىڭ شەكلىگە كىرىپ ،بۇ قىزلارغا ئۆيلىنىپتۇ .بۇلاردىن توققۇز ئوغۇز ،ئون ئويغۇر تۇغۇلۇپتۇ .ئۇلارنىڭ بالىلىرى كۆپىيىپتۇ . 2Kg-ZDK8  
V.\12P  
7
:X+!W_xR  
قەدىمكى زاماندا ئويغۇرلار ‹‹قۇملانجا ››دىگەن بىر گۈزەل يۇرتتا ياشايدىكەن .يۇرتنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئىككى دەريا ئېقىپ تۇرىدىكەن .ئىككى دەريا قۇشۇلغان جايدا ئىككى تۈپ زور دەرەخ بار ئىكەن .تۇغلا دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچكەن دەرەخ شەمشاد ،سېلىنگا دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچكەن دەرەخ ئارچا دەرىخى ئىكەن . #!yW)RG  
كۈنلەرنىڭ بىرىدە كىشىلەر بۇ ئىككى تۈپ دەرەخنىڭ ئوتتۇرىدا ئاجفيىپ چىرايلىق بىر بارىگا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ .ئۆينىڭ تۈڭلۈكىدىن يوپيورۇق نۇر چېچىلىپ تۇرغىدەك .كىشىلەر ئۆي ئىچىگە كىرىشكە پىتىنالماي ،ئۆينىڭ يىنىغا كېىلىپ تۇرۇشۇپتۇ .ئۆي ئىچىدىن ئاجايىپ يارقىن ناخشا-مۇزىكا ئاڭلىنىشقا باشلاپتۇ .كىشىلەر ھەر كۈنى كېلىپ كۈزەتكەندە ئوخشاش ئەھۋال يۈز بېرىپتۇ .بىر كۈنى يۇرت ئاقساقاللىرى ئەلنى باشلاپ كېلىپ بۇ ئۆيگە چوقۇنۇپتۇ ۋە ئىشىكنى ئېچىپ كىرىپتۇ .ئۆي ئىچىدە كۈمۈشتىن ياسالغان بەش بۆشۈك بولۇپ .ھەربىر بۆشۈكتە پاقلاندەك سىمىز بىردىن ئوغۇل بوۋاق ئىمىزگۈ ئىمىپ ياتقۇدەك .كىشىلەر ھەيرانلىق بىلەن بوۋاقلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپتۇ يۇرت باشچىلىرى بەش نەپەر ئىنكىئانا بەلگىلەپ ،بەش ئوغۇل بوۋاقنى ئىمىتىپ بىقىپ چوڭ قىپتۇ .بالىلار ئايىقى چىقىپ چوڭ بولغاندىن كىيىن ھەر كۈنى كېچىدە ئىككى تۈپ دەرەخنىڭ قىشىغا بېرىپ چۇقۇنىدىكەن شەمشاد بىلەن ئارچا خۇددى ئادەملەردەك تىلغا كىرىپ بالىلارنى تەربىيلەپتۇ .ئۇلارغا ھىكمەتلەردىن ،ئۆتمۈشلەردىن ساۋاق بېرىپتۇ .بالىلار بىر-بىرىدىن زېرەك ،ئەقىللىق بولۇپ چوڭ بولۇشقا باشلاپتۇ .پۈتۈن ئەل بۇ كارامەت بالىلارغا قايىل بولۇپ .ئۇلارنى ئۆزلىرىگە باش بولۇشقا بەلگىلەپتۇ.باش ئوغۇلنىڭ چوڭى شۇڭقار تېكىن ،ئىككىنچىسى قوڭچۇر تېكىن ،ئۈچىنچىسى بۇقا تېكىن ،تۆتىنچىسى ئۇر تېكىن ،بەشىنچىسى بۆكۈ تېكىن ئىكەن .بەش ئوغۇل مەسلىھەتلىشىپ ،ئەڭ ئەقىللىق ،چىرايلىق ،باتۇر  بۆكۈ تېكىننى خان قىلىپ بەلگىلەپ ھەممىسى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىپتۇ .بۆكۈخان ئەلنى ئىدارە قىلغاندىن باشلاپ تەڭرى ئۇنىڭغا قۇت ئاتا قىپتۇ .ئەل-يۇرتى ئاۋاتلىشىپ ،مال -چارۋىلار ھىسابسىز بوپتۇ .بۆكۈخان دۇنيادىكى نۇرغۇن ئەللەرنىڭ تىلىنى پىششىق ئۆگىنىپتۇ ھەمدە تەڭرى ئەۋەتكەن ئۈچ شاتۇتىغا ھەممە ئەلنىڭ تىلىنى ئۆگىتىپتۇ دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە ئۇلارنى ئەۋەتىپ ئىشلاردىن تولۇق خەۋەردار تېپىپ تۇرۇپتۇ . 5EXGhc'  
ov$S   
كۈنلەرنىڭ بىرىدە ،بۆكۈخان ئوردىسىغا كىرىپ قارىسا ،ئورنىدا بىر گۈزەل قىز ياتقۇدەك .ئۇ قورقۇپ كېىتپ چىقىپ كېتىپتۇ .بۇ ئىش ئۇدا ئۈچ كۈن سادىر بولغاندىن كىيىن بۆكۈخان ۋەزىرگە مەسلىھەت ساپتۇ ۋە كىرىپ ئۇ قىز بىلەن كۆرۈشۈپتۇ .قىز بۆكۈخاننىڭ قۇت تېغىغا باشلاپ چىقىپتۇ .ئىككىسى ئۇ يەردە تاڭ ئاتقۇچە مۇڭدىشىپتۇ شۇنىڭدىن باشلاپ بۆكۈخان تەڭرى ئەۋەتكەن ئۇ قىز بىلەن ھەر كۈنى قۇت تېغىغا چىقىپ سۆزلىشىپ تۇرۇپتۇ ،تالاي يىللاردىن كىيىن قىز خوشلىشىپ كەتمەكچى بولغاندا بۆكۈخانغا :‹‹كۈنچىقىشتىن كۈنپېتىشقىچە بولغان پۈتۈن زىمىننى تەڭرى ساڭا ئاتا قىلدى ،ھەممە ئەلنى بويسۇندۇرۇپ ئوبدان باشقۇرغايسەن .››دەپتۇ-دە ،كۆزدىن غايىپ بوپتۇ woyn6Z1JQ  
k [eWhdSw  
8{B]_:-:  
بۆكۈخان ئوردىسىغا قايتىپ كېلىپ دەرھال قۇشۇن توپلاپ،شۇڭقار تېكىننى ئۈچ يۇزمىڭ لەشكەر بىلەن مۇڭغۇل ،قىرغىز ئېلىگە ،قونچۇر تېكىننى يۈزمىڭ لەشكەر بىلەن تاڭغۇتلار ئېلىگە ،بۇقا تېكىننى يۈزمىڭ لەشكەر بىلەن شەرىققە ماڭدۇرۇپ ،تۆتىنچى ئاكىسى ئۇر تېكىننى ئۆز ئېلىنى قوغداشقا قالدۇرۇپتۇ . N_o|2  
ئۇلار ئۇزاق- ئۇزاقلارغا لەشكەر تارتىپ يۈرۈش قىلىپ ،نۇرغۇن ئەللەرنى بويسۇندۇرۇپ ،نۇرغۇنلىغان ئەسىرلەرنى ،نىمەت ،قورال -ياراغلارنى ،مال -دۇنيالارنى ئېلىپ ئۇرخۇن دەرياسى بويىغا يىغىلىپتۇ ۋە ھەيۋەتلىك ئوردۇ بالىق شەھرىنى قۇرۇپ چىقىپتۇ .بۇ شەھەرنىڭ داڭقى پۈتۈن ئىقلىمغا تارقىلىپتۇ . 8S#TOeQ  
بىر كۈنى بۆكۈخان ئۇخلاۋېتىپ بىر چۈش كۆرۈپتۇ .چۈشىدە ئاپئاق پەرىجىلىك ،ئاپئاق ھاسا تۇتقان بىر ئاقساقال ئۇنىڭغا يوغان ۋە يۇمىلاق بىر پارچە قاشتىشىنى بېرىپتۇ ھەمدە :‹‹بۇ قاشتىشى پۈتۈن دۇنيانى باش ئەگۈدۈرىدىغان ئەڭگۈشتەر ،ياخشى ساقلا ،››دەپ كۆزدىن غايىپ بوپتۇ . شۇ كۈنى كېچىدە بۆكۈخاننىڭ ئاكىلىرىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش چۈش كۆرۈپ ئويغىنىپ كېتىپتۇ .ئەتىسى ئۇلار كىڭەش ئۆتكۈزۈپ ،دەرھال قۇشۇن ھازىرلاپ كۈنپېتىش تەرەپكە يۈرۈش قىپتۇ .كۆپ يۈرگەندىن كىيىن سۈيى مول،ئوت -چۆپى ئەلۋەك بىر گۈزەل يايالاققا يېتىپ كىلىپ بالغاساغۇن شەھرىنى بىنا قىپتۇ . Xf6\{  
g$T% C?  
قۇشۇنلار ئون ئىككى يىل يۈرۈش قىلىپ پۈتۈن ئەللەرنى بويسۇندۇرۇپ ،بۆكۈخاننى قۇتلۇقلاپ ئېسىل سوۋغاتلارنى ئېلىپ ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىشىپتۇ .بۆكۈخان قۇدرەت بىلەن ئەل سوراپ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ .ئورىغا ئوغلى خانلىق تەختكە چىقىپتۇ . Jq8:33s   
C+vk9:"  
كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۇيۇقسىز بوۋاق بالىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاغزىدىن ‹‹كۆچ -كۆچ ››دىگەن ئاۋاز چىقىشقا باشلاپتۇ .دالىدىكى مال -چارۋىلارمۇ ‹‹كۆچ-كۆچ ›› دەپ مەرەپتۇ، مۆرەپتۇ،كىشنەپتۇ ،خان پۈتۈن ئېلىنى ،لەشكەرلىرىنى باشلاپ يۇرت ئارىلاپ كۆچۈشكە باشلىغاندىن كىيىنمۇ بۇ ئاۋاز توخـتىماپتۇ .شۇنداق قىلىپ خان بىر گۈزەل تۈزلەڭلىككە كەلگەندە بۇ ئاۋاز توختاپتۇ .ئۇلار شۇ يەردە بەشبالىق شەھرىنى بىنا قىلىپ ئولتۇراقلىشىپ قاپتۇ . M-zqD8D  
F-GrQd:O=  
A&UGr971  
g93H l&  
RCY}JH>}  
KvNw'3Ua  
8
eD)@:K  
ئويغۇرلار ئېلىدە قارا قۇرۇم دىگەن تاغ بار ئىكەن .ئۇنىڭدىن ئىككى دەريا باشلانغان بولۇپ ،بىرىنىڭ ئېتى تۇغلا ،بىرىنىڭ ئېتى سېلىنگا ئىكەن ،بىر كۈنى كەچتە كۆكتىن دەرەخكە نۇر چېچىلىپتۇ .شۇ ئەلدىكى كىشىلەر كىلىپ نۇرغا قارىغۇدەك بولسا ،نۇردىن دەرەخ ھامىلدار بولۇپ ،ئۇنىڭدىن يۇمشاق ،پوقاقتەك قورساق پۇسكىيىپ چىقىپتۇ .نۇر داۋاملىق يالتىراپ تۇرغۇدەك ،ئارىدىن توققۇز ئاي ئون كۈن ئۆتكەندىن كىيىن دەرەخنىڭ ھېلىقى پوقىقى يېرىلىپ ،ئۇنىڭدىن بەش بوۋاق ئاپىرىدە بوپتۇ .بۇ بالىلارنى شۇ ئەلنىڭ خەلقى بىقىۋاپتۇ .ئۇلارنىڭ كەنجىسىگە بۆكۈخان دەپ ئات قۇيۇپتۇ .ئۇ بالا كۆزىنى يۇمۇپ ئاچقۇچە چوڭ بوپتۇ. tE]Y=x[Ux  
GEJy?$9   
بۇ بالا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە چوڭ بولۇپتۇ ۋە ئۆز خەلقى بىلەن بىرلىكتە تېرىقچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپتۇ .كىيىن ئۇلارنىڭ خانى بوپتۇ .بۇ خانلىق ئۈچ يۈز نەچچە ئەۋلادقىچە داۋاملىشىپتۇ ،يۇرۇڭ تېكىن زامانىسىدا تاۋغاچلار بىلەن بىر نەچچە قېتىم ئۇرۇش بوپتۇ .مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن جەڭگى -جىدەلنى توختىتىپ خەلقنى ئاسايىشلىققا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن سۈلھىيلىشىپتۇ .شۇنىڭ بىلەن تاۋغاچلار جىن لىيەن دىگەن مەلىكىنى يۇرۇڭ تېكىننىڭ ئوغلى گالى تېكىنگە خوتۇنلۇققا بېرىپتۇ .ئۇلارنىڭ ئولتۇراق جايى قارا قۇرۇمدىكى بېلى بولىدا ئىكەن .بۇ تاغ قانۇنلار تۈزىدىغان تاغ دەپ ئاتىلىدىكەن .يەنە بىر تاغ بولۇپ ئۇنى تەڭرى تاغ دەپ ئاتايدىكەن .ئۇنىڭ جەنۇبىدا يەنە بىر تاش تاغ بولۇپ ،بۇ قۇتلۇقتاغ دىيىلىدىكەن .تاۋغاچ ئەللىرى بىلەن شۇ ئەلگە كەلگەن رەمماللار ‹‹قارا قۇرۇملۇقلارنىڭ قۇدرىتى مۇشۇ تاغقا باغلىق .مۇشۇ تاغ بۇزۇۋىتىلسە ئۇلار زەئىپلىشىدۇ .››دەپتۇ-دە ،يۇرۇڭ تېكىنگە ‹‹بىز قۇدا-باجا بولۇشۇپ قالدۇق .سىزدىن بىر نەرسە سورىماقچىدۇق .تىلىكىمىزنى يەردە قويماسسىز ،قۇتلۇقتاغنىڭ تاشلىرى سىزنىڭ بۇ مۇبارەك دۆلىتىڭىزگە كېرەكسىز بولغان بىلەن بىزنىڭ تاۋغاچقا بەك ئەتىۋاردۇر ››دەپتۇ .يۇرۇڭ تېكىن تاشنى بېرىۋىتىپتۇ .تاش ناھايىتى چوڭ بولغاچقا مىدىرلىتىشقىمۇ ئىمكانىيەت بولماپتۇ .تاۋغاچتىن كەلگەنلەر ئوت يېقىپ تاشنى قىزىتىپ ،سىركە ئارقىلىق پارچىلاپتۇ -دە ،ھارۋىلارغا سىلىپ يۆتكەپ كېتىپتۇ .بۇنىڭدىن شۇ ئەلنىڭ جىمى جانۋارلىرى پەرياد كۆتۈرۈپتۇ .يەتتە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن يۇرۇڭ تېكىن ۋاپات بوپتۇ .شۇنىڭدىن كىيىن بۇ ئەلنى نەس بېسىپتۇ .خەلق ئەمىنلىك تاپالماپتۇ .خان ۋارىسلىرى كەينى-كەينىدىن ھالاك بوپتۇ .ئۇلار ئاخىر جىياۋجۇغا كۆچۈپ كەپتۇ ،جىياۋجۇ دىگىنى بۈگۈنكى قۇچۇ بولۇپ بەشبالىققا تەۋە ئىكەن .ئۇنىڭ شىمالى ئاشۇ دەرياسىغىچە بولۇپ ،جەنۇبى جيۇ چۈەنگە باراتتى ،شەرقى خوتەن ،قەشقەرگە غەربى شىفەنگە تۇتىشاتتى .ئۇلار بۇ يەردە بىر يۈز يەتمىش نەچچە يىل ھايات كەچۈرگەن .قۇتلۇقخان چىڭگىزخان گوبىدا باش كۆتۈرگەن ۋاقتىدا بارچۇق ئارت تېكىن ئېدىقۇت تەختىدە ئولتۇرۇپ دەۋران سۈرۈۋاتقانىدى .ئۇ تەڭرىنىڭ ۋەھىيىنى بىلىپ ،ئۆز ئەل -يۇرتى بىلەن چىڭگىزخانغا بەيئەت قىلدى .چىڭگىزخان ئۇنى مۇبارەكلەپ قىزى ئېل ئالتۇننى بېرىپ ،ئۆز ئوغلى قاتارىدا كۆرۈپ ،بەشىنچى ئوغلۇم دەپ ھىسابلىدى . HC>MCwx=r  
pe>[Ts`2F  
0xzS9  
O=\`q6l  
QP<vjj%  
VPUm4%?p$  
9
+J <<me4  
Vy@0Got5=  
قەدىمكى زاماندا تۈركلەرنىڭ ئوغۇزخان ئىسىملىك بىر خاقانى بولۇپ ،ئۇنىڭ ئاتىسى قارا قاغان ‹‹قاراخان ››دەپ ئاتىلدىكەن .قارا قاغان كاپىر ئىكەن .ئۇنىڭ ئوغلى ئوغۇزخان مۇسۇلمان ئىكەن .ئۇ ئاتىسىنىڭ سۆزىگە زادىلا قۇلاق سالمايدىكەن .شۇنىڭ بىلەن ئاتا -بالا ئوتتۇرىسىدا قاتتىق جەڭگى -جىدەل باشلىنىپتۇ .قاراخان كاپىرلارنى ئۆز ئەتراپىغا توپلاپتۇ .ئوغۇزخانمۇ مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئەتراپىغا توپلاپتۇ .ئاتا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى بۇ جەڭدە ئوغۇزخان غەلىبە قىپتۇ .شۇنىڭ بىلەن غەلبىنى تەبرىكلەپ چوڭ بىر كىڭەش چاقىرىپتۇ ،ئۆزىگە ياردەم بەرگەن ئۇرۇق-قەبىلىلەرگە ‹‹ئويغۇر ››دەپ نام بېرىپتۇ .ئويغۇر دىگەن نامنىڭ مەنىسى ‹‹ئىتتىپاقلاشتى ››،‹‹كۆمەكلەشتى ››دىگەن بولىدىكەن . Ry"N_Fb  
\><v1x>;  
d5l].%~  
?~WDl j3  
cnR18NK  
# mW#K  
"XWO#,Ue  
10
Or"+d 5  
=6< Am  
Rd>PE=u  
خاڭگاي تېغىنىڭ باغرىدا ئون ئېقىن بار ئىكەن .ئۇ يەردە  ياشايدىغان ئويغۇرلار ئون ئوغۇز ،ئون ئويغۇر دەپ ئاتىلىدىكەن .ئويغۇرلار ‹‹ئون ئوغۇز ››(ئون ئويغۇر )قۇۋمى دەپ ئاتىلىدىكەن .خاڭگاي تېغىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە توققۇز ئېقىن بار ئىكەن .ئۇ يەردە ياشايدىغان ئويغۇرلار ‹‹توققۇز ئوغۇز ››(ئون ئويغۇر )دەپ ئاتلىدىكەن .بۇ ئىككى جايدا ياشايدىغان ئويغۇرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاقساقىلى يوق ئىكەن .كۈنلەر ئۆتۈپتۇ ،يىللار ئۆتۈپتۇ .بىرەر ئىش بولۇپ قاپسا ھەر ئىككى قۇۋمنىڭ ئىچىدىن كۈچلۈكرەك بىرى چىقىپ باشقىلارغا ئاقساقال بولىدىكەن -دە ئىككى تەرەپتىكى ئويغۇر قۇۋمىغا يولباشچىلىق قىلىدىكەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ يەردىكى ئويغۇرلار ئىككى يولباشچى بولمىسا زادى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپتۇ .شۇنىڭ بىلەن چوڭ قۇرۇلتاي ئېچىپ ،ئون ئويغۇرلار قۇۋمىدىن ئىككى كىشىنى يولباشچىلىققا سايلىشىپتۇ .ئۇلارنىڭ بىرى ‹‹ئىلىچۇر›› دەپ ئاتىلىدىكەن ،يەنە بىرى ‹‹كۆل ئېركىن ››دەپ ئاتىلىدىكەن .بۇ ئىككى يولباشچىنىڭ ئورنى ۋە ھوقۇقلىرى بىر -بىرى بىلەن ئوخشاش ئىكەن. +hz S'z)n&  
r>;6>ZMe  
?@5#p*u0  
    ‹‹كۆك يايىلىق بۆرە ناملىق كىتابتىن ئېلىندى . +WB';D  
  كېلىش مەنبەسى :نادىرلار تورى
تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-05-20, 17:24
 
ئۆزىنىڭ تارىخىنى بىلمىگەن مىللەت-باشقىلار ئالدىدا مەڭگۈ قۇل مىللەت.
tunjikar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.659

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   66 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5225 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   366 (قېتم)
 تۆھپە:   336  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 273
 سائەت
دەرىجىسى:
273 سائەت 77 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-04
ئاخــىرقىسى:2013-02-07
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2012-05-25


اللا رەھمە قېلسۇن!!!!!!
alip.arsilan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8721

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   141 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7642 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   755 (قېتم)
 تۆھپە:   755  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1451
 سائەت
دەرىجىسى:
1451 سائەت 69 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-04-06
ئاخــىرقىسى:2013-01-24
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-05-25

ياخشى  تىما يۇللاپسىز ، كۇپ نەرسە بىلۋالدىم
گوۋاھلىق بىرمەن بىر ئاللاھ..تىن باشقا ئىلاھ.يۇق.گوۋاھلىق بىرمەن مۇھەممەدئاللاھ نىڭ ئەلچىسى.
tamkin-uyghur
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.9132

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   164 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8544 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   835 (قېتم)
 تۆھپە:   835  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4389
 سائەت
دەرىجىسى:
4389 سائەت 251 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-05-17
ئاخــىرقىسى:2013-08-19
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-05-31

بۇلانىڭ ھەممىسى چۆچەككەنغۇ   .........يا.........بەلكى راستۇ.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى