خۇش خەۋەر! تۈركىيەدە ئوقۇش ئۈچۈن تىزىملاش باشلاندى
<6djdr1:b Pr!H>dH8o ھازىر تۈركىيەدە 100دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن ئوقۇغۇچى ھەرخىل ئۇنىۋېرسىتېتلاردا خاندەلىك (ئوقۇش ياردەم پۇلى) ئېلىپ ئوقۇۋاتىدۇ. بۇ يىلغىچە، ئوقۇغۇچىلار TCS دەپ ئاتىلىدىغان ئىمتىھان ئارقىلىق ياكى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەت تەرىپىدىن تاللىنىپ (تۈركىيەدە ئوقۇش ئۈچۈن) ئەۋەتىلىۋاتاتتى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىۋاتقان خاندەلىك پروگراممىسى 2012 – يىل 1 – ئاينىڭ 11 – كۈنى «تۈركىيە خاندەلىكى» نامى بىلەن قايتىدىن تۈزۈپ چىقىلدى. يېڭى سىستېمىدا تۈركىيەدە ئوقۇش ئۈچۈن تىزىملىتىش، تاللاش، سان ۋە كەسىپلەرگە مۇناسىۋەتلىك ماددىلارغىمۇ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى. ئۆتكەنكى تېمىمىزدا بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلغانىدۇق. بۈگۈن مۇناسىۋەتلىك ئىدارە بۇ يىلدىن باشلاپ تۈركىيەگە قوبۇل قىلىنىدىغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلاردىن تەلەپ قىلىنىدىغان شەرتلەر ۋە خاندەلىك مەسىلىلىرى ھەققىدە يېڭى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلدى. بۇ ئۇقتۇرۇشتا چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار دۆلىتى ۋە ئۆزلىرى تاللىغان كەسپىگە ئاساسەن بىر قانچە كاتېگورىيەگە ئايرىلغان بولۇپ، بىز تۈركىيەدە ئوقۇماقچى بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئاسانلىق بولۇشى ئۈچۈن، پەقەت بىزگە مۇناسىۋەتلىك كاتېگورىيەلەرنىلا ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ قويدۇق. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرى ئوقۇماقچى بولغان كەسىپكە قارىتا خاندەلىك پروگراممىسىنى تاللاپ، ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
c^?+"7oO0 تۈركىيە خاندەلىكلىرى:
74c[m}'S باكلاۋۇرلۇقتا ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۈچۈن:
&`9p. Lisans
DUAI 1. بوغاز ئىچى خاندەلىكى
Hkv4^| Boğaziçi Bursu
lDV}vuM<4 بوغاز ئىچى خاندەلىك پروگراممىسى – تۈركىيەدە باكلاۋۇرلۇق سەۋىيەسىدە بىلىم ئالماقچى بولغان، تىرىشچان، غايىلىك ئوقۇغۇچىلارغا يار – يۆلەك بولۇش مەقسىتىدە شەكىللەندۈرۈلدى. بۇ پروگرامما پەقەت برازىلىيە، جۇڭگو، كورىيە، ھىندىستان، ياپونىيە، مېكسىكا، سەئۇدى ئەرەبىستان، كۇۋەيت، بەھرەين، قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە سىنگاپۇر گراژدانلىرىغا قارىتىلغان بولۇپ، بۇرۇنقىدەك ھەر بىر دۆلەتكە بېرىلىدىغان خاندەلىك ئورنىغا رايون خاراكتېرلىك خاندەلىك سىستېمىسى يولغا قويۇلىدۇ. بۇ سىستېمىدا خاندەلىك بېرىلىدىغان ئوقۇغۇچى سانى (ئوقۇش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن) ئۆتكەن يىللاردىكىدىن ئاز بولمايدۇ.
mF@)l]UZ' خاندەلىك قانداق ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ؟
MKr)6PG, تۈركىيە خاندەلىكى بىلەن تۈركىيەدە ئوقۇيدىغان (ئوقۇۋاتقان) ئوقۇغۇچىلارغا نۇرغۇن ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىلىدۇ. تۈركىيە خاندەلىكىگە ئېرىشەلىسىڭىز، ئۇنىۋېرسىتېتقا ھېچقانداق ئوقۇش پۇلى تۆلىمەيسىز، ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سالامەتلىك خىزمەتلىرىدىن پايدىلىنالايسىز. ئۇنىڭدىن سىرت، بانكا ھېسابىڭىزغا ھەر ئاي مەلۇم مىقداردا پۇل ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ. بۇ مەلۇم مىقدار پۇل تۈركىيەدىكى ئوقۇشىڭىزنى خاتىرجەم داۋاملاشتۇرۇپلا قالماي، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىشىڭىز ئۈچۈنمۇ يېتىدۇ. ياتاق، تۇرمۇش ۋە قاتناش راسخوتىڭىز ئۈچۈنمۇ قولايلىق يارىتىپ بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۈركچە ئۆگىنىشكە باشلىغان ۋاقتىڭىزدىن تارتىپ، مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ چىققۇچە بولغان ئارىلىقتا دۆلىتىڭىزگە بېرىپ – كېلىش ئايرۇپىلان بېلەتلىرىمۇ خاندەلىك ئىچىدە بولىدۇ.
2j UEL=+Y كىملەر تىزىملىتالايدۇ؟
'T7=.Hq<4 بوغاز ئىچى باكلاۋۇرلۇق پروگراممىسىغا ئىلتىماس قىلىدىغان نامزاتلارغا قويۇلىدىغان شەرتلەر تۆۋەندىكىچە:
wt(Hk6/B 1.برازىلىيە، جۇڭگو، كورىيە، ھىندىستان، ياپونىيە، مېكسىكا، سەئۇدى ئەرەبىستان، كۇۋەيت، بەھرەين، قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە سىنگاپۇر گراژدانى بولۇشى ياكى ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈركىيەدە پۈتتۈرگەن بولۇشى (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى گراژدانى ياكى ھەرقانداق سەۋەبتىن تۈركىيە گراژدانلىقىدىن مەھرۇم بولغانلار تىزىملىتالمايدۇ).
:Nt_LsH 2.تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ياكى بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان بولۇشى ؛
*>#mI/#} 3 . 1991 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن كېيىن تۇغۇلغان بولۇشى؛
!/qQ:k-. 4.تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەرقانداق بىر دۆلەت ئورگىنىدىن باكلاۋۇرلۇق خاندەلىكى ئالمىغان ياكى ئالمايۋاتقان بولۇشى؛
0&@pD`K e 5.تۈركىيەدىكى كەسپىي تېخنىكوم ياكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ تىزىملىكىدە ئىسمى بولماسلىقى؛
KIeTZVu$% 6.تۆۋەندىكى نەتىجە شەرتلەردىن ئەڭ ئاز دېگەندە بىرىنى تەمىنلىشى ۋە نومۇرى 60تىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.
iem@K نەتىجە شەرتلىرى (بۇلاردىن ئەڭ ئاز دېگەندە بىرنى كۆرسەتسىڭىز بولىدۇ):
t'.oty= 1.دىپلوم نەتىجىسى؛
itpljh 2.ئاخىرقى مەۋسۈمگىچە ئېلىنغان ئىمتىھان نەتىجىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە نومۇرى؛
"+@>!U 3.ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىش ئىمتىھان نەتىجىسى؛
.R<Ke\y/ 4.تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈش ئىمتىھان نەتىجىسى؛
5Y W.s 5.خەلقئارالىق ئىمتىھان نەتىجىسى (ئەگەر بار بولسا)؛
%{sL/H_ 6.ياكى باشقىلار.
t]QGyW A] قانداق تىزىملىتىمەن؟
'(4#He?Gd ئىلتىماسىڭىزنى:
www.ytb.gov.tr ياكى
www.turkiyeburslari.gov.trدېگەن تور بەتلەرگە ياكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلىتىڭىزدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا يوللىسىڭىز بولىدۇ. ئېنتىرنېت ئارقىلىق تىزىملىتىدىغان ئوقۇغۇچىلار تەلەپ قىلىنغان ماتېرىياللارنى رەسىم شەكلىدە يوللاپ بەرسىلا بولىدۇ. ئەلچىخانىغا تىزىملىتىدىغان ئوقۇغۇچىلار ماتېرىياللىرىنى تىزىملىتىش ۋاقتى ئاخىرلاشقىچە بىۋاستە ئاپىرىپ بەرسە ياكى پوچتا ئارقىلىق يوللاپ بەرسە بولىدۇ.
!K~L&.\T تەلەپ قىلىنىدىغان ماتېرىياللار نېمىلەر؟
:/1/i&a 1.تىزىملىتىش جەدۋىلى (www.ytb.gov.tr ياكى
www.turkiyeburslari.gov.trدېگەن تور بەتلەردىن چۈشۈرۈۋالسىڭىز ياكى ئەلچىخانىدىن تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ).
\B$Q%\- PX 2.تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئاخىرقى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ئىسپاتى ياكى تولۇق ئوتتۇرا دىپلومى.
.AzGPcJY 3.تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان دەرسلەر ۋە نەتىجە كۆرسەتكۈچىنىڭ مائارىپ ئىدارىسى تەرىپىدىن تەستىقلانغان نۇسخىسى.
q7VpKfA:M 4.ئىناۋەتكە ئىگە كىملىك نۇسخىسى (پاسپورت، كىملىك قاتارلىقلار).
(ru9Ke%Dx 5.بىر پارچە رەسىم.
(_Ld^^| دىققەت: تۈركىيە خاندەلىكى دۆلەتلىك ۋە ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىدۇ. ئەمما ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇغانلار ئوقۇشىنى بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە پۈتتۈرەلمىسە (مەسىلەن، تۆت يىللىق مەكتەپنى تۆت يىل ئىچىدە تۈگىتەلمىسە، تۆت يىلدىن كېيىن)، خاندەلىكى توختىتىپ قويۇلىدۇ. قالغان يىللارنىڭ خىراجىتىنى ئوقۇغۇچى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىپ ئوقۇيدۇ.
*YhX6J1 بوغاز ئىچى خاندەلىكى بىلەن قوبۇل قىلىدىغان ئۇنىۋېرسىتېتلار تۆۋەندىكىچە:
u{@b_75Y =h"*1` داۋامىنى تۈۋەندىكى ئادرېستىن تەپسىلى كۆرۈۋېلىڭلار:
gkN|3^ NVF gRJ& http://uyguroku.com/?p=205 B_B~Y8=3` يەنە تۈۋەندىكى ئادرېسلارنى قوللۇنۇپ تېخىمۇ كۆپ بىلىم-چۈشەنچىلەرگە ئېرىشەلەيسىلەر:
F> F&+63Q- www.koklem.com ]('isq,P www.uyguroku.com pFu3FUO*; ">? y\#OA خەير، جەنابىي ئاللاھ ئىشىڭلارنى ئاسان، يولۇڭلارنى راۋان قىلغاي، ئامىن!
$X %w9le [y>;[K ya9V+/i7T_