W'B=H1 ecZT|X4u سۆيگۈ ۋە ئۇنىڭ قىممىتى
g$(<wWsU سۆيگۈ ــ ھاياتلىقنىڭ جېنى، قەلبنىڭ زىننىتى ۋە بەختنىڭ كاپالىتىدۇر. سۆيگۈنىڭ قىممىتىنى تونۇغانلار «دۇنيادا سۆيگۈ ئومۇملىشىدىغان بولسا، ئىنسانلار نە ئادالەتكە، نە قانۇنغا موھتاج بولمىغان بولاتتى» دېگەن ئىكەن قەدىمدە. ئۇلۇغ ئالىم جالالىدىن رۇمىي مۇنداق دېگەن ئىكەن: «سۆيگۈ ــ ئاچچىقنى تاتلىققا، توپراقنى ئالتۇنغا، كىرنى ساپلىققا، كېسەلنى ساقلىققا، تۈرمىنى بوستانغا، غەزەپنى شەپقەتكە ئايلاندۇرىدىغان، تۆمۈرنى ئېرىتىدىغان، تاشنى يۇمشىتىدىغان، ئۆلۈكنى تىرىلدۈرىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئابى ھايات بېغىشلايدىغان بىر مۆجىزىدۇر»([1]).
=F B[<% سۆيگۈلەرنىڭ ئەڭ چوڭى ئاللاھ سۆيگۈسىدۇر
I 19 / سۆيگۈلەرنىڭ ئەڭ چوڭى ئاللاھ سۆيگۈسىدۇر. چۈنكى سۆيگۈ-مۇھەببەت كۆپىنچە قارشى تەرەپنىڭ سۆيگۈسى ياكى ئۇنىڭدىكى قايىل قىلارلىق سۈپەتلەر ياكى ئۇنىڭدىن كۆرگەن زور ياخشىلىقلار تۈرتكىسى بىلەن قەلبكە ئورنايدىغان نەرسە.
(pU@$H ھالبۇكى، ئاللاھ تائالادا سۆيگۈ-مۇھەببەتكە تۈرتكە بولىدىغان ئامىللارنىڭ ھەممىسى تولىقى بىلەن بار. مەسىلەن: ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە بەكمۇ شەپقەتلىك ۋە تولىمۇ مېھرىبان زاتتۇر. ئۇنىڭ بۇ شەپقىتىنى ۋە مېھرىبانلىقىنى ئەقلى بار ئىنسان ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى ئانا قارنىدىكى ۋاقتىدىن تارتىپ تاكى چوڭ بولۇپ، ياشاپ ئۆلگىنىگە قەدەر قانداق پەرۋىش قىلىدىغانلىقىنى، خەتەرلەردىن قانداق ساقلايدىغانلىقىنى ئەلۋەتتە چۈشىنىدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇچىقىدا بالىسى بار بىر ئايالنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ساھابىلىرىدىن:« بۇ ئايالنى بالىسىنى ئوتقا تاشلاشقا رازى بولىدۇ، دېسەم ئىشىنەمسىلەر؟ دەپ سورىغاندا، ساھابىلەر، بۇ ئايال ھەرگىز بالىسىنى ئوتقا تاشلاشقا رازى بولۇپ تۇرالمايدۇ، دەيدۇ. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا:« بىلىڭلاركى، ئاللاھ بەندىلىرىگە مۇشۇ ئايالنىڭ بالىسىغا بولغان مېھرىبانلىقىدىنمۇ بەك مېھرىباندۇر»([2])دېگەن.
qt.G_fOz ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارنى ئىككى ئالەملىك بەخت-سائادەت يولىغا باشلاش ئۈچۈن ئۇلارغا شەپقەت پەيغەمبىرى بولغان ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتكەنلىكى ۋە ھىدايەت مەنبىئى بولغان قۇرئان كەرىمنى چۈشۈرگەنلىكى، گۇناھكارلارنىڭ تەۋبە قىلىپ، ئۆزلىرىنى ئىسلاھ قىلىۋېلىشىغا پۇرسەت بېرىپ، ئۇلارنى ھامان جازالىمايدىغانلىقى ۋە تەۋبىنىڭ ئىشىكىنى تا قىيامەتكىچە ئوچۇق قويغانلىقىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە بولغان مېھرىبانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
n B5 :X سۆيۈش ئۈچۈن قايىل قىلارلىق سۈپەتلەردىن سۆز ئاچساقمۇ، ئاللاھ تائالا پۈتۈن سۈپەتلىرىدە، ئىش-پائالىيەتلىرىدە ۋە تەدبىرلىرىدە ئەڭ مۇكەممەل يېگانە زات. پۈتۈن گۈزەللىكلەر، مۇكەممەللىكلەر ۋە جىمى ياخشىلىقلارنىڭ مەنبىئى ئاللاھ تائالادۇر.
3>+9Rru سۆيۈش ئۈچۈن تۈرتكە بولىدىغان ياخشىلىقتىن سۆز ئاچقاندىمۇ، ئاللاھ تائالا ئەڭ مۇكەممەل سۆيگۈگە لايىق يېگانە زاتتۇر. ئىنسان خاراكتېرى ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلغانغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى سۆيۈشنى تەبىئىي بۇرچ، دەپ بىلىدۇ. دۇنيادا قايسى بىرىنىڭ ياخشىلىقى ئىنساننى يوقتىن بار قىلىپ، ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتقان، ئۇنىڭغا ئەقىل - ئىدراك ئاتا قىلىپ، بارچە مەخلۇقاتلاردىن ھۆرمەتلىك ھەم قۇدرەتلىك قىلغان ۋە ئۇنى كائىناتنىڭ خوجايىنى قىلىپ بەلگىلەپ، ھەممىنى ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇپ بەرگەن كەرەملىك، شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ ياخشىلىقلىرىغا يېتەلىسۇن؟!
N 9.$--X}D ئاللاھ سۆيگۈسىنىڭ قىممىتى
>R9_; ئاللاھ سۆيگۈسى ئىماننىڭ ئەڭ ئاساسلىق تەركىبى، ھەقىقىي مۆمىنلىكنىڭ ئىپادىسىى، ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى، سۆيگۈلەرنىڭ ئەڭ ئېسىلى، ھەقىقىي مۇسۇلمانلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە:﴿مۆمىنلەر ئاللاھنى ھەممىدىن ئارتۇق دوست تۇتقۇچىلاردۇر﴾([3]) دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئۇنىڭدا ئۈچ نەرسە بولىدىكەن، ئۇ ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى تېتىغان بولىدۇ: بىرىنچىسى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىدىن سۆيۈملۈك بولۇشى؛ ئىككىنچىسى، بىراۋنى دوست تۇتسا ئۇنى پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ دوست تۇتىدىغان بولۇشى؛ ئۈچىنچىسى، مۇسۇلمانلىقتىن كېيىن كاپىر بولۇشنى، خۇددى ئوتقا تاشلىنىشنى يامان كۆرگەندەك يامان كۆرىدىغان بولۇشى»([4]).
|2YkZ nJn چۈنكى، ئاللاھ تائالا سۆيگۈ- مۇھەببەتنىڭ يېگانە مەنبىئى. دۇنيادىكى پۈتۈن سۆيگۈلەر ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز سۆيگىسىدىن بىر تامچە بولغان ھالدا، ئاللاھ تائالادىن كەلگەن. قەلبلەرگە سۆيگۈ ئوتىنى سالغۇچىمۇ ئاللاھ تائالادۇر.
:FUefW m ئاللاھ سۆيگىسى نېمە بىلەن ئىپادىلىنىدۇ؟
&V$qIvN$ ئاللاھ سۆيگۈسى ئۇنىڭغا ھەقىقىي رەۋىشتە ئىتائەت قىلىش، پۈتۈن ھايات قايناملىرىدا ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى دەستۇر قىلىپ ئەمەل قىلىش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
|SO?UIWp پەيغەمبەر سۆيگۈسى
&gNb+z+ پەيغەمبەر سۆيگۈسى ئاللاھ سۆيگۈسىدىن قالسا ئەڭ ئەھمىيەتلىك سۆيگۈ بولۇپ، ئىماننىڭ بىر پارچىسىدۇر. ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئىنسانىيەتنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ بەخت - سائادەتلىرىگە ئېرىشتۈرۈشكە كېپىللىك قىلىدىغان ئىسلام دىنىدىن ئىبارەت ھەق دىننى ئېلىپ كېلىش ئارقىلىق ئىنسانلارنى كۇپرىنىڭ زۇلمەتلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىماننىڭ پارلاق نۇرىغا باشلاپ چىققان ۋە بارلىق ياخشى ئىشلارنىڭ بىردىنبىر ئۈلگىسى بولغان ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىنمۇ سۆيۈملۈك كىم بولسۇن؟!
=&5^[:ksB شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «سىلەرنىڭ ھېچبىرىڭلار مېنى ئاتىسىدىن، بالىسىدىن ۋە بارلىق كىشىلىرىدىن ئارتۇق سۆيمىگىچە مۆمىن بولالمايدۇ»([5]).
t,YnweH پەيغەمبەر سۆيگۈسى قانداق ئىپادىلىدۇ؟
')bas#=uP پەيغەمبەر سۆيگۈسى دىن ۋە دۇنيالىق پۈتۈن ئىشلاردا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا ئەمەلىي رەۋىشتە ئەگىشىش ۋە ئۇنى مەنىدە ئۈلگە قىلىش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
O!,WH?r ۋەتەن سۆيگۈسى
GH6 HdZ ئاللاھ تائالا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۆيگۈسىدىن قالسا، ئەڭ شەرەپلىك ۋە ئۇلۇغ سۆيگۈ - ۋەتەن سۈيگۈسىدۇر. ھەقىقىي مۇسۇلمان كىشى ئۆز ۋەتىنىگە سادىق بولىدۇ. چۈنكى مۇسۇلمانلىقنىڭ تەقەززاسى ۋاپادارلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. خۇددى ئىبادەتلەرمۇ ئىنساننى باشقا مەخلۇقاتلاردىن ئالاھىدە پەرقلىق بىر مۆجىزات سۈپىتىدە يارىتىپ، ئۇنىڭغا بۇ كائىناتنىڭ ياخشىلىقلىرىنى ۋە يەر يۈزىنىڭ خوجايىنلىقىنى ئاتا قىلغان كەرەملىك ئاللاھقا شۈكۈر ۋە مىننەتدارلىق ئىزھار قىلىش يۈزىسىدىن قىلىنىدىغان بىر ۋاپا بۇرچى بولغاندەك، ۋەتەننى سۆيۈش ۋە ئۇنىڭ يولىدا مال - مۈلكىنى، جېنىنى ۋە ھەر نەرسىسىنى پىدا قىلىش ھەر قانداق بىر پۇقرانىڭ ئۇنى ئىللىق قوينىدا ئۆستۈرۈپ يېتىلدۈرگەن ئانا ۋەتەنگە ئۆتەشكە تېگىشلىك ۋاپا بۇرچىدۇر.
H/rJ:3 ۋىجدانلىق ئىنسان ۋەتىنىنى سۆيىدۇ
jGeilqPC ۋىجدانلىق ئىنسان ۋەتىنىنى سۆيۈشنى ئىنسانلىق بۇرچى دەپ بىلىدۇ. چۈنكى ئىنسان خاراكتېرى ياخشىلىققا ياخشىلىق قايتۇرۇشنى، ياخشىلىق قىلغاننى سۆيۈشنى تەبىئىي زۆرۈرىيەت دەپ تونۇيدۇ. دۇنيادا ئىنسان ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىللىق باغرىنى ئېچىپ، ئۇنى تۈرلۈك نېمەتلىرى بىلەن كۈتۈۋالغان، ئۇنى بارچە ياخشىلىقلىرىدىن بەھرىمەن قىلغان، كۆكسى كەڭ، قوينى ئىسسىق ئاشۇ ئانا ۋەتىنىدىنمۇ سۆيۈملۈك بىرى بارمۇ؟! ياخشىلىقىنى ياخشىلىق قىلىش بىلەن قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭدىنمۇ ئەلا بىرى بارمۇ؟!
\),DW) ۋاپادار ئىنسان چوقۇم ئۆز ۋەتىنىنى سۆيىدۇ. چۈنكى، ھەركىمنىڭ ئۆز ۋەتىنى خۇددى ئانىسىنىڭ قوينىدەك ئىسسىق ۋە يۇمشاقتۇر. شۇڭا ئۇنى «ئانا ۋەتەن» دەيمىز. ئانىمىز خەۋپكە ئۇچرىسا بىزنىڭ قانچىلىك بىئارام بولۇپ كېتىدىغانلىقىمىز ۋە ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىمىز تۇرغان يەردە، ۋەتەنمۇ شۇنداق قەدىرلىك ئانا! بەلكى بۇ، بىزنى تۇغقان ئانىمىزدىنمۇ قەدىرلىك ۋە قىممەتلىك ئانىمىزدۇر. چۈنكى، ئانىلارنى ئۆستۈرگەن توپراقمۇ ئەنە ئاشۇ ۋەتەن ئەمەسمۇ؟
rx$B(z(c مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزئارا سۆيگۈسى
D?)^{)49 ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەر مۆمىن بولمىغىچە جەننەتكە كىرەلمەيسىلەر، بىر - بىرىڭلارنى سۆيمىگىچە مۆمىن بولالمايسىلەر»([6]) دېگەن.
h^H~q<R[T مۇسۇلمان ئادەم كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ رەڭگى، تىلى، ئىرقى، دىنى ۋە ۋەتەنلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغانلىقى سەۋەبلىك دۈشمەنلىك مەۋقەسىدە بولمايدۇ. چۈنكى ئىسلام دىنى نەزىرىدە، پۈتۈن ئىنسانلار ھەزرىتى ئادەمدىن، ئادەم توپراقتىن كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تىل، رەڭ، ئىرق پەرقلىرى پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز قۇدرىتىنى ۋە گۈزەل سەنئەتلىرىنى كۆرسىتىدىغان بېرەر ئالامەتلەردۇر. «ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى نامايان قىلىدىغان ئالامەتلەردىن بىرى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىنلەرنى ياراتقانلىقى، تىلىڭلارنىڭ، رەڭگىڭلارنىڭ ئوخشاشمىغانلىقىدۇر. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا بىلىدىغانلار ئۈچۈن ئىبرەتلەر باردۇر»([7]).
feSj3,<! تەبىئەت سۆيگۈسى
)1EF7.| تەبىئەت ــ ئاللاھ تائالانىڭ سەنئىتىدۇر. ئاللاھ تائالا تەبىئەتنى ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن يارىتىپ بەرگەن. ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، ئۇنى ئاسراش، ئۇنى سۆيۈش ۋە قوغداش دىنىمىزدا گۈزەل ئەخلاقلاردىن سانىلىدۇ. تەبىئەت بىز ئىنسانلاردەك تۇزكور ئەمەس، بەلكى ئۇ ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق شەيئىلەر ئۆز تىللىرى بىلەن ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلايدۇ، ئۇنى مەدھىيىلەيدۇ. قۇرئان كەرىم بۇ ھەقىقەتنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ﴿يەتتە ئاسمان - زېمىن ۋە ئۇلاردىكى مەخلۇقاتلار ئاللاھنىڭ نۇقسانسىزلىقىنى سۆزلەيدۇ، (كائىناتتىكى) قانداقلىكى نەرسە بولمىسۇن، ئاللاھنى بارچە نۇقسانلاردىن پاك دەپ مەدھىيلەيدۇ، لېكىن سىلەر (تىلىڭلار ئوخشاش بولمىغانلىقتىن) ئۇلارنىڭ مەدھىيىسىنى سەزمەيسىلەر﴾([8]).
8zOoVO تەبىئەت ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى بولۇپ، ئۇنى ئوقۇشنى بىلگەنلەر چوقۇم ئاللاھ تائالانى تونۇيدۇ. بۇ كىتابتا ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز قۇدرەت كامالى، گۈزەل سەنئەتلىرى، نېمەتلىرىنىڭ تۈرلىرى يېزىلغان. مۇسۇلمان كىشى تەبىئەتنى ئاللاھ تائالانىڭ سەنئىتى بولغانلىقى ئېتىبارى بىلەن سۆيىدۇ، ئۇنى ھەر كۆرگىنىدە، ئۇنىڭدا ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز قۇدرىتى ۋە ئىلىم - ھېكمىتىنىڭ ئىزلىرىنى كۆرىدۇ. نەتىجىدە، ئۇنىڭ ئاللاھ تائالانى تونۇشى ئاشىدۇ، ئىمانى كۈچلىنىدۇ. شۇڭا قۇرئان كەرىمنىڭ كۆپلىگەن ئايەتلىرى كىشىلەرنى تەبىئەتنىڭ ھەرخىل مەنزىرىلىرىگە قاراپ تەپەككۇر قىلىشقا چاقىرماقتا.
)jS9p~FS *hk8[ U= Gw( + YjK# 6*{sZMG ([1]) ئۇلۇغ ئەدىپ، شائىر، فىقھىشۇناس ئالىم، ئىسلام مۇتەپەككۇرى، مەشھۇر تەسەۋۋۇپنىڭ «مەۋلىۋى» تەرىقىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مەۋلانا جالالىددىن رۇمى ھىجرىيە604-يىلى رەبىئۇل ئەۋەل ئاينىڭ6-كۈنى (1207-مىلادىيە سىنتەبىرنىڭ30-كۈنى) ھازىرقى ئافغسانىستاننىڭ خۇراسان ۋىلايىتىگە قاراشلىق بەلخ دېگەن جايدا دۇنياغا كەلگەن،ئائىلىسى خارزم شاھى بىلەن قۇدا بولغان. مەۋلانا جالالىددىن رۇمى ئۈچ يېشىدا ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە باغدادقا كەلگەن، كېيىنچە، مەككە، شام، ئەزەربەيجان قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، ھازىرقى تۈركىيىنىڭ كونيا شەھىرىدە مۇقىملاشقان ۋە سەلچۇقلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشى نەتىجىسىدە ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە بۇ جايدا بولغان.1273-يىلى كونيادا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ قەبرىسى ھازىرمۇ چوڭ زىيارەت گاھى بولۇپ كەلمكتە. ئۇنىڭ تەسەۋۋۇپلىقتىكى مۇرىدلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بار. تۈركىيىدە كۆپ تېپىلىدۇ.ئەسرلىرىنى پارس تىلىدا يازغان بولۇپ، ھازىرقى ئۇنىڭ ئەسەرلىرى دۇنيادا نۇرغۇنلىغان تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان. جالالىددىن رۇمىنىڭ ئىسمى ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنياغا داڭلىق شائىرلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
:4 &q2- ([2]) ئىمام بۇخارى رىۋايىتى
hHu?%f* ([3]) بەقەرە سۈرىسى165 - ئايەت.
bXx2]E227 ([4]) بۇخارى رىۋايىتى.
_#SCjFz ([5]) ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.
t&oNC6 ([6]) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى
LGau!\ ([7]) رۇم سۈرىسى.
u>K(m))5W3 ([8]) ئىسرا سۈرىسى 44 - ئايەت.
mBQp#-1\ مەنبە: ئەۋلات تورى، ئادىرسى:
http://www.awlat.net/?p=1743 &>YdX$8x