باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1059 
  •    ئىنكاس 
       0 

سۆيگەنلەر سۆيۈلىدۇ

قەۋەت ئاتلاش
quxtikiparixta
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8050

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   62 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9033 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   740 (قېتم)
 تۆھپە:   740  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2650
 سائەت
دەرىجىسى:
2650 سائەت 100 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-02-03
ئاخــىرقىسى:2012-09-19
— بۇ تېمىنى كەپتەر شېئىرىيەت ئالۋۇنى دىن بۇ يەرگە يۆتكەپ ئەكەلدى (2012-05-07) —

سۆيگەنلەر سۆيۈلىدۇ
vh|Tb5W<  
/<(*/P,>  
كىشىلەرنىڭ قىممەت قارىشى، ئەخلاق قارىشى، مەدەنىيەت سەۋىيەسى قاتارلىق ئامىللارنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببەت ھەققىدىكى كۆزقاراشلىرىمۇ پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. كىشىلەر شۇ قاراشلار بويىچە مۇھەببەتنى چۈشىنىدۇ ۋە ئۇنىڭغا مۇئامىلە قىلىدۇ. مۇھەببەت ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ بۈيۈك مىراسلىرىنىڭ نەمۇنىسى سۈپىتىدە پاك، ئاددىي، ئەمما ئىنتايىن يۈكسەك بولغان چىن، سەمىمىي ھېسسىياتتىن ئىبارەت. ئەلمىساقتىن تارتىپ دانىشمەنلەر سۆيگۈ- مۇھەببەتنى ئۆز تەپەككۇرىنىڭ ئوبيېكتى سۈپىتىدە تەلقىن قىلىپ، ئۇنىڭغا ئۆزگىچە مەنالارنى بېغىشلىغان. ئىنسان سۈپىتىدە ياشاۋاتقان ھەر قانداق كىشى سۆيگۈ مۇھەببەتتىن مۇستەسنا بولالمايدۇ. ئۇ ئىنسانلار دۇنياسىدىكى ئەڭ بۈيۈك، ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچ بولۇپ، ئىنسان ھاياتىغا مۇكەممەللىك ئاتا قىلىدۇ. >/TB_ykb  
1z})mfsh  
ئەتراپىمىزغا نەزەر سالساق «مۇھەببەت» دېگەن سۆزنى قالقان قىلىۋېلىپ، بىر-بىرىنى ئالداش، دەپسەندە قىلىش بەدىلىگە قىممەتلىك ياشلىق باھارنى ئىسراپ قىلىۋاتقان بەزىبىر ياشلارنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. ئۇلارنىڭ مۇھەببەت قارىشىنىڭ بىمەنە ۋە پۈچەكلىكى ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. لەيلى-مەجنۇن، غېرىب -سەنەم، تاھىر-زۆھرە قاتارلىقلار ئەزەلدىن ئۆزلىرىنىڭ سۆيگۈ ئۈچۈن جان پىدا قىلغانلىقى بىلەن خەلق قەلبىدىن ئورۇن ئالغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنى تىلغا ئېلىش بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە «زامانغا ماسلاشمىغاندەك» ئىش بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىشىشى ۋە تۇرمۇش بېسىمىنىڭ زورىيىپ بېرىشى نەتىجىسىدە، كىشىلەرنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببەت قارىشىمۇ تەسىرگە ئۇچراپ، سۆيگۈ-مۇھەببەتتىن مەنپەئەتنى ئەلا بىلىدىغان ئەھۋاللار سادىر بولماقتا. ئەلۋەتتە بۇلار خەلقىمىزنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان سۆيگۈ-مۇھەببەت قاراشلىرىغا قىلىنغان ئاسىيلىقتۇر. %_B:EMPd  
?ID* /u|X  
سۆيگۈ ھەرگىز تەڭ قىممەتتە ئالماشتۇرۇش بولماستىن بەلكى ئۆزلىرىنى تەخىرسىز بېغىشلاشتۇر. ھەقىقىي مۇھەببەت ئادەمگە كۈچ-قۇۋۋەت، پەم-پاراسەت ئاتا قىلىدۇ. سۆيگۈ- مۇھەببەت ئەقىل-پاراسەت بىلەن بىرلەشكەندىلا ئاندىن يۈكسەكلىككە ئىگە بولالايدۇ. تۇرمۇشتا بەزىدە سۆيگۈ- مۇھەببەتتە مەغلۇبىيەتكە دۇچار بولىدىغان ئەھۋاللارمۇ يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئادەم ئۆزىنى تۈگەشتۈرۋالماستىن، ئۆزىنىڭ ئالىيجاناب ، پاك ئىنسانىي سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىنى تونۇپ، ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك. سۆيگۈ-مۇھەببەت ئەقىلنىڭ كونتروللىقىدىكى بىر خىل ئالاھىدە ھېسسىيات. بىر ئادەمدىكى سۆيگۈ- مۇھەببەت ھېسسىياتى-گۈزەل تەقدىر يارىتىش، ئەمگەك قىلىش، ئەخلاق-پەزىلەتتىن مەھرۇم قالسا، ئۇنداق سۆيگۈ-مۇھەببەت ھەقىقىي سۆيگۈ-مۇھەببەت بولماي قالىدۇ. قىلىۋاتقان ئىشلىرى ۋە خىزمەتلىرىدە ئۈزلۈكسىز ئالغا بېسىش ھالىتىنى ساقلىيالىغان كىشىلەرلا سۆيگۈ- مۇھەببەتنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنالايدۇ، ئۆزىنى سۆيەلىگەن كىشىلەرلا باشقىلارنى سۆيەلەيدۇ. ئەلۋەتتە ھەقىقىي سۆيگۈ غەرەزسىز، پاك بولىدۇ. ئادەم مەيلى قانداق ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسۇن، سۆيگۈ چىرىقىنى ئۆچۈرمەسلىكى، ئۇنىڭغا ھەر ۋاقىت سادىق بولۇشى لازىم. شۇنى ئەستە ساقلاش زۆرۈركى، باشقىلارنى ھەقىقىي سۆيگەنلەرلا سۆيۈلۈشكە ھەقلىق. n0rerI[R  
QD$}-D[  
تۇرمۇشتا يەنە ھەر دائىم سۆيگۈ- مۇھەببەتنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان كىشىلەرمۇ باركى، ئۇلار سۆيگۈ-مۇھەببەتتە ئازراقلا ئوڭۇشسىزلىقلارغا دۇچار بولغاندا ئۆزىنى بىراقلا يوقىتىپ، ياشاشتىن ئۈمىدنى ئۈزىدۇ. ئەمەلىيەتتە، تۇرمۇشتا ھەر دائىم كۈلۈپلا ياشايمەن دېگىلى بولمىغاندەك سۆيگۈ-مۇھەببەتتىمۇ ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق كۆڭۈلسىزلىكلەرگە دۇچار بولۇپ تۇرىدىغان گەپ. شۇڭا، ھەر بىر كىشى ۋۇجۇدىدا ھەقىقىي مۇھەببەت بولمىغان كىشىلەر ئۈچۈن ياش تۆكۈشكە، ئۆز ھاياتىنى نابۇت قىلىشقا ئەرزىمەيدىغانلىقى، بىزدە ھەقىقىي سۆيگۈ بولسىلا تۇرمۇش مەنزىلىنى بىرگە بېسىپ، ھايات-ماماتلىقتا بىللە بولالايدىغانلارنىڭ ھامان چىقىدىغانلىقى، سىزدىكى نەرسىنىڭ باشقىلار سەل قارىغانلىقى ئۈچۈنلا ئەرزىمەس نەرسە بولۇپ قالمايدىغانلىقىدەك شۇنداق بىر ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىشى كېرەك. KI E k/]<H  
`t{D7I7  
ھەقىقەتەن سۇ بولسا ئېقىن ۋە يېشىللىق بولىدۇ. ئۆزىدە بولمىغان نەرسىنى باشقىلاردىن كۈتمەسلىك، باشقىلار ھېس قىلالمىغان نەرسىلەرنى زورلاپ تاڭماسلىق، باشقىلارنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن ئۆزىنى ئازابلاپ يۈرمەسلىك، بەلكى ئۆز ئېقىنىنى يېڭى ئېرىقلارغا دادىللىق بىلەن باشلاش كېرەكتۇر. سۆيگۈ-مۇھەببەت بىراۋنى بەخت، خۇشاللىققىلا ئەمەس، بەلكى مېھنەت، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرەلىسە ئاندىن ھەقىقىي ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولغان بولىدۇ. lZ}izl  
OOCQsoN  
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-05-07, 15:48
 
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى