باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       2841 
  •    ئىنكاس 
       11 

قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىلمەيدۇ؟

قەۋەت ئاتلاش
mahsum
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8755

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   20 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2685 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   240 (قېتم)
 تۆھپە:   240  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 730
 سائەت
دەرىجىسى:
730 سائەت 40 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-04-09
ئاخــىرقىسى:2012-06-13

                                                   ]قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىلمەيدۇ؟ fF vF\  
9[c%J*r   
ھازىر ئىقتىسادنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى، پۇقرالار تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، دۆلىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ سودا قىلىش، ئىشلەمچىلىك قىلىش، ئولتۇراقلىشىش، ساياھەت قىلىش، ئوقۇش، تۇغقان يوقلاش ۋە ھەج قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلىرى كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىشكە يۈزلەندى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم قانۇنسىز ئۇنسۇرلار خەلق ئاممىسىنىڭ بۇ خىل «قىزغىنلىقى» دىن پايدىلىنىپ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا ساختا پاسپورت، ۋېزا ياساپ ۋە سېتىپ، بىر تەرەپتىن پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن جەمئىيەت باشقۇرۇش تەرتىپىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ. *+'2?*  
S [h];eM  
  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاسپورتى ـــ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرى دۆلەت چېگرىسىدىن كىرىپ-چىققاندا ۋە ئۇلارنىڭ چەت ئەلدىكى پائالىيىتى جەريانىدا، شۇ كىشىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ۋە سالاھىيىتىنى ئىسپاتلايدىغان مۇھىم ئىسپات ھېسابلىنىدۇ. بېجىرىلىش تەرتىپى ۋە ئىشلىتىش ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، پاسپورت ئادەتتىكى پاسپورت، دىپلوماتىيە پاسپورتى (ساياھەت پاسپورتى) ۋە ھۆكۈمەت پاسپورتى قاتارلىقلارغا ئايرىلىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاسپورت قانۇنى» نىڭ 4-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئادەتتىكى پاسپورتنى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ چېگرىدىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ھاۋالە قىلغان ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ چېگرىدىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى، شۇنىڭدەك جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلدىكى ئەلچىخانا-كونسۇلخانىسى ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ھاۋالە قىلغان چەت ئەلدىكى باشقا ئاپپارات بېرىدۇ؛ دىپلوماتىيە پاسپورتىنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بېرىدۇ؛ ھۆكۈمەت پاسپورتىنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلدىكى ئەلچىخانا-كونسۇلخانىسى ياكى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ھاۋالە قىلغان چەت ئەلدىكى باشقا ئاپپاراتى، شۇنىڭدەك دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ھاۋالە قىلغان ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ۋە رايون بار شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار تارمىقى بېرىدۇ. ,j:|w+l  
`U#55k9^5  
  پۇقرالاردىن چەت ئەلدە ئولتۇراقلىشىش، تۇغقان يوقلاش، ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ساياھەت قىلىش، سودا قىلىش قاتارلىق غەيرىي ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن چەت ئەلگە چىقىدىغانلىرى نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ چېگرىدىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا كىملىكى، نوپۇس دەپتىرى، يېقىندا يالاڭباش چۈشكەن سۈرىتى ۋە ئىلتىماس قىلىش سەۋەبىگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇپ، ئادەتتىكى پاسپورت ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. Uy?  
;$Y4xM`=m  
  دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى، كونسۇلخانا ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بىللە بارىدىغان جورىسى، قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرى ۋە دىپلوماتىيە ئەلچىلىرى دىپلوماتىيە پاسپورتى ئىشلىتىدۇ. >>aq,pH  
P0H6 mn*  
  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلدىكى ئەلچىخانىسى-كونسۇلخانىسى ياكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ مەخسۇس ئاپپاراتى، شۇنىڭدەك ھۆكۈمەت ئارا باشقا تەشكىلاتلاردا ئىشلەيدىغان جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن خادىملار ۋە ئۇلارنىڭ بىللە بارىدىغان جورىسى، قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرى ھۆكۈمەت پاسپورتى ئىشلىتىدۇ؛ دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى، كونسۇلخانا ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بىللە بارىدىغان جورىسى، قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرى ۋە دىپلوماتىيە ئەلچىلىرى، شۇنىڭدەك جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلدىكى ئەلچىخانىسى-كونسۇلخانىسى ياكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ مەخسۇس ئاپپاراتى، شۇنىڭدەك ھۆكۈمەت ئارا باشقا تەشكىلاتلاردا ئىشلەيدىغان جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن خادىملار ۋە ئۇلارنىڭ بىللە بارىدىغان جورىسى، قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىدىن باشقا پۇقرالاردىن ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن چەت ئەلگە چىقىدىغانلىرىنى ئىشلەيدىغان ئورنى دىپلوماتىيە تارمىقىغا ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن، دىپلوماتىيە تارمىقى ئېھتىياجغا قاراپ ئۇلارغا دىپلوماتىيە پاسپورتى ياكى ھۆكۈمەت پاسپورتى بېرىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاسپورت قانۇنى» نىڭ 13-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىغا پاسپورت بەرگۈچى ئورگان پاسپورت بەرمەيدۇ: g;$Xq)Dd  
8Og_W8  
  1) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەلىكىدە بولمىغانلار؛ E9?ph D  
"S 3wk=?4  
  2) سالاھىيىتىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەنلەر؛ V=fEPM  
5_XV%-wM  
  3) ئىلتىماس قىلىشتا ساختىپەزلىك قىلغانلار؛ pv^O"Bs  
;<G=M2  
  4) جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىنىپ، جازا ئۆتەۋاتقانلار؛ 6s0_#wZC  
It2" x;  
  5) ئاخىرلاشمىغان ھەق تەلەپ دېلوسى بولغانلىقتىن، خەلق سوت مەھكىمىسى چېگرىدىن چىقىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش قىلغانلار؛ Q{B}ef  
7^w >Rj  
  6) جىنايى ئىشلار دېلوسىدىكى جاۋابكار ياكى جىنايەت گۇماندارى ھېسابلىنىدىغانلار؛ x\Z'2?u}  
`7/Y@}n  
  7) گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقى چېگرىدىن چىققاندىن كېيىن دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ ياكى دۆلەت مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ دەپ قارىغانلار. &QhX1dT+  
$H+VA@_  
  ئۇندىن باشقا، پاسپورت بەرگۈچى ئورگان دۆلەت چېگراسىنى باشقۇرۇشقا دەخلى قىلىپ، جىنايى جازاغا تارتىلغانلار ياكى چېگرىدىن قانۇنسىز چىققان، قانۇنسىز تۇرغان، قانۇنسىز ئىشقا ئورۇنلاشقانلاردىن دۆلىتىمىزگە قايتۇرۇۋېتىلگەنلەرگە ئۇلارنىڭ جىنايى جازاسى ئىجرا قىلىنىپ بولغان ياكى ۋەتەنگە قايتۇرۇۋېتىلگەن كۈندىن باشلاپ ئالتە ئايدىن ئۈچ يىلغىچە پاسپورت بەرمەيدۇ؛ شۇڭا دۆلىتىمىز پۇقرالىرى پاسپورت بېجىرىشتە، چوقۇم قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، قانۇندا پاسپورت بېجىرىش ھوقۇقى بەلگىلەنگەن ئاپپاراتقا مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى تاپشۇرۇپ، قانۇنلۇق ھالدا پاسپورت بېجىرىشى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن، تېگىشلىك جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاسپورت قانۇنى» نىڭ 17-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، كۆز بوياپ پاسپورت ئېلىۋالغانلارنىڭ پاسپورتىنى پاسپورت بەرگۈچى ئورگان يىغىۋالىدۇ، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى ئۇنداقلارغا 2000 يۈەندىن يۇقىرى 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ پاسپورت بەرگۈچى ئورۇن خادىملىرىدىن پاسپورت بېجىرىشتە، قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ قوبۇل قىلمىغان، يوللۇق سەۋەب يوق تۇرۇپ قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە باشقىلارغا پاسپورت بەرمىگەن، دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمدىن ئارتۇق ھەق ئالغانلار، پاسپورت ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن پارا سورىغان ياكى ئالغان، پاسپورت ئىشلەش، بېرىشتە بىلىپ قالغان پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇر مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ، ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەن، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىشتەك ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ، قىلمىشىدىن جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. u]vQ>Uu  
5Hcf;P7   
  باشقىلارغا ياسىۋالغان، ئۆرگەرتىۋالغان پاسپورت بەرگەنلەرگە ياكى پاسپورت ساتقانلارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 320-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ، جىنايى جازا بېرىشكە توشمىغانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، 10 كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويىدۇ، قوشۇمچە 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. (نىيە ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىلغار مەتقاسىم تەييارلىغان) da (km+  
مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى JA)] _HP  
lkBdl#]9  
H<^/Ati,|  
Offu9`DiZ  
,Jd',>3  
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پاسپورت قانۇنى QcgfBsv96  
K# Jk _"W  
}Q";aU0^  
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىس پەرمانى Ntbg`LGf'!  
ئەللىكىنچى نومۇرلۇق U4cY_p?  
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پاسپورت قانۇنى 2006-يىلى 4-ئاينىڭ 29 - كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى دائىمىي ئەزالىرى 21- يىغىنىداماقۇللاندى، ھازىر ئىلان قىلىنىدۇ . 2007-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن . *WkIq>  
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسى خۇجىنتاۋ ;g~TWy^o  
2006-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى -Y='_4s  
LGl2$#x  
##4GK08!  
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پاسپورت قانۇنى ,13Lq-  
A$w4PVS  
0D&t!$Ibf  
]GRWnif  
بىرىنچى ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاسپورت ئىلتىماس قىلىش، ئىمزالاپ تارقىتىش ۋە باشقۇرۇش ئىشلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش شۇنداقلا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ چىگىردىن كىرىش-چىقىش ھوقۇقىنى قوغداش ،سىرتقى ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۈزۈپ چىقىلدى. (x3.poSt  
ئىككىنچى ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پاسپورتى بولسا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ چىگىردىن كىرىش -چىقىش ۋە دۆلەت سىرتىدا دۆلەت تەۋەلىكى ۋە سالاھىيىتىنى ئىسپاتلايدىغان گۇۋاھنامە. D)d~3`=#  
ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخىس پاسپورتنى يالغاندىن ياساشقا ، ئۆزگەرتىشكە، ئارىيەت بېرىشكە، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ، قەستەن بۇزۇشقا ھەم قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇشقا بولمايدۇ. M-giR:,  
ئۈچىنچى ماددا پاسپورت ئادەتتىكى پاسپورت، دىپلوماتىيە پاسپورتى، دۆلەت ئىشى پاسپورتى قاتارلىقلارغا بۆلىنىدۇ. IzpZwx^3''  
پاسپورت دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ئارقىلىق چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىگە تونۇشتۇرۇلىدۇ. G 8V,  
تۆتىنچى ماددا ئادەتىتكى پاسپورت بولسا جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى چىگىردىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئورگىنى ياكى جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى ھاۋالە قىلغان ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ چىگىردىن كىرىش - چىقىشنى باشقۇرۇش ئورگانلىرى شۇنداقلا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا، كونسۇلخانا ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ھاۋالە قىلغان چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ. tz&y*e&  
دىپلوماتىيە پاسپورتى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ. a$Cdhx !  
ھۆكۈمەت ئىشى پاسپورتى بولسا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا، كونسۇلخانا ياكى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ھاۋالە قىلغان چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئورگانلار ھەمدە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ھاۋالە قىلغان ئۆلكە-ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەر ، رايوندىكى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار تارمىقى تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ. fOMvj%T@2  
بەشىنچى ماددا پۇقرالار چەتكە چىقىپ ئولتۇراقلىشىش، تۇغقان يوقلاش، ئۆگنىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ساياھەت، سودا قاتارلىق ھۆكۈمەت ئىشى بولمىغان سەۋەبلەردىن چەتكە چىقماقچى بولغاندا ئالاقىدار كىشى ئۆزى تۇرۇشلۇق يەردىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ چىگىردىن كىرىش -چىقىشنى باشقۇرۇش ئورگانلىرىغا ئادەتتىكى پاسپورت بېجىرىشنى ئىلتىماسى قىلىدۇ. ~R@Nd~L  
ئالتىنچى ماددا پۇقرالار ئادەتتىكى پاسپورت ئىلتىماسى سۇنغاندا چوقۇم ئۆزىنىڭ كىملىك گۇۋاھنامىسى، نوپۇس دەپتىرى، يېقىندا چۈشكەن يالاڭباش سۈرىتى شۇنداقلا ئىلتىماس سەۋەبىگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تاپشۇرىدۇ. دۆلەت خىزمەتچىلىرى بۇ قانۇننىڭ 5-ماددىسىدىكى سەۋەبلەر بىلەن پاسپورت ئىلتىماس قىلغاندا يەنە چوقۇم دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى تەمىنلەيدۇ. 4`8<   
جامائەت خەۋپسىزلىكى چىگىردىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئورگانلىرى چوقۇم ئىلتىماس ماتېرىيالى تاپشۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە پاسپورتنى ئىمزالاپ تارقىتىپ بېرىشى كېرەك ؛بەلگىلىمىگە خىلاپلىرىغا چوقۇم سەۋەبىنى يازمىچە ئىزاھلىشى ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلىش ياكى مەمۇرىي ئەرز قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك. |H! 9fZO  
چەت- ياقا رايونلار ياكى قاتناش قولايسىز رايونلار ياكى ئالاھىدە ئەھۋال سەۋەبىدىن پاسپورتنى ۋاقتىدا تارقىتىش ئىمكانىيىتى يوق ئەھۋالدا پاسپورت ئىمزالاپ تارقىتىش ئورگىنىنىڭ مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن تارقىتىش ۋاقتىنى 30 كۈنگە ئۇزارتىشقا بولىدۇ . 6l4mS~/  
پۇقرالار مۇۋاپىق جىددى ئىشلار سەۋەبىدىن جىددى بېجىرىشنى تەلەپ قىلغاندا جامائەت خەۋپسىزلىك چىگىردىن كىرىش- چىقىشنى باشقۇرۇش ئورگانلىرى چوقۇم ۋاقتىدا بېجىرىپ بېرىشى كېرەك . QQV~?iW{~  
يەتتىنچى ماددا ئادەتتىكى پاسپورتتا تىزىملىنىدىغان مەزمۇنلار تۆۋەندىكىچە : پاسپورت ئىگىسىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، جىنسى، تۇغۇلغان ۋاقتى، تۇغۇلغان يەر، پاسپورت ئىمزالاپ تارقىتىلغان ۋاقىت، ئىناۋەتلىك ۋاقتى، تارقىتىلغان يەر ۋە تارقىتىلغان ئورۇن. HuV J\%.  
ئادەتىتكى پاسپورتنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى تۆۋەندىكىچە: پاسپورت ئىگىسى 16 ياشقا توشمىغان بولسا ئىناۋەتلىك ۋاقتى 5يىل، 16 ياشتىن يۇقىرى بولسا ئىناۋەتلىك ۋاقتى 10 يىل بولىدۇ . MG{YrX)oi  
ئادەتتىكى پاسپورتنىڭ ئىمزالاپ تارقىتىش كونكرېت جەريانى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. bk\yCt06y;  
سەككىزىنچى ماددا دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى ، كونسۇلخانا خادىملىرى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىللە يۈرگەن جۈپتى ، قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرى ۋە دىپلوماتىك ئالاقىچىلار دىپلوماتىيە پاسپورتىغا ئىگە بولىدۇ . ,DZX$Ug~+E  
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا ، كونسۇلخانا ياكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەخسۇس ئورگىنى شۇنداقلا باشقا ھۆكۈمەتلەر ئارا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا خىزمەت قىلىدىغان جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن خىزمەتچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ بىللە يۈرگەن جۈپتى ، قورامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرى دۆلەت ئىشى پاسپورتىغا ئىگە بولىدۇ. Bk+{RN(w  
ئالدىنقى ئىككى تارماقتا كۆرسىتىلگەندىن باشقا پۇقرالار چىگىردىن چىقىپ دۆلەت ئىشى بېجىرگەندە ئالاقىدار خادىم تۇرۇشلۇق ئورۇن بۇ قانۇننىڭ 4-ماددىسى 2-،3- تارماقلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىگە ئىلتىماس سۇنىدۇ ، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ئېھتىياجغا ئاساسەن دىپلوماتىيە پاسپورتى ياكى دۆلەت ئىشى پاسپورتىنى ئىمزالاپ تارقىتىدۇ. p}<w#p|  
توققۇزىنچى ماددا دىپلوماتىيە پاسپورتى ، دۆلەت ئىشى پاسپورتىغا تىزىملىنىدىغان تۈرلەر تۆۋەندىكىچە : پاسپورت ئىگىسىنىڭ ئىسىم -فامىلىسى ، جىنسى ، تۇغۇلغان ۋاقتى ، تۇغۇلغان جايى ، پاسپورت تارقىتىلغان ۋاقىت ، پاسپورت ئىناۋەتلىك ۋاقتى ، تارقاتقان ئورگان . J;prC  
دىپلوماتىيە پاسپورتى ، دۆلەت ئىشى پاسپورتنىڭ تارقىتىلىش دائىرسى ، ئىمزالاپ تارقىتىش چارىسى ، ئىناۋەتلىك ۋاقتى ۋە دۆلەت ئىشى پاسپورتنىڭ كونكرېت بۆلۈنۈشى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. _Dwqy(   
ئونىنچى ماددا پاسپورت ئىگىسىنىڭ پاسپورتتا خاتىرلەنگەن ئۇچۇرلىرىدا ئۆزگىرىشى بولغاندا ، چوقۇم مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ماتېرىيالىغا ئاساسەن پاسپورتنى ئىمزالاپ تارقاتقان ئورۇنغا ئۆزگەرتىش ، ئىزاھلاشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. MW+b;0U`#  
ئون بىرىنچى ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى بولسا پاسپورت ئىگىسى بەلگىلىمىگە ئاساسەن پاسپورتنى ئالماشتۇرۇش ياكى تولۇقلاپ بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ: A=j0On  
1.پاسپورت ئىناۋەتلىك ۋاقتى توشۇشقا ئاز قالغان؛ R9! Uo  
2.پاسپورت ۋىزا بىتى ئىشلىتىلىپ تۈگىگەن؛ ,<Q~b%(3  
3.پاسپورت يىرتىلىپ كەتكەن ، ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ؛ >[1W:KQA  
4.پاسپورتى يۈتۈپ كەتكەن ياكى ئوغرىلانغان ؛ NzW`B^p  
5.پاسپورت ئالماشتۇرۇشقا ياكى تولۇقلاپ بېجىرىشكە مۇۋاپىق ئاساسى بار . aIXdV2QS  
پاسپورت ئىگىسى پاسپورت ئالماشتۇرۇش ياكى تولۇقلاپ بېجىرىش ئىلتىماسىنى دۆلەت ئىچىدە بولسا پاسپورت ئىگىسى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىك چىگىردىن كىرىپ چىقىشنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا ؛ دۆلەت سىرتىدا بولسا پاسپورت ئىگىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا ، كونسۇلخانا، ياكى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ھاۋالە قىلغان چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئورگانلىرىغا سۇنىدۇ . 8#&q$kE  
دىپلوماتىيە پاسپورتى ، ھۆكۈمەت ئىشى پاسپورتىنى ئالماشتۇرۇش ، تولۇقلاپ بېجىرىشتە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسلىنىدۇ . &k8vWXMGk%  
ئون ئىككىنچى ماددا پاسپورت كۆرۈپ ئوقۇلىدىغان ۋە ماشىنىدا ئوقۇلىدىغان ئىقتىدارىغا ئىگە . P6Mhbmt9*  
پاسپورتنىڭ يالغاندىن ساقلىنىش ئىقتىدارى خەلقئارالىق تېخنىكىلىق ئۆلچەم بويىچە بېكىتىلىدۇ. 9Ok9bC'?8@  
پاسپورت ئىمزالاپ تارقاتقۇچى ئورگان ھەم ئۇلارنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى پاسپورت ياساش ، ئىمزالاپ تارقىتىش جەريانىدا پۇقرالارنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنى مەخپىيەتلىكىنى ساقلىشى كېرەك . T,_(?YJW  
ئون ئۈچىنچى ماددا ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋالدىن بىرى كۆرۈلگەنلەرگە پاسپورت ئىمزالاپ تارقاتقۇچى ئورگان پاسپورت بەرمەيدۇ : "3F;cCDv]  
1.جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە ئەمەسلەر ؛ ! <WBCclX  
2.سالاھىيىتىنى ئىسپاتلاشقا بولمىغانلار ؛ !JBae2Z  
3.پاسپورت ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا ئالدامچىلىق قىلمىشى شەكىللەندۈرگەنلەر ؛ 0jiq-3V)  
4.جىنايى جازا سەۋەبىدىن ھازىر جازا ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلار ؛ x#C@8Bxq=  
5.خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن تاماملانمىغان ھەق تەلەپ دېلوسى سەۋەبىدىن چىگىردىن چىقىشقا بولمايدۇ دەپ ئۇقتۇرۇلغانلار ؛ ~LQ[4h<J !  
6.جىنايى ئىشلار دېلو جاۋابكارى ياكى جىنايەت گۇماندارلىرى ؛ A-ZmG7xk  
7.گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك باشقۇرغۇچى ئورگانلىرى تەرىپىدىن چىگىردىن چىققاندىن كىيىن دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ كەلتۈرىدۇ ياكى دۆلەت مەنپەئەتىگە زىيان سالىدۇ دەپ قارالغانلار ؛ '!1$9o^$  
ئون تۆتىنچى ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋالدىن بىرى سادىر قىلغانلارغا پاسپورت ئىمزالاپ تارقاتقۇچى ئورۇن شۇ شەخىسنىڭ جىنايى جازا ئۆتەپ بولغان ياكى دۆلەتكە قايتۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئايدىن ئۈچ يىلغىچە بولغان ۋاقىتتا پاسپورت ئىمزالاپ تارقىتىپ بەرمەيدۇ : l|V;Ys5f  
1.دۆلەت چېگرا باشقۇرۇشىغا زىيان يەتكۈزۈش سەۋەبلىك جىنايى جازا بېرىلگەنلەر ؛ kVS?RHR  
2.قانۇنسىز چېگىرىدىن چىقىش ، قانۇنسىز ئولتۇراقلىشىش ، قانۇنسىز خىزمەت تېپىش سەۋەبىدىن مەجبۇرى دۆلەتكە قايتۇرۇلغانلار ؛ OVk ~N)  
ئون بەشىنچى ماددا خەلق سوت مەھكىمىسى ، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ، دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ، مەمۇرىي نازارەت ئورگانلىرى دېلو بېجىرىش ئېھتىياجى بىلەن قانۇنغا ئاساسەن دېلوغا ئالاقىدار شەخىسنىڭ پاسپورتىنى تۇتۇپ قىلىشقا بولىدۇ .  O3NWXe<  
ئون ئالتىنچى ماددا پاسپورت ئىگىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت تەۋەلىكىنى يوقاتقاندا ياكى پاسپورت يۈتۈپ كەتكەندە ، ئوغۇرلانغاندا پاسپورت پاسپورت ئىمزالاپ تارقاتقان ئورگان تەرىپىدىن ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ. eX l=i-'  
يالغاندىن ياسىغان ، ئۆزگەرتىپ ياسالغان ، ئالداپ ئىلىنغان ياكى ئىمزالاپ تارقاتقۇچى ئورۇن تەرىپىدىن ئىناۋەتسىز قىلىنغان پاسپورت كۈچكە ئىگە ئەمەس . =GR 'V  
ئون يەتتىنچى ماددا ساختىپەزلىك قىلىپ ئالداپ ئىلىنغان پاسپورت پاسپورت ئىمزالاپ تارقاتقان ئورگان تەرىپىدىن ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ ؛ جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن 2000يۈەندىن 5000يۈەنگىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ؛ جىنايەت سادىر قىلغانلارنىڭ قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ . Cpx+qQt0  
ئون سەككىزىنچى ماددا باشقىلارغا يالغان ، ئۆزگەرتىپ ياسالغان پاسپورت تەمىنلىگۈچىلەر ياكى پاسپورت ساتقۇچىلارنىڭ جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ ؛ جىنايى ئىشلار جازاسىغا توشمىغۇچىلارنىڭ قانۇنسىز ئىرىشكەن مۈلۈكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ ، 10 كۈندىن 15 كۈنگىچە تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ ، 2000يۈەندىن 5000يۈەنگىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ . قانۇنسىز پاسپورت ھەمدە بېسىش ئۈسكۈنىلىرى مۇسادىرە قىلىنىدۇ . 'q%%m/,VPQ  
ئون توققۇزىنچى ماددا يالغان ياكى ئۆزگەرتىپ ياسالغان پاسپورت بىلەن ياكى باشقىلارنىڭ پاسپورتى بىلەن چىگىردىن كىرىپ -چىققۇچىلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى چىگىردىن كىرىپ -چىقىشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى بويىچە جازا بېرىدۇ . UmKX*T9  
يىگىرمىنچى ماددا پاسپورت ئىمزالاپ تارقاتقۇچى ئورگان خىزمەتچىلىرى پاسپورت بېجىرىش جەريانىدا تۆۋەندىكى قىلمىشلاردىن بىرى كۆرۈلسە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ ؛جىنايەت سادىر قىلغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ . ZYtiMBJ  
1.قوبۇللاپ بىر تەرەپ قىلىشقا تىگىشلىكلىرىنى قوبۇللاپ بىر تەرەپ قىلمىغانلار ؛ $GF]/;\m  
2.نامۇۋاپىق سەۋەب بىلەن بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ئىمزالاپ تارقاتمىغانلار ؛ v@u<Ww;=@  
3.دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمدىن ئارتۇق ھەق .ئالغانلار ؛ NyPd5m:  
4.ئىلتىماس قىلغۇچىدىن پار تەلەپ قىلغان ياكى پار قوبۇل قىلغانلار ؛ W."f 8ow  
5.ياساش ، ئىمزالاپ تارقىتىش جەريانىدا ئىرىشكەن شەخسى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىغان ، پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلغانلار ؛ mrZ`Lm#>pS  
6.ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىش ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش ، نەپسانىيەتچىلىك قىلمىشى بارلار ؛ z \?UGxu}  
يىگىرمە بىرىنچى ماددا ئادەتىتكى پاسپورتنىڭ شەكلى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بېكىتىلىدۇ ھەم نازارەت قىلىنىدۇ . #s+X+fe  
يىگىرمە ئىككىنچى ماددا پاسپورت ئىمزالاپ تارقاتقۇچى ئورۇن تەننەرخ ھەققى ، ئىزاھات قوشۇش ھەققى ئالسا بولىدۇ . يىغىلغان تەننەرخ ھەققى ۋە ئىزاھات قوشۇش ھەققى دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ . F!8=FTb  
پاسپورت تەننەرخ ھەققى ۋە ئىزاھات قوشۇش ھەققى ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەن باھا مەمۇرىي تارماقلىرى بىلەن گوۋۇيۈەن مالىيە تارمىقى بەلگىلەپ ئىلان قىلىنىدۇ . ` Q9+k<  
يىگىرمە ئۈچىنچى ماددا چەتكە قىسقا مۇددەتلىك چىققان پۇقرالار چەتئەلدە پاسپورت يۈتۈپ كېتىش ، ئوغۇرلىنىش ياكى بۇز ۇلۇپ ئىشلەتكىلى بولماسلىق ئەھۋاللىرىدا چوقۇم جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا ، كونسۇلخانا ياكى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ھاۋالە قىلغان چەتئەلدە تۇرۇشلۇق باشقا ئورگانلارغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ساياھەت كىنىشكىسى ئىلتىماس قىلىش كېرەك . W^xZ+]  
يىگىرمە تۆتىنچى ماددا پۇقرالار چېگرا سودىسى ، چېگرا ساياھەت مۇلازىمىتى ياكى چېگرا ساياھىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا جامائەت خەۋپسىزلىكى ھاۋالە قىلغان ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەت جامائەت خەۋپسىزلىك چىگىردىن كىرىش - چىقىشنى باشقۇرۇش ئورگانلىرىغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چىگىردىن كىرىش چىقىش يول خېتى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ . D@vMAW  
يىگىرمە بەشىنچى ماددا پۇقرالار دېڭىزچى سالاھىيىتىدە چىگىردىن كىرىپ چىققاندا ۋە چەتئەل پاراخوتلىرىدا خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغاندا چوقۇم قاتناش مىنىستىرلىكى ھاۋالە قىلغان دېڭىز ئىشلىرى باشقۇرۇش ئورگىنىغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دېڭىزچىلار كىنىشكىسى ئىلتىماس قىلىش كېرەك . _bI+QC#   
يىگىرمە ئالتىنچى ماددا بۇ قانۇن 2007-يىلى 1-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ رەسمى يولغا قويۇلىدۇ . بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن ئىمزالاپ تارقىتىلغان پاسپورت ئىناۋەتلىك ۋاقتى ئىچىدە داۋاملىق كۈچكە ئىگە ‹‹ئانا تۇپراق مۇنبىرىگەيوللىغۇچى ئابدۇللاھ››
تېما تەستىقلىغۇچى : yulhun
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-04-16, 21:55
 
BAYKUX
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8609

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   266 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14610 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1440 (قېتم)
 تۆھپە:   1440  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 666
 سائەت
دەرىجىسى:
666 سائەت 104 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-03-23
ئاخــىرقىسى:2013-03-08
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2012-04-16

مەن نىمە دەي ئەمدى؟! JxXjDYrU  
  تېمىڭىزغا  كۆپ رەخمەت سىزگە !! 5@w'_#!)  
خۇدا خالىسا بىزمۇ ئېرىشىپ قالامىز شۇ قەغەزگە..... M9uH&CD6U  
@&~OB/7B:  
M^|"be~{'  
z/eU^2V  

كۈلگىنىمگە ئىشەنمەي ئەلەملەرگە تولىمەن ، خۇدا خالىغان كۈنى كۈلۈپ تۇرۇپ ئۆلىمەن !
sansiz0903

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.238

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   4363 

 نادىرلانغان تېمىسى:   16 

 مۇنبەر پۇلى:   71339 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   7894 (قېتم)
 تۆھپە:   7754  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 11448
 سائەت
دەرىجىسى:
11448 سائەت 302 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-24
ئاخــىرقىسى:2013-06-23
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-04-16

ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ۋە باشقا دۆلەتلەردە تۇغۇلۇپ بولغۇچە نوپۇس دەپتىرىگە ئوخشاش بېسىپ چىقىرىپ، بارلىق ھوقۇقلىرىنى توغرا ئىشلىتەلەيدىكەن... بىر كۈنگە قالمايلا بىجىرىپ بولغىلى بولىدۇ... bzj!d|T`  
ما بىزنىڭ قەدىرلىك زىمىندا بۇنداق ئەمەستە، پاسپورت بىجىرسەڭ 50 مىڭ سوم گۆرۆگە قويساڭ، ساياھەت شىركىتىنىڭ ئىسپاتى، پۇل تۆلىگەن تالون  تاپشۇرساڭ، كەنتىدىن باشلاپ ۋىلايەتكىچە گۇناھسىزلىقىڭنى ئىسپاتلايدىغان بىر تۇتام قەغەز بولمىسا بىكار... ئىسلام دۆلەتلىرىگە بېرىپ قالساڭ 50 مىڭ سوم پۇل يوق، شۇنىڭغا قوشۇپ يەنە بىرە يۈز مىڭ سوم جەرىمانە تۆلەيدىغان گەپ... ئۇفففف PPj6QJ]R0  
p~d)2TC4#  
بەزى ۋاقىتلاردا تۇرۇپ تۇرۇپلا، نىمىشقىمۇ چەتئەللىك بوپ قالمىغان بولغىيتتىم دەيمەن مەن
بۇ يەرگە مىنىڭ 2 يىللىق قان تەرىم سىڭگە، بۇ يەرگە مىنىڭ تور دۇنياسىدىكى ئەڭ يېقىن ئادەملىرىم يىغىلغان...! مەن قايتىپ كەلدىم ئانا تۇپرىقىم!
BAYKUX
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8609

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   266 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14610 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1440 (قېتم)
 تۆھپە:   1440  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 666
 سائەت
دەرىجىسى:
666 سائەت 104 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-03-23
ئاخــىرقىسى:2013-03-08
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-04-16

چەت ئەللىكلەرنىڭ نەزىردە  بولسا  ئىنسان شۇ دۆلەتنىڭلا ئەزاسى ئەمەس بەلكى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئەزاسى دەپ قارىلدۇ شۇڭا شۇ دۆلەتتە تۇغۇلغان ھەربىر ئادەمگە  پاسپورت تارقىتىلدۇ ....بىز بۇ قەدىرلىك زىمىنىمىزدا ...
كۈلگىنىمگە ئىشەنمەي ئەلەملەرگە تولىمەن ، خۇدا خالىغان كۈنى كۈلۈپ تۇرۇپ ئۆلىمەن !
sultan88

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7857

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   821 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1402789 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   4274 (قېتم)
 تۆھپە:   4274  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 12444
 سائەت
دەرىجىسى:
12444 سائەت 296 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-01-14
ئاخــىرقىسى:2013-06-23
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-04-17
3قەۋەتتىكى(BAYKUX) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش

   پىكرىڭىزنى قوللايمەن .  چەتئەلدە 18 گە  تولغانلارنىڭ ھەممىسىگە پاسپورت بېرىدۇ .بىزدە بولسا پاسپورت ئىلىش ئۆچۆن پارىخپرلۇق بىلەن   ئالىدۇ .ھەيييييييييي  ؟؟؟؟؟؟؟  ئېيتقانغا تۆگىمەيدۇ  دەرت ئەلەم .
ئەسسالامى ئەلەيكۇم  .مۇنبەرداشلار
ershad
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1000

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2362 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   80 (قېتم)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 303
 سائەت
دەرىجىسى:
303 سائەت 47 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-19
ئاخــىرقىسى:2012-06-27
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-04-17

پاسپورت ئېلىش نىمە دىگەن مۈشكەل .  ئاللاھ خالىسا بىزمۇ ئىرىشىپ قالامىز .
hiyanatqi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2234

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   12 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2410 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   86 (قېتم)
 تۆھپە:   56  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1937
 سائەت
دەرىجىسى:
1937 سائەت 153 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-05
ئاخــىرقىسى:2013-02-08
ئاپتورنىڭلا6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-04-17

مۇشۇنداق ئاسان پاسپورت بىىرىدىغان ئىش نەدە باردۇ   بەمىگەنلىنىڭ نەپسىگە چوڭ تاتقانلىنى ئەدەپلەيدىغانلا نەدە بادۇ  .بولسا مەن بىر ئالاقىلاشسام.
gayyur
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5204

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   130 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6179 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   618 (قېتم)
 تۆھپە:   618  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1701
 سائەت
دەرىجىسى:
1701 سائەت 189 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-12
ئاخــىرقىسى:2013-06-12
ئاپتورنىڭلا7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-04-17

پاسپۇرىت ئالماق نىمانداق تەس   كۇنلەر نىڭ بىرىدە بىز گىمۇكىلە  ئاشۇنداق پۇرسەتلە
xamxar111

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1313

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1246 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   65806037 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   6638 (قېتم)
 تۆھپە:   6608  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 9692
 سائەت
دەرىجىسى:
9692 سائەت 198 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-03
ئاخــىرقىسى:2013-03-25
ئاپتورنىڭلا8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-04-17

بىزلەرنى گۇمالىق دەپ قارايدۇ  ...... شۇڭا  بەرمەيدۇ  ئۇ قەغەزنى ...
jiuxing

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2063

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   608 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   29556 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2799 (قېتم)
 تۆھپە:   2766  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5688
 سائەت
دەرىجىسى:
5688 سائەت 252 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-19
ئاخــىرقىسى:2013-06-19
ئاپتورنىڭلا9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-04-17

ھەقىقەتەن بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ياخشى تېما ئىكەن .... (o4':/es  
شۇنىسى پاسپورت بىجىرىدىغانلار بۇنى ئوقۇمايدۇ - دە
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى