باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       973 
  •    ئىنكاس 
       3 

ئىنساننىڭ دىنى تەبىئىتى.

قەۋەت ئاتلاش
ھەققانى

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7803

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   598 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   37307 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3597 (قېتم)
 تۆھپە:   4597  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 10583
 سائەت
دەرىجىسى:
10583 سائەت 217 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-01-09
ئاخــىرقىسى:2013-09-12

بىز ئۇلۇغ ئاللاھنى بۇ دۇنيادا ئوچۇق كۆرەلمەيمىز. لېكىن پۈتكۈل مەۋجۇدات ۋە مەخلۇقاتنىڭ، ھادىسىلەر ۋە سەۋەپلەرنىڭ ئارقىسىدا ئۇنىڭ بارلىقى قەتئىي بىر ھەقىقەتتۇر. ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى تونىغان ۋاقتىمىزدا ئىگىمىز ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىمىز. شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، بارلىققا كېلىشىمىزنىڭ مەركىزىدە ۋە ئەڭ چوڭقۇرىدا ئۇلۇغ ئاللاھ بار. بىزنىڭ بەخت - سائادەتكە ئېرىشىشىمىز، كۆڭلىمىزنىڭ ئارام تېپىشى ئۇلۇغ ئاللاھ تائالاغا ئېسىلىش ۋە ھەر دائىم ئۇنى ياد ئېتىپ تۇرۇشقا باغلىقتۇر. مانا بۇ ئىنساننىڭ تۇغۇلما دىنىي تەبىيئىتىدۇر. مانا بۇ يەردىن مەلۇم بولىدۇكى، ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش ئۆز كىملىكىمىزنى ئەسلەش بىلەن، ئاللاھنى ئۇنۇتۇش ئۆز كىملىكىمىزنى ئۇنتۇغان بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « سىلەر ئاللاھنى ئۇنتۇغان، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ظۇلارغا ظأزلىرىنى ظۇنتۇلدۇرغان كىشىلەردەك بولماڭلار، ظەنە شۇلار پاسىقلاردۇر.» [ھەشر: 19] « ظۇلار ئاللاھنى ظۇنتۇدى، ئاللاھمۇ ظۇلارنى ظۇنتىدى. شىۈبەسىزكى، مۇناپىقلار پاسىقلاردۇر.» [تەۋبە: 67] I7G,`h+H  
*Hunp Y  
كىملىكىمىزنىڭ ئەسلى مەنبىئى بولغان ئاللاھ تائالا ۋۇجۇدىمىزدا ۋە بىزنى قورشاپ تۇرغان كائىناتتا سانسىز ئىشارەت، دەلىل، ئىز - بەلگىلەر بىلەن بىزگە ئۆزىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. قۇرئان كەرىمدە «ظۇلارغا بىز (ظاسمان- زېمىن) ظەتراپىدىكى ۋە ظأزلىرىدىكى (قۇدرىتىمىزگە دالالەت قىلىدىغان) ظالامەتلەرنى كأرسىتىپ تۇرىمىز...» [فۇسسىلەت: 53] tlGWl0V?7Q  
&yLc1#H  
ھەقىقەتنى تېپىشنى خالىغان كىشى ئۈچۈن سانسىز يوللار بار. ئەقلىنى، ۋىجدانىنى ۋە باشقا ئىنسانىي قابىلىيەتلىرىنى توغرا ۋە ئۆز يولىدا ئىشلەتكەن كىشى ئۈچۈن دىن يولى تەبىيئىي ۋە ئەپزەل يولدۇر. قەلب كۆزى ۋە ئىمان بىلەن قاراش تەبىيئەتنىڭ چوڭقۇر مەنەلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. يۈزەكى بىر قاراشقا كۆرە پاشا قەدىرسىز بىر ھاشارەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئىمان كۆزى بىلەن قارىغانلار ئۈچۈن ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان بىر ھەقىقەتتۇر. «ئاللاھ ھەقىقەتەن پاشا ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كىچىك نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىشتىن تارتىنىپ قالمايدۇ. مۆمىنلەر بولسا ئۇنى پەرۋەردىگارىدىن كەلگەن بىر ھەقىقەت دەپ بىلىدۇ. كاپىرلار بولسا "ئاللاى بۇ نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كمەلتۈرۈشتىن نېمىنى ئىرادە قىلىدۇ؟" دەيدۇ. ئاللاھ بۇ مىسال بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەرنى ھىدايەت قىلىدۇ. شۇ ئارقىلىق پاسىقلارنىلا ئازدۇرىدۇ.» [بەقەرە: 26]   VGZ6  
]>8)|]O6n  
ئاللاھ تائالانى بىلىش، ئاللاھ تائالانى سۆيۈش، ئاللاھ تائالاغا باغلىنىش ۋە ئاللاھ تائالاغا قۇل بولۇشقا رازى بولۇش ئۆزىنى بىلگەن ئىنساننىڭ بارىدىغان ئەڭ ئاخىرقى نۇقتىسىدۇر. دىن بىزگە كېيىن ئۆگىتىلگەن ۋە سىرتتىن بېسىم ئارقىلىق مەجبۇرىي تېڭىلغان بىر نەرسە ئەمەس. دىننىڭ يىلتىزى، مەنبىئى ۋە ئۇرىغى يارىتىلىشىمىزنىڭ ئىچىدە مەۋجۇتتۇر. ئۇلۇغ ئاللاھ ئۆز ئەسىرى بولغان بارلىق نەرسىگە موھۇرىنى باسقاندۇر. نىجاتلىققا ئېرىشىش ۋە بەختلىك بولۇشنىڭ بىردىنبىر يولى ئاللاھغا قۇللۇق قىلىش ۋە ئاللاھ ئاتا قىلغان بۇ گۈزەل ۋە تەبىيئىي دىنغا ئەگىشىشتۇر. «ئاللاھنىڭ دىنىدا چىڭ تۇرۇڭلار، ئاللاھنىڭ دىنىدىن ياخشى كىمنىڭ دىنى بار؟ بىز ئاللاھغا ظىبادەت قىلغۇچىلارمىز.» [بەقەرە: 138] 9p*-?kPb  
5-w:c>  
ئاللاھ تائالانىڭ بارلىق پەيغەمبەرلىرى ئىنساننىڭ قەلبىدىكى بۇ ئىلاھىي موھۇرنى ئېچىش ۋە ئىنسانغا ئۆزىنى تونۇتۇش ئۈچۈن تىرىشقاندۇر. ئۆزىنى ئالداش قىسمىقىغا چۈشكەنلەر، ھەقىقەتكە كۆزىنى يۇمۇۋالغانلار، خاتا ۋە يامان قىلىقلىرىنى تەرك ئەتمىگەنلىك سەۋىبى بىلەن قەلب كۆزى ئېتىلگەنلەردىن باشقا ھەممە ئىنسانلار بۇ ئىلاھىي دىندا ئۆزىنى تاپقان ۋە بىلگەندۇر. ئۆزگەرمەيدىغان بۇ فىترىي قانۇن قىيامەتكىچە كۈچكە ئېگە بولۇپ، ئۇنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئەمەس. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «باتىل دىنلاردىن بۇرۇلۇپ ئىسلام دىنىغا يۈزلەنگىن، ئاللاھنىڭ دىنىغا ئەگەشكىن. ئاللاھ ئۇنسانلارنى شۇ دىن بىلەن ياراتقان. ئاللاھنىڭ ياراتقىنىدا ئۆزگۈرۈش بولايدۇ. بۇ توغرا دىندۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمددۇ.» [رۇم 300] ]o*$h$?s  
v#Upw\!  
ئىنساننىڭ دىنىي تەبىئىتى زەئىپ ياكى تەسىرسىز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. لېكىن ھېچبىر ۋاقىت ئۇنى يوقاتقىلى بولمايدۇ. دىن ھىسسىياتى يارىتىلىشىمىزدىن تارتىپ ئىچىمىزدە مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە. ئاللاھ تائالانى ياد ئېتىش، ئۇنىڭغا يۈزلىنىش ئىنسان ھاياتىنىڭ ئەسلى مەقسىدىدۇر. ئاللاھنى ئۇنتۇپ، نەپسىنىڭ خاھىشى بويىچە ياشاش بولسا بۇ مەقسەتنى يوقاتقانلىقتۇر. ئاللاھ تائالاغا ئىشىنىش مۇسۇلماننىڭ ھاياتىدا ئەڭ ئۈستۈن ۋە قىممەتلىك ئورۇننى ئىگەللەيدۇ. دىندىن يىراق بىر ھايات، ئىنسان كىملىكنىڭ پارچىلىنىشى ۋە پارچىلار ئارىسىدا بوغۇلۇشى دېگەنلىكتۇر. Fu##'#  
,8VXA +'_  
بۇ دۇنيادا كۆڭلىمىزگە ياقىدىغان، بىزنى تەسىرى ئاستىغا ئېلىپ ئارقىسىدىن سۆرەيدىغان ناھايىتى كۆپ نەرسىلەرگە دۇچ كېلىمىز. ئەينى شەكىلدە ھەرخىل غەم - قايغۇ ، خەۋپ - خەتەرلەرنىڭ ياقىمىزنى قويۇپ بەرمەيدىغانلىقىمۇ بىر ھەقىقەتتۇر. دىنىي ئاساسلار بىلەن ھاياتىنى رەتكە سالمىغان كىشى ئۈچۈن ھەر ئارزۇ ۋە ئىستەكنىڭ چوقۇنىدىغان ئىلاھقا ئايلىنىشى مۇمكىن. ھەر ئەندىشە ئىنساننى باشقىسىغا بويسۇنغۇچى قىلىشى ياكى ئۈمىدسىزلىك كىملىك غۇرۇرىنىڭ يوقىلىشىغا ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. ئاللاھغا قۇل بولۇشقا رازى بولمىغانلار ئۆزىنىڭ ھاۋايى ھەۋەسلىرىگە ياكى جەمئىيەتتە ئومۇملاشقان ئۆرپ ئادەتلەرگە قۇل بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۇل، مەنسەپ، شۆھرەت، ئىدىلوگىيە، جىنسىي ھەۋەس، مودا، ئۆزىنى كۆرسىتىش، سپورت، ئويۇن - تاماشا، ھاراق، خىرويىن ۋە باشقا يامان قىلىقلار ئۇنىڭ ھاياتىنى پۈتۈنلەي كونترول ئاستىغا ئالىدۇ. يارىتىلىشتىن كەلگەن تۇغما دىنىي تەبىيئىتىدىن يىراقلاشقان بىر كىشىنىڭ ھەقىقىي ھۇزۇرغا ئېرىشىپ بەختلىك بولۇشى ئىمكانسىزدۇر. ]!aUT&  
KPggDKS  
  مەنبە مەرىپەت مۇنبىرى.
تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-04-15, 17:09
خەتكۈچ: ئەسەر
 
13629982958
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8724

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   202 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   12267 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1210 (قېتم)
 تۆھپە:   1210  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1406
 سائەت
دەرىجىسى:
1406 سائەت 114 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-04-06
ئاخــىرقىسى:2013-06-20
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2012-04-15

ئاللا رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم ،بەك ياخشى تىما يوللاپسىز،
دوست ئۈچۈن ئۆلۈش قىيىن ئەمەس،لىكىن .ئۆلۈشكە تىگىشلىك دوست تىپىش قىيىن
xamxar111

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1313

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1247 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   65806042 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   6639 (قېتم)
 تۆھپە:   6609  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 9692
 سائەت
دەرىجىسى:
9692 سائەت 198 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-03
ئاخــىرقىسى:2013-09-02
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-04-15

يارىتىلىشتىن كەلگەن تۇغما دىنىي تەبىيئىتىدىن يىراقلاشقان بىر كىشىنىڭ ھەقىقىي ھۇزۇرغا ئېرىشىپ بەختلىك بولۇشى ئىمكانسىزدۇر. 3::3r}g  
Hs:4I  
---------------------- =oL8d 6nI  
W~XV  
     ئەگەر بەخىتنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ، بەخىت يەنە قايسى بەخىتكە باشلاپ بارىدىغىننى،  ئۆزلىرىنىڭ بەخىت دەپ قوغلىشىپ يۈرگەن بەختنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ، ئۇبەختى قايسى تالاپەتلەرگە باشلاپ بارىدىغىننى بىلسە ئىدى .   A }>|tm7|  
     قىلغان قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ ھەق تەرەپكە ئۆمىلەپ بولسىمۇ قايتىپ كەلگەن بۇلاتتى .
     @+0@BO1 2  
Yv#J`b@y  
B-y0;0  
VTy,43<  
\N#HPrv}  
^]#Ptoz^(l  

gayyur
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5204

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   130 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6179 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   618 (قېتم)
 تۆھپە:   618  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1701
 سائەت
دەرىجىسى:
1701 سائەت 189 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-12
ئاخــىرقىسى:2013-08-20
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-04-16

رەھمەت قىرىندىشىم
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى