[
bW7tJ &HNJ' be |k"s|6) ھىندونېزىيە دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باش مىنىستىرى سۇريەدھارما ئەلى
BuCU_/H :z_D?UQ Py^F},?J Ol`/r@s ھىندونېزىيە نۆۋەتتە شەھۋانىيلىققا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھەسىدە خوتۇن-قىزلارنىڭ كالتە يوپكا كىيىشنى چەكلىگەن، چۈنكى كوچىلاردا خوتۇن-قىزلار بۇنداق كىيىۋالغاندا، ئەرلەرنىڭ جىنايەت تۈسىنى ئالغان بولمىغۇر ئىشلارنى قىلىپ سېلىشىدىن ساقلىنىش تەس ئىكەن.
(\{9W دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باش مىنىستىرى سۇريەدھارما ئەلى مۇنداق دېدى:« ھازىرقى مەسىلە خوتۇن قىزلارنىڭ يوپكىنى تېزىدىن ئاشۇرماي كىيىشنى مەزكۇر قانۇندىكى بىر ئۆلچەم قىلىش كېرەكمۇ يوق، دېگەندىن ئىبارەت».
E{[c8l2B ئەلى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، مەزكۇر شەھۋانىيلىققا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھىسىنى يېزىشقا مەسئۇل بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنچى بولۇپ قىلغىنى خوتۇن قىزلارنىڭ كالتە يوپكا كىيىشنى چەكلەش ئىكەن.
W$O^IC ھىندونېزىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى مارزۇكى ئالې يېقىنقى كۈنلەردە كالتە يوپكا ئىشىغا نىسبەتەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن:« ئۇ ئۆزىنىڭ نىشانىنى بىر قىسىم ئايال go-vern-ment ئەمەلدارىغا قاراتقان». ئۇ زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:«مەن go-vern-ment نىڭ ئايال ئەمەلدارلىرى ۋە شىركەتلەردىكى خوتۇن-قىزلارنىڭ كالتە يوپكا كىيىشىنى چەكلەش تەكلىپىنى بېرىمەن. بىز يېقىندا يۈز بەرگەن نۇرغۇن ئىشلارنىڭ ئەخلاققا مۇخالىپ كېلىدىغان قىلمىشلار ئارقىلىق يۈز بەرگەنلىكىنى بايقىدۇق. بۇنىڭدىن ئاساسلىق سەۋەب، خوتۇن-قىزلار ئۆزىگە لايىق، پەردىشەپ بىلەن كىيىنمىگەن، يوتىسى ئوچۇق، مەيدىسى ئوچۇق، يەنە ... ئوچۇق كىيىملەرنى كىيىپ، يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغان، سىلەر ئەرلەرنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىسىلەر، خوتۇن-قىزلارنىڭ قىسقا كىيىم كىيىشى ئۇلارنىڭ جىنايى تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ».
=QHW>v مۇھەررىر باھاسى: ھىندونېزىيە تىپىك ئىسلام دۆلىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر دۇنيادا مۇسۇلمانلار قايسى دۆلەتتە ئەڭ كۆپ، دەپ سورىسا، نۇرغۇن تورداشلار «سەئۇدى ئەرەبىستانى» دەپ جاۋاب بېرىشى مۇمكىن، خاتا، ھىندونېزىيىدە پۈتۈن يەرشارى بويىچە مۇسۇلمانلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولۇپ، پۈتۈن نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن %87 تى مۇسۇلمانلار ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇن بىز تاراتقۇلار ئارقىلىق ھىندونېزىيىدە كىچىك قىزلارنىڭ خەتنىسىنى قىلىدىغان بىر ئادەتنى كۆرۈپ ئۆتكەن. بۇمۇ دەل قىزلارنىڭ چوڭۇپ يېشىغا يەتكەندە يولدىن چىقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر. ئەمدىكى ھىندونېزىيىنىڭ «خوتۇن-قىزلارنىڭ كالتە يوپكا كىيىشى» نى شەھۋانىيلىققا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھىسىگە كىرگۈزگەنلىكىدە! بۇ قىلمىش نېمىشقا قانۇن دائىرىگە سۆرەپ كېرىلىدۇ؟ چۈنكى ئەخلاق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئاجىزلىق قىلىپ قالدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بۇ مەسىلىنى قانۇنىي يوللار بىلەن ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ئۈستىدە ئىزدەندى.
yv=LT~ مۇسۇلمانلار ئەزەلدىن ناھايىتى پاكىز، شەرمى-ھايالىق، ئەخلاق-پەزىلەتلىك جامەدۇر. كىيىم-كېچەك ۋە يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە ئۆزىمىزنىڭ تارىختىن بۇيان ئىزچىل ھالدا قەدىرلەپ كېلىۋاتقان مۇقەددەس ئەقىدىمىز بار. قىز-ئاياللارنىڭ بۇنداق باشباشتاق بولۇپ كېتىشى، كوچا-كويلاردا قوڭالتاق كىيىملەرنى كىيىم، ئەرلەرنى يامان تۇيغۇلارغا باشلىشى توغرا دىنىي ئەھكاملارغا مۇخالىپ كېلىدىغان قىلمىشلاردۇر. بويىغا يىتىپ قالغان بىر قىزنىڭ شۇنداق ئېچىۋېتىلگەن كىيىملەر بىلەن كۆز ئالدىمىزدا يۈرۈشى ئەسلى بىز ئەرلەرگە قىلىنغان ھاقارەت، ئۆزىگە نىسبەتەن ئىچكى خورلۇق! ھىندونېزىيىدىكى مەزكۇر ھادىسە كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. بۇنداق ھادىسىنى رايونىمىزدىكى خوتۇن-قىزلىرىمىزدىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. بىز شەرمى-ھايالىق خوتۇن-قىزلىرىمىزنىڭ يەنىلا ئۆزىنىڭ گۈزەللىكىنى ئېسىل، لاتاپەتلىك كىيىملىرى بىلەن نامايان قىلىشىنى، بۆشۈكتىكى بالىدەك يېرىم-يالىڭاچ بولۇۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.
XaW@CW UK*+EEv مەنبە : نۇر تورى