*&PgDAQ &p%c tg #Nd+X@j تەبىئەت بىلەن سىردىشىپ، ئۇنىڭ ھاياتلىق ساداسىغا ھەر ۋاقىت جۆر بولۇپ ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇر خەلقى ئۇزاق ئەسىرلەر مابەينىدە ياراتقان تۈرلۈك مەدەنىيەتلەر ئىچىدە ناخشا – ئۇسسۇل مەدەنىيتى ئۆزىنىڭ يارقىن جۇلاسى بىلەن مەيلى تارىخنىڭ تۈرلۈك بوران – چاپقۇنلىرىدا بولسۇن، مەيلى تىنچ، بەختىيار، ئاسايىشلىق كۈنلەردە بولسۇن، مەيلى تارىخنىڭ ھەرقايسى تەرەققىيات باسقۇچلىرىدا بولسۇن ھامان ئۇلارنىڭ شاد – خۇراملىقىغا ۋە غەم – قايغۇلىرىغا ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇپ كەلدى. شەرق مۇزىكىسىنىڭ گۆھىرى، ئۇيغۇر مۇزىكا مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرى ھېسابلانغان مۇقام سەنئىتى، خەلق ناخشا – مۇزىكىلىرى ئەنە شۇنداق ھەمنەپەسلىكنىڭ، تەقدىرداشلىقنىڭ يارقىن نامايەندىسى.
pqr"x2=. تالاي ئەسىرلەر مابەينىدە ناخشا – مۇزىكا مەدەنىيىتىمىزنىڭ بەرپاچىلىرى سانالغان ئۇيغۇر خەلقى جۈملىدىن سەنئەتكارلار مۇقاملاردىن شۇنداقلا خەلق ناخشا – مۇزىكىلىرىدىن ئۆزىگە ئىلھام، مەدەت ۋە قىممەتلىك روھىي ئۇزۇق ئېلىپ، ئىجادىيىتىنى يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرگەن ھەم بىزگە ئاجايىپ مول مەنىۋى مىراسلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن.
Sce9R?II قۇددۇس غوجامياروف، ھېكىم ھەسەن، ئىسكەندەر سەيپۇللا، ياسىن مۇخپۇل، ھۈسەنجان جامى ۋەكىللىكىدىكى نۇرغۇن كومپوزىتور، سەنئەتكارلىرىمىز سەنئەتلىك تارىخىمىزنىڭ يېقىنقى زاماندىكى تۆھپىكارلىرى سۈپىتىدە تارىخنىڭ ئالتۇن بەتلىرىدىن ئورۇن ئالدى. ئەنە شۇلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ يەنە نۇرغۇن ياش تالانتلىق، بىلىملىك، ساپالىق مۇزىكانتلىرىمىز، كومپوزىتورلىرىمىز ئارقا – ئارقىدىن يېتىشىپ چىقىپ، ئۇيغۇر سەنئىتىگە يېڭىدىن ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلماقتا.
`WT7w']NT ئاتاقلىق كومپوزىتور، ناخشىچى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ كەسپىي ئىجادىيەتچىسى زاھىر بۇرھان ئۆزىنىڭ بىر تۈركۈم يىرىك ئىجادىيەتلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ قەلب تۆرىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانتلىق سەنئەتكاردۇر. ئۇ ئورۇنلىغان 《ئاتا ۋە ئانا》، 《كىروران گۈزىلى》، 《ئەي بالىلار》، 《ھىجران ناخشىسى》، 《دوستلار سەمىگە》قاتارلىقلارغا ئوخشاش نۇرغۇن ئىجادىي ناخشىلار خەلقىمىز ئەڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ناخشىلار جۈملىسىدىندۇر.
DXGO-]!!0 تالانتلىق ياش سەنئەتكار زاھىر بۇرھان 1968- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. ئۇ دادىسى ھەم ئۇستازى بۇرھان ناسىرنىڭ يېتەكلىشى بىلەن بەش ياش چېغىدىن باشلاپلا مۇزىكىغا ئىشتىياق باغلاپ، ئىسكىرىپكا چېلىشنى ئۆگىنىشكە باشلىغان. شۇ چاغلاردا ئىسكىرىپكا تارىسىدىن چىققان يالقۇنلۇق كۈيلەر ئۇنىڭ بالىلىق قەلبىگە سەنئەتنىڭ ئۆچمەس ئوتلىرىنى ياققانىدى. ئۇ تىنىمسىز، جاپالىق مەشىق قىلىش ئارقىلىق باشلانغۇچ مەكتەپ ھاياتىدىلا ئىسكىرىپكا چېلىشتا خېلى يۇقىرى ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى، بولۇپمۇ مۇزىكا جەھەتتىكى تەبىئىي تالانتىنى نامايەن قىلىشقا باشلىغانىدى. 1983- يىلى 9- ئايدا ئائىلىسى بىلەن ئاقسۇغا كۆچۈپ بارغان زاھىر بۇرھان ئاقسۇ سەنئەت مەكتىپىنىڭ مۇزىكا كەسپىگە قۇبۇل قىلىنغان. ئۇ، بۇ يەردە مۇزىكا كەسپى بويىچە ئەتراپلىق بىلىم ئىگىلەش ئىمكەنىيىتىگە ئېرىشىدۇ ھەم سەنئەت مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىرگەن تۇنجى يىلىلا <<ۋاپاسىز يار>> ناملىق بەدىئىيلىكى يۇقىرى شۇنداقلا لىرىك ھەم جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ناخشىنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلەپ، مۇزىكا ئىجادىيىتىدىكى تۇنجى قەدىمىنى باسىدۇ.
5 9vGLN!L زاھىر بۇرھان 1986- يىلى 7- ئايدا مەكتەپ پۈتكۈزۈپ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنىدۇ. قەلبىگە ئۇلۇغۋار ئارزۇ – ئارمانلارنى پۈككەن بۇ ياش سەنئەت شەيداسىنىڭ يۈرىكىدە سەنئەتكە بولغان ئوتلۇق مۇھەببەت، تىرىشىش ۋە ئىزدىنىش روھى ھەر قاچان جۇش ئۇرۇپ تۇراتتى. شۇنداق قىلىپ، كەلگۈسىدىكى بىر ياراملىق كومپوزىتورنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان تالانتى ۋە بەدىئىي ماھارىتى تارىم باغرىدىكى سەنئەتنىڭ بۇ خىلۋەت باغچىسىدا ئاستا – ئاستا بەرق ئۇرۇپ مېۋە بېرىشكە باشلايدۇ.
Pm_= ئۇ 1990- يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەنئەت ئۆمىكىگە يۆتكىلىپ كېلىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە جاسارەت بىلەن ناخشا تېكىستى ئىجادىيىتى، مۇزىكا ئىجادىيىتى ۋە ئورۇنلاشتىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم ھالقىنى تەڭ تۇتۇپ، ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا خەلقىمىزگە مول ئېستېتىك زوق بېغىشلايدىغان، نۇرغۇن ناخشىلارنى ئىجاد قىلدى ھەم ئۆزىنىڭ كۆپ قىرلىق تالانتىنى ھەقىقىي نامايەن قىلدى. زاھىر بۇرھاننىڭ <<كىروران گۈزىلى>>، <<ھىجران ناخشىسى>>، <<دوستلار سەمىگە>>، <<ئاتا ۋە ئانا>>، <<دېھقان ئاكا>>، <<ئەي بالىلار>>، <<ئائىلە>>، <<سۆيگۈ ئىزلەيمەن>>، <<ۋەتىنىم>>، <<يېڭى نازىركۇم>>، <<كەچۈر ئانا>>، <<كۈي ۋە ئىنسان>> قاتارلىق نۇرغۇن ئىجادىيەتلىرى خەلقىمىزنىڭ ناخشا – مۇزىكا سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشۇلغان تۆھپە سۈپىتىدە، خەلقىمىزنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ <<ئالدانغان ئەقىدە>>، <<ئىسسىق قان>>، <<بۇلاق>>، <<ئوت>> قاتارلىق دىراما ۋە ئۇسسۇلۇق ئوپېرالارنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلەپ، ئۆزىنىڭ مۇزىكا ئىجادىيىتىدە كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇققا شۇنداقلا يۈكسەك بەدىئىيلىككە قاراپ ماڭغان قابىل كومپوزىتور ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلدى. بۇلار ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ناخشا – مۇزىكا ئىجادىيىتى جەھەتتە جاپالىق ئىزدىنىپ، يېڭىلىق ياراتقانلىقىنىڭ مەھسۇلى.
+x2xQ8#|~~ زاھىر بۇرھاننىڭ ھازىرغىچە ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ مۇزىكىسىنى ئىشلىگەن <<دولانلىقلار>> ناملىق ئۇسسۇل 1991- يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇسسۇل مۇسابىقىسدە مۇنەۋۋەر ئۇسسۇل ئىجادىيىتى مۇكاپاتىغا، شۇ يىلى 9- ئايدا مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇسسۇل مۇسابىقىسىدە 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئۇ ئىجاد قىلغان مۇزىكىلار، ئورۇنلىغان ناخشىلار خەلقىمىزنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرى بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ كەتكەچكە ئۇنىڭدىن ئوخچۇپ چىقىۋاتقان ئۈزۈلمەس مېلودىيەلەر دىللارغا جۇشقۇن روھ، ئىنسانىي مېھىر – مۇھەببەت ۋە ھەقىقىي گۈزەللىك بېغىشلاپ، ناخشا – مۇزىكىنىڭ مەنىۋى قۇدرىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.
6>Cubb> ھازىرغىچە زاھىر بۇرھاننىڭ مۇزىكىلىرى ھەم ناخشىلىرى كىرگۈزۈلگەن <<بىر تامچە ياش>>، <<تۇمان>>، <<مەڭگۈ تاش>>، <<يەركەنت قىزى>>، <<كىروران گۈزىلى>>، <<ئاتا ۋە ئانا>>، <<بىز تەكلىماكان ئادىمى>>، <<ئاھ، نۇزۇگۇم>>، <<يەتتە قىزلىرىم>>، <<ئۇنتۇلغان روھ>>، <<بۈگۈن شەنبە>> قاتارلىق كۆپلىگەن ئۈنئالغۇ لېنتىلىرى ۋە پىلاستىنكىلىرى نەشر قىلىندى. 1999- يىلى 9- ئاينىڭ 21- كۈنى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى <<زاھىر بۇرھان ناخشا – ئىجادىيەت كېچىلىكى>> ناملىق چوڭ تىپتىكى سەنئەت پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ، بۇ ياش، تالانتلىق كومپوزىتور ھەم ناخشىچىغا كۈچلۈك ئىلھام بەردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ لىرىك مۇزىكىلىرى ۋە ئاممىباپ ناخشىلىرىنىڭ سېھرىي كۈچى ھەم تەسىرى يەنە بىر قېتىم كېڭەيدى.
Qi61(lK يېقىنقى يىللاردا زاھىر بۇرھان يەنە <<مۇختار بۇغرا ئىجادىيەت – سەنئەت كېچىلىكى>>دە <<تىكەن پەسكى>> ناملىق ناخشىنى، <<مەشرەپ>> پىروگراممىسىدا << دۆڭكۆۋرۈك >> ناملىق ناخشىنى ئورۇنلىدى. <<قايتىلانغان چۈش>>، <<چوڭ بولمىغان تۇداخۇن>>، <<سىرداش بىر كۈن>>، <<چىرايلىق پەرىدە>> قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلىگەن. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ <<مەشرەپ>> پىروگراممىسى سۈرەتكە ئالغان <<توقسۇ ناۋاسى>> ناملىق چوڭ تىپتىكى مەشرەپ پائالىيىتنىڭ بارلىق مۇزىكا ئىجادىيەت، ئاككورتلاش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان ھەم ئۆزىمۇ <<جەننىتىم توقسۇ>> ناملىق ناخشىنى ئىجاد قىلىپ ئورۇنلىغان. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 1000 مەيداندىن ئارتۇق ئويۇن قويۇپ خەلقىمىزنىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغان ۋە ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدىغان قەدىرلىك ناخشىچىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ <<مەدەنىيەت بوستانى>> ۋە <<قار لەيلىسى>> پىروگراممىلىرىدا مۇزىكا ئىجادىيىتى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتى دېگەن تېمىلاردا تەكلىپ بىلەن سۆزلەپ، مۇزىكا نەزەرىيەسى جەھەتتىمۇ بەلگىلىك چوڭقۇرلۇق ھاسىل قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.
8\9EDgT مۇزىكا ئىنسان روھىنىڭ ئاچقۇچى. ئۇ ئىنساننىڭ روھىغا ئازادىلىك ۋە شادلىق بېغىشلايدۇ. ناخشا – مۇزىكىنىڭ سېھرىي قۇدرىتى بىلەن قەلبىگە گۈزەل تۇيغۇلارنى بەخشەندە قىلىپ ياشاپ كېلىۋاتقان زاھىر بۇرھان ھازىرغىچە 100 دىن ئارتۇق ئۇسسۇل مۇزىكىسى، 500 گە يېقىن ناخشا ئىجاد قىلغان ھەم <<ئىسسىق قان>>، <<بۇلاق>> قاتارلىق ئۇسسۇلۇق ئوپېرا ۋە دىرامىلارنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلىگەن.
y)}aySQK^ زاھىر بۇرھاننىڭ ئىجادىيەتلىرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سەنئەت ساھەسىدە زور تەسىر قوزغاپ، بۇ تالانتلىق كومپوزىتور ھەم ناخشىچىغا نۇرغۇن شان – شەرەپلەرنى ئېلىپ كەلدى. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيۇشتۇرغان <<خەلق ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئۇيغۇر سەنئەت چولپانلىرى>>نى باھالاش پائالىيىتىدە <<ئەڭ ياخشى 10 سەنئەتكارنىڭ بىرى>> ھەم <<ئەڭ ياخشى 10 ناخشىچىنىڭ بىرى>> بولۇپ باھالانغان. مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيۇشتۇرغان <<جۇڭگودىكى كىشىلەر ئەڭ كۆپ تەلەپ قىلغان ۋە ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ناخشىلارنى باھالاش پائالىيىتى>>دە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كۆرسەتكەن <<ئاتا ۋە ئانا>> ناملىق ناخشىسى 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا نائىل بولغان. ئىسكىرىپكا بىلەن ئورۇنلىغان <<تارىمغا سەپەر>> ناملىق مۇزىكىسى ئاپتونوم رايون بويىچە 1- دەرىجىلىك ئىجادىيەت ھەم ئورۇنداش مۇكاپاتىغا، غىجەك بىلەن ئورۇنلىغان <<مۇزىكا ۋە مەن>> ناملىق ئەسىرى <<مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر چالغۇچىلىرى مۇسابىقىسى>>دە 2- دەرىجىلىك ئىجادىيەت ھەم ئورۇنلاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئۆزى ئىجاد قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلىغان <<ھىجران ناخشىسى>>، <<ۋاپاسىز يار>>، <<ئەي بالىلار>>، <<كىروران گۈزىلى>>، <<ئاتا ۋە ئانا>>، <<دوستلار سەمىگە>>، <<نورۇز قىزى>> قاتارلىق 50 كە يېقىن ۋەكىللىك خارەكتېرگە ئىگە ناخشىلىرى خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ، كىشىلەر ئەڭ سۆيۈپ ئاڭلايدىغان ھەم ئېيتىدىغان ناخشىلارغا ئايلاندى.
#OWSy'Qnt سەنئەتنىڭ چېگرىسى يوق، ئۇنىڭدىن ھەرقانداق ئادەم ئۆزىگە تەۋە ھوزۇرنى ۋە شادلىقنى تاپالايدۇ. زاھىر بۇرھانمۇ ئەنە شۇنداق سەنئەتتىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك ۋاستە ئارقىلىق كىشى قەلبىگە گۈزەللىك ئاتا قىلغۇچى ئوت يۈرەك سەنئەتكار بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇيغۇر ناخشا – مۇزىكا سەنئىتىنىڭ يۈكسىلىشىگە مۇناسىپ تۆھپە قوشتى.
K?4(o u يۇقىرىدا بىز ئاتاقلىق كومپوزىتور ھەم ناخشىچى زاھىر بۇرھاننىڭ ھاياتى پائالىيىتى بىلەن تونۇشۇپ چىقتۇق. بىز ئاخىرىدا بۇ ياش سەنئەتكارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە خاتىرجەملىك تىلەش بىلەن بىرگە، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەت ھاياتىغا تېخىمۇ بەرىكەتلىك مۇساپىلەرنى تىلەيمىز.
8(}sZ)6 مەنبە : ئەپەندى تورى
0 *\=Q$Yy