باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1264 
  •    ئىنكاس 
       0 

دۇنيا بويىچە ئەڭ بىخەتەر جاي ياۋرۇپامۇ ياكى ئاسىيامۇ

قەۋەت ئاتلاش
erpan好孩
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8059

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   86 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8409 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   835 (قېتم)
 تۆھپە:   835  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2130
 سائەت
دەرىجىسى:
2130 سائەت 170 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-02-04
ئاخــىرقىسى:2013-04-10

   [ئامېرىكا «دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلى تور بېكىتىنىڭ 31-مارت ماقالىسى] ھازىر شەرقىي شىمال ئاسىياغا نىسبەتەن ئىككى خىل قاراش بولۇپ، بىرى، بۇ رايوننى دۇنيادىكى ھەمىشە جىددىي ئەھۋال كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان جاي، داۋالغۇش يۈز بېرىپ تۇرىدىغان جاي ۋە يوشۇرۇن ئاپەت رايونى، دەپ قاراش. ياپونىيە بىلەن جۇڭگونى ئېلىپ ئېيتساق، بىرى، ئەنئەنىۋى چوڭ دۆلەت، يەنە بىرى، قەد كۆتۈرۈۋاتقان چوڭ دۆلەت؛ ئۇلارنىڭ بىرى سىياسىي جەھەتتە پالەچ ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ، يەنە بىرى ئۆزىگە نىسبەتەن ئىشەنچكە تولغان؛ بىرى ئامېرىكىنىڭ مۇھىم ھەمراھى، يەنە بىرى، ئامېرىكىنىڭ يوشۇرۇن رىقابەتچىسى بولۇپ، ئەزەلدىن مەۋجۇت بولۇۋاتقان دۈشمەنلىك ھازىرقى ياكى ھەقىقىي ياكى مەۋھۇم مەنسىتمەسلىك سەۋەبىدىن تېخىمۇ كۈچەيمەكتە. ھالبۇكى، بۆلىنىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان چاۋشيەن يېرىم ئارىلى، جۇڭگونىڭ ئىتتىپاقداش دۆلىتى، يادرو قورالىغا ئىگە ستالىنىزمچى پادىشاھلىق دۆلەت ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلىتى ∿ھاياتىي كۈچكە تولغان دېموكراتىك دۆلەتكە ناھايىتى يېقىن. يۇقىرىدىكى ئەھۋاللارنى يىغىنچاقلىغاندا، ئوبزورچىلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى «مۇرەككەپ» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئاسانلىقچە كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. EISgc {s  
   ئەمما بۇ يەردە بۇ رايونغا نىسبەتەن يەنە بىر خىل قاراش بار: يەنى بۇ رايوننى تىنچ جاي، گۈللىنىدىغان جاي دەپ قاراش. چاۋشيەن يەنىلا پىنھان جەمئىيەت، قاباھەتلىك، نامرات، ئىستىبدات دۆلەت بولسىمۇ، بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا كورېيە بىلەن ياپونىيەنىڭ ھازىرقى زامان تارىخى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تەرەققىيات تارىخى بولۇپ، سەھىيە  ئەھۋالى ۋە بايلىقى 50 يىل ئىلگىرى تەسەۋۋۇر قىلغىلىمۇ بولمايدىغان سەۋىيەگە يەتتى. ئۆتكەن 20 يىلدا جۇڭگومۇ ئۇلار بىلەن بىللە گۈللىنىش سېپىگە قوشۇلدى. ?%QWpKO7X  
   ئۇنداقتا، شەرقىي شىمالىي ئاسىيادا يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئەھۋاللارنىڭ قايسىسى كۆرۈلەر؟ توقۇنۇش رايونى بولۇپ قالارمۇ ياكى تىنچ رايون بولارمۇ؟ يېقىندىكى بەزى ئالامەتلەر ئۇنىڭ توقۇنۇش رايونىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا. چاۋشيەندە كىم جۇڭئىل ھاكىمىيىتىنىڭ ھوقۇقنى كىم جۇڭئىلنىڭ ئوغلى كىم جۇڭئىنغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغاندەك يۈزلىنىش كۆرۈلۈۋاتىدۇ. پىيوڭياڭدىكى نۇرغۇن كۆزەتكۈچىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ،  كىشىنى ساراسىمگە سالىدۇ. ئۇلارنى تېخىمۇ ساراسىمىگە سالغىنى، ئىزباسار مەسىلىسى پەيدا بولغاندا، سېئۇلدا ئىككى يىل ئىلگىرى سەكتە بولۇپ قالغان كىم جۇڭئىل «يەنە ئاغرىپ قاپتۇ» دېگەن مىش-مىش گەپ تارقالدى. پىيوڭياڭدا ھوقۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىلىش ئېھتىمالىنى تىلغا ئالمىغان تەقدىردىمۇ، چاۋشيەن-كورېيە مۇناسىۋىتىمۇ «چېئونان» ناملىق پاراخوتنىڭ چۆكۈپ كېتىش سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچرىدى. سېئۇل 13-سېنتەبىر بۇ ۋەقە توغرىسىدىكى كىشىلەر ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەن تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا «چېئونان» ناملىق پاراخوتنى چاۋشيەننىڭ چۆكتۈرۈۋەتكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. qdss(LZ  
   چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتى يەنىمۇ كەسكىنلىشىۋاتقان مەزگىلدە، جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ بىردىنلا جىددىيلىشىپ، كىشىلەر نېمە قىلارىنى بىلمەي قېلىشتى. ياپونىيە ئىقتىسادى ئېغىر دەرىجىدە چېكىنىشتىن قۇتۇلۇپ، ئەمدىلا ئاجىز جانلىنىشقا يۈزلىنىۋاتقاندا، يەنە يېن كۇرسىنىڭ ئۆرلىشىنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچرىدى. يېقىندا، يېننىڭ دوللار بىلەن بولغان پېرېۋوت نىسبىتىدە 15 يىلدىن بۇيانقى يېڭى رېكورت يارىتىلدى. بۇنىڭ بىلەن ياپونىيەنىڭ ئېكسپورتى تەسىرگە ئۇچرىدى. ھالبۇكى،  ياپونىيە ھازىر ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇشتا دۇنيا بازىرىغا تېخىمۇ تايىنىشى مۇمكىن. ياپونىيەدىكى بەزى كىشىلەر يېن زايومىنى ئىزچىل كۆپلەپ سېتىۋېلىۋاتقان جۇڭگونى ئەيىبلەپ، يېن كۇرسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدە جۇڭگونىڭ مەلۇم مەسئۇلىيىتى بار، دەپ قارىدى. 1" k_l.\,0  
  ئۇنىڭدىن باشقا، ياپونىيە  جۇڭگونىڭ بېلىقچىلىق پاراخوتىنى تۇتۇپ قالدى. ياپونىيە ئۇلارنى جۇڭگو «دىياۋيۈ ئارىلى» دەپ ئاتايدىغان، ياپونىيە «سېنكاكۇ تاقىم ئاراللىرى» دەپ ئاتايدىغان شەرقىي دېڭىز ئاراللىرى ئەتراپىدىكى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە قانۇنسىز ھەرىكەت قىلغان، دېدى. توكيو14 ماتروسنى قويۇپ بەردى، ئەمما كاپىتاننى داۋاملىق تۇتۇپ قالدى. !Dc|g~km\  
ياخشى تەرەپتىن قارىساق، چاۋشيەننىڭ ۋەزىپە ئۆتكۈزۈپ بېرىش كرىزىسىدە تۇرۇۋاتقان-تۇرمايۋاتقانلىقىمۇ، كىم جۇڭئىل ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان رىيازەت چېكىپ كېلىۋاتقان چاۋشيەن خەلقىدىن باشقا كىشىلەرگە نىسبەتەن ئىلگىرىكىدىنمۇ خەتەرلىك بولۇش-بولماسلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس. يېقىندا تيەنجىندە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىدە چاۋشيەن مەسىلىسى مۇتەخەسسىسلىرى: كىم جۇڭئىل ھاكىمىيىتى ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىپ، «ئارمىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش»تىن «ئىقتىسادنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش»قا يۈزلىنىۋاتىدۇ، دېدى. غەرب ئەللىرىدىكى نۇرغۇن كىشى ھوقۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدىن گۇمانلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما 1994-يىلى كىم جۇڭئىلنىڭ ئاتىسى كىم ئېرسىن ھوقۇقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولۇپ، كۆرۈنەرلىك كىرىزىس كۆرۈلمىگەن. FV 0x/)<z  
   چاۋشيەندىن باشقا جايلاردا بۇ رايوندىكى ئىقتىسادىي گەۋدىلەر داۋاملىق ئالغا باسماقتا. ھازىر جۇڭگو ياپونىيە ۋە كورېيەنىڭ مۇھىم سودا ھەمراھى، شۇنداقلا بۇ ئىككى دۆلەتكە نىسبەتەن سودا تەتۈر پەرقى مەۋجۇت. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى يېقىندا كورېيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش مۆلچەرىنى ٪6.1 كە ئۆزگەرتتى (بۇ، تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادىي گەۋدىگە قارىتىلغان مۆلچەر)، كورېيە پايچېكى بازىرىمۇ يېقىندا ئىككى يىلدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىغا يەتتى. }|KNw*h $  
   ئاخىرىدا ياپونىيە ئۈستىدە توختالساق، بۇ دۆلەت ئەسلىدە رايون تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىنىڭ ئۇل تېشى بولۇشى كېرەك ئىدى. ھالبۇكى، ئۇ ئۇنداق بولمىدى. سىياسىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ تۆت يىلدا ئالتە باش ۋەزىر ۋەزىپىگە ئولتۇرغان دۇنيادىكى 2-چوڭ تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادىي گەۋدە مەلۇم جەھەتتىن مەسخىرە ئوبيېكتى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. /i[1$/*  
  ئوبزورچىلار ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېيىشتى: شەرقىي شىمالىي ئاسىيادا «قارا قۇ» پەيدا بولۇش خەۋپى، يەنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان، تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن بولغان يامان ئاقىۋەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش خەۋپى مەۋجۇت. ئەمما پىيوڭياڭنىڭ تېخىمۇ غالجىرلىشىشى ۋە جۇڭگو-ياپونىيە تالاش-تارتىشنى مۆلچەرلەش قىيىن ئەمەس. بىز «ئاق قۇ»نىڭ پەيدا بولۇشىنى، يەنى ياپونىيەنىڭ 20 يىللىق سىياسىي ۋەھىمىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇشۇ رايوندا، ھەتتا دۇنيادا رولىنى جارى قىلدۇرۇش مەزگىلىگە قەدەم قويۇشىغا تىلەكداشمىز. ياپونىيەنىڭ بايلىقى ۋە ئىقتىدارى ئۇنىڭ ئەسلىدە مۇشۇنداق قىلىشى كېرەكلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. مۇشۇنداق بولغاندىلا بىز ھەقىقىي شەرقىي شىمالىي ئاسىيانىڭ تىنچ ۋە گۈللىنىدىغان رايون بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرەلەيمىز. ?o>JX.Nl&7  

تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-04-03, 21:15
 
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى