باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1171 
  •    ئىنكاس 
       3 

ناتسىتلارنىڭ ئۇچار تەخسىسى

قەۋەت ئاتلاش
kawkaz
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7609

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   97 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8801 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   805 (قېتم)
 تۆھپە:   805  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3189
 سائەت
دەرىجىسى:
3189 سائەت 51 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-12-18
ئاخــىرقىسى:2013-01-19

2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ، ناتسىست گىرمانىيەسى  مەخپى ھالدا تەخسە شەكىللىق ئۇچار جىسىم ياساش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان،ھەمدە ئۇچالايدىغان شۇنداق جىسىم ياسىغان. ئۇرۇش جەريانىدا، بۇ خىل «ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان» قىياس تېخى ئاشكارلانمايلا تۇرۇپلا ناتسىستلار بىلەن بىللە يۈتۈپ كېتىپ،كشىلەرگە بىر تېپىشماق قالدۇرۇپ كەتتى.  ئىتتىپاقداشلار ئارمىيىسى   گىرمانىيەنىڭ بۇ خىل ئۇچار جىسىم تەتقىقاتىنى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە بايقىغان بولۇپ، شۇ چاغدا ئىتىتپاقداشلار ئارمىيسىدىكى ئۇچقۇچىلار كۆپ قېتىم گىرمانلىقلارنىڭ ئايرۇپىلان ئەترىتىدىن يىراق بولمىغان جايدا شەكلى غەلىتە بولغان ئايروپىلانلارنى  بايقىغان. ئۇ تەخسە شەكىللىك جىسىم بولۇپ،قانىتى يوق، ئۇچۈش سۈرئىتى ناھايىتى تېز ، ئۇچۇش ئىقتىدارىمۇ ناھايىتى ئىلغار بولۇپ، ھەركىتى  چاققان ، يوقىرى تۆۋەن شۇڭغىيالايدىكەن. بەزى ئۇچقۇچىلار ھەتتا ئۇ جىسىمدا تۆمۈر كىرسىت شەكىللىك بەلگە-3-ئىمپىرىيەنىڭ بەلگىسىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتىقان. ئىتتىپاقداشلار ئارمىيەسى بۇ توغىرلىق كۆپ مەلۇماتلارنى تاپشۇرۋالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ سىرلىق ئۇچار جىسىمنىڭ ئىتتىپاقداشلار ئارمىيەسىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدى. ئۇلار پەقەت ناھايىتى تېز سۈرئەتتە ئۆتۈپ كەتكەن ياكى لەيلەپ تۇرغان. ناتسىستلارنىڭ بۇ تەتقىقاتىنى   ئىتتىپاقداشلار ئارمىيىسى بۇرۇنلا ئاڭلىغان. ئۇلار مەخسۇس جاسوسلارنى ئەۋەتىپ،بۇ توغىرسىدىكى ئاخپىراتقا ئېرىشمەكچى بولغان. ئۇلار گىرمانلىقلارنىڭ ئادەمنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان ئىجادىيەت ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ، V-2 تىپلىق راكىتا، ئالاھىدە بىرونىۋىك، يىراق مۇساپىلىق زەمبىرەك، رىئاكتېۋ ئايروپىلان قاتارلىقلارنىڭ ماتىرياللىرىنى كۆرگەن. ئىتتىپاقداشلار ئارمىيەسىنىڭ يوقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى :«ناتسىست گىرمانيەسىنىڭ تەتقىقات ئورۇنلىرى  نۇرغۇن ساھەلەردە بىزدىن ئۇزاپ كېتىپتۇ» دىگەن. ناتسىست گىرمانىيەسى قالدۇرۇپ كەتكەن ماتىرياللاردا، ئىتتىپاقداشلار ئارمىيەسى بىر غەلىتە شەكىللىك ئايروپىلاننىڭ رەسىمىنى بايقىغان. بۇ بىر قانىتى يۇمىلاق كەلگەن پاراشوت شەكىللىك ئايروپىلان بولۇپ، بۇرۇنقى ئايروپىلانلارغا قەتئى ئوخشىمايتتى. بىر تاشلىنىپ قالغان ئىسكىلاتتا ئىتتىپاقداشلار ئارمىيەسى ئۇنىڭ سۇنۇق-پارچىلىرىنى تاپتى.ئۇ ئاللىقاچان گىرمانىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن پاچاقلىنىۋېتىلگەن. بۇ بىر يۇمىلاق شەكىللىك ئۇچار جىسىمنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ۋە ئايرودىنامىكىلىق( 空气动力) ئىقتىدارىنى سىنايدىغان سىناق ئايروپىلان ئىدى. يۇمىلاق شەكىللىق ئۇچار جىسىمنىڭ نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرى بولۇپ، ئۇ ئالدى بىلەن ناھايىتى ئىنچىكە پىلانلانغان.،بولۇپمۇ تىك چىقىپ- چۈشۈش تېخنىكىسى قوللىنىلغان، ئۇ رادار ئاستىدا بەلگىلىك يوشۇرۇنۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ئەگەر ھەركەت ئىقتىدارى ۋە كونتىرول قىلىش جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلار ھەل قىلىنسا بۇ خىل ئۇچار جىسىم  چاققان ھەركەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، قوراللاندۇرۇلغاندىن كېيىن ناھايىتى خەتەرلىك  ئۇرۇش قورالى بولۇپ قالاتتى. ناتسىستلارنىڭ تەخسە شەكىللىك ئۇچار جىسىمغا بولغان تەتقىقاتى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن باشلانغان بولۇپ، شۇ چاغدىكى ئەسەبى ناتسىستلار بىر خىل غايەت زور بولغان ئېنىرگىيە مەنبەسى تېپىپ، ۋاقىت ماشىنىسى ياساپ قەدىمقى ئىلاھلار بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغان. گەرچە بۇ قۇرۇق خىيال بولسىمۇ،لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن لەيلىمە ھەركەت ئىقتىدارىغا ئىگە سېستىمىنى بارلىققا كەلتۈردى. شۇندىن كېيىنكى خېلى يىللارغىچە ناتسىست گىرمانىيەسى بۇ خىل ئۇچار جىسىم توغىرسىدا تەتقىقاتلار بىلەن شوغۇللاندى. بەزىلەر ئۇلار ئۇچار تەخسىنىڭ ھەركەت ئىقتىدار سېستىمىسى تەتقىقاتىدا بۆسۈش خاراكتىرلىق نەتىجە ھاسىل قىلدى دەپ قارايدۇ. 1952-يىلى بىر ناتسىست ھاۋا ئارمىيە كاپىتانى ، ئاۋىئاتسىيە مۇتەخەسىسى 斯彻里沃( تەرجىمە قىلالمىدىم) پراگا يېنىدىكى بىر يەردە ئۇچار تەخسىنىڭ لاھىيەسىنى سىزغانلىقىنى ، بۇ لاھىيەنىڭ سىناق مودىلىنىڭ 1944-يىلى ياسالغانلىقىنى، 1945-يىلى ئۇچۇرماقچى بولغانلىقىنى، كېيىن سوۋىت ئارمىيەسى بېىسپ كىرگەچكە بۇنىڭ كۆپۈككە ئايلانغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتىدۇ. 3-ئىمپىرىيە ھالاك بولۇش ھارپىسدا بۇ لاھىيە توغىرسىدىكى ماتىرياللار يوقاپ كەتكەن، بۇ  سائەتلىك تېزلىكى 2600 كىلومېتىر كېلىدىغان ئۇچار جىسىمنىڭ بار- يوقلىقىنى ئىسپاتلىغىلى بولمىغان. 斯彻里沃 ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ قالدۇرغان تەۋەرۇكلىرى ئىچىدىن كىشلەر ئۇچار تەخسە توغىرلىق لاھىيەنى تاپقان. بۇ كىشىلەرگە يەنە بىر تېپىشماق قالدۇرۇپ كەتتى. ناتسىستلارنىڭ ئۇچار تەخسە پىلانى بۆشۈكىدىلا تۇنجۇقتۇرۋېتىلگەن ئىدى، بىراق بەزىلەر ئۆز كۆزى بىلەن بۇ غەلىتە ئۇچار جىسىمنى سىناق قىلغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتىشتى. بۇ ئۇچار جىسىمنىڭ ئىقتىدارى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ 3مىنوتتىلا 9000 مېتىر ئىگىزلىككە كۆتۈرۈلۈپ چىقالايدىكەن.سائەتلىك سۈرئىتى نەچچە مىڭ كىلومېتىرغا يېتىدىكەن. بۇلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىنىڭ ئىسمى 乔治·克雷恩 بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بۇ تەتقىقات خىزمىتى پېنىمىند بازىسىدا ئېلىپ بېرىلغان. ئۇ ناتسىستلارنىڭ راكىتا قاتارلىق مەخپى قوراللىرى ۋە ئەڭ يوقىرى سەۋىيەدىكى ئاۋىئاتىسيە تەتقىقات ئورنى ئىكەن. ئۇ يەنە ئۆز ئوقىدا پىقىراش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىغان. ئۇ يەنە ئۇچار تەخسىنىڭ خارز تاغلىق رايونىدا سىناق قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ دەل نۇرغۇن ئادەم ئۇچار تەخسىنى ئۇچىراتقان ئورۇندۇر. ناتسىست گىرمانىيەسى پۈتكۈل كۈچى بىلەن بۇ توغىرسىدىكى ماتىرىياللارنى يوقاتقان بولسىمۇ ، بىراق ئىتتىپاقداشلار ئارمىيىسى يەنىلا بىر قىسىم لاھىيە ۋە دەسلەپكى نۇسخىلىرىنى قولغا چۈشۈردى. بۇ ماتىرىياللارغا قارىغاندا  ناتسىستلار 1934-يىلى 1-ئەۋلاد تەخسىسىمان ئۇچار جىسىم RFC-1نى  ياساپ چىقتى. شۇ يىلى يىل ئاخىرىدا RFC-2 نى چىقاردى. ئۇنىڭ ئېنىرگىيە مەنبەسى ھاۋا ۋە سۇ . بىراق ئۇنىڭدىكى تېخنىكىلىق ھالقىلارنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.1938-يىلى SS چىلار «ئۇچار تەخسە» پىلانىغا قول تىقتى.ھەمدە رىئاكتىۋ ماتورنى ئېلىپ كىردى. ئۇچار تەخسىنىڭ ئايرودىنامىكىلىق ئالاھىدىلىكىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، گىرمانلار پروپېللىرلىق ھەركەتلەندۇرگۈچلۈك يۇمىلاق ئۇچار جىسىم ياسىدى ۋە بۇ توغىرسىدا كۆپلىگەن  ئۆلچەش  ئارقىلىق ئېرىشكەن سانلىق مەلۇماتلارنى  توپلىدى. بەزى مەخپى خاتىرىلەرگە قارىغاندا 1939-يىلى ناتسىست گىرمانىيەسى دىئامېتىرى 20مېتىر كېلىدىغان HANNEBU-1  نى ياساپ، 9-ئايدا ئۇچۇردى.1940-يىلى يىل ئاخىرىدا بۇنى تەكشۈرۈشكە ئىشلەتكەن. HANNEBU-2 نى كۆرگەنلەرنىڭ دىيىشىچە ئۇنىڭ دىئامېتىرىنىڭ 36مېتىر،ئىگىزلىكىنىڭ 9~11غىچە كېلىدىكەن. گىرمانىيىلىكلەر بۇ پىروپېللىرلىق ئۇچار جىسىمغا قورال ئورۇنلاشتۇرۇشتا جىق قىيىنچىلىققا ئۇچىرغان. 1943-يىلىغا كەلگەندە HANNEBU-3  ئاندىن جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان. كېيىنكى «بالونسەي تەخسىسى» ناملىق ئۇچار تەخسە بۇ تەتقىقاتنىڭ مۇھىم نەتىجىسى بولۇپ قالغان.  3نەپەرگىرمانىيەلىك ئەڭ ياخشى ئايرو ھەركەتلەندۇرگۈچ كۈچ مۇتەخەسىسى تەتقىق قىلىپ ياسىغان بۇ ئۇچار جىسىم  ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغانىدى. ئامىرىكىنىڭ ئاخبىرات ئورگانلىرىنىڭ تەمىنلىگەن يىپ ئۇچىغا قارىغاندا ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندا گېتلىر كەم دىگەندىمۇ  HANNEBU ناملىق ئۇچار تەخسىدىن ئىككىسىگە ئىگە بولغان. بۇ خىل ئۇچار جىسىمنىڭ سائەتلىك تېزلىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان 1900كىلومېتىرغا يەتكەن، ئۇنىڭ °90  تىك چىقىپ چۈشەلىگەن. ھەتتا ناتسىستلار بۇنىڭغا لازىر نۇرلۇق قورال ئورۇنلاشتۇرۇش خىيالىدىمۇ بولغان.... لېكىن بۇ چاغدا ئۇلار مەھشەر كۈنىگە يېقىنلاپ قالغان بولۇپ، ئەجىبا ئۇلار بۇ ماتىرىياللارنى يۆتكەپ كەتكەنمىدۇ. 1945-يىلى گىرمانىيە تەسلىم بولغاندا30دەك سۇ ئاستى كېمىسىنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان. نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن بۇ كېمىلەر بالتىق دېڭىز قىرغىقىدا پەيدا بولغان. بۇ كېمىلەر ئۇزۇنغىچە سۇ ئاستىدا يوشۇرۇنۇپ يۈرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇپ، سۇ ئاسىتدا نەچچە ھەپتىگىچە يۈرەلەيدىكەن. بۇ كېمىلەر شۇ ماتىرىياللارنى يۆتكەش خىزمىتىگە قاتناشقانمىدۇ؟  شۇنداق بولسا نەگە ئېلىپ كەتكەندۇ؟ بۇ ئىش ئامرىكىلىقلارنىڭ بېشىنى قاتۇردى. بەزىلەر گىرمانىيە جەنوبى قۇتۇپتا مەخپى ئۇچار تەخسە بازىسى قۇرغان دەپ قارايدۇ. چۈنكى 1938-يىلى ناتسىستلار جەنوبى قۇتۇپنى مەخسۇس تەكشۈرگەن.ئۇلار جەنوبى قۇتۇپنى 3-ئىمپىرىيەنى زىمىنى دەپ قارىغان، ھەمدە شىمالىي قۇتۇپنىڭ جۇغراپىيەلىك ،گىئولوگىيەلىك ئەھۋاللىرىنى ياخشى تەكشۈرگەن.بۇنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئامىرىكا 1947-يىلى بىر چوڭ تىپتىكى ھەربى قوشۇننى جەنوبى قۇتۇپتا «ئىگىزگە سەكرەش» نامىدا مانىۋېر ئۆتكۈزگەن، كېيىن ناچار ھاۋارايىغا ئۇچراپ بۇنى داۋاملاشتۇرالمىغان. ( تېلىۋىزوردا جەنوبى قۇتۇپنى تەكشۈرگەن دېۋىدى. قايسىسىنىڭ راستلىقىنى ئۇقمىدىم ) بۇ مانىۋىرنىڭ ھەقىقى مەقسىتى نىمىدۇ؟ ئەجىبا ئامىرىكىلىقلار جەنوبى قۇتۇپتا ناتسىستلارنىڭ بازىسىنى ئىزدىگەنمىدۇ؟ 2-دۇنيا ئۇرىشىدىن كېيىن ئامىرىكا  ئۇچار تەخسە شەكىللىك ئۇچار جىسىملارنى ياساپ باقتى . مەسىلەن V-173 ناملىق ئۇچار جىسىم دىگەندەك. ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇنىڭغا گىرمانىيەلىك مۇتەخەسىسلەر قاتناشقان.بىراق سىناق قىلىپ ئۇچۇرغاندا پەقەت بۇ پەس ئۇچالىغان، سۈرئىتى ۋە مۇقىملىقىمۇ ياخشى بولمىغان. شۇنىڭ بىلەن ھەربى تەرەپنىڭ بۇنىڭغا بولغان قىزىقىشىمۇ سۇسلاشقان. S4(?= ,^-  

تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-03-24, 02:33
 
ئۆزىنىڭ تارىخىنى بىلمىگەن مىللەت-باشقىلار ئالدىدا مەڭگۈ قۇل مىللەت.
sultan88

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7857

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   846 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2265526 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   4299 (قېتم)
 تۆھپە:   4299  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 14389
 سائەت
دەرىجىسى:
14389 سائەت 451 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-01-14
ئاخــىرقىسى:2013-09-14
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2012-03-24

كىشى ھەيران قالىدىغان خەۋەركەنغۇ  بۇ .قاتتىق ئويلىنىشقا توغرى كېلىۋاتىدۇ  .       ئاخىرى بارما ... ؟
ئەسسالامى ئەلەيكۇم  .مۇنبەرداشلار
marjanbulaq

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4834

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   592 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   31956 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3152 (قېتم)
 تۆھپە:   3121  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 14703
 سائەت
دەرىجىسى:
14703 سائەت 137 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-25
ئاخــىرقىسى:2013-09-15
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-03-24

بۇ خەۋەرنى مەن پەقەتلا ئاڭلىماپتىكەنمەن. بۇ 3- ئىمپىرىيە تېخىمۇ سىرلىقلىشىپ كەتتىيا.
ئۇخلىغان مىللەت يا ئۇخلار
ياكى قۇل بولۇپ ئويغۇنار
savatsiz
دەرىجە:يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.12768

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   165 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   18 (قېتم)
 تۆھپە:   18  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2
 سائەت
دەرىجىسى:
2 سائەت 18 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-12-03
ئاخــىرقىسى:2013-07-13
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-13

گېرمانلار ناھايتى يامان بىر مىللەت ئىكەندە كاساپەت،،،،،،،،  
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى