باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1476 
  •    ئىنكاس 
       5 

تۈرك تارىخ قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشى

قەۋەت ئاتلاش
xamxar111

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1313

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1247 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   65806042 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   6639 (قېتم)
 تۆھپە:   6609  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 9692
 سائەت
دەرىجىسى:
9692 سائەت 198 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-03
ئاخــىرقىسى:2013-09-02

V`fL%du,3  
                                  تۈرك تارىخ قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشى توغرىسىدا ;R[&pDx  
                                                  ئاپتور: ۋاڭ جىلەي d,'!.#e  
^Gz{6@TY5  
                                           ( مۇھەممەدجان تەرجىمىسى)
,5-Zb3\  
_J"mR]I+  
(iDBhC;/B  
كىشىلەرگە ئايانكى، ھازىرقى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇلار مۇسۇلمان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تۈرك تارىخىغا بولغان كۆز قاراشلىرىمۇ، ئىسلام كلاسسىك ئەسەرلىرى ۋە غەرب مۇسۇلمان تارىخ ئەسەرلىرىدە بايان قىلىنغان تۈرك تارىخىغا ئائىت كۆز قاراشلار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. لېكىن، تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشتىن بۇرۇن، ئۇلارنىڭ تۈرك تارىخ قارىشى مۇشۇنداقمىدى؟ ئۇنداق ئەمەس ئىدى. 4DML  
بىز ئىگىلىگەن بىر نەچچە خىل قەدىمىي تۈرك مەڭگۈ تېشى ۋە باشقا تارىخ ماتېرىياللىرىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، قەدىمكى تۈركلەر تەبىئەتكە، يەنى ئاسمان، يەر، كۈنگە چوقۇناتتى، ئاسمان بىلەن يەر ئارىلىقىدىكى ئالاقىچى– شامانغا ئېتىقاد قىلاتتى. كېيىن گەرچە مانى دىنى، زورو ئاستېر دىنى، نېستۇرىيان دىنى ۋە بۇددا دىنلىرى تارقىلىپ كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ دىنلار قەدىمكى تۈركلەرنىڭ تارىخىغا بولغان كۆز قاراشلىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتەلمىدى، ئۇلار ئاتالمىش يەھۋا بىلەن ئېيسانىڭ بارلىقىنىمۇ ھەم مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ بارلىقىنىمۇ بىلمەيتتى. ئالايلۇق: «تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشىدا» دا: «تەڭرى ئېيتىدۇلەركى: ‹سىلەرگە خان بەردىم›» ، «تەڭرى سىلەرگە ئۆلۈم بەردى» دېيىلگەن بولسا، «كۆلتېگىن مەڭگۈ تېشى» دا: «مەنكى تەڭرىدەك، تەڭرىدىن تۆرەلگەن تۈرك بىلگە خاقان»،«ئۈستىمىزدىكى كۆك ئاسمان بىلەن ئاستىمىزدىكى قوڭۇر تۇپراق يارىتىلغاندا، ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ئىنسان بالىسى يارىتىلىپتۇ. ئىنسان بالىسى ئۈستىدە ئاتا-بوۋام بۇمىن خاقان، ئىستەمى خاقان ئولتۇرۇپتۇ. ئۇلار تەختتە ئولتۇرۇپ، تۈرك خەلقىنىڭ ئېلىنى قۇرۇپتۇ ۋە ئۇنىڭ قانۇن-تۈزۈمىنى تۈزۈپ بېرىپتۇ.»، «ئۈستىمىزدىكى تۈرك تەڭرىسى، تۈرك مۇقەددەس يەر-سۈيى مۇنداق دەپتۇ.» دېيىلگەن. «كۆلتېگىن مەڭگۈ تېشى» دا يەنە: «كۆك ئاسماننىڭ ئاستىدا 18 مىڭ ئالەم بار. ئادەم بالىسى تەڭرىنىڭ ئىرادىسىگە باقىدۇ. زېمىن– شەرق، غەرب، شىمال، جەنۇب دەپ ئايرىلغان بىلەن، ھەممە ئىنسان بىر زېمىندا ياشايدۇ، ھەر بىر ئەلنىڭ ئۆز ئالدىغا پادىشاھى بولىدۇ» دېيىلگەن. |Is'-g!  
يۈەن سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە، ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى تېخى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلمىغانىدى. ئەينى چاغدا ئۇلار ئەجدادلىرىنىڭ موڭغۇل ئېگىزلىكىدە ياشىغان دەۋرىدىكى تارىخىي ئەھۋاللىرىنى ئەسكە ئېلىشقانىدى. بۇ ئەسلىمىلەر يۈەن سۇلالىسى ئالىملىرى تەرىپىدىن خاتىرىلىۋېلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە يۈجىنىڭ «قوجۇ خانلىرىنىڭ تۆھپە مەڭگۈ تېشى» بىلەن ئوۋياڭ شۈەننىڭ «ئىدىقۇتتىكى كيۇ جەمەتىنىڭ شەجەرىسى» قاتارلىقلار ئەڭ مەشھۇردۇر. بۇ ئىككى ماتېرىيال گەرچە خەنزۇچە يېزىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىمىسى ۋە رىۋايىتىدۇر. \j:gr>4  
مەسىلەن: «قوجۇ خانلىرىنىڭ تۆھپە مەڭگۈ تېشى» دا: «ئىدىقۇت خانلىرىنىڭ نەسەبنامىسىنى ئېنىقلىساق، ئۇيغۇرلار ياشىغان جايدا قارا قۇرۇم دېگەن تاغ بولۇپ، ئۇنىڭدىن تۇغلا ۋە سېلىنگا دېگەن ئىككى دەريا ئېقىپ چۈشەتتى. بىر كۈنى ئاخشىمى، ئاسماندىن دەرەخ ئۈستىگە نۇر چۈشۈپتۇ، ئىككى دەريانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇيغۇرلار نۇرنى ساقلاپ تۇرۇشۇپتۇ. دەرەخ ھامىلدار بولۇپ قورساق كۆتۈرۈپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ، نۇر داۋاملىق چۈشۈپ تۇرىدىكەن. توققۇز ئاي 10 كۈن بولغاندا، دەرەخ يېرىلىپ، بەش بوۋاق ئاپىرىدە بولۇپتۇ. ئۇيغۇرلار ئۇلارنى بېقىۋاپتۇ. ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكىنىڭ ئىسمى بۇقا (بۆكە) خاقان ئىكەن. ئۇ چوڭ بولۇپ، بارا-بارا شۇ زېمىنغا ھۆكۈمران بوپتۇ. 30 نەچچە خاقان ئۆتۈپ، يۇرىن تېكىن دەۋرىگە كەپتۇ». Ff/Ig]Lb  
«ئىدىقۇتتىكى كيۇ جەمەتىنىڭ شەجەرىسى» دە مۇنداق دېيىلگەن: «كيۇ جەمەتىدىكىلەر ئۇيغۇرلاردۇر. ئۇلارنىڭ ئەجدادى تۇنيۇقۇق بولۇپ، ئۇ تابغاچ ئېلىدىندۇر. سۈي سۇلالىسىدە مالىمانچىلىق بولغاندا تۈركلەر تابغاچقا كىردى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تۇنيۇقۇققا بەيئەت قىلدى. تۈرك قەبىلىسىدىن سابۇق خاتۇن مۇسلان خاقانغا ياتلىق بولۇپ، مۇسلاننىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى تارتىۋېلىشىغا ياردەملەشتى. مۇسلان ئۆلۈپ، خانلىق مالىمانلىشىپ كەتتى. ئۇنىڭغا تەۋە يەرلەر ئۇيغۇرلارغا تەۋە بولدى، تۇنيۇقۇقنىڭ ئوغلى بارا-بارا ئۇيغۇرلارغا ۋەزىر بولدى». $y6rvQ2>S  
گەرچە يۇقىرىدىكى خاتىرىلەرنىڭ بەزى ۋەقەلىكلىرى توغرا بولمىسىمۇ (رىۋايەتتە بۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ)، لېكىن ھەر ئىككىلىسىدە ئەجدادلىرىنىڭ ئەسلىدە شىمالىي چۆللۈكتىكى موڭغۇل يايلاقلىرىدا ياشىغانلىقى ئېنىق ئېيتىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ۋەقەلىكلەرنىڭ كۆپ قىسىمى تاڭ دەۋرىدە يېزىلغان خەنزۇچە تارىخ ماتېرىياللىرىدىكى مەلۇماتلار بىلەن ئوخشاش. ئۇنىڭ ئەكسىچە، بۇ خاتىرىلەر مۇسۇلمان ئاپتورلارنىڭ يېزىپ قالدۇرغانلىرىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. 8*k oxS  
يۇقىرىقىلار تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى، ئېتىقادى ۋە دەسلەپكى دەۋرلەردىكى تارىخى ھەققىدىكى مەلۇماتلاردۇر. ئەلۋەتتە، قەدىمكى تۈرك يېزىقىدىكى مەڭگۈ تاشلاردا يەنە باشقا نۇرغۇن تارىخىي ۋەقەلىكلەرگە دائىر ماتېرىياللار خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ئۇلار ئۈستىدە بىر-بىرلەپ توختالمايمىز. لېكىن ئىزاھلاپ قويۇشقا تېگىشلىكى شۇكى، بۇ مەلۇماتلار خەنزۇچە تارىخ ماتېرىياللىرىغا ئاساسەن ماس كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، «تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى» دا ئېيتىلغان «بىلگە تۇنيۇقۇق مەن ئۆزۈم تابغاچ ئېلىدە ئۆستۈم، (ئۇ زامانلاردا) تۈرك خەلقى تابغاچقا قارايتتى» دېگەن سۆزدىن قارىغاندا، ئەينى چاغدىكى تۈركلەر شۈبھىسىزكى، جۇڭگونىڭ بىر مىللىتى ئىدى. ئۇلار ياشىغان رايونلارمۇ جۇڭگو زېمىنىغا تەۋە ئىدى. j7sU0"7^  
ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭدىكى تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ تۈركلەرنىڭ تارىخىغا بولغان كۆز قارىشىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش بولۇپ، غەرب مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۆز قارىشى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش بولۇپ كەتتى. بۇنىڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئىپادىسى شۇ بولدىكى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇنقى يايلاق كۆچمەن چارۋىچىلىق تارىخىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ، ئۆزلىرىنى پۈتۈنلەي مۇسۇلمانلار بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويدى. ئەنگلىيىلىك ئالىم بېرنارد لېۋىس ئېيتقاندەك: «ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تۈركلەر توققۇز گۈلىنىڭ بىرىمۇ ئېچىلمىغان ياۋايى مىللەت ئەمەس، بەلكى بەلگىلىك مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە مىللەت ئىدى، ئۇلارنىڭ دۆلىتى، دىنى ۋە ئەدەبىياتى بار ئىدى. ھالبۇكى ئۆتمۈشتىكى نەرسىلەرنىڭ ئاز ساندىكى پارچە-پۇرات پارچىلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھەممىسى ئىسلامىيەتتە كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇپ كېتىلدى. ھەتتا، قاراخانىيلار خانىدانلىقىغا ئوخشاش 10-ئەسىردە يېڭىدىن قۇرۇلغان ئىسلاملىشىپ كەتكەن تۈرك خانىدانلىقىنىڭ ھۆكۈمدارلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ تۈرك ئەجدادلىرىنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۆزلىرىگە فارس رىۋايەتلىرىدىن ئېلىنغان ئافراسىياب دېگەن ئىسىمنى قويۇشقانىدى. ھەتتا، تۈرك دېگەن بۇ ئىسىم، شۇنىڭدەك بۇ ئىسىمنىڭ كونكرېت مەنىسىمۇ مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئىسلامىيەتكە مەنسۇپ بولۇپ كەتكەنىدى، ۋەھالەنكى تۈرك دېگەن بۇ ئىسىم ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى مەڭگۈ تاشلاردا ئۇچرىسىمۇ.» مېنىڭ يەنە بىر ماقالەمدە بايان قىلىنغان بار تولدنىڭ: ھەتتا نەۋائىمۇ موڭغۇللار ئىستېلاسىدىن بۇرۇن تۈرك قاغانىنىڭ ئۆتكەنلىكىنى بىملەيتتى، دېگەن سۆزىدىنمۇ بۇ نۇقتىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. -R@JIe_28f  
بىز ئىسلامىيەتنىڭ تارىخ قارىشىنى تەتقىق قىلىمىز دەيدىكەنمىز، ئەلۋەتتە مۇسۇلمان ئاپتورلارنىڭ تارىخ ئەسەرلىرىگە ئاساسلىنىشىمىز كېرەك. مۇسۇلمان ئاپتورلارنىڭ تارىخ ئەسەرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، بىرىنچىسى، بىر-بىرىدىن كۆچۈرۈلگەن، شۇڭا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر خىل كىتابتىن ئوخشاش تۈردىكى باشقا كىتابلارنىڭ تەخمىنەن مەزمۇنىنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ؛ ئىككىنچىسى، ئۇلار قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان ئومۇمىي تارىخنى يېزىشقا ئامراق، يەنى ھەمىشە ئىنسانلارنىڭ پەيدا بولۇشى ياكى يىراق قەدىمكى رىۋايەت دەۋرىدىن باشلاپ يازىدۇ؛ ئۈچىنچىسى، كۆپتۈرمىچىلىك ئېغىر، بولۇپمۇ يىل دەۋرى، ۋاقىت توغرا ئەمەس. بۇ خىلدىكى ئومۇمىي تارىخلار خېلى كۆپ، مەسىلەن: ئەرەب ئاپتور ياقۇبىنىڭ «تارىخ ئەل جاھان»، تەبەرى (838-923) نىڭ «تارىخ ئەل رۇسۇل ۋە ئەل مۈلك»، ئەبۇل فەدا (1273-1331) نىڭ «ئىنسانلار تارىخىدىن قىسقىچە بايان»، ئىبىن خالدۇن (1332-1406) نىڭ «دۇنيانىڭ ئومۇمىي تارىخى»، راشىددىننىڭ «جامىئۇل تەۋارىخ»، ئەبۇلغازى (1605-1664) نىڭ «شەجەرەئىي تۈرك»، ھەتتا فىردەۋىسىنىڭ «شاھنامە» دېگەن داستانىمۇ مۇشۇنداق ھەممە مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەسەرلەردۇر. ئەرەب ۋە فارسچە ئەسەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنمىغان بولغاچقا، مەن ھازىرچە راشىددىننىڭ «جامىئۇل تەۋارىخ» دېگەن ئەسىرى بىلەن ئەبۇلغازىنىڭ «شەجەرەئىي تۈرك» دېگەن ئەسىرىنىلا مىسال قىلىپ، ئۇلارنىڭ تارىخشۇناسلىق كۆز قارىشىغا نەزەر سېلىپ ئۆتىمەن. «جامىئۇل تەۋارىخ» دېگەن ئەسەرنى مۇسۇلمان ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرى ئىچىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسەر دەپ قاراشقا بولىدۇ. «شەجەرەئىي تۈرك» دېگەن ئەسەرنى بولسا، ئىسلامىيەت تەسىرى ئاستىدىكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ تارىخشۇناسلىق ئەسەرلىرى ئىچىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئەسەر دەپ قاراشقا بولىدۇ. D5[VK `4Z  
مۇسۇلمان ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرىدە تىلغا ئېلىنغان ئاتالمىش تۈركلەر، ھەرگىزمۇ بىر ئىرقنىڭ نامى ئەمەس. مەسىلەن: راشىددىن «جامىئۇل تەۋارىخ» دېگەن كىتابىدا، دۇنيادىكى كىشىلەرنى مۇقىم ئولتۇراقلاشقانلار ۋە كۆچمەن چارۋىچىلار دەپ ئىككىگە بۆلىدۇ. كۆچمەن چارۋىچىلار ئىچىدە ئەرەبلەر ۋە تۈركلەر بار. ئەرەبىستاندىكى كۆچمەن چارۋىچىلار–ئەرەبلەر، تۈركلەر بولسا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كۆچمەن چارۋىچىلارنى كۆرسىتىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن، بۇ كۆچمەن چارۋىچىلار بارا-بارا نۇرغۇن ئۇرۇق بولۇپ كۆپىيىدۇ. … مەسىلەن: ھازىر تۈركمەن دەپ ئاتىلىۋاتقان ئوغۇزلار، قىپچاق، قالاچ، قاڭقىل، قارلۇق ھەمدە باشقا بېقىندى قەبىلىلەر، يەنى جالايىر، تاتار، ئويرات، مېركىت قاتارلىقلارغا بولىنىدۇ. ئۇ يەنە: موڭغۇللارمۇ تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇلار قۇدرەتلىك بولغاچقا، بۇ رايونلاردىكى باشقا قەبىلىلەرمۇ بارا-بارا ئۇلارنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدىغان بولدى، ھەتتا، تۈركلەرنىڭ كۆپ قىسىمى ھازىر موڭغۇللار دەپ ئاتىلىدۇ، دەيدۇ. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، راشىددىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كېلىپ چىقىشى ئوخشاش بولمىغان ھەر خىل قەبىلىلەر (تۈركىي تىلدا، موڭغۇل تىلىدا، تاڭغۇت تىلىدا ۋە توڭگۇس-مانجۇ تىلىدا سۆزلىشىدىغانلار) نىڭ ھەممىسىنى تۈرك دەپ ئاتايدۇ. ئەبۇلغازىنىڭ تۈركلەر توغرىسىدىكى كۆز قارىشى راشىددىننىڭكى بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزەرىدە، تۈرك بىر خىل سوتسىئولوگىيىلىك ئاتالغۇ بولۇپ، كۆچمەن چارۋىچى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ تارىخىنى بايان قىلغان چاغدا، يەنە نوقۇل ھالدا دىنىي رىۋايەت، ئەپسانىلەرگە ئاساسلىنىدۇ. (+$ol'i  
ئوسمانىيلار ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە، تۈركلەر– تومپاي ساۋاتسىز دېھقانلار ياكى كۆچمەن چارۋىچىلارنى كۆرسەتكەن، ھەتتا بىر ھاقارەتلىك ئاتالغۇ ئورنىدا ئىشلىتىلگەن. مەسىلەن: سىز «تۈرك كاۋا» دەپ تىللىسىڭىز، ئىنگلىز تىلىدا «ياغاچ ئادەم» دەپ تىللىغان بىلەن باراۋەر ئىدى. بۇنداق ھاقارەتلەش، جۇڭگونىڭ قەدىمكى زاماندىكى ئاتالمىش蛮،狄،戎،夷 دېگەن ھاقارەتلىك سۆزلەرنىمۇ بېسىپ چۈشەتتى. Cji#?!Ra?  
ئۇلارنىڭ تۈرك تارىخى توغرىسىدىكى بايانلىرى، يەھۇدى دىنى، خرىستىئان دىنى ۋە ئىسلام دىنى ئەسەرلىرىدىكى بايانلار بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشايدۇ. بۇ دىنلارنىڭ ئۈچىلىسى غەربىي ئاسىيادا پەيدا بولغان، ئەمما، يەھۇدى دىنى ئەڭ بۇرۇن پەيدا بولغان. شۇڭا، ئىسلام دىنىنىڭ ئەمرى- مەرۇپلىرى يەھۇدى دىنى بىلەن خرىستىئان دىنى، شۇنىڭدەك يۇنان، رىم، فارس مەدەنىيەتلىرىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. خرىستىئان دىنىنى يەھۇدى دىنىنىڭ تارمىقى دېيىشكە بولىدۇ. ئىسلام دىنىمۇ يەھۇدى دىنىغا ئوخشاش بىر خۇداغا ئېتىقاد قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ تارىخ قارىشىمۇ ئوخشاشلا يەھۇدى دىنى بىلەن خرىستىئان دىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. سۈننىي مەزھىپىدىكىلەرنىڭ «قۇرئان تەپسىرى» دە يەھۇدى دىنى، خرىستىئان دىنىدىكىدەك ياكى ئاتالمىش «ئىسرائىلىيىچە» نۇرغۇن تەپسىرلەر مەۋجۇت. بۇلارنىڭ ئىچىدە نۇقۇل «تەۋرات» تىن ئېلىنغان رىۋايەتنىڭ تەپسىرى بار. مەسىلەن: «قۇرئان كەرىم» دە ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانا توغرىسىدىكى ھېكايە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇمۇ «تەۋرات» تىكى يەھۇدى دىنى ھېكايىسىنىڭ كۆچۈرۈلمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن، يەھۇدىلار ئەرەب يېرىم ئارىلىغا كېلىپ، ھەممىلا جايدا «تەۋرات» نىڭ ساۋاقلىرىنى ھەم «تەۋرات» تىكى دۇنيانىڭ يارىتىلىشى، تىرىلىش، خەيرىلىك، رەزىللىك … لەر توغرىسىدىكى گەپلەرنى ھەمدە تەپسىرچىلەر تەرىپىدىن تەپسىر بېرىلگەن ‹تەۋرات› تىكى ئەپسانە، رىۋايەتلەرنى تەشۋىق قىلغان. كېيىن ئىسلام دىنىغا كىرگەن يەھۇدىلار «قۇرئان كەرىم» گە تەپسىر بەرگەندە، ھەمىشە ئۇ ئەپسانە، رىۋايەتلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ قوشۇپ قويغان. مۇسۇلمان تەپسىرچىلەرمۇ شۇنداق قىلغان. مەسىلەن: ئەرەبلەرنىڭ داڭلىق «قۇرئان كەرىم» تەپسىرچىسى تەبەرى ھەم نوپۇزلۇق بىر تارىخچى ئىدى. ئۇ تۈزگەن «قۇرئان تەپسىرى» دە، «تەۋرات» تىكى رىۋايەتلەرنى، مەسىلەن: ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانا ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى كۆپلەپ قوللانغان، تەبەرىنىڭ ئەسەرلىرى مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن كلاسسىك ئەسەر دەپ ئۇلۇغلانغان. ئۇ شۈبھىسىزكى، كېيىنكى مۇسۇلمان ئاپتورلارغا تەسىر كۆرسەتكەن. پېرسىيە تارىخچىسى راشىددىن (مىلادىيە 1318-يىلى ۋاپات بولغان) تۈزگەن «جامىئۇل تەۋارىخ» دېگەن ئەسەرنىڭ 1-بۆلۈمى ئوسمانىيلارنىڭ سولتانى مۇرادⅡ (1421-1451) دەۋرىدە تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان. ئۇ ئېنىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ «جامىئۇل تەۋارىخ» دېگەن ئەسىرىنى «ئىسلام ساھابىلىرىنىڭ تارىخىدىكى بايانلار ۋە يەھۇدىلارنىڭ ‹خەمىسە› دېگەن كىتابىدىكى خاتىرىلەر»گە ئاساسلىنىپ يازغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ تارىخ قارىشىغا ئەلۋەتتە تەسىر كۆرسەتكەن. ^(m0M$Wk*  
مۇسۇلمان ئاپتورلار تۈركلەرنى يافەسنىڭ ئەۋلادلىرى دەپ قارىشىدۇ، ھالبۇكى «تەۋرات» تا يافەس نۇھنىڭ ئوغلى دېيىلىدۇ. «تەۋرات» تا، خۇدا– ئاسمان-زېمىن، جىمى مەۋجۇداتلارنى ياراتتى. ھەمدە تۇنجى ئىنسان ئادەم ئاتا، جەننەت ۋە تۇنجى ئايال ھاۋا ئانىنى ئاپىرىدە قىلدى. ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانا بالىلىق بولۇپ نۇھ ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغىچە، جەمئىي 8575 يىل ئۆتتى. نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈچ ئوغلى بولۇپ، ئۇلار سام، ھام، يافەس ئىدى. سام ئىبرايلارنىڭ ئەجدادىدۇر. ھام كەنئاننىڭ ئاتىسى بولۇپ، سامنىڭ قۇلى بولۇشقا بۇيرۇلغان. يافەسنىڭ ئەۋلادلىرى: ئاشكېناز، رىپخات، توگارماخ ئىدى، دېيىلىدۇ. راشىددىننىڭ ئېيتقانلىرى «تەۋرات»تىكى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش، بۇ، نۇھ ئەلەيھىسسالام زېمىننى شىمالدىن جەنۇب بويىچە ئۈچ قىسىمغا بۆلدى، بىرىنچى بۆلىكىنى سامغا بەردى؛ ئىككىنچى بۆلىكىنى ھامغا بەردى؛ ئۈچىنچى بۆلىكىنى تۈركلەرنىڭ ئۇلۇغ بوۋىسى يافەسكە بەردى. تۈركلەر يافەسنى ئەبلەچاخان دەپ ئاتايدۇ. يايلاق ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ قوۋمىدىندۇر. ئەبلەچاخاننىڭ دېبباقۇي دېگەن ئوغلى بار ئىدى. نۇھ ئۇنى ۋە قاراخان، ئوزخان، كورخان، كوز خانلارنى شىمال، شەرقىي شىمال ۋە غەربىي شىمال تەرەپلەرگە ئەۋەتتى. قاراخاننىڭ ئوغلى ئوغۇز بىر ئىلاھلىق دىنغا بەيئەت قىلدى. تۈرك ئوغۇزخاننىڭ نەسلىدىندۇر، دەيدۇ. umqKFM$  
ئەبۇلغازى خان راشىددىندىن كۆپ كېيىن ياشىغانىدى. شۇڭا، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئىسلام تارىخ ئەسەرلىرى، بولۇپمۇ راشىددىننىڭ «جامىئۇل تەۋارىخ» دېگەن ئەسىرى ئەبۇلغازى خاننىڭ «شەجەرەئىي تۈرك» دېگەن ئەسىرىگە ئاساسىي مەنبە قىلىنغان. تۆۋەندە بىز مەزكۇر ئەسەردىكى ئىنسانلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدىكى بايانلارغا قاراپ باقايلى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن نۇھ ئەلەيھىسسالامغىچە 8575 يىل ئۆتتى. نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ سام، ھام ۋە يافەس دەپ ئۈچ ئوغلى بار ئىدى. يافەسنىڭ سەككىز ئوغلى بولۇپ، ئۇلار: تۈرك، فەزەر، ساقلاب، رۇس، مىڭ، چىن، كەمەرى ۋە تارىخ ئىدى. يافەسنىڭ چوڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى تۈرك (يەنە بىر ئىسمى يافەس ئوغلان) بولۇپ، ئۇنىڭ تۈتەك، چىگىل، بەرسەجەر ۋە ئېملاق دەپ تۆت ئوغلى بار ئىدى. تۈتەكنىڭ 4-ئەۋلادى ئەلەنچەخان ئىدى. نۇھ ئەلەيھىسسالام زامانىدىن تا بۇ ئەلەنچەخاننىڭ زامانىسىغىچە، بارچە يافەس ئەۋلادى مۇسۇلمان ئىدى. ئەلەنچەخاننىڭ قوشكېزەك ئىككى ئوغلى بار ئىدى. چوڭىنىڭ ئېتى تاتار، كىچىكىنىڭ ئېتى موغۇل ئىدى. P[1m0!,B  
يۇقىرىدىكى بايانلار «جامىئۇل تەۋارىخ» تىكى بايانلاردىن سەل-پەل پەرقلەنسىمۇ، لېكىن ئاساسەن ئوخشاشتۇر. تۈركلەرنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ نەسەبىگە كەلسەك، «جامىئۇل تەۋارىخ»، «شەجەرەئىي تۈرك» ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ رىۋايەتلىرى (مەسىلەن: «ئوغۇزنامە») دە ئوغۇزخان ئاتلىق بىر كىشى تىلغا ئېلىنغان. راشىددىننىڭ «جامىئۇل تەۋارىخ» دېگەن ئەسىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ بولغاچقا، سەھىپىنى ئۇزارتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن، بۇ يەردە مەن ئوغۇزخان ھەققىدىكى خاتىرىلەرنى تولۇق تېكىستى بىلەن بايان قىلمايمەن، ئوقۇرمەنلەر ئۆزلىرى ئەسلى تېكىستىنى تېپىپ ئوقۇپ باقسا بولىدۇ. @C<d2f|8  
ئەبۇلغازىنىڭ «شەجەرەئىي تۈرك» دېگەن ئەسىرىدە: ئوغۇزخان قاراخاننىڭ ئوغلى ئىدى، دېيىلىدۇ، لېكىن بۇ قاراخان موغۇلنىڭ چوڭ ئوغلى ئىدى، موغۇل بولسا ئەلەنچەخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى ئىدى. موغۇلنىڭ جەمئىي تۆت ئوغلى بولۇپ، چوڭى قاراخان، ئىككىنچىسى ئوزخان، ئۈچىنچىسى كوزخان، تۆتىنچىسى كورخان ئىدى. ئوغۇزخان قاراخاننىڭ رەسمىي ئايالىدىن تۇغۇلغانىدى. ئۇ دۇنياغا كۆز ئاچقاندا ئۈچ كېچە-كۈندۈز ئانىسىنى ئەممىدى. ھەر كۈنى كېچىسى ئانىسىنىڭ چۈشىگە كىرىپ: «ئەي ئانا مۇسۇلمان بولغىن! ئەگەر مۇسۇلمان بولمىساڭ ئۆلسەم ئۆلەرمەنكى، سېنىڭ ئەمچىكىڭنى ئەممەيمەن» دەيتتى. ئانىسى ئوغلىغا قىيماي، تەڭرىنىڭ بىرلىكىگە ئىمان كەلتۈردى. ئاندىن كېيىن ئۇ ئوغلان ئەمچەكنى ئەمدى. ئانىسى كۆرگەن چۈشىنى ۋە مۇسۇلمان بولغىنىنى كىشىگە ئېيتماي يوشۇردى. چۈنكى، قاراخان زامانىدا دىنسىزلىق شۇنداق مەھكەم ئىدىكى، ئەگەر ئاتىسىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئىشىتسە، ئوغلى ئۆلتۈرەتتى. ئوغلىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئىشىتسە، ئاتىسى ئۆلتۈرەتتى. ئۇ چاغلاردا موغۇللاردا ئوغلان تا بىر ياشقا كىرمىگىچە ئۇنىڭغا ئات قويمايدىغان رەسىم-قائىدە بار ئىدى. ئوغلان بىر ياشقا كىرگەندە قاراخان ئەلگە جاكا قىلدى. كاتتا توي ئۆتكۈزدى. توي كۈنى قاراخان ئوغلاننى مەرىكىگە ئېلىپ كىرىپ، بەگلەردىن: « ئوغلىمىز بىر ياشقا كىردى، ئەمدى ئۇنىڭغا قانداق ئات قويىسىلەر؟» دەپ سورىدى. بەگلەر جاۋاب بەرگىچە ئوغلان ئېيتتى: «ئېتىمدۇر ئوغۇز خىسرەۋۇ نامۋەر، بىلىڭلار يېقىن بارچە ئەلى ھۈنەر.» Yg|l?d"  
تويغا كەلگەن چوڭ-كىچىك بارچە خالايىق ئوغلاننىڭ سۆزىگە تاڭ قالدى. ئوغلان ئۆز ئېتىنى ئۆزى ئېيتتى. بۇنىڭدىن ئارتۇق ياخشى ئات بولماس دەپ ئېتىنى ئوغۇز قويدى. ئوغۇز يىگىت بولغان چاغدا قاراخان ئۇنىڭغا ئىنىسى كورخاننىڭ قىزىنى ئېلىپ بەردى. خاس ھۇجرىغا رەڭگا-رەڭ شاملار يېقىلىپ، ياش ئايالى بىلەن يالغۇز قالغان چاغدا، ئۇ ئايالىغا: «ئالەمنى، سېنى ۋە بىزنى ياراتقۇچى بار، ئۇنىڭ ئېتى ئاللاھدۇر. ئۇنى بار دەپ ۋە بىر دەپ بىلگىن، ئۇنىڭ بۇيرۇغىنىدىن ئۆزگە ئىشنى قىلمىغىن» دېدى. قىز بۇ سۆزنى قوبۇل قىلمىدى. ئوغۇز دەررۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، باشقا يەردە ياتتى. بىر نەچچە ۋاقىتتىن كېيىن قاراخانغا: «ئوغلىڭىز ئايالىنى سۆيمەيدۇ، سۆيمىگەنلىكتىن ئالغان كۈنىدىن بېرى بىر يەردە ياتمىدى» دېگەن خەۋەر كەلدى. قاراخان بۇ سۆزنى ئىشىتكەندىن كېيىن يەنە بىر ئىنىسى ئوزخاننىڭ قىزىنى ئېلىپ بەردى. ئوغۇز ئۇنىمۇ ئىمان ئېيتىشقا دەۋەت قىلدى. ئۇ قىزمۇ قوبۇل قىلمىدى. ئوغۇز ئۇنىڭ بىلەنمۇ بىللە ياتمىدى. بۇ ۋەقەدىن بىر نەچچە يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، ئوغۇزخان ئوۋغا چىقىپ قايتىشىدا، سۇنىڭ ياقىسىدا كىر يۇيۇۋاتقان بىر قانچە ئايالنى كۆردى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاتىسىنىڭ ئىنىسى ئوزخاننىڭ قىزىمۇ بار ئىدى. ئۇ قىزغا كىشى ئەۋەتىپ سۆزلەشسەم سىرىم ئاشكارە بولۇپ قالارمىكىن دەپ قورقۇپ، ئۆزى قېشىغا بېرىپ چاقىرىپ: «ئاتام ماڭا ئىككى قىزنى ئېلىپ بەردى، ئۇلارنى سۆيمىگەنلىكىمنىڭ سەۋەبى مەن مۇسۇلمانمەن، ئۇلار بولسا دىنسىزدۇر، مۇسۇلمان بولۇڭلار دېدىم، ئۇلار قوبۇل قىلمىدى. ئەگەر سەن مۇسۇلمان بولساڭ ئىدى، سېنى ئەمرىمگە ئالار ئىدىم دېدى.» Flne=ij6g  
قىزمۇ سەن قايسى يولدا بولساڭ، مەنمۇ شۇ يولدا بولۇرمەن دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئوغۇز ئاتىسىغا ئېيتتى. ئاتىسى ئوزخاننىڭ قىزىنى كاتتا توي قىلىپ ئوغۇزغا ئېلىپ بەردى. قىز مۇسۇلمان بولغاچقا، ئوغۇزخان ئۇنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆردى. g!.Ut:8L9  
بۇ پۈتۈنلەي دىنىي تەرغىبات بولسىمۇ، لېكىن مەزمۇنى «جامىئۇل تەۋارىخ» بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. كېيىن، ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىنى ئوغۇزخانغا باغلايدۇ، چۈنكى، ئۇ تۇنجى بولۇپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن خان ئىدى. ئۇيغۇر تارىخ ماتېرىياللىرى ئىچىدە نامەلۇم ئاپتور تەرىپىدىن يېزىلغان، مەزمۇنى يۇقىرىدىكى بايانلار بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان «ئوغۇزنامە» دېگەن كىتاب بار. شۇنداق قىلىپ باشتا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار تېخى ئۇنتۇپ كەتمىگەن ئۆز ئەجدادلىرى ھەققىدىكى رىۋايەت پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىلگەن. f^ywW[dF  
يەنە ئۇيغۇر دېگەن ئاتالما توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشمۇ شۇنداق. راشىددىننىڭ «جامىئۇل تەۋارىخ» دېگەن كىتابىدىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا، ئوغۇزخان ئۆزىگە بەيئەت قىلغان ھەمدە ئۆزىنىڭ ياردەمچىلىرىگە ئايلانغان كىشىلەرگە ئۇيغۇر دېگەن نامنى ئىنئام قىلغان. بۇ تۈركچە سۆز بولۇپ، فارس تىلىدىكى مەنىسى «ئۇ بىزگە قوشۇلدى، بىزگە ياردەملەشتى» دېگەندىن ئىبارەت. فېڭ جياشېڭ ئەپەندى «ئۇيغۇر تارىخ ماتېرىياللىرىنىڭ قىسقىچە توپلىمى» غا ئەبۇلغازىنىڭ كىتابىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بايانلارنى كىرگۈزگەن. چۈنكى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى نۇرغۇن مىللەتلەر ئىچىدە ئۇيغۇر ئاتلىق قەبىلىلەر بار ئىدى، شۇڭا، ئەبۇلغازىنىڭ كىتابىدا تىلغا ئېلىنغان ئاتالمىش ئۇيغۇرلار– ئۇيغۇر دەپ ئاتالغان بىر قىسىم قەبىلە كىشىلىرىلا بولۇپ، ھەرگىز شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ئەمەس. لېكىن ئەبۇلغازىنىڭ كىتابىدا سۆزلەنگەن ئۇيغۇر دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى، «جامىئۇل تەۋارىخ» دېگەن ئەسەردىكى بايانلار بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئۇيغۇر تۈركچە سۆز بولۇپ، مەنىسى «يېپىشقاق» دېگەنلىكتۇر. ئادەتتە سۈت ئۇيىدى دېيىلىدۇ، سۈت پېتى تۇرغاندا بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. قېتىق بولغاندا بىر-بىرىگە يېپىشىپ تۇرىدۇ، شۇنىڭدەك ئىمامغا ئۇيۇدۇم دېيىلىدۇ. ئىمام تۇرسا تۇرۇپ، ئولتۇرسا ئولتۇرماقلىق–يېپىشقانلىق بولماسمۇ؟ 0K`ZX&K?W  
«ئىدى» نىڭ مەنىسى «ئۇ ئەۋەتتى، ئۇ ماڭدۇردى»، «قۇت» نىڭ مەنىسى «ھايات». ئىدىقۇتنىڭ مەنىسى «جىمى خەلقكە ھاياتلىق بەرمەك». بۈگۈنكى ئۆزبېكلەر باتۇر كىشىنى ئىدىقۇت دەپ ئاتايدۇ. ئەبۇلغازى كىتابىنىڭ 86-بېتىدە يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئىدىقۇتنىڭ مەنىسى «بەختلىك، باياشات، دۆلەتلىك» دېگەندىن ئىبارەت. nh?9R&  
ئەبۇلغازى 17-ئەسىردە ياشىغان ھەمدە ئۆزىنى چىڭگىزخاننىڭ ئەۋلادى دەپ ئاتىغان. شۇڭا، ئۇ تۈرك-موڭغۇللارنىڭ شىمالىي قۇملۇق يايلاقلىرىدا ياشىغان دەۋردىكى ئۆتمۈشلىرىگە قىزىقسا كېرەك، شۇ سەۋەبتىن، ئۇ ئەجدادلىرىنىڭ موڭغۇل يايلاقلىرىدا ياشىغان دەۋرىدىكى ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رىۋايەتنى «شەجەرەئىي تۈرك» دېگەن كىتابىغا كىرگۈزگەن. بۇ رىۋايەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئوقۇرمەنلەر ئەسلى كىتابنىڭ 39-41-بەتلىرىدىن كۆرۈپ باقسا بولىدۇ. مەن بۇ يەردە نەقىل كەلتۈرمىدىم. @yCW8]  
ئەبۇلغازىنىڭ كىتابى رىۋايەتلەر دە بايان قىلىنىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تارىخى، خەنزۇچە ۋە باشقا ماتېرىياللاردا تىلغا ئېلىنغان رىۋايەتلەر بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، بۇ، ئەينى چاغدا ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ غەربتىكى تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلاردىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ يەنىلا ئەجدادلىرىنى ئەسلەپ تۇرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. 2z[r@}3  
يۇقىرىدىكى بايانلارغا ئاساسەن، مەن: مۇسۇلمانلارنىڭ تۈركلەر ھەققىدىكى تارىخ قارىشى ئاساسلىقى بەزى «ئەپسانە، رىۋايەتلەر» ئاساسىدا شەكىللەنگەن، بۇ خىل دىنىي تۇمان ئاسارىتىدە يېزىلغان تارىخ كىتابلىرى («ئوغۇزنامە» مۇ بۇنىڭ ئىچىدە) دىننى تەشۋىق قىلىشنى ئاساس قىلغان، بۇ ئەسەرلەرنىڭ تارىخشۇناسلىق قىممىتىنىڭ بار-يوقلۇقىغا بىر نېمە دېمەك تەس، دەپ قارايمەن. مۇبادا پەننى تەشەببۇس قىلىمىز، خۇراپاتلىقنى يوقىتىمىز دەيدىكەنمىز، ھەقىقىي ئىشەنچىلىك تارىخ ماتېرىياللىرىغا تايىنىپ تۇرۇپ تارىخنى بايان قىلىشىمىز، شۇ ئارقىلىق كىشىلەرنى تارىخقا ۋە ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى مەسىلىلەرگە توغرا قارايدىغان قىلىپ تەربىيىلىشىمىز زۆرۈر. J.*[gt%O|  
تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ تۈرك تارىخى ھەققىدىكى يېڭىچە تونۇشى، يېقىنقى دەۋردىن كېيىن شەكىللەنگەن. بۇ خىل يېڭىچە تونۇش، گەرچە ئىسلام تارىخ قارىشىنىڭ ئاسارىتىنى بۇزۇپ تاشلىغان بولسىمۇ، لېكىن پان ئىسلامىزمنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالمىدى. Y>(ZsHu  
مۇسۇلمانلارنىڭ تۈرك-موڭغۇل تارىخىغا بولغان تونۇشى ئۇزاق جەريانلارنى بېسىپ ئۆتتى. موڭغۇل چىڭگىزخان ئىستېلاسىنى مۇسۇلمان تارىخچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىنكار قىلىدۇ. بۇ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ تارىخ قارىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن. شۇڭا، ئۇلار تۆمۈرلەڭ دەۋرىگە كەلگەندە، تۈرك تارىخى ھەققىدە ئىزدىنىپ كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن. تۆمۈرلەڭ ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرلەردە، سەمەرقەند، ھېرات كەبى چوڭ شەھەرلەر تۈركىي تىل – مەدەنىيىتى گۈللەنگەن مەركەزلەرگە ئايلانغان. بۇرۇنقى موڭغۇللار دەۋرىدىكى ھەر خىل ئەسەرلەر توپلانغان ۋە تەتقىق قىلىنغان،بۇ، تۈركىي تىل- مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشكە باشلىغانلىقىنىڭ بەلگىسى ئىدى. «تۈركلەرنىڭ چاۋسېرى» دەپ نام ئالغان نەۋائىي بىلەن تۆمۈرلەڭدىن كېيىن ئۆتكەن پادىشاھ بابۇر كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئىككى يۇلتۇز ئىدى. Y1m}@k,+M  
غەربتىكى ئوسمانىيلار ئىمپېرىيىسىدە، 15-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۆتكەن مۇرادⅡ دەۋرى (1421-1451) گە كەلگەندە، ئاتالمىش تۈرك مىللەت ئېڭىنىڭ ئالامەتلىرى پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بۇ دەۋردە ئوسمانىيلارنىڭ سۇلتانى خان دېگەن نامنى قوللاندى. راشىددىننىڭ «جامىئۇل تەۋارىخ» دېگەن ئەسىرىنىڭ 1-تومى مۇشۇ دەۋردە تۈركچىگە تەرجىمە قىلىندى. مەزكۇر كىتابتا خاتىرىلەنگەن رىۋايەتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئوغۇزخان، ئوسمانىيلار پادىشاھ جەمەتىنىڭ ئەجدادى دەپ تونۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۈركلەرنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تەتقىق قىلىش شامىلى كەڭ تارقالدى. لېكىن 16-ئەسىردىن كېيىن ئىراندا شىئە مەزھىپىدىكى تۈركىي تىللىق قوۋملار قۇرغان ساففار خانلىقىنىڭ مەيدانغا كېلىشى بىلەن، سۈننىي مەزھىپىدىكى ئوسمانىيلار ئىمپېرىيىسى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق قوۋملارنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالدى. ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىياغا ۋولگا دەرياسى ياكى قىرىمدىكى تاتارلارنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىقلا تەسىر كۆرسىتەلىدى. T$#FAEz  
تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى تۈرك تارىخى ھەققىدىكى تونۇشىنى ھەقىقىي تۈردە روياپقا چىقارغىنى، يېقىنقى دەۋردىكى تۈرك تارىخ مەدەنىيىتى ھەققىدىكى تەتقىقات بولۇپ، ئۇ 18-ئەسىردە پەيدا بولغان، لېكىن ئۇ 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن ئاندىن راۋاجلانغان. بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي ئەھۋاللارنى «ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى» دېگەن ماقالىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ يەردە، مەن ئىككى نۇقتىنىلا تىلغا ئالىمەن. بىرىنچىسى، ئوتتۇرا ئاسىيا ئارخېئولوگىيىسى ۋە تۈرك يېزىقىدىكى مەڭگۈ تاشلارنىڭ تېپىلىشى. 1832-يىلى لوندوندا يەنە ئاس دىۋېسنىڭ «تۈرك گرامماتىكىسى» دېگەن كىتابى نەشر قىلىندى. بۇ ، كىشىلەرنى قەدىمكى تۈركلەرنىڭ ئۆز يېزىقى ۋە مەدەنىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى؛ ئىككىنچىسى، چار روسىيلىك پوپ بىچۇرىن (ياكىنېف) تۈزگەن «قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر مىللەت خەلقلىرى تارىخىغا ئائىت ماتېرىياللار توپلىمى» (رۇسچە) بىلەن پېللىئوتنىڭ «غەربىي تۈركلەر تارىخىغا ئائىت ماتېرىياللار» (فرانسۇزچە) دېگەن كىتابىنىڭ نەشردىن چىقىشى، كىشىلەرنى ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تۈركلەرنىڭ پائالىيىتىگە ئالاقىدار تەپسىلىي ئەھۋاللارنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى؛ ھەمدە قەدىمكى تۈرك يېزىقىدىكى مەڭگۈ تاشلارنى يېشىپ ئوقۇش ئۈچۈن ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئەتتى، ھەم ئۇ ئىسلام تارىخ ماتېرىياللىرى، غەرب تارىخ ماتېرىياللىرى ھەم ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللار بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن ئاساستا تەتقىق قىلىندى. XKpL4]{&q4  
يۇقىرىدىكى تۈرك تارىخ مەدەنىيىتىگە ئالاقىدار تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىگە كۆرسەتكەن تەسىرى شۇ بولدىكى، دىننىڭ تارىخ كۆز قارىشىغا بولغان بويۇنتۇرۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، كىشىلەرنى دىنىي ئەپسانىلەرگە تولۇق ئىشەنمەس قىلىپ، تارىخنى چۈشىنىشنى ھەقىقىي ئىشەنچىلىك تارىخ ماتېرىياللىرى (يېزىق تارىخ ماتېرىياللىرى ۋە ئەمەلىي ماتېرىياللارمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) نى ئاساس قىلغان ئاساستا تەتقىق قىلىپ چىقىرىلغان خۇلاسە ئۈستىگە تۇرغۇزۇش ئارقىلىق، تۈرك تارىخى توغرىسىدىكى نەزەر دائىرىنى ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى دەۋرگە كېڭەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ، ئىلىمدىمۇ بىزگە يېڭىچە بىر ساھە ئېچىپ بەردى. ئەلۋەتتە، تار دىنىي قاراشلار بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغان ھازىرقى دۆلەتلەردىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مۇشۇنداق دېيىشكە بولىدۇ؛ لېكىن دىنىي كۆز قارىشى ئىنتايىن چوڭقۇر كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، قىسقا مۇددەت ئىچىدە دىنىي كۆز قاراشنى تۈگىتىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. 3D]2$a_d  
يېقىنقى دەۋردە، تۈرك تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار، ئاساسلىقى روسىيە بىلەن غەربىي ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردە قانات يايدى. مەملىكىتىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونىدا، خىلمۇخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، كىشىلەرنىڭ تاشقى دۇنيانى چۈشىنىشى چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقتىن، بىز يەرلىك ئاز سانلىق مىللەت زىيالىيلىرىنىڭ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە تۈرك تارىخ- مەدەنىيىتى ئۈستىدە قانچىلىك تەتقىقات يۈرگۈزگەنلىكىنى تېخى بىلمىدۇق. N8Rm})  
يېقىنقى دەۋردىكى تۈرك تارىخى- مەدەنىيىتى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار، گەرچە بىزنىڭ تۈرك تارىخىغا بولغان تونۇشىمىزنى كېڭەيتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئاتالمىش تۈرك مىللەتچىلىكى، بولۇپمۇ پان تۈركىزم نەزەرىيىسىگە بەزى باھانە-سەۋەبلەرنى تېپىپ بەردى. ھالبۇكى ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بوزەك قىلىشى ۋە تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلارنىڭ غەربىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا كەمسىتىلىشكە ئۇچرىشى، پان تۈركىزمنى راۋاجلاندۇرغان تۇپراققا ئايلاندى. پان تۈركىزمنىڭ مەركىزى ئەلۋەتتە ئوسمانىيلار ئىمپېرىيىسى بىلەن كېيىنكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بولدى. ئەمما، پان تۈركىزمنى تارقىتىش جەھەتتە، ئىككى دۆلەتنىڭ كىشىلىرى ناھايىتى زور رول ئوينىدى. بىرسى، ۋېنگىرىيە، يەنە بىرسى قىرىم تاتار خانلىقى (يەنە ۋولگا دەرياسى ۋادىسىدىكى قازان تاتارلىرىمۇ بار) بولدى. ~ >&I^4  
ۋېنگىرىيىدە، ماجارلار بىلەن تۈركلەرنىڭ نەسلى بىر، دەيدىغان بىر خىل نەزەرىيە مەۋجۇت. شۇڭا، تۈرك تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ۋېنگىرىيىدە ئىنتايىن رىغبەتلەندۈرۈلگەن. 1893-يىلىلا، ۋېنگىرىيىلىك ئالىملار ئىراندىن باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى «تۇران» دېگەن ئاتالغۇ بىلەن ئاتىغان ھەمدە «تۇران» دېگەن بۇ ئاتالغۇ بىلەن تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان بارلىق مىللەتلەر ۋە موڭغۇللار، شۇنىڭدەك فىنلاندىيىلىكلەر، ۋېنگىرلار قاتارلىقلارنى كۆرسەتكەن، تۈركىي تىلنى «تۇران تىلى» دەپ ئاتىغان. يەنە «تۈركىي مىللەت» دېگەن ئۇقۇم پەيدا بولغان. «تۇرانىزم» (يەنى تۈركىزم) ۋە «پان تۇرانىزم» (يەنى پان تۈركىزم) دېگەن ئىككى ئاتالغۇ ھاسىل بولغان. 1848-يىلىدىكى ياۋروپا ئىنقىلابى مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، ۋېنگىرىيىلىك بىر قىسىم سەرگەردانلار تۈركىيىگە كېلىدۇ. ئۇلار ئۇ يەردە ماكانلىشىىپ، بەزىلىرى ئىسلام دىنىغا كىرىدۇ. ۋېنگىرىيىلىك ئارمىنىئۇس ۋامبېرى (1832-1913) تۈركىيىگە كەلگەندىن كېيىن، مەخسۇس ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈرك تارىخىنى تەتقىقى قىلىدۇ، نۇرغۇن تۈركىيىلىك زىيالىيلار بىلەن دوست بولىدۇ، ئۆزىمۇ تۈركىيىلىك بولۇپ قالىدۇ. تۈركىيىلىك نەجىب ئاسىم (1861-1935) ۋېنگىرىيىلىك تۈرك تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانىدى. ?|%\<h@;  
قىرىم تاتار خانلىقى ئالتۇن ئوردا خانلىقى گۇمران بولغاندىن كېيىن 1449-يىلى قۇرۇلغان. لېكىن تاتارلار تۇرۇشلۇق كافا بىلەن قىرىم ئەتراپلىرى 1475-يىلى ئوسمانىيلار ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلدى، تاتارلارنىڭ ئېلخانى ئوسمانىيلار ئىمپېرىيىسىنىڭ بېقىندىسىغا ئايلاندى. كېيىن، ئوسمانىيلار ئىمپېرىيىسى قارا دېڭىز ئۇرۇشىدا روسىيىدىن يېڭىلىپ، 1774-يىلى ئىمزالانغان «كۇتسۇك كاينارسا تىنچلىق شەرتنامىسى» گە ئاساسەن، ئوسمانىيلار ئىمپېرىيىسى قىرىم تاتار خانلىقىغا بولغان ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى. شۇنىڭ بىلەن، تاتار خانلىقى مۇستەقىل دۆلەت بولدى. 1873-يىلى، روسىيە قىرىمنى يۇتىۋالغاچقا، تاتار خانلىقى مۇنقەرز بولدى. شۇڭا، تاتارلار باشتىن-ئاخىر دۆلىتى مۇنقەرز بولۇش ئازابىنى تارتىپ كەلدى. ئۇلار رۇسلار ۋە ياۋروپالىقلارنىڭ تۈرك تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدىكى يېڭى بايقاشلىرىدىن ئىلھاملىنىپ، ئوسمانىيلار ئىمپېرىيىسىدىن ئىبارەت ئاتالمىش بۈيۈك تۈرك دۆلىتىنى ئەسكە ئېلىشتى، شۇنداق قىلىپ، ئاتالمىش تۈركىي مىللەت ئېڭى تاتارلار ئارىسىدا كۈچىيىشكە باشلىدى. مەسىلەن، تاتار پان تۈركىزمچى يۈسۈف ئاكچۇرا تۈرك مىللەتچىلىكىگە «تۈرك ئىرقىنى ئاساس قىلغان بىر خىل تۈركىزم» دەپ ئېنىقلىما بەردى. كېيىن، تۈركىيىلىك پان تۈركىزمچى زىيا گوكالپ 1911-يىلى ئېلان قىلغان «تۇران» سەرلەۋىلىك شېئىرىدا: «تۈركلەرنىڭ دۆلىتى ئەمەستۇر تۈركىيە، ھەم ئەمەستۇر تۈركىستان؛ ئۇلارنىڭ دۆلىتى بىپايان ھەم مەڭگۈلۈك زېمىن–ئۇ تۇران» دەپ ئاتىدى. بۇنى ئاتالمىش بۈيۈك تۈرك دۆلىتى توغرىسىدىكى ئېنىقلىما دېيىشكە بولىدۇ. 5KL9$J9k  
تاتارلارنىڭ قازاقىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسياغا كېلىپ پان تۈركىزمنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئۇنىڭ بىلەن شۇغۇللىنىش پائالىيىتى بۇرۇنلا باشلانغان بولىسمۇ، لېكىن ئاساسلىقى يەنىلا 1904-يىلدىكى ياپونىيە-روسىيە ئۇرۇشىدا روسىيىنىڭ مەغلۇب بولۇشى ۋە 1905- يىلدىكى روسىيە ئىنقىلابىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان. ئەينى چاغدىكى ئاتالمىش جەدىد ھەرىكىتى، يەنى ئىسلاھات ئېقىمىدىكىلەر ھەرىكىتىنىمۇ ئاساسلىقى تاتارلار باشلىغان. ئۇلارنىڭ ئېتىقادى ۋە سالاھىيىتى ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ پائالىيىتى يەنىلا پان ئىسلامىزمدىن ئايرىلالمىغان. ئۇلار چوڭ رۇسچىلىقنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى چىققاچقا، چار روسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەن. ئۇلار قازاقىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا كېلىپ، ئاساسلىقى مەكتەپ قۇرۇش، گېزىت چىقىرىش ۋە مەخپىي ئۇيۇشما تەشكىللەش ئارقىلىق پان تۈركىزمنى تەشۋىق قىلغان. ئۇلار مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىسلام مەملىكەتلىرىنىڭ زاۋالىققا يۈزلىنىشىنىڭ بۇ مەملىكەتلەردىكى دىنىي مۇتەئەسسىپلىك ۋە سىياسىي تۈزۈمدىكى چىرىكلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان، شۇڭا، بۇخارا خانلىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى دىنىي، سىياسىي تۈزۈملەرنىمۇ ئۇلار ئىسلاھ قىلىشنى تەشەببىۇس قىلغان. ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىسلاھات ئەندىزىسى تۈركىيە ئىدى. ئىسمائىل بېي غاسپىرالى (1841-1914) ئاتلىق بىر تاتار پان تۈركىزمچى 1876-يىلى ياش تۈركىيە ئىنقىلابى پارتلاپ ئۇزاق ئۆتمەي، «روسىيىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھال-ئەھۋالى» سەرلەۋىلىك بىر كىتابچە يازغان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا كەڭ تارقىتىلغان. ئۇلار گەرچە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئېچىۋېتىشنى تەلەپ قىلىدىغان سودىگەرلەر سىنىپىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا يۇقىرى قاتلام دىنىي زاتلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. 20-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئۇلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار تۈركىيىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلدى (1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇنقى 1911-يىلى 15 ئادەم، 1913-يىلى 30 ئادەم ئەۋەتىلدى). بۇ ئوقۇغۇچىلار تۈركىيىدە پۈتۈنلەي بىر خىل پان تۈركىزملىق مۇھىتتا ياشىغاچقا، روسىيىگە ئۆچمەنلىك بىلەن قارايدىغان بىر خىل ئىدىيىۋى ئاڭنى يېتىلدۈردى ھەمدە كېيىن بارا-بارا روسىيە ۋە ئۆكتەبر ئىنقىلابىغا قارشى ئاساسىي كۈچكە ئايلاندى. پان تۈركىزمچىلار روسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا باستۇرۇلغاندىمۇ، تۈركىيىگە قېچىشتى. مەملىكىتىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونىدىمۇ پان تۈركىزمچىلار ھەرىكەتلەنمەي قالمىغان. مەسئۇد ئېقىمىدىكىلەر 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تۈركىيىگە ئوقۇشقا بېرىپ، شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن ئىلىغا قايتىپ كېلىپ پان تۈركىزم پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانىدى. $[HcHnf  
پان تۈركىزمنىڭ باش كۆتۈرۈشى، گەرچە كىشىلەرنىڭ تۈرك تارىخى ھەققىدىكى بىلىملىرىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، لېكىن تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولغاچقا، پان تۈركىزممۇ ھەمىشە پان ئىسلامىزم بىلەن بىرىكىپ كېتىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆز ئارا يۆلەنچۈك بولۇش ھەم قوللاش مۇناسىۋىتى بار. شۇڭا، پان تۈركىزمچلارنىڭ تارىخ قارىشى دىننىڭ تەسىرىدىن مەڭگۈ قۇتۇلالمايدۇ، ھەم ئىدراكىي ۋە ئىلمىي بولغان تارىخ قارىشى مەڭگۈ مەيدانغا كېلەلمەيدۇ. lM@<_=2  
پان ئىسلامىزمنىڭ راۋاجلىنىشىمۇ بىر جەرياننى بېسىپ ئۆتتى. 19-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيادىكى ھەر قايسى ئىسلام مەملىكەتلىرى غەربتىكى كۈچلۈك كاپىتالىستىك ئەللەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى بىلەن مۇستەملىكە ۋە ھامىي دۆلەتكە ئايلاندى، شۇ سەۋەبتىن، ئىسلام دىنىدىكى يېقىنقى زامان تەربىيىسىنى ئالغان بىر قىسىم زاتلار ئىسلاھاتنى، يەنى ھەم دىنىي ساھەدىكى مۇتەئەسسىپلىكنى، ھەم چىرىك سىياسىي تۈزۈمنى ئىسلاھ قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا كەلگەندىلا، پان ئىسلامىزم ئاندىن ھۈنىرىنى كۆرسىتشكە باشلىدى. ئۇلارنىڭ ئېتىقادى–«دىن گۈللەنسە، دۆلەت گۈللىنىدۇ» دېگەندىن ئىبارەت، ئۇلارنىڭ مەقسىتى، ئورتاق دىنىي ئېتىقاد ۋە دىنىي ھېسسىياتنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، غەربتىكى كۈچلۈك كاپىتالىستىك ئەللەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئورتاق قارشى تۇرۇشقا ھەمدە دۆلەت، رايوندىن ھالقىغان بىر ئىسلام ئىمپېرىيىسى قۇرۇشقا ئۇرۇنۇش ئىدى. بۇ خىل تەشەببۇسنىڭ پان تۈركىزم بىلەن مەلۇم ئوخشاشلىقى بولغاچقا، بۇ ئىككىسىنى ئاسانلا بىرلەشتۈردى. لېكىن بۇ خىل تەشەببۇس ئاسانلىقچە ئەمەلگە ئاشمايتتى. 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، تۈركىيىگە ئوخشاش تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتنى ئاساسىي ئاھالە قىلغان ھەم ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان دۆلەتمۇ دەھرىيلىشىش ۋە ھاكىمىيەت بىلەن دىننى ئايرىش پرىنسىپىنى يولغا قويدى. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، تاكى 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىغا كەلگىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئافرىقا، ھەتتا پۈتكۈل 3-دۇنيا ئەللىرىدە يۈز بەرگەن مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىمۇ مۇستەملىكە ھامىي دۆلەتلىك ئورنىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئاساسلىق ۋەزىپە قىلغانىدى. نەتىجىدە، نۇرغۇن دۆلەت مۇستەقىللىققا ئېرىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي دۆلەتلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن قۇردى. شۇڭا، بۇ دەۋردە، پان ئىسلامىزم تېخى بۇ دۆلەت ۋە رايونلاردىكى ئىجتىمائىي ئىدىيىۋى ئېقىمنىڭ ئاساسلىق يۆنىلىشى ئەمەس ئىدى. H<rnJ  
20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىغا كەلگەندىن كېيىنلا، پان ئىسلامىزم ئاندىن ئەۋج ئېلىپ، ئەشەددىيلىشىش يولىغا قاراپ ماڭدى. ئۇنىڭ ئىپادىسى، ئەسلى دىن تەرىقەتچىلىكى ئۇقۇمى بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بولدى. مەسىلەن، ئىسلام ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ دېگەننى كۆككە كۆتۈرۈپ، ئاتالمىش «ئاللاھ ئىگىلىك ھوقۇق نەزەرىيىسى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار كېرەك ئەمەس، قۇرئان كەرىم ھەممىنى بەلگىلەيدۇ» دېگەننى تەشەببۇس قىلىش، دىنىي ئىدىيىنى سىياسىيلاشتۇرۇپ، دىنىي تەشكىلاتنى سىياسىي پارتىيىلەشتۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئسىلام ھاكىمىيىتىنى ھازىرقى دەھرىي ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ۋەھاكازالار. بۇ خىل ئەسلى دىن تەرىقەتچىلىكى ئىدىيىسى، ھازىر ئىسلام دۇنياسىدىكى بەزى دۆلەتلەردە ئاساسىي ئېقىمغا ئايلىنىپ بولدى. ئۇ يەرلەردە دىنىي ئەسەبىلىك كۈنسايىن ئەۋج ئالدى. بۇ خىل دىن سىياسىيدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، دىن سىياسىيغا ئارىلىشىدۇ ۋە ئۇنى كونترول قىلىدۇ دېگەن ئىدىيە، باشتا بايان قىلىنغان پان ئىسلامىزمنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئىسلام ئىمپېرىيىسى قۇرۇش كېرەك دېگەن تەشەببۇسى بىلەن بىرلەشتى، ئەمەلىيەتتە 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن بۇيانقى مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى ۋە قۇرۇلۇپ بولغان مىللىي دۆلەتلەرنى ئىنكار قىلدى. iBGSBSeL&  
ئوخشاشلا، پان تۈركىزمچىلار ئۆزلىرىنىڭ تۈرك تارىخى ھەققىدىكى تونۇشلىرىغا ئاساسلىنىپ، تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان بارلىق مىللەتلەرنى ئاتالمىش «بۈيۈك تۈرك مىللىتى» نىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلدى ھەمدە «جۇڭگونىڭ سەددىچىن سېپىلىدىن ئادىر ياتىك دېڭىزىغىچە» بولغان بۈيۈك تۈرك دۆلىتى قۇرۇشنى ھەمدە ھازىرقى نۇرغۇن ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەرنى پارچىلاشنى تەرغىپ قىلدى. پان تۈركىزم–پان ئىسلامىزم، شۇنىڭدەك ئىسلام ئەسلى دىن تەرىقەتچىلىكى بىلەن بىرلەشسە، مۇقەررەر ھالدا ئەشەددىيلىك يولىغا قاراپ ماڭىدۇ ھەمدە تەرەققىي قىلىپ بۆلگۈچىلىككە ئايلىنىدۇ. بذ، ئىنتايىن خەتەرلىك. ئۇلار يەنە تېررورلۇق ۋاسىتىسى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ تەشەببۇسلىرىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ ھەمدە كەڭ خەلق بىلەن قارشى بولغان مەيدانغا قاراپ ماڭىدۇ. b7W=HR  
نۆۋەتتىكى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئەھۋالىدىن ئېيتقاندا، ھەر قايسى مىللەتلەر ياكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىپادىسى ھەم ئۇلارنىڭ مىللىي مۇناسىۋەتلەر ھەم خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىلىرى، ئۇلارنىڭ ئۆز مىللەتلىرىنىڭ تارىخىغا بولغان تونۇشى ۋە كۆز قارىشى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان. مەملىكىتىمىزنىڭ ياخشى بولغان مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى، مۇقىم بولغان سىياسىي ۋەزىيەت ۋە خەلقئارا مۇھىتنى قوغداش ئۈچۈن، ئىلمىي بولغان تارىخ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە توغرا بولغان تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، دىن قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش–ئىنتايىن زۆرۈر. 3*X, {%  
a in#_H  
مەنبە نازۇگۇم  
تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-03-13, 23:59
 
narat
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7878

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   278 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   13020 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1314 (قېتم)
 تۆھپە:   1314  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6664
 سائەت
دەرىجىسى:
6664 سائەت 356 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-01-17
ئاخــىرقىسى:2013-09-12
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2012-03-14

كۈرىپبولاپ ىنكاس يازاي q4ko}jn  

bayawan

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.24

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   2570 

 نادىرلانغان تېمىسى:   12 

 مۇنبەر پۇلى:   64935 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   6017 (قېتم)
 تۆھپە:   5790  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 17916
 سائەت
دەرىجىسى:
17916 سائەت 374 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-07
ئاخــىرقىسى:2013-09-14
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-03-14

بۇ تېمىدا مول مەزمۇنلار بار ئىكەن . ئالدىرىماي بىرباشتىن كۆرۈپ چىقىش كېرەككەن .
ئانا تۇپراق-بىزنى ئەبەدىي ئۆز قۇچىقى ئارقىلىق يۈكسەكلىككە ئېرىشتۈرگۈچى مۇنبەت تۇپراقتۇ ، ئۇنىڭ قىممىتى بىباھادۇر ~
narat
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7878

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   278 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   13020 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1314 (قېتم)
 تۆھپە:   1314  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6664
 سائەت
دەرىجىسى:
6664 سائەت 356 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-01-17
ئاخــىرقىسى:2013-09-12
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-03-17

مەن ئالدىرماي كۈرىپ چىقتىم ئەمما رازى بولمىدىم ئاپتور ئالدىبىلەن ئۈز مىللىتىنىڭ تارىخىنى ياخشى يېىززپ شۇنى تەتقىق قىلسا بولىدۇ بىز ئۈزتارىخىمىزنى ياخشى بىلىمىز بىزنىڭ تارىخىمىزغا بىرەۋلارنىڭ كۈز قارىشىنىڭ كېرىكى يوق بۇ يەردە شۇنەرسە ېنىق بولسىنكى بىز تۇركى مىلەتنىڭ قانداشلىقى ئاللا قانداقتۇ بىر سىياسى مەقسەت ئۈستىدە بارلىققا كەلگەن ئەمەس ئۇ ئۈزىنىڭ ئەقىقى بىر قان قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىدىن كەلگەن ،ساپ قانداش قېرىنداشلاردۇر.  
bugrahan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2415

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   42 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2041 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   151 (قېتم)
 تۆھپە:   120  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 51
 سائەت
دەرىجىسى:
51 سائەت 39 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-16
ئاخــىرقىسى:2012-06-14
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-04-13

پوقىنى  يىسىچۇ    ئاۋۋال ئوز تارىخىنى ياخشى ئوقۇسۇن
ALhumar0998
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.13068

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   14 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   799 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   80 (قېتم)
 تۆھپە:   80  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 10
 سائەت
دەرىجىسى:
10 سائەت 10 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-12-16
ئاخــىرقىسى:2013-05-23
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 03-08

بەك  ئىزدىنىپسىز  جۇمۇ !
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى