باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1696 
  •    ئىنكاس 
       3 

بالىلارنى قانداق تەربىيلەش كېرەك؟

قەۋەت ئاتلاش
xungkarkader
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7935

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   280 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   21579 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1982 (قېتم)
 تۆھپە:   1982  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3684
 سائەت
دەرىجىسى:
3684 سائەت 86 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-01-23
ئاخــىرقىسى:2013-07-15

بالىلارنى قانداق تەربىيلەش كېرەك؟ 1 I.P7_/  
QdcuV\B}  
ھازىرىقى زامان ئىلىم-پەن تەرەققىياتىنىڭ تېز سۇرئەتتە تەرەققىي قىلشى ۋە رايۇنلار ئارىسىدىكى رىقابەتنىڭ كەسكىنلىشىپ بېرىشى، بولۇپمۇ پېلانلىق تۇغۇت سىياستىنىڭ يولغا قويلىشى، يالغۇز پەرزەنتلىك ئائىللەرنىڭ روياپقا كىلشى بىلەن مائارىپقا بولغان بېسىم كۈچىيىپ، ئائىلە باشلىقلىرى،مەكتەپ، جەمئىيەت ۋە ھۆكۇمەت ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن تەڭپۇڭسىزلىقلارنى كەلتۇرۇپ چىقارماقتا.بولۇپمۇ  ھازىر جەمئىيەت ئەزالىرى ئارىسىدا ئالدامچىلىق،ساختا-پەزلىك، ھوقۇقپەرەسلىك،كاززاپلىق،بۇلاڭچىلىق،ئېشقىۋازلىق، تېرۇرلۇق قېلمىشلارنىڭ يۇز بىرىشىنىڭ بارغانچە ياش كىچىكلىشىشكە قاراپ يامرىشى،بىزنىڭ ھەرتەرەپلىمە ئويلىنىشقا، مۇھىمى ھازىر  يولغا قويلىۋاتقان مائارىپ تۈزۇلمىستە مەسلە بارلىقىنى چۇشەندۇردۇ.بۇلارنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە نوقتىدىن ئانالىز قىلىشقا بولىدۇ: _deEs5i  
1.ئائىلدىكى تەربىيلىنىش ۋە ئائىلنىڭ بالىلارغا بولغان تەسىرى. _[rQt8zn  
بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانا بولۇش ئالدىدا تۇرغان ياش بىر جۇپلارنىڭ  ساغلام تەن،ساغلام پىسخىك ساپا بولۇش شەرتى چوقۇم ھازىرلىنىش كىرەك. xyM|q9Gf@  
ئېجتىمائىي  جەمئىيەت تەرەققىياتى كونا جەمئىيەتتىكىدەك قالاق نىكاھ قارىشىنى بىججىت قىلغان بولسىمۇ،بىراق تۇرلىك ئۇچۇر ئېلىكتىر ئۈسكۇنلىرىنىڭ ئائىللەرگە سېڭىپ كىرىشى مىللەت،رايۇن،جەمەت چەكلىمىسىدن ھالقىپ ئىقتىساد،جەمئىيەت دەرىجىسىنى ئاساس قىلغان يېڭچە نىكاھ ئۇسلۇبىنى ياراتتى.بۇنىڭ بىلەن نىكاھلانماي تۇرۇپ چەكلەنگەن مېۋىنى يەيدىغان،ئىلاجىسىز نىكاھلانغاندىن كىيىن ،ھامىلدارلىق مەزگىكىدە ھامىلە يېتىلىشىگە سەل قارايدىغان،پۇل بولسا،ھوقۇقى ئوسسە دەپ تۇرلىك توغرا بولمىغان نا مۇۋاپىق ھەركەتلەردە شۇغۇللىندىغان ئەھۋاللار مەيدەنغا كەلدى. ھامىلدار ئايال خىزمەت، تۇرمۇش ئۈچۈن دەم ئىلىشقا ئېتىۋار قىلماي، ۋاقىت سائىتى توشماي،ياكى ئوتۇپ كىتىپ بوشنايدۇ. بۇندا ناچار تۇغۇلۇش باللارنىڭ كىيىنكى يېتىلىشىگە تەسىر كورسىتىدۇ ئەلۋەتتە. Z|N$qm}  
بالىلار تۇغۇلغاندىن كىيىن يەسلىگە كىرگۇچە بولغان ئائىلدىكى تەربىيلىنىش بىزدە بەك كەمچىل بولۋاتىدۇ. بىر جۇپ-ئەر ئايال خىزمەت قىلىش سەۋەبلىك ھۆكۇمەت ئاجىرتىپ بەرگەن 60 نەچچە كۇنلىك دەم ئېلشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ  بالنى چوڭلارغا، ئېقتىسادى يېتىشكەنلەر بولسا بالاباققۇچىسقا تاپشۇرۇپ،  ئائىلە تىرىكچىلىكى ئۈچۈن ئاتلىندۇ.بۇ بىر خىل ئانا بىلەن بالنىڭ ئايرىلشى بالا تەربىيسىدىكى ئاجىز ھالقا بولۇپ شەكىللىنىپ قالماقتا. شۇنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى،  ئانا خىزمەت، ئائىلە تىرىكچىلكى بىلەن بالدىن ئايرىلشى، بالنىڭ ساغلام ئۆسۇپ  يېتلىشگە تولدۇرۋالغۇسىز زىيان ئىلىپ كىلدۇ. بالنىڭ تۇغۇلۇپ يەسلىگە قەدەم قويغىچە جەريان بالنىڭ مېڭە يېتلىشى شۇنداقلا دۇنيا قاراش يېتىلشىدە ناھايتى مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى ،مېدىسسىنادا ئالبۇرۇن ئىسپاتلانغان بولسىمۇ ،بىزلەرنىڭ بۇخىل بوشلۇقنى قالدۇرۇپ، بالغا قانداق كۆينىشنى بىلەلمەسلىكىمىز، بەكمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش.بۇ خىل ئەھۋالنى  ھۆكۇمەت تەرەپ ئېتىۋار بىرىشكە تىگىشلىك بولسىمۇ، لېكىن مەسئۇلىيەتچان، پەرزەنتىنىڭ كەلگۇسنى ئويلايدىغان ئاتا-ئانلار ،مەلۇم چارە-تەدبىر بىلەن ھەل قىلدۇ ياكى ئازراق قۇربانلىق بىردۇ. بۇچاغ ئەڭ مۇھىم رول ئوينايدىغىنى يەنە شۇ ئانا بولغۇچى. (بۇيەردە ئانا بولغۇچنىڭ مەسئۇلىيەت،مەجبۇرىيەتلىرىنى تونۇشتۇرمايمەن) nh5=0{va|L  
ئۇندىن سىرىت ئائىلە قۇرغان بىر جۇپلەرنىڭ ئائىلدىكى كەيپىياتى،ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتنىڭ ياخشى-يامان بولىشى. قايسنىڭ ئائىلدىكى ئورۇننىڭ يۇقىرى بولىشى بالىلار تەرببسىدە تۇرۇتكىلىك رول ئوينايدۇ.دىمەكچى ئائىلدە ئەرلەر ئەركەكتەك ئىشلارنى قىلشى،ئاياللارمۇ ئۆزنىڭ مەسئۇلىيتىنى ياخشى ئەدا قىلشى كىرەك.ئاياللار ئائىلە باشقۇرسا ئوغۇل پەرزەنتلەردە ئايالچە خارەكتىر شەكىللىنىپ قالدۇ. {r;_nMfH|[  
2.يەسلى ئوقۇتۇشنىڭ بالىلارغا بولغان تەسىرى. irq{ 21  
يەسلى باسقۇچى4ياشتىن7ياشقىچە بولغان ئارلىق. بۇمەزگىل دەل بالىلاردا سىرىتقى شەيئىلەرگە بولغان قىزىقىش،ھەۋەس،تەپەككۇر ئىچىلدىغان، دەسلەپكى دۇنيا قاراشقا ئۇل سىلىندىغان مۇھىم باسقۇچ. شۇنداق بولغاچقا ،يەسلى مەكتەپلىردە ئوقۇتقۇچنى تاللاشمۇ مۇھىم ئامىل ھېساپلىندۇ. PX/{!_mM  
ھازىر يەسلى مۇئەللىمى دىسە، دەرھال ئايال مۇئەللىمنى يادىمىزغا ئالمىز. ئۇنداقتا ئەرلەر يەسلىدە مۇئەللىم بولسا بولمامدۇ؟ ئەسلى ئەرلەر كۆپرەك سالماقتا بولىشى كىرەك.چۇنكى بالىلارنىڭ مۇشۇنداق يېتىلىش مەزگىلدە بالنىڭ قانداق ئادەمدىن، قانداق تەربىيە ئىلشى، بالىلار كەلگۇسىگە ناھايتى زور تەسىر كورسىتىدۇ.شۇنداقلا قانداق ئاڭ شەكىللىنشىگە تۇرۇتكە بولىدۇ. N6u>V~i  
مەن مۇنداق بىر ھېكەيە ئاڭلىغان«بىر ئوغۇل ئالىي مەكتەپ پۇتتۇرگەن ئوقۇغۇچسى بالىلارنى بەك ياخشى كورگەنلىكتىن  يىراق بىر ناھىيگە بىرىپ يەسلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپتۇ.بىر كۇنى ھەرقايسى يىللىق سەئىبيلەرنى ئېگىزگە چىقىپ سىرلىپ چۇشۇش ۋە ھايۋانلارنى تۇتۇش پائالىيتى ئىلىپ بىرىلىپتۇ.ھەرقايسى يىللىق بالىلاردىن ئالدى بىلەن كىمنىڭ بۇرۇن چىقىشنى ئىختىيار قىلغاندا ئاياللار تۇتقان سىنىپتىن ،بالىلار ئاز چىققان ياكى چىقمىغان لېكىن ئەر مۇئەللىم تۇتقان سىنىپتىن كۆپ سانلىق بالىلار ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتقان.ھايۋانلارنى تۇتۇشمۇ شۇنداق نەتېجە بەرگەن . sF[gjeIb  
يۇقارقىلاردىن بىز يەسلى مائارىپىدا ئاياللاردىن بەكرەك ئەرلەر بولۇشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ يىتەلەيمىز. d_pIB@J  
3.باشلانغۇچ مەكتەپ تەربىيسنىڭ تەسىرى. >lQa"F=  
كۆپۇنچە ئاتا-ئانلاردا، مەكتەپلەردە مۇنداق بىر خاتا قاراش بار، ئۇ بولسىمۇ‹گەپ ئاڭلىغان،ئاتا-ئانا ۋە باشقىلانىڭ گىپىنى ئاڭلاپ شۇ بۆيۇنچە ئىش بېجىردىغا بالا ياخشى بالا. پىكىرگە قارىشى چىققان،ئوز ئالدىغا ئىش قىلىشقا ئامراق، قېزىقىشى كۆپ، سىزىققا چۇشمەيدىغان بالا ناچار بالا››دەيدىغان قاراش.بۇخىل قاراش يەسلى مەكتەپلەردىن تارتىپ تاكى تولۇقسىز ئوتتۇرنى پۇتتۇرگىچە ھوكۇمرانلىق قىلىدۇ ۋە تۇزۇمگە مۇنداقچە ئېيىتقاندا قېلىپقا سولاپ يېتىلدۇرۇلدۇ. نەزىرىيە ئۈگۇنۇشكە ئېتىۋار قىلىپ،ئەملىيەتنى تاشلايدۇ،خۇددى بالىلار مەڭگۈ ئەمىلىي رىئاللىققا چىقماي، مەۋھۇم دۇنيادا ياشايدىغاندەك. N*$GP3]  
مەن بىرسىدىن باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان بىر بالنىڭ ئويگە مېھمان كىلىپ، تاماق يېگىچە تۇخۇمنى سويالماي ئانسىغا ‹سۆيۇپ بەر ›دەپ ئاشخانغا ئىلىپ كىرگىنى ئاڭلىغان، بۇنداق ئىشلار كۆپ.باشلانغۇچ دەل مۇشۇنداق  توغرا بولمىغان  ئۇسۇللارنى ئۆزگەرتىش ئەمەس، بەلكى شەكلى ئۆزگەرگەن تۇزۇملىرنى كۇچايتىپ، بالىلار يېتلىشنى تۇنجۇقتۇرماقتا.بۇخىل قېلىپ بالىلاردا ئۆزى ئۇچۇن ياشاش خارەكتىرنى بىرىپ،يېڭلىق يارتىش، ئىجادچانلىق نېرۋىللىرىنى بوغۇپ ،بالىلارنىڭ ئۆزنىڭ ئىشنى ئۆزى قىلىش،ھەرخىل ئويۇنچۇق ئۈسكۇنلەرنى قۇراشتۇرۇشتەك قول سېلىپ ئىشلەيدىغان پايدىلىق ئوبېيكىتتىن چەتنەپ،  مېڭە تەرەققىياتنى بوغۇپ تاشلىماقتا. ھەممىنى باشقىلارنىڭ تەييارلاپ بېرىشى،ئۇلارنى بىرخىل فۇرمىلاغا چۇشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئادەم بولۇش يولنى ئۇزۇپ تاشلىماقتا. =fnBE`Uc  
مەسلەن ئوقۇغۇچلار ماڭدىغان يوللارنىڭ ھەممىسگە سىزىق سىزىلغان،خۇددى ئۇلار شۇ سىزىقىنى بويلاپ ماڭمىسا مېڭىش يۆنۈلىشنى تاپالمايدىغاندەك تۇيغۇ بىرىپ، ساراڭلار سانتۇريىسىغا كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇ  كەلتۇردۇ؛ دەرسخانا كۆپۇنچە قۇيۇپ قويۇش شەكلىدە ئوقۇتقۇچى سۆزلەش، ئوقوغۇچى ئاڭلاش ، ھەركۇنلىكى سەككىز دائەت دەرس،  دەرستىن  كىيىن تۇگمەس تاپشۇرۇق، تاپشۇرۇق تۇگسە كومپىيۇتىردا ئايغى چىقماس تور ئويۇنلىرى، بالىلارنى سىرىتقى تەبىئەت بىلەن تولۇق ئايرىپ، بالىلىرمىزنى ئەڭ ئاددىيسى كۆز ئالدىدىكى بەزى ئۆسۈملۇك ۋە ھايۋانلارنى رەسىمدىن تونۇپ،ئەمىلىيەتتە سەل رەڭ ئۆزگەرسە بىلەلمەيدىغان، قۇرۇق نەزەرىيىچىگە ئايلاندۇرۇپ ،بالىلار ئۆزئارا ئويۇن ئوينىمايدىغان،خوشىنلارمۇ بىر-بىرسنى تونۇشمايدىغان ئۆزنىڭ ساۋاقداشىلىردىن ،باشقىلارغا ئارلاشمايدىغان  بىكىنمىلىك،بۇرخۇتۇملۇق ئىچىدە يېتىلىشكە يىتەكلىنۋاتىدۇ. Nr$78] o9  
مەكتەپلەرنىڭ مەقسىدى ھەممە ئادەمنى ئالىم،ئېنژىنىر قىلىپ تەربىيلەشتەك بولۇپ، باشقا خىل تەربىيلىنىشلەر ئېتۋارغا ئىلىنماۋاتىدۇ. شۇنىڭدەك P/1YN  
بەزى مەكتەپلەر ھۆكۇمەتنىڭ تاپشۇرۇق ئازايتىش،مەكتەپنى قانۇن ئارقىلىق ئوقۇتۇش ئىلىپ بىرىشتەك سىياسىي تۈزۇلمىسنى يولغا  قويۇشتىن ئۆزىنى  قاچۇرۋاتىدۇ. يەنى ئۇلار بالىلارنىڭ ھەرخىل جىدەل-ماجرا چىقىرىپ ، ئاۋارچىلىق تىپشىدىن ئەنسىرەۋاتىدۇ.  ^zO{Aks  
4.تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيسنىڭ تەسىرى 2AhfQ%Y=  
تولۇقسز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقوغۇچلارنىڭ يېتلىشى تىخىمۇ رىجىملىشىشقا قاراپ يۈزلىنۋاتىدۇ. ھازىر قەشقەر ۋىلايتنىڭ بەزى يېزىللىردا مەكتەپ سىياسىي بۆلۇمدىن مەخسۇس ئوقۇتقۇچى، ئوقوغۇچلارنى تەشكىللەپ ،مەكتەپ ئالدىدا قاراۋۇللۇق قىلىپ،ياغلىق ئارتقان قىز ئوقۇغۇچلارنى خۇراپاتلىق دەپ مەكتەپ تۇزۇملىرىگە يۆلەپ گۇنا ئارتىۋاتىدۇ. بۇخىل قىلمىش جەمئيەتتىكى كىشلەرگە پاسسىپ تەسىر بىرىپ ، دۆلەتنىڭ مىللىي، دىن سىياسىتىگە نوقسان يەتكۇزۋاتىدۇ. بەزىدە دەرستىن سىرىتقى مەكتەپ ئىچى پائالىيەتلىرىگە چەك قويۇپ،ئۇلارنىڭ بىر ئىنسانلىق  ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئۇلاردا مەكتەپتىن زىركىش، قېچىشتەك پاسسىپ روھىي ھالەت يېتىلىشكە سەۋەپ بولۇپ قىلۋاتىدۇ. بەزدە ھىچبىر ئەيمەنمەي ئوقۇغۇچى خالىمىغان تەقدىردىمۇ يانچۇق ئاختۇرۇش، كىچىككەن، قاچقانلارنى قانۇنسىز قاماپ قويۇش قىلمىشنى سادىر قىلىپ، قانۇننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ئاياغ-ئاستى قىلۋاتىدۇ؛ بەزى ئاز ساندىكى مەكتەپ رەھبەرلىكى، ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ  كىشلىك ئىززەت-ھۆرمىتىنى قانداق قوغداش كېرەكلىكىنى بىلمىدى ياكى قوغداشنى خالىمىدى، دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرنى ئوقۇغۇچىلارغا توغرا تەدىبىقلاشنى، ئۇ ئارقىلىق سەبىيلەرنى قۇراللاندۇرۇشنى خىيالىغا كەلتۇرۇپمۇ قويماۋاتىدۇ. ئويلاپ باقايلى، بىز كەلگۇسنىڭ خوجايىنلىرنى تەربىيلەمدۇق ياكى بىر ئۇچۇم قۇللارنى، ھېسياتچان ماشنا تەربىيلەمدۇق!؟ 'V:MppQVZ.  
Q"{Dijc%  
يۇقارقىلارنى خۇلاسىلساق، بىزنىڭ مەقسىدىمىز كەلگۇسى ئىزباسار تەربىيلەش،جەمئىيەتكە ياراملىق پۇرقرا تەربىيلەش . ھەرگىزمۇ بۇيرۇق بىرىپ ئىش بېجىردىغان ماشىنا تەربىيلەش ئەمەس.شۇنىڭدا بىز بالىلارنى قانداق تەربىيلەش،قانداق قىلىپ كەلگۇسىگە ياراملىق،رىقابەت ئېڭى كۇچلۇك  ئىقتىساس  ئېگىسى قىلىشنى ئويلاشقاندا ئائىلە تەربىيسىگە ئىتىۋار بىرىش،مەكتەپ تەلىم-تەربىيسنى يېڭلاش،ئۆزگەرتىش،جەمئىيەت تەربىيسنى ئاڭلاشتۇرۇش، ھۆكۇمەت خىزمىتنى پائال ماسلاشتۇرۇپ ئارقىلىق بالىلارنىڭ پارلاق كېلەچىكىنى روياپقا چىقرالايمىز. [fT$# '6  
ئوقۇتقۇچى، ئائىلە باشلىقلىرى ۋە جەمئىيەت باللارنىڭمۇ بىر مۇكەممەل ئىسان ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتىشى كېرەك. 9^n0<(99b  
مېنىڭچە بالىلارنى تەربىيلەشتە: 80Fa i  
1)ئاتا-ئانا بولۇش سالاھيتى ھازىرلىغۇچلار ئۆزدە بالنى قانداق تەربىيلەش ھەققىدە بىلىم ئېگەللىشى،قارغۇلارچە نىكاھلىنىشقا چەك قويۇش،ھۆكۇمەت بولسا ئانا بولغۇچلارنى ياپۇنيە تەربىيسى بۆيۈنچە سىستىمىلىق تەربىيلەپ چىقىش،ھەرخىل شەكىللەر ئارقىلىق ئۇلاردا كەلگۇسكە قارتا مەسئۇلىيەتچانلىق  تۇيغۇسنى ئويغۇتۇش كىرەك. N_B^k8j  
2)مەكتەپ باشقۇرۇشنى  قانۇنلاشتۇرۇش قۇرلىشنى كۈچايتىپ ئوقۇغۇچلارغا ھەقىقىي كۆينۇش،ئۇلارنىڭ كىشلىك ھۆقۇق-ئەركىنلىگە ھۆرمەت قىلشى،ئائىلە باشلىقلىرى،جەمئىيەت ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۇلمىسنى ھەقىقىي يولغا قويشى،ئوقوغۇچىلار بارلىق پائالىيتىنى رامكا ئىچىگە ئىلۋالماي،ئۇلارنىڭ يىقىلغان يەردىن تەجىرىبە يەكۇنلەشكە يېتەكلەش ، مەكتەپ ئادەم تەربىيلەشتىكى ناچار قائىدە-يوسۇنلارنى ئىسلاھ قىلشىى لازىم. %regt{  
3.)بالىلارنى تۇرلۇك دالا پائالىيتىگە يېتەكلەش،ئۇلارنى تەبىئەت بىلەن بېۋاستە ئۇچۇرشۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش،زورۇر تىپىلغاندا ئاتا-ئانلار ۋاقىت ئاجىرتىپ ئۇلارنىڭ دەم ئېلىش كۇنلىردىكى پائالىيتنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. )b]wpEFl  
4)ئاتا-ئانلار بالىلار پىسخولۇگىيسنى ياخشى ئېگەللەش،ئۇلارغا خوجايىنلىق بىلەن ئەمەس،دوستانە،باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ.ئائىلدە يۇز بەرگەن مەسىللەردە ئۇلارنىڭمۇ پىكىرنى ئىلشى لازىم.بۇ بالىلارنىڭ جەمئىيەتكە يۈزلىنشىدە مۇھىم رولنى جارى قىلدۇردۇ. qQDe'f~  
باللارنىڭ يامان يولدا مېڭىپ قىلشى ياكى جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولشى چوقۇم  ئاتا-ئانا بولغۇچلارنىڭ مەسئۇلىيتىدىن بولدۇ. EFVZAY"+!;  
مەنبە : قەلمىم. %SIll  
يۇقارقى ماقالە ئانا تۇپراق تور بېتىگە تەۋە.ھەرقانداق شەخىس، ئورۇننىڭ كوچۇرۇپ ياكى باشقا شەكىلدە تارقىتىشقا بولمايدۇ. زورۇر بولسا مۇئەللىپنىڭ رۇخستىنى ئىلشىڭىزنى تەۋسىيە قىلمەن.
تېما تەستىقلىغۇچى : karluk
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-02-19, 13:27
 
xamxar111

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1313

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1247 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   65806042 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   6639 (قېتم)
 تۆھپە:   6609  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 9692
 سائەت
دەرىجىسى:
9692 سائەت 198 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-03
ئاخــىرقىسى:2013-09-02
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2012-02-19

ھەقىيقەتەن SE6( 3f$  
U=69q]  
L=EkY O%\"  
Iz. h  
!k*B-@F  
مەن مۇنداق تەربىيلەيمەن /read.php?tid-13818.html
erhabi

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1557

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1573 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   59558 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   8557 (قېتم)
 تۆھپە:   8462  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 14136
 سائەت
دەرىجىسى:
14136 سائەت 164 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-17
ئاخــىرقىسى:2013-09-10
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-02-20

ياخشى يوللاپسىز تەشەككۈرلار بولسۇن......
MAZLUM
millitim3
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.13828

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   165 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9444 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   925 (قېتم)
 تۆھپە:   925  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1
 سائەت
دەرىجىسى:
1 سائەت 19 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-01-29
ئاخــىرقىسى:2013-03-16
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 03-16

ئــــــــــــەزا چــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــەكلەنـــدى!!!
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى