باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       589 
  •    ئىنكاس 
       3 

ئۇنىۋېرستېت قوروسىدا كېتىپ بارىمەن

قەۋەت ئاتلاش
ziyaliy
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8098

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   16 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1525 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   135 (قېتم)
 تۆھپە:   135  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1326
 سائەت
دەرىجىسى:
1326 سائەت 24 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-02-08
ئاخــىرقىسى:2012-06-24

ئۇنىۋېرستېت قوروسىدا كېتىپ بارىمەن P+D|_3j  
2Q;Y@%G  
مەكتىپىمىز ياتاق دەرۋازىسىدىن مەكتەپ ئاشخانىسىغىچە بولغان يول ھەم تار ھەم ئاۋات يول. بۇ يولدا ھەركەسىپتىكى،  ھەرخىل  قىياپەتتىكى سىتودېنتلار مىغىلداپ ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ. بىرلىرى سىزگە ناتۇنۇش ، بىرلىرى سىزگە تونۇش، ئۇلارنىڭ بىرلىرىنى كۆرگەندە قەلبىڭىز ھاياجانغا تولۇپ، دىلىڭىز لەرزىگە كېلىدۇ، يۈرىكىڭىز ئاغىدۇ، چۈنكى ئۇلار سىز كۆرۈشكە تەلپۈنگەن، كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان ، قەلبىڭىز تىۋىنگەن كىشىلەر، يەنە بىرلىرىنى كۆرگەندە بولسا غەزەپتىن بوغۇلۇپ، يۈرىكىڭىز سىقىلىدۇ، كۆڭلىڭىز ئاينىپ، بىزارلىقتىن ئۆزىڭىزنى ئېلىپ قاچىدىغان جاي تاپالماي قالىسىز...     بۇ يولدىكىلەر بىرلىرى سىزگە قىزغىن سالام، مېھرى- مۇھەببەتلىك قول بېرىدۇ. بىرلىرى قىزغىن بولالمىسىمۇ ئۆزىگە يارىشا باش لىڭشىتىش، پىسسىڭدە كۈلۈمسىرەش بىلەن سالام- سائەت ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىدۇ، يەنە بىرلىرى سىزنى يىراقتىن كۆرۈپ، بېشىڭىزدىن تاپىنىڭىزغىچە نەزەر ئاغدۇرۇشقا ئۈلگۈرۈپ،  يېنىڭىزدىن ئۆتكەندە بولسا خۇددى جەڭ قەھرىمانلىرىدەك خادايغان پېتى ئۆتۈپ كېتىدۇ.    سىز  يەنە بۇ يولدا ھەرخىل  مەدەنىيەت- ئېقىملارنىڭ نامايەندىلىرىنى ئۇچرىتىپ تۇرىسىز. ئالدى بىلەن مىللىي خاسلىق تىپىدىكىلەرنى تىلغا ئالساق، ئۇلارنىڭ چىرايلىق بادام ياكى چىمەن دوپپىلىرىنى پەخىرلىنىپ كېيىپ يۈرگىنىنى كۆرۈپ ، ئانا مەدەنىيتىمىزنىڭ 21- ئەسىردىكى ۋارىسلىرىغا قاراپ دىلىمىز سۆيۈنىدۇ ۋە ھاياجانغا تولىمىز. ئەمدى  ئارىلاشما  مەدەنىيەت تىپىدىكلەرگە كەلسەك، ئۇلار زامانىۋىي ، مودا ئېقىملارنى مىللىي پاسون بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېرىم ئۆزلۈك ھالىتىدە بولسىمۇ ياشاشنى بىلىدۇ.  ئاخىرىدا ئازبىر قىسىم شاللاق مەدەنىيەت تىپىدىكىلەرگە كەلسەك، ئەگەر ئۇلارنىڭ كىملىك گۇۋاھنامىسدىن ياكى تىلىدىن پەرىقلەندۈرمىسىڭىز  بەزىدە ئۇلارنىڭ قايسى مىللەت ئىكەنلىكىنى پەرىقلەندۈرۈشكە ئامالسىز قالىسىز.   توبا چاچ، خاپان باش، پېتەك چاچ، يەنە چاچ- چاچ... ئۇلارغا قارىسىڭىز ھەرگىزمۇ كىرورەن ئانىمىزنى ئەمەس، بەلكى ياۋرۇپانىڭ قايسى كوچىلىرىدىكى كۆك كۆزلۈك، سېرىق چاچلىق خېنىملارنىڭ سىماسىنى كۆرىسىز. ھەي، ئۆزى ياش، روھى قېرى ئالا- يېشىل  چىراي نازىنىنلار.      ئۇلارنىڭ كېيىۋالغىنىنى دېمەمسىز، ئاندا-ساندا ئېچىلىپ قالىدىغان بەل قورساقلار ، يېرىم - يالىڭاچ تەنلەر سىزگە ئىختىيارسىز ھىندى قىزلىرىنى ئەسلىتىدۇ.  يېنىڭىزدىن ئۆتكەندىكى  بۇرنىڭىزنى غىدىقلايدىغان سەسكىنىشلىك پۇراقنى دېمەيسىز، بۇ پۇراق ھەرگىزمۇ چىيەنلۇڭ خاننى ئۆزىگە لال قىلغان، ئەقلى ھوشىنى رام قىلغان ئىپارخاندىن كېلىدىغان تەبىئىي، ئۆزلۈك پۇرىقى ئەمەس.              يەنە تېخى كوچىدا كېتىۋاتقان ئاۋۇ بىر بۆلۈك نازلىق  يېگىتلەرنى دېمەمسىز،  ئوغۇل بالا بولۇپ تۆرەلگىنىدىن پۇشايمان قىلامدۇ-تاڭەي ، بۇنى بىلمىدىم.  قۇلاقلىرىنى تېشىپ مۇنچاق ئېسىپ، بويۇنلىرىغا زەنجىر، قولىغا  ئۈزۈك تاقاپ، يولدا تولغىنىپ، ئېزىلىپ مېڭىپ، ئاياللاردىن ئۆزلۈك ۋە كىملىك تالىشىۋاتقان  نازىنىن يېگىتلەر، ئوغلانلار.....   كېتىپ بارىمەن، ئاخىرى مەكتەپ ئاشخانىسىغا كېرىپتىمەن،  رەت ( پەيدۈي ) نى  بۇزۇپ، تەرتىپسىزلىك قىلىۋاتقان، جېدەل چىقىرۋاتقان سېتودېنتلار،    ئۈستەللەردىكى يېغىشتۇرۇلمىغان قاچا- قۇچىلارنى كۆرۈپتىمەن.     مۇسۇلمانچە تاماقخانا دەپ ۋىۋىسكا ئېسىلغان ئاشخانىغا كىرىپ تۇرۇپ،  ئالدىغا مۇسۇلمانچە تاماقنى قويۇۋېلىپ، تاماكىسىنى پۇرقىرىتىپ  ھالال-ھارام  ئېتىقادىدا ياشاۋاتقان بىچارىلەر.    شۇ ئەسنادا، قايسى قىز، قايسى يېگىت چىرايلىق دەپ    ئىشۋەتلىك كۆزلىرىنى  ئاچكۆزلۈك بىلەن تىكىۋاتقان كۆزلەر ۋە غەيۋەت سورۇنى...... B "s8i{Vm  
CgPZvB[  
    ئۇھ، ئادەم دېگەن تولىمۇ مۇرەككەپ ۋە غەلىتە مەخلۇق ئىكەن.   پۈتكۈل ھايۋانلار ئىچىدىن ئادەملەرنى ئىزدىسەم ، كۆزۈمگە ھېچ چېلىقمىدى،  ئادەملەر ئىچىدىن ھايۋانلارنى ئىزدىسەم ھەردەم ئۇچراپ تۇردى;(شاكىر.بۇغرا). IQIb\OUo!v  
|4 d{X@`&  
ھەي دوستلىرىم، بىز ھامان بىركۈنى بۇدۇنيادىن كېتىمىز، ئەمما نېمىشقا ھايۋاندەك كۆشەشنى بىلىپ، ئىنساندەك ياشاشنى ، قىممەت يارىتىشنى بىلمەيمىز؟    سەن كىم؟ نېمە قىلىۋاتىسەن؟ قەيەرگە قاراپ كېتىۋاتىسەن؟ كەلگۈسىدە كىمگە، قايسى قوۋمگە ۋەكىللىك قىلىسەن؟ سېنىڭ ئۆزلۈكۈڭ، كىملىكىڭ  كىملىك گۇۋاھنامىسى دۈمبىسىگە، يۈزىگە، چېكىسىگە..... پۈتۈپ قويۇلغان  خەتتە بولمىسۇن، بەلكى ھەقىقىي ئۆزلۈكۈڭ، مىللىي روھىڭ، مىللىي خاسلىقىڭ ھەمدە ئانا مەدەنىيتىڭگە بولغان سادىقلىقىڭ، پىداكارلىقىڭ،   ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇڭ ۋە گۈزەل خۇلق، ئېسىل ئەخلاقىي- پەزىلىتىڭدە بولسۇن! >8{`q!=|~  
O (sFs1  
     _______   زىيالىي ( ئاپتورى :غۇجىئابدۇللا ئوبۇلقاسىم. ئىلى پېداگوگىكا ئېنىستىتۇتى، 2007- يىللىق ئۇيغۇرتىل- ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى )  ئىجادىي تېمام.    
تېما تەستىقلىغۇچى : xatay
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-02-11, 10:51
 
بىر قۇشۇق تۇز بىر قازان ئاشقا تېتىيدۇ.
xamxar111

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1313

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1173 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   128024459 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   6258 (قېتم)
 تۆھپە:   6228  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 8870
 سائەت
دەرىجىسى:
8870 سائەت 150 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-03
ئاخــىرقىسى:2013-01-27
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2012-02-11

نازىنىن يىگىتلەر .... 07Cuoqt2  
I~6 ;9TlQ  
3AL=*qq  
!K)|e4$  
l7um9@[4  
V1qHl5"  
بەل باغلىغان بىلەن ئەر ئەمەس، باش تارىغان بىلەن خوتۇن (ئەمەس). #Og_q$})f  
                                               B~GyS"  
تەمسىل يادىمدىن  كەچتى .... :9qB{rLi}  
/UAj]U  
4TV9t"Dk+c  
ئىجادىيتىڭىزگە زور ئۇتۇقلار تىلەيمەن ....

 
hanjar731

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.432

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1059 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   42234 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3946 (قېتم)
 تۆھپە:   3910  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1105
 سائەت
دەرىجىسى:
1105 سائەت 85 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-18
ئاخــىرقىسى:2013-01-17
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-02-12

ئويلىنىشقا تىگىشلىك....
 
توختىماي تۆھمەت توقىۋاتقان ئاغزىڭغا تۈفىي،!
suzlapbakay
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10104

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   288 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   19694 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1955 (قېتم)
 تۆھپە:   1955  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3248
 سائەت
دەرىجىسى:
3248 سائەت 252 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-07-07
ئاخــىرقىسى:2013-01-05
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-20

گۈللا بولسا گۈل ئەمەس، گۈلدەك پۇراقى بولمىسا ، PRs[:we~~  
گەپلا  بولسا گەپ ئەمەس ،مەزمۇن تۇراقى بولمىسا. q.#aeqKBP  
ئىككى پۇتلاپ ماڭىمىش ئېيىقمۇ بەزەن تىك تۇرۇپ، hcej?W8j  
ئەرلا بولسا ئەر ئەمەس، ئادەم سىياقى بولمىسا.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى