باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       737 
  •    ئىنكاس 
       3 

ياۋرۇنى چۈشنەمسىز ؟؟؟  (ياۋرۇنىڭ بۇگۈنكى باھاسى)

قەۋەت ئاتلاش
310310
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8033

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   602 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   60 (قېتم)
 تۆھپە:   60  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 167
 سائەت
دەرىجىسى:
167 سائەت 33 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-02-01
ئاخــىرقىسى:2012-02-08

?YOH9%_cs  
QX1QYwcmG  
]Nz~4ebB  
3Unq9  
4C\>JGZvq  
L0H;y6&  
aVNBF`  
ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەسەۋۋۇرى 1957 – يىلىدىكى ‹‹رىم شەرتنامىسى››دە ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. 1965 – يىلى 4 – ئاينىڭ 8 – كۈنى فىرانسىيە، گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى، ئىتالىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە ۋە لىيۇكسىمبۇرگ قاتارلىق ئالتە دۆلەت بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا شەرتنامە ئىمزالاپ ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسىنى قۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇلار ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسىنىڭ بىرلىككە كەلگەن پۇلىنى بارلىققا كەلتۈرۈش قىياسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. WvQK$}Ax4N  
#Drs=7w  
1969 – يىلى ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسىنىڭ يىغىنى بىريۇسسېلدا ئېچىلدى. يىغىندا لىيۇكسىمبۇرگنىڭ باش ۋەزىرى پېر ۋىرنا ياۋروپانىڭ پۇلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى. شۇ يىلى 12 – ئايدا ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسىنىڭ باشلىقلىرى كېلىشىم ئىمزالاپ، 1979 – يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ياۋروپا پۇل سىستېمىسىنى قۇرۇشىنى قارار قىلدى. 1979 – يىل 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ياۋروپا پۇل سىستېمىسى رەسمىي قۇرۇلدى. YNyaz\L  
1990 – يىلى بېرلىن تېمى ئۆرۈپ تاشلىنىپ گېرمانىيە بىرلىككە كەلدى. گېرمانىيە ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسىدىكى ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى ئەڭ زور دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ياۋرونىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلدى. 1996 – يىلى 12 – ئايدا ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلىرى ئىرېلاندىيە پايتەختى دوبلىندا يىغىن ئېچىپ، 1999 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ياۋروپانىڭ بىرلىككە كەلگەن پۇلى ياۋرونى تەڭلا ئىشلىتىشنى قارار قىلدى. EhL8rR  
ياۋرو بارلىققا كەلگەن ۋاقىتتا ياۋرو پۇل سىستېمىسىغا قاتناشقان دۆلەتلەر ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 11 دۆلەتتىن تەشكىل قىلىنغانىدى. ياۋرو ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلغاندىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر 27گە يەتتى. ياۋرو پۇل سىستېمىسىغا ئەزا دۆلەتلەر تەدرىجىي كۆپىيىپ 19غا باردى. 5N<f\W,  
D!< [\ G  
ئامېرىكىدىن باشلانغان ئىككىلەمچى رەنىلىك قەرز پۇل كىرىزىسىدىن كېيىن، دوللار كۇرسىنىڭ چۈشۈشى بىلەن زىيان تارتقان نۇرغۇن دۆلەت تاشقى پېرېۋوت زاپىسىدىكى دوللار نىسبىتىنى ئازايتىپ، ياۋرو نىسبىتىنى ئاشۇرۇشقا باشلىدى. بۇ ياۋرونىڭ دوللارنىڭ ئورنىنى ئېلىپ دۇنياۋى پۇلغا ئايلىنىشىغا ناھايىتى پايدىلىق ئىدى. ئەمما، گىرېتسىيە قەرز پۇل كىرىزىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ياۋروپا پۇلمۇئامىلە ساھەسى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ۋە قەرز پۇل كىرىزىسىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ ھالسىزلىنىپ قالدى. قەرز پۇل كىرىزىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، گىرېتسىيە، ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە، ئىتالىيە قاتارلىق ئەللەردىكى ئېغىر قەرز پۇل كىرىزىسى ۋە ئۇنىڭ بېسىمى ياۋروپا ئىقتىسادىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى. ky>0  
d*Q:[RUf,  
شۇنىڭ بىلەن بۇ دۆلەتلەر كىرىزىستىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن مالىيە قىزىل رەقىمىنى ئازايتىش، ھۆكۈمەتنىڭ پاراۋانلىق چىقىمىنى ئازايتىش، ئوقۇش خىراجىتىنى ئاشۇرۇش، پېنسىيە يېشىنى ئۇزارتىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشقا مەجبۇر بولدى. ئەسلىدە بۇ ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسىنىڭ مالىيە ئەھۋالىنى ياخشىلاپ، ياۋرونىڭ ئىناۋىتىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق ئىدى. ئەپسۇسكى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەللەردىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئىش ھەققى خىراجىتىنى قىسقارتىشىغا قارشى قوزغالغان ئىش تاشلاش ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ھەققىنى ئاشۇرۇشقا قارشى تۇرۇش نامايىشلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئەللەرنىڭ مالىيە يۈكىنى ئازايتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇلارنى تېخىمۇ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. Ww-%s9N<  
e&%m[:W:<  
ياۋرونىڭ دوللارنىڭ ئورنىنى ئېلىپ دۇنياۋى پۇلغا ئايلىنىش – ئايلىنالماسلىقى يەنىلا ياۋروپا ئەللىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئەھۋالىغا باغلىق. ياۋروپا ھازىر دۇنيادا نوپۇسنىڭ قېرىلىشىش نىسبىتى ئەڭ ئېغىر رايونلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭدىن باشقا، ياۋروپادىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى ئىككىلەمچى رەنىلىك قەرز پۇل كىرىزىسىدىن كېيىن ئۇدا يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ھالقىغان قەرز پۇل كىرىزىسى ياۋروپانىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش قەدىمىنى ئاستىلىتىۋەتتى. ياۋروپادىكى ئەللەرنىڭ سودا بانكىلىرىدا تىرىلمەس ھېساب زىيانلىرى بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. شۇنداقتىمۇ ياۋروپا ھازىرقى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ھەدەپ تىرىشىۋاتىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئەللەرنىڭ مالىيە چىقىمىنى قىسقارتىشى ياۋروپالىقلارنىڭ ئىچكى ئېھتىياجىنى ئازايتىۋەتكەندەك قىلغان بىلەن يىراققا نەزەر سالغاندا بۇ ئۇلارنىڭ ياۋرونىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى تىكلەش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. swNJ\m  
7yp7`|,p  
ياۋرونىڭ كۈچىيىشى ھازىرقى دۇنيا پۇل سىستېمىسىغا پايدىلىق. لېكىن، ئامېرىكا ھەر قانداق بىر دۆلەت ياكى رايون پۇلىنىڭ دوللارنىڭ ئورنىغا دەسسەيدىغان كۈچلۈك پۇلغا ئايلىنىشىغا قاراپ تۇرمايدۇ. ئامېرىكىنىڭ زور ئىقتىسادىي كۈچى، دۇنيا پەن – تېخنىكىسىنىڭ ئاساسىي يۈزلىنىشلىرىنى كونترول قىلىۋالغان نەزەرىيەۋى پەنلىرىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسى ھەم زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بىلەن مۇنبەت پايانسىز تېرىلغۇ يېرى دوللارنىڭ ھازىرقى دۇنيادىكى ئورنىغا كۈچلۈك تىرەك بولۇۋاتقان ئاساسىي ئامىل ھېسابلىنىدۇ. 2c:H0O 0o  
0s)B~  
                                     U U!M/QJ  
بۇگۈن 100 ياۋرۇ --832.30 يۈەن ~um+r],@@  
   100 دوللار ---628 يۈەن GBOz,_pw  
100 --فوند سىتىرلىڭ --997.59 يۈەن S~^0_?  
100 ياپۇنىيە پۇلى ---8.13 يۈەن   q@ !p  
  ( 08--02--2012 ) T{=.mW^ x  
2{naSiaq  
cGSoAK  
مەنبە ؛www.1miskal.tk 3$f%{~3  
W"9iFj X  

تېما تەستىقلىغۇچى : karluk
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-02-09, 00:37
 
biparwaadam
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6310

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   323 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   15438 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1539 (قېتم)
 تۆھپە:   1539  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3341
 سائەت
دەرىجىسى:
3341 سائەت 159 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-12
ئاخــىرقىسى:2012-09-07
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2012-02-09

خەلق پۇلىمىز قاچانمۇ دوللار بېلەن تەڭلىشەر
 
دۇنيا مېھرى-مۇھەببەتكە تولسۇن
sansiz0903

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.238

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   4349 

 نادىرلانغان تېمىسى:   16 

 مۇنبەر پۇلى:   70724 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   7831 (قېتم)
 تۆھپە:   7691  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 11153
 سائەت
دەرىجىسى:
11153 سائەت 117 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-24
ئاخــىرقىسى:2013-01-24
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-02-09

فونىستىرلىڭنىڭ يېرىم يىل ئىچىدە 5سوم تۆۋەنلەپ كىتىپتا
 
jilil131
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.13189

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   18 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1050 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   105 (قېتم)
 تۆھپە:   105  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 58
 سائەت
دەرىجىسى:
58 سائەت 32 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-12-22
ئاخــىرقىسى:2013-01-06
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-12-25


تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى