باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       990 
  •    ئىنكاس 
       13 

ئىلى (ئىزدەن)

قەۋەت ئاتلاش
salamgulja
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7648

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   33 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1167 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   190 (قېتم)
 تۆھپە:   190  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 395
 سائەت
دەرىجىسى:
395 سائەت 45 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-12-23
ئاخــىرقىسى:2012-04-03
ئاپتورنىڭلا10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-02-21

قەلېمىڭگە بەركەت بەرسۇن ئاكا!!!
 
سالام غۇلجا ئەزىزىمسەن تۇغۇلدۇم سەندە،
بىشىم سېلاپ ئەر قىلدىڭ سەن ئەجرىڭ بار مەندە!!!
marjanbulaq

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4834

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   527 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   29859 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2936 (قېتم)
 تۆھپە:   2906  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 10659
 سائەت
دەرىجىسى:
10659 سائەت 141 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-25
ئاخــىرقىسى:2013-01-24
ئاپتورنىڭلا11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-02-21

    بۇ شىئىر ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ. بۇ كۈنلەردە مۇشۇنداق ئەل ۋەتەن، يۇرت، دىيارلىرىمىزنى تەسۋىرلەپ يېزىلغان شىئىرلەرمۇ ئازلاپ كەتتى. N8]DW_bsB  
    مېنىڭ بۈگۈنگىچە كاللامدا بىر سۇئال بار. بۇ (ئىلى) دىگەن ئاتالغۇ ئۇيغۇرچىمۇ ياكى باشقىچىمۇ؟. غۇلجا دېگەنچۇ؟
 
ئۇخلىغان مىللەت يا ئۇخلار
ياكى قۇل بولۇپ ئويغۇنار
izden
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7922

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   65 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4648 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   400 (قېتم)
 تۆھپە:   400  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 693
 سائەت
دەرىجىسى:
693 سائەت 77 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-01-22
ئاخــىرقىسى:2012-09-19
ئاپتورنىڭلا12- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-02-21

غۇلجا — شىمالىي شىنجاڭدىكى ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بىر شەھەرنىڭ نامى. شۇنداقلا يەنە بۇرۇنقى جېلىليۈزىمۇ ھازىر غۇلجا ناھىيەسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن تارتىپ، «غۇلجا» دېگەن يەر نامى توغرىسىدا ھەر خىل قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلدى. مەسىلەن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن 2001-يىلى 1-ئايدا نەشر قىلىنغان قۇربانجان ئابلىمىت نورۇزى بىلەن پالتاخۇن ئەۋلاخۇن ئاپتورلۇقىدىكى «شىنجاڭ يەر ناملىرىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى» (1) دېگەن كىتابنىڭ 121-، 122-بەتلىرىدە ئاپتورلار «غۇلجا» دېگەن يەر نامى «ئەسلىي 12 غول (ئېقىن) نىڭ نامى» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ قاراشتىن «غۇلجا» دېگەن يەر نامىنىڭ ئەسلىي تەلەپپۇزى «غۇلجا» ئەمەس، بەلكى «غولجا» دېگەن مەنا چىقىدۇ. ئاندىن باشقىلار تەرىپىدىن مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان تۆۋەندىكىدەك قاراشلار كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن: بىرىنچى، «غۇلجا» دېگەن يەر نامى موڭغۇللارنىڭ 18-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى پائالىيەتلىرى ھەم «ئالتۇن سۈمە» (ئالتۇن قۇببىلىق ئىبادەتخانا) نىڭ موڭغۇلچە ئاتىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دېگەن قاراش. ئىككىنچى، «غۇلجا» دېگەن يەر نامى «تاغ قوشقىرى» دېگەنلىك بولىدۇ، دېگەن قاراش. ئۈچىنچى، غۇلجا ئەتراپىدا بۆلۈكەي، جىرغىلاڭ، پىلىچى قاتارلىق 12 غول بولغانلىقى ئۈچۈن «غولجاي» دەپ ئاتالغان، كېيىن بۇ نام «غۇلجا» غا ئۆزگەرگەن، دېگەن قاراش. تۆتىنچى، «جىرغىلاڭ غول» ئىلگىرى «غۇلجا»، «پىلىچى» بولسا «بولجا» دەپ ئاتالغان. بۇ ناملار دەريا-غول ئىسىملىرىدىن ئېلىنغان بولۇشى مۇمكىن، دېگەن قاراش.
ئەلمىساقتىن قەدىر يوقتۇر ياندا بارى
ئىنسان دىگەن يوق نەرسنىڭ ئىنتىزارى

رەھىم شۈكۈر ئىزدەن
izden
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7922

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   65 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4648 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   400 (قېتم)
 تۆھپە:   400  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 693
 سائەت
دەرىجىسى:
693 سائەت 77 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-01-22
ئاخــىرقىسى:2012-09-19
ئاپتورنىڭلا13- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-02-21

بۇ يەر نامىنى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئېقىن» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «غول» غا مۇناسىۋەتلىك دېگەن قاراشنى ئويلىنىپ بېقىشقا بولىدۇ. دەرۋەقە، بەزى پاكىتلارمۇ «غۇلجا» دېگەن بۇ يەر نامىنىڭ «ئەسلىي تەلەپپۇزىنىڭ «غولجا» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا. «غۇلجا» دېگەن بۇ يەر نامى «غول» بىلەن «جا» دىن ئىبارەت ئىككى سۆزدىن تەركىب تاپقان. مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1986-يىلى 1-ئايدا نەشر قىلىنغان غوپۇر غۇلام ئاپتورلۇقىدىكى «ئۇيغۇر شىۋىلىرى سۆزلۈكى» دېگەن كىتابنىڭ 182-بېتىدە «غول» دېگەن سۆزنىڭ بىر قانچە مەنىسى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ «دەريا، ئۆستەڭ، ئېقىن» دېگەن مەنىنى بېرىدىغانلىقى، شۇڭا، خەلق ئىچىدە «ئۇلۇغ-ئۇلۇغ سۇنى كەشتىم، يەنە بارمۇ غول» دېگەندەك قوشاق پارچىلىرى ساقلانغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مانا بۇ قوشاق پارچىسىنىڭمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ «غول» دېگەن سۆزنى دەريا، ئۆستەڭ، ئېقىن دېگەن مەنىدە ئىشلەتكەنلىكىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. شۇنداقلا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1992-يىل 12-ئايدا نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» دېگەن كىتابنىڭ 3-قىسىم 900-بېتىدىمۇ «غول» دېگەن سۆزنىڭ بىر قانچە مەنىسى بېرىلگەن بولۇپ، شۇ قاتاردا ئۇنىڭ «سۇ يولى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئەمدى «غۇلجا» (غولجا) سۆزىدىكى «جا» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى بولسا، مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1991-يىلى 11-ئايدا نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» دېگەن كىتابنىڭ 2-قىسىم 504-بېتىدە «ئورۇن، جاي، ماكان» دەپ ئىزاھلىغان. دېمەك، «غولجا» دىكى «غول»، «جا» دېگەن سۆزلەرنىڭ يۇقىرىقىدەك مەنىسىدىن قارىغاندا، ھازىر «غۇلجا» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىۋاتقان بۇ يەر نامىنىڭ ئەسلىي تەلەپپۇزىنىڭ «غولجا» ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ مەنىسىنىڭ «ئېقىن — سۇ يولى ئورنى» ياكى «ئېقىن — سۇ يولى ماكانى» دېگەنلىك بولىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. دېمىسىمۇ، بۇ جايدا يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەندەك «جىرغىلاڭ»، «پىلىچى» قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق غول-ئېقىننىڭ بارلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلى دەرياسىنىڭمۇ بۇ شەھەرنىڭ جەنۇب تەرىپىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغانلىقى قاتارلىق جۇغراپىيەلىك مۇھىتلارمۇ «غۇلجا» (غولجا) دېگەن يەر نامىنىڭ يۇقىرىقىدەك مەنىسىنى قايىل قىلارلىق ھالدا ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. شۇڭا، ئەجدادلىرىمىز بۇ جايغا ماكانلاشقاندا، بۇ جاينىڭ ئەينى دەۋردىكى ئەنە شۇنداق جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىككە ئاساسەن ئۇنىڭغا «غۇلجا» دەپ نام بەرگەن.
ئەلمىساقتىن قەدىر يوقتۇر ياندا بارى
ئىنسان دىگەن يوق نەرسنىڭ ئىنتىزارى

رەھىم شۈكۈر ئىزدەن
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى