ئالدىنقى تېماكېيىنكى تېما
بۇ تېما 864 قېتىم كۆرۈلدى
تېما : خوتەن دىيارىدا جۇۋا ۋە تەلپەك
ئىسىل ياشا ...
دەرىجە: مەستانە ئەزا
UIDنومۇر: 180
نادىر تېما: 0
يازما: 236
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە236دانە
شۆھرىتى: 184 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 4321 يۈەن
تۆھپە: 146 قېتم
ياخشى باھا: 42 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 5291(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:32دەرىجە
توردىكى ۋاقتى:5291 سائەت
كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:309 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:384 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:1 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-06-16
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-07-04
باش تىما  يوللىغان ۋاقىت: 2010-08-07 18:47

0
تېما:خوتەن دىيارىدا جۇۋا ۋە تەلپەك
يوللىغۇچى:sirdax | يوللىغان ۋاقىت :2010-08-07 18:47 | كۆرۈلۈش قېتىم سانى:864

ئوسمان مۇھەممىدى قاراقۇتلۇق جۇۋىچى ئۇستام مەتتوختى ئاخۇن  جۇۋا ۋە تەلپەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي كىيىم - كېچەك تۈرلىرى بولۇپ، نەچچە مىڭ يىلدىن بىرى ئەجدادلىرىمىز ئۇلارنى ئۈزۈلدۈرمەي كىيىپ كەلگەن. دۇنياغا مەشھۇر ئەسەر  تۈركى تىللار دىۋانى دىن مەلۇم بولۇشىچە ئەجدادلىرىمىز قاراخانىيلار دەۋرىدىلا خېلى مۇكەممەل كىيىم- كېچەك مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇددا دىنى دەۋرىدە ھەرخىل قىشلىق، يازلىق كىيىم- كېچەكلەر، ئۆي ئىچىدە ۋە سىرتتا كىيىدىغان، ھەرخىل رەڭلىك كىيىم- كېچەكلەر شەكىللىنىپ بولغان. بولۇپمۇ ئەرلەر كىيىدىغان جۇۋا ۋە تەلپەك ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەڭ قەدىمكى دەۋرلەردىكى كىيىم - كېچەكلىرى بولۇپ، ئۇلار ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.  تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي گىرۋىكىدە، قاراقۇرۇم تاغلىرى ۋە پامىرنىڭ شەرقىي ئېتىكىدە ماكانلاشقان نۇرغۇن ئۇيغۇر ئەرلەر ياز كۈنلىرىدىمۇ تېرە تۇماق، قۇلاقچا كىيىدۇ... بۇنداق تۇماق كىيگۈچىلەر ھەيۋەتلىك، نوچى كۆرۈنىدۇ. قاغىلىق، گۇما ۋە خوتەن ئەتراپلىرىدىكى ئۇيغۇر ئەرلەر خوتەن تەلپىكى كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ.  جۇۋا قىشلىق تاش كىيىم بولۇپ، شىنجاڭدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ھەممىسى جۇۋا كىيىشكە ئادەتلەنگەن. ئۆڭ جۇۋا)تاشلانمىغان جۇۋا(ۇئەييەن ھۈنەر - سەنئەت قىممىتىگە ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۇنى ئەتىۋارلاپ كىيىدۇ. جۇۋا ئۇيغۇرلارنىڭ يايلاق مەدەنىيىتىدە تارىخى ئۇزۇن، كەڭ تارقالغان تاش كىيىم بولسا، تەلپەك خوتەن دىيارىدىكى ئۇيغۇر ئەرلەرگە خاس باش كىيىمدۇر. لېكىن بۇخىل ئەنئەنىۋى كىيىملەر ھازىرقى زامان كىيىم- كېچەك مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدە ئاستا- ئاستا ئىستېمالدىن قېلىشقا يۈزلەنمەكتە. جۇۋا قوي تېرىسىدىن تىكىلىدۇ، ئۆڭ جۇۋا موينا جۇۋا ۋە كۆن جۇۋا دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. موينا جۇۋا قىرقىلمىغان پاقلان تېرىسىدىن تىكىلىدۇ، كۆن جۇۋا قىرقىلغان قوي تېرىسىدىن تىكىلىدۇ. جۇۋىنىڭ تىكىلىش ئۇسۇلى مۇنداق بولىدۇ: ئالدى بىلەن تۇزلۇق سۇغا ئۇن ئارىلاشتۇرۇلۇپ بىر كۈپ دۇغاپ تەييارلىنىپ، تېرە دۇغاپقا سېلىنىپ ئاشلىنىدۇ، تېرە 20 كۈن ئەتراپىدا ئاش يەيدۇ. تېرە ئاش يېگەندىن كېيىن دۇغاپتىن سۈزۈۋېلىنىپ سايا يەردە قۇرۇتۇلىدۇ، ئاندىن سۇ پۈركۈپ يۇمشىتىلىپ ئورغاق بىلەن ئەيلىنىپ، تاختا ئۈستىدە قۇرۇتىلىدۇ. تېرە ئەيلەپ تەييارلانغاندىن كېيىن جۇۋىچى ئۇستا خېرىدارنىڭ بوي - تۇرقىنى ئۆلچەپ جۇۋىنى پىچىدۇ، ئاندىن تېرىنىڭ ئۆڭىگە چىشلەپ ھەرخىل گۈل نۇسخىلىرىنى چىقىرىدۇ. جۇۋىنى تىكىپ بولغاندىن كېيىن قويۇن ۋە پەش گىرۋەكلىرىگە قارا، بوز، ئاق كۆرپىلەردىن پەۋاز تۇتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆڭ جۇۋا پۈتىدۇ. ئۆڭ جۇۋا ھازىرمۇ بازاردا ئانچە - مۇنچە كۆزگە چېلىقىپ قالىدۇ. ئۆڭ جۇۋا سۆلەتلىك ۋە يارىشىملىق بولۇپ، قىشتا ئىسسىق، يازداسالقىن بولىدۇ. جۇۋىنىڭ ساقلىق ساقلاش جەھەتتىكى رولىمۇ زور بولۇپ، ئادەم قىش كۈنلىرى جۇۋا كىيىۋالسا زۇكام ۋە رېماتىزىم، ئۆپكە كېسىلى بولمايدۇ، بەل ئاغرىقى، پۇت ئاغرىقى كۆرمەيدۇ. جۇۋا پەلەنجى كېسىلى )پۇت - قول يىغىلىپ قېلىش( نىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. جۇۋا يەنە ئادەمنى قىش كۈنلىرى سەپەرگە چىققاندا سوغۇق ئۆتۈپ كېتىشتىن ساقلايدۇ. جۇۋىنىڭ ئادەمنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى، ئەس - ھۇشى بىلەن قېرىشى، جىسمانىي جەھەتتىن قېرىسىمۇ روھىي جەھەتتىن قېرىماسلىق، كۆز تورلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، چىش - ئېزىقلىرى مەھكەم بولۇش، بالدۇر چۈشۈپ كەتمەسلىك،چېچىغا بالدۇر ئاق كىرىپ كەتمەسلىك جەھەتلەردە خېلى ياخشى رولى بار. جۇۋىغىمۇ كۈيە چۈشىدۇ، شۇڭا جۇۋىنى شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان يەردە ساقلاش كېرەك. ياز كۈنلىرى ھەپتىدە بىر - ئىككى قېتىم ئورنىدىن يۆتكەپ تۇرۇش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندا جۇۋىغا كۈيە چۈشمەيدۇ. جۇۋا ياخشى ساقلانسا بىر جۇۋىنى 10 يىلدىن 20 يىلغىچە كىيىشكە بولىدۇ، ھەتتا بەزىلەر بىر ئۆمۈر ساقلاپ كىيىدۇ. ياز كۈنلىرى گۆشنى جۇۋىغا يۆگەپ قويسا بىرنەچچە كۈن ساقلىغىلى بولىدۇ. ھازىر مۇشۇ خىل ئۆڭ جۇۋىنىڭ ھەربىرى بازاردا 300 - 400 يۈەنگىچە سېتىلىدۇ.خوتەن دىيارىغا خاس ئەرلەر كىيىدىغان تەلپەك ئىككى خىل بولۇپ، كىچىك قاسقانلىق ۋە چوڭ قاسقانلىق بولىدۇ. تەلپەكنىڭ ئىچى ئاق  قوينىڭ تېرىسىدىن، تېشى قارا، بوز كۆرپىدىن، تۆپىلىكى دۇخاۋىدىن تىكىلىدۇ. تەلپەك كىيگەن ئەرلەر ئېگىز، قامەتلىك كۈرۈنىدۇ. تەلپەك ئادەمگە جەسۇر قىياپەت ئاتا قىلىدۇ. تەلپەك ئادەمنى باشتىن سوغۇق ئۆتۈپ كېتىشتىن ساقلايدۇ، زۇكام، ئېغىز، بۇرۇن، قۇلاق ئاغرىقلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. يازدا كىيسە ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشتىن ساقلايدۇ. بۇ خىل تەلپەكلەرنىڭ ھازىرقى بازار باھاسى50 - 150يۈەنگىچە بولىدۇ. تەلپەكمۇ جۇۋىغا ئوخشاش قۇرۇق، سالقىن جايدا ساقلىنىدۇ. ھازىر لوپ ناھىيىسىنىڭ سامپۇل يېزىسىدا ئەجدادلىرىدىن تارتىپ ئۆڭ جۇۋا ۋە تەلپەك تىكىپ كېلىۋاتقان مەتتوختى ئاخۇن ئىسىملىك بىر ئۇستا بار، ئۇلار 8 ئەۋلاد مۇشۇ ھۈنەر بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ ئائىلىسى ھازىر جۇۋا ۋە تەلپەك تىكىپ ناھىيىنىڭ جۇۋا، تەلپەك بازىرىنى ئاۋاتلاشتۇرۇپ تۇرىدۇ.تەھرىرلىگۈچى: ئابدۇرۇپ ئېلى  manba  0hx EI
Rd{#cW~
مەنبە : يۇرتىمىز تورى

مەن بۇ دۇنياداپەقەت بىر ئادەمگە يۇز كىلەلمەيمەن .
http://blog.anatuprak.com/
خەير،ھەممىدىن ۋاز كەچتىم!
دەرىجە: مۇنبەر مەسئۇلى

UIDنومۇر: 238
نادىر تېما: 14
يازما: 3390
ئۇنۋان:خۇشخۇي ھازىرغىچە3390دانە
شۆھرىتى: 2241 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 13063 يۈەن
تۆھپە: 2110 قېتم
ياخشى باھا: 481 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 7150(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:37دەرىجە
توردىكى ۋاقتى:7150 سائەت
كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:250 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:376 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:0 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-06-24
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-07-05
تۇنجى ئىنكاس  يوللىغان ۋاقىت: 2010-08-07 19:45

تىمىنىڭ باشلىنىشى بەك قالايمىقانغۇ.. مەن ھېچنىمىسىنى چۈشۈنەلمىدىم باشتىكى بىر سىزىقنىڭ... <MH| <hP
خاتالاشمىسام ئوسمان مۇھەممىدى دىگەن بۇ تىمىنىڭ ئاپتورى قۇتلۇق دىگىنى ئۇ كىشىنىڭ تەخەللۇسىمىكىن. s&7,gWy}BE
\f7A j>
ئۆزىڭىز بىر چۈشەنچە بەرسىڭىز؟

تارىخنى كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنىڭ دۈمبىسىگە يازىدۇ .
دەرىجە: مەستانە ئەزا
UIDنومۇر: 195
نادىر تېما: 3
يازما: 487
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە487دانە
شۆھرىتى: 302 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 2569 يۈەن
تۆھپە: 249 قېتم
ياخشى باھا: 167 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 3006(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:24دەرىجە
توردىكى ۋاقتى:3006 سائەت
كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:234 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:381 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:18 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-06-19
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-06-27
2 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2010-08-08 11:22

سەنسىزجان ئىيىتقاندەك بىشىنى غەلىتىلا كۈچۈرۈپ كەپسىز جۇمۇ ،

baxtax
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن