ئىراننىڭ يادرو ئېنېرگىيەسىنى ئېچىش پائالىيىتى 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى باشلانغان، شۇ چاغدا ئامېرىكا ۋە غەربتىكى باشقا ئەللەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. 1980-يىلى ئامېرىكا ئىران بىلەن بولغان دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەندىن كېيىن، ئىلگىرى كۆپ قېتىم ئىراننى «يادرو ئېنېرگىيەسىدىن تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىمىز» دېگەن باھانە بىلەن، يادرو قورالىنى مەخپىي تەرەققىي قىلدۇردى دەپ ئەيىبلەپ، ئىراننى چەكلەش سىياسىتىنى يۈرگۈزدى.
2003-يىلى فېۋرالدا، ئىران ئۆزىنىڭ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان ئوراننى بايقىغانلىقى ھەم ئۇنى ئايرىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئىراننىڭ يادرو ئېنېرگىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانى ئامېرىكىنىڭ قاتتىق گۇمانىنى قوزغىدى. ئۇزۇندىن بۇيان، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرى ئىراننى يادرو ئېنېرگىيەسىدىن تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىش باھانىسى بىلەن، يادرو قورالىنى مەخپىي تەرەققىي قىلدۇردى دەپ ئىزچىل ئەيىبلەپ كەلدى.
2003-يىلى سېنتەبىردە، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى تۇنجى قېتىم قارار ماقۇللاپ، ئىراندىن «يادرو قورالىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسى»نىڭ قوشۇمچە كېلىشىمنامىسىغا تېزدىن ئىمزا قويۇپ، قويۇلدۇرۇلغان ئوران ئايرىپ چىقىش تەجرىبىسىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. شۇندىن كېيىن، ئىراننى ئوران قويۇلدۇرۇش پائالىيىتىنى تەلتۆكۈس ئاخىرلاتقۇزۇش ئۈچۈن، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى ئىلگىرى كىيىن بولۇپ بىر قاتار قارارلارنى چىقاردى.
2003-يىلى دېكابىردا، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ۋاكالىتەن فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيەنىڭ ياراشتۇرۇشى ئارقىسىدا ئىران «يادرو قورالىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسى»نىڭ قوشۇمچە كېلىشىمنامىسىنى رەسمىي ئىمزالىدى. لېكىن ئىران يادرو ئېنېرگىيەسىدىن تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىش ھوقۇقىنى ئىزچىل تەكىتلىدى ھەمدە ئوران قويۇلدۇرۇش پائالىيىتىنى بىر قانچە قېتىم توختىتىپ، بىر قانچە قېتىم ئەسلىگە كەلتۈردى. 2004-يىلى نويابىردا، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە ئىران بىلەن نۇرغۇن قېتىم سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن پارىژدا دەسلەپكى قەدەمدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئىختىلاپ ساقلانغاچقا، پارىژ كېلىشىمى ئەمەلىيلەشمىدى.
2005-يىلى دېكابىردا، رۇسىيە ئىراننىڭ يادرو تېخنىكىسىنىڭ ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۆز چېگىرىسى ئىچىدە ئىران بىلەن رۇسىيەنىڭ ئوران قويۇلدۇرۇش بىرلەشمە كارخانىسى قۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرغا قويدى. لېكىن ئىران ئوران قويۇلدۇرۇش پائالىيىتىنى ئۆز زېمىنى تەۋەسىدە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2006-يىلى 3-يانۋاردا، ئىران ئىككى يىلدىن كۆپىرەك توختاپ قالغان يادرو يېقىلغۇ تەتقىقاتى خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە 10-يانۋار خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ نازارەتچىلىكىدە يادرو يېقىلغۇسى تەتقىقاتى ئەسلىھەلىرىنىڭ پېچىتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، يادرو يېقىلغۇسى تەتقىقاتى پائالىيىتىنى رەسمىي ئەسلىگە كەلتۈردى. بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى. خەلقئارا جەمئىيەت پائال ياراشتۇرۇپ، ئىراندىن يادرو يېقىلغۇسى تەتقىقاتى پائالىيىتىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى، لېكىن ئىران يادرو ئېنېرگىيەسىدىن تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىش ھوقۇقىمىز بار دېگەندە چىڭ تۇردى.
قويۇلدۇرۇلغان ئوران بىر خىل يادرو يېقىلغۇسى بولۇپ، خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ۋە ھەربىي ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان دېگەن خىللارغا ئايرىلىدۇ. خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ يادرو كاپالىتى بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئوراننىڭ ساپلىق دەرىجىسى 20 پىرسەنتكە يېتىدۇ، ساپلىق دەرىجىسى 90 پىرسەنتتىن ئاشىدىغان قويۇلدۇرۇلغان ئوران، ئادەتتە يادرو قورالى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ. 2009-يىلىدىن بۇيان، ئىران خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى ۋە غەرب ئەللىرى بىلەن يادرو يېقىلغۇسى سودىسى مەسىلىسىدە ئىزچىل تىركىشىپ كەلدى.
جۇڭگو تورى