توردىكى ناخشا ۋە كىنولارنى قانداق چۈشۈرىمىز؟ قايسى دېتالدىن پايدىلىنىپ چۈشۈرىمىز؟ دېگەن سۇئاللارنى قايسى تور بېكەت ياكى
بلوگقا كىرسەم ئۇچىرتىپ تۇرىمەن. شۇڭا بۇ ھەقتىكى تەجرىبىلىرىمنى كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق كۆردۈم.
4k*qVOBa6R hU+#S(t>b مەن تۆۋەندە
http://56.com،
http://www.youku.com ۋە
http://www.tudou.com تور بېكەتلىرىگە كىنو ۋە ناخشا يوللاپ، ئۆز بېكەتلىرىگە ئۇلىنىش قىلغان ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدىكى كىنو، ناخشىلارنى چۈشۈرۈش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرىمەن. توردىكى ناخشا ۋە كىنولارنى چۈشۈرىدىغان دېتاللار گەرچە كۆپ بولسىمۇ، ئەمما بەزى ۋاقىتلاردا كېرەككە كەلمەيدۇ ياكى چالا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. مەن چۈشۈرۈش دېتالدىن پايدىلىنىپ، ناخشا ۋە كىنولارنى چۈشۈرۈشنى كۆپ سىناپ باققان.
P2QRvn6v E6Q91Wz9f چۈنكى ھازىرقى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كىنو ۋە ناخشىلارنى يۇقارقى تور بېكەتلىرىنىڭ ھەقسىز بوشلۇقىغا يوللاپ بولغاندىن كېيىن، كىنو ۋە ناخشىلارنىڭ ئادرېسىنى ئۆزىنىڭ تور بېكىتىگە ئۇلىنىش قىلىدۇ. (نېمىشقا شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى كۆپچىلىك پەرەز قىلىپ بىلەلەيدۇ. چۈنكى 100MG لىق بوشلۇق كەم دېگەندە 70-80 يۈەن ئەتىراپىدا. قىسقا بولغان بىر فىلىم 80_120MB ئەتىراپىدا بولىدۇ. قالغىنىنى دېمىسەممۇ، ئەقىللىق ئوقۇرمەنلىرىمىز بىلىپ بولدى ھە قاچان)
7YD\ !2b `W="g6( 1.
http://56.com دىكى كىنو ۋە ناخشىلارنى چۈشۈرۈش: بىز ئەڭ ئالدى بىلەن
http://56.com غا كىرىپ، 免费注册 (ھەقسىز تىزىملىتىش) نى بېسىپ، تىزىملىتىمىز. تىزىملىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، تىزىملاتقان ۋاقىتتىكى ئىسىم ۋە پارولنى ساقلىۋالىمىز. ئاندىن
http://www.56.com/ican/ican.html بۇ ئۇلىنىشتىن كىرىپ، 下载56Ican beta دېگەن دېتالنى چۈشۈرىمىز. چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن قاچىلايمىز. دېتال قاچىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئاپتۇماتىك قوزغىلىدۇ. قاچىلاش جەريانىدا (قاچىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئىجرا بولۇش دېگەن بۇيرۇقنىڭ ئالدىدىكى توغرا بەلگىسىنى ئېلىۋەتمىگەن بولسىڭىز) 登录 نى بېسىپ تىزىملاتقان ۋاقىتتىكى ئىسىم ۋە پارولنى كىرگۈزۈپ،登录 نى بېسىپ
http://56.com غا ئەزا سۈپىتىدە كىرىمىز. ئەمدى بىز دېتالنىڭ ئىزدەش كۆزنىكىگە بىۋاستە ئىزدىمەكچى بولغان كىنو ياكى ناخشىنىڭ ئىسمىنى يېزىپ، (خەنزۇچە ياكى ئېنگىلىسچە) قايتۇرۇش كونۇپكىسى (Enter) نى ياكى كىرگۈزگەن مەزمۇننىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ئىزدەش بەلگىسىنى باسىمىز. مەسىلەن: مەن ‹‹ئادانالىق رازۋېتچىك چاكىر›› دېگەن فىلىمنى بىۋاستە چۈشۈرمەكچى بولسام، ئىزدەش رامكىسىغا adanali دەپ يېزىپ، كىرگۈزگەن مەزمۇننىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ئىزدەش بەلگىسىنى باسىمەن. بۇ چاغدا
http://56.com نىڭ مۇناسىۋەتلىك بېتى ئېچىلىپ، ‹‹ئادانالىق رازۋېتچىك چاكىر›› غا مۇناسىۋەتلىك بارىلىق فىلىملەر كۆرۈنىدۇ. بىزگە قايسى قىسمى لازىم بولسا، شۇ قىسمىنى چەكسەك، فىلىم قويۇلۇش ھالىتىگە ئۆتىدۇ. توققۇز سكونتلۇق ئېلان ئاخىرلىشىپ، فىلىم باشلانغان ھامان قويۇلىۋاتقان فىلىمنىڭ ئاستىدىكى 下载 (چۈشۈرۈش) دېگەن خەتنى باسساق دېتال ئۈستەل يۈزىگە ئاپتۇماتىك قوزغىلىپ چىقىپ، فىلىمنى چۈشۈرۈشكە باشلايدۇ. (دىققەت: دېتالنىڭ ئوڭ ئۈستى تەرىپىدىكى چېكىنىش، چوڭايتىش، كىچىكلىتىش بەلگىسىنىڭ سول تەرىپىدىكى چىشلىق چاقنىڭ بەلگىسىنى بېسىپ، كىنو ياكى ناخشىلارنى قايسى دىسكىغا ساقلاشنى بەلگىلەيسىز. بولمىسا دېتال كىنو ياكى ناخشىنى C:\56Download مۇندەرىجىسىدىكى ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىگە چۈشۈرىدۇ) ئۇنداقتا ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدىكى كىنولارنىچۇ؟ ئەنسىرمەڭ! كىنونىڭ ئىسمىنى كۆرۈۋېلىپ، ئېنگىلىسچە قىسقارتىلما سۆز بىلەن 56.com دىن ياكى 56.com نىڭ چۈشۈرۈش دېتالدىن پايدىلىنىپ ئىزدەڭ. بىر دەمدىلا تاپالايسىز. 56.com نىڭ كىنو چۈشۈرۈش دېتالىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى 56.com نىڭ تۆۋەندىكى ئۇلىنىشىدىن كۆرۈڭ:
http://www.56.com/help/vshow/vshow_down.html#3_2 GJ>ypEWo kp.|gzA6 2.
http://www.youku.com دىكى كىنولارنى چۈشۈرۈش: بۇنىڭدىمۇ 56.com غا ئوخشاش تىزىملىتىمىز ھەم youku.com نىڭ كىنو چۈشۈرۈش دېتالىنى چۈشۈرىمىز. نامى:安装爱酷2.1版كىنو چۈشۈرۈش دېتالىنى چۈشۈرۈش مەنزىلى:
http://c.youku.com/iku دېتالنى چۈشۈرۈپ، قاچىلاپ، قوزغىلىپ بولغاندىن كېيىن، 上传 كۆزنىكىنى چېكىپ، تىزىملاتقان ئېلخەت نامى ۋە مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزۈپ،登录 نى بېسىپ
http://www.youku.com غا ئەزا سۈپىتىدە كىرىمىز. ئېلان ئاخىرلىشىپ، فىلىم باشلانغان ھامان قويۇلىۋاتقان فىلىمنىڭ ئاستىدىكى 下载 (چۈشۈرۈش) دېگەن خەتنى باسساق دېتال ئۈستەل يۈزىگە ئاپتۇماتىك قوزغىلىپ چىقىپ، فىلىمنى چۈشۈرۈشكە باشلايدۇ. (دىققەت: دېتالنىڭ ئوڭ ئۈستى تەرىپىدىكى چېكىنىش، چوڭايتىش، كىچىكلىتىش بەلگىسىنىڭ سول تەرىپىدىكى ئۈچبۇلۇڭ بەلگىسىنى بېسىپ، چىققان ئۈچ دانە تىزىملىك ئىچىدىن بىرىنچىسىنى يەنى: 选项 تاللاپ، 浏览 نى بېسىپ، كىنو ياكى ناخشىلارنى قايسى دىسكىغا ساقلاشنى بەلگىلەيسىز. بولمىسا دېتال كىنو ياكى ناخشىنى E:\Youku Files\download مۇندەرىجىسىدىكى ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىگە چۈشۈرىدۇ) باشقا ئۇسۇللىرى 56.com نىڭكىگە ئوخشاش.
aYR\ <02 Cl{{H]QngX 3.
http://www.tudou.com دىكى كىنولارنى چۈشۈرۈش: باشقا تەرتىپلىرى يۇقارقى ئىككى تۈرگە ئوخشاش. كىنو چۈشۈرۈش دېتالىنى چۈشۈرۈش مەنزىلى:
http://www.tudou.com/my/soft نامى: itudou بولۇپ، دېتالنى چۈشۈرۈپ، قاچىلاپ، قوزغىلىپ بولغاندىن كېيىن، تىزىملاتقان ئېلخەت نامى ۋە مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزۈپ،登录 نى بېسىپ
http://www.youku.com غا ئەزا سۈپىتىدە كىرىمىز. 用户设置كۆزنىكىنى چېكىپ، چىققان تىزىملىكتىن سول تەرەپ تىزىملىكنىڭ ئىككىنچى تۈرى يەنى: 下载设置 دىن浏览 نى بېسىپ، كىنو ياكى ناخشىلارنى قايسى دىسكىغا ساقلاشنى بەلگىلەيسىز. بولمىسا دېتال كىنو ياكى ناخشىنى C:\Program Files\Tudou\iTudou\_80828842\download مۇندەرىجىسىدىكى ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىگە چۈشۈرىدۇ)
W*3o|x _3I3AG0e 4.يەنە بىر قىسىم تور بەتلەردىكى (ئۇيغۇر كىنو، ناخشا تور بېكەتلىرىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) كىنو، ناخشىلارنى چۈشۈرگىلى بولمايدۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەنسىرمەڭ! بۇنىڭ ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
PXR0 Yn rrbZ+*U 1.باسقۇچ: ئەڭ ئاۋۋال سىز چۈشۈرمەكچى بولغان ناخشىنى(سۈرەتلىك ناخشا بولسىمۇ ئۇخشاش) بىر قېتىم تۇلۇق ئاڭلاپ بۇلۇشىڭىز كېرەك. (بۇنداق قىلساق ئادەتتە سىز ئاڭلىغان ناخشا ياكى سۈرەتلىك ناخشا ئاللىبۇرۇن سىزنىڭ كۇمپىيوتېرىڭىزغا چۈشۈپ بولغان بۇلىدۇ)
E=A/4p6\$ 2.باسقۇچ:ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن سىز ئېكران يۈزىدىكى توربەت كۆرگۈچ يەنىInternet Explorer قا مائۇس ئوڭ كونۇپكىسىنى بىرنى چېكىپ، چىققان تىزىملىكتىن 属性 (خاسلىق) نى تاللاپ، 常规 (دائىملىق تاللانما) تۈرىنى تاللاپ قارىسىڭىز يوقىرىدىن تۆۋەنگە تىزىلغان ئۈچ دانە设置 (ئىقتىدار) كۆرىنىدۇ. بۇنىڭدىن ئەڭ ئۈستىدىكى 设置 نى تاللاپ،查看文件------设置بۇيىچە كىرىسىز ، ئاندىن چىققان كۆزنەكتىن 查看文件 نى باسسىڭىز بايامقى سىز ئاچقان توربەت يۈزىدىكى بارلىق رەسىم، سىز ئاڭلىغان ناخشا قاتارلىق بىرمۇنچە نەرسىلەر كۆرۈنىدۇ. سىز ئۇنىڭ ئىچىدىن ئۆزىڭىزگە لازىملىق بولغان ناخشا، كىنولارنى تېپىپ ئۈستەل يۈزىگە تارتىپ ئەپچىقىپ ئۆزىڭىزنىڭ قىلۋالالايسىز.
_pJX1_vD FU^Y{sbDg توردىكى ناخشا ۋە كىنولارنى توللۇق چۈشۈرۈش ئۇسۇللىرى پەقەت بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. يەنە نۇرغۇن ئۇسۇللىرى بار ئىدى. بۇ ئۇسۇللارنى كېيىنكى يازمىلىرىمدا تەپسىلىي يوللايمەن. بەك جىق يوللىۋەتسەم، تورداشلار چارچاپ قالمىسۇن دېدىم. (چاقچاق). بۇ ئۇسۇللارنى بىلىدىغانلار مازاق قىلماڭلار، بىلمەيدىغانلار بىلىۋالسۇن.
=":@Foa 7eTA`@v5A يەنە بىر گەپ: مەن بۇ يازمىنى ئۈچ سائەت ئەتىراپىدا يېزىپ بولدۇم. شۇڭا باشقا تور بېكەت ياكى بلوگلار قالايمىقان كۆچۈرمەڭلار. كۆچۈرۈش توغرا كەلسە، مەنبەنى ئەسكەرتىپ كۆچۈرۈڭلار.
#cR57=M} /post.php?fid=67مەنبە
u|(aS^H=q پايدىلىنىشىمىز ئۇچۇن يوتكەپ قويدۇم..ئەزىزجان
$4ka +nfU o@Dk%LxP