باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1008 
  •    ئىنكاس 
       2 

ئەلداۋا ئەيدىزدىن زېھىن سىناش پائالىيىتىدىن خۇلاسە

قەۋەت ئاتلاش
y.m.ilqut
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3561

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   13 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1229 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   102 (قېتم)
 تۆھپە:   102  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 204
 سائەت
دەرىجىسى:
204 سائەت 66 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-03
ئاخــىرقىسى:2012-04-02

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار! k2}DBVu1  
«تۇنجى نۆۋەتلىك ئەلداۋا ئەيدىزدىن زېھىن سىناش پائالىيىتى» 12-ئاينىڭ 1- كۈنى رەسمىي باشلانغان بولۇپ، مەقسەت 24 - نۆۋەتلىك دۇنيا ئەيدىز كۈنىنى خاتىرىلەش باھانىسىدا تورداشلارغا ئەيدىز بىلىملىرىنى تارقىتىش ئىدى. مەزكۇر پائالىيەتنى ئەلداۋا ساغلاملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى «ئەلداۋا ساغلاملىق تورى» ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئىزدىنىش، مىسرانىم، تەڭرىتاغ، كروران، گۈدۈك ... قاتارلىق نوپۇزلۇق تور بېكەتلەر پائالىيەت تەشۋىقاتى ئۈچۈن يېتەرلىك سورۇن ھازىرلاپ بەردى. 12- ئاينىڭ 2 - كۈنى سەھەردە، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى «ئەتىگەنلىك خەۋەر» پروگراممىسىدا مۇخبىر مۇرادىلجان ئىشلىگەن «ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى دۇنيا ئەيدىز كۈنىنى ئۆزگىچە شەكىلدە خاتىرلىمەكتە» ماۋزۇلۇق خەۋىرىنى ئاڭلاتتى ۋە خەۋەر جەريانىدا ئەلداۋا شىركىتىنىڭ مەسئۇلى يۈكسەل ئەپەندى مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى. CI W4E  
 1. تورداشلارنىڭ ئېرىشكەن نومۇر ئەھۋالى A8%e _XA  
مەزكۇر پائالىيەت 12-ئاينىڭ  5 - كۈنىگىچە ئۇدا 5 كۈن داۋام قىلدى. بۇ جەرياندا جەمئىي 263 نەپەر تورداش پائالىيەتكە قاتنىشىپ، 50 پارچە  زېھىن سىناش سوئالىنى تولۇق ئىشلەپ تاپشۇردى. تورداشلار ئېرىشكەن ئەڭ يۇقىرى نومۇر 96، ئەڭ تۆۋەن نومۇر 24، ئوتتۇرىچە نومۇر 65.23 بولدى؛ ئېرىشكەن نومۇرى 90 دىن يۇقىرى بولغانلار 7 نەپەر، 85 دىن يۇقىرى بولغانلار 23 نەپەر، 80 دىن يۇقىرى بولغانلار 49 نەپەر، 60 دىن يۇقىرى بولغانلار 204 نەپەر، 60 دىن تۆۋەن بولغانلار  59 نەپەر بولدى. LU6R"c11  
2. تورداشلارنىڭ ئېرىشكەن نومۇر ئانالىزى CFpBosoFt^  
بىرىنچى، تورداشلارنىڭ بۇ خىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش قىزغىنلىقى يۇقىرى، پوزىتسىيىسى ئاكتىپ ئىكەن. بۇ قېتىملىق پائالىيەت گەرچە تۇنجى قېتىم تەشكىللەنگەن، تەشۋىقات خىزمىتى يېتەرلىك ۋە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان بولسىمۇ، 263 نەپەر تورداشنىڭ 50 پارچە سۇئالنى ئېرىنمەي، ئەستايىدىل ئىشلەپ چىقىشى بىزنى سۆيۈندۈردى ۋە بىزگە زور ئىلھام-مەدەت بولدى.  /YJo"\7  
ئىككىنچى، تورداشلارنىڭ ئەيدىز ھەققىدىكى بىلىشى ئاساسىي جەھەتتىن لاياقەتلىك بولۇپ، %77 تورداش 60 نومۇردىن ھالقىغان. %23 تورداش لاياقەتسىز بولغان. تورداشلارنىڭ ئېرىشكەن نومۇر ئەھۋالىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەيدىز بىلىملىرىگە پىششىق تورداشلارنىڭ سانى يەنىلا ئاز، چىقىرىلغان سوئاللار ئەيدىزگە ئائىت بىلمىسە بولمايدىغان، ئەڭ ئاددىي ساۋات خاراكتېرلىك بىلىملەرگە ئائىت بولۇپ، پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇلمىسى بويىچە مۇكاپات ئېلىش شەرتىگە توشىدىغان 90 نومۇردىن ھالقىغان تورداش ئاران 7 نەپەر؛ زور كۆپ ساندىكى تورداشلار 60 دىن 80 گىچە نومۇرغا ئېرىشكەن. wd`p>  
ئۈچىنچى، تورداشلارنىڭ ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىغا بولغان ئېتىبار بېرىشى يېتەرلىك ئەمەس ئىكەن. كۆپىنچە تورداشلار ئەيدىز يۇقۇمىغا ئائىت سوئاللاردا كەتكۈزۈپ قويغان بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئۇچۇرلارغا ئانچە زەڭ قويمىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ھالبۇكى، ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى ھەر بىر كىشىنىڭ يېقىندىن دىققەت قىلىشىغا تېگىشلىك ۋە بىلىشى زۆرۈر بولغان مۇھىم نۇقتا ھېسابلىنىدۇ. um9&f~M  
تۆتىنچى، تورداشلارنىڭ ئەيدىزنىڭ تارقىلىش يوللىرىغا بولغان چۈشەنچىسى ئانچە روشەن ئەمەس ئىكەن. كۆپ ساندىكى تورداشلار ئەيدىزنىڭ قان، مەنىي، ئانىدىن بالىغا تارقىلىش يولى ئارقىلىق يۇقىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ، ئەمما، ئادەتتىكى ئىجتىمائىي ئالاقە، يەنى ئەيدىز بىمارلىرى بىلەن نورمال بېرىش-كېلىش قىلىش جەريانىدا يۇقمايدىغانلىقىنى بىلىپ كېتەلمىگەن ياكى جەزىم قىلالمىغان. ئاز ساندىكى تورداشلار ھەتتا پاشا چاقسىمۇ ئەيدىز يۇقىدۇ، دەپ قارىغان. |4+'YgO  
بەشىنچى، تورداشلارنىڭ ئەيدىز بىمارلىرىنى كەمىستمەسلىك ھەققىدىكى تونۇشى يېتەرلىك ئەمەس ئىكەن. خېلى ساندىكى تورداشلار ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىغا بولغان مۇئامىلە سۇئالىدا كىشىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان جاۋابلارنى تاللىغان. ئۇلارنىڭ بۇ جاۋابلىرىدىن ئۇلاردا ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنى كەمسىتىش خاھىشىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈۋالماق تەس ئەمەس. /stvNIEa  
h8/tKyr8(  
  T@1;Nbz]  
3. مۇكاپاتلاش توغرىسىدا %pVsafV  
پائالىيەت ئۇقتۇرۇشىدا، نومۇرى 90 دىن ھالقىغان 20 نەپەر تورداشقا ئەلداۋا ساغلاملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت شىركىتى ھەر بىر تورداش ئۈچۈن 50 يۈەن تېلېفون سۆزلىشىش ھەققى مۇكاپات بەرمەكچى ئىدى. ئەمما، بۇ قېتىم 90 دىن ئاشقان تورداش ئاران 7 نەپەر بولۇپ، كۈتكەن يېرىمىزدىن چىقماي قالدى. شۇنداقتىمۇ، ئەلداۋا شىركىتى تورداشلارنىڭ پائالىيەتكە قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، نومۇرى 85 دىن ھالقىغان 23 نەپەر تورداشنىڭ ھەربىرىنى 50 يۈەنلىك سۆزلىشىش ھەققى بىلەن مۇكاپاتلاشنى قارار قىلدى. مۇكاپات بۈگۈندىن ئېتىبارەن 3 كۈن ئىچىدە تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ بولىنىدۇ. يۇقىرىقى 23 نەپەر تورداش بىلەن ئالاقىلىشىشقا شىركىتىمىز مەخسۇس خادىم ئورۇنلاشتۇرىدۇ. kqB# 9  
4. خۇلاسە lJ3VMYVrUP  
مەزكۇر پائالىيەت ئارقىلىق شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، تورداشلارنىڭ ئەيدىز ھەققىدىكى بىلىشلىرى يەنىلا يېتەرسىز، بەزى ئايرىم نۇقتىلاردا تەشۋىشلىك ئەھۋالدا. شۇ ۋەجىدىن، ئەيدىز ھەققىدىكى تەشۋىقات- تەربىيىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، كېڭەيتىش يەنىلا رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەلداۋا ساغلاملىق تورى جەمئىيەت ۋە تورداشلار ئالدىدا مەسئۇلىيەتچان كەسپىي ساغلاملىق تور بېكىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن داۋاملىق ئەيدىز ھەققىدىكى بىلىم-ئۇچۇرلارنى كەڭ ئۇيغۇر تور ئاممىسىغا ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن بەجانىدىل خىزمەت قىلغۇسى! +.Vh<:?  
قىسقىسى، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى تەشكىللىگەن «تۇنجى نۆۋەتلىك ئەلداۋا ئەيدىزدىن زېھىن سىناش پائالىيىتى»  كەڭ تورداشلارنىڭ ئاكتىپ ئىشتراك ئېتىشى، ئىزدىنىش، مىسرانىم، تەڭرىتاغ، كروران، گۈدۈك ... قاتارلىق نوپۇزلۇق تور بېكەتلەرنىڭ قىزغىن قوللاپ قۇۋۋەتلەپ بېرىشلىرى نەتىجىسىدە، ئومۇمەن ناھايىتى ئۇتۇقلۇق ئېلىپ بېرىلدى. ئۇشبۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مەزكۇر پائالىيەتكە  قىزغىن قاتناشقان بارلىق تورداشلار ۋە قوللىغان تور بېكەتلەرگە كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمىز! ئۇشبۇ پائالىيەتنى ئۇتۇقلۇق تەشكىللەش ئۈچۈن بىزگە يېقىندىن ھەمدەمدە بولغان ئىسكەندەر جېلىل كۆكتاش، ماھىنۇر سادىق كروران، ئابلىز مۇھەممەد (پامىر تور تېخنىكا شىركىتى) لەرگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز! y A5h^I  
ئەلداۋا ساغلاملىق تورى Rxdj}xy  
2011 - يىلى 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى < }K9 50  
  ^?{&v19m  
--------------------------------------------------------------------------- igL5nE=n  
«تۇنجى نۆۋەتلىك ئەلداۋا ئەيدىزدىن زېھىن سىناش پائالىيىتى» نىڭ سۇئاللىرى ۋە ئۆلچەملىك جاۋابى بۇ يەردە! كۆرۈپ قويۇڭ! aNry> 2:  
  http://news.eldawa.com/quick/2011/1205/1363.html !RJ@;S  

 
ئەلسۆي تەرجىمە گۇرۇپپىسى ھەرىكەتتە: http://blog.ilqut.com
yigana00903

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6401

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   501 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   30180 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2682 (قېتم)
 تۆھپە:   2682  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5299
 سائەت
دەرىجىسى:
5299 سائەت 301 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-21
ئاخــىرقىسى:2013-07-23
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-06

بېشىدىراق ئۇقماپتىمىز ئەمەسمۇ!!!     
سۇدا بىلىقنىڭ ئىزى يوق.....
1tulpar

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3605

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1358 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   71583 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   6144 (قېتم)
 تۆھپە:   6139  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 13505
 سائەت
دەرىجىسى:
13505 سائەت 265 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-06
ئاخــىرقىسى:2013-09-14
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-07

مەنمۇ ئۇقماپتىمەن ئەمەسمۇ
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى