LO,G2] ]e?cKC\"e مۇتەخەسسىسلەر راكتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ياغ ئىستىمال قىلىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش، ئوتياش ۋە مېۋە – چىۋە يىيىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
wD-(3ZVd4 مۇتەخەسسىسلەر راكتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ياغ ئىستىمال قىلىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش، ئوتياش ۋە مېۋە –چىۋە يىيىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
15i8) 4h ساغلام ياشاش ئۈچۈن توغرا ۋە مۇۋازىنەتلىك ئۇزۇقلىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن ئاجىبادەم كوجائەلى دوختۇرخانىسى تېببىي ئونكولوگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەمەل ئۈچگۈل چاۋۇشئوغلۇ، راكتىن ساقلىنىشتا پايدىلىق بولغان ئۇزۇقلۇقلارغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.
]gjhrD چاۋۇشئوغلۇ، راكقا قارشى توغرا ئۇزۇقلىنىش ھەققىدە توختىتىلىپ، مۇۋاپىق ئېغىرلىق ئۆلچىمىنى ساقلاپ قېلىش، يېتەرلىك ۋە مۇۋازىنەتلىك ئۇزۇقلىنىشنى تەۋسىيە قىلدى.
&<Bx1\ ~V بىر ۋاخ تاماقتا، ھەر خىل تۈردىكى ئۇزۇقلۇقلارنى ئىستىمال قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلىشنى تەلەپ قىلغان چاۋۇشئوغلۇ، گۆش، تۇخۇم ۋە پىچىنە –پىرەنىك تۈرلىرىنى، ئوتياش ۋە مېۋە –چىۋە تۈرلىرىنى، ياغ تۈرىدىكى ئۇزۇقلۇقلارنىڭ تۈرىنى كۆپەيتىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.
K4Mv\! Q<8 ئۇزۇقلۇقلاردىكى كۈنلۈك ئىستىمال قىلىنىدىغان ياغ مىقدارىنى ئازايتىشنى، تاماقلارنىڭ سۇيۇق ياغلار بىلەن پىشۇرۇلىشىنى ۋە ياغنى ئاز ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلغان چاۋۇشئوغلۇ، «ئىشلىتىلگەن ياغنىڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ زەيتۇن يېغى، ئۈچتىن بىرىنىڭ ئۆسۈملۈك يېغى ۋە قالغان ئۈچتىن بىرىنىڭ سېرىق ماي بولۇشىغا دىققەت قىلىڭلار» دېدى.
] 8sVXZ كالتىسىي، فوسفور ۋە ب گۇرۇپپىسىدىكى ۋىتامىنلارغا باي ۋە بولۇپمۇ كولون راكىغا قارشى قوغدايدىغان سۈت ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىنى چوقۇم ئىستىمال قىلىش كېرەكلىكىنى قەيت قىلغان چاۋۇشئوغلۇ، سېرىق پۇرچاقنىڭ ئەمچەك راكى ۋە مەزى بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
zK`z*\ ئۇزۇقلىنىشتا كۈنلۈك ئوتياش ۋە مېۋە –چىۋە ئىستىمال مىقدارىنى ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، مېۋە ۋە ئوتياش ئىستىمال قىلىشنىڭ راكتىن ساقلىنىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
wV- kB4^4 &u-H/CU%