ئالدىنقى تېماكېيىنكى تېما
بۇ تېما 195 قېتىم كۆرۈلدى
تېما : تۈركىيەنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە قىلغان چاقىرىقى
erhabi
دەرىجە: شەرەپلىك ئەزا
UIDنومۇر: 1557
نادىر تېما: 0
يازما: 349
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە349دانە
شۆھرىتى: 1393 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 14739 يۈەن
تۆھپە: 1293 قېتم
ياخشى باھا: 1119 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 292(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:7دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:292 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:58 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:390 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:6 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-09-17
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-10-05
باش تىما  يوللىغان ۋاقىت: 2011-10-05 07:46

0
تېما:تۈركىيەنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە قىلغان چاقىرىقى
يوللىغۇچى:erhabi | يوللىغان ۋاقىت :2011-10-05 07:46 | كۆرۈلۈش قېتىم سانى:195

تۈركىيەنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە قىلغان چاقىرىقى
يوللاندى 27.09.2011 12:34:47 UTC يېڭىلاندى 27.09.2011 12:34:47 UTC تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى چوڭ بىر ھەيئەت، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 66 – نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا يېتىپ باردى. زىيارەت كۈنتەرتىپى ھەر چاغدىكىگە ئوخشاش ب د ت بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بىر قاتار ئۇچرىشىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا زىيارىتى بويىچە ئىشقا ئاشۇرغان ئىككى پائالىيەت ئالدىنقى پىلاندىن ئورۇن ئالدى. بۇلاردىن بىرى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن كۆرۈشۈش، يەنە بىرى بولسا، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە سۆزلىگەن نۇتقى ئىدى. رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇ يەرلەردە ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرى، تەلەپلىرى ۋە بەرگەن سىگناللىرى، ھەم تۈركىيە تاشقى سىياسىتىنىڭ كۈنتەرتىپىگە ھەمدە خەلقئارا سىياسەتنىڭ قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنىشىغا نىسبەتە ئېيتقاندا دىققەتنى قوزغايدىغان نۇقتىلار ئىدى. رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پۈتۈن ئۇچرىشىشلىرىنى ۋە ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلىرىنى بۇ يەردە تەپسىلىي بايان قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئەمما، ئومۇمىي جەھەتتىن ۋە ئۇقۇم خاراكتېرلىك قىسقىچە خۇلاسە چىقىرىش تامامەن مۇمكىن. g4 $  
پىكرىمىزگە ئاساسلانغىنىمىزدا، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيە تاشقى سىياسىتى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر قائىدىسى، «ئىدىئالىستىك بىر پەلسەپەگە تايانغان بولۇپ، رېئالىستىك شەرتلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلمايدۇ» دەپ خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇ. تېخىمۇ كونكرېت قىلىپ ئېيتساق، تۈركىيە خەلقئارا تەرتىپنىڭ شەكىللىنىشىدە ئىدىئالىستىك بىر سىياسەت قوللانغاندا، بۇلارنىڭ ئىشقا ئېشىشى ئۈچۈن ئامېرىكىغا ئوخشاش دەرىجىدىن تاشقىرى بىر كۈچنىڭ ياكى باشقا ئەمەلىي ئامىللارنىڭ دىققەتكە ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلماقتا. تۈركىيە بۇ شەكىلدە ئىدىئالىزىم بىلەن رېئالىزمنى تەڭشىگەن راتسىيونال تاشقى سىياسەت ئىستراتېگىيەسى يۈرگۈزۈشكە تىرىشماقتا. nT}i&t!q8@  
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، تۆۋەندە ئابانت ئىززەت بايسال ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور رامازان گۆزەننىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز. WqCj;Tj|  
رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باراك ئوباما بىلەن كۆرۈشۈشى ۋە ب د ت دا قىلغان نۇتقى، تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يۈرگۈزۈشكە تىرىشقان تاشقى سىياسەت غايىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ نۇتقىنىڭ ئۆزىدە كۈچلۈك بولغان تىنچلىق قارىشى، ئادالەت، باياشاتلىق، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، ئەخلاق، مۇقىملىق ۋە ۋىجدانىي تۇيغۇ ئۇرغۇسىنىڭ بارلىقىنى كۆرەلەيمىز. بۇ نەزەرىيەلەر كونكرېت ھالدا تۆۋەندىكىدەك تەكىتلىنىدۇ: E4.A$/s8[  
سومالىدىكى ئاچارچىلىق ۋە يوقسۇللۇق مەسىلىسىدە ئىنسانلىقنىڭ ۋە خەلقئارا ئاكتىيورلارنىڭ «بىپەۋارلىقى ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىكى» تىلغا ئېلىندى. تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىلەردە كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىگە قارىماستىن، جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ تارىخىي خاتالىقلىرىنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى ئىپادە قىلدى. ,&* BhUC  
جاھانگىرلىك ۋە تەرەققىي قىلمىغانلىق نۇقتىسىدا، تۈركىيەنىڭ تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەرگە قىلىۋاتقان ياردەملەرنى ئالاھىدە تەكىتلەش ۋە دۇنيا جامائىتىنى كېرەكلىك ياردەملەرنى قىلىش توغرىسىدا چاقىرىق قىلىش ھېسابلىنىدۇ. (b"q(:5oX  
پەلەستىن مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولسا، ھەم ب د ت ۋە خەلقئارا قانۇن ھەمدە چوڭ كۈچلەرنىڭ «قوش ئۆلچەم» مۇئامىلىسىنى تەنقىد قىلدى. ب د ت قارارلىرى ئىراق ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرگە قارشى قاتتىق ئىجرا قىلىنسا، ئىسىرائىلىيەگە قارشى خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە قىلىنغان ھۇجۇملاردا توققۇز نەپەر تۈركىيە پۇقراسىنىڭ شېھىت قىلىنىش ۋەقەسى ئالدىدا سۈكۈت قىلىنغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تۈركىيەنىڭ بۇ ۋەقەدىكى ھەق – ھوقۇقىنى قوغداش يولىدا قەتئىي قارارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. aJ1{9 5ea  
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ ئادىل ۋە مەڭگۈلۈك ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ئىسىرائىلىيەنىڭمۇ ب د ت پىرىنسىپلىرىغا بويسۇنۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، ب د ت نىڭ 1947 – يىلى ئالغان 181 – نومۇرلۇق قارارى دائىرىسىدە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى ۋە تۈركىيەنىڭ بۇ مۇساپىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىغانلىقىنى جاكارلىدى. 66_=bd(9  
رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىدىئالىزمىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تەرىپى، بولۇپمۇ ئەرەب باھارى نۇقتىسىدىن ئىلگىرى سۈرگەن دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە خەلق ھاكىمىيىتى قاتارلىق پىكىرلەر ئىدى. تۈركىيە باشتىن تارتىپ ئەرەب باھارىنى قوللىغانغا ئوخشاش، بۈگۈنمۇ سۈرىيە خەلقىنىڭ دېموكراتىيە تەلەپلىرىنى قوللىماقتا. خەلققە قارشى قورال كۈچى ئىشلتىش ۋە بېسىم قىلىشقا قارشى چىقماقتا. بۇ مەسىلىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان سۈرىيە ھاكىمىيىتى بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزۈلمەيدىغانلىقىنى، ھەتتا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. دېموكراتىيە ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى ئۇرغۇسى، «لىۋىيە لىۋىيە خەلقىنىڭدۇر، ئۆزىنىڭ بايلىقىنى ئۆزىنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى بار» ۋە «كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللاش لازىم» دېگەن ئىبارىلەردە كۆرۈلدى. e$rPXRf  
رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىدىئالىزمىنىڭ يەنە بىر تەرىپى، خەلقئارا مەسىلىلەرنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ۋە تىنچلىق يولى بىلەن ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنىڭ بىر بەلگىسى سۈپىتىدە، قىبرىس مەسىلىسىگە بېرىلگەن ياردەملەرنى تەكىتلەش ھېسابلىنىدۇ. ئۇ، تۈركىيەنىڭ 2004 – يىلى ب د ت ئاننان پىلانىنى قوللىغىنىغا ئوخشاش، بىرلەشكەن يېڭى قىبرىس ھاكىمىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىنى قوللايدىغانلىقى، ئەمما رۇم تەرىپىنىڭ بۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. رۇم تەرىپىنىڭ ئاق دېڭىزدا نېفىت بۇرغىلىشىنىڭ، مەسىلىنى ھەم تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىشقا قارشى كۈشكۈرتچىلىك قىلىش ھەمدە خەلقئارا بىخەتەرلىكنى خەتەرگە ئىتتىرگەن مەسئۇلىيەتسىز قەدەم ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئوخشاش شەكىلدە، ئەرمېنىيەنىڭ 1991 – يىلىدىن بۇيان ئىشغال قىلىۋالغان ئەزەربەيجان زېمىنلىرىدىن چېكىنىشنى خالىمايۋاتقانلىقى؛ ب د ت نىڭ ئىسىرائىلىيە مەسىلىسىگە ئوخشاشلا بۇ مەسىلىدىمۇ قوش ئۆلچەم قوللىنىپ، خەلقئارا تىنچلىقنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. XSh [#qJ  
تۈركىيەنىڭ مۇنداق يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئىدىئالىزمىنى، ھەقىقەتتىن يىراق ۋە ئوتوپىيەلىككە ئىگە بىر ئۈمىدۋارلىق دەپ كۆرۈشكە بولىدۇ. ئەمما، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە قارىغىنىمىزدا، ئەسلىدە ئەمەلىيەتتىن خەۋەرسىز ئەمەسلىكىنى ئېيتالايمىز. بۇنىڭ ئىسپاتىنى، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ ۋە باشقا مەسئۇل ئەمەلدارلارنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى ۋە ئۇچرىشىشلىرىدىن كۆرەلەيمىز. شۇ نۇقتا ناھايىتى ئېنىقكى، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆزى ئىلگىرى سۈرگەن كۆز – قاراشلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ قوللىشى ھەمدە ھەمكارلىقىغا ئېھتىياج چۈشىدىغانلىقىنى ھېس قىلماقتا. ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدىئالىزمنىڭ، پۈتۈنلەي تۈركىيەنىڭ كۈچى ۋە ئىمكانىيىتى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭدا ئامېرىكىنىڭ كۈچى ۋە قوللىشىغا ئېھتىياج بارلىقىنى بىلىدۇ. رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە قىلغان سۆزلىرىگە بويسۇنۇش چاقىرىقىنىڭ، ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىگە قارىتا ئېيتىلغانلىقىنى بىلىش لازىم. ئەلۋەتتە، يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرق ۋە باشقا رايونلاردا تۈركىيەنىڭ قوللىشى ۋە كۈچىگە ئېھتىياجىنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىش كېرەك. بۇ ھەقىقەتلەرگە تايانمىغان بىر ئىدىئالىزمنىڭ نەتىجىگە ئېرىشىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، تۈركىيە ۋە ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلىۋاتقان تېررورىزم مەسىلىسىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا ئاخىرلىشىشى؛ ئوتتۇرا شەرقتە ۋە دۇنيادا دېموكراتىيەنىڭ، تىنچلىقنىڭ شەكىللىنىشى؛ يادرو قورالى ۋە باشقا ۋەيران قىلىش كۈچى يۇقىرى قوراللارنىڭ يوق قىلىنىشى؛ دۇنيادا تىنچلىقنىڭ، مۇقىملىقنىڭ ۋە راھەت – پاراغەتلىكنىڭ ئىشقا ئېشىشى؛ پەقەتلا تۈركىيە ۋە ئامېرىكىنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلىرىنىڭ قوغدىلىشىغا ئوخشاش غايىلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن، بولۇپمۇ ئىككى نۇقتىدا تەرتىپكە سېلىنىشتىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. p^ OHLT  
بۇلاردىن بىرىنچىسى، ب د ت قۇرۇلمىسىنىڭ ئىسلاھات قىلىنىپ، كۆڭۈلدىكىدەك بىر دۇنيانىڭ قۇرۇلۇشىغا ھەسسە قوشالايدىغان شەكىلدە تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى ئېھتىياجدۇر. يېڭى ب د ت نىڭ پەقەت بەزى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان ھالدا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيادا باراۋەر ۋە ئادىل ھەرىكەت قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى لازىم. ئىككىنچىسى، تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنى ئاساس قىلغان بارلىق خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر دىيالوگ، ئۆزئارا ھەمكارلىق، مەسلىھەتلىشىش ۋە ئادىل بولغان قانۇنغا تايىنىشى لازىم. iYlkc  
تۈركىيە بۇ مۇساپىغا ھەسسە قوشۇشنى خالايدۇ. بۇ ئارزۇسىنى كۆرسىتىش مەقسىتىدە 2016 – 2015 – مەۋسۇمى ئۈچۈن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يەنە ۋاقىتلىق ئەزاسى بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى ھەمدە 193 دۆلەتنىڭ قوللىشىنى تەلەپ قىلدى. r;wm`(e  
r{Mn{1:O  


MAZLUM
كەلگەن جايى: چوققا