ئاپتۇرى:دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمىتۇللاھ)
#}M\ J0QG E[$"~|7|$ تور تېخنىكىسى يېڭىلىقلاردىن بولغاچقا، مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدە باش سۈرەت دەپ ئاتالغان، ھەر بىر ئەزا بىرەر ئىسىم ياكى تەخەللۇس تاللاپ ئىسمىنىڭ ئاستىغا بىرەر سۈرەت چىقىرىپ قويۇشنىڭ ھۆكمى مەسىلىسى سۈرەتنىڭ ھۆكمىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. دىنىمىزدا جانلىقلارنىڭ سىزغان سۈرەتلىرى بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن چەكلىنىدۇ. ئەمما فوتۇ سۈرەت بولسا بەزى ئالىملار قارىشىدا چەكلەنگەن سۈرەتلەر قاتارىغا كىرمەيدۇ. بۇ قاراشقا ئاساسەن ئەر كىشى ئۆزىنىڭ ياكى باشقا ئەر كىشىنىڭ ھايالىق چۈشكەن فوتۇ سۈرەتلىرىنى باش سۈرەت قىلىپ چىقارسا جائىز بولىدۇ. لېكىن فوتۇ سۈرەت مەسىلىسىدە ئالىملار ئوتتۇرىدا ئىختىلاپ بار بولغاچقا، ھەم مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدە سۈرەت ئىشلىتىش زۆرۈر ئەھۋال قاتارىغا كىرمەيدىغان بولغاچقا، جانلىقلارنىڭ سۈرەتلىرىنى ئىشلەتمىگەن ئەۋزەل ھەم كۆڭۈلنى خاتىرجەم قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق سۈرەتنى چىقىرىشقا زۆرۈر ئېھتىياج يوق. باشقا گۈزەل مەنزىرە ياكى جانسىز شەيئىلەرنىڭ سۈرەتلىرىنى ئىشلەتسە ياكى پەقەت سۈرەت ئىشلەتمىسىمۇ مۇنازىرە ئىشلىرىغا تەسىر يەتمەيدۇ، جايىدا كېتىۋېرىدۇ. قىز-ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ ياكى باشقا قىز-ئاياللارنىڭ ھايالىق چۈشكەن سۈرەتلىرىنى ئىشلىتىشى جائىز بولمايدۇ، چۈنكى بۇ سۈرەتلەرگە نامەھرەم ئەرلەر قارايدۇ. يەنە ئەر ياكى ئايال كىشىنىڭ ھاياسىز سۈرەتلىرى، ئەخلاقسىزلىققا، دىنغا زىت ئىدىيە-ئەخلاققا تەشۋىق قىلىدىغان، دىن ۋە دىنىي سىمۋوللارنى مەسخىرە قىلىدىغان ئىسىم، تەخەللۇس، سىمۋول ياكى سۆز-ئىبارە ۋە باشقا ھەرقانداق نەرسىنى ئىشلىتىشى ئېغىر گۇناھ ھېسابلىنىدۇ. فوتوشوب ياكى باشقا پروگراممىلار بىلەن سىزغان سۈرەتلەرمۇ چەكلەنگەن سۈرەت دائىرىسىگە كىرىدۇ. ئادەتتە بەزى مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدە ئىشلىتىلىۋاتقان چىرايدىكى كۆز-قاش، ئېغىز-بۇرۇن قاتارلىق ئەزالار ئېنىق بولمىغان باش شۈرەتلىرىنى ئىشلىتىشمۇ جائىز، چۈنكى بۇ جانلىقنىڭ سۈرىتى ئەمەس، ئىنساننىڭ بەلگىسى ياكى سىمۋولى ياكى يۇمۇلاق دائىرە خالاس. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
QoLp$1O(y باش سۆرىتى لاياقەتلىك دوستلار قانچىسى باركىن؟؟
a$=BX= مەنمۇ ئەسىلدىكى مۇھەممەت بىلەن نەرمىنىڭ رەسىمنىڭ ئالماشتۇرۋەتتىم.
e0s* مۇسۇلماننىڭ قىلغان ھەممە ئىشغا ئاللاھ ساۋاپ بېردۇ. ھەتتا ئۆي سالغاندائۆينىڭ تۇڭلۇكنى،ياكى دېرىزىسىنى ئەزان ئاۋازى ئاڭلايمەن دەپ قويسا ئاللاھ ساۋاپ بېردۇ.
ON(OYXj دىمەك بىزنىڭ مۇنبەردىكى باش سۇرتىمىز باشقىلارغا ياخشى تەسىر بېرىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن. توغرا چۈشۈنۈشىڭلارنى ئۆتۈنمەن.
GGM|B}U p كەڭ ساي مۇنبىردىن ئېلىندى.
[ تېما kosowuluk تەرپىدىن 2011-08-26 03:04 دە قايتا ]