بىر ھەپتىلىك سىياسى ئۈگىنىش ۋەزىپەمنى ئادا قىلىپ تۇرۇشۇمغا يازلىق تەتىلگە قۇيۇپ بىرىپ مىنى باغلاقتىن بۇشاندۇردى.يەرلىك سىياسەتنىڭ كۈچى بىلەن دەرىجىمۇ دەرىجە "ئۆيدىن چىقىش"رەسمىيتىنى ئادا قىلىپ بۇلۇپلا ئىيۇن ئايلىرىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا سۈيۈملۈك ئاپام،خۇتۇنۇم ۋە ئۇماق قىزىمنى ئېلىپ خۇتۇنۇمنىڭ مەھەللىسىگە يەنى شىمالغا قاراپ يۈرۈپ كەتتىم.ماشنا چۈشتىن كىيىن سائەت4لەردە قوزغالغان پېتى سائەت 7دىن ئاشقىچە يۇرتۇمنىڭ چىگىرسىدىن ئۆملەپ چىقىپ بۇلالمايۋاتاتتى.نىمىشقا دەمسىز چۈنكى يۇرتۇمدىن چىقىپ بۇلغۇچە2-3قېتىم كىملىگىڭىزنى تەكشۈردۇ.مەن كۆڭلۈمدە مۇشۇنداق تەكشۈرگىلى تۇرسا مەنزىلگە بېرىپ بولغۇچە نۇرغۇن شەھەر بازارلاردىن ئۈتىدىغان بولغاندىكىن قاچانمۇ بېرىپ بۇلارمەن دەپ ئويلۇدۇم.سەپەرگە ئاتلانغانلىغىمدىن پۇشايمانمۇ قىلىپ قالدىم.نەدىكىنى دەيسىز ئەسلىدە كىملىك تەكشۈرۈش مۇشۇ يۇرتۇمدىلا چىڭ ئىكەن ئەمەسمۇ.مەنزىل چۆچەككە بېرىپ بولغۇچە بىر قېتىممۇ تەكشۈرۈپ قويمىدى.ئاخىرى چۆچەككىمۇ كىلىۋالدىم.خۇتۇننىڭ تۇنۇشمىغان تۇققانلىرى بىلەن تۇنۇشۇپمۇ قالدىم،ئەڭ دەسلەپتە شۇنى كۆردۈمكى قېيىن ئاتامنىڭ بىر خوشنىسى مۇڭگۇل،بىر خوشنىسى قازاق يەنە بىر خوشنىسى خەنزۇ ئىكەن،ئۇلار ئۆيدىن چىققاندا سالاملىشىپ پاراڭلىشىپ ناھايتى ئىناق ئۈتىدىكەن.ئىشىك ئالدىغىچە ئاسفالىت يول بۇلۇپ ئۇلارنى ھىچكىمىڭ دېھقان دىگۈسى كەلمەيدىكەن.بۇ كىچىككىنە بازاردا ئۇيغۇرلار ناھايتى ئاز ئىكەن شۇنداق بولغاچقىمىكىن چۈشتىن كىيىن مەھەللىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر مويسىپىتلىرى يۇرتتىن قېرىنداشلار كەپتۇ دەپ ئاڭلاپ بىر بىرلەپ كىرىشكە باشلىدى.بىز ناھايتى قىزغىن پاراڭلاشتۇق.مەن شىمالنى ئەزەلدىن سوغۇق دەپ چاغلايتتىم لىكىن كىم بىلسۇن ئۈزەمنى قويغىلى يەر تاپالماي قالدىم،سوغۇقتا توڭلاپ كەتمەي دەپ ئېلىۋالغان پەشمەتنى ئويلاپ شۇنداق ئاچچىغىم كەلدى.كەچمۇ كىرىپ قالدى بۇ چاغدا خۇتۇننىڭ بىر نەۋرە ئاكىسى(مەن بىلەن تەڭ دىمەتلىك)بىر قانچە خەنزۇ قازاق ئاغىينىلىرى بىلەن كىرىپ كەلدى بىز ياخشى پاراڭلاشتۇق،تۇنۇشتۇق ئاخىردا ئۇلار سىرتقا ئەپچىقىپ مىھماندارچىلىق سورۇنى ئۇيۇشتۇرۇشتى.ئۇلار ناھايتى قىزغىن ۋە مىھماندوست ئىدى.ئۇلار قازاق ۋە خەنزۇ تىلىغا ناھايتى ماھىر ئىدى،ئارلاپ ئارلاپ چەكلەنگەن سۆز ئىشلىتىلگەن قازاق دىيىشىپ قۇياتتى،لىكىن ئۇلار تىرىكىشمەيتتى.مەن ئويلاپ قالدىم: بىزمۇ يۇرتتا مۇشۇنداق ئىتتىپاق،ئىناق ئۆتسەك،چەكلەنگەن سۆز ئىشلىتىلگەن دىسەك ئۇلار،چەنتو دىسە بىز تىرىكمىسەك بولمامدىغاندۇ؟نىمىشقا چەكلەنگەن سۆز ئىشلىتىلگەن دىسەك ئەدىۋىمىزنى يەيدىغاندىمىز!مەن شۇنى ئويلاپ مەينىڭ ماڭا كىلىپ قالغانلىغىنى تۇيىماي قاپتىمەن.مەن ئۆزرە ئېيتىپ گۆپپىدە كۈتۈرۋەتتىم.
VQpwHzh ئەتىسىمۇ ھاۋا ئوخشاشلا ئىسسىق،ئاسماندا بىر پارچىمۇ بۇلۇتتتىن ئەسەر يوق،پۈۋلىگەنچىلىكمۇ شامال تېخىمۇ يوق.مۇزلىتىلغان سۇلارنى ئىچىۋاتىمەن.ئاخىرى بۇلالماي ھېلىقى تەڭ دىمەتلىك تۇققىنىمغا تېلفۇن قىلدىم.تۇققۇنۇم بىر خەنزۇ ئاغىينىسى بىلەن موتسىكىلىتتا كەپتۇ،بىز ئۈچىمىز موتسىكىلىتقا مىنگىشىپ كۇچىغا قاراپ چاپتۇق،كىتىۋاتىمىز،چوڭ تۆت كۇچىدىن ئوقتەك ئۇچۇپ ئۆتتۇق.شۇنىڭغا ھەيران قالدىم.بۇ يەردە ساقچى يوقما؟رەسمىيتى يوق موتونى تۇتىدىغان،ئارتۇق يۈك باسقان موتونى تۇتىدىغان ساقچى يوقما؟بىزنىڭ جەنوپتىكى قەدەمدە بىر پۇتلۇشۇپ،كۈزىمىزگە مىق بۇلۇپ سانجىلىپ تۇردىغان ساقچىلار بۇ يەردە بىرسىمۇ كۈرۈنمەيدىغۇ؟

بىز مارۇژنا ئىچكەچ مۇشۇ توغۇرلۇق پاراڭلاشتۇق.بىلىشىمچە بۇ يەردىمۇ ساقچى بار ئىكەن،بىراق ئۇلار خەلىققە قولايلىق ئېلىپ كىلىش خىزمەتلىرى بىلەن ئالدىراش ئىكەن،قاتناشنى باشقۇردىغان ساقچىلار يىتىشمەيدىكەن،باشقا ساقچىلار قاتناش ئىشلىرغا ئارلاشمايدىكەن،ئىش بىجىرسە كىنىشكىلىرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئىش بىجىردىكەن،ھوقوقى دائىرسىدە ئىش بىجىرمىسە ئەھۋالى ناچارلىشىپ قالدىكەن،ساقچىنىڭ ئادەم ئۇرۇشى پەقەتلا كۈرۈلمەيدىكەن،ئادەم تىللاشمۇ ئاساسەن كۈرۈلمەيدىكەن،تىللاپ سالسا باشلىقلىرنى ئىزلەپ بىر تەرەپ قىلغۇزدىكەن ياكى كەچۈرۈم سۇرىغۇزدىكەن.كۆز ئالدىمغا يۇرتۇمدىكى ساقچىلار بىر بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن گۇناھكاردەك قول قوشتۇرۇپ ئىش بىجىرەلمەي بۇلۇشىغا ئىزا ئاھانەت ئىشتىپ،گەپمۇ قىلالماي،گەپ قىلسا تاياق يەۋەتقان بىگۇناھلىرمىز كۆز ئالدىمغا كىلىۋاتىدۇ،مەھەللەمدە قاتناش ساقچى ئەتىردى بولمىسىمۇ ئۈيۈمدىن سىرتقا ئەپچىقالمايۋاتقان شۇپتۇر موتسىكىلىتىمغا ئىچىم ئاغىرۋاتىدۇ شۇلارمۇ خەلىق ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلىشنى يولغا قويسا بولماسمۇ؟ھوقوقنى ئۆز دائىرسىدە ئىشلەتسە بولماسمۇ؟

بىز ئىچىمىزنى ئىللىتىۋالغاندىن كىيىن سۇغا چۈمۈلۈش ئورنىغا بېرىپ سۇغا چۈمۈلۈپ پىژغىرىم ئىسسىققا قارشى تۇردۇق.پىشىندىن ئۆتكەندە تېلفۇنىمىز جىرىڭلاشقا باشلىدى،بىز كىيىملىرمىزنى كىيىشىپ دەرھال ئاتلاندۇق.ئەسلىدە مىنى كەپتۇ دەپ ئاڭلاپ چۆچەك شەھىردىكى يەنە تۇنۇشمايدىغان تۇققىنىمىز بىر ئىككى ئۇيغۇر خەنزۇ دوستىنى ئەگەشتۈرۈپ مىنى قارشى ئالغىلى كۈتكىلى كەلگەن ئىكەن.بىز يەنە ئۇنمىغانغا ئۇنماي سورۇن قۇراشتۇردۇق،سورۇندا كەڭ كۇشادە پاراڭلاشتۇق،تۇققۇنۇمنىڭ ئاغىينىلىرى خەنزۇ دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە ئەتىسى چۆچەك شەھرىگە بىللە ئېلىپ كىتىدىغانلىغىنى،ئوينىتىدىغانلىغىنى دىيىشتى مەن ئاغزىمدا ماقۇل دەپ قۇيۇپ ئەتىسى ئۇنمۇدۇم.
Qs_]U مەن بۇ يەردىكى دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىغا قىزىقىپ قالدىم،ئۇلار بىلەن سىرداشتىم.ئۇلاردىمۇ بىزدىكىدەك گۇرۇپپا باشلىغى،سېكىرتار دىنلەرنىڭ ھەممىسى بار ئىكەن،15كۈندەك تۇرۇش داۋامىدا ئۇلارنىڭ دېھقانلارنى بىرەر قېتىم يىغىنغا،ئۈگىنىشكە ھەتتا ھاشارغا ھەيدىگەنلىگىنى كۈرۈپ باقمىدىم،يەرگە نىمە تېرىسا،ساتسا،ساتمىسا ئىختىيارئىكەن،ئاق تاشلىۋەتسىمۇ كارى بولمايدىكەن.پەقەت يەرگە قانچىلىك سۇ قويسا شۇنچىلىك ھەق تاپشۇردىكەن،بىر كۇپمىتىرغا6پۇڭدىن ھىساپلاپ پۇلىسنى نەق تاپشۇردىكەن،30مو يىرى بار دېھقاننىڭ بىر قېتىملىق سۈيىگە200يۈەن پۇل كىتىدىكەن شۇ بۇيچە بىر يىلدا زىرائەتلىرنى3قېتىم سۇغۇردۇ دەپ ھىساپلىساق30مو يەرگە600يۈەن سۇ پۇلى تاپشۇردىكەن،بۇنىڭدىن باشقا ھىچقانداق ھەق تاپشۇرمايدىكەن،بىزنىڭ يۇرتتىكىدەك زورلاپ ساتار دۇرا پۇلى،ياڭيو ئۇرۇق پۇلى،ھاشار پۇلى......دىگەندەك ھەقلەر پەقەتلا مەۋجۇت ئەمەسكەن،لازىملىق دۇرا-ئۇرۇقلارنى ئاناڭ بازا داداڭ بازادىن سېتىۋېلىپ ئىشلىتىدىكەن،كۈزىگە كۈنلەپ كىرىۋالدىغان يېزا كادىرلىرنى ئۇچىراتقىلى بولمايدىكەن.گۇرۇپ باشلىغى سېكىرتارلىقنى قۇشۇمچە ئۈتەيدىكەن ئۇلارنىڭ ھوقوقى چوڭ بۇلۇپ بىر ئادەمگە خالىغانچە يەر كىسىپ بىرەلەيدىكەن،تۇققۇنۇم گۇرۇپ باشلىغىنىڭ بىر پارچە خېتىگە ئاساسلىنىپلا بىر كىچىك باقمىچىلىق ۋە دېھقانچىلىقنى بىر گەۋدە قىلغان دېھقانچىلىق مەيدانى ئېچىۋاپتۇ،ئىلگىرى ھۈكۈمەتنىڭ ھەر بىرىگە10مىڭ يۈەندىن تۇلۇقلىمىسىغا ۋە ھەر بىرىگە ھەقسىز5مودىن يەرگە ئېرىشىپ سېمىنتال كالىسى باققان ئىكەن،كاللىرنى سېتىۋېتىپتۇ لىكىن يىرى قۇلىدا بار بۇلۇپ سېتىپ خەجلەۋېتىپتۇ.بىزنىڭ بۇ يەردىچۇ؟سېمىنتال كالىسى باققانلار قانچە پۇل تۇلۇقلىمىغا ئېرىشتى؟
A)kdY!} بۇ كىچىككىنە بازارنىڭ كۇچىلىرى رەتلىك بۇلۇپ ھەممە ئادەم ئۈزىنىڭ ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل،جىددىيچىلىك دىگەندىن ئەسەرمۇ يوق،كۇچىلىرى ئازادە ۋە پاكىز،يول قىرغاقلىردا بۇغداي دۈۋىلىرى،گۈللۈك قىرغاقلىردا سېغىن ئۆچكىلەر،بازار سىرتىدا زاۋۇت كان-كارخانلار.ئىدارە-ئۇرۇنلار،مەكتەپ ۋە پوچتىخانلار تىپ تىنىچ،ئالا كىيىم مىس قالپاق كىيىپ دىجۈرنىلىك قىلدىغان ئىش ئەسلا يوق،دىجۈرنىلىكنى تەكشۈرۈپ ئۇرۇنسىز جېرىمانە قۇيدىغان ئۆمەكلەرنىمۇ ئۇچىراتقىلى بولمايدۇ.لىكىن جەمىيەت مۇقىم،بىخەتەر ۋە تىنىچ.يۇرتۇمدا دىجۈرنىلىك خىزمەتلىرى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىندۇ.مەكتىۋىمنىلا مىسالغا ئالسام مەكتىۋىمدە دىجۈرنىلىككە ئىشلىتىلدىغان ئالا كىيىمدىن نەچچە ئون قۇر،نەچچە ئون مىس قالپاق،ياغاچ ۋە رېزىنكە كالتەك،نەچچە ئون قالقان بار .ھەر كۈنى5تىن كەم بولمىغان ئاساستا دىجۈرنىلىكتە تۇرىمىز،يەنىلا شۇنداق قىلساقمۇ جېرىمانە يەنىلا بىزگە خاس.ھېلى سىياسى قانۇننىڭ ھېلى ساقچىخاننىڭ،ھېلى مائارىپ ئىشخانىسنىڭ ھېلى ناھىيە ھېلى ۋىلايەتنىڭ دىجۈرنىلىك تەكشۈرۈشى تۇلا.بىردىن قۇتۇلسىڭىز يەنە بىرىدىن قۇتۇلمىغىڭىز تەس.بىرسى ئولتۇرۋاپسەن،بىرسى دەرۋازاڭنى قۇلۇپلىماپسەن،برى ئالا كىيىم كەيمەپسەن...................دەپ گۇناھ قۇيدۇ.گۇناھ ئارتىلماي ئۈتۈپ كەتكىنىڭىز سىزنىڭ تەلىيىڭىزدۇر،بىر نەرسە دىيىشكە سىزنىڭ ھەققىڭىز يوق چۈنكى بۇ سىياسى ۋەزىپە،ئاز بولمىغان مىڭلاپ ئونمىڭلاپ جېرىماننى تۈلىشىڭىز شەرت بولمىسا ھۇشيارلىغىڭىز ئۆسمەيدۇ.بۇنى قەتئى توغرا چۈشىنىڭ ،بىر ئىككى ئايلىق ئىش ھەققىڭىزدىن ئايرىلغىنىڭىز بىلەن ناۋادا بىر ئىش بۇپ قالسا ئەھۋال تېخىمۇ چاتاق ئەمەسمۇ؟
b yJ[1UK بۇ كىچىككىنە بازارنى چۆگلىگىنىڭىزدە ئارلاپ ئارلاپ مۇڭغۇل قېرىنداشلىرمىزنىڭ ئۈيىنىڭ ئۆگىزلىرگە چىقىرۋالغان چىڭگىزخاننىڭ بايرىقىدەك چۈشىنىكسىز بايراقلارنى چىقىرىۋېلىشقانلىغىنى كۈرىدىكەنسىز.بىلىشىمچە بۇ بايراق چىقىرىلغان ئۆيدە ئۈزىنىڭ قېرىندىشىدىن ئايرىلغان ياكى بالا قازادىن ساقلىنىش ئۈچۈن دىننى قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىش يۈزىسىدىن كەيىپ ساپا ئېلىپ بېرىلمايدىغان ئائىلە ئىكەنلىگىنى بىلدۈرەرمىش.لىكىن تورداش ھەرگىز مەنىسىنى باشقا ياققا بۇرىماڭ بۇ ئەسلا بىدئەت ئەمەس.
,f[Oy:fr شىمالنىڭ ئىسسىغىدىن بەكلا بىزار بولدۇم،بولدى كىتەي ئالتايغا بارماي قارمايغا بېرىپ تۇققانلار بىلەن كۈرۈشۈپلا قايتىپ كىتەي.چۆچەكنىڭ ئىسسىغىنى ئىسسىق دەپتىمەن ئەسلى ئىسسىق قارمايدىكەن ئەمەسمۇ.ھەممىسى خىزمەتكە باردىغاندىلا ئۆيلىردىن چىقىشىپ غىپپىدىلا ئىشقا بېرىشىۋالدىكەن باشقا ۋاقىتلاردا ئۈيدىن چىقماي ھاۋا تەڭشىگۈچ يېنىدا ئارام ئېلىشىدىكەن.بىرىنچى كۈنى ھەممەيلەن ئىشتىن قايتىپ كەلگۈچە ھاۋا تەڭشىگۈچ تۈۋىدە تازا ھۇزۇرلىنىۋاپتىمەن.تاماكا چەككۈم كىلىپ سىرتقا چىقتىم،كۇچىلار ئازادە ۋە پاكىز ئىدى،ئاندا ساندا ئادەملەر توپى بىلەن ئاپتۇۋۇز تاكسىلار سېلىم بوۋاي يۇرتىنى جانلاندۇرغان ئىدى. ئەتىراپقا قارىسام بىرمۇ ئادەمنىڭ تاماكا چەككىننى كۆرگىلى بولمىدى،ئىزا تارتقىنىمدىن تاماكا چەكمەي يېنىپ كىردىم ،ئەسلىدە قارماي شەھرىم مەمىلكەت دەرىجىلىك پاكىز شەھەر بەرپا قىلۋاتقان ئىكەن. ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىتمۇ بۇلۇپ قالدى،تۇققانلار بىر بىرلەپ ئىشىكتىن ساھىپخانلار سالىمىنى ئېلىپ كىرىشكە باشلىدى.كەچلىك غىزادىن كىيىن ئازادە كۇچىلاردىن ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن كۇچىغا ئاتلاندۇق.دوستلۇق كۆۋرۈكى ئەتىراپدىكى باغچىلاشقان مەيداندىن ھۇزۇرلاندۇق.
2O0<