@X"p"3V ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىكى بەرنا خانىم-قىزلار ، جەزبىدار يىگىتلەر ! &n6mXFF#>P ھەممىڭلارغا كەمىنە نىگاردىن ئوتلۇق سالام ! مەن ئانا تۇپراق مۇنبىرىگە ئەزا بولۇپ كىرگىلى بۈگۈن بىر يىلغا قەدەم قۇيۇپتۇ . مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىككى كەلىمە يۈرەك سۆزلىرىمنى مۇنبەر ئەھلىگە بايان قىلىۋالسام : .-' مۇنبەرگە ئەزا بولۇپ كىرگەن مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە مۇنبەر ماڭا چەكسىز خۇشاللىق ئاتا قىلدى ، نۇرغۇنلىغان قېرىداشلىرىم ئۆزلىرىنىڭ تېتىملىق ئىنكاسلىرى ئارقىلىق ماڭا ئىشەنچ ، جاسارەت بېغىشلىدى . مەن مۇنبەردىكى تېمىلار ئارقىلىق بىلمىگەن نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم . ئەزەلدىن تۇنۇشمايدىغان ، بىر-بىرىمىزنى كۆرۈپمۇ باقمىغان ، ئەمما ئانا تۇپراق مۇنبىرىگە ئوخشاش بىر مەقسەت ، نىشان بىلەن يىغىلغان دوستلار چوڭلىرىنى "ئاكا ، ھەدە " كىچىكلىرىنى "ئىنىم ، سىڭلىم" دېيىش ئارقىلىق قېرىداشلىق مېھرى-مۇھاببىتىنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ، دۇنيانىڭ مېھرى-مۇھاببەت بىلەن گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇردى . مەن ۋە ھەر قايسى قېرىنداشلىرىم ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تالانتىنى جارى قىلدۇرىدىغان پۇرسەت ، ئېلىم-مەرىپەت ، ئەدەپ-ئەخلاق ئۆگىنىش ئۈچۈن سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن مۇنبەر قۇرغۇچىسى ئانا تۇپراق (مەمتىمىن ) ئاكامغا ئۆزۈمنىڭ چەكسىز مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن . مۇنبەر ئۈچۈن "ھاردىم-تالدىم " دېمەي ، جان كۆيدۈرۈپ ، ئادىللىق بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان ھەر قايسى مۇنبەر باشقۇرغۇچىلارغا سەمىمىي سالىمىمنى يوللايمەن . مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان مۇنبەر ئەزالىرىنى يەنىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە ، مۇنبەرنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ئىتتىپاق ئۆتۈشكە چاقىرىق قىلىمەن!
ئانا تۇپراق مۇنبىرىنىڭ شۇئارى :
ئانا تۇپراق مۇنبىرى __ مېنىڭ ئىللىق ماكانىم ، ئۇنى گۈللەندۈرۈش مېنىڭ مۇقەددەس بۇرچۇم !
نېمە سەۋەپتىندۇر پەقەت شېئىر يازالمايدىغان بولۇپ قالدىم ، سائەت-سائەتلەپ ئولتۇرساممۇ پەقەتلا ئىلھامىم كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى . بەلكىم مۇشۇنىڭ بىلەن شېئىر يېزىش ھاياتىمغا خاتىمە بېرىلگەن بولسا كېرەك .
شۇڭا بۈگۈن بۇرۇن يازغان بارلىق شېئىرلىرىمنى يىغىپ مۇنبەر ئەھلىنىڭ ھۇزۇرىغا قايتا سۇندۇم .
ئۇستاز
قاراڭغۇ دىللارنى يۇرۇتقان ئۇستاز ،
سەبىي دىللارغا نۇر بەرگەن ئۇستاز .
سىڭدۈرۈپ بىزلەرگە بارلىق مېھرىنى ،
پارلاق مەنزىلگە باشلىغان ئۇستاز .
سەن بولغاچ قەلبىمىز تولغان بىلىمگە ،
بىلىمدىن نۇر ئىمىپ ئۆسىمىز ئۇستاز .
ئۆچمەيدۇ مەڭگۈگە نۇرلۇق سىمايىڭ ،
ئۆچمىگىن ،ياشنىغىن ئەي ئۇلۇغ ئۇستاز .
/);cl;"
بۇ شېئىرىم " ئاقسۇ گېزىتى " دا ئېلان قىلىنغان . بۇ شېئىرنى مۇنبەردىكى جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلارغا بېغىشلايمەن .
3lqR(Hh3
4T`u?T]
8=FP92X
ئانا مەكتىپىم
چىقماس مەڭگۈ يادىمدىن مېنىڭ ،
مەرىپەت كانى ئانا مەكتىپىم .
مەن ئۇزۇقلانغان ئاشۇ بۇلاقتىن ،
بىلىم بۇلىقى ئانا مەكتىپىم .
&7!&]kA+
ئىللىق قوينىڭدا ئۆستۈردىڭ مېنى ،
ئىشچان باغۋەنسەن ئانا مەكتىپىم .
قوينۇڭ شۇنچە ئىللىق ، باياشات ،
نوتا مەن ئۇندا ئانا مەكتىپىم .
ئۆتتى سەندە خۇشال كۈنلىرىم ،
گۈزەل ماكان سەن ئانا مەكتىپىم .
ئۇنتالمايمەن شۇڭا مەن سېنى ،
قۇچىقى جەننەت ئانا مەكتىپىم .
_$s9o$8$
كۈيلەپ سېنى يازىمەن داستان ،
تىللاردا داستان ئانا مەكتىپىم .
ئۆچمەيدۇ سېنىڭ مەڭگۈگە نامىڭ ،
ئۆچمەس يۇلتۇز سەن ئانا مەكتىپىم .
='q:Io?T
يايرىمغا
ھىجراندا ئايرىلدۇق يايرىم بىز بۈگۈن ،
شۇ دەمدە يۈرەكلەر مۇز بولۇپ قاتتى .
"ئۆتىمىز مەڭگۈگە" دېگەن بىر چاغدا ،
قېنى يار شۇ ۋەدە قەيەرگە كەتتى .
سەن كەتتىڭ يۈرۈكۈم سەن بىلەن كەتتى ،
سېغىنىش ۋە ئازاپ چېكىگە يەتتى .
ئەسلىدىم سەن بىلەن ئۆتكەن كۈنلەرنى ،
كەتتى كۈن ئەمدى كەلمەسكە كەتتى .
قايتۇرۇپ بولماس ئۆتكەن كۈنلەرنى ،
ئۆتكۈزدۈم ئازاپتا نۇرغۇن تۈنلەرنى .
تىلىدىم يار ساڭا خۇشاللىق ، بەخىت
ئۇنتۇدۇم ھەم شۇندا ئاشۇ كۈنلەرنى .
im_WTZz2P
يارغا خىتاپ
"كۈتۈپ تۇر نىگارىم" دېگەن بىر چاغدا ،
كەتتىڭ سەن شۇ پېتى يىراق-يىراققا .
ئۈمۈتتە كۈتتۈم مەن قاراپ يولۇڭغا ،
ھەم دېدىم" كېلىدۇ ھامان يېنىمغا " .
ۋە لېكىن ئارىدىن ئۆتتى كۆپ يىللار ،
كەلمىدىڭ ئەي يارىم بىراق يېنىمغا .
كەتتىڭمۇ شۇنچە ياكى ئۇنتۇلۇپ ،
بەردىڭمۇ كۆڭلۈڭنى ياكى بىراۋغا .
كەلگىن يار يېنىمغا كۈتىمەن سېنى ،
تەلمۈرۈپ ھەر كۈنى سېنىڭ يۇلۇڭغا .
كەلگىن يار ھىجراندا قىينىما مېنى ،
تەلپۈنگەن يۈرەكنى ئالغىن قولۇڭغا .
`[p*qsp_
يۇشۇرۇن سۆيگۈ
كۆيەتتىم ساڭا ئۇزۇندىن بېرى ،
ھەسرەت، ئازاپتا قىيناپ يۈرەكنى .
يۇشۇرۇن كۆيۈش ئىكەن ئازاپلىق ،
ئىشقىڭدا بەكمۇ قىينىدىڭ مېنى .
سىزەلمەپتىمەن كۆپ ۋاقىت يۈرۈپ ،
چىن قەلبىڭدىكى گۈزەل نىگارنى .
ئەسلى ئىكەنسەن سەنمۇ بىر ئاشىق ،
ئەمدى بىلدىم سېنىڭ قەلبىڭنى .
يالۋۇرمايمەن "بەر كۆڭلۈڭنى "دەپ ،
سۆيسەڭ ئەگەردە سەنمۇ باشقىنى .
سۆيگۈگە سادىقلىق ئېسىل پەزىلەت ،
سۆيگىن مەڭگۈگە ئاشۇ نىگارنى .
دىدارسىز سۆيگۈ
قالدۇرۇپ سەن مېنى يىگانە ،
كەتتىڭ ئۆزۈڭ يىراق-يىراققا .
تاشلىماقچى بولدۇڭمۇ ياكى ،
قالدۇرۇپ سەن مېنى پىراققا .
سېغىندۇردى ۋەسلىڭ جانانىم ،
كۆرۈشۈشكە ئىنتىزار بولۇپ .
مەيلىتىغۇ ئۆلسەم شۇندىلا ،
بىر كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولۇپ .
كۆرسەتمىدىڭ ۋەسلىڭنى بىراق ،
يۈرۈكۈمگە ئازاپنى سېلىپ .
كېتەرمەنمۇ ئارماندا ئەمدى ،
مەستانىلىك نامىنى ئېلىپ .
تاشلىمىغىن جانانىم بۇنداق ،
چىدىدىڭمۇ ئايرىلىپ مەندىن .
ئازاپلىقكەن ئايرىلىش دەردى ،
چىدىمىدىم ئايرىلىپ سەندىن .
ئازاپ
سەن باشقىغا كۆيدۈڭ ئېھتىمال ،
تاشلاپ مېنى ئازاپقا ، دەردكە .
سېنىڭ ئۈچۈن تەلپۈنسە يۈرەك ،
گەر تەلپۈنەر سېنىڭ بىلەككە .
قەلبىڭ گويا مىسلى گۈلزارلىق ،
شوخ شامالدۇر باشقىلار ئۇندا .
مەن سىغمىدىم مىسلى گۈلزارغا ،
پەلەكلىرىڭ تاشلىدى بۇندا .
شوخ كۈلكەڭ كەتمەس يادىمدىن ،
گەر باشقىغا كۈلگەن بولساڭمۇ .
بىر ئازاپتا تولغۇنار يۈرەك ،
شۇ كۈلكەڭ ئۆچكەن بولسىمۇ .
چىقارماقچى بولدۇم قەلبىمدىن ،
ھېچ چىقمىدىڭ چاپلىشىپ ماڭا .
ئارامىمدا قويغىن سەن مېنى ،
كۆيەلمىدىم ئەمدە مەن ساڭا .
.
يۈرەك يىغلايدۇ
يۈرەك يىغلايدۇ
ئۇنىڭ تۇرقىغا .
بىلگىلى بولماس
نە مىللىتىنى .
چۇۋۇلغان چېچى ،
تاتارغان يۈزلەر
ئاھ،ئىسسىت
ئۇنىڭ ھالىغا .
كىلەر بىر پۇراق
گۈپۈلدەپ تەندىن .
تۇرالماي تۈپتۈز
ھەريان چايقىلار.
نېمىلەر دىدى ،
بىلگىلى بولماس.
كىيىپتۇ شۇنداق
تارمۇ بىر ئىشتان.
ياپالماپتىغۇ كېندىكىنىمۇ ھەم
ئۈستىدىكى قىسقا بىر چاپان.
ئاھ،ئىسسىت
يۈرەك يىغلايدۇ
ئۇنىڭ تۇرقىغا .
قىزلار مىللەتنىڭ
ئانىسى، پەخرى .
بۇ قىزلار بىلەن
مىللەتنىڭ ،
ئائىلىنىڭ
نېمىدۇر ھالى .
يۈرەك يىغلايدۇ
كۆرسە گەر ھەركىم .
ئىبرەت ئالارمۇ ،
ئۇنىڭدىن بەلكىم .
باشقۇرماسمىدۇ ؟
شۇنداق قىزلارنى
دادىسى ،
ئاكىسى
نەسىھەت قىلماسمۇ ؟
ياكى ئانىسى .
مەندىن نەسىھەت
ئاڭلاڭ ئەي قىزلار.
ئەخلاق بىلەن
گۈزەلدۇر قىزلار
ياشاڭ سىزمۇ
ھايا بىلەن .
پەخىرلەنسۇن
ئەلمۇ بىزدىن ھەم .
q>:>f+4 بەك چىرايلىق بولۇپ كەتتىمۇ نېمە