كۈچلۈك رىئالىزىملىق ۋە چوڭقۇر تارىخى ئاساسقا ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن كەڭ جامائەتچىلىككە تونۇلغان ۋە خەلقىمىزنىڭ كۆڭۈل تۆرىدىن ئورۇن ئىلىپ كىلىۋاتقان ئىستىداتلىق يازغۇچى، ئەدەبىياتشۇناس ئالىم ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر 1923- يىلى قۇمۇلدا ئوتتۇرھال تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئاتا- ئانىسىدىن كىچىكىدىلى ئايرىلىپ يىتىم قالغان. دادىسى تىلەش بىگىم ئاتۇش تىجەنلىك كىشى بولۇپ، ئالەمدىن ئۆتەر چىغىدا، ئەمدىلا تۆت ياشقا كىرگەن ئابدۇرىھىمنى قۇمۇل مۆتىۋەرلىرىدىن بولغان دوستى ئوسمان ھاجىغا ئوغۇللۇققا بىرىۋەتكەن. ئوسمان ھاجى ئوقۇمۇشلۇق، كۆپنى كۆرگەن، تەرەققىپەرۋەر كىشى ئىدى. ئۇ ئۆمۈر بويى پەرزەنىت يۈزى كۆرمىگەن بولغاچقا، ئابدۇرھىمنى ئىنتايىن ئارزۇلاپ ۋە كۆڭۈل قويۇپ تەربىلىگەن. ئۇنى ئۆزى ئوقۇتۇپ خەت- ساۋادىنى چىقارغاندىن كىيىن، دىنى مەكتەپكە بەرگەن. دىنى مەكتەپتە دەرىسلىك قىلىنغان كىلاسسىك ئەسەرلەر ئىچىدە << سوپى ئاللا يار >> دىگەن كىتاپ تىلىنىڭ چۈشىنىشلىك، ئاممىباپ، گۈزەل، تەسىرلىك بولۇشى ۋە ۋەزنىنىڭ جاراڭلىلىقى بىلەن ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئىككى مىڭ مىسردىن ئارتۇق شىئىردىن تۈزۈلگەن بۇ كىتاپنىڭ كۆپ قىسىمىنى يادىلاپ بولغان. 1934-يىلى ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر پەننى مەكتەپتە بىلىم ئېلىشقا مۇيەسسەر بولغان ۋە 1936- يىلى ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىپ، ئۈرۈمچى 1- گېمنازىيىدە ئۈچ يىل ئوقۇغاندىن كىيىن 1939- يىلى شىنجاڭ دارىلفۇنۇنغا ئىمتاھان بىرىپ كىرگەن. 1942- يىلى بۇ مەكتەپنىڭ پىداگوگىكا فاكولتېتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن.
r~T3Ieb \_3#%%z ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپ تۇرمۇشى ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر ئۈچۈن يېڭى ھايات دەۋىرى بولغان. ئۇ ئوقۇش جەريانىدا لىن جىلۇ، لى زىلىياڭ قاتارلىق مۇنەۋۋەر كوممۇنىسىتلارنىڭ، شۇنىڭدەك دۇجۇڭيۈەن ئەپەندى ۋە سوۋىت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ كەلگەن ئايۇپ مەنسۇرى قاتارلىق ئىلغار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەسىرىدە كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىددىيىسىگە ئىگە بولغان. ئۇ بۇ مەزگىلدە << گاڭ قانات لاچىن >>، << دولقۇنلۇق ھايات >>، << يېڭى جۇڭگو گۈلىستانىغا >>، << تامچە قاندىن "مىليۇن چېچەكلەر " >>، << چىن مودەن ( لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن بىرلىشىپ يازغان ) >> قاتارلىق شېئىر، داستان ۋە دىراممىلارنى << شىنجاڭ گىزىتى >>، << يېڭى نۇر >> قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىيات سېپىگە ئۈمۈتلۈك ياش بولۇپ قوشۇلغان. 1943- يىلى باھاردا مىللتارىسىت شېڭ شىسەي تەرەققىپەرۋەرلىك نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئۆزىنى گومىنداڭ قوينىغا ئاتتى. شۇنىڭ بىلەن ياش شائىرمۇ بۇ بوراندىن ئامان قالماي 1944- يىلى قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلاندى.
2R`}}4<Z @]B7(j<'R ئۇ 1945- يىلىنىڭ باشلىرىدا تۈرمىدىن چىقىپ، نەشىريات ئورۇنلىرىدا تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى. 1946- يىلى ئۇنىڭ تۇنجى شېئىرلار توپلىمى << يۈرەك مۇڭلىرى >> تاش مەتبەدە بىسىلىپ چىقتى. ئازاتلىقتىن كىيىن ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر خېلى بىر مەزگىلگىچە ئاساسەن تەرجىمانلىق، كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن، جۈملىدىن چەتئەل تىللىرى ۋە ئەدەبىياتىنى ئۈگۈنۈش بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ ئەدەبى ئىجادىيەتنى توختۇتۇپ قويمىغان ئىدى. لىكىن شۇ چاغلاردا ئۇ سول لۇشىيەننىڭ كاساپىتى بىلەن مەتبۇئات ھوقوقىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىغان. پەقەت پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزى كومتېتىنىڭ 3- ئومومى يىغىندىن كىيىنلا شائىر قايىتىدىن ئىجادىيەت ئەركىنلىكىگە ئىگە بولدى ۋە تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئەدەبى ئىجادىيەتكە كىرىشتى. ئۇ قىسقىغىنا بىر نەچچە يىل ئىچىدە << ياخشى>>، << كېرەك بولسا>>، << ئۆمۈر ھەققىدە مۇخەممەس >>، << بۇغدا ئانام >>، << مەن ئاق بايراق ئەمەس >>، << قەشقەر كېچىسى >>، << ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك >>، << گۈل ۋە ئازغان >> قاتارلىق شېئىر، داستان، باللادالارنى، << ئىز >>، << ئويغانغان زېمىن >> قاتارلىق رومانلىرىنى ئېلان قىلىپ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئورنىنى تولۇق نامايەن قىلغان ئىدى. ئەپسۇسكى بۇ ھارماس قەلەمكەش، ئىستېداتلىق يازغۇچى، ئەدەبىياتشۇناس ئالىم ئابدۇرېھىم تىلەشۇف ئۆتكۈر 1995- يىلى كىسەل سەۋەبى بىلەن بىزدىن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى. ئۇ ھاياتىدا ناھايىتى كۆپ دىشىۋارچىلىقلارغا دۇچار بولغان بولسىمۇ، ئېگىلمەس_ سۇنماس روھى بىلەن ئوڭۇشسىزلىقلار ئۈستىدىن غالىپ كىلىپ، ناھايىتى ئېسىل مىراسلارنى قالدۇرۇپ كەتتى.
`r. hOIk6}r4X تۆۋەندە ئابدۇرىھم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ نادىر شىئىرلىرىدىن بىرقانچىنى كەڭ تورداشلارنىڭ ھوزۇرلىنىشى ئۈچۈن يوللىدىم.
+v"%@lC}; 2?\L#=<F XGMO~8 3 (1)
ئايلىناي
%R LGO& ,{u'7p ئەي ئەزىز يۇرتۇم سېنىڭ باغچا- سارايىڭدىن ئايلىناي، Shb"Jc_i
زەپىران تۈسلۈك سېنىڭ غەمكىن چىرايىڭدىن ئايلىناي. DU1\ K
HVK./yqy
قوينۇڭدىكى ئالتۇن- كۈمۈشلۈك تاغلىرىڭدىن ئايلىناي، V-TWC@Y"
كۆكسۈڭدىكى لەختە- لەختە قان داغلىرىڭدىن ئايلىناي. y]TNjLpo$
m kHcGB!~
دەريايىڭدا مۇڭلۇنۇپ ئاققان سۈيۈڭدىن ئايلىناي، DX%D8atrr
قايغۇ- ماتەم، غەمگە چۈمگەن ناخشا- كۈيۈڭدىن ئايلىناي. 2rJeON
Y]>Qu f.!
سۇمبۇل چاچلىق، قەلەم قاشلىق قىزلىرىڭدىن ئايلىناي، -C<Ni
ئانىلىق دەردىدە قالغان قان ئىزلىرىڭدىن ئايلىناي. J=C63YB
A T'P=)F@
تىلى باغلىق، دىلى داغلىق شائىرلىرىڭدىن ئايلىناي، I~.d/!>Z
زۆھراسى يوق ناتىۋان تاھىرلىرىڭدىن ئايلىناي. j1{\nP/
C#A\Rfi
ئايلىناي يۇرتۇم ئايلىناي، ئالىملىرىڭدىن ئايلىناي، x3++JG
تىلى يۇمشاق، دىلى قاتتىق زالىملىرىڭدىن ئايلىناي.
}475c{ 6Y[|xu:N8Y (2)
ۋىجدان دەۋىتى
/NDuAjp[@ _%$(D"^j دەرىخ دە، مىڭ دەرىخ دە، ئۆز- ئۆزۈڭگە، X;?Z_3I:5
قۇچاقلاپ ئۆتكىنىڭگە تەلۋە يىللارنى! yU@~UCmja
بۇ _ ۋىجدان دەۋىتى بىلسەڭ ئىدىڭ سەن، P6E=*^^m(
ئاقارىت ئىجاد بىلەن ئەمدى كىرلارنى! ;5.o;|w?!
@-ma_0cZQ
قىيىپ چۆللەردە ئازغىن قىيانلاردەك، |= frsf~?
ساراڭ- بەڭۋاشلىقىڭ يىغلىسۇن ئەمدى. 7(<49bb.V
ئەقلىدىن ئاجىرغان بىھۇدە ئويلارنى، _uO#0)l
قىزىل يالقۇن ئوتى كۆيدۈرسۇن ئەمدى. / h6(!-"
@x@w<e%
باھار يامغۇرى ياغدى، سۇلىرى تاشتى، LaE;{ jY
كۆڭۈل كىرلىرىنى يۇيايلى كەل- كەل. Or9@ X=C
يۈرۈپ پەرھات بىلەن تاشلار كىسىپ بىز، 6[9E^{(z
ۋەتەننىڭ شەنىگە تىكلەيلى ھەيكەل.
0NSn5Hq a{h(BI^~ (3)
توۋا دەيمەن، توۋا
=3=KoH/' $/C<^}A توۋا دەيمەن توۋا.... 2H<?
ھەددىدىن ئېشىپ، dW7dMx
بۇلدۇقلاپ تېشىپ، Ut-6!kAm
قازاننى قويۇپ ئېغىزدا 1TQ$(bI
قاينايدىغان بوپتۇ شوۋا! +>qBK}`
3r em"M
<< سەھەت تىلىسەڭ ئاز يە، GIVs)~/Eq
ئىززەت تىلىسەڭ ئاز دە>> K=5_jE^e
دەيىتتى ئاتا- بوۋىمىز، 0K3FH&.%
لېكىن، بىزنىڭ بەزىمىز 8)POEY4
پۇتتا ئەمەس، ئېغىزدا، cn\& ;55v
قۇرۇق مىڭىپ ئېڭىزدا، Y(SI`Xo[
شەھەر ئالىدىغان بولدۇق، '*,4F'
توۋا دەيمەن، توۋا.... _&%!4n#>
l.)N
كۆز ئىككى، قۇلاق ئىككى، oNU* q.Q
قول ئىككى، ئاياق ئىككى، b/K&8C,c
ئېغىز،بۇرۇن بىر پەقەت، >(*jbL]p
شۇنىڭ ئۆزى بىر ھىكىمەت.... wKeqR$
;:e,C@Fm
شۇنداق تۇرۇقلۇق ئەمدى، 5?fk;Q9+\
ئېغىزغا يۈكلەپ يۈكنى، u=l(W(9=
ئوڭ-تەتۈر كىيىپ بۆكنى، 6'%]6"&M4
گەپ-سۆزدىن سۇخەن توقۇپ، y%,BDyK
سىۋەت- سىۋەتتە ساتماقنىڭ bvx:R ~E$
نېمە لازىمى توۋا! % KA/
W$JA4O>b
ھەي چوكا، ھەي سەن چوكا، 1 ~7_!
(توۋا دەيمەن توۋا) ??m7xH5u1
ئاش يەيدىغان ئەسۋاپنى MP,*W}@
نېمە قىلىۋالدۇق ئەمدى؟ X4$e2f
بۇنى ئېيىتىشقا دوسلا، jEsTw_
تىلىم بامايدۇ زادىلا. "AouiZkh
ئاتىدىن قالغان ئۇدۇممۇ، 6b}feEh$!
ياكى مىراس تۇلۇممۇ، 42CMRGv
يا پەيلىمىزگە لايىق @(c<av?
بىر لەنىتى كۆرۈممۇ؟ n:'BN([]o
نېمە بولسا بولسۇن، txo?k/w
توۋا دەيمەن توۋا! t4/eB<fP
kA<r:/
مۇندىن ئوننەچچە يىل بۇرۇن، yl<$yd0Zdu
ھېلىقى ساراڭ قۇيۇن__ +g6j=%
ئېچىۋەتكەن ئوخشايدۇ )75yv<L2S,
بەزى كونا گۆرلەرنى، rg^\BUa-W,
تامدىن تارىشا چۈشكەندەك، ;9p5YxD
ئەرۋاھ تىرىلىپ چىققاندەك، M(zY[O
بازارغا كىرىپ قاپتۇ، m2uML*&O5K
لەنەت تەگكۈر << لىق >> ۋە << لىك >>، H.8CwsfP
<< سەن سەھرالىق، مەن شەلىك، a-A+.7
ئاۋۇ ئاداش قەيەرلىك؟>>__ _2X6bIE
دەيدىغان ئۆتمەس ماتا، 5f&{ !N
( بەزىلەر زورلاپ ساتا ) {iIg 4PzrU
توۋا دەيمەن توۋا! &Wv`AoV
بۇ گەپلەر تېخى ئازدەك، OZB}aow
ئۇچىغا چىققان مازدەك، X:SzkkVl7
سۈرۈشتۈرۈپ ئۇستىخان، ~?`9i>3W~
<< مەن پالانى، سەن پالان، w] 5U
مېنىڭ ئەسلىم ئېسىل زات، X\p`pw$
ئېسىللىقتا تاپقان ئات، kf^-m/
پالانچى ئۆزى كىمكەن، 3h[:0W!C]
ئۇ مېنىڭ تېڭىممىكەن؟>> Qor{1_h)+9
دەيدىغان لاۋزىلىقلار im4e!gRE
ئەدەپ قاپتۇ خېلىلا، jsqUMy-
توۋا دەيمەن، توۋا! v't6yud
يەنە قاراپ نەسەبكە، p-Rm,xyL%
مەرتىۋە ھەم مەنسەپكە، 9N*S-Po=
$K6?(x_
مەنبە:تور
[ تېما mutafakkur تەرپىدىن 2011-08-13 14:41 دە قايت ]