-/JEKwc c}qpmW F
,w#lUgp fAULuF 8-ئاينىڭ 4-كۈنى، جاھان تونۇردەك ئىسسىپ كەتكەندە شېجېندىن كەلگەن بىر يىگىت كوچىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ بىر قىز توردىشىنى ساقلىغان، ئۇ ئالدىغان بىر پارچە قەغەز قويۇۋالغان بولۇپ، قەغەزگە «شەن، مېنى كەچۈرۈڭ، قايتىپ كېلىڭ!» دەپ يېزىلغان.
8{G!OBxc\. شۇ كۈنى سائەت 18دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 1-ئىيۇل جىياڭيۇ زاۋۇتى تاللا بازىرى يېنىدىكى ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا بۇ يىگىتنى ئۇچراتقان. ئۇ چاغدا بۇ يىگىت توختىماي يىغلاۋاتقان بولۇپ ئالدىدىكى قەغەزدىن باشقا يەنە بىر دەستە كۆك ئەتىرگۈل ۋە بىر قاپ شاكىلات تۇراتتى. ئەتراپتىكىلەر سىز يۈكۈنۈپ ساقلاۋاتقىلىمۇ بىر قانچە سائەت بولۇپ قالدى، ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ، بولمىسا كېسەل بولۇپ قالىسىز دەپ نەسىھەت قىلاتتى، ئارىلىقتا بىر قىزچاق بۇ يىگىتكە بىر بوتۇلكا ئەكېلىپ بەرگەن ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈنلۈكىدە ئاپتاپ توسۇپ بەرگەن.
rc8HZ ماشىنا توختىتىش مەيدانىنىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچى خادىمى ئەكبەر خېلىل مۇخبىرغا بۇ يىگىتنىڭ سائەت 16لەردىن باشلاپ يۈكۈنۈپ ساقلاشقا باشلىغانلىقىنى دەپ بەردى.
D j9aTO ئۇ يىگىت باشقىلارنىڭ قىلغان گەپلىرىگە جاۋاب بېرىپ :« سىلەرگە كۆپ رەھمەت، مەن ئورنۇمدىن تۇرسام بولمايدۇ، مەن چوقۇم ئۇ مېنى كۆرگىلى كەلگەنگە قەدەر مۇشۇنداق ساقلايمەن . » دەپلا ھوشىدىن كەتتى، مۇخبىر دەرھال 120گە تېلېفون ئۇردى. دوختۇرلار 10 مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە نەقمەيدانغا كېلىپ ئۇ يىگىتنى تەكشۈرۈشنى باشلىۋەتتى.
_h-agn4[i تەكشۈرۈشتىن كېيىن، بىر دوختۇر يىگىتنىڭ ئاپتاپتا بەك ئۇزۇن تۇرۇپ كەتكەنلىكى ئۇنىڭ ئۈستىگە تاماق يېمىگەنلىكى سەۋەبىدىن بەكلا چارچاپ كېتىپ ئايلىنىپ قالغان، چوڭ چاتاق يوق دېدى. يېرىم سائەتلەردىن كېيىن يىگىت ھوشىغا كېلىپ مۇخبىرغا رەھمەت ئېيتتى.
'0+I' _( ئۇ يىگىت مۇخبىرغا ئىسمىنىڭ ماۋلىن ئىكەنلىكىنى، 29 ياشقا كىرگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ خۇنەن دۇڭكوۋدىن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بۇ ھازىر شېنجېندا بىر شىركەتتە ئىنژېنېر بولۇپ ئايلىق كىرىمىمۇ ناھايىتى ياخشى ئىكەن. شۇ كۈنى ئۇ توردا مۇھەببەتلەشكىنىگە 4 يىل بولغان قىز دوستىغا جۇڭگوچە ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن شىركىتىدىن رۇخسەت سوراپ قىز دوستىغا تۇيدۇرماي ئۈرۈمچىگە كەلگەنىكەن.
iP(MDVg مەن ئايروپىلانغا چىقىشتىن ئىلگىرى سىز نەدە دەپ سورىغانتىم، ئۇ ماڭا 1-ئىيۇل جىياڭيۇ زاۋۇتىدا دېگەنتى، مەن ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا ئۇدۇل مۇشۇ يەرگە كەلگەنتىم دېدى. ئۇ خۇشاللىقىدا 19تال كۆك ئەتىرگۈل ۋە بىر قاپ شاكىلات ئېلىۋېلىشنىمۇ ئۇنتىمغانتى. « مەن ئۇنىڭغا تېلېفون بېرىپ مەن 1-ئىيۇل جىياڭيۇ زاۋۇتى ئالدىغا كەلدىم دېسەم ئۇ يىغلاپ كەتتى ۋە ئۆزنىڭ باشقىلارنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىنى، مەن بىلەن كۆرۈشكۈسى يوقلۇقىنى ئېيتتى. » دېدى ماۋلىن.
vMp=\U-~^ ماۋلىن مۇخبىرغا بىز 4 يىل ئىلگىرى توردا تونۇشقان ئۇنىڭ شۇچاغدىكى ئىسمى جاڭشەن ئىدى. بىز توردا داۋاملىق پاراڭلىشىپ ئاندىن ئاستا-ئاستا ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتىمىزنى مۇقىملاشتۇرغان دېدى. ئۇ يەنە:« ئۇ 90-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان، ئالىي مەكتەپنى ئەمدى پۈتتۈرگەن، بەك ئاقكۆڭۈل، لېكىن بەزى چاغلاردا مىجەزى سەل قوپالراق. بۇ 4 يىل جەريانىدا بىز دائىم توردا پاراڭلىشىپ تۇردۇق. ئۇ مېنىڭ تۇنجى سۆيگىنىم، شۇڭا مەن بۇ مۇھەببەتنى بەك قەدىرلەيمەن. ئىلگىرى مېنىڭ خىزمىتىم بەك ئالدىراش، كىرىمىممۇ تازا ياخشى بولمىغاچقا ئۇنى كۆرگىلى كېلىپ بولالمىغانتىم، بۇ مېنىڭ خاتالىقىم. » دېدى.
C|&tdh :g ماۋلىن بۇ قىز دوستنىڭ ئۆينىڭ ئادرېسىنى ياكى مۇقىم تېلېفوننىڭ نومۇرىنى بىلمەيدىغان بولۇپ ئۇ قىزنىڭمۇ بىرەر قېتىم دەپ بېرىپ باقمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ پەقەت ئۆيىنىڭ 6-قەۋەتتە ئىكەنلىكىنى، دېرىزىنى ئاچسا پويىزنىڭ سىگنال چالغان ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
s5@BVD'}E مۇخبىر يىگىت بەرگەن تېلېفون نومۇرغا تېلېفون قىلغاندا قىزچاق : « ھە، مەن ئۇقتۇم» دەپلا تېلېفوننى قويۇۋەتكەن.
}h;Z_XF& كۈن ئولتۇرۇشقا ئاز قالغان بولسىمۇ ئۇ يىگىت داۋاملىق ئاشۇ جايدا قىز دوستىنى ساقلىغان. تۈنۈگۈن مۇخبىر ماۋلىنغا تېلېفون قىلىپ سۈرۈشتۈرگەندە ئۇ مۇخبىرغا:« ئۇ ماڭا تېلېفون قىلدى، ئۇ ئۆيىدە ئازراق ئىش بار، شۇلارنى بىرتەرەپ قىلىۋېتىپ سىز بىلەن كۆرۈشىمەن دېدى.» دېگەن. ماۋلىن ناھايىتى خۇشال كەيپىياتتا بولۇپ، مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىچە ساقلايمەن دېگەن.
fxcE1=a }'P|A LG,? ,%_s مەنبە؛ياشىن تورى.
vX }iA|`# }SSg>.48w 2@a'n@- تەستىقلىغۇچى : ئانا تۇپراق