باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1160 
  •    ئىنكاس 
       3 

كالا سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

قەۋەت ئاتلاش
sawapkar

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.728

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1240 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   53916 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   4937 (قېتم)
 تۆھپە:   4568  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 816
 سائەت
دەرىجىسى:
816 سائەت 84 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-08
ئاخــىرقىسى:2013-09-03

كالا سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
كالا سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى مول، ئىستېمال قىلىش قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى، ئۇنىڭدىن يەنە قېتىق، پىشلاق، قايماق قاتارلىقلارنى ئىشلەشكە بولىدۇ.
كالا سۈتى تەركىبىدە مول ئوزۇقلۇق بار.2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ياپۇنىيە ھۆكۈمىتى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى كۈنىگە بىر خالتا كالا سۈتى بىلەن ھەقسىز تەمىنلىگەن، شۇڭا ياپۇنىيىدە«بىر خالتا سۈت بىر مىللەتنى گۈللەندۈردى» دەيدىغان گەپ بار. تايلاند پۇقرالىرىنىڭ پاكار ئىكەلىكىدىن ئىبارەت قېيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، پادىشاھ، خانىش ۋە ئوردىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى«بالىلار 4 ھەر كۈنى كالا سۈتى ئىچىش كېرەك» توغرىسىدىكى تەشۋىقاتقا كۈچ چىقارغان.
ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى
كالا سۈتى تەركىبىدە ۋىتامىنA، ۋىتامىنDھەمدە يود، سىنىك، كالتىسىي، ماگنىي قاتارلىق مىنىرال ماددىلار بار.
كالا سۈتى ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەپ، ئاشقازاننى ئاسرايدۇ، خىلىت پەيدا قىلىپ ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرىدۇ، ئادەم بەدىنىگە قارىتا تىنىچلاندۇرۇش، نېرۋىنى ئارام ئالدۇرۇش رولى بار بولۇپ، دىئابېت كېسىلى ئۇزۇنغىچە ساقايمىغانلار، ئۇسساپ تۇرىدىغانلار، قەۋزىيەت بولۇپ قالىدىغانلار، تېنى ئاجىزلار، قان قۇۋۋىتى يېتەرسىزلەر، تال-ئاشقازىنى نورمالسىزلارنىڭ ئاسالىق قۇۋۋەتر تولۇقلاش ئىچىملىكى قىلىشقا بولىدۇ.
كالا سۈتى ئادەم بەدىنىنىڭ شۈمۈرۈش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ،ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.كالا سۈتى يەنە تېرىنى سىلىقلاشتۇرىدۇ،دائىم كالا سۈتى ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، تېرىنى ئاق، سىلىق قىلىدۇ ۋە ئىلاستىكىلىقىنى ئاشۇرىدۇ.
كالا سۈتى يەنە ياللۇغ قايتۇرۇش، ئىششقنى ياندۇرۇش ۋە تېرىنىڭ جىددىلىكىنى پەسەيتىش رولى بار.
دائىم كالا سۈتى ئىچىپ بەرگەندە، ئادەم تولۇپ تاشقان بەدەن كۈچىنى ساقلىيالايدۇ، يۇقىرى قان بېسىم، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ ھەمدە ئەزالارنى قامەتلىك قىلىدۇ.
كالا سۈتىگە ھەسەل قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە بالىلاردىكى قان ئازلىق كېسىلىنى ياخشىلايدۇ.
ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار
ئادەتتىكى كىشىلەر كۈنىگە200 مىللىلىتىر، ھامىلدار ئاياللاركۈنىگە 200~400مىللىلىتىركالا سۈتى ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.
كالا سۈتىنى ئادەتتە ئىللىتىپ ئىچىش لازىم. كالا سۈتى ئىچىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن
،بۇ ۋاقىتتا كالا سۈتى ئىچسە ھەم ئۇيقۇنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھەم كالا سۈتىنىڭ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.
كالا سۈتى ئىچىش بىلەن بىرۋاقىتتا يانا ئازراق بولكا (نان)، تورت-پىچىنە قاتارلىقلارنى يەپ، كالا سۈتىنىڭ ھەزىم قىلىش يولىدا تۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، ئۇنى تولۇق ھەزىم بولۇپشۈمۈرۈلۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش لازىم.
يېڭى كالا سۈتىنى قاينىتىپ ئىستېمال قىلىش، ئەڭ ياخشىسى قاينىتىپلا ئىچىش،ئېشىپ قالغىنىنى توڭلاتقۇغا سېىلىپ ساقلاش لازىم. بولمىسا ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ كېتىدۇ.
تال-ئاشقازىنىنىڭ ئىقتىدارى ئاجىزراق كىشىلەركۆپ مىقداردا كالا سۈتى ئىچمەسلىكى لازىم،تال-ئاشقازان ئوپراتسىيىسىدىن كېيىنمۇ كالا سۈتى ئىچمەسلىك لازىم. تۆمۈر يېتىشمەسلىك خارەكتېرىلىك قان ئازلىققا گىرىپتار بولغان بالىلار كالا سۈتى ئىچىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم.
ياندۇرۇش خارەكتېرلىك قىزلىئۆڭگەچ ياللۇغى، ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغى، ئۆت خالتىسى ياللۇغى، ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى، يارىلىق بوغماق ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلار كالا سۈتى ئىچمەسلىك لازىم.
تاماكا چىكىدىغانلار ئاسانلا كانايچە كېسەللىكلىرىنىڭ ئازابىنى تارتىدۇ،كالا سۈتى تەركىبىدىكى ۋىتامىنAتاماكا چىكىشنىڭ زىينىنى يەڭگىللىتىدۇ.
كالا سۈتى بەدەندىكى لەختىلەرنى ئۈنۈملۈك ھالدا تازىلاپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ، شۇڭا ئۇ ياشانغانلارنىڭ ئىچىشىگە ئالاھىدە مۇۋاپىق كېلىدۇ.
خىمىيىلىك داۋالىنىۋاتقان بىمارلار كالا سۈتى ئىچىپ بەرسە راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ تارقىلىشىنى توسۇپ، بەدەننىڭ ھاياتى كۈچىنى كۈچەيتىدۇ.
يۇقىرى قان بېسىم، تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسلى بارلار ۋە قاندىكى خولېستېرول يۇقىرىراق كىشىلەر دائىم كالا سۈتى ئىچىپ بەرسە، قان تومۇرلارنى ئاسراپ قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ. ئاشقازان ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار كالا سۈتى ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان كىسلاتاسىنى نېيتراللاشتۇرۇپ، ئاشقازاننىڭ ئاغرىشىنى پەسەيتىپ، جاراھەتنىڭ ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
بۆرەك كېسىلى بارلار كالا سۈتىنى زىيادە كۆپ ئىچمەسلىكى كېرەك.
كالا سۈتىنى قىززىتىدىغان چاغدا ئۇنى قاينىتىۋەتمەسلىك، قاينىتىدىغان چاغدىمۇ بەك ئۇزاق قايناتماسلىق كېرەك، بولمىسا ئوزۇقلۇقلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ئادەم بەدىنىنىڭ شۈمۈرۈشىگە تەسىر يېتىدۇ.
ئىلمىي ئۇسۇل كالا سۈتىنى كۈچلۈك ئوتتا قاينىتىش، سۈت قايناي دىگەندە دەرھال ئوتتىن ئېلىۋېلىش، ئاندىن كېيىن يەنە ئوتقا قويۇشتىن ئىبارەت، مۇشۇنداق قىلىشنى 3~ 4 قىتىم تەكرارلىسا، ھەم سۈتتىكى ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنى ساقلاپ قالغىلى، ھەم سۈتتىكى باكتىريىلەرنى ئۈنۈملۈك ھالدا ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ.
شىنجاڭ گىزىتىدىن ئىلىندى
يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

 
نۇپـۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمـۇس كېمىيۋاتىدۇ

(سەۋەپــكـار)
arman-taxkin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.143

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   549 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   16756 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1406 (قېتم)
 تۆھپە:   1341  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4336
 سائەت
دەرىجىسى:
4336 سائەت 4 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-13
ئاخــىرقىسى:2013-08-07
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2011-07-13

تەن - ساقلىق ئادەمنىڭ زۇر بايلىقى ھىساپلىندۇ ، تىمىللىرىڭىزغا رەھمەت . "ju'UOcS/  
سىزگە بىر تەكلىپ - سالامەتلىك تۇغرىسىدىكى بارلىق تىمىللىرىڭىزنىڭ ھەممىنى ئايرىم - ئايرىم قىلىپ يۇللىماي بىرلا تىما قىلىپ يۇللىغان بۇلسىڭىز پايدىلىنىش قىممىتى تىخىمۇ  ياخشى بۇلاتتى .   
ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بۇلسا كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن ~  
yamhur

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6133

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   838 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   46489 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3458 (قېتم)
 تۆھپە:   3455  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1871
 سائەت
دەرىجىسى:
1871 سائەت 19 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-30
ئاخــىرقىسى:2013-07-12
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-07-13

سۈتنىڭغۇ پايدىلىق يەلىرى كۆپ مەن پەقەتلا پەقەتلا ئىچەلمەيمەن         تىما ئىگىسىگە رەھمەت .
ئەمەللەر   ، نىيەتكە باغلىق ................
hanjar731

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.432

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1097 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   43914 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   4117 (قېتم)
 تۆھپە:   4081  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1112
 سائەت
دەرىجىسى:
1112 سائەت 78 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-18
ئاخــىرقىسى:2013-08-28
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-07-16

بىر چاغلاردا بىرنىڭ ئۆيدە 4ئىنەك كالا باركەندۇق.ئاپام رەھمەتلىك يېرىم كۈن ساغاتتى،نەچچە چىلەكلەپ سۈت چىقاتتى،سۈت قايماق دىگەنگە تۇيۇپ كىكىرىپ كىتەتتۇق.كىيىن ئاپامدىن ئايرىلىپ قالدۇق.دادام ئىنەكلەرنى سېتىۋەتتى.بۇنىڭغا 10 يىل بولۇپتۇ.شۇندىن كىيىن تويغۇدەك سۈت ئىچىپ باقمىدىم.ھازىر .ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈرۈمچىدىكى پارچە سۈت ساتقۇچىلارغىمۇ ئىشەنگىلى بولمايدىكەن.پايدىنى كۆزلەپ سۈتكە سۇ قۇيۋېتىدىكەن.ئىشقىلىپ سۈت ياخشى نەرسە.
توختىماي تۆھمەت توقىۋاتقان ئاغزىڭغا تۈفىي،!
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى