باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1210 
  •    ئىنكاس 
       0 

پارتىيە تارىخىدىكى بۈگۈن

قەۋەت ئاتلاش
AnaTuprak

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1153 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   73884 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   7167 (قېتم)
 تۆھپە:   6929  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 63849
 سائەت
دەرىجىسى:
63849 سائەت 551 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-02
ئاخــىرقىسى:2013-09-14

كىرىش سۆز
!^0vi3I  
2011-يىلى جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى. 90 يىللىق جاپا-مۇشەققەت، 90 يىللىق شان-شەرەپ. 90 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كومپارتىيەسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جاپا-مۇشەققەت ۋە خېيىم-خەتەرلەرنى يېڭىپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاپ ۋە سوتسىيالىستىك ئىنقىلاپ، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ بۈيۈك غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ قەتئىي بوشاشماستىن گۈللىنىش يولىغا قاراپ ماڭىدىغان كۆرەش سەھىپىسىنى يېزىپ قالدۇردى. ئاددىي، ئەمما ئۇلۇغ 32 مىڭدىن ئارتۇق كۈن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەقدىر-ئىستىقبالىنى بەلگىلەيدىغان بىر قاتار مۇھىم ئىشلارغا شاھىت بولۇپ، شان-شەرەپكە تولغان تارىخنى ئاپىرىدە قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ چاقىرىقى بىلەن «پارتىيە تارىخىدىكى بۈگۈن» سەھىپىسى ئېچىلدى، تورداشلار بۇ سەھىپىمىز ئارقىلىق پارتىيە تارىخىدىكى مۇھىم پەيتلەردىن خەۋەردار بولغۇسى.
1966-يىلى 13-ئىيۇن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، «1966-يىلىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېڭى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى يېرىم يىل كېچىكتۈرۈش»نى قارار قىلغان.
1966-يىلى 13-ئىيۇن جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، «1966-يىلىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېڭى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى يېرىم يىل كېچىكتۈرۈش»نى قارار قىلغان. 24-ئىيۇل، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى «ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئىسلاھ قىلىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى تارقىتىپ، «بۇ يىلدىن باشلاپ، ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئىمتىھان ئېلىش شەكلى بىكار قىلىنىپ، تەۋسىيە قىلىش ۋە تاللاش بىرلەشتۈرۈلگەن چارە قوللىنىش» نى بېكىتكەن ھەمدە «ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى تاللاشتا سىياسىينى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك» دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇ ئىككى تۈرلۈك ئۇقتۇرۇش ئەينى ۋاقىتتا «دەرس توختىتىپ ئىنقىلاب قىلىش» سەۋەبلىك ئىجرا قىلىنمىغان.
..................................................................................... 
 
1999-يىلى 13-ئىيۇن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى «مائارىپ ئسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساپا مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى قارار»نى چىقارغان
1999-يىلى 13-ئىيۇن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى «مائارىپ ئسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساپا مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى قارار»نى چىقىرىپ، ساپا مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، 21-ئەسىرنىڭ زامانىۋېلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ماسلاشقان سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى شەخسلىرىنى تەربىيەلەپ چىقىشنى؛ مائارىپ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن شەرت-شارائىت ھازىرلاشنى؛ قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ساپا مائارىپى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇپ چىقىشنى؛ رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەت بىرلىكتە تىرىشىپ ساپا مائارىپىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
................................................................... 
 
2000-يىلى 13-ئىيۇن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى «كىچىك شەھەر-بازارلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتى توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى ئېلان قىلغان
2000-يىلى 13-ئىيۇن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى «كىچىك شەھەر-بازارلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتى توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتكەن: شەھەر بازارلىشىش قەدىمىنى تېزلەشتۈرىدىغان پەيت ۋە شارائىت پىشىپ يېتىلدى. پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مۇۋاپىق پەيتتە كىچىك شەھەر-بازارلارنى ساغلام تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەش، نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قەدەر ئۇزاق مەزگىللىك يېزا ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە قىلىنىشى كېرەك.

 
قۇياش مەڭگۈ زىمىننىڭ بىرتەرىپىنىلا يۇرۇتمايدۇ
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى