قۇلاق سىلىڭ سۆزۈمگە قىزچاق،
ھايات يولى مۈشكۈل بىر داۋان.
ئىسىل بولسا ئەگەر جۆرىڭىز،
داۋانلارمۇ بولىدۇ راۋان.
LP'~7FG تىگپ قالماڭ مەسىت-ھاراقكەشكە،
قۇتۇلالمايسىز كۈندە تاياقتىن.
ئازاپ سالار ھەركۈنى سىزگە،
قاس چىقرىپ ئىڭەك-زاڭاقتىن.
++ZPX'| يولۇققاندا كەيىپ بەڭگىگە،
نەزەر سالماڭ بايلىق مۈلكىگە.
پۇلمۇھامان تۈگەيدۇبىركۈن ،
ئۇ ئايلىنار يولۋاس تۈلكىگە.
'cqY-64CJZ ئىللىق ئۆيمۇ ئوخشايدۇ گۆرگە،
سىتىلغاچقا پۈتۈن مال-بىسات.
بىر چىكىمگە يەتمەيدۇ ھەتتا،
مىڭ جاپادا يىغقان ئىقتىسات.
:JU$6 قىمارۋازدىن سۆز ئاچماڭ ئەسلا،
دەتتكامدىن توختىماس قولى.
ھالال ئەمگەك خوش ياقماس ئاڭا،
نە تۇرمۇشقا يوقتۇر ھىچ يولى.
/r8sL)D+ تىگىڭ شۇنداق ئىسىل ئەركەككە،
چھرى نۇرلۇق قەلبى ياز بولغان.
بارلىقىنى بىغىشلاپ مەڭگۈ،
قىش-جۇدۇندا سىزگە دال بولغان.
seVT|z