باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1911 
  •    ئىنكاس 
       7 

ھىجابىڭىز قىنى ؟

قەۋەت ئاتلاش
4006
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6203

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   79 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1236 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   145 (قېتم)
 تۆھپە:   116  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 14
 سائەت
دەرىجىسى:
14 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-03
ئاخــىرقىسى:2011-07-13

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئسىمى بىلەن باشلايمەن     بارچە ھەمدۇ-سانائاللاھغا خاستۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئامانلىق ۋە بەرىكەت تىلەيمىز.     ئى ئسىلامىي قېرىندىشىم! سىزنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ بۇ ماقالىنى ئوقۇغانلىقىڭىزغا رەھمەت. !بۇ ماقالەمنى ھىجاپلانمايدىغان، ھىجاپنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەنمەيدىغان ۋە ھىجاپلانسىمۇ ئۇنىڭ شەرتلىرىگە رىئايە قىلمايدىغان ھەدە- سىڭىللىرىمغا بېغىشلايمەن.     "گۆھەر- قىممەتلىك، ئۇلارنى قوغداڭ". قېرىندىشىم، سىز گۆھەر، سىز قىممەتلىك، سىز قوغداشقا مۇھتاج. سىزنىڭ ياراتقۇچىڭىز بۇرۇنلا ئۆزىڭىزنى قانداق قوغدىشىڭىز كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئەمما سىز ئۇنى كۆزگە ئىلمىدىڭىز، خالىغىنىڭىزنى قىلدىڭىز، خالىغىنىڭىزنى كەيدىڭىز ھەم خالىغان جايلىرىڭىزغا باردىڭىز.... ئەمما ئاقىۋەتتە يىغلايدىغىنى يەنىلا ئۆزىڭىز، ئەمما بۇ چاغدا ئاللىقاچان كېچىككەن بولىسىز.ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ,   R%"wf   
"مۇئمىنلەرگە ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن، تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن، لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن، (تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا) زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، يا قېيىن ئاتىلىرىدىن، يا ئوغۇللىرىدىن، يا ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، يا قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا دىنداش ئاياللاردىن، يا قول ئاستىدىكى چۆرىلەردىن، يا خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەر (يەنى قېرى دەلدإۈش بولغانلىقتىن جىنسى شەھۋىتى يوقلار)دىن، يا ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى ئۇقمايدىغان (يەنى بالاغەتكە يەتمىگەن) بالىلاردىن باشقا كىشىلەرگە كۆرسەتمىسۇن، زىننەتلىرىنى كىشىلەرگە بىلدۈإرإش ئإۈچإۈن ئاياغلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن، ئى مۇئمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈإچإۈن ھەممىڭلار ئاللاھ غا تەۋبە قىلىڭلار" (سىرە نۇر 31- ئايەت)       يۇقۇرىدىكى ئايەتتىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئايال كىشى نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قاراشتىن باشقا، يەنە ئۆزىنىڭ بەدىنىنى نامەھرەملەرگە ئاشكارىلىماسلىقى كېرەك. بىز بۇ ئايەتتىن يەنە شۇنى بىلەلەيمىزكى، ئايال كىشى ئۆزىنىڭ كۆكرەكلىرىنى يۆگىشى، ئۆزىنىڭ زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، دادىسىدىن، قېينئاتىسىدىن،... باشقا كىشىلەرگە ئاشكارىلىماسلىقى كېرەك. شۇڭلاشقا ئاللاھ نىڭ بۇ ئەمرىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، سىز چوقۇم ھىجاپلىنىشىڭىز زۆرۈر.    am]$`7R5d  
ھىجاپ دېگەن نېمە؟ ._   Pa 'g=-  
     قۇرئان كەرىمدە، "ھىجاپ" ئاتالغۇسى ئۇمۇمى ھالدا مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ تاشقى كىيىملىرىگە ئىشلىتىلگەن. ئۇ يەنە ئاياللارنىڭ ھاياتتىكى پائالىيەت ۋە ھالەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، "ھىجاپ"- باش ۋە كۆكرەكنى يۆگەيدىغان ياغلىق ۋە چۈمبەلگە قارىتىلىدۇ.  ] bz']`  
     "ھىجاپ"- ئەرەپ تىلىدىكى "ھەجەبە" سۆزىدىن كەلگەن بولۇپ، "يوشۇرۇش ياكى كۆرىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش" دېگەن مەنىدە. شۇڭلاشقا، بەدەننى باشقىلارنىڭ كۆرىشىدىن توسۇپ تۇرىدىغان، بەدەننى كۆرسىتىپ قويمايدىغان رەخت ھىجاپ بولالايدۇ.ھىجاپلىنىشتىكى مەقسەت نېمە؟    A36dj  
    ئىسلامدىكى ھىجاپلىنىشنىڭ مەقسىدى مۇسۇلمان ئاياللارنى جەمئىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشتىن توسۇپ قويۇش ياكى ئەر ۋە ئاياللارنى پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىش ياكى ئايال كىشىنىڭ ھاياتتا نورمال پائالىيەت قىلىشىنى قىيىنلاشتۇرۇپ قويۇش ئەمەس. ئەكسىچە، ھىجاپ - ئاياللارنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنى ۋە شەرىپىنى قوغدايدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆز ئۈستىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئازادە ۋە قولايلىق ھالدا بىجىرىشىگە ياردەم بېرىدۇ.     $-Lk,}s.*  
   قەدىرلىك قېرىندىشم، ھىجاپ پەقەت سىزنىڭ مەنپەئەتىڭىز ئۈچۈنلا پەرىز قىلىنغان. ئۇ سىزنى رەزىل كىشىلەرنىڭ شەھۋانى مەقسەتلىرىدىن قوغداپ قالىدۇ. ئى قېرىندىشىم! ھىجاپ سىزنىڭ قەدىر قىممىتىڭىزنى ساقلايدۇ.    شۇڭلاشقا، باشقا بارلىق شەرىئەت ئەھكاملىرىغا ئوخشاش، ھىجاپلىنىشقىمۇ يۈكسەك ئىتىبار قارىتىلىشى زۆرىر. چۈنكى ئۇ بىھىساپ مەنپەئەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.ھىجاپ- ئەر ۋە ئاياللارنىڭ كەمتەرلىك، قەدىر- قىممەت، شان- شەرىپىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان ئىسلامدىكى كىيىنىش تۈزىمىدۇر. ھىجاپلىنىشنى ئەمىر قىلىش -ئاللاھتائالا مۇسۇلمان ئاياللارغا بۇيرىغان ئاياللارنىڭ تاقىتى يېتىدىغان ئەمەلدۇر.چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:   "t$c'`  
"بىز ئىنساننى پەقەت تاقىتى يېتىدىغان (ئىش)قىلا تەكلىپ قىلىمىز، بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەقنى سۆزلەيدىغان كىتاب (يەنى بەندىلەرنىڭ ياخشى- يامان ئىشلىرى خاتىرىلەنگەن نامە- ئەمال) بار، ئۇلارغا (ساۋابىنى كېمەيتىۋېتىش ياكى ئازابنى ئاشۇرۇۋېتىش بىلەن) قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ" (سۈرە مۇئمىنۇن 61- ئايەت) ھىجاپنىڭ شەرتلىرى نېمە؟    lfba   
ھىجاپ ياكى ئۆلچەملىك ئىسلامى كىيىنىشنىڭ شەرتلىرى تۆۋەندىكىچە:    8J-$+ ;  
1. ھىجاپ- يۈز ۋە قولدىن باشقا بەدەننىڭ ھەممە يېرىنى يۆگەيدىغان بولۇشى كېرەك؛ 2. ھىجاپ- كەڭ كۇشادە بولۇش، تار بولماسلىقى كېرەك؛ 3. ھىجاپ- نىپىز ۋە بەدەننى ئاشكارىلاپ قويىدىغان بولماسلىقى كېرەك؛ 4. ھىجاپ- ئەرلەرگە خاس كىيىم بولماسلىقى كېرەك؛ ھىجاپنىڭ يۇقۇرىدا دېيىلگەن بىرىنچى شەرتى سۈرە نۇرنىڭ 31- ئايىتىدە ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئىككىنچى شەرت بولسا، كەيگەن كىيىملىرىڭىز تار بولۇپ بەدەننىڭ شەكلى بىلىنىپ قالماسلىقى كېرەك دېگەنلىكتۇر. شۇنداقلا كەيگەن كىيىملىرىڭىز يۇپقىلىقىدىن بەدەننى ئاشكارىلاپ قويىدىغان بولماسلىقى كېرەك. ئاخىرىدا ھىجاپ ئەرلەرگە خاس كىيىملەر بولماسلىقى كېرەك. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (س ئە ۋ) ئۆزىنى ئەرلەرگە ئوخشىتىۋالغان ئاياللارغا ۋە ئاياللارغا ئوخشىتىۋالغان ئەرلەرگە لەنەت قىلغان. شۇڭلاشقا، ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە ئوخشىۋېلىشى پەقەت ئۇلارنىڭ چاچلىرىنى كېسىپ يۈرىشى ياكى ئەرلەرلا قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشىغىلا قارىتىلغان بولماستىن، يەنە ئەرلەرنىڭ كىيىملىرىنى كىيىۋېلىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭلاشقا، ئى قېرىندىشىم، ئاللاھ نىڭ قانۇنىغا بويسۇنۇڭ، يىگانە يىتەكچى قۇرئان كەرىمگىلا ئەگىشىڭ! پەقەت سىزنىڭ كىيىنىشىڭىز يۇقارقى شەرتلەر بويىچە بولسىلا، سىزنىڭ ئەندىشە قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. ھىجاپنى بۈيۈك ئاللاھ ئاياللارغا، يەنى سىزگە ۋاجىپ قىلغان . ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكإۈم چىقارغان چاغدا، ئەر- ئايال مۇئمىنلەرنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بولمايدۇ (يەنى ئاللاھ  ۋەئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكإم چىقارغان ئىكەن، ھېچ ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشىغا بولمايدۇ)، كىمكى ئاللاھ غا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلسا، ھەقىقەتەن ئۇ ئوپئۇچۇق ئازغان بولىدۇ" (سۈرە ئەھزاب 36- ئايەت) شۇ نەرسە ئايدىڭكى، ئاللاھ تائالا مۇسۇلمان ئاياللارنى نىجىس ئەرلەرنىڭ شەھۋانى ھەۋەسلىرىنىڭ ئولجىسىغا ئايلاندۇرۇپ ئۇلارنى تۈگىمەس دەرت- ئەلەمگە مۇپتىلا قىلىدىغان كىيىم- كىچەكلەرنى كىيىشتىن چەكلەپ، ئۇلارغا ھىجاپنى پەرز قىلدى. شۇڭلاشقا ھىجاپ سىلەر ئۈچۈن سىلەرنىڭ قەدىر- قىممەت، شەرىپىڭلارنى قوغدايدىغان قالقاندۇر. ئۇ سىلەرنى بۇ جەمئىيەتنىڭ كېسەللىكلىرىدىن ساقلاپ قالىدۇ. ھىجاپ يەنە پۈتكۈل جەمئىيەتنى ئازدۇرۇلۇشتىن ساقلاپ، ماددى تۇرمۇشنىڭ مۇقىملىقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.    Q*u4q-DE  
          خوش، يۇقۇرىدىكى ئايەتلەرنى ۋە بۇ ماقالىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، سىز شۇنچە ئۇزۇندىن بېرى ئاللاھ غا ئىتائەتسىزلىك قىلىپ كەلگەنلىكىڭىزدىن ئۆزىڭىزنى ئازراق بولسىمۇ گۇناھكار ھېس قىلدىڭىزمۇ؟ شۇڭا يەنە نېمىنى ساقلايسىز؟ سىز ھەقىقى ئىسلامنى ھاياتىڭىزغا قايتۇرۇپ كېلىدىغان پەيت كەلدى دەپ قارىمامسىز؟ قولىڭىزدا ھەق دىن تۇرسا، نېمىشقا ئەشۇ كۇففارلارغا ئوخشاش يۈرىشنى ياقتۇرىسىز؟ سىز ئۆزىڭىزنىڭ كافىرلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرمەيۋاتامسىز؟ كۆرمەيۋاتامسىز؟ ئۇنداقتا يەنە نېمىنى ساقلايسىز؟ پەرۋەردىگارىڭىزغا قايتىڭ!ئاللاھ غا قايتىڭ! ئۆزىڭىزنىڭ شۇنچە ئۇزۇن يىلدىن بېرى گۇناھ ئىچىدە تېڭىرقاپ يۈرگەن كۈنلىرىڭىز ئۈچۈن ئۇنىڭدىن مەغفىرەت تىلەڭ! ھىجابىڭىزنى كىيىۋېلىڭ!    ~>2@55wElp  
ئەگەر بىر ئايال ھىجاپنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن بۇيرۇلغان تەلەپ ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنى رەت قىلسا، ئۇ شەكسىز ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان بولىدۇ ۋە ئاللاھ نىڭ نەزىرىدە كەچۈرگىسىز جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولىدۇ. ئەگەر ئاللاھ باشقىنى ئىرادە قىلمىغانلا بولسا، بۇ ئايال جەزمەنكى بۇ گۇناھى ئۈچۈن جازاغا تارتىلىدۇ. ;سىز نېمە ئۈچۈن ئۆز بەدىنىڭىز ۋە گۈزەللىكىڭىزنى نامايەن قىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى خۇشاللىققا ئېرىشمەكچى بولىسىز؟ نېمە ئۈچۈن؟ سىز ئاللاھ تائالانىڭ سۈرە نۇرنىڭ 31- ئايىتىدە ئېيتقان سۆزلىرىنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ؟ ئەگەر سىز بەدىنىڭىزنى ئاشكارىلىماقچى بولۇپ قالسىڭىز، ئۇنى نامەھرەملەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس، پەقەت يولدىشىڭىزنىڭ ئالدىدا ئاشكارىلىسىڭىز بولىدۇ. سىز كىمدىن قورقىسىز؟ ئاللاھدىنمۇ ياكى كافىرلاردىنمۇ؟ كافىرلارنىڭ سىزنى مەسخىرە قىلىشىدىن قورقۇپلا ھىجاپلىنىشتىن نومۇس ھېس قىلىۋاتامسىز؟ ئاللاھ سىزدىن نېمە ئۈچۈن ئۆزىگە ئىتائەت قىلمىغانلىقىڭىزنى سورايدىغان چاغدا ئۇيالمامسىز؟ سىز ھىجاپنى پەقەتلا ئۆز ياراتقۇچىڭىزنى رازىلىقى ئۈچۈن كىيەلمەمسىز؟ سىز ھازىر ھىجاپلانمىدىڭىز، چۈنكى سىز كاپىرلارنىڭ سىز كەيگەن كىيىمنى مودىدىن قالغان دېيىشىدىن قورقىسىز. ياق قېرىندىشىم! ئۇلار بىلمىگەنلىكلىرى ئۈچۈنلا شۇنداق دېيىشىدۇ. دەۋرىمىزدىكى ئەخلاقى قىممەتلەرنىڭ تۆۋەنلىشىپ كېتىشى -بىزگە ھىجاپلىنىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تېخىمۇ تونۇتتى. بۈگۈنكى جەمئىيىتىمىزدە ئىنسانلار شەھۋانى نەفسىگە قۇل بولغان، كىيىمگە ئورىنىۋالغان بۆرىلەرگە ئوخشايدۇ. جىنسى جىنايەتلەرنىڭ ئىزچىل كۆپىيىشى ۋە جەمئىيەتتىكى "ئاياللار ئازادلىقى" دەۋالىرىغا ئەگىشىپ، ئاياللارنىڭ جىنسى پاراكەندىچىلىك ۋە باسقۇنچىلىقلارغا ئۇچراش خەۋپى بارغانسېرى چوڭ بولماقتا. قەدىرلىك قېرىندىشىم! ئاللاھ تائالا سىزنى ئەنە شۇ زىيانلاردىن قوغداش ئۈچۈن ھىجاپنى پەرىز قىلدى. سىز مەكتەپكە، خىزمەتكە ياكى باشقا ھەر قانداق ئورۇنلارغا بېرىڭ، جەزمەن ھىجاپلىنىشىڭىز كېرەك. بۇ ئاللاھ نىڭ قانۇنى، ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، قادىر ئاللاھ نىڭ قانۇنى سەھۋەن-خاتالىقلاردىن خالىدۇر. نۇرغۇن نادان كىشىلەر ھىجابىڭىزنى سىزنىڭ ئەقلىڭىزنى بوغۇپ، ھاياتىڭىزنى چەكلەپ قويىدىغان ھەرىكەتچان تۈرمىگە ئوخشىتىشى مۇمكىن. سىز نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بۇنداق يالغان-ياۋىداقلارنى سۆزلەپ يۈرىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ چۈنكى ئۇلار سىزنىڭمۇ گۇناھتا ئۆزلىرى بىلەن ئوخشاش بولۇشىڭىزنى ئارزۇ قىلىشىدۇ. شۇڭا ئاگاھ بولۇڭ! ساددىلىقىڭىزدىن ئالدىنىپ ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىدىن ئايرىلىپ قالماڭ! ئى مۇسۇلمان قېرىندىشىم، ئويغىنىڭ!     9%55R >s$  
نېمە ئۈچۈن جىنسى پاراكەندىچىلىكلەرنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ھەممىگە قادىر ئاللاھ نىڭ قانۇنىنى قوبۇل قىلمايدىغان ئاياللارنىڭ سەۋەبىدىن، ئىسلامنى باشقا نەرسىلەر بىلەن ماسلاشتۇرۇشقا تەييار تۇرىدىغان ئاياللارنىڭ سەۋەبىدىن، ھەقنى ئىنكار قىلىشقا تەييار تۇرىدىغان ئاياللارنىڭ سەۋەبىدىن شۇنداق بولدى. قەدىرلىك قېرىندىشىم! بىز سىزنىڭ ئىسلامنى جەمئىيەتكە ماسلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنمايدىغانلىقىڭىزنى بىلىمىز. بىز يەنە سىزنىڭ بىزلەرگە ئوخشاش كۈنلەرنىڭ بىرىدە جەننەتكە كىرىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىڭىزنى بىلىمىز. بىز سىزنىڭ دىلىڭىزدا ئىمان بارلىقىنى بىلىمىز. شۇڭلاشقا ئى قېرىندىشىم، ئاللاھ نىڭ رازىلىقى ئۈچۈن، جەننەتكە كىرىشىڭىز ئۈچۈن، ئۆزىڭىز بىلەن كافىرلارنى پەرىقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئاللاھقا سەمىمى تەۋبە قىلىڭ! ياراتقۇچىڭىزغا ئىتائەتسىزلىك قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭ! ئاللاھ نىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ۋە كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلغان ئورۇنغا- يەنى جەننەتكە كىرىشىڭىز ئۈچۈن بۈگۈنلا ھىجابىڭىزنى كىيىۋېلىڭ! ئۆلۈمدىن كېيىن بارىدىغان جاي پەقەت ئىككىلا قارارگاھتۇر: بىرى جەننەت، يەنە بىر دەۋزەخ. قەدىرلىك قېرىندىشىم! سىز ئاچا يولغا كەلدىڭىز. ئەمدى سىزنىڭ نىشانىڭىزنى بەلگىلەيدىغان پەيت يېتىپ كەلدى. ئويلىنىڭ، شەيتاننىڭ سىزنى بۇ قارارنى چىقىرىشىڭىزدىن توسۇپ قويۇشىدىن ئىھتىيات قىلىڭ! شەيتان سىزنى كور قىلىپ قويمىسۇن! بىز سىزنىڭ توغرا قارار چىقىرىشىڭىزغا ئاللاھ نىڭ ياردەم بېرىشىنى تىلەيمىز، ئامين!!! }مەنبە؛   http://www.load-islam.com/C/Women/Where_is_your_Hijab V>A .iim   xfZ.  
</div> 1e&QSzL   fTQRn  
v[~e=^IIsl  

 
ئويغان ئويغۇرۇم
kosowuluk

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3131

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   948 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   32127 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3124 (قېتم)
 تۆھپە:   3076  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4565
 سائەت
دەرىجىسى:
4565 سائەت 75 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-13
ئاخــىرقىسى:2013-06-21
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2011-06-13

پاھ ! ناھايتىمۇ تەپسىلىي يېزىپسىز! ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن قېرىندىشىم.   
بىراۋغا پايداڭ تەگمەي، پەقەت ئوزۈڭ ئۈچۈنلا ياشىساڭ،سەن ئاللاقاچان  ئۆلگەن ئادەمسەن!!!
ansar1013
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4462

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   104 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3120 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   313 (قېتم)
 تۆھپە:   312  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2513
 سائەت
دەرىجىسى:
2513 سائەت 7 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-05
ئاخــىرقىسى:2012-03-21
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-06-13

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم
pakkalip
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5155

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   918 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   21634 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2204 (قېتم)
 تۆھپە:   2164  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2637
 سائەت
دەرىجىسى:
2637 سائەت 113 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-10
ئاخــىرقىسى:2011-12-24
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-06-14

ئاللاھ كاتتا ئەجىر ئاتا قىلسۇن.       
ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت!!!!!!!!
islambargi
دەرىجە:يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6319

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   180 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   18 (قېتم)
 تۆھپە:   18  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 194
 سائەت
دەرىجىسى:
194 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-13
ئاخــىرقىسى:2011-06-22
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-06-14

ئاللاھ يىجاپلانمغان قىزلىرىمىزغا ھىدايەت ئاتا قىلغاي.ئامىن !ياغلىقنى ئۇراپ چەككەن قىزلىرىمىزغا دەيدىغنىم .ياغلىقنى ئۇراپ چىگىشنى  مۇدا دەپ ئەمەس،بەلكى،ئاللانىڭ رازىلىكى ئۈچۈن چىگىشىڭلارنى ئۈمۈت كىلىمە............  
سەبۇر
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5528

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   83 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2019 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   218 (قېتم)
 تۆھپە:   202  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 956
 سائەت
دەرىجىسى:
956 سائەت 84 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-28
ئاخــىرقىسى:2011-11-13
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-06-15

بىزدەك مەكتەپلەردە ياغلىق جوداسى قىلپ يۈرگەنلەرنىڭ ھالىغا ۋاي
خاتىرجەملىك -بەخىتيا
karikaxogli
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5543

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   170 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3500 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   403 (قېتم)
 تۆھپە:   346  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 300
 سائەت
دەرىجىسى:
300 سائەت 50 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-29
ئاخــىرقىسى:2012-11-04
ئاپتورنىڭلا6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-06-17

    
مۇھەممەد ئىمىن   قاراقاش
سەبۇر
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5528

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   83 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2019 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   218 (قېتم)
 تۆھپە:   202  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 956
 سائەت
دەرىجىسى:
956 سائەت 84 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-28
ئاخــىرقىسى:2011-11-13
ئاپتورنىڭلا7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-07-07

ھىجاپلانمىغان قىرىنداشلىرمىز ھازىر نەلەردە ئالدىراش بۇنى ئوقۇپ ئويغىنىشقا چولىسى تىگەمدۇ-يوق بۇنى بىلمەيمىز. ئاللاھ ھەممىمىزنى ھىدايەت قىلغاي، ئامىن.
خاتىرجەملىك -بەخىتيا
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى