قورال ۋە ئېتىقاد $psPNJG ئەلى ئىززەتبېگوۋىچ
_]"uq/UWp 
ئىنساننىڭ پەيدا بولۇشى ھەققىدە بىر-بىرىگە زىت ئىككى ھەقىقەت ئۆز – ئار بېقىندىلىق مۇناسىۋەت ئىچىدە بولىدۇ: يەنى تۇنجى قورال ۋە تۇنجى چوقۇنۇش. تۇنجى قورال ياغاچ ياكى قوپالغىنە ياسالغان تاشتۇر. قورالنىڭ
[1] ياسىلىشى بىلەن ئىشلىتىلىشى تاشقى ۋە سان جەھەتتىكى بىئولوگىيىلىك تەدرىجىي تەرەققىياتنىڭ داۋامىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ تەدرىجىي تەرەققىيات ھاياتنىڭ ئەڭ ئاددى شەكىللىرىدىن تاھ ئەڭ مۇكەممەل بولغان ئىنسانغىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن. تىك يۈرۈش، قولىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىشى،تەپەككۇر قىلىش، سۆزلەش، ئەقىل قاتارلىق ماھىيەت جەھەتتە زوئولوگىيىلىك خاراكتېردىكى بۇ تەدرىجىي تەرەققىياتنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى ھېسابلىنىدۇ.
hVLVMqd ئىنسان قاتتىق بىر جىسىمنى پارچىلاش ياكى بىر ھايۋانغا ئېتىش ئۈچۈن تۇنجى قېتىم تاش ئىشلەتكەن ۋاقتىدا، ناھايىتى مۇھىم بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالىغان ھېسابلىناتتى. ئۇنىڭ ئەجداتلىرىمۇ ئوخشاش ئىش بىلەن شۇغۇللىناتتى. بىراق بۇ تاشنى ئالدىغا قويۇپ تۇرۇپ بىر روھنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلالىغان ۋاقتىدا، دەل مۇشۇ ھەرىكىتى بىلەن يالغۇز بۇنىڭدىن كېيىن زېمىندا ھەر جايدا ئىنسان ھادىسىسىنىڭ بىر ھەمراھى بولغان بىر نەرسە بولۇپلا قالماستىن، مۇشۇ دەقىقىغىچە بولغان جەريان ئىچىدە مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالىغان ھېسابلىناتتى.
BHrNDpv ئوخشاش شەكىلدە، «تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ كۆلەڭگىسى ئەتىراپىدا قۇمغا رەسىمنى سىزىپ چىققان ۋاقتىدا (داۋىنچى)، ئىنسان ئۆزىگە خاس بولغان ۋە ھەر قانداق بىر ھايۋاندا (قانچىلىك تەرەققىي قىلىپ كەتكەن بولۇشتىن قەتئىينەزەر) تۇنجى بولۇپ ۋۇجۇدقا چىقىرىش قابىلىيىتى بولمىغان «ئىمكانىيىتى يوق بىر پائالىيەتنى» باشلىغان ئىدى. بىئولوگىيىلىك جەھەتتە ئىنساننىڭ پەيدا بولۇشنى ئىنساندىن بۇرۇنقى زوئولوگىيىلىك تارىخ بىلەن ئىزاھلىغىلى بولىدۇ. بىراق مەنىۋى جەھەتتە ئىنساننىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىنى ئىنساندىن بۇرۇنقى ھەر قانداق بىر نەرسە بىلەن ئىزاھلاش مۇمكىن ئەمەس. بۇ ئىنسان باشقا بىر ئالەمدىن، يەنى دىندا كۆرسىتىلگىنىدەك «ئاسمان»دىن كەلگەن ئىدى. قورال بىلەن ئېتىقاد ئىنساننىڭ ئىككى خىل تەبىئىتىنى ۋە ئىككى خىل تارىخىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تارىخنىڭ بىرسى « سامادىكى پرولوگ بىلەن (مۇقەددىمە) (ئىنجىل، فوست) باشلانغان، ھۆرىيەت ئىدىيىسىنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆزىنى نايامەن قىلغان (ھېگېل) ۋە دەھشەتلىك سوت مەھكىمىسى بىلەن ئاخىرلىشىدىغان ئىنسانىي تراگېدىيىسىدۇر. يەنى بىرى بولسا، قوراللارنىڭ، يەنى ماددى نەرسىلەرنىڭ تارىخىدۇر. بۇ سىنپىسز جەمئىيەتكە ئېنتروپىغا (كائىناتنىڭ تەرتىپىسىزلىككە قاراپ يۈزلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قاراش) كىرگەندە ئاندىن ئاخىرلىشىدۇ، باشقا بىر ماددى دۇنياغا ئوخشاش… ئىككى تارىخنىڭ بىر- بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قورال بىلەن ئېتىقاد ياكى كۈلتۈر
[2] بىلەن مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئوخشايدۇ.
U3rpmml داۋامى بار….
A`)A=L ئەلى ئىززەتبېگوۋىچنىڭ «شەرق بىلەن غەرب ئارىسىدا ئىسلام» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.
%&\DCAFk ئۇيغۇرئونلايىن.نت تور بېتى ئۈچۈن تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: قۇتلۇق بىلگە
j#D (</T
[1] -[1] – (ئىزاھات: «ئىنسانيەتنىڭ ئۆزگىرىشى قوراللارنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ»(پىيېرر لېكومبې:« بىلىم سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان تارىخ) ياكى دەل ئەكسىچە، «بارلىق تارىخ مەسىھكە قاراپ يۈزلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن تارقىلىدۇ»(ھېگېل:« تارىخ پەلسەپىسى.) لېكومبې بىلەن ھېگېل كۆزدە تۇتقان «تارىخ» بىر-بىرىدىن تامامەن پەرقلىق.
y-R:-K XH= "IMq + [2] – ھازەرتنىڭ ئېىتمولوگىيىلىك جەھەتتە ئېتىقاد ( لاتىنچە: cultus ve cultu-re ) بىلەن مۇناسىۋىتى بار. ھەر ئىككىسى ھىند- ياۋروپاغا تىل سىسىتېمىسىغا ئورتاق بىر سۆز بولغان «» دىن كەلگەن. مەدەنىيەتنىڭ مەنىسى بولغان « civilizas-yon » نىڭ بولسا « civilizas-yon » = پۇقرا بىلەن مۇناسىۋىتى بار.
9{Xh wi)z مەنبە:
http://uyghuracademy.com/?p=17021 bG&vCH;}%