يامان تۈزەلمىگۈچە زامان تۈزەلمەس azNv(|eeJL
j6};K ~N`
يۈسۈپچان ئەلى ئىسلامى Qg]A^{.1
MslgQmlM
QhLgFu بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى «بۇلاق» ژۇرنىلى تەھرىراتى خۇتۇن- قىزلار ھەققىدە بىر پارچە ماقالە يېزىپ بېرىشىمنى ھاۋالە قىلدى. بۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى تۇنجى ئىش بولۇپ، تېخى ماڭا مۇنچىلىك ئىشەنچ قىلىپ مەندىن ئەسەر تەلەپ قىلمىغانىدى. مەن گەرچە خېلى يىللاردىن بېرى ئۆز كەسپىمگە «يات» ھالدا ئۆزۈم قىزىقىدىغان ۋە شۇنى قىلسام بىر باشقا ئېلىپ چىقالايمەن، دەپ ئىشەنچ قىلغان ساھەلىرىم بويىچە بەزى ئىلمىي ئەمەكلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆزۈمنى ئىلىم دۇنياسىدا ياشاۋاتىمەن، دەپ ھېسابلىساممۇ، ئەمما شۇ ساھەنىڭ نەق ئۆزىدە ئىشلىمىگەنلىكىم ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە يەنىلا ئىلمىي ساھەنىڭ ئادىمى ئەمەس ئىدىم. قانداق يېزىش كېرەك؟ نېمىلەرنى يېزىش كېرەك؟ نەشر ئەپكارلىرىمىز خوتۇن - قىزلار ھەققىدە نېمىلەرنى باستى؟ قەدىمكى زاماندىكى خوتۇن - قىزلىرىمىزنىڭچۇ؟ خوتۇن - قىزلار مەسىلىسى زادى قانداق ھادىسە؟ m`n~-_
xG(iSuz قاتار تىزىلىپ تۇرغان بۇ سوئاللار مېنىڭ جاۋاب بېرىشىمنى كۈتۈۋاتاتتى. بۇ سوئاللارغا چوقۇم جاۋاب تېپىلىدۇ، دەپ ئويلىدىم. دېگەندەك جاۋابمۇ تېپىلدى. ماقالە جۈمە كۈنى يېزىلىشقا باشلىدى، جۈمە كۈنىدە تاماملاندى. بىراق ماقالىنىڭ باش قىسمى جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشۈۋاتقاندا ئاخىرقى قىسمى تېخى يېزىلماقتا ئىدى. ماقالە ئېلان قىلىنىپ ئاز كۈن ئۆتە - ئۆتمەي تۇرۇپ، ئۇنى ئايرىم كىتابچە قىلىپ نەشر قىلساق دېگۈچىلەر چىقتى. ئەپسۇس، بۇ تېخى ئۇنىڭ ۋاقتى ئەمەستى. 34[TM 3L].
3IjsV5a ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندە مۇنداق بىر ئىش يۈز بەردى. بۇ 2003 - يىل 1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى يەنى دۈشەنبە كۈنى ئىدى. ئادىتىم بويىچە سەھەر تۇرۇپ ناشتا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئىشخانامغىمۇ كىرمەي مۇھەررىر ئابلىمىت ئىمىن ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن تالا - تۈزنى ئايلانغاچ خەلق نەشرىياتىغا كەلدىم. نەشرىياتتىكىلەر تېخى تولۇق ئىشقا چۈشۈپ بولالمىغان بولۇپ، بەزى ئىشخانىلار ئوچۇق، بەزىلىرى ئېتىكلىك، بەزىلىرىدە بولسا تازىلىق قىلىنىۋاتاتتى. مەن كۆرۈشىدىغان كىشى تېخى كەلمىگەچ، بۈگۈن ھەممىدىن بۇرۇن ئىشىكى ئېچىلغان «بۇلاق» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە ساقلاپ تۇرۇشۇمغا توغرا كەلدى. بىرقانچە ماقالەم بىلەن قەدىناس بولۇشۇپ قالغان ژۇرنال مۇھەررىرلىرى مېنى قىزغىن قارشى ئالدى. s? Xgo&rS_
?=^\kXc[ تۇيۇقسىز تېلېفون جىرىڭلاپ كەتتى. s[dIWYs#
x]`@%8Sm — ۋە «بۇلاق»مۇ؟- دېدى تېلېفوننى ئېلىشىمغا بىر كىشى،- ژۇرنال مۇھەررىرلىرى بارمۇ؟ 8h4]<T
^u#iz — ھازىرلا بار ئىدى، باشقا ئىشخانىلارغا چىقىپ كەتتىمىكىن، سەل توختاپ تۇرسىلا،- دېدىم مەن. {IvA 5^
`u7^r^>A مەن يۇنۇس ئىلياس ئىدىقۇتلۇق، ئېيتىپ قويسىلا، ئۇلار كەلسە ماڭا تېلېفون قىلار. 1X`,7B@pz
80T2EN:$ ئارىدىن 1 - 2 مىنۇت ئۆتە - ئۆتمەي، تېلېفون يەنە جىرىڭلاشقا باشلىدى. ئەمدى مەن بۇ تېلېفوننى ئېلىش - ئالماسلىق ھەققىدە ئارىسالدى بولۇۋاتاتتىم. تېلېفوننىڭ جىرىڭلىشى توختىمىغاچ ئالماي بولمىدى. $+ N~Fa
~iQBgd@D^ — «بۇلاق» ژۇرنىلىمۇ؟- تېلېفوندىن بىر قىزنىڭ ئاۋازى كېلىۋاتاتتى. W}2!~ep!
-meY[!"X — ھەئە. XJKns
= &?&}pVF تېخى كەپنىڭ ئايىغى چىقماي تۇرۇپ مۇھەررىر كىرىپ كەلدى. مەن تېلېفون تۇرۇپكىسىنى ئۇنىڭغا سۇندۇم. ئەمما بۇ، ھايال قىلمايلا تېلېفوننى ماڭا سۇندى ۋە سىلىنىڭ تېلېفونكەن... =J]EVD
6,M$TA مەن ۋە ژۇرنال خادىملىرى ھەيران قالدۇق، تۇرۇپكىنى ئالدىم. rnQ_0d
8O(L;&h — سىلەر يۈسۈپجانمۇ؟- دېدى ئۇ. گەپ قىلىۋاتقىنى بايىقى قىز ئىدى. ئۇنىڭ ئاۋازى تىتىرەيتتى. C984Ee
n f<I — ھەئە، مەن شۇ، سىز كىم؟ Y*p<\{,oC
9E8&~y تېلېفوندا گەپ قىلىۋاتقان قىز تويۇقسىز ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى. مەن ھەيرانلىق ئۈستىگە ھەيرانلىقتا، ئۇ بىر ياقتىن يىغلاپ، بىر ياقتىن سۆزلىمەكتە ئىدى. HS]c~
($/l_F — مەن سىلىنىڭ «بۇلاق» ژۇرنىلىدىكى ئاياللار ھەققىدە يازغانلىرىنى تۈنۈگۈن ئاخشام ئوقۇپ بىر كېچە ئۇخلىيالمىدىم،- دېدى ئۇ خۇددى بىرەر نەرسىدىن سۆيۈنگەندەك تەلەپپۇزدا ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى: E{e
{^(uoB C/ — مەن دەل ئەنە شۇ سىلىنىڭ ماقالىلىرىدا تىلغا ئېلىنغان بىچارە قىز. ئۆزۈم جەنۇبىي شىنجاڭلىق، ئىسمىم ئابىدە. كىچىكىمدىنلا ئاشۇنداق يولغا كىرىپ قالغان. مەن ھازىر گۇۋاڭجۇدا، نېمە قىلىشىمنى بىلمەي قېلىۋاتىمەن... *| W*Mu
S@S4<R1{\ — سىز گۇۋاڭجۇدا نېمە ئىش قىلىسىز؟ ={-kQq
YcclO — گۇۋاڭجۇغا كەلگەنلەر نېمە ئىش قىلماقچى؟-دېدى ئۇ بىر ئاز خىجىل بولغاندەك ئاچچىق كىنايە ئارىلاش،- دەسلىپىدە ئويناپ ئىچىپ قالدىم، كېيىن بىرسى بىلەن... كېيىن... 7CSz
|e+3d3T35 ئۈچ ياشقا كىرگەن بالام بار ئىدى... ~o|sm a5.
&z5?]`ALu ئۇ گېپىنى داۋاملاشتۇرالماي قالدى. ئۇ ئەمدى ئۆزىدىن سەسكەنگەندەك قىلاتتى. مەن ئۇنىڭ تەلەپپۇزىدىن ئۇنى ھېچبىر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئالتىشەھەرلىككە ئوخشىتالمىدىم. ئۇ، بىرخىل بۇزۇلغان ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئورتاق ئەدەبىي تىلىدا سۆزلەيتتى. مېنىڭچە ئۇ ئەمدى گەپ قىلمايتتى. ئۇ قايتا گەپ قىلمىسىمۇ، ئۇنىڭ قايغۇ- ئەلىمى، قورقۇنچىسى ئۈمىدى، ئىشەنچىسى ۋە ئارزۇسى ماڭا يېتىپ ئۆزى يېنىكلەپ قالغاندەك ئىدى. شۇ تاپتا خىيالىمدىن مۇنداق ئىشلار ئۆتۈشكە باشلىدى... 5 }Ge
(VI(Nv:o@ 1976- يىلىنىڭ ئەتىياز پەسلى، بىر كۈنى بىر كىشى ئالدىمغا كىرىپ ھاياتىمدا زادىلا ئاڭلاپ باقمىغان ئاجايىپ بىدئەت ئىشتىن بىرنى مەلۇم قىلدى. ئۇ ئېيتىشىچە، بىر ئادەم بار ئىكەن، ئۇنىڭ تۇغۇلۇشىنلا ئەيبناك، ئاجىز بىر ئوغلى بولۇپ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنى ئۆيلەپ قويۇپتۇ. ئەمما ئۇ پۇشتىدىن تۆرەلگەن ئاجىز، ئەيبناك، مېيىپ ئوغلىنىڭ ئەۋلاد قالدۇرالماسلىقىدىن ۋە ياكى كېلىنىنىڭ تالاغا قاراپ قېلىپ ئائىلىسىنىڭ يۈزىنى تۆكۈۋېتىشىدىن ئەنسىرەپ،كېلىنىنى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن، كېلىنى بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇپ ئەر-خوتۇنچىلىق قىلىپ كەپتۇ. ئاغرىقچان، تەقۋادار قېينانا بۇنى سېزىپ قېلىپ توسقاندا، ئۇ دەيۈز ئۇنى بىرقانچە قېتىم تۇرۇسقا ئېسىپ ئۇرۇپتۇ. مەن بۇ ئىشتىن قاتتىق دەرغەزەپ بولدۇم، دەسلىپىدە ئۇ ماڭا ھەيۋە قىلدى، ھەتتا مېنىڭ كۆز ئالدىمدىلا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولدى، ئاخىر كېيىن خاتا قىلغانلىقىنى ئىقرار قىلىپ ئۆز گۇناھىغا توۋا قىلدى، ئۇنىڭ كېلىنىنى ھۆكۈم بىلەن مەجبۇرىي قويدۇرۇۋەتتىم... xgj'um
/wJ4hHY 1977- يىلى كۈز پەسلى ئىدى، تەشكىل ماڭا جىق گۇناھ قىلىپ تۇتۇتق بەرمەيۋاتقان بىر ئالدامچىنىڭ دېلوسىنى رازۋېدكا قىلىشىمنى تاپشۇردى. ئالدامچى شۇنداق كۆرۈمسىز سەت بىر مەخلۇق ئىدىكى، ئۇنى كۆرگەن ئادەم ئۇنىڭدىن يىرگىنەتتى. ھەيران قالدىمكى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەنە شۇنداق سەت چىرايى بىلەن چىرايلىق قىزلارنى ئالدايتتى. ئۇ، ئاۋۋال بىراۋنىڭ ئۆيىگە ئىشلەمچىلىككە كىرىدىكەن، كېيىن قىزلىرىنى ئالداپ ئەپچىقىپخوتۇنلايدىكەن ئاندىن كېيىن باشقا يۇرتلارغا ئاپىرىپ، تاشلايدىكەن، ياكى ساتىدىكەن، ئاندىن كېيىن يەنە قايتىدىن يېڭى-يېڭى جىنايەتلەرنى لايىھىلەيدىكەن. ئۇ ئۆزى قامالغان يۇرتنىڭ قاماقخانىسىغا كىرىپ قېلىشتىن بۇرۇن ئۆز يۇرتىدا نۇرغۇن جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، بىگۇناھ كىشىلەرگە زىيان - زەخمەت يەتكۈزۈپتۇ. ھەتتا قېرى دادىسىمۇ ئۇنىڭ بۇ يۇرتقا كەلمەسلىكىنى تىلەيدىكەن... كېيىن ئۇ گۇناھىغا تۇشلۇق جاجىسىنى يېدى! GDd'{qE6
z;2& d<h 70- يىللارنىڭ ئاخىرى بولسا كېرەك، جەمئىيەتتىكى قىزىق ئىشلارنى نە- نەلەردىن تېرىپ ئەپ كلېىپ ماڭا سۆزلەپ بېرىدىغان بىر بۇرادىرىم بار ئىدى. ئۇ ماڭا مۇنداق بىر ئىشنى ھېكايە قىلىپ بەردى: ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، دائىم يېنىغا يان قورال ئېسىپ يۈرىدىغان بىر ئادەم بار ئىكەن، ئۇنىڭ قىزى ئوغۇل ساۋاقداشلىرى بىلەن باغچىغا بېرىشقا ئۆگۈنۈپ قاپتۇ. بۇنىڭدىن دادىسى خاتىرجەم ئەمەسكەن، بىر كۈنى ئۇ، قىزىنىڭ باغچىغا ماڭغان كۈنىنى توغرىلاپ تۇرۇپ كەينىدىن بېرىپتۇ ۋە غەزىپىگە بەرداشلىق بېرەلمەي، قىزىغا قارىتىپ يان قورالدىن ئوق چىقىرىپتۇ. بىر پاي ئوقنىڭ ئېتىلىشى بىلەن بۇ باغچىدا ئادەم زاتى تۈگۈل، قۇش جان - جانىۋارلارمۇ تېزىپ كېتىپتۇ. ئويلاپ قالدىمكى، بىزنىڭ قورال تۇتقان ئادەملىرىمىز ئىچىدىنمۇ مانا مۇشۇنداق قەھرىلىك، مەرد، نوچى ئىنسانلار چىقىدىكەن. ئۇقسام، تەلىيىگە يارىشا قىزمۇ ھايات قاپتۇ، ئاتىمۇ تۈرمىگە كىرمەپتۇ... +J;b3UE#
RU'a8j+W ئۆزۈمچە يۇرت ئىچىدە خېلى ئابرويلۇق ھېسابلايدىغان بىر مويسىپىت بار ئىدى. كېيىن ئۇقسام ئۇنىڭ ھاراق ئىچمىسە تۇرالمايدىغان بىر يامان ئادىتى بار ئىكەن. ئۇ، ئوغۇللىرى، قىزلىرى چوڭ بولۇپ قالغاندا ھەتتا نەۋرىسى نەچچىگە يەتكەندىمۇ شۇنداق قىپتۇ، قۇدا-باجلىرى، كۈيئوغۇل، ئوغۇللىرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ ئىچىدىكەن، بىر كۈنى ئۇنىڭ ئۆيىدە تۇيۇقسىز جاڭجال چىقتى. قارىساق، كۈيئوغلى بىلەن ئوغلىنىڭ قولى ئۇنىڭ ياقىسىدا تۇرىدۇ، ئەتىسى بۇ ئۈچەيلەننى يۈز-كۆزلىرى يېغىر ھالدا سوتتا كۆردۇق... &qSf~7/
NIQ}+xpC مېنىڭ پات- پاتلا باشقا يۇرتلارغا بېرىپ سەيلە ساياھەت قىلىپ تۇرمىسام كۆڭلى ئارام تاپمايدىغان ئوغلى بار بىر ئاق كۆڭۈل ساۋاقدىشىم بار ئىدى. 80-يىللارنىڭ ئاخىرلىرى بولسا كېرەك، بىركۈنى ئۇنىڭ شۇ ئوغلى دادىسىدىن بىسورۇق بوينى يوغانلىق قىلىپ باشقا بىر شەھەرگە ئوينىغىلى بېرىپ، نادانلىقىدىن يامان ئادەملەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قاپتۇ. ئۇنىڭ تېپىش ھەركۈنلۈكى نەچچە مىڭلىغان، ئومىڭلىغان ئاھالە كىلىپ-كېتىپ تۇرىدىغان بۇ شەھەردە خۇددى دېڭىزدىن ئۈنچە-مەرۋايىت ئىزدىگەنگە ئوخشاش ئىش ئىدى، ئىنشائاللا، مىڭ بىر جاپا-مۇشەققەت چىكىپ، يان قوراللىق ۋە توك كالتەكلىك ئاغىنىلىرىمىزنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇنى يولۋاسنىڭ ئاغزىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقتۇق... s-'~t#h
1!;~Y# 1995- يىلى يازدا رىزىقىم كۆتۈرۈلۈپ يىگىرمە نەچچە يىلدىن بېرى ئۇچامغا ئارتىپ كېلىۋاتقان ئېغىر پولات دۇبۇلغا- ساۋۇتلارنى چۆرۈۋېتىپ، يېتىم ئوغۇل، تۇل خوتۇنلارنىڭ دەردىنى تىڭشايدىغان بىر ساخاۋەتلىك ئىدارىگە كېلىپ قالدىم. مەن ئىشقا چۈشكەن بۇ يەر گەرچە شۇ نام بىلەن ئاتالمىسىمۇ، مېنىڭ تىلىمدا «ساخاۋەتخانا». ئۇ يەردە تۈرلۈك-تۈرلۈك ساۋابلىق ئىشلار بېجىرىلىدۇ، شۇ مەنادىن ئۇ ھېچقانداق يەرگە ئوخشىمايدىغان خاسىيەتلىك جاي، ئەمما قېرىشقاندەك ئۇ كىشىلەر ئانچە دىققەت قىلىپ كەيمەيدىغان، گېزى كەلگەندە ھەتتا ئەتىسى ئاخشاملىرى تەرىتى قىستاپ كېتىپ، خالاجاي تاپالماي قالغان ھاجەتمەنلەر ئالدىراشلىقىدا ئولتۇرۇپ قويىدىغان پىنھان بىر بۇلۇڭ كوچىغا جايلاشقان. مانا بۈگۈن ئۇنىڭ يوغان قوش قاناتلىق تۆمۈر دەرۋازىسى ئالدىدا تېخى ئاخششامقى تۈن قاراڭغۇسىدا ياندۇرغان مەستلەرنىڭ سېسىق قۇسۇقلىرى بىلەن گەندىلىرى ئاچچىق بەدبۇي پۇراق پىقىرىپ پوتەيدەك تۇرىدۇ. $6J22m!S4n
Qjnh;uBO مەن بۇ يەرگە كېلىشىم بىلەن تەڭلا دەرۋازا ئالدىدىكى ئۇزاق مۇساپىلەرنى بېسىپ كەلگەن بىر توپ دەردمەنلەر گۈلدۈرلىشىپ كېلىپ كۆرۈشۈش ئۈچۈن ماڭا قوللىرىنى ئۇزارتىشتى. بۇ يەرنىڭ ئادىتىدە بۇ يەردە ئىشلەيدىغانلار سىرتتىن كەلگەن دەردمەنلەر بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، يېقىن-يورۇق، قوشنا-قولۇملىرى، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ، رېستورنداش بۇرادەرلىرى ياكى باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشكەن چاغدىكىدەك قىزغىن تەبەسسۇم قىلىپ سالاملاشمايتتى. ئەكسىچە، بەزىدە ھەتتا ئۇلارنىڭ پېشى تېگىپ كەتكەن يەرلەر-ئىشخانا، ئورۇندۇق، ئۈستەللەر ئۇلتېرا بىنەشەرەڭلىك نۇر بىلەن دېزىنفېكسىيە قىلىناتتى. بۇ ئىدارىنىڭ ئىشخانىلىرى خۇددى ئۇنىڭ ئىش بىناسىغا ئوىشاشلا كونىراپ كەتكەن بولۇپ، ئورۇندۇق، ئۈستەل، كرېسلولارنىڭ بەزىسى 50-يىللاردىن، بەزىسى 60- يىللاردىن قالغان ۋە بەزىسى بولسا سەل-پەل يېڭىلانغان بولسا، زاماننىڭ تەلىپىگە يەنە 100 يىلدىمۇ يېتىشەلمەيتتى. بۇ يەردىكى زاھىر تۇرقىدىن ھاللىق «بايۋەچچە»لىكى چىقىپ تۇرىدىغان ئايرىم ساندىكى بىر قانچەيلەندىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ئاددىي-ساددا كېيىنگەن بولۇپ، تاشقى قىياپىتى قانچە ئاددىي بولسا، ئۇلارنىڭ ئىشخانىلىرىمۇ شۇنچە ئاددىي، ئۇنىڭ خېرىدارلىرى بولسا ئۇنىڭدىنمۇ ئاددىي ئىدى. RsS:I6L
@M-Q| ئىشىكنى ئېچىشىم بىلەن تەڭلا ئىشىك تۈۋىدە تۇرغان ھېلىقى بىر توپ دەردمەنلەر بىر-بىرىدىن ئۆچىرەت قىزغىنشىپ دۇرۈكلىشىپ كىرگەن پېتى قويۇلغىنىغا ئۇزاق جاھان بولغانلىقتىن ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن كونا كرېسلوغا كېلىپ تىقىلىشىپ ئولتۇرۇشتى. بۇ يەرنى ساخاۋەتخانا دېگەندىن كۆرە، قارا تىل بويىچە مۇساپىرخانا، دېگەن تۈزۈك ئىدى. بەزى دەردمەنلەر يازنىڭ سەرتان ئىسسىق كۈنلىرىدە بوسۇغامنىڭ تۈۋىدىلا ئاسماننى يېپىنا، يەرنى تۈشەك قىلىپ تاڭنى ئاتقۇزسا، بەزى دەردمەنلەر قەھرىتان قىش كۈنلىرىدە لەپىلدەپ يېقىۋاتقان دەھشەتلىك قارغا قارىماي، يىراق سەھرا ۋە قىرلاردىن كېلىپ، ئۈمىدسىز كۆزلىرىنى بۇ تۇمانلىق شەھەرنىڭ مۇزلۇق كوچىلىرىغا تىككىنىچە ھاسىلىرىنى چوقۇپ-چوقۇپ ئاستا-ئاستا كۆزىدىن غايىب بولاتتى. X"`[&