ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 196 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقى
marjanbulaq
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 4834

  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:دائىملىق ?????????108????
ئۆسۈش: 2.16%
  نادىر تىما: 0

  يوللانما: 108
  شۆھرىتى: 151 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 1220 يۈەن
  تۆھپە: 122 قېتم
  ياخشى باھا: 39 قېتىم
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 1422سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-02-25
  كىرىشى: 2011-05-26
باش تىما  |يوللانغان ۋاقت: 2011-05-21 06:33

ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقى

ئەسكەرتىش: بۇ يازما AnaTuprak تەرىپىدىن دۇنيادىكى ئىشلار بۇ رايونغا يۆتكەلدى(2011-05-21)
     ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقى
                                                   ئابلىكىم باقى
 
    ئۇيغۇر تىلى_ ئالتاي تىل سېستىمىسى تۈرك تىل ئائىلىسى غەربى ھۇن تىل تارمىقى ئۇيغۇر- قارلۇق تىل گوروپپىسىغا مەنسۇپ بولۇپ، يۇرتىمىزدىكى ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ بۈگۈن قوللىنىۋاتقان تىلىدۇر. مىلادى 5- ئەسىرلەردە خاتىرلىنىشكە باشلىغان ئۇيغۇر تىلى ھۇن ئىمپىرىيىسى دەۋرىدىن باشلاپلا كۆك تۈرك، ئۇرخۇن، قاراخانىلار، ئېدىقۇت، كەڭسۇ دۆلەتلىرىدە دۆلەت تىلى سۈپىتىدە قوللىنىلغان. قاراخانىلار دەۋرىدە خاقانىيە تىلى، سەئىدىيە دەۋرىدە چىغاتاي تىلى دەپ ئاتالغان بولسىمۇ، پۈتۈن تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزىنىڭ مۇكەممەل فۇنتىكا، گىرامماتىكا ۋە لىكسىكىلىك خۇسۇسىيەتلىرىنى ئاساسەن ئەينەن ساقلاپ قالغان بولۇپ بۈگۈنكى ئۇيغۇر تىلىنى شەكىللەندۈرگەن.
   بۈگۈنكى ئۇيغۇر تىلى قەشقەر، ئاقسۇ، قۇمۇل، تۇرپان، ئىلى ۋە ئۈرۈمچى شىۋىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەركىزى دىئالېكىت ئاساسىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۈرۈمچى تەلەپپۇزى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ يىتەكچى تەلەپپۇزى ھىساپلىنىدۇ. ھازىر بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان "ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى" ، "ئۇيغۇر تىلى ئىزاھ لۇغىتى" نەشىر قىلىندى.
    ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا، ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا يەنە سانسىكرىت، توخرى، سوغدى، ئىفتالىت، ھىندى، مۇڭغۇل، ئەرەپ، پارىس قاتارلىق 17 خىل تىلنى ئىھتىياجىغا قاراپ ئىشلەتكەنلىكى تارىخى خاتىرلەردە قەيىت قىلىنغان. ئەمما ھىچ بىر دەۋىردە ئۆز تىلىنى ئۈزۈپ قويمىغان.
    ئۇيغۇر يېزىقى_ ئارخىئولوگىيىلىك يازما ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا مىلادى 5- ئەسىردە ئىشلىتىلگەنلىكى خاتىرلەنگەن. ئەمما بەزى رىۋايەتلەرگە كۈرە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بۇرۇن ئىجات قىلىنغانلىقىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن. چۈنكى مىلادىدىن بۇرۇنقى 49- يىلى ئەجداتلىرىمىز تەرىپىدىن دۇنيادا تۇنجى قېتىم (سەيلۇن بىگىم قەغىزىدىن 150 يىل بۇرۇن) ئىشلەنگەن لوپنۇر چىگە تالالىق ياپراق قەغەز ئەلۋەتتە يېزىقىمىزنى خاتىرلەش ئىھتىياجىدىن ئىشلەنگىنىنى ھۈكۈم قىلىش مۇمكىن.
    ئۇيغۇرلار تارىختا كۆپ خىل تىل قوللانغىنىغا ئوخشاش، ئەرەم يېزىقى سېستىمىسى، بىراھمى يېزىقى سېستىمىسى ۋە خۇۋاشىيا يېزىقى سېستىمىسىغا مەنسۇپ بولغان 26 خىل يېزىق قوللانغان. بۇلار قوچۇ يېزىقى، خەن يېزىقى، غەربى شىيا يېزىقى، چوڭ يېزىق، كارۇشتى يېزىقى، ئەرەپ يېزىقى، فارىس يېزىقى، قاراخانىلار يېزىقى، چىغاتاي يېزىقى، سۈرىيە يېزىقى، مانى يېزىقى،  سوغدى يېزىقى، ئورخۇن يېزىقى،  قىتان يېزىقى، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى، مۇڭغۇل يېزىقى،  مانجۇ يېزىقى، شىبە يېزىقى، بىراھمى يېزىقى، سانسىگرىت يېزىقى، توخرى يېزىقى (ئا)، توخرى يېزىقى(ب)، ساك يېزىقى، بىراھمىچە تۈرك يېزىقى، توبۇت يېزىقى، باسبا يېزىقى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
    1960- يىلدىن 1980- يىللارغىچە لاتىن ئالفابەسى قوللانغان ئۇيغۇرلار ئۇنىڭدىن بۇرۇن ۋە كېيىن ھازىرغىچە ئەرەپ ئالفابەسى شەكىلدىكى مۇكەممەل ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللانماقتا.

پايدىلانغان مەنبەلەر: 
 "بىزنىڭ تارىخى يېزىقلىرىمىز" قۇربان ۋېلى، 1986- يىل ئۈرۈمچى نەشرى
 "شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخى" ئەنىۋەر بايتۇر، خەيرىنسا سىدىق. 
  1991- يىلى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى

-سىز كۆرۋاتقان تىما ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقى,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ

تېما ئادىرسى:
http://blog.anatuprak.com/
karguli0990
bu dunya bir konalgu, biz bolsah mehmandurmiz!
دەرىجە: مەستانە ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 1608

  جىنسى: قىز
ئۇنۋان:ياخشى ?????????208????
ئۆسۈش: 0.59%
  نادىر تىما: 0

  يوللانما: 208
  شۆھرىتى: 257 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 4140 يۈەن
  تۆھپە: 223 قېتم
  ياخشى باھا: 16 قېتىم
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 4555سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-09-19
  كىرىشى: 2011-05-25

بىزدە «ئانا-تىل»توۋلايدىغانلار بەك كۆپ،لىكىن كۆپ ساندىكى زىيالىيلار ۋەشۇ ئاناتىل تەربىيىشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بالىلىرى كۆپۇنچە خەنزۇچە ئۇقۇيدۇ...مەن بۇنىڭغا بەك ھەيران.........كىچىككىنە بالىغا يەنى ئاناتىلدىن تولۇق خەۋىرى يوق بىر بالىغا باشقىلارنىڭ تىلىنى ئۇگۇتىمىز،شۇنىڭ بىلەن بالىنڭ پىسخىكىسى ،تۇرمۇش قارىشى ۋە دۇنيا قارىشدىمۇ تۇپتىن ئۆزگىرىش بولىدۇ،....ھازىر بىزگە مۇقام توۋلايدىغانلار ئەمەس،بەلكى تەتقىقاتچىلار كېرەك ئىدى كۆپ تىللىق بولۇش-شەرەپ،ئانا تىلدىن ياتلىشىش-نومۇستۇر!!

assalamu alaykum azizlar!
abdulquddus
دەرىجە: مەستانە ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 1874

  جىنسى: يىگىت
ئۇنۋان:رەسمىي ?????????93????
ئۆسۈش: 0.27%
  نادىر تىما: 2

  يوللانما: 93
  شۆھرىتى: 147 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 2990 يۈەن
  تۆھپە: 97 قېتم
  ياخشى باھا: 33 قېتىم
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 3798سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-10-07
  كىرىشى: 2011-05-25
2 - قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: 2011-05-22 23:28

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى karguli0990دە2011-05-21 11:14يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بىزدە «ئانا-تىل»توۋلايدىغانلار بەك كۆپ،لىكىن كۆپ ساندىكى زىيالىيلار ۋەشۇ ئاناتىل تەربىيىشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بالىلىرى كۆپۇنچە خەنزۇچە ئۇقۇيدۇ...مەن بۇنىڭغا بەك ھەيران.........كىچىككىنە بالىغا يەنى ئاناتىلدىن تولۇق خەۋىرى يوق بىر بالىغا باشقىلارنىڭ تىلىنى ئۇگۇتىمىز،شۇنىڭ بىلەن بالىنڭ پىسخىكىسى ،تۇرمۇش قارىشى ۋە دۇنيا قارىشدىمۇ تۇپتىن ئۆزگىرىش بولىدۇ،....ھازىر بىزگە مۇقام توۋلايدىغانلار ئەمەس،بەلكى تەتقىقاتچىلار كېرەك ئىدى كۆپ تىللىق بولۇش-شەرەپ،ئانا تىلدىن ياتلىشىش-نومۇستۇر!!

توغرا ئېيتىسىز خانقىز! ئاغزىڭىزغا ياغ!
ئانا تىلدىن ئايرىلىش - يىلتىزسىز قامغاق ھالىغا چۈشۈپ قېلىش دېمەكتۇر!
شۇ سەۋەپتىن ئانا تىلنىڭ قەدىر-قىممىتى توغرۇلۇق ئاز بولمىغان نەسرى - نەزمى ئەسەرلەر مەيدانغىمۇ كەلدى.
ئەگەر مۇمكىن بولسا مۇشۇ جەھەتتە مۇنبەر يىتەكچىلىرى باش قوشۇپ بولامدۇ، ئىشقىلىپ بىر توپلام ئىشلەپ كەڭ تورداش قېرىنداشلارغا سۇنالىغان ياكى، قەرەللىك تەكرار ئېلان قىلىپ تۇرالىغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى..... 

ئانا تىلىم -- جان تىلىم