ئىزھارىڭدىن زوقلاندى قەلبىم
باغچىلارنى ئىزلىسەم سېنى،
گۈل بەرگىلا پۇرايدۇ چۈشۈم.
ساداقەتلىك چىن ئەقىدەڭدىن.
ھۆرمىتىدە سۈيۈنەر قەلبىم.
مۇھەببەتنى تۇنۇتتۇڭ ماڭا،
ئەقىدەڭدىن گۈللەرنى تىزىپ.
يايرىدى قەلبىم شادلىقتا،
مىھرىڭدىن شۇنچىلىك سۈيۈنۈپ.
ئۈمۈد تاپتى ئوتلۇق مىھرىڭدىن،
شەيدالىقتا سۈيۈنگەچ دىلىم.
چىن دىلدىن ئۈمۈد باغلىدى،
ئىزھارىڭدىن زوقلىنىپ قەلبىم.
ساداقەتنى ئەسلىسەم ھەردەم،
تۇنجى بۇلۇپ سېنى ئەسلەيمەن.
ئەقىدەڭگە چۈمۈلگەچ قەلبىم،
ئۆمۈر بۇيى سېنى كۈتەرمەن.
Oh=Kl3xs
يامغۇر بۇلۇپ قۇشۇلسام گۇيا
ئارمانلىق كۆزلىرىمدە كۈلۈپ،
يىراقتىن قارايمەن سىياقىڭغا.
ئاسماندىن زەم-زەم كەبى چۈشكەن،
يامغۇر بۇلۇپ قۇشۇلسام گۇيا.
ARB^]
سىم-سىم يامغۇر ياغسا تامچىلاپ،
خۇشاللىقتىن يايرايدۇ كۆڭلۈم.
گۈللەر تىزىپ كەلسەڭ ئالدىمغا،
تۆكىلىدۇ پىنھان سىرلىرىم،
يامغۇر كەبى چىھرىڭگەقۇنۇپ،
شەبنەمدەك سېڭسەم باغرىڭغا.
قەلىب تۆرەڭدىن ئۇرۇن ئېلىپ،
ھەمراھ بۇلۇپ تۇرسام قېشىڭدا.
{`% q0Nr
مەنبە قەلىمىم
N?s5h?