ئاجايىپ خوشنىلار ~_fc=^o
ياقۇپجان يۈسۈپ
LDr?'M!D EB}B75)x ئەختەرنىڭ بۇ مەھەللىگە كۆچۈپ كەلگىنىگە ئانچە ئۇزاق بولمىغان بولسىمۇ خۇلۇم-خوشنىلار بىلەن شۇنداق چىقىشىپ قالدى. گەرچە ئۇ كۆپ ئوقۇمىغان بولسىمۇ ياخشى-ياماننى پەرق ئەتكۈچىلىكى بار، كەڭ قورساق، ئەپۇچان ئادەم ئىدى. خوشنىدارچىلىق، ئادىمىگەرچىلىك قائىدىلىرىگە بەكمۇ ئەمەل قىلاتتى. بىراق ئايالىنىڭ ئاياق خوشنىسى بىلەن پۇرچىقى پىشمايۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ بىر كۈنى «ماۋۇ خوشنىمىز ئەخلەتلەرنى بىزنىڭ ئىشىكنىڭ ئالدىغا يىغىپ قويۇپتۇ» دېسە، بىركۈنى «بەكمۇ ھېلىگەر نېمىلەركەن، سوراپ چىققان نەرسىلەرنى ئەككىرىپ بەرمەيدىكەن» دەپ دادلاپ كىرەتتى. بۇنداق گەپلەرنى ئەختەر كۆپىنچە ئاڭلىماسلىققا سالاتتى. خوشنىلار ئارىسىدىكى ئانچىكى ئىشلارنى كۆڭلىگە ئېلىپ كەتمەيتى. بىراق خوشنىسىنىڭ قىلىقلىرى ھەددىدىن ئاشقىلى تۇردى. YVMvT>/,
بىر كۈنى ئىشتىن ھېرىپ، ئېچىپ كەلگەن ئەختەرنىڭ ئىشىك ئالدىغا كېلىپلا پەيكارى ئۇچتى. ئىشىك ئالدىغا بىر ھارۋا شاخ تاشلانغان بولۇپ، چېچىلىپ، سۆرۈلۈپ ياتاتتى. ئەختەر«ئايالىمنىڭ بىرەر تۇغقىنىنىڭ شاخلىرى ئېشىپ قالغان بولسا قويلىرىغا بەرسۇن دېگەن ئوخشايدۇ» دەپ ئويلىدى. ئەختەر قولىنى يۇيغاچ: YB"gLv?
-شاخنى كىم ئېلىپ كەپتۇ؟-دەپ سورىدى |*NLWN.ja)
-كىم بولاتتى، ماۋۇ ئامراق خوشنىڭىز. 8\rca:cF
ئەختەر گەپ قىلىشقا تەمشەلدىيۇ «ھارغانغا باقامسەن، ئاچقانغىمۇ» دەپ ئايالى بىلەن تالىشىپ ئولتۇرۇشنى خالىمىدى. ئەتىسى چۈشتە ئەختەر ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى تۈگىتىپ ئۆيگە كەلگەندە ھېلىقى شاخلار يەنىلا دەرۋازا ئالدىدا چېچىلىپ ياتاتتى. ئۇ ئۆيگىمۇ كىرمەستىن ئۇدۇللا خوشنىسىنىڭكىگە قاراپ ماڭدى. ئاڭغىچە ئايال خوشنىسىمۇ ئۆيدىن چىقىپ قالدى. 4Hz3KKu
-ماۋۇ شاخلار، ئىشلىمەيدىغان شاخلارمىدى؟ بەك خارلاندىغۇ؟ -دېدى ئەختەر خوشنىسىغا. ^3dc#5]Xf
-ۋاي خوشنام، ئىشلىمەمدىغان، مۇشۇ ئەتىيازدا ئوت-خەسلىرمىز تۈگەپ مالغا ئۆزىمىزنى توغراپ بەرگۈدەك بولىۋاتساق. }|Qh+{H*.
-ئەمىسە باغقا ئەككىرىپ چىرايلىق بېسىپ قويمامسىلەر، بۇ يەردە چېچىلىپ، دەسسىلىپ تۈگەپ قالىدۇ. 9<u&27.
- شاخنى چۈشۈرۈپ تۇرىشىغا شەھەردىن تېلېفۇن كېلىپ، يولدۇشۇم شۇ يەرگە كەتكەن. ئاخشام تېلېفۇن قىپتۇ. ئىككى ئۈچ كۈنلۈك ئىش بارىكەن، ئۆيگە قايتالمايمەن، دەيدۇ. بۇ ئىشنى ئۆزى كەلگەندە قىلمىسا، بىز مەزلۇملار قاملاشتۇرالامدۇق دەيسىز؟ -ئۇ شۇنداق دېگىنىچە دەرۋازىسىنى تاقاپ، داستىخاننى قولتۇقلاپ، بەللىرىنى تولغاپ كېتىپ قالدى. ^*}D*=>\
ئەختەر بىردەم تۇرۇپ كېتىپ، ئۆيىگە كىردى ۋە ھايال بولماي قايتىپ چىقىپ ئىشقا كىرىشىپ كەتتى. ئۇ شاخلارنى تال چىۋىقىدا چىرايلىق باغلاپ، خوشنىسىنىڭ پاسىل تېمىغا رەتلىك قىلىپ تىزىپ قويدى. L<!h3n
بىرنەچچە ھەپتە ئۆتتى. بىر كۈنى ئەتتىگەن ئەختەر تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى. بىر چاغدا بىر نەرسىنىڭ «داق... داق... داق... »قىلغان ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئويغاندى. ئۇ سائەتكە قارىدى. تېخى بامدات ۋاقتىمۇ بولمىغانىدى. ئەختەر «دەرۋازىنى بىرسى ئۇرىۋاتقان ئوخشايدۇ» دەپ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا چىقتى. قارىغۇدەك بولسا خوشنىسى. بىر ھارۋا ئوتۇننى قاچانلاردا ئەككەلدىكىن تاڭ، ئەختەرنىڭ دەرۋازىسىغا كىرىدىغان يولغىلا تاشلاپتۇ. ئۆزى بولسا خىيالىدا يوق ئولتۇرۇپ ئوتۇن كەسلەۋاتاتتى. sE?%;uBb
-نېمە ئىش قىلىۋاتىسەنوي، ئادەمنى ئۇخلىغىنى قويماي،-ئەختەر خوشنىسى بىلەن تەڭ دېمەتلىك بولۇپ، سەنلەپ گەپلىشەتتى. N|yA]dg[
-كۆرمىدىڭمۇ، ئوتۇن كەسلەۋاتىمەن. PaaMh[OmG
-ھەي، ئوتۇنىڭنى كەسلىسەڭمۇ كەسلە، لىكىن مېنىڭ ئىشىكىمنىڭ ئالدىغا ئەككىلىپ كەسلەمسەن؟ RnkV)ed(
-ھە... شۇ گەپمىدى. قارا، بۇ ئوتۇننى ئاخشام بەك كەچ ئەككەلگەن دېگىنە، ئويلاپ باقسام، بۇ ئوتۇننى بەرىبىر كەسلەيدىكەنمەن. شۇڭا كەسلەپلا ئەككىرىۋېتەي دېگەن. GJB+]b-
-نېمە دەيدۇ ماۋۇ... كاللا دېسە، پاقالچاق دەپ. ھەي...مەن ئوتۇنۇڭنى ئۆزۈڭنىڭ ئىشىكى ئالدىغا ئاپپىرىپ كەسلىسەڭ بولمامدۇ دەۋاتىمەن،-ئەختەرنىڭ سەل ئاچچىقى تۇتقانىدى. MLV]+H[mt
-ئوخشاشقۇ... بۇ يەردە كەسلىسەم نېمە بولىدۇ؟ ئىشىكىمنىڭ ئالدىدا كەسلەي دېسەم ئۇ يەر سېمۇنت تۇرسا، ئوتۇن كەسلىسەم بۇزۇلۇپ كېتەمدىكىن دەيمەن. سىلەرنىڭ ئىشىكنىڭ ئالدى توپا بولغاندىن كېيىن... { 4j<X5V
-ما گەپنى كۆرۈڭ. سېنىڭ ئىشىك ئالدىڭ بۇزۇلسا بولمايدىكەن. مېنىڭ ئىشىك ئالدىمدىن توپا چىقىپ كەتسە مەيلىمىكەن؟ 6|EOB~|
-ئا... ئوخشاشقۇ؟ ئىككىمىز خوشنا تۇرۇپ سېنىڭ مېنىڭ دېيىشىپ كېتىمىزما ئەمدى. vFe=AY<Rt|
خوشنىسى قېلىنلىق قىلىپ ئوتۇنىنى كەسلەۋەردى. ئەختەر يەنە گەپ قىلىشنىڭ ئورنى قالمىغانلىقىنى ھىس قىلىپ ئاچچىقىنى ئىچىگە يۈتۈپ ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. خوشنىسى ئۇنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ئىككى كۈن ئوتۇن كەسلىدى. ئىشىكنىڭ ئالدىنى تىلغاپ، توپا چىقىرىۋەتكەننى ئاز دەپ ئوتۇن-چاۋالىرىنى سۈپۈرىۋېتەيمۇ دېمەي كىرىپ كەتتى. JP Dxzp
-كىمنى بۆزەك ئېتىدۇ، ماۋۇ نېمىلەر، ھەي، سىز ئەر بولغاندىن كېيىن ئىككى ئېغىز گەپ قىلسىڭىز بولمامدۇ دەيمەن. خەپ توختاپ تۇرۇش... ھەرقايسىڭغا تېتىمىغان جاننى...-ئايالى سىرتقا چىقىپ خوشنىسى بىلەن زاكونلاشماقچى بولىۋىدى ئەختەر توسۇپ قويدى. -U2Su|:\N8
ئارىدىن يەنە بىرقانچە كۈن ئۆتۈپ خوشنىسى ئۈچ تەرەكتۇر قۇم بىلەن شېغىلنى ئەختەرنىڭ ئىشىكى ئالدىغا تۆكۈپ قويدى. بۇنى كۆرگەن ئەختەر گەپمۇ قىلماي موتوسىكىلىتىنى مىندى-دە، ئۇدۇل شەھەرگە كىرىپ كەتتى. كەچتە ئۇ ئون خالتا سېمونت بىلەن ئۈچ نەپەر ئىشلەمچىنى ئۆيىگە ئېلىپ كەلدى. ئەتىسى ئەتتىگەن سائەت تۆت بىلەن ئىشلەمچىلەرنى ئويغۇتۇپ ئۈن-تۈنسىز ھالدا ئىشنى باشلىۋەتتى. (csk
تاڭ ئېتىپ، قۇياش نەيزە بويى ئۆرلىگەندە خوشنىسى ئورنىدىن تۇرۇپ چالا ئەسنەپ سىرتقا چىقتى. بۇ چاغدا ئەختەرنىڭ ئىشىكىدىن يولغىچە بولغان ئون مىتىر ئارلىققا ئاللابۇرۇن بېتۇن ياتقۇزۇپ بولۇنغان بولۇپ، قۇياش نۇرىدا كۆمۈشتەك يالتىراپ تۇراتتى. بۇنى كۆرگەن خوشنىسى ئۆز كۆزىگە ئىشەنمەيلا قالدى. ئۇ كۆزىنى ئۇۋىلىۋېتىپ، يۈگۈرگەن پېتى ئەختەرنىڭ ئالدىغا كەلدى. j0L%jz
-ھەي، مېنىڭ قۇملۇرۇم، شېغىللىرىم قېنى؟ Q,.dIPla
-ماۋۇ بىزنىڭ ئىشىكنىڭ ئالدىدىكى قۇم، شېغىلنى دەمسەن؟ مەن تېخى ئۇنى بىزنىڭ ئوخشايدۇ دەپتىمەن،-ئەختەر ئۈستىۋاشلىرىنى قېقىشتۇرغاچ جاۋاپ بەردى. ^6l5@#)w
-مەن بىكارغا ئەككەلمىگەن، پۇلغا ئەككەلگەن جۇمۇ ئانى...خەقنىڭ نەرسىسىنى نومۇسمۇ قىلماي ئىشلىتىۋېلىپ سېنىڭمۇ دەيسىنا... ~~{lIO)&