يۇلغۇن Dl8;$~
سەھراغا كېتەي g2/8~cn8z
‹ھېكايە› :TC@tM~Oy
سىپىرىخان ئانا شەھەرگە كەلگەندىن بۇيان نۇرغۇن نەرسىلەرگە ھەيرانۇ-ھەس قالدى.نۇرغۇن نەرسىلەردىن كۆڭلى يېرىم بولىدى.ئۇ ئۆز ۋاختىدىكى يىراقنى كۆرەر ئىمىن خەلپىتىمدىن ئىلىم ئالغان ،تەپەككۇرى ئويغاق ئايال بولغاچقا نۇرغۇن ئىشلار *``JamnSO
ئىدىيىسىدىن ئۆتمىدى.يەنە نۇرغۇن ئىشلار ئۇنى ئەندىشىگە سېلىپ قويدى. نىمىشقىدۇر ئۇنىڭ شەھەرگە كېلىپ بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىنلا يۈرىكى نىمىگىدۇر تارتىشقاندەك قىلىپ بىر كۈنمۇ ئارامىدا بولالمىدى.پەرىشانلىق،غېرىپلىق،سېغىنىش تارتىشىش كۆڭلىنى پاراكەندە قىلىپلاتۇردى.ئۇنىڭ چىرايىدىن كۈلىۋاتقاندەك ھەم كۈلەلمەۋاتقاندەك بىر خىل ئېچىنىشلىق كەيپىيات تۈكۈلۈپلا تۇراتتى.بەستى دەرد-ئەلەمنىڭ تاغلىرى Y]u+\y~
ئاستىدا مىجىلىپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى.ئانىسىنىڭ كەيپىياتىدىكى نۇرمالسىزلىق سايىتجاننى ئەنسىرىتىپ قويدى، ئۇنىڭ كۆڭلىدىن ھەر خىل خىياللار كىچىشكە باشلىدى.‹‹ئانامنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويدۇقمۇ نىمە،ئۇنى خۇشال قىلىمىز دەپ ئېلىپ كىلىپ، خاپا قىلىپ قويساق بولمايدۇ- دە،مەنغۇ ئانامنىڭ دىلىنى چىگىپ قويىدىغان ئىشلارنى قىلمىدىم ،لېكىن خوتۇن ئانامنىڭ كۆڭلىگە كېلىدىغان گەپلەرنى قىلىپ سالغاندىمۇ-يا؟ ئۇ كۈندىن كۈنگە جىمغۇر لىشىپ كەتتى،ئۇنىڭغا زادى نىمە بولغاندۇ؟›› f &wb
سايىتجان مۇڭلۇنۇپ ئولتۇرغان ئانىسىنىڭ بىچارە ھالىغا قاراپ ئېغىر غۇرسىندى، يۈرىكىنىڭ بىر يەرلىرى ئېچىشقاندەك بولدى. { Z5nGG
-ئانا يېقىندىن بۇيان سزگە نىمە بولىدى؟ ^J8lBLqe
-ھىچ...ھىچنىمە بولمىدى بالام. 0f>5(ek
-ياق،سىزگە چوقۇم بىر ئىش بولدى،سىز مەندىن بىر ئىشنى يوشۇرىۋاتىسز،بىز يا دىلىڭىزنى رەنجىتىپ قويدۇقمۇ ئانا؟ 9lH?-~9
-ياق . "s_lP&nq
-ئۇنداق بولسا نىمىشقا بۇنچىۋالا جىمخورلىشىۋالىسىز؟ئوچۇق-يورۇق،خۇشال-خورام K8.!_c
يۈرمەيسىز، راستىنى دەۋىرىڭ ئانا سىزگە چوقۇم بىر ئىش بولدى. tX %5BTv
-سەندىن نىمىشقا رەنجىيتىم بالام ،مەن ... rOOT8nkR#
-ئۇنداق بولسا خوتۇن دىلىڭىزنى ئاغرىتىدىغان گەپ-سۆز،ھەركەتلەردە بولدىمۇ؟ ndz]cx
-ئىككىلىڭلاردىن مەن بۇ ئالەم،ئۇ ئالەم رازى بالام.چىققان دۆڭلىرىڭلار تېخىمۇ ئىگىز، Uu(SR/R}
توپا ئالساڭلار ئالتۇن، كۈل ئالساڭلار كۈمۈش بولسۇن بالام >P@H#=
-ئۇنداق بولسا نىمىشقا جىمخورلىشىۋالىسز ئادەمنى ئەنسىرىتىپ، دوختۇرغا ئاپپىرايمۇ- يا؟ @A89eZbW
-تىنىم ساق بالام. 2Kyl/C,
-مەن سىزدىن تازا خاتىرجەم بولالماۋاتىمەن ئانا! kB|B
-كۆڭلۈڭگە كەلمىسۇن بالام، مېنى سەھرادىكى ئۆيگە ئاپرىپ قوي،مەن بۇ يەرگە كۈنەلمىدىم.-سىپىرىخان ئانا ئاخىرى كۆڭلىدىكىنى ئېيتى. 9:1Q1,-i!-
-كۈنەلمەيدىغان نىمىسى بار ؟ ھەممىسى تەل،ھەممىسى زامانىۋى تۇرسا. giIWGa.a+
-كۈنەلمەيدىغان نۇرغۇن يەرلىرى باركەن شەھەر دېگەننىڭ،زامانىۋى-پامانىۋى ZR]25Yy
دېگەنلىرىڭنىغۇ چۈشۈنۈپ كەتمەيمەن،نۇرغۇن ئىشلار كۆزۈمگە زادىلا سىغمىدى. 8b-Q F
-مەسىلەن /!$c/QZ
-ئۆينىڭ ئىچىگىلا چوڭ-كىچىك تەرەت قىلىۋىرىدىكەنسىلەر،ئاشنىڭ سۈيى بىلەن يۈندىنى بىر يەرگە تۆكۈۋىرىدىكەنسىلەر،خوشنىلار ئارا كىرىش-چىقىش قىلىشمايدىكە- نسىلەر،تاماق سۇنۇشمايدىكەنسىلەر،رەسمىيەت ئۈچۈنلا ھال-ئەھۋال سورۇشىدىكە- ps%q9}J
نسىلەر، سالام-سائىتىڭلارتولىمۇ سۇس ئىكەن،مېھرى-مۇھەببەتمۇ كەمكەن،خوشنى- 0#&5.Gr)
خۇملۇملار بىر-بىرىڭلارنىڭ ئىسمىنىمۇ بىلىشمەيدىكەنسىلەر تېخى... ws|;`
سايىتجان ئانىسىنىڭ نىمىشقا جىمخورلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى % !>I*H
چۈشەنگەندەك بولدى.سېنىڭ مېنىڭ دېمەي بارىنى تەڭ تالىشىپ يىشىدىغان ،ئۆلۈمدە تەڭ يىغلاپ، تويدا تەڭ كۈلۈشۈپ،تەڭ ئويناپ ئۆتۈشىدىغان كىندىك قېنى تۆكۈلگەن سەھرالىق مېھمان-دوست،ئاق كۆڭۈل كىشلەرنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى-دە، ئېغىر خۇرسىندى، ئۇلۇغ كىچىك تىندى.كۆزلىرىگە مۆللىدە ياش كەلدى،چىرايىدىن تۆكۈلۈپ تۇرىۋاتقان ئەلەمنى ئانىسىغا بىلدۈرمەسلىك ئۈچۈن باشقا ياققا قارىۋالدى.ئانىسىنىڭ مۇڭلۇق ھالىغا قاراپ كۆڭلى قاتتىق بۇزۇلغانتى. ul2")HL];
-ئانا يەنە قانداق ئىشلار سېزنىڭ كۆزۈڭىزگە سىغمىدى؟ H77"
-توۋا دەيمەن بالام ،ئۆيدە ئولتۇردۇق دەپ ھاۋايى مۇئەللەقتە ئوتۇرىدىكەنسىلەر، ?yR&/a
يەنە كىلىپ تېخى بىر –بىرىڭلارنىڭ بېشىغا دەسسەپ ياشايدىكەنسىلەر. \lC
-شەھەر دېگەن شۇ، قەۋەت ئۆي دېگەن شۇ. C@W"yYt
-شەھەر دىگىنىڭغۇ مەيلى قەۋەت-پەۋەت دېگىنىڭ زادىلا قاملاشماپتۇ بالام ،ئۇلى ئانا يەرگە تەگمىگەن ئۆينى قانداقمۇ ئۆي دىگىنى بولسۇن شۇڭا بالام... *nsAgGKKM^
-سىز نىمە دىمەكچى ئانا-سايىتجان چىراىدىن مىسكىنلىك تۆكۈلۈپ تۇرغان i35=Y~P-
ئانىسىنىڭ كۆزلىرىگە تەلمۈردى. 3?Pn6J{O
-مېنى رازى قىلاي دېسەڭ سەھرادىكى ئۆيۈمىزگە ئاپپىرىپ قوي،كۈنەلمىدىم بۇ يەرگە، lBFMwJU)
كۈنەلمىدىم سىللەرنىڭ ھاۋايى مۇئەللەقتىكى بۇ ئۆيۈڭلارغا.-ئانىنىڭ ئاۋازىدا بىر خىل قەتئىلىك بار ئىدى.قانچە قىلغان بىلەن ئانا نىيىتىدىن يانىدىغاندەك قىلمايتى. ئۇ P7MeX(Tay
سەھرانى،ئىرى بىلەن بىرگە ياشىغان ئۆيىنى خۇلۇم-خوشنىلارنى بەكمۇ سېغىنغانتى. =xJKIu
-سىز كەلگىنى ئون كۈنمۇ بولمىدى،بۇنداق قىلسام خەقلەر نىمە دەيدۇ؟ دۇشمەنلىرىم نىمە گەپ تاپمايدۇ؟يامان كۈنەلمىگەن بولسڭىز ئاپپىرىپ قويسام قوياي،يەنە بىر JEgx@};O
مەزگىل چىداڭ، كەلگىنىڭىزگە بىرەر ئاي بولسۇن. Vy,^)]
-راستىمنى ئېيتسام بالام بەك ئىچىم سىقىلىپ،بۇرخۇتۇم بولۇپ كەتتىم،داداڭ رەخمەتلىك بىر نەچچە قېتىم چۈشۈمگە كىرىپ قالدى،ئۆينىڭ چىرىغىنىڭ ئۆچۈپ قالغانلىقىدىن ئۇنىڭ روھى قورۇنىۋاتقان چېغى...-سىپىرىخان ئانا شۇنداق دەپلا بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى. X2i}vjkY
ئۆلۈپ كەتكىنىگە خېلى يىللار بولغان ئىرىنى موماي زادىلا ئۇنتۇيالمىغانتى. ئانىسىنىڭ @L:>!<
شۇ تاپتىكى ھالىدىن سايىتجاننىڭ قەلبىدە ئازاپلىق بىرتۇيغۇ داۋالغۇشقا باشلىدى. ئۇ ھىچقاچان بۇنداق تۇيغۇدابولۇپ باقمىغانتى.ئانىسىنىڭ دادىسى رەخمەتلىكنى ئاغزىغا ئالغان چاغدىكى تۇرۇقىدىن ئۇنىڭ ئىچى سىرىلىپ كەتكەندەك بولدى. ‹‹دادام مېنى ئوقۇتىمەن دەپ كۆرمىگەننى كۆردى.ئۇ ئوقۇمىغان ئادەم بولسىمۇ لېكىن يىراقنى كۆرەتتى .دادام دائىم ‹نادانلىقتىن قۇتۇلماي تۇرۇپ نامراتلىقتىن،قالاقلىقتىن قۇتۇلغىنى بولمايدۇ،شۇڭا سەن تىرىشىپ ئوقۇ، مەن سېنى ھەرقانچە جاپا تارتساممۇ ئاخىرىغىچە ئوقۇتىمەن. باشقىلارنىڭ قولىغا قاراپ قالماي،باشقىلارنىڭ قولىغا قالماي دېسەڭ چوقۇم ئوقۇشىڭ، ئوقۇغاندىمۇ ياخشى ئوقۇشىڭ كېرەك،بالام ئاتا-ئانا ئۈچۈن بالىسىنىڭ بەختسىزلىكىنى كۆرۈشتىنمۇ ئارتۇق ئازاپ ،خورلۇق بولمايدۇ،خۇدا بىرىنى بەرسىمۇ ساڭا بىرەر، مىڭنى بەرسىمۇ ساڭا بىرەر› دەيتى.بىچارە دادام مەن ئوقۇش پۈتتۈرگىچە جاڭگالدىن ئوتۇن ئەككىلىپ سېتىپ ئوقۇش پۇلۇمنى ھەل قىلىپ بەردى،مېنى دەپ تېشىدا ھېيىت ئويناپ،ئىچىدە رۇزا تۇتۇپ ، ئۆزى يىمەي ماڭا يىگۈزۈپ، ئۆزى كەيمەي ماڭا كەيگۈزۈپ،مېنى خەج-خىراجەتتىن قىسمىدى.ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ ئەمدىلا خىزمەتكە چىقىشىمغا تۇيۇقسىزلا بۇ ۋاپاسىز دۇنيانىڭ زورلۇق-شومبۇللۇقىدىن،زۇلۇم-خورلۇقىدىن، جەبرى-جاپاسىدىن،قايغۇ-ھەسرىتىدىن،دەرت-ئەلىمىدىن بىراقلاقۇتۇلدى.ئەمما بىچارە بىر ئۆمۈر بالا دەپ ياشاپ بالىنىڭ خولۇقىنى كۆرمەي كەتتى. مەن ئۇنىڭغا بەك قەرزدار،مەن ئۇنىڭغا كۆپ-كۆپ قەرزدار،ئايلىقىمنى ئېلىپ بىر كېتىم بولسىمۇ ئاشخانىغا باشلاپ كىرىپ بەش مانتا ئېلىپ بىرەلىگەن بولسام كاچكى ۋاي ئىسىت،مىڭ ئىسىت...›› سايىتجاننىڭ كۆز ياشلىرى تۆكۈلۈشكە باشلىدى.ئۇ يىغلاۋاتاتتى،ياق ئۇنىڭ يۈرۈكى ئۆكسۇپ يىغلاۋاتاتتى،ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ئارمانلارغا لىق تولغان يۈرۈكى ياش تۆكۈۋاتاتتى. ھەممە ئادەم كۈلۈپ يۈرگەندەك قىلغان بىلەن دەردىنى ئۆزى بىلىدۇ،ئادەملەرنىڭ دەردلىرى،قايغۇ-ئازاپلىرى ،ئېغىرچىلىقلىرى،غەم-غۇسسىللىرى `TPOCxM Mo
ئۆزىگە يىتىپ ئاشقۇدەك،بىر بىرىنىڭكىنى تارتىشىپ بىرىشكۈچىلىكى يوق.ئەڭ يامىنى mA@Me7m}
ئادەملەردىكى مېھرى-مۇھەببەت كۈندىن-كۈنگە سۇسلىشىپ كېتىۋاتىدۇ،ھەر قانداق بىر ئىشقا مەخسەت-مۇددا ئارلىشىپ كەتكەچكە تەتۈر قىسمەتلەر ماڭدامدا بىر. ئىسىل ئۆرپى-ئادەتلەرنىڭ يوقۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق تەشۋىشلىنىپ،يوقۇلۇپ كېتىۋاتقان مۇقەددەس ئەنئەنىلەردىن يۈرۈكى مۇجۇقلىنىۋاتقان سىپىرىخان ئانا ئوغلىنىڭ كۆزلىرىدىكى ياشنى كۆرۈپ چۇچۇپ كەتتى،يۈرۈكى ئېچىشقاندەك بولدى.غەملىرى ئۈستىگە غەملەر، ھەسرىتى ئۈستىگە ھەسرەتلەر قېتىلدى. بىر-بىرىدىن تەشۋىشلىك خىياللار ئۇنى تەتۈر قىيناشقا باشلىدى. "y<?Q}1
-بالام ساڭا ئىچىم ئاغرىپ قالدى،بۇ يەردە مېھرى-مۇھەببەت، ۋاپا-ساداقەت كۈندىن – OOz[-j>'Y+
كۈنگە يوقۇلۇپ كېتىۋىتىپتۇ،سالام-سائەت دېگەن بىر تىيىن ئىكەن،بىرىنىڭ بېشىغا ئېغىركۈن چۈشسە ئىككىلەنمەي ياردەم قىلىدىغانلار تېپىلمايدىغان ئوخشايدۇ...-ئانا جىمىپ قالدى،پات-پات ئېغىر ئۇھ تارتاتتى،ئۇلۇغ كىچىك تىناتتى. ئۇنىڭ مىسكىن چىرايىدىكى ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرۇتقىدەك تۈرۈكلەرنى كۆرۈپ سايىتجاننىڭ ئىچىگە توشۇپ كەتكەن ئەلەملىرى تاشقىنلاشقا باشلىدى. y tf b$;|
-نىمىلەرنى ئويلاپ كەتكەنسىز ئانا؟ |s)?cpb
-سەندىن بېشىم قېتىپ قالدى شۇ.كىشىنى بىزار قىلىدىغان ،مەنىسىز،سوغوق،زىرىكىشلىك شاۋقۇن –سۈرەنلەرنىڭ سېنى يەپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ قالدىم... b4""|P?L
-ئۆزۈڭىزنى ئويلاڭ،سالامەتلىكىىزنى ئاسىراڭ،مەن بىر ئوبدان تۇرىۋاتىمانغۇ مانا. `[YngYw
-قايسى ئانا بالىسىنى ئويلىماي،بالىسىنىڭ ئەتىسى ئۈچۈن باش قاتۇرمايدىكەن،سەن AisN@
بەختلىك بولساڭلا،سەن خاتىرجەم بولساڭلا ماڭا شۇ كۈپايە بالام ،باشقىسىنىڭ كېرىكى يوق،پەيخەمبەر بەرسە شەيتان قىزغىنىپتۇ دېگەندەك ئىش بولمىسىلا بولاتتىغۇ ئاخىر. CCGV~e+
سەن كىچىكىڭدىن بەك ئاق كۆڭۈل،مېھرىبان ئىدىڭ،كۆڭلى قارىلار سېنىڭ شۇ ئاق irZFV
كۆڭۈللۈكىڭدىن پايدىلىنىپ كېتەمدىكىن دەپ يۈرۈكىم سۇ،داداڭ رەخمەتلىكمۇ تۇز 5')8r';,
كۆڭۈللۈكنىڭ دەردىنى بەك تارتقان ھېلىقى قۇيۇن-چاپقۇنلۇق يىللاردا، ھۇشيار بول بالام، ئىتىقادى سۇسلۇشۇپ كېتىۋاتقان كىشلەرگە ئىشەنگىنى بولمايدۇ بۇ ئاي، بۇ كۈنلەردە ، 1Fi86
ئۆزۈڭنىڭ خۇشاللىقىنى دەپ باشقىلارنىڭ يۈرۈكىنى ئاغرىتىدىغان،كۆزلىرىدىن ياش ئاققۇزىدىغان ئىشلارنى ھەرگىزمۇ قىلمىغىن... g+C!kaC)
-ئانا بەك مۇرەككەپ ئويلىۋالماڭ ،ياشىنىپ قالدىڭىز ،ئاخىرقى كۈنلىرىڭىزنى بەختىيار ]fI/(e_U
ئۆتكۈزۈڭ بۇ يەردە...- ئانىسىنىڭ ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرۇتقىدەك دەرجىدە بوشاپ rCRgzC
كېتىۋاتقانلىقى ئۇنى قاتتىق ئازاپلاشقا باشلىدى.بىر نەرسە دىيىشكە ئۆمەللەنگەن لەۋلىرى ئۆزلۈكسىز تىتىرەيتى. 0%;146.p
‹‹ئانام سېغىنغان سەھرادا ئانامنىڭ قان-تەرى سىڭگەن ئۆيىمىز، ھويلا-ئارام،ئېتىز-ئېرىق،باغ-ۋاران بار،دادامنىڭ قەبرىسى بار،ئانام سېغىنغان سەھرانىڭ كېچىسى تولىمۇ `4CWE_k
سۈيۈملۈك، ئانام سېغىنغان سەھرانىڭ كېچىسى تولىمۇ گۈزەل،تولىمۇ سۈرلۈك.سەھرا كېچىسى بەزىدە شۇنداق جانلىنىپ كىتەتتىكى، بالىلارنىڭ ۋاڭ-چۇڭلىرى،ھەرخىل قۇشلارنىڭ بەس-بەس بىلەن سايراشلىرى،كالا-قويلارنىڭ مۆرەپ-مەرەشلىرى، ئىشەكلەرنىڭ ھاڭراشلىرى ،ئىتلارنىڭ قاۋاشلىرى،پاقىلارنىڭ كۇكۇراشلىرى ،سۇچى يىگىتلەرنىڭ ئوتلۇق،ئارمانلىق ناخشىللىرى ئۆزگىچە.ئانام سېغىنغان سەھرانىڭ كېچىسى بەزىدە شۇنداق جىمجىت بولۇپ كېتەتتىكى ئادەم ئۆزۈنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى بىمالال ئاڭلىيالايتى. بۇ يەردە دىللارنى دىللارغا چاتىدىغان، دوستلۇق،مېھرى-مۇھەببەتنى كۈچەيتىدىغان ،ئادەملەرنى ئەدەپ-ئەخلاققا يىتەكلەيدىغان، ئۆملۈك،ئىناقلىققا ئۈندەيدىغان ،مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇرىدىغان ، قەلبىدىكى بىر-بىرىگە بولغان ئىشەنچنى، مېھرىبانلىقنى،مۇستەھكەملەيدىغان قويۇقلاشتۇرىدىغان مەشرەپ بار، يەنە نۇرغۇن-نۇرغۇنلىغان نەرسىلەر بار ...بۇ يەردە بىرى بىرى بىلەن بەسلىشىپ چىللىشىدىغان خورازلار يوق،بۇ يەردە يادلارنى كۆرسە مەھەللىنى بېشىغا كىيىدىغان تىرىككەك ئىتلار يوق،بۇ يەردە چاچقانلارنىڭ كۈشەندىسى مۈشۈكلەر يوق،دەپ كەلسە بۇ يەردە يەنە نۇرغۇنلىغان نەرسىلەر يوق،يوق،يوق...›› fH8!YQG8$
-نىمىلەرنى ئويلاۋاتىسەن بالام،جىمىپلا كەتتىڭغۇ؟ 7XyOB+aQO
-مېنى ئاپپىرىپ قويغۇڭ يوقمۇ؟ ئاپپىرىپ قويۇشقا ۋاختىڭ بولمىسا يولغا سېلىپلا قوي UlQQP^Na
ئۆزۈم كېتەلەيمەن،ئەنسىرىمەي يولغا سېلىۋەرگىن بالام. X^@[G8v%
-دىدىمغۇ ئانا ئاپپىرىپ قويمايمەن ئەمەس ئاپپىرىپ قويىمەن بىر نەچچە كۈن چىدىغىن، كىلىنىڭ كاماندۇرۇپكىدىن كەلسۇن . {sC=J hs-
-قاچان كىلە؟ -0,4egj3
-ئەتە-ئۆگۈن كىلىدۇ. -'C!"\%
سىپىرىخان ئانا جىمىپلا كەتتى.چىرايىدىكى غېرىپسىنىش،مۇڭسىراش ،سېغىنىش iG[?]]
ئالامەتلىرى تېخىمۇ رۇشەنلەشتى.‹‹تامخوشنام نىساخان قانداقراق تۇرغاندۇ؟ كېسەل-ئاغرىق تارتىپ قالغانمىدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا ئوغلى دوختۇرغا ئاپپارغانمىدۇ؟ قىزى كىلىپ بېقىۋاتاممدىغاندۇ-يا؟ بۇ بالىلار ئەجەپمۇ كۈيۈمسىز چىقىپ قالدى ،بىچارىنىڭ ئۇلارنى چوڭ قىلغۇچە كۆرمىگىنى قالمىغان...يانخوشنام ھىلىمىخان نىمىشلەرنى قىلىپ يۈرگەندۇ، ئەجەپمۇ ئوڭلۇق، كۈيۈمچان ئايال جۇمۇ ئۇ بىچرە بېشىغا كۈن چۈشكەنلەرگە قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىدىغان ...ئۇدۇل خوشنام ياسىناخۇن يەنە شۇ بەڭ تارتىپ كىم بىرەر تاۋاق تاماق ئەككىرىپ بىرەركىن دەپ ئىشىككە تەلمۈرۈپ ياتامدىغاندۇ،باغلاقتىكى ئىتتەك .ئۆزۈنىڭ ئاشۇنداق ئوسال خۇيى بولغاچقا ئۆمۈر بويى خوتۇن ئالالماي ئۆتۈپ كېيىۋاتىدۇ...›› سىپىرىخان ئانىنىڭ كۆز ياشلىرى تاراملاپ تۆكۈلۈشكە باشلىدى.بۇ ياشلار سېغىنىش بىلەن تويۇنغان ياشلار ئىدى،بۇ ياشلار مۇھەببەت بىلەن يۇغۇرۇلغان ياشلار ئىدى.بۇ ياشلارنىڭ ئىچىگە تەشنالىق،تەقەززالىق يوشۇرۇنغانتى.نىساخان ،ھىلىمىخانلارنى ئويلاۋىرىپ سىپىرىخان ئانىنىڭ كۆڭلى تولىمۇ يېرىم بولىۋاتاتتى. ZcZ;$*
-ئانا نىمە بولدىىڭىز؟ cj(X2L
-قولۇم-خوشنىلار يادىمغا كىلىۋالدى،مەھەللىمىزدىكى ئوماق بالىلارنىڭ تاتلىق &QY#3yj=
قىلىقلىرى كۆز ئالدىمغا كېلىۋالدى. ( D}"&2
-ئانا بولدى كىلىنىڭىزنى ساقلىمايلى مەن سىزنى سەھراغا ئاپپىرىپ قوياي. 3%M.U)|+
-راستما؟ iUNnPJh
-راست. A!;meVUs
-مېنى ئالدىماۋاتقانسەن بالام،سايىتجان؟ D_aR\
-سىزنى نىمىشقا ئالدۇغىدەك مەن،سىز خۇشال بولىدىغان ئىشنى قىلاي ئانا،سىز D9ywg/Q91
مۇڭلۇنۇپ تۇرسڭىز مەن چىدىيالمايدىكەنمەن،سىزدىن بەكىرەك ئازاپلىنىدىكەنمەن،ئانا! h>tsis'N9
-مېنىڭغۇ سەندىن ئايرىلغۇم يوقتى بالام،شۇنچە قىلىپمۇ كۆنەلمىدىم،كۆڭلۈم داداڭ 4qBY%1
رەخماتلىك ئۆز قولى بىلەن سېلىپ چىققان ئۆينى تارتىپلا تۇرىۋالدى،ھەر پەيشەنبە كۈنى ئۇنىڭ قەبىرىسىنى يوقلىغىنى چىقاتتىم ،مانا توپتوغرا ئون كۈن بوپتۇ يوقلىيالمىغىنى،روھى قانچىلىغان قېتىم يولغا تەلمۈرگەندۇ،قورۇنغاندۇ... ,^!Zm^4,
-كۆڭلۈڭىزنى يېرىم قىلماڭ مانا ھازىرلا يولغا چىقىمىز. C[W5d~@;E
-خوتۇنۇڭ كېلىپ قالسا سەندىن ئەنسىرەپ يۈرمىسۇن،مېنى يولغا سېلىپلا قوي،ئۆزۈم Wb'*lT0=
كېتەي. 5#BF,-Jv
-خاتىرجەم بولۇڭ كەلمەيدۇ تېخى. F94V 5_[
-شۇنداق بولسىمۇ دەيمىنا ئەمدى،سەن چىقىمدار بولۇپ نىمىشقىمۇ بېرىپ،كىلىپ TVj1C
يۈرەرسەن بالام؟ _i.({s&_9
-يۈرۈڭ ئانا . NywB3
-ھازىرلا ماڭامدۇق؟ -aA<.+
-ھەئە. Lq3(Z%
سىپىرىخان ئانا بۆلەكچىلا تىتىكلىشىپ كەتتى.چىرايىدىكى غەمكىنلىكلەر il=?o f\,i
ئاللىقاياقلارغىدۇر غايىپ بولغانتى.سايىتجان ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى مەھكەم ئەتكەندىن كېيىن ئانىسى بىلەن بىرىكلىكتە ئالتىنچى قەۋەتتىن تۆۋەنگە قاراپ چۈشۈشكە باشلىدى.ئۇنىڭ قەدەملىرى شۇنچە يىنىك، شۇنچە تىتىك يۆتكىلەتتى. rrW! X q
-بالام ماشىنىغا ئىلگۈرەلەمىزمۇ؟ x0y%\
-ئىلگۈرىمىز ئانا. `>dIF.
-ناۋادا ئىلگۈرەلمەي قالساق... YNuewD
-خاتىرجەم بولۇڭ ماشىنا دېگەن تولا. E`?S!*jm
-ئۇنداق بولسىغۇ مەيلى بالام-ئانا ئوغلىنىڭ گىپىدىن خاتىرجەملىك ھىس قىلىپ wn&[1gBxM
قەدەملىرىنى تېخىمۇ تىز-تىز يۆتكەشكە باشلىدى.ئۇ مەھەللىسىنى،خۇلۇم-خوشنىللىرىنى تولىمۇ سېغىنغانتى... `[w}hFl~q
*** FjK Ke7
-بالام بۇ پىكاپ نىمىنداق ئاستا ماڭىدۇ دەيمەن. (, ;MC/l
-بۇنى قانداقمۇ ئاستا ماڭدى دېگىنى بولسۇن،تىزغۇ. wWp?HDl"M
-نى ئالەم يولغا چىققان، تېخىچە توخۇ مەھەللىسى كۆرۈنمەۋاتسا... z:@d@\$?
-ئاز قالدۇق،ھازىر دوڭ قوتاندىن ئۈتۈپ بولدۇق،بەشتامغىمۇ كەپ قالدۇق ئانا! 7lnM|nD
ئۇلار كەچ ناماز دېگەردە مەھەللىسىگە يىتىپ كەلدى.ئۇلارنى ئېلىپ كەلگەن پىكاپ، Dg ?Ho2ih
ئادەمسىز چۆلدەرەپ قالغان بىر ھويلىنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدى.پىكاپنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ كەلگەن قۇيۇق توپا-چاڭ سەل بېسىققاندىن كېيىن ئانا–بالا پىكاپتىن L%=BCmMx
چۈشتى.پىكاپ يەنە قۇيۇق تۇپا-چاڭ تۇزۇتۇپ كەلگەن يولى بىلەن يۈرۈپ كەتتى.جانغا راھەت ساپ ھاۋا سايىتجاننىڭ يۈرۈكىنى ئاجايىپ بىر ئىللىق تۇيغۇغا تولدۇرىۋەتتى.سىپىرىخان ئانىنىڭ كۆڭلى خېلىلا ئارام تېپىپ قالغانتى. ئۆزى سېغىنغان مەھەللىسىنىڭ ساپ ھاۋاسىنى قانماي-قانماي ئىچىگە شۇرايتى.كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۈكۈلەتتى. fb;hf:B:
سىپىرىخان ئانىنىڭ شەھەردىن يېنىپ كەلگەنلىكىندىن خەۋەر تاپقان بارلىق خۇلۇم- {Hrr:hC
خوشنا، مەھەللە-كويلار توپا ئۆرلەپ كەتكەن ھويلىنى بىر ئالدى.ئۇلار بىر ھازا يىغا-زارە dqK
قىلىشقا ندىن كېيىن، ياشلىرىنى سۈرتۈشۈپ، بىر-بىرى بىلەن قىزغىن كۆرۈشۈشتى. ھال-ئەھۋال سوراشتى.ئاندىن كېيىن دەرھال ئۆيلەرنى تازلاشقا،ھويلىنى-ئاراملارنى سۈپۈرۈشكە كىرىشىپ كەتتى.بىرلىرى ئەخلەت تۆكەتتى،بىرلىرى سۈپۈرۈلۈپ بولغان يەرگە سۇ سىپەتتى،بىرىلىرى كىگىز،تىكمەتلەرنى، بەزىللىرى يوتقان–كۆرپىلەرنى قېقىشتۇراتتى،بەزىللىرى ئىشىك –دەرىزىلەرنىڭ توپا بېسىپ كەتكەن ئەينەكلىرىنى پاكىز سۈرتەتتى... KJ05Zx~uma
-بالام ئاۋۇ قوتاندا شوتا بار ئەپ چىقە - ئانا بىر- بىرى بىلەن بەسلەشكەندەك ئۆي، *1;L,*J"|
ھويلا-ئارامنىڭ ئىشلىرىنى قىلىۋاتقانلارغا قاراپ تىكىلىپلا قالغان بالىسىغا شۇنداق دېدى. _3g %F
سايىتجان قولى قولىغا،پۇتى پۇتىغا تەگمەي ئىشلىشىۋاتقان ئاق كۆڭۈل ئىشچان jw6 ng>9
كىشلەرگە قارىغىنىچە تۇرۇپلا قالغانتى.ئۇنىڭ يۈرۈكى ھاياجاندىن بۆلەكچىلا سېلىپ كېتىۋاتاتتى. سىپىرىخان ئانا ئىككى چوكان ئېلىپ چىقىپ تامغا تىكلىگەن شۇتى بىلەن ئۆگزىگە چىقتى-دە،تۆت ئەتىراپقا تويماستىن قاراشقا،ئۇ ئۆزىنى بۆلەكچىلا يىنىكلەپ قالغاندەك ھىس قىلىپ قېنىپ-قېنىپ نەپەس ئېلىشقا باشلىدى... jAK`96+D~b
[s&y_[S
4<!}4
8Gzs
G5Dji_ |
:8/M6-EK
l2_E6U"
d4rJ?qw
ئاتۇش شەھەر كاتتايلاق يېزا رادىئو-تېلىۋىزىيە پونكىتى T;vPR,]rz
mf_9O
adminتەرىپىدىن تەستىقلاندى