ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 56 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەتە       (zorawann )
zorawann
دەرىجە: كۆنگەن ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 5486

  جىنسى: يىگىت
ئۇنۋان:رەسمىي ?????????30????
ئۆسۈش: 3%
  نادىر تىما: 0

  يوللانما: 30
  شۆھرىتى: 66 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 478 يۈەن
  تۆھپە: 49 قېتم
  ياخشى باھا: 28 قېتىم
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 548سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-03-27
  كىرىشى: 2011-05-11
باش تىما  |يوللانغان ۋاقت: ئالدىنقى كۈنى

تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەتە       (zorawann )

ئەسكەرتىش: بۇ يازما bayawan تەرىپىدىن ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار بۇ رايونغا يۆتكەلدى(2011-05-10)
تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەتە .<FH>NW)  
ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي JbbzV>  
دۇنيادا مۇئەييەن تۇرغۇنلۇققا ئىگە بولغان ھەر قانداق شەيئىنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرى ۋە كەلگۈسى بولىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئالەم تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەرتىنىڭ بارلىقى بىلەن مەۋجۇد. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئالەمنى ئالەم قىلغان ئاشۇ تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەرتىدىن ئىبارەت ئۈچ قېرىنداش. پاكىت شۇكى، تۈنۈگۈن ــ بۈگۈننىڭ ئانىسى، بۈگۈن بولسا، ئەرتىنى تۇغىدۇ. شۇڭا بۈگۈننىلا تونۇپ، ھازىرنىلا ئويلاپ، تۈنۈگۈننى قارىلاش، ئەرتىنى قارغاش ئاقىللىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ. xo&_bMO  
بەزىلەر: «تۈنۈگۈن ــ ۋاقتى ئۆتكەن چەك، ئۇنتۇپ كېتىڭ» دەيدۇ. بىراق ئالدىڭغا قاراپ باق، ئەنە ئاشۇ سەن سۈپسۈزۈك سۈيىنى ئىچىۋاتقان قۇدۇق بۈگۈنلا ئاپىرىدە بولۇپ قالغان ئەمەس، ئۇنى دەسلەپ سېنىڭ بوۋاڭ كورلىغان. كېيىن داداڭ نەچچە رەت ئۇنىڭ لاي-لاتقىلىرىنى ئېلىپ، كۆزىنى قايتىدىن ئاچقان. ھالبۇكى، سەن بۈگۈن ئۇنىڭ سۈيىنى ئىچىۋېلىپلا مەزكۇر قۇدۇقنى كورلىغۇچىنى ئۇنتۇپ كەتسەڭ بولامدۇ ۋە ئۇنتۇپ كېتەلىشىڭ مۇمكىنمۇ، ئاخىر؟! دۇرۇس، سەن دېگەندەك بوۋاڭ قاراڭغۇ ئۆڭكۈردە ياشىغان، ئەجدادىڭ بۈگۈن سەن ئېرىشكەندەك ئوچۇقچىلىققا، يورۇقلۇققا مۇيەسسەر بولالمىغان بولغىيدى. بىراق، ئېسىڭدە بولسۇن، سېنىڭ بوۋاڭ، ئۇ قاراڭغۇ ئۆڭكۈردە نىشانسىزلا تىمىسقىلاپ يۈرگەن ئەمەس، بەلكى ئۇ يەردە ئۇ «ھالال ئەمگەك» ماركىلىق ھايات مەشئىلىنى يورۇتقان، ئىجاد مېتىنى بىلەن جاھالەت ئۆڭكۈرىنى تېشىپ، بۈگۈنكى ئوچۇقچىلىق ۋە يورۇقلۇققا يول ئاچقان. C!!M%P  
راست، داداڭنىڭ نادانلىق تۈنىدە تېڭىرقاپ يۈرگەنلىرىمۇ باردۇ. بىراق، ئۇ، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ رايى، ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بىلەن سادىر قىلغان ئاداققىي گۇناھى ئەمەس، ماقۇل، ئۇ شۇنداق گۇناھ سادىر قىلغانمۇ بولسۇن، شۇنىڭلىق بىلەن ئۇ ئەمدى مەڭگۈ ئەيىبلىكمۇ؟ ئۇنىڭ ساڭا قالدۇرغان تەجرىبىسى ھېچبىر ئەھمىيەتلىك ئەمەسمۇ؟ &z3o7rif$  
تۈنۈگۈن ــ بۈگۈن ئۈچۈن ئەينەك. تۈنۈگۈن ــ بۈگۈن ئۈچۈن تەجرىبە خەزىنىسى. ھەتتا، تۈنۈگۈنكى ئەلەم، جاپا ۋە قاباھەتلىك چۈشلەرمۇ بۈگۈن ئۈچۈن تىلغا ئېلىش، ئەسلەش، ساۋاق ئېلىش، ئۆرنەك قىلىش قىممىتىگە ئىگە. چۈنكى، تۈنۈگۈنكى ئوڭۇشسىزلىق بۈگۈنكى غالىبىيەتنىڭ ئۆز ئانىسى، تۈنۈگۈنكى جاپا-مۇشەققەت بولسا، بۈگۈنكى راھەت-پاراغەتنىڭ ئىبرەت تانىسىدۇر. دەرۋەقە، «يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى» چۈشەنچىسىنى چىقىش قىلىپ، «يىللارنىڭ ئۆمۈرنى ئوغرىلاپ، ئارقىسىغا قارىماي يورغىلاپ مېڭىپ، ‹ھايت-ھۇيت› دېگۈچە قىزلارغا قورۇق، ئەرلەرگە ساقال سوۋغا قىلىۋېتىدىغان» ئەمەلىيەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۈگۈن تولىمۇ قەدىرلىك، تولىمۇ قىممەتلىكتۇر. خۇددى مۇتەپەككۇر لى داجاۋنىڭ: «بۈگۈن ــ ھاياتتۇر. بۈگۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچتۇر، بۈگۈن ــ ئىجادىيەتتۇر. مېنىڭچە، دۇنيادا ئەڭ قىممەتلىك نەرسە بۈگۈن، ئەڭ ئاسان مەھرۇم بولىدىغان نەرسىمۇ بۈگۈن. ئۇ بەك ئاسان قولدىن كېتىپ قالىدىغان بولغاچقا، ئەڭ قىممەتلىكتۇر» دېگىنىدەك. شۇڭا، بۈگۈننى قەدىرلەش، بۈگۈننى ئۇلۇغلاش، ئىمكان قەدەر بۈگۈننى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش تولىمۇ زۆرۈردۇر. ITBE|b  
بۈگۈننى قەدىرلەش ئىش يۈزىدە، بۈگۈندىن ئىبارەت مۇشۇ ۋاقىتنى، بۈگۈنكى ئەمگەكنى ۋە بۈگۈنكى ئادەملەرنى قەدىرلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 'H!Uh]!  
بۈگۈنكى ۋاقىت قەدىرلىك، چۈنكى، ئۇ تۈنۈگۈن يوق ئىدى، ئەرتە مەۋجۇد بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، بۈگۈننى ئەمگەك بىلەن، ئىجاد بىلەن ئۆتكۈزمىسەڭ، بۈگۈننىڭ كۈنى تاغنىڭ كەينىگە پاتقاندا، ئەپسۇس لېۋىڭنى ھەسرەت چىشىڭ بىلەن چىشلەپ قالىسەن. d0ks G$  
بۈگۈنكى ئەمگەك قەدىرلىك. چۈنكى، ئۇنىڭ بىلەن بۈگۈننىڭ بىناسى ئۆرە تۇرىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن بۈگۈنكى تۇرمۇش جانلىنىدۇ، شۇڭا، سەنمۇ بۈگۈن ئۈچۈن ئەمگەك قىل، بۈگۈنكى ئەمگەكلەرنى قەدىرلە. ئۇنداق قىلمىساڭ، ئەمەلىيەتتە، ئۆزۈڭنىڭ بۈگۈنكى مەۋجۇدىيىتىڭنى ئۆزۈڭ دەپسەندە قىلغان بولىسەن. O/C rd/  
بۈگۈنكى ئادەملەر قەدىرلىك. چۈنكى، بۈگۈنكى ھايات مۇشۇ بۈگۈن ياشاۋاتقان سەن، مەن ۋە ئۇلار بىلەن گۈللىنىدۇ. شۇڭا، بۈگۈنكى ئادەملەرنى قەدىرلە، بوۋاڭ ئېيتقان: «ئۆلگەندىن كېيىن ‹ياسىن› ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يوق» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىمۇ نەق شۇ. Fxz"DZY6  
بىراق، بۈگۈننى قەدىرلەش ھەرگىزمۇ كەينىدە تۇرغاننى تېپىش، ئالدىغا كەلگەننى چىشلەشنىڭ باھانىسى، ھەممىنى مۇتلەق ئىنكار قىلىشنىڭ نەزەرىيە دەستىكى، «بۈگۈن قورسىقىم تويسىلا بولدى، ئەرتىگە خۇدايىم بار» دەيدىغان ھورۇنلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى بەزلەش تۇمارى بولۇپ قالماسلىقى لازىم. چۈنكى، يەنە سەمىڭگە سالاي: بۈگۈننىڭ ئانىسى تۈنۈگۈن، بۈگۈندىن تۇغۇلۇر ئەرتە ھەم ئۆگۈن! بۇ ئالەم مەۋجۇدلا بولىدىكەن، كېلەچەك مەۋجۇد، ئەرتە مەۋجۇد. ئىنسانلار ئەقىل ۋە ئاڭ كۈچى ئارقىلىق، مەخلۇقاتلار سېپىدىن ئايرىلىپ چىققان شۇ كۈندىن باشلاپلا، ئۇلاردا كېلەچەكنى كۆزلەش ئىقتىدارى بارلىققا كەلگەن. بۇ ئىقتىدارنىڭ بارلىققا كېلىشى ئىش يۈزىدە، ھايۋان بىلەن ئادەمنىڭ چېكىنى ئەبەدىيلىك، ئېنىق ئايرىغان. دۇنيانىڭ تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكىدەك مۇشۇنداق رەڭدار، كۆركەم ۋە مۇشۇندق قوۋناق ھالغا كېلىشى ئەمەلىيەتتە، ئىنسانلاردىكى ئاشۇ كېلەچەكنى ــ ئەرتىنى كۆزلەش ئىقتىدارىنىڭ سەمەرىسى. +6\Zj)  
ئەرتىنىڭ ئالاھىدىلىكى مىڭ تۈرلۈك بولۇشىمۇ مۇمكىن. بىراق، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن ئەۋزىلى ئۇنىڭ بۈگۈندىنمۇ ياش، رەڭدار ۋە بۈگۈندىنمۇ گۈزەل بولۇشىدا. تۈنۈگۈن بولۇشى ئەقىلغا سىغمايدىغان، بۈگۈنمۇ مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان تۈرلۈك تۈمەن مۆجىزاتلارنىڭ ئەرتە مەيدانغا كېلىشى تامامەن مۇمكىن. مانا بۇ – كېلەچەكنىڭ نېمەت مەۋقەسى؛ مانا بۇ – ئەرتىنىڭ قىممەت مەنبەسى. شۇڭا، ئەرتىگە تەلپۈن، ئەرتە ئۈچۈن چېلىش، شۇنداقلا، ئەرتىدىن نېسىۋە كۆرۈشكە تىرىش! Sm|6 %3  
تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەرتىلەردە يېگانە خاسىيەتلەر جىلۋە قىلىدۇ: تۈنۈگۈن ــ ئەڭ ئەستلىك؛ بۈگۈن ــ ئەڭ قىممەتلىك؛ ئەرتە بولسا، ئەڭ جازىبىلىك ۋە سېھىرلىكتۇر. ~0$&3a<n1  
بۈگۈننىڭ قۇياشىنى كۆرۈپلا تۈنۈگۈنكى كۈننى تىللىما، تۈنۈگۈنكى كۈن بۈگۈنگە سېلىشتۇرغاندا ھەرقانچە ئەرزىمەس بولسىمۇ، ئۇنىڭدا ساڭا ھايات بېغىشلىغان داداڭ بىلەن بوۋاڭنىڭ قەدەم ئىزلىرى بار. ئەھمىيەتلىك يېرى شۇكى، شۇ ئىزلار بولمىغان بولسا، بۈگۈنگە ئۇلاشقان يول بولمىغان بولاتتى. GVn!O1jio  
بۈگۈنكى نەتىجە، شاراپەت ۋە سائادەتلەر بىلەن مەست بولۇپ كېتىپ ئەرتىنى ئەرزىمەس چاغلىما؛ ئەينى چاغدا، بۈگۈنكى ئوڭۇشسىزلىق ۋە مەغلۇبىيەتتىن مەيۈسلىنىپ، تەركىيدۇنياچىلىق كەمىرىنى بېلىڭگە باغلىما. دۇرۇس، بۈگۈن بىلەن ئەرتىنى – كېلەچەكنى سېلىشتۇرۇش ناھايىتى تەس، بىراق شۇنىڭغا ئىشەنگىنكى، ئەرتىنىڭ قۇياشى بۈگۈنكىگە قارىغاندا تېخىمۇ پارلاق؛ ئۇنىڭدىكى ھايات بۈگۈنكىگە قارىغاندا تېخىمۇ يارقىن، تېخىمۇ قايناق. ئۇنىڭ سەندىن تەمە قىلىدىغىنى تىرىشچانلىق، ھالال ئەمگەك ۋە غەيرەت؛ ساڭا ئاتا قىلىدىغىنى بولسا، ئۈمىد، پۇرسەت ۋە كۆڭۈلدىكى نۇسرەتتۇر! yf+)6D -9n  
(«شىنجاڭ ياشلىرى»نىڭ 1994-يىللىق 7- سانىدىن ئېلىندى) CdQ!GS<'y  
مەنبە : ئوكيان تورى +0Y&`{#Z  

-سىز كۆرۋاتقان تىما تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەتە       (zorawann ),دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ

تېما ئادىرسى:
زوراۋان يېگېت
bayawan
ھەممىسى ئانا تۇپراققا مەنسۇپ !
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 24

  جىنسى: يىگىت
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ?????????1633????
ئۆسۈش: 0%
  نادىر تىما: 12

  يوللانما: 1633
  شۆھرىتى: 1293 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 17282 يۈەن
  تۆھپە: 1078 قېتم
  ياخشى باھا: 313 قېتىم
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 9561سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-06-07
  كىرىشى: 2011-05-11
تۇنجى ئىنكاس  |يوللانغان ۋاقت: ئالدىنقى كۈنى

تۇرمۇش ھېكىمەتلىرى ]=BB#  
0H:X3y+  
   ZECfR>`x  
نىكاھ خۇددى بىر جۈپ ئۆتۈككە ئوخشايدۇ.بۇ ئۆتۈكنىڭ پۇتىنى قىستىغان - قىستىمىغانلىقىنى پەقەت ئۇنى كىيىپ باققانلارلا بىلىدۇ. {IjR^J=k  
ئائىلىدە ئەر - خوتۇنلار بىر - بىرىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغاندىن كۆرە ئۆزىنى ئۆزگەرتىپ ، قارشى تەرەپكە ماسلاشقىنى ياخشى. oEv 'dQ9  
بالىلار تەنقىد ئىچىدە ياشىسا؛باشقىلارنى ئەيىبلەشنى ئۆگىنىۋالىدۇ. 9* M,R,y  
مەسخىرە ئىچىدە ياشىسا؛ يۈرەكسىز بولۇپ قالىدۇ؛ W=?<<dVYD  
رىغبەتلەندۈرۈش ئىچىدە ياشىسا؛ ئۆزىگە ئىشىنىشنى ئۆگىنىدۇ؛ {l@{FUv  
رازىمەنلىك ئىچىدە ياشىسا؛ ئۆز - ئۆزىنى قەدىرلەشنى ئۆگىنىۋالىدۇ. uY To 9A  
ھاياتلىقتا توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرىلەشتىنمۇ مۇھىم نەرسەبار، ئۇ بولسىمۇ ئائىلە ۋە مۇھەببەت ئۈچۈن قۇربان بېرىش. tw@X>G1z  
ئۆزىنى قۇرتقا ئايلاندۇرۇپ قويغانلارنىڭ باشقىلارنىڭ دەسسىشىدىن ئاغرىنىشقا ھەققى يوق. SXh-A1t  
ئەقىللىق ئاياللار بەزى ئىشلارنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالىدۇ. %|oym.-I6  
ياشانغانلار ئۆتمۈشكە ئىگە بالىلاردۇر. ;uGv:$([g  
بىز ئۆزىمىزنى بىزار قىلدىغان ئوي - پىكىرلەرنى يېڭىشىمىز لازىم،تاكى ئۆزىمىزنى كۈچلەندۈردىغان ئىددىيەگە ئېرىشكىچە. !ohN!P7&  
z1a7*)8P  
R=?[Nz  
ئەقىل ئۈنچىلىرى [-w%/D%@  
h";L  
بىر ئادەم نېمىنى كۆز - كۆز قىلسا ، قەلبىدە شۇ نەرسىنىڭ كەملىكىنى ئسپاتلايدۇ. H5an%kU|j  
بالىلىقتىكى نادانلىق سۆيۈملۈك، ئۆسمۈرلۈكتىكى نادانلىق كۈلكىلىك،ياشلىقتىكى نادانلىق ئېچىنىشلىق ،ئوتتۇرا ياشلىقتىكى نادانلىق ھەسرەتلىك ، ياشانغاندىكى نادانلىق پاجىئەلىك. DY*N|OnqJ  
دۈشمەننىڭ دوستقا ئايلىنىشى جاننى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن،دوستىنىڭ دۈشمەنگە ئايلىنىشى پۇل ئۈچۈندۈر. -Y8B~@]P?  
ئاتا - ئانىدىن قورقۇش ۋاپادارلىق ، خوتۇندىن قورقۇش مۇھەببەتتۇر. 4qa.1j(R/  
مۇنداق ئادەملار باركى ، ئۇلار سىز مۇۋەپپەقىيەت قازانسىڭىز ، سىزگە ھەسەت قىلىدۇ ، مەغلۇپ بولسىڭىز ،سىزنى مازاق قىلىدۇ. zt%Mx>V@  
پەقەت مۇھەببەتلا باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالايدۇ. zQ PQ  
ئېھتىياجىمىز كۆپەيگەنسىرى ئۆزىمىزنى شۇنچىكى نامرات ھېس قىلىمىز . yhJ@(tu.Gd  
بىزنى ئۆزگەرتىدىغىنى بىز تۆلىگەن بەدەل.ھۇرۇن ئادەمگە قىلدەك ئىش پىلدەك كۆرۈنىدۇ. \U_@S.  
كەشىم يوق دەپ ئاغرىنماڭ ، پۇتى يوق ئادەملەرمۇ ئاز ئەمەس. x)&\z}  
ئەزەلدىن بېرىپ باقمىغان يەرگە بېرىش ئۈچۈن ، ئەزەلدىن كۆرسىتىپ باقمىغان تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىش شەرت. ^.y\(=  
=(^3}x  
مەنبە:ئامانلىق ژورنىلى2011-يىل4-سان

چاقماق چاقىدۇ ئۆچىدۇ ، باھار كېلىدۇ كېتىدۇ . لېكىن تۇنجى مۇھەببەتتىن قالغان ھەسرەت مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ .
marjanbulaq
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 4834

  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:رەسمىي ?????????88????
ئۆسۈش: 1.76%
  نادىر تىما: 0

  يوللانما: 88
  شۆھرىتى: 121 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 1011 يۈەن
  تۆھپە: 101 قېتم
  ياخشى باھا: 30 قېتىم
 مۇنبەردىكى ۋاقتى: 1097سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2011-02-25
  كىرىشى: 2011-05-12
2 - قەۋەت  |يوللانغان ۋاقت: ئالدىنقى كۈنى

ياخشى يېزىلىپتۇ. ئەگەر بىز بۇ تېمىنى ئويلۇنۇپ كۈرۈدىغان بولساق نۇرغۇن ياخشى پىكىرلەرنى بىلىۋالىمىز.