بالىڭىز سەۋرچانمۇ ؟
سۇ
ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلىرىدىن ئاغرىنغان مۇنداق سۆزلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ قالىدۇ : « مېنىڭ بۇ بالام خەقنىڭ بالىلىرىدىن دۆت ئەمەس ، كاللىسى خېلى ئىشلەيدۇ ئەمما سەۋرچان ئەمەس ، قىلغان ئىشىنىڭ بېشى بار ، ئاخىرى يوق ، نۇرغۇن ئىشلاردا يېرىم يولدا توختىتىپ قويىدۇ » بۇ بالىلارنىڭ خارەكتىرىدىكى سەۋرچانلىق ، چىدامچانلىق قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەرەققىياتىدىكى يېتىسشىزلىكنىڭ ئىپادىسى بولۇپ ، ۋاقتىدا قاراتمىلىق تەربىيە قىلمىغاندا ، بالىلارنىڭ بۇ ئادىتىنى ئۆزگەرتىش قىيىنغا توختايدۇ .
ئالدى بىلەن بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ئويناش ۋە باشقا ئىش قىلىش ئەھۋالىنى كۆزىتىش كېرەك : بالا ئۆزى باشلىغان ئىشنىڭ ئاخىرىنى چىقىرالىدىمۇ ، باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرالىدىمۇ ، ئاسانلا يالتىيىۋالدىمۇ ، ۋاز كېچىشتىكى ياكى يېرىم يولدا توختىتىپ قويۇشتىكى پاكىت ئاساسى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنمۇ ؟ دېگەن نۇقتىلاردىن تەپسىلىي كۆزىتىش كېرەك . ئەگەر بالا ھەممە ئىشتا شۇنداق بولسا بۇ بالىنىڭ ئىرادە پەزىلىتىدىكى مەسىلە . بۇنى كىچىكىدىن باشلاپ تۈزىتىشكە كۈچەش كېرەك . بالىنىڭ ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ياكى قەتئىي ئەمەسلىكى چوڭ بولغاندىن كىيىنكى ئۆگىنىش ، خىزمەتلەردە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا ئىنتايىن مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ . سەۋرسىز ئادەملەر كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىمۇ دائىم ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ .
1 . بالىلارنىڭ سەۋرسىز بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرى
1) بەزى بالىلارنىڭ كىچىكىدە تىنى ئاجىز ، سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس ، دائىم ئاغرىپ قالغان . ئاتا – ئانىلار باشقا بالىلىرىغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە ئارتۇق كۆيۈنگەن ۋە باشقا بالىلىرىنىمۇ ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلىپ بېرىشنى ، قارشىلاشماسلىقنى ، يول قويۇشنى تەلەپ قىلغان . بۇ بالىدا ھەممەيلەن ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاش ، ئۇنىڭ دېگىنىنى قىلىپ بېرىش ئۇنىڭغا بويسۇنۇش كېرەك دەپ ئويلايدىغان روھىي ھالەتنى شەكىللەندۈرگەن . كىمىكى ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلىماي قالسا ئۇ ھەرگىز قۇبۇل قىلالمايدۇ . ئۆزىنى كونتىرول قىلالمايدۇ .
2 ) بەزى ئاتا – ئانىلار خىزمەت ئورنىنىڭ يىراقلىقى ياكى ئالدىراشلىقى سەۋەبىدىن بالىلىرى بىلەن بىللە تۇرالمايدۇ ، بوۋا ، مومىلىرىنىڭ يېنىدا تۇرىدۇ . ئاتا – ئانىلار ھەر قېتىم بالىلىرىنى يوقلاپ كەلگەندە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئالغاچ كېلىدۇ ۋە نېمە دېسە شۇنى تەل قىلىپ بېرىپ ، ئارىلىقتا كەم قالغانلىرىنى تولۇقلاپ بەرمەكچى بولۇشىدۇ . بالىلىرىنىڭ بەزى يولسىز ياكى ئارتۇقچە تەلەپلىرىنى قارىغۇلارچە قاندۇرىدۇ . مۇشۇنداق بولىۋەرسە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بالىلاردا چۇقۇم شۇنداق بولۇشى كېرەكتەك تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ . كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىرەر تەلىپى ئورۇندالمايدىكەن ھەرگىزمۇ سەۋر قىلىپ تۇرالمايدۇ . بەزى بالىلارنىڭ مۇشۇنداق كەچۈرمىشلىرى بولىدۇ . جىدەل قىلىپ ، يىغلاپ ، غەلۋە قىلىپ ئاتا – ئانىسىنى ئىگىپ ئۆگىنىپ قالغان . تېخى قانداق ۋاقىتتا قانداق قىلىش ، نېمە دېيىش ھەققىدە تەجرىبە – ساۋاق يەكۈنلەپمۇ ئۈلگۈرگەن .
3 ) بەزى ئاتا – ئانىلار بالىلىرىغا ھەددىدىن زىيادە كۆيۈنىدۇ ، بۇنداق بالىلار ئائىلىدە ئوڭۇشسىزلىققا ، زەربىگە ئۇچراپ باقمايدۇ ، جاپامۇ تارتمايدۇ . بۇنداق بالىلار ھەر قانداق ئىشتا ئۆزىنى مەركەز قىلىدۇ . پسىخىك بەرداشلىق بېرىش كۈچى ئىنتايىن ئاجىز بولىدۇ . تەنقىدكە ئۇچرىسا ياكى قارشى پىكىرگە يولۇقسا ھەرگىزمۇ سەۋر قىلالمايدۇ .
2 . ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ سەۋرچانلىقىنى يېتىلدۈرۈش يوللىرى
1 ) ئاتا – ئانىلار ئۆزى ئۈلگە بولۇشى كېرەك . نۇرغۇن بالىلارنىڭ سەۋرچان ۋە چىداملىق بولماسلىقىدىكى سەۋەب ئاتا – ئانىلار ئىش قىلغاندا بېشى چىڭ ، ئايىغى بوش ، ياكى باشى بار ئايىغى يوق ياكى تېز قىزىپ ، تېز سوۋۇيدۇ . تېز ھاياجانلىنىدۇ .بۇ بالىلارنىڭ سۆز – ھەرىكەت ، پوزىتسىيە جەھەتلەردە ئالدىراڭغۇلۇق ، قىزىققانلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ھەر قانداق بىر يېڭى ئىش ياكى ئويۇننى باشلاشتا تەلەپنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇش ، ئاخىرىدا چۇقۇم خۇلاسە قىلىش ، باھالاش ، قايتا ئويلىنىشقا يېتەكلەش لازىم .
2 ) بالىلارنى تۇرمۇشقا باشلاپ كىرىش ، ئۇلارنىڭ زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ، ۋاقتى ئۇزۇنراق بولغان ئىش – پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇش لازىم . بۇ ئارقىلىق بالىلارغا بەزى ئىشلارنىڭ سەۋرچانلىققا ، كۈتۈشكە ھەقىقەتەن مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ، ئىشلارنىڭ ئاسانلا پۈتۈپ قالمايدىغانلىقىنى ، ئالدىراڭغۇلۇق ، يېرىم يولدا ۋاز كېچىش قاتارلىقلارنىڭ كىشىنى مەغلۇبىيەتكە باشلايدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك . ئاتا – ئانىلار ھەممە ئىشلارنى تەييار قىلىپ بەرمەي ، بەزى ئىشلارغا بەزى كاشىلىسى بار ئىشلارنى قىلشقا بۇيرۇپ ۋە يېتەكلەپ بالىلارنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش لازىم . ئىشنى باشلاشتىن بۇرۇن نېمىلەر كېرەك بولىدۇ ، قانداق قىلغاندا قانداق نەتىجىنى قولغا كەلتۈرىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە قانداق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دېگەن نۇقتىلاردىن ئەستايىدىل ئويلىنىپ ، پىلان تۈزۈۋېلىپ، تەرتىپ بويىچە ئىلگىرلىگەندە ۋاقىت ئۇزۇنراق كەتسىمۇ ، ئىشنىڭ جەريانى پۇختا ، نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك . سەۋرچانلىقمۇ قەتئىي ئىرادىنىڭ تاۋلىنىشىدىن كېلىدۇ . مۇھىت قانچىكى جاپالىق بولسا ئىرادىمۇ شۇنچە مۇستەھكەملىنىدۇ . بالىلارنى قىيىنچىلىقنى يېڭىشقا ئىلھاملاندۇرۇش، ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق يېرىم يولدا توختاپ قېلىشنىڭ نومۇس ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش ، بىر ئىشنى ئىزچىل تىرىشىش ئارقىلىقلا ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش كېرەك . بالىلار ئىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغاندا ئۇلارنى ۋاقتىدا تەقدىرلەپ ، ئىشنى ئارخىرىغىچە داۋاملاشتۇرىدىغان ، قىيىنچىلىق ئىچىدىن چارە ئىزدەيدىغان ياخشى ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش لازىم .
3 ) بالىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك . بالىلارغا ئۇسىسا ، قورسىقى ئاچسا ، ئوينىغۇسى ، ئۇخلىغۇسى كەلسە شارائىتنىڭ ھەر قاچان تەل ئەمەسلىكىنى ئۆزى قول سېلىپ قىلىش كېرەكلىكىنى ، ھەر كىمنىڭ سالامەتلىكى يار بەرسىلا ، كۈچى يەتكەن دائىرىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى سەمىگە سېلىپ تۇرۇش كېرەك . ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭغا ئىشلەپ ، تەييار قىلىپ بېرىش قەرزى يوقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك . بەزى بالىلار بار ، مەكتەپتە مۇئەللىمنىڭ گىپىنى ئاڭلايدۇ ، لېكىن ئۆيگە كەلگەندە ئاچچىقى يامان ، ھېچكىمنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايدۇ ، ئىش ئويلىغىنىدەك بولمايلا قالسا كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر جېدەللىشىدۇ ، غەلۋە قىلىپ تاكى دېگەن ئىشى تەييار بولمىغۇچە بولدى قىلمايدۇ . بالىلارنىڭ بۇنداق يولسىز، تېرىككەك بولۇپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى ھەر خىل بولسىمۇ ، ئاتا – ئانىلارنىڭ ئۇلارغا ئالاھىدە مۇئامىلە قىلغانلىقى بىر تۈرلۈك ئاساسى سەۋەب . مەكتەپتە نېمە ئۈچۈن مۇئەللىمنىڭ گىپىنى ئاڭلايدۇ ؟ مەكتەپتە بالىلارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى باراۋەر ، ھېچكىم ئالاھىدە ئەمەس . ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇئەللىملەر تەقدىرلەشكە ، سىردىشىشقا ماھىر . سىنىپتا كىمىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا ساۋاقداشلىرىنىڭ مەسخرىسىگە قالىدۇ ، ئوقۇتقۇچىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرايدۇ ، خالىغانچە ئۆكتەملىك قىلسا باشقىلار ھەرگىزمۇ يول قويمايدۇ ، شۇڭا ئۇششۇقلۇق قىلىشقا پېتىنالمايدۇ.
4 ) بالىلارنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە بەدەن چېنىقتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك . چېنىقىش – بالىلارنىڭ بەدىنىنى ساغلام ۋە كۈچلۈك قىلىپلا قالماستىن ، ئۆزىگە ئىشەنچنى زورايتىپ ، خارەكتىرىنى تەمكىن ، سالماق تەرەپكە باشلايدۇ . بالىلارنىڭ ئىرادىسىنى تاۋلاشتا ، سەۋرلىك ۋە چىدامچان بولۇشىدا ئاجايىپ ئۈمۈلۈك دورا .
ئۇندىن باشقا چۆچەك ، مەسەللەرنى ئوقۇپ بېرىش ، ئۇنىڭدىكى سەۋرچان ، چىداملىق ئوبرازلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە غەلبىلىرىنى تەسىرلىك سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق سەۋر – تاقەتلىك بولۇش ، چىدامچان بولۇش تەربىيىسى بەرگىلى بولىدۇ .
بالىلارنىڭ سەۋرچانلىقىنى يېتىلدۈرۈشتە ئاتا – ئانىلار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار
1 ) بالىلارغا ئۆزىنىڭ تەسىراتىنى ۋە تەلەپلىرىنى تىل ئارقىلىق ئالدىرىماي ، رەتلىك بايان قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك . بالىلارنىڭ تەلەپ ، ئېھتىياجلىرىنىڭ قاندۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى ئىمكانقەدەر تولۇق قاندۇرۇش ، ئورۇنلاشقا تېگىشلىك بولمغىانلىرىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ قايىل قىلىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك .
2 ) ئاتا –ئانىلار ۋە باشقا ئائىلە ئەزالىرى بالىلارغا بولغان تەلەپنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ، ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش ، ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش پوزىتسىيىدە بولۇش كېرەك . بالىلارنىڭ يولسىز تەلەپلىرىگە نىسبەتەن بارلىق ئائىلە ئەزالىرى ھەرگىز مۇرەسسە قىلماسلىقى ، بالىلار ھەرقانچە ئۆكتەمىلك قىلسۇن ياكى غەلۋە قىلسۇن يۇمشاپ قالماسلىق ، پوزىتسىيە جەھەتتە ئىختىلاپ كۆرۈلمەسلىكى كېرەك .
3 ) ئاتا – ئانىلار بالىلار بىلەن سىردىشىشقا ، ھېسىيات ئالماشتۇرۇشقا دىققەت قىلىشى كېرەك . بەزى ئاتا – ئانىلار باركى ، بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىشتىن باشقىغا ۋاقتى يەتمەيدۇ ياكى ھاجەتسىز دەپ قارايدۇ . ئەمەلىيەتتە بەزى تېمىسىز ، مەقسەتسىز پاراڭلارنىڭ بولۇشىمۇ ئىنتايىن زۆرۈر . بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىنى بىلىپلا قالماستىن كىشىلىك ئالاقە چەمبىرىكى، ئوينايدىغان ئويۇنلىرى ، يېقىنقى خۇشاللىقى ، قايغۇسى ، مەسىلىلەر ھەققدىكى قاراشلىرى ، پوزىتسىيىسى ، قىزىقىشى ، ئېھتىياجىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى ھەتتا ئوقۇيدىغان كىتابلىرىغىمۇ دىققەت قىلىش ، ئىجابىي جەھەتتىن يېتەكلەشنى ئاساس قىلىپ ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن يول كۆرسىتىپ تۇرۇش لازىم .
|