جالالىدىن بەھرامنىڭ «لېيىغان بۇلاق » رومانىدىن پارچە
«جاپاكەش ئۇكام نەبى !
مەن خېتىمنى سەن ئۈچۈن ئەمەس ، ئۈزەم ئۈچۈن يېزىۋاتىمەن . سەن پۈتكىن – پۈتمىگىن بۇ گىپىم راست ، نىمە ئۈچۈن دەپ سورىمامسەن ؟ مەن ساددىلىغىمدىن ، گۈدەكلىكىمدىن ، شەخسىيەتچىلىكىمدىن ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىم ، گۇناھلىرىم ، رەزىللىكلىرىمنى ئەخلاق تارازىسىغا سېلىپ دەڭسەپ كۆرمەكچىمەن . مەن زادى مۇشۇ ئازغىنە ھاياتىمدا ئادەمدەك ياشىدىممۇ يوق ، دىگەن سۇئالغا جاۋاپ تاپماقچىمەن . مەن بۇ خەتنى ساڭا يېزىشتا كۆپ ئويلاندىم ، ئەخلاق مىزانلىرىدىن چەتنەپ كەتتىممۇ قانداق ؟ دەپ ئۆز – ئۆزەمدىن سورىدىم ، ئەممە يۈرىگىم ماڭا : « نەبىمۇ چوڭ بولدى ، ئاق – قارىنى پەرىق ئەتكۈچىلىكى بار » دەپ مەدەت بەردى . ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈرەك باغرىمنى ئۆرتەپ كىلىۋاتقاب بىر – بىرىگە زىددىيەتلىك قارمۇ – قارشى بولغان سەرگۈزەشتىلەرنى ئەينەن قۇيىۋالمىسام ، ھېكمەت ، ماھىگۈل ۋە سىنىڭ ئالدىڭدا ئەبىدىلئەبەت قارا قاغا بۇلۇپ قالغۇدەكمەن ، شۇڭا ، ھايا – نۇمۇسنى بىر چەتكە قايرىپ قېلىنلىق قىلىشقا توغرا كەلدى .
مەن ئون ئالتە يېشىمدا ھېكمەتكە ئاشىق بولغىنىم راست ، بۇنى مەن شاللاقلىق دېيەلمەيمەن ، دەسلەپتە كۆرمىسەم ئۇنتۇپ كېتەرمەن دەپ ئويلىدىم ، نەدىكىنى ، ھەر قاچان خىيالىمدىن چىقمايدۇ ، تەنھا قالغانلىرىمدا سېغىنىمەن ، ئويلايمان ، ناھايتى كۆپ ئويلايمەن ! مەن ئۇنى ساراڭلارچە ياخشى كۆرۈپ قالغانىدىم . ھېكمەت ھەر شەنبە بوستاندىن كىلىپ بولغىچە مەكتەپتىن قېچىپ بولسىمۇ گۈلباغدا ساقلايتتىم ، ئۇنىڭ قارىسى كۆرۈنگەن ھامان ئارقىسىدىن ئەگىشىپ ياكى ئالدىغا ئۈتۈپ قايرىلىپ قاراپ ماڭاتتىم ، ئۇ گۈلزىبا ئاچامنىڭ قورۇسىغا كىرىپ كەتكەندىن كىيىنلا ، خۇددى قۇزىسىنى يۇقاتقان كىيىكتەك بۇيۇن قىسىپ قالاتتىم ... مىنىڭ تۇتقىدەك ساپىقىم ، ئېسىلغۇدەك ئېلىنچۈكۈم بولمىسىمۇ ، قەلبىمدە نىمە ئۈچۈندۇر ئاجىز ئۈمىد يىپى ئۆمۈچۈك تورىدەك ئېسىلىپ تۇراتتى . مەن سېغىنىش پىراقلىرىمغا توي – تۈكۈن ، مەرىكىلەردىن داۋا تاپاتتىم ، چاقىرسىمۇ ، چاقىرمىسىمۇ باراتتىم ، ئېيتىڭا نەبى خۇدا كۆڭۈلگە سالغان ئىشىق سەۋدانى كىممۇ ئەيىپلىيەلىسۇن ؟! لېكىن ، مەن قۇرئان تۇتۇپ قەسەم قىلالايمەنكى ، ھېكمەتنى غايىۋانە ياخشى كۆردۈم ، گۈلزىبا ئاچام ھەققىدە پىتنە – پاسات تارقاتمىدىم ، پەقەت گۇناھ ھېسابلانسا ، ھەسەت قىلغىنىم راست ! ، كىيىن گۈلرۇزنىڭ سۈيقەسىتلىك ئېرىقىغا سۇ ياقىلىغىنىمغا ئۈزەم ئىقرار ( مەن بۇ توغۇرۇلۇق ئۆز ۋاقتىدا ھېكمەتكە دېگەن ئىدىم ) . مەن يەنە بىر رەزىللىكنى دادىللىق بىلەن ساڭا دەپ بىرەي : ئەگەر گۈلرۇزنىڭ سۈيقەستى ئىشقا ئاشسا ، ھېكمەت گۈلرۇزنى ئالمايتتى ، بۇ يەردە ئەڭ خەتەرلىك رەقىپ ماھىگۈل ئىدى ، ئۇ ماڭا رەقىپ بولغىنى بىلەن مەن ئۇنىڭغا كۈشەندە بۇلالمايتتىم ، چۈنكى ئۇ ھەممە تەرەپتىن مەندىن ئۈستۈن تۇراتتى ، گۈلزىبا ئاچام تۈگىگەندىن كىيىنمۇ بۇ رەھىمسىز رېئاللىق مېنى داۋاملىق ئازاپلاپ تۇردى . قىش – زېمىستانلاردا تاماق ئېتىپ قوشكۆلگە يوقلاپ چىقسام ، ئۇ قوپاللىق بىلەن : « سىز كىم بۇلىسىز ؟ مەن سىزنى تۇنىمايدىكەنمەن ؟ » دەپ گەمىگىمۇ باشلىمىدى . ئەگەر مۇرات ئاچچىقلىمىغان بولسا ئۇ مېنى ئاشۇ ئايدالادىنلا يولغا سېلىپ قويغان بۇلاتتى . ھېكمەت سامبۇسىدىن ( كۆڭلۈم ئۈچۈن ) بىرنى يەپ بۇلۇپ : « بۇنىڭدىن كىيىن كەلگۈچى بولماڭ ، بۇ يەردە تۈزۈمىمىز قاتتىق » دەپ ھەيدىۋەتتى . قوشكۆلدىكىلەر شەھەرگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ، مەن خېلى يېقىنلىشىپ ، ئۇتۇنۇپ باققان بولساممۇ ، ئۇ كۆز قىرىنىمۇ سالمىدى . نەبى ئۇكام ، مەن مۇھەببىتىم يۇلىدا ھارماي – تالماي ئات سالغىنىم راست ، بىز لوپتا ئىنقىلاپ قىلغان ۋاقتىمىزدا ، مەن ئۇنىڭغا ئەخلاقى جەھەتتىن ياخشى تەسىراتلارنى قالدۇرۇپ ، ئارىمىزدىكى توڭ خېلى ئېرىگەندەك بولدى . بىراق ، ماھىگۈلدىن ئەنسىرەپ تۇراتتىم ، بۇ توغرۇلۇق ئىنىق جاۋاپقا ئېرىشەلىسەملا نىمە قىلىشىم ماڭا ئايان بۇلاتتى . شۇڭا ، بىر كۈنى مەن ئۇنىڭ ئۆيلىنىشى ھەققىدە گەپ ئېچىپ :« دۇستلىرىڭىز بىرەر قىزنى كۆرسەتكەنمىدى ؟ » دەپ سورىدىم . ئۇ :« ماھىگۈلنى سايە قىلىشقانىدى ، ئۇغۇ پەزىلەتلىك قىز ... ئۆزەممۇ ... لېكىن... » دەپ توختاپ قالدى . مەن ئاسماقچىلاپ : « ئۇ سىزنى ياخشى كۆرمەمدۇ ؟ » دېدىم . ھېكمەت : « بۇنىڭ ئەكسىچە ! ... ئەمما ماھىگۈل بىر تۇققان سېڭلىمدەكلا بۇلۇپ قاپتىكەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇغۇچۇم تۇرسا ... » دېدى . مەن ئۇ جاۋاپنى ئاڭلاپ ۋاقىرۋەتكىلى ، ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلغىلى تاسلا قالدىم . چۈنكى ، ھېكمەتنىڭ ئىنسانى پەزىلىتى ، ياخشى كۆرۈشنى تەرك ئېتىپ ، « سىڭلىسى » ، « ئوقۇغۇچىسى » غا ئۆيلىنىشكە ئىجازەت بەرمەيدىكەن .
ئۇكام نەبى ، مەن قېلىنلىق قىلىپ يۈرەككە تالىق سىرلارنى ئاشكارلىۋەتكەنلىكىمدىن ئەجەپمۇ نۇمۇس قىلىۋاتىمەن ، ئامالىم قانچە ، مىنىڭ مەڭگۈ مايلىق قاپاق بۇلۇپ قالغۇم يوق ! شۇنىمۇ ئىقرار قىلىشىم كېرەككى ، مەن ھېكمەتنىڭ ماڭا ئىگىلمەيدىغانلىقىغا كۆزۈم يەتكەندىن كېيىنلا ، دۇستلىرىنى ئىزلىدىم . كامىل ، مۇرات ، زۈمرەت ، نەفىسەلەر ئۇنى قىستىدى ، ئەزەلدىن دوستلىرىنىڭ لەۋزىنى يىرىمىغان ھېكمەت ئاخىرى ئۈزىنى قۇربان قىلدى . ئەرلەر ئۇزاپ ماڭغان چاغدا ، ھېكمەت بىلەن مۇراتنىڭ كۆزلىرى يىغىدىن قىزىرىپ كەتكەن ئىدى ! مەن شۇ چاغدىلا ھېكمەتنىڭ مىنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىغىنى ھېس قىلغان بولساممۇ ، تېگىۋالساملا بولدى ، كېيىنكى تۇرمۇش ئۆزلىگىدىن ياخشىلىنىپ كېتىدۇ ، دەپ خام ئويلىغانكەنمەن ... بۇلۇپ ئۆتكەن بىر ئىش يادىمغا كەلسىلا ھەم كۈلگۈم كېلىدۇ ھەم يىغلىغۇم كېلىدۇ . بىر كىچىدە ھېكمەت « گۈلزىبا ... زىبا ... » دېگىنىچە جۆيلۈپ تۇرۇپ كەتتى ، شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇمۇ ، مەنمۇ جىمىپ قېلىشتۇق ، ئۆي ئىچىدە ئۇشۇق – تۈشۈك سۆز بۇلۇنمايتتى . بىر كۈنى ئۇنىڭ كەيپىياتىنىڭ ياخشى ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ سوراپ تۇرىۋالدىم . ھېكمەت مىنى ياخشى كۆرمىگىنى بىلەن كۆڭلۈمنى ئايايتتى . ئۇ ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كېتىپ : « ماگىزىنغا كىرىپ ، <ئاۋۇ چۆگۈن نەچچە پۇل> ، دىسەم ،< مۇنچە پۇل > دېدى ، < ئالە پۇلۇڭنى ، ئەكە چۆگۈننى > دەپ ئېلىپ چىقىۋاتسام ، قاياقتىندۇر پەيدا بۇلۇپ قالغان گۈلزىبا : « چۆگۈننى نېمىشقا ئالدىڭىز ؟ » دەپ ئۇرۇشۇپ كەتتى ، ئۇنىڭغا قانچە قىلىپمۇ چۈشەندۈرەلمىدىم ، ئۇ ئارقىغا ئۆرۈلۈپلا كېتىپ قالدى قانچە ۋاقىرساممۇ توختىمىدى .... » دەپ سۆزلەپ بەردى . مەن ئۈزەمچە تەبىر بېرىپ : « گۈلزىبا ئاچام ئۇدۇنيادىمۇ سىزنى ئويلايدىكەن ، ئۇشۇق نەرسىگە پۇلنى بۇزماڭ دېگەن بىشارەتنى بەرگەن چېغى » دەپ قويدىم . بىراق ، بۇ چۈشنىڭ مەنىسىنى بەكمۇ كېچىكىپ چۈشەندىم ، ئەسلىدە ئۇنىڭ سېتىۋالغان چۆگۈنى مەن ئىكەنمەن ، راست ئەمەسمۇ ، نە نەپرىتى ، نە مۇھەببىتى بىر قىزغا تەقدىرىنى باغلاش خۇددى : « ئالە پۇلۇڭنى ، ئەكە چۆگۈننى » دېگەندەكلا گەپقۇ .
جېنىم ئۇكام نەبى ، خېتىم بەكمۇ ئۇزىراپ كەتتى ، ئۈزەمنىڭمۇ ئەزەلدىن زىھنىم گال بولغاچقا پىكىرلىرىمنى يېغالمايۋاتقان بولسام كېرەك . مەن مۇھەببىتىم يۇلىدا رىيازەتمۇ چەكتىم ، گۇناھقىمۇ پاتتىم ... لېكىن ئېرىشكىنىم بەخىتسىزلىك ! ئەزىمەت ئىشىدا ئۈزەمنى بىر ئۆمۈر كەچۈرەلمەيمەن . شۇ چاغدا مىنى شەيتان ئازدۇرمىغان بولسا ، ھېكمەتنىڭ قەلبىدە زەررىچە بولسىمۇ ئىسسىق ئورنۇمنى تاپقان بۇلاتتىم ، ئەڭ بولمىسا ئۇنىڭ يۈرىگىدە توڭلاپ كەتكەن مۇزلارنىڭ بىرەر پارچىسى ئېرىگەن بۇلار ئىدى . سەنمۇ ئىككى يىل يۇرت كىزىپ كىشىلەر بۇسۇغىلىرىدا بوينۇڭنى قىسىپ ، تىلەمچىلىك كوچىلىرىدا تىنەپ – تەمتىرەپ ، ياشلىق ھاياتىڭنى نابۇت قىلمىغان بۇلار ئىدىڭ ( بۇ توغرۇلۇق سەن ئۈرۈمچىدىن كەلگەندىلا كەچۈرۈم سورىغان ئىدىم ) . مەن دىۋەڭنىڭ ئۆمرى خاتالىق ئۆتكۈزۈش ، توۋا قىلىش بىلەن ئۆتىدىغان ئوخشايدۇ . بەزى چاغلاردا « تىلىم يوق گاچا بۇلۇپ قالغان بولسامچۇ » دھپ ئويلاپ كېتىمەن ، مانا بىر ئېغىز سۈزۈم بىلەن سەن تۈرمىدىكى مەھكۇمغا ئايلاندىڭ . كۆڭلۈڭنىڭ ياخشىلىغىدىن تېخى ماڭا : « ئاچا ، تۇلا يىغلاپ ئۆزىڭىزنى ئەيىپلەۋەرمەڭ ، مىنىڭ بۇ يەرگە كىرىپ قېلىشىمغا ، گۈلرۇزنىڭ ئۆلۈمى سەۋەپ بولمىدى » دەپ تەسەللى بەردىڭ .... ساڭا رەھمەت ، مىڭ مىراتەم رەھمەت ! ئالماستەك پاكىز كۆڭلۈڭگە رەھمەت ! خۇدايىم پاك بەندىلىرىنى ئاپرىدە قىلىشتىن بۇرۇنلا ياخشىلىق ، ساخاۋەت نۇرلىرىنى زۇۋۇلىسىغا قېتىۋېتىدىغان ئوخشايدۇ . گەرچە سەن كۆڭلۈمنى ئاۋۇتقان بولساڭمۇ ، ئەمما مىنىڭ يۈرىگىمنى پۇشايماندىن ئىبارەت بىر مەرەز چاڭگاللىرىغا ئېلىۋالدى ، ھەر مىنۇت ، ھەر دەقىقە نەشتەرلىرىنى سانجىغىنى سانجىغان ......
...................................................................................................
قىسقىسى ، ئۇكام نەبى ، مەن قارىغۇ مۇھەببەتنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ ، نۇرغۇنلىغان سەۋەن – ىاتالىقلارنى ئۆتكۈزدىم . سەن ئانا –بالا ئىككىمىزنى ئېتىۋېتىش ئۈچۈن كىرگەندىمۇ ، دېيىشكە تېگىشلىك بولمىغان ، غورورىڭنى دەپسەندە قىلىدىغان گەپلەر بىلەن ھاقارەتلىدىم . ھېكمەتنىڭ : « سىز ئۆزىڭىزنىڭ باينىڭ قىزى ئىكەنلىكىڭىزنى پەش قىلماقچىمۇ ؟ بىلەمسىز ، گۈلزىبا ، ماھىگۈل ، نەبىلەر نامراتچىلىق ئىچىدە يېتىلگەن ساپ گۆھەرلەر ... » دېگەن سۆزىدىن كىيىنلا ئۈزۈمنىڭ خاتا قىلغىنىمنى ھېس قىلىپ يەتتىم ، نەبى ، سىنى ، ماھىگۈلنى كۆپ رەنجىتتىم . ماھىگۈلنىڭ مىنى ھەر نېمىلەرگە ئوخشاتقىنى خاتا ئەمەس توغرا . مەن ئاشۇنداق ئىبلىس ، رەزىل ، پاسكىنا ، چايان ! ئويلاپ باققىنا ، ھەر قانداق قىز – يېگىتنىڭ ئۆز بەختىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايدىغانلىغى ئىنىققۇ . ماھىگۈلمۇ ئۆز بەختىنى تارتتۇرۇپ قويغانلىغى ئۈچۈنلا ، پەرىشتىدەك بىر قەلىپ ئىگىسىگە قانچىلىك تۆھمەتلەرنى قىلغان ، ئەقىل سىغمايدىغان قاباھەتلىك تىللارنى ياغدۇرغان ، ھېكمەتنى گۇيا مەلئىن تەبىئەتلىك ئۇرۇنغا چۈشۈرۈپ قويغان ! ...... بەخىت ئىزدھش ئەنە شۇنداق رەھىمسىز ، شەپقەتسىز بولىدىكەن ، ھەتتا ۋاقتى كەلگەندە دوستلارمۇ بىر – بىرىگە باقمايدىكەن . مەن بەزى چاغلاردا ئۆزۈمنىڭ مۇھەببىتىمنى ، سۆيگۈ يۇلىدىكى شىجائىتىمنى ، ۋاپا – ئىشىق بابىدا يېتىلگەن يېتىكمىگەنلىگىمنى دەڭسەپ كۆرمەيلا ئوتقا سەكرىگەنلىگىمنى ھېس قىلغىنىمدا چۆچۈپ كېتىمەن . كۆڭلۈمدىكىنى دېسەم ، ھېكمەت بىلەن گۈلزىبا ئاچامنىڭ مۇھەببىتى بەجايىكى تاڭدا بالقىغان ئوتلۇق قوياش ئىكەن . ئۇ ، ئۆز ھارارىتى بىلەن ھەممىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىشقا قادىر ئىكەن . لېكىن ، مىنىڭ ياخشى كۆرۈشۈم ساددا ، پاك ، غۇبارسىز بولسىمۇ ، ئاشۇ قوياش ئالدىدا ئۇچقۇنچىلىكمۇ بۇلالمايدىغانلىغىغا كۆزۈم يەتتى . ھېكمەت بىلەن بىللە ئۆتكەن بىر نەچچە يىللىق ھاياتىمدىن شۇ نەرسە ئايان بولدىكى ، مەن يۈرىكىنى بىرىنچى ئايالى بىلەن بىللە دەپنە قىلىۋەتكەن ئادەمنىڭ قۇرۇغدىلىپ قالغان قەلىپ سارىيىغا مېھمان بۇلۇپ كىرىپتىمەن ، بۇ سارايدىن شۇنداق بىر ئەكىس سادا يانىدۇكى ، بۇنىڭدىن كىيىنكى ھەرقانداق بىر ساھىبجامال مېھمانغىمۇ ئۈزىنىڭ سۇغۇق ۋە سىرلىق تەبەسسۇمىدىن باشقا ساھىبخانلىق قىلالمايدۇ . مەن لوپنىڭ بىر ئايدىڭ كېچىسى ھېكمەتتىن : « باشقا قىزلارغا سۆز ئېچىپ كۆرمىدىڭىزمۇ ؟ » دەپ سورىغىنىمدا . ئۇ :« دېدىمغۇ ، كۆڭلۈم تارتمايدۇ ، ئىھتىمال گۈلزىبا ھەممىنى ئېلىپ كەتكەن بولسا كىرەك ...... » دھپ جاۋاپ بەرگەنىدى . ئۇ يالغان ئېيتماپتۇ ، مەن بۇلارنى نېمىشقا بۇرۇنراق ئويلىمىغاندىمەن ، بۇلارنى بىلىپ يەتكىنىمدە ئۆزەمنىڭ ، شاكىلىدىن ئەمدى ئايرىلغان يۇمران چۈجە ، ئۆردەك بالىسىنى دوراپ كۆلگە سەكرىگەندەك ئاخمىقانە پاجىئەگە قەدەم قويغانلىغىمنى بىلدىم ! بۇرۇن ھېكمەت بىر قانچە قېتىم ئايرىلىپ كېتەيلى ، دېگەن تەكلىپنى قويغاندا ، مەن يىغلاپ – قاقشاپ ، يالۋۇرۇپ زادىلا ئۇنىمىغان ئىدىم ، ئەمدى ئۇنداق نادانلىقنى قىلمايمەن ، ئەرلەر ئۈچۈن كۆڭۈلسىز خوتۇننىڭ كۆزىگە قاراپ ياشاشتىن ئارتۇق ئازاپ بولمىغىنىدەك ، ئاياللار ئۈچۈن مۇھەببەتسىز ئەر بىلەن ئۆتۈش ئۆلۈمدىنمۇ ئارتۇق بەخىتسىزلىك ئېلىپ كېلىدىكەن . ئەمىسە ھېكمەتتىن ئايرىلىپ كېتەيمۇ ، بىر قىزىم يېتىم بولسۇنمۇ ؟ ، ياق ! ... ياق !!... ھېكمەت بەختىنى ئېزلەۋەرسۇن ، مەن ئۇنىڭغا پۇتلىكاشاڭ بولمايمەن .... پەقەت ئۆمرۈمنى بىر ئۈندە ، بىر تۈندە تەنھا ئۆتكۈزۈپ خۇدايىمدىن ، ھېكمەتنىڭ كۆڭۈل قەسىرىگە مېنى ھەقىقى ساھىبخان قىلىشنى ، قەلىب بۇلاقلىرىمغا چىن سۆيگۈ زەربەتلىرىنى تۈكۈشنى تىلەيمەن . شامۇ – سەھەرلەردە گۈلزىبا ئاچامنىڭ قەبرىسىگە بېرىپ ، ئۇنىڭدىن ھېكمەتنىڭ يۈرىگىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى ئۆتۈنىمەن ، بىر يىل ... ئون يىل... يىگىرمە يىل ... ھەتتا ئۆمرۈم بۇيى كۆز ياشلىرىم بىلەن قەبرىسىنى نەمدەپ ئاھ – نالە قىلسام خۇدا گۈلزىبا ئاچامغا سەخى – ساخاۋەت ، رەھمى – شاپائەت ئاتا قىلسا ئەقەپ ئەمەس . شۇ چاغدىلا ھېكمەت مېنى ئۆزى ئىزدەپ كېلىدۇ . ھەقىقى ئىشىق قىياملىرىنى دىل بوستانلىرىمغا تۆكۈدۇ . گەرچە مېنىڭ شۇ چاغلاردا چاچلىرىم مەشۈتتەك ئاقىرىپ ، كۆز گۆھەرلىرىم تۆكۈلۈپ ، بەللىرىم مۆكچىيىپ كەتسىمۇ ، ھېكمەتنىڭ باغرىغا بىر نەپەس باش قۇيىۋالغىنىم ماڭا مىڭ يىللىق بەخىت – ئېھسان ھۇزۇرىنى بىېرىدۇ . ئىھتىمال بەزىلەر : « بىر ناتىۋان مەزلۇمەنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىزدىمىگەن ھېكمەتنى مۇنەپىق ، كۆڭلى قارا ، ۋاپاسىز ، پەزىلەتسىز ... » دەپ ئەيىبلىشى مۇمكىن . مەن ئۇنداق دېيەلمەيمەن ، بۇنداق دېگۈچىلەر ئۈزىگە تەئەللۇق بولمىغان نەرسىلەرگە ئېرىشەلمىگەندە ، ناشۈكۈرلۈك ، نامەرتلىك دېپىنى چالىدىغانلاردۇر خالاس ......
خوش نەبى ئۇكام ، مەن كۆڭلۈمدە پۇخ بۇلۇپ كەتكەن ھەممە دەردۇ ئەھۋالىمنى تۆكۈۋالدىم ، ئۆزەمنى يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن ... ئەمدى مىنى ئەيىپلەمسەن ياكى ئەپۇ قىلامسەن ، سېنىڭ ھېممەت – ساخاۋىتىڭگە باغلىق ، خۇدايا توۋا ، دۇنيادا سېنىڭدىن ئۆزگە سىردىشىم ، مۇڭدىشىم يوقتەك قېشىڭغا بارغۇم ، سۆزلەشكۈم كېلىپلا تۇرىدۇ ، گەرچە بىز بىر ئانىدىن تۇغۇلمىساقمۇ ، سەن بىر تۇققان قېرىندىشىمدەك . سېنىڭ خىيالىڭ بىلەن ياشايمەن . گېپىم تۈگىدى . ھە راست ، ئۆتكەندە ئاپارغان كىيىملەر ساڭا خۇپ كەلدىمۇ ؟ ھازىر مەن قارىلىق بۇلۇپ قالدىم ، ئانام قازا قىلىپ ئۆلۈمىنى جامائەت بىلەن ئۇزاتتىم ، ھېكمەت بوستاندا تۇتۇلۇپ يەر ئاستىدىكى زىنداندا ياتىدۇ . بىلمىدىم ، ھازىر ئۇنىڭ ھالى نىچۈك ! .....
ئامان بولغىن ، بەخىتسىز ئاچاڭ : مەھبۇبەدىن »
جالالىدىن بەھرامنىڭ « لېيىغان بۇلاق » رومانىنىڭ 5- قىسمى « ئاخىرقى دوقال » دىن ئېلىندى .
|