تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 3194|ئىنكاس: 19

ئادىل تۇنىيازنىڭ ئەڭ يېڭى شئېرلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دائىملىق ئەزا

..ئىھ  سىنىڭ كۆز

UID
2827
يازما
529
تېما
66
نادىر
0
جۇغلانما
18115
تىزىملاتقان
2010-6-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-28
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-9 01:44:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارنىڭ كەينىدە گۈلنىڭ ئالدىدا



كۈن چىقىپ ئاستا ئىشىكنى ئاچتى
كۆرۈپ قالدۇق ئاسمان ئىچى كۆك.
ئىچىمىزگە بىر ئوت تۇتاشتى،
قۇياش ئۇيغۇر كېيىپ چىققان بۆك.

كېتىۋاتىدۇ يول بويىدا قار،
ھەر قەدەمدە ئېرىپ ئاز قېلىپ.
نەگە ماڭدىڭىز ئې،مەجنۇنتال
كۆكلەمگە ماڭدىم دېمەس ناز قىلىپ.

شىئېرىمدا كۆك ئوت پۇرىقى
مەيىن شامال ئۇيغۇر تىلىدا.
ھەر ھەرپتە مىڭ قىزنىڭ خۇلقى
ئىرىپ سۇ بولغان سۆزلەر دىلىمدا.

زىمىن تېرە تاشلاش ئالدىدا
ئۈنۈپ چىققاي يېشىل تىرىسى.
بىز بىر توينى باشلاش ئالدىدا
قىلغاي ساما ياش ۋە قىرىسى.

بىز ئالەمنىڭ مەلۇم يېرىدە
نامەلۇم كۈچ توختىتار تۈننى.
كۆردۇق قۇياشنىڭ ئەتىرگۈلىدە
قوش ياپراقتەك كۈن بىلەن تۈننى.

نورۇز كەلدى دەيدۇ ئۈرۈمچى
ئاسىيانىڭ قەلبىدە تۇرۇپ.
زۇمرەت تاجلىق دەل–دەرەخ ئۇچى
بېرەر بىزگە خوش–خەۋەر سۇنۇپ.

قاراياغاچ توختىدى قاردا،
چىڭ ئۇچىدا باھار پەرۋازى.
قارلىغاچ كېلەر باھاردا
ناخشىمىزنى ئېلىپ ئاۋازى.

قىش تاشلىغان سانسىز ئاق پەيدە
سېنىڭ ئىسمىڭ،مېنىڭ ئىسمىم بار.
مەن نورۇزنى سىزغان قەغەزدە
قارا رەڭدە ئىرىمەكتە قار.

گۈلنىڭ ئالدىدا ئېچىلايلى بىز،
باھارى بار ھەممە ئادەمنىڭ.
كۆڭۈل قىرىماس، دۇنيا مەڭگۈ قىز
ئادەم بىر تال گۈلى ئالەمنىڭ.

نورۇز مۇبارەك ئەھلى جامائەت،
بىر تۈپ دەرەختەك چاۋاك چالايلى.
ئېرىپ كەتسۇن توڭ ۋە ئاداۋەت
ھەر باھارغا بىللە بارايلى.


تىل ۋە تىلشۇناس

تىل بىز بىلەن، تىلشۇناس قىنى؟
ئاق قەغەزدە ھازىدار سۆزلەر.
قارا سۆز ئىزلەر كىرپىكىنى،
كوچا تەۋرەيدۇ ياش يۇقى كۆزلەر.

كەتتى كوچىمىزدىن ئىمىن تۇرسۇن،
تىرەكلەر توختىدى ئۆز ئىزىدا.
بىر توپ ئۇيغۇر تالادا تۇرسۇن،
ئاقساقىلىنىڭ نامىزىدا.

ئاسمان گۈمبىزىدە كۈن ۋە ئاي بار،
كەم يېرىنى ئىنسانلار قۇرسۇن.
ئالەم تىلىنى بىلمىسە ئۇلار،
ئۇلار ئالەمنىڭ سىرتىدا تۇرسۇن.

«قازان ئېيتار تۈۋىم ئالتۇن
چۆمۈچ ئېيتار مەن نەدە مەن»*
دۇنيا سۇلتانىدىن كىمگە قالسۇن؟
ئۆلۈم ئاتلىق بىر شەھەردە مەن.

ئاسماندىن پەس بىر قانچە ئادەم
مۇزدەك بوشلۇقتا تۇرىدۇ ماراپ،
تارىمدىن چىققان بىر تامچە ئادەم
كەڭ ئانا تۇپراققا كەتتى تاراپ...

ھاياتىمىز ئوخشار تىلماچقا،
بىر ھەرپ بىز بىلەن ئۆلۈم ئارىسى.
تىلشۇناس ئۆلۈمنى تەتقىق قىلماقتا،
بىز مەڭگۈلۈك تىلنىڭ ۋارىسى.

بۇ ماقال «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىن ئېلىندى.  *


كوچا ئىشىكىدە تۇرغان ئادەم

كېچە ئاخىرلاشقاندا
باشلىنىدۇ خەنجەربىسى
تېرەكلەردە، روجەك كەينىدە
قول سائىتىمنىڭ ئەينىكىدە،
ئارقا كوچىدا، ئالدى كوچىدا
«ئودسسا»دا، گۈللەر بەرگىدە...

چىقتىم كوچا ئىشىكىدىن،
يېرىم ئېچىلغان يۆگىمەچ گۈلى
تامغا يامىشىپ چىققاندەك ھال رەڭ
باغقا شورىدىن ياز كەلگەن كۈنى.

كوچا ئىشىكىدە تۇرغان ئادەم
مەن سودىگەر قۇلۇم ئۆزەمنىڭ،
كۆزۈم، پۇتۇم، يۇلۇم ئۆزەمنىڭ.
پۇلۇم خوجايىن مەن قارا قۇلى،
دېگەن چاغدا پۇلۇم ئۆزەمنىڭ.

ئۇسسىغان سۇ ئىچەر ئۆزىنى
ئۆزى قوپىدۇ قۇملۇقلاردا قۇم،
ئۆزى قوپۇرار گۈمبىزىنى
ئۆلگەن قۇملار يىغلىشىپ يۇم-يۇم.

پىل چىشى مۇنارى ئاستىدا تۇرسام
سۇيۇق ھەيكەل چاقىردى مېنى،
ئىتتەردىم قوللارنى ماڭا يېپىشقان
چىڭ تۇتتۇم ۋېناسنىڭ يوق قۇلىنى.

تەرمەكتىمەن پۇرسەت مەن ئۈچۈن
تۆشۈك يانچۇقتىن چۈشكەن جىق تەڭگە،
بەزى كىرگەن ھەسەل رەڭگە
دوملاپ بېرىپ پېتىپ ئەۋرەزگە.

كىيدىم ئالقاپنىڭ چاپىنىنى،
كەزدىم بازارنى خىلمۇ-خىل مېلىم.
كەلدىم باجسىز دەرەخ ئاستىغا،
دەردىم چىقىپ يورۇدى دىلىم.

خورما يېغىنى سېتىپ بولدۇم،
بۇلالمىدىم يىغامنى تېتىپ،
كوچىدا يامغۇردەك غېرىپ بولدۇم،
چىڭىدى تارلىرىم، يۈرىكىم قېتىپ.

قىزلار يامغۇردا قالغان ئۈزۈمتال،
ھۆل يۇپۇرمىقى قول ئۇزىتار.
قولى قىسقا مەجنۇنتال سىڭلىم
مەن كۈنلۈك ئەمەس، مەنمۇ ئۈزۈك تار.

شېئىر توپلىمىمنى بولدۇم سېتىپ
بىر نەچچە بازارلىق كىتاب بىلەن
سۇمۇرۇغ تۇخۇملىرىغا قېتىپ.
بىر مىسىرا يېتەر مېنى سېتىشقا
بىر تاغار سامان يا بىر تال خام خىشقا!...

كەيدىم سېھرىگەرنىڭ قالپىقىنى
ئاستىدا ئۆزۈم يوق ئېرىگەن تۇزدەك،
پۇل دېڭىزىدىن ئىزلىسەڭ مېنى
تاشتىن قاتتىق مەن، سوغۇق ھەم مۇزدەك.

قۇياش ھەر كۈنى سۆزلەر ئاسماندا
ئۈنى ئۆلۈكنىڭ ئۈنى ئەمەس،
نۇرى ئالتۇن چاقنار ھەر ياندا
ئۇ سودىگەرنىڭ ئالتۇنى ئەمەس.

مەن كونا ئاشىق، يېڭى ئوقەتچى
باي قەلەندەرمەن، دەرۋىش، پۇلپەرەس.
باي قىلماقتا يوق نەرسە مېنى
قەلبىمدە پەۋەس مەڭگۈلۈك ھەۋەس.


كونا كىتاب ساتقۇچى

ئۆزى كونا گۆردىن چىققاندەك،
كۆزى يېڭى يۇلتۇز چىققاندەك،
سۆزى كىتابلاردىن چىققاندەك
ئوردا كۇتۇپخانىسىدىكى ـــ
مۇقاۋىغا ئالتۇن ھەل بەرگەن،
بەت چۆرىسى گۈل يوپۇرمىقى...

بوۋاينىڭ يايمىسى ئاپتاپپەرەس،
يۆتكىلەر كۈنگەي تام تۈۋىگە
كونا كىتاب ھارۋىدا پەۋەس.

تېشى يوق بىر كىتابنى ئاچتىم،
بېشى يوق ساتىراش قىلماقتا ھۈنە(ر)
چاچ ئالدۇرغاچ بىر ئاز مۇڭداشتىم،
بىر پىرسۇناژمەن، ئۇ سۇئال جۈملە.

سۈتتىن ئاغزى كۆيگەن ناتونۇش ئادەم
ئىچمەكتە قېتىقنى پۈۋلەپ دەممۇ-دەم.
كىتابچى ئۆرىدى سارغۇچ ۋاراقنى
رو چىۋىن ئوقۇدى پۇتلىرى بىلەن.

رىزىۋانگۈل توقۇدى يېڭى ھىكايە:
شاپ بۇرۇت ئەر كىتابتىن چىقىپ
كاپ قىلىپ تۇتتى ئاپتۇرنى بەلدىن،
مۇشۇ يەرگىچە تاپ بېسىپ كەلدىم...

ئاندىن ئوردا كوچىغا ماڭدىم،
تۈن قاغىدەك كەلدى ھەر ياندىن،
چىقىپ كەتتىم كىتابلاردىن مەن،
قاراڭغۇدا بارچە يوق ئادەم.

يامغۇر ياغماقتا قەغەز كۈنلۈكۈم،
تاش ياغماقتا سايىۋەن كىتاب،
گۈل ياغماقتا ئۆلۈم گۈللۈكۈم
كۈن يۈزلۈك يار قىلغاندا خىتاب.

كىتابپۇرۇشقا ئولاشتى سايە
ئاق ۋاراقتا قاتار قارا ئىز.
ئالەم ــ كىتاب، ئادەم ــ ھېكايە،
ياشاۋاتىمىز بىر كىتابتا بىز.

مەن ۋە ئوقۇرمەن


شېئىرىمنى ئوقۇۋاتقان ئوقۇرمەن ئىككى
بىر ئەركىشى ۋە جەزمەن بىر چىشى.
ھاڭگا تېرەكتەك ئەر كىتابخان دەر:
ــــ «سۆزلەر ـــ كۆزى يورىغان كەپتەر.»

ئايالنىڭ دەردى توزغاقتىن ئېغىر
بوۋىقى شاختىن ئۇچۇپ كېتەر.

ۋارقىرىدى ئاتلىق شېئىردىن
يىقىلىپ ئۆلۈم قوپقان چەۋەنداز:
« ـــ ئوقى بارمۇ ئاتقان تاز
ئوقى يوقمۇ ئاتقان تاز...»

شېئىرىم سۈت تەملىك، رەڭگى بۆلجۈرگەن
سېغىزدەك چاينار چوكان ئوقۇرمەن.

مەن ئالەمنى ھەجىلەپ ئوقۇپ
كەلدىم ئۇيغۇرچە قوشاق توقۇپ.
مەن كەلسەم بارچە سۆز ئورنىدىن قوپۇپ
ئولتۇرار بىر شائىر كۈلۈپ زورۇقۇپ.

سامادىكى بىر كىتابنىڭ مەن
زېمىندىكى كىتابخانى مەن.


ئايرودۇرۇمنىڭ كىرىش ئىشىكى



قىش كەپتۇ مەن كېلىشتىن بۇرۇن
يول بويىغا ئاپئاق، ئۇشتۇمتۇت،
ئاق تېرەكلەر قاچالمايۋاتقان
دەۋەتقاندەك ئۈششۈك «دەرھال تۇت...»

مەن كېلىشتىن بۇرۇن سېمونىت،
مەن كەلگەندە چىقتىم مەرمەردىن،
غەم كەلگەندىن كېيىنكى تاش مەن،
كۆتۈرۈلمەس قانىتىم يەردىن.

چۆچەكلەردەك بۇ ئىشىك بىلەن
بارغىلى بۇلار جىمى شەھەرگە
ئولتۇرۇپ بىر ئۇچار گىلەمگە
شاڭخەي، توكيو يا ئەنقەرەگە؛
كېسىپ ئۆتۈپ-يېرىم كېچىنى
ھالال ئاي چىققان يېرىم قەشقەرگە.

زالدىكى گىلەمدىن ئۈزدۈم بىر تال گۈل،
بىر تال گۈلدەك ئۈزۈلمەس گۇمان.
كۆكرەك قەپسىمدە قۇچقاچتۇر كۆڭۈل،
دېرىزىدىكى گۈلمىدۇ، تۇمان؟

ئايرىدۇرۇمنىڭ كىرىش ئىشىكى
بىر يولوچىنى تونۇمىدى،
مەڭگۈلۈك سەپەرگە چىققان چېغى.
دىماقلىرىدا ئەتىر ھىدى،
يېنىمدىكى قىز ئۆلگەن ئىدى،
جىسىمنىڭ يالىڭاچ ھەر بىر قىسمىدا.

بىر ئۆلۈك ئورۇندۇقتا مىدىرلىدى
نۇرغۇن يىللار كېيىنكى ئۆلۈك.
كۆنۈك مەن كۈندە بۇنداق ئۆلۈشكە
مۇشۇنداق تۇرۇپ چۈش كۆرۈشكە...

ئاسان ئەمەس ئاسمانغا چىقىش
يۈزۈڭگە يېزىلمىغان بېلەت بىلەن،
تام ئۇچۇق تىلدا بايان قىلغان ئىش ـــ
ئاسماندىن ئايرىلىپ تۇرىسەن بىردەم.

يېقىنلايمىز يېقىن نەرسىگە
بىز سەپەرگە چىقساق ھەر قېتىم،
ئورۇن بوشىتار بەدىنىم كىمگە؟
مەڭگۈلۈك يولوچى مېنىڭ ئېتىم.

  ئوغلۇم ئىقبالنىڭ ئىسمى

ئىسمى يوق قارنىڭ ئاق يالقۇنىنى
پۈۋلەۋاتقان ئىلتەرىش خاقان
ئىسمى ئىدى ئوغلۇم ئىقبالنىڭ،
ئىسمى يوق چاغدا كوچىدا قارنىڭ.

بىز ئۇ چاغدا ئىدۇق مەككىدە
ئۇنىڭ جىسمى كۈندىن تامغاندا،
ئۇنىڭ ئىسمى كۆكتىن چۈشكەندە،
كۆكتىن چۈشكەن كىتابقا قاراپ

چاقىرىپ كەلدۇق ئەزان توۋلاپ
ئۇيغۇرچە گەپ قىلغان پەرىشتىلەرنى،
كىندىك قېنىمىز تۆكۈلگەن يەرنى،
قۇشتەك قونغان ئەسلىمىلەرنى...

ئىقبالنىڭ ئىسمى قۇياش تاج كىيىپ
ماڭغان چاغدا تاغلارغا قاراپ
كىتابتا بار يوق ئادەملەردەك
بىز ۋەتەنگە قايتتۇق ئالدىراپ.

ئىسىمنىڭ ئىسمى


تاغدىن قايتقان بىر كۈنى
ئۇچراشتىم تاغدىن قايتقان ئەكىس ساداغا،
قۇچاقلاشتىم مەڭگۈلۈك قارغاي ئاستىدا...

ماڭماقتا ئۈچ ئوغلۇم قار لەيلىسىدەك
تارىخنىڭ ئەتىكى كەينىگە قاراپ.

ئوغلۇم ئىقبال ئوينار ئىسىمسىز
ھەسەل ھەرىسىدەك گۈزەل چېچىپ.
ئۇننى چېچىپ، خېمىرنى چايناپ
ئانىسىنى بۇلاقتەك ئېچىپ؛
«يە!» دەپ بېرىپ تۇرغان چولدىرىنى
ئەركىلەپ قولىمىزدىن ئېلىپ قېچىپ...

مەن بۈگۈن كېچە ئۇيقۇمدىن كېچىپ
كۆزۈم بېلىقتەك قاراڭغۇلۇقنىڭ
كۈمۈش تەڭگىلىك جىسمى بىلەن،
يوقلۇقنىڭ بارلىق ئىسمى بىلەن
بارلىقنىڭ يۈزۈمدەك ماسكىسى بىلەن.

ئۆلتۈرۈۋەتتىم ئىككى چىۋىننى،
سۆزلەپ سۆزلەپ كېتىۋاتقاندا
ئۆلتۈرىۋەتتىم مەن شېئىرىمنى
قەلبىم مۇناجات ئېيتىۋاتقاندا.

تاڭ ئاتقاندا
بۇدرۇق قوللىرى ئارىسىدىن
ئۇخلاۋاتقان ئىقبالىمىزنىڭ
كەلدىم كارۋاتقا قۇياشتەك يېقىن.
خەزىنەمدىكى بۇ ئىنئام كىمنىڭ؟
نۇرغا تولغان يەر ئاسمان كىمنىڭ.
ئويلاپ قالدىم سايىدەك بىردىن ...

تۆگە ئىزدەۋاتقان ئادەم

تۆگىنى بازاردىن ئىزدەيدۇ.
بوتا كۆزلۈك قىز دەيدۇ:
ـــ قارىما لوكامغا بوتلىقىم بار،
بار مەن سۆيگەن چىن ۋاپادار يار!

تۆگىنى كىتابتىن ئىزدەيدۇ،
دەيدۇ ئېگىز توپا دۆۋىسى:
ـــ مازار چالما ئاتما، چۆككىلى قوي،
ئەي، ئۈلۈمدىن پاكىنەك كىشى!

تۆگىنى كىتابتىن ئىزدەيدۇ،
كىتابتىكى جىگىدە  تۈۋىدە
يازغۇچى يالىڭاچ ئوڭدا يېتىپ
باغلانجىسىنى قويۇۋېتىپ
تۆگىلەرنى چۈشىمەكتە جىق.

مۇقەددەس كىتابتىن بىر تۆگە چىقتى،
قورقۇپ تۆگىچى جان-پېنى چىقتى.

تۆگە ئىزدەيمەن ئۇيغۇر تىلىدا
بىر توپ بالا چۇرقىراشماقتا:
ــــ قاراڭلار، تۆگىسىنى تاپالماي كەپتۇ
باياملا تۆگىلىك ئۆتكەن ئادەم شۇ...

مەن ئىزدىنىۋاتمەن لىكىن سىلەر بىلەن بىرگە،
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

ئۈمىدلىك ئەزا

شاھ نەزەر

UID
11031
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
186
تىزىملاتقان
2011-5-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-9 12:26:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ، پاھ  نىمدىگەن ئىسىل ! رەخمەت سىزگە!

شاھ نەزەر

UID
2549
يازما
101
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
3501
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-11
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-9 13:37:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
................
مەن كېلىشتىن بۇرۇن سېمونىت،
مەن كەلگەندە چىقتىم مەرمەردىن،
غەم كەلگەندىن كېيىنكى تاش مەن،
كۆتۈرۈلمەس قانىتىم يەردىن.

چۆچەكلەردەك بۇ ئىشىك بىلەن
بارغىلى بۇلار جىمى شەھەرگە
ئولتۇرۇپ بىر ئۇچار گىلەمگە
شاڭخەي، توكيو يا ئەنقەرەگە؛
كېسىپ ئۆتۈپ-يېرىم كېچىنى
ھالال ئاي چىققان يېرىم قەشقەرگە.

...............
نىمىدىگەن تاتلىق چىققان............

ئەتە ئۆلۈپ كىتىمەن!

يېڭى يۇلتۇز

باككوس

UID
8312
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
100
تىزىملاتقان
2010-12-30
ئاخىرقى قېتىم
2011-7-1
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-9 15:35:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ يېڭى دەپ قويە ھاجىم،ھى ھى ھى ، يازغۇچىلار تورىدا نىكەم ئېلان قىلىنىپ بولغىلى

شاراپ...

UID
11056
يازما
72
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
1832
تىزىملاتقان
2011-5-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-25
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-9 15:39:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىل تونىياز نىمىشقا تورغا چىقمايدىغاندۇ؟

UID
9514
يازما
24
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
444
تىزىملاتقان
2011-2-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-4
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-9 16:24:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاساھەتلىك شئېرلار دىلغا ئارام .....قايتا -قايتا ئوقىسا زۇقى ئوخشىمايدۇ ھە؟......

ئوغلۇم ئۇمۇدۇم سەندە!!

UID
10753
يازما
55
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1795
تىزىملاتقان
2011-4-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-20
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-9 18:59:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماختاپ ماختاپ بولالمايمەن بۇ سۆيۈملۇك شائىرمىزنىڭ شئېرلىرنى،بارلىق ماختاش سۆزلىرمنى  بىرلا سۆزگە يېغىپ ،سۆزلەي: ئېسل !!

كۆيۈمچان ئەزا

شۇنداق، بۇ ئۆتنە

UID
2564
يازما
54
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1825
تىزىملاتقان
2010-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-5
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-9 19:27:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىل تۇنىيازنىڭ شېئىرلىرىنى سۆيىنىپ ئوقىيمەن. ھەقىقەتەن ئۆزگىچىلكى بار. يوللانمىڭىزغا تەشەككۈر    

كۆيۈمچان ئەزا

سەمىمىيلىك - گۆھ

UID
3799
يازما
215
تېما
20
نادىر
0
جۇغلانما
7366
تىزىملاتقان
2010-7-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-28
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-9 19:30:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئادىل تۇنىيازدەك  ئېسىل  لىرىكىلارنى يازالايدىغان ئەۋلاتلار چىقارمۇ بىزدىن ؟  نىمە دېگەن پاساھەتلىك ، مەنىلىك ، تىرەن پىكىرلىك شېئىرلار بۇ .....

ئۈمىدلىك ئەزا

پىچاق سۇندى!

UID
10898
يازما
5
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
125
تىزىملاتقان
2011-4-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-28
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-9 21:05:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 4قەۋەتتىكىدوپپام يوللىغان 2011-05-09 15:39 غا قارتىلغان  :
ئادىل تونىياز نىمىشقا تورغا چىقمايدىغاندۇ؟
بولسا تورغا چىقمىسۇن....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش