بىرىنچى بۆلۈم
ئېگىز كۆتۈرۈلگەن قىلىچنىڭ بىسدا قۇياش نۇرى يالت قىلىپ ئۆتتى ۋە ئەجەل كۆلەڭگىسىنى كۆرۈشكە ئۈلگۈرمىگەن ئاتلىق لەشكەرنىڭ بېشىنى شارتتىدە كېسىۋەتتى .
ئۇ قىلىچىنى ئويناتقىنىچە ئەڭ ئالدىدا ئېتىنى چاپتۇرۇپ كېلۋاتاتتى . ئۇنىڭ كۆكۈش كەلگەن كۆزلىرى بۆرە كۆزىدەك ياناتتى ،كۆزلەردە نە قورقۇنچ ،ۋەھىمە دىگەنلەر كۆرۈنمەيتتى ،ئۇنىڭ تېز ھەم زەرب بىلەن ئۇرغان ھەربىر قىلىچى بىر ياۋنىڭ جېنىنى ئالاتتى .
لەشكەرلەر ئۆز سەركەردىسىنڭ باتۇرلىقىنى كۆرۈپ بىردىنلا جانلىنىپ كەتتى ۋە ئاتلىرىنى چاپتۇرغان پېتى ياۋ سېپى ئېچىگە قىر-چاپ قىلىپ كىرىپ كەتتى ،قىلىچلارنىڭ بىر-بىرىگە سوقۇلىشىدىن ،قىزىغان ئات تۇياقلىرىنىڭ يەرگە ئۇرۇلۇشىدىن ۋە لەشكەرلەرنىڭ قىر-چاپلىرىدىن چىققان سادالار بىرلىشىپ زىمىننى لەرزىگە سالاتتى .
ياۋ تەرەپ بۇ كۈتۈلمىگەن زەربىدىن ئۆزىنى ئوڭشىۋىلىشقا ئۈلگۈرەلمەي ئاتلىرىنى كەينىگە بۇراپ ئېلىشقاچ چېكىنىشكە باشلىدى .ئۇ قىلىچنى قىنغا سالدى ،بىرخىل سالماقلىق بىلەن ئوقيانى ئېلىپ ئەڭ ئالدىدا قېچىپ كېتۋاتقان ياۋ لەشكەر بېشىنى نىشانلاپ كىرىچنى تارتتى ،ئۇنىڭ بۆلەك-بۆلەك بولۇپ يىغىلغان بىلەك مۇسكۇللىرىدىكى تەر تامچىلىرى قۇياش نۇرىدا ۋالىلداپ چاقنايتتى ،ئۇ ئوقنى قويۇۋاتتى ،ئوق ۋىژىلدىغان پېتى ئەمدىلا ئارقىسىغا قارىغان ياۋ لەشكەر بېشىنىڭ نەق پېشانسىگە تېگىپ ،ئۇنى موللاق ئاتقۇزۇۋەتتى .
كۈنتىېكىن ! دىگەن ئاۋازنى ئاڭلىغان ئۇ ئارقىسىغا شۇنداق قارىۋىدى ،قاياقتىندۇ پەيدا بولغان بىرەيلەن ئۇنىڭغا قىلىچىنى ئوينىتىپ كېلىۋاتاتتى ،ئۇ شۇنداق چاققانلىق دۈمبىسىنى ئېگەرگە تەككۈزۈپ ئالدىغا قانداق ئاتقان بولسا ،ئارقىغىمۇ شۇنداق ئېتىپ ئۇنىڭ جېنىنى تېنىدىن جۇدا قىلدى ،ئۇ دوستى ھەم سەپدىشى بولغان پانتېكىنگە باش لىڭشىتىىپ رەھمىتىنى بىلدۈرگەچ كۈلۈمسىرىگىنىچە قولىدىكى ئوقيانى ئېگىز كۆتۈرۈپ قويدى .
بۇ چاغدا ياۋنىڭ ئاللىقاچان قارىسى يۈتكەن ئىدى .ئۇلار قالغان ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىپ بولۇپ بارىگاھقا قاراپ قايتتى .
ئورخۇن-سېلىنگا دەرياسى ۋادىسىدىكى بۇ كۆز يەتكۈسىز يايلاقلار ماي ئايلىرىنى كۈتۈۋالغان ئىدى ،بوي تارتىپ ئۆسكەن ئوت-چۆپلەر باھار شامىلىدا يېنىك يەلپۈنەتتى ،كۈنتېكىن قولىنى ئېگەرگە قويۇپ،سەپنىڭ ئالدىدا كېلۋاتاتتى .قوڭۇر كەلگەن ئۇزۇن چاچلىرى شامالدا ئۇچۇپ يۈزلىرىگە چۈشەتتى،ئۇ مەيىن شامالدا ئۆزىنى تولىمۇ راھەت ھېس قىلدى .كۆزلىرىنى يۇمۇپ ،يۈزىنى سىيپاپ ئۆتكەن شامالنىڭ ھوزۇرىنى سۈرەتتى .
ئالاھىزەل بىر چۈش ۋاقىتتىن كېيىن ئۇلار ئاۋۇل ئىچىگە يېقىنلاپ قالدى .ئۇلار ئاۋۇلنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزماسلىق ئۈچۈن ئاۋۇلنىڭ سىرتىدىن ئەگىپ ئۆتتى ،ئاۋۇل چېتىدىكى باشبۇلاقنىڭ قېشىدا ئويناۋاتقان بالىلارنىڭ ئىچىدە جىيەنى بارس ئۇنى كۆرۈپ«كۈنتىكىن ئاكا»دەپ توۋلىغىنىچە قېشىغا يۈگۈرۈپ كەلدى ،ئۇ ئات ئۈستىدە تۇرۇپلا بالىنى لىككىدە كۆتۈرۈپ ئالدى.
- ئاكا مەن بۈگۈن ئوقيا ئېتىپ بالىلارنى يېڭىۋالدىم ،مېنى كېلەر قېتىم ئوۋغا ئېلىپ چىققىنە .كۈنتىكىن ئېغىزىنى ئاچقۇچە توختىماي بارس ئۇنىڭغا توختىماي سۆزلەپ كەتتى .
- ئوھوي،يارايسەن! يىگىت بولۇپسەن مانا ،مەن بۇ قېتىم سېنى ئېلىپ چىقاي.كۈن پېتىشقا ئاز قالدى ،قوي-كالىلارنى ئاۋۇلغا قايتۇرۇپ ئەكەلدىڭمۇ ؟
- دادام ئۆزى كەتتى .
بارس سەپدىشى ھەم لەشكەر بېشى بولغان پانتېكىنىگە لەشكەرلەرنى ئېلىپ بارىگاھقا قايتىشىنى بۇيرۇپ ،بالىنى ئاتنىڭ ئالدىدىن چۈشۈرمەي ئاۋۇل ئىچىگە ماڭدى .
قەبىلىلەر ئوتتۇرسىدىكى يۈز بىرىۋاتقان يايلاق تالىشىش كۆرىشىنىڭ تولا يۈز بىرىشىگە كۆنۈپ كەتكەن كىشلەر ئاۋۇل ئىچىدە مۇرەككەپ خىزمەت تەقىسماتى بويىچە ئىش ئىشلەۋاتاتتى ،ياشتا چوڭراق كەلگەن ئاياللاردىن بىر نەچچەيلەن كېگىز قۇراق قىلۋاتاتتى ،ياشىراق كەلگەن ئاياللار كالا سېغىۋاتاتتى ،ئۇرۇشقا چىقمىغان ياشتا چوڭراق ئەرلەر كېگىز ئۆينى ئېگىز چاقلىق ھارۋىلارغا رەتىلىك قىلىپ بېسۋاتاتتى .قارىغاندا ئۇلار يەنە كۆچىدىغاندەك قىلاتتى .ياشانغان بىلىگ بوۋاي ئەرلەرنىڭ ئىشغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتاتتى .ئۇ كۈنتىكىننىڭ جىيەنىنى ئالىدىغا مىندۈرۈپ ئاۋۇل ئىچىگە كىراۋتقانلىقىنى ھەممىدىن بۇرۇن كۆردى ۋە قولىدىكى كېگىز ئۆينىڭ ياغىچىنى قويۇپ ئۇ تەرەپكە كۈلۈمسىرىگىنچە بىردىنلا تېتىكلىشىپ« قەھرىمانىمىز كەپتۇ ،ھوي بىزنىڭ قەھرىمان يىگىت كەپتۇ» دەپ توۋلاپ ئۇ تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈپ ماڭدى .كۈنتىكىنمۇ بوۋاينىڭ كېلۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئاتتىن چۈشۈپ بوۋاي تەرەپكە قاراپ ئۇنىڭغا قول بېرىپ سالام قىلدى .تېخى ھېلى قاپىقى تۈرۈلۈپ كىشلەرنىڭ قىلغان ئشىنى ياراتماي ئۇلارغا ئاچچىقلىنىپ يۈرگەن بۇ بوۋاي خۇشال بولۇپ كەتكەن ئىدى ،ئۇنىڭ ئاللىقاچان ئاق بولۇپ كەتكەن ساقاللىرى ئارسىدىكى قىزىل مەڭزىدە كۈلكە جىلۋىلىنەتتى .ئۇ كۈنتىكىننىڭ قولىنى سىققىنچە قويۇپ بەرمەي ئۇنىڭدىن جەڭنىڭ قانداق بولغانلىقىنى ياۋنىڭ ئەدىپنى قانداق بەرگەنلىكنى توختىماي سورايتتى .ھەي ياش بولۇپ قالغان بولسام سەن بىلەن بېرىپ بىرنەچچسىنى جېنىدىن جۇدا قىلغان بولاتتىم ،خەپ قېرىلىق .دەپ قاقشاپ قوياتتى ،كۈنتىكىن بولسا بوۋاينىڭ كىچىك بالىلاردەك قىزىقىش ئىچىدىكى سوئالىغا كۈلۈمسىرىگىنچە جەڭنىڭ غەلبىلىك بولغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى .
بىلگ بوۋاي ياش ۋاقتىدا بۇ يايلاقتا تونۇلغان پالۋان ھەم باتۇرلارنىڭ بىرى سانىلاتتى ،ئۇنىڭ باتۇرلۇق ھېكايىلىرى يايلاقلاردا ئەپسانە بولۇپ ئەل ئىچىگە تارىلىپ كەتكەن ئېدى،ئەمدى قېرىلىق يېتىپ قولىغا قىلچ-ئوقيا ئالمىغان بوۋاي باياتىن بېرى جەڭگە بارالمىغىنىدىن ھەم جەڭ ئەھۋالىنىڭ قانداق بولۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپالماي ئىشنى قاملاشتۇرۇپ قىلالمىغانلارنى تىللاپ (قاملاشتۇرۇپ قىلغانلارمۇ ئوخشاش)ئۆزىدىن-ئۆزىگە رەنجىپ ئىچى تىتىلداپ يۈرگەن ئېدى .باشقىلارمۇ ئىچى قاتتىق تىتىلداۋاتقانلىقىنى بىلىپ ئۇنىڭغا ئارتۇق گەپ قىلمايتتى ،شوخراق بىرنەچچەيلەن ئۇنى گەپكە سېلىپ ئۇنىڭ ياش ۋاقتىدىكى ئېيىق بىلەن ئېلىشقان ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ ئۇنىڭ ئاغزىنى تاتلايتتى ،بوۋاي بۇ چاغدا بۇ ھېكايسىنى باشلايتتى .
- مەن بىر كۈنى بەش قارىغاي تەرەپكە ئوۋ ئوۋلاشقا چىققىنىمدا، تۇيۇقىسز يوغان بىر قوڭۇر ئېيىق چىقىپ قالدى دەپ ھېكايسىنى باشلىشىغا ئۇنى ھېكايە سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغانلاردىن بىرى
-شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتىم .دەپ ئۇنىڭ گىپىنى ئۈزىۋېتەتتى ،بۇ چاغدا بوۋاي ئاچچىقلىنىپ قولىدىكى قامچىنى ئېلىپ ئۇنى قوغلاپ كېتەتتى قالغانلار كۆزىدىن ياش چىققۇچە كۈلۈشۈپ ئۇلارنىڭ تاماشىسىنى كۆرەتتى .
ئەمەلىيەتتە ھەممەيلەن بوۋاينى ناھايىتى ھۆرمەتلەيتتى ،ئۇ ياش ۋاقتىدا ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ گۈلىدەك ئۆتكەن ئۆزىمۇ شوخ ھەم باتۇر ئېدى .ھېلھەم ئۇنىڭسىز توي-تۆكۈنلەر ۋە باشقا ھەرقانداق مۇراسىملار قىزىمايتتى،ئۇ بولمىسا ئىشلار بىرخىل يۈرۈشمىگەندەك ،بىر نېمە كەم بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىناتتى.ھەرقانداق ئىش بولسا ئۇنىڭ مەسلھەتىنى ئاڭلايتتى .ئۇنىڭ باتۇرلۇق ھېكايسىنى سۆزلىمىسۇ ھەممە يادقا دېگۈدەك بىلەتتى ،ھەممەيلەن بۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئاقساقالنىڭ ھېكايسىنى ئاڭلاپ دېگۈدەك چوڭ بولغان ئېدى .ئەمدى قېرىلىق يەتكەن بوۋاي ئۆزنىڭ ئەل-ماكانى ئۈچۈن يەنە ئۇرۇشقا بارالمىغانلىقىدىن ئۆكۈنەتتى ،ئۆمۈرىنى ئات ئۈستدە قىلچ-ئوقيا بىلەن ئېلى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر باتۇرلۇق بىلەن كۆرەش قىلغان ،ئەل-يۇرت دېسە جېنىنى بېرىدىغان بۇ بوۋايغىمۇ تەس ئېدى ،ئەمدىلىكتە ئەل-يۇرتنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈنلەردە بوۋاي ئۆزنىڭ بۇرۇنقىدەك باتۇرلۇق قىلىپ بېرەلمىگىنىدىن ئىچى تىتىلداپ يۈرەتتى ،ئۆيدىكىلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئارتۇق گەپ قىلمايتتى ،بوۋاي بەزىدە ئاتلارنى يايلاققا قويۇپ بېرىپ ئۆزى ئاسماندا ئۇچۇۋاتقان بۈركۈتلەرگە قاراپ ياش-قىران چاغلىرىنى خېيال قىلاتتى . ئۇنىڭ كۆپ ھاللاردا ئەسلەيدىغىنى ئاتنى چاپتۇرغان پېتى قىلچىنى ھاۋادا ئوينىتىپ ياۋ سېپى ئىچىدە قانلىق كۆرەش قىلغان ھالىتى.بىلىگ كېلۋاتىدۇ دىسە يۈرىكى سوقۇپ بەدىنى تىترىگەن ھالدا ئارقىغا چېكىنىدىغان يايلاق قاراقچىلىرىنى قوغلاپ تىرىپېرەن قىلغانلىرى ،ياۋ بىلەن كۆرىشىپ قۇربان بولغان قۇرادشلىرى ئېدى.مانا ئەمدى ئورنىنى كۈنتىكىن باستى ،بۇنى ئويلىغىنىدا يەنە تۇرۇپلا ئۆزىچە خۇشال بولۇپ كېتەتتى ،كىشلەرنىڭ كۈنتىكىننىڭ باتۇرلۇقى ھەققىدە گەپ قىلىشقانلىرىنى ئاڭلىسا ھاياجانلىنىپ ئۆزىنى باسالماي ئۇلارنىڭ گېپىنى تارتېۋىلىپ ئۆزى قالغان قىسمىنى داۋاملاشتۇراتتى .
بوۋاي شۇنداق ھۆرمەتكە سازاۋەر بولسىمۇ ،بىراق قەتئىي كېبىرى يوق ئادەم ئېدى ،ھەممەيلەن ئۇ كەلگەن چاغدا ئۆزلىرىنى سوراپ ئۇنىڭ داۋاملاشتۇرغان ھېكايسىنى زەن قويۇپ ئاڭلايتتى .ھەم شوخراق ياش بالىلار ئۇنىڭ چىشغا تېگىپ ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرەتتى ،ئۇ ئاچچىقى كەلگەن ھالىتىگە ھەممەيلەن ئامراق ئېدى ،ئۇ بۇچاغدا ئاچچىقىنى باسالماي تېخىمۇ كۈچەپ سۆزلەيتتى ھەم تۇيۇقسىز قاقاھلاپ كۈلۈپ كېتەتتى .قانداقلا بولمىسۇن ئۇ بار يەر قىزىپ كېتەتتى .
كۈنتىكىنمۇ بوۋاينىڭ قەلبىنى چۈشىنەتتى ،ئۇ بوۋاي بىلەن بىردەم ئاۋۇلنىڭ سەللا چېتدىكى دۆڭلۈكتە بولغان جەڭ ھەققىدە سۆزلەپ بەردى ۋە بوۋايغا خوش ئېيتىپ بارىگاھقا قايتماقچى بولدى .بوۋاي ئۇنى قۇچاقلاپ مېنىڭ ئارمىنىم سىلەردە ،ئەل-يۇرت ئۈچۈن قىلغان كۆرەشنى كۆك تەڭرىمۇ قوللايدۇ ،كۆك تەڭرىم سىلەرگە يار بولسۇن ،كۆك بۆرە روھى سىلەرگە ھەمدەم بولسۇن دەپ ئۇنىڭ پېشانسىگە سۆيۈپ ئۇنىڭ قايتىشىغا ماقۇللۇق بەردى .
كۈنتىكىن ئېتىنىڭ بىشىنى بارىگاھقا قارىتىپ بۇرىشىغا ئەقىللىق ئاتمۇ بىر خىل رېتىمدا يورغىلاپ يۈرۈپ كەتتى .ئۇ ئاۋۇلنىڭ ئەڭ چېتىدىكى تېخى يېڭىلا بۇ ئاۋۇلغا كەلگەن بوقاسۇن بوۋاينىڭ چېدىرى ئالدىدىن ئۆتكەن چاغدا تولىمۇ يېقىملىق بىر مۇزىكا ئاڭلاندى .ئۇ ئېتىنى ئاستلىتىپ بوقاسۇن بوۋاينىڭ چېدىرى تەرەپكە قارىدى .
بىر نەچچە تۈپ ياۋا ئۆرۈككە ئانچە يىراق بولمىغان چېدىرنىڭ قېشىدا بىر قىز ئولتۇرۇپ باربىت چېلىۋاتاتتى .بارماقلار باربىت ئۈستىدە لەرزان ئوينايتتى .ئۇنىڭغا ئەگىشىپ چىقىۋاتقان مۇزىكا كىشگە ئورخۇن دەرياسىنىڭ ئويناقلاپ ئېقىشىنى ئەسلىتەتتى .ئەنە پايانىسز يېشىل يايلاقلارنىڭ ئىچدە ئۇزۇن سوزۇلۇپ ياتقان ئورخۇن دەرياسى دولقۇنلاپ ئاقاتتى ،كەچكى شەپەقىنىڭ نۇرىدا ،دولقۇنلاپ ئېقىۋاتقان سۇدا قۇياش نۇرى چاقنايتتى .قىرلاردىكى قورام تاشلارغا ئۇرۇلغان سۈزۈك سۇلار سانسىز سۇ تامچىلىرى بولۇپ، ھەسەن ھۈسەن پەيدا قىلىپ يوقاپ كېتەتتى .
يېقىملىق مۇزىكىدىن ئۇنىڭ چارچىغان نېرۋىلىرى بوشاشقاندەك بولدى .كۈنتىكىن مەستخۇشلۇق ئىچىدە كۆزىنى ئاستا يۇمدى يۇ، دەرھال ئېچىپ قىزغا داۋاملىق قاراپ تۇردى .
ئۇپۇق سىزىقىغا ياماشقان قۇياش قايتقۇسى كەلمىگەندەك بىر ئىزدا توختاپ ،سالقىن نۇرلىرىنى ئاخىرقى قېتىم زىمىنغا تۆكۈۋاتاتتى.ئېچىلىپ يەرگە چۈشۈۋاتقان ئاپئاق ئۆرۈك چېچەكىلرى مەيىن شامال بىلەن ئۇسسۇل ئويناپ ھاۋادا ئۇچاتتى ،شامال ئېلىپ كەلگەن يېقىملىق چېچەك ھىدى ئۇنىڭ بۇرۇنلىرىنى غىدىقلايتتى ھەم شامالدا ئۇچقان چېچەك بەرگىلىرى يۈزىگە يەڭگىل تېگىپ يېقىملىق چىقۋاتقان مۇزىكا بىلەن ئۇنىڭ قۇلقىغا شىۋىرلاپ ئۆتۈپ كېتەتتى . شۇ تاپ ھەممە مۇزىكا بىلەن يۇغۇرۇلۇپ يېقىملىق بىر مېلودىيلەرنى توقۇۋاتاتتى .
كۈنتىكىن ئېسىنى يىغىپ قىزغا قارىدى .قىز كۆزلىرىنى يۇمغان ھالەتتە پۈتۈن ئىشتياقى بىلەن مۇزىكا چېلىۋاتاتتى ،ئۇنىڭ چىرايلىق ئېگىلگەن كىرپىكلىرى بىلنەر-بىلىنمەس تىتىرەيتتى .شامالدا يېنىك يەلپۈنگەن چاچلىرى ئۇنىڭ گۈزەل ھۆسنىنى يوشۇرالمايتتى .
كۈنتىكىن يۈرىكىدە بىر ئاجايىپ سېزىمنىڭ پەيدا بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى .بۇ سېزىم بارا-بارا ئۇنىڭ يۈرىكىدىن بەدىنىنىڭ باشقا يەرلىرىگە تارقاپ مېڭىۋاتاتتى.ئۇ قولىدا ئېگەرنىڭ قوشقۇنىنى قولىدا چىڭ ئۇستىۋالدى.
مۇزىكا تۈگىشى بىلەن قىز كۆزىنى ئاچتى ،كۆزلەر ئۇچىراشتى ،قىزنىڭ كۆزىدىن بىر ئوت چىقىپ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە كىرىپ يۈرەك تامان تۇتاشتى.
ئوت ،ئاھ ! دەپ ۋارقىرىغان پېتى ئويغىنىپ كەتكەن كۈنتىكىن كۆزىنى ئېچىپ ئالدىدىكى تېلۋىزورغا قارىدى .كېچىچە ئۆچۈرۈلمىگەن تېلىۋىزوردا ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر بېرىلىۋاتاتتى .ئۇ كۆزلىرىنى ئۇۋىلاپ قويۇپ ئېرىنچەكلىك بىلەن تېلىۋىزورنىڭ قېشىغا بېرىپ تېلىۋىزورنى ئۆچۈرۋىتىپ ئۇسسۇزلۇقتىن چاپلىشىپ كەتكەن ئېغىزىنى نەمدەش ئۈچۈن تۇرۇبىدىن سۇ ئېلىپ ،كارۋاتتا ئولتۇرۇپ ئېچكەچ ئۆي ئىچىگە قارىدى .
نەچچە ۋاقىتتىن بېرى يېغۇشتۇرۇلماي قالايمىقان بولۇپ كەتكەن ئۆي ئىچىدە ئەرزان باھالىق ھاراق بوتۇلكىلىرى،تولۇق سىزىلماي پۇرلاپ تاشلۋىتىلگەن رەسىم قەغەزلىرى ھەممە يەرنى بىر ئالغان ،ئۆي ئىچى خۇددى ئەخلەت ساندۇقىنىڭ ئىچىگە تاشلىماي سىرتقا تاشلىغان ئەخلەتلەردەك ھەممە يەردە بىر نەرسىلەر سۆرىلىپ تۇراتتى .ئۆي ئىچىدىكى نەرسلەرمۇ قالايىمقان قويۇلغان ،كىچىكلا تېلىۋىزورمۇ ئىشكاپنىڭ ئۈستىدە يانتۇ قويۇلغان ،ئۆزى يېتىۋاتقان كارۋىتىمۇ ئورنىدىن قوزغىلىپ كەتكەن .ئۆينىڭ ئىچىدىكى رەتلىك قويۇلغان نەرسلەر بار دېيىلسە ،پەقەت تامغا ئېسلىغان بىر قانچە پارچە ماي بوياق رەسىملىرى رەتلىك ئېسىلغان ئېدى.
كۈنتىكىن ئىستاكاندىكى سۇنى ئىچىپ بولۇپ ،ئىستاكاننى كارۋات بېشىدىكى ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ كۆزلىرىنى تامدىكى بىر داغ بولۇپ قالغان يەرگە تىكىپ ھاڭۋىققىنىچە قاراپ كۆزلىرىنى ئۈزمەي تۇرۇپ قالدى .ئۇنىڭغا بۇنداق« تىكىلىپ تۇرۇپ قېلىش» ئادەت بولۇپ قالغان ئېدى .
ئۇ بىر ئاز تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن كۆزلىرىنى يۆتكىشگە ئۈستەل ئۈستىدىكى «داستخان»ىدىكى «سىز نىشان تىكلىدىڭىزمۇ؟» دىگەن ماقالىنى كۆرۈپ قالدى ،ئۇنىڭ داستخىنى ئەمەلىيەتتە بىر ئۇزۇندىن بېرى نان قويۇپ قويىدىغان گېزىت ئېدى .نىشان ؟! ئۇ بۇ سۆزنى دەپ بولۇپ چۈشىنىكسىز كۈلۈپ قويدى .
ئۇ ئۆزىدىكى نىشانلارنىڭ ئاللىقاچان ئۆچۈپ بولغانلىقىنى ھېس قىلدى .ئارزۇ-ئۈمىدلەر ئۇپۇققا پاتقان قۇياش كەبى خىرەلەشكەن،نىمە قىلىشنى ئويلاشمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن غۇۋا،نېمىنى ئويلاشمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن قاراڭغۇ،ئۇنىڭدا نەدىمۇ نىشان بولسۇن .ئۇ بۇنى ئويلاپ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ يۈزىنى يۇيغىلى باردى،يۈزىنى مۇزدەك سۇ بىلەن يۇيۇپ چاچلىرىنى ھۆللەپ ،سول قولى بىلەن چېچىنى ئارقىغا قىلىپ ،پېشانىسىنى ئېچىپ ئەينەككە قارىدى.بىر جۈپ ئولتۇرۇشقان كۆزلەر مۇڭلۇق ھالدا ئۇنىڭغا تىكىلدى،ئۇ كۆزلىرىگە تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ قالدى ،كۆزلەر ئىچىدىن بىر تونۇش سىيمانىڭ كۆلەڭگىسى چىقىپ ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ ،ئۇنىڭغا ئۆزۈڭنى يوقاتما ،غەيرەتلىك بول دەپ پىچىرىلىغاندەك بىلىندى .كۆزلەر ئىچىدە غۇۋا بىر سىيما قاراپ تۇراتتى .ئۇ شۇنداق تونۇش ،شۇنداق تونوش بىر سيما .ئۇ زادى كىم ؟ئاناممۇ يە ؟دەپ پىچىرلاپ قويدى .
كىچىك ۋاقتىدا ھەممسى ئۇنىڭ كۆزلىرىنىڭ ئانىسىنڭ كۆزىگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغانلىقىنى ئېيتاتتى .ئانسىنىڭ كۆزى ئىچىدىكى سىيمانىڭ قانداقلىقىنى ئۇ بىلەتتى .
بىراق بۇ سىيما كىچىك چېغىدا ئانىسى جىنچىراق يورۇقىدا ئۇنىڭغا ئۇخلا قوزام دەپ پېشانىسگە سۆيۈپ قويۇپ قارىغان چاغلىردىكى كۆزلەر ئىچىدىكى سىيماغا ئوخشىمايتتى .ئۇنىڭ ئەركىلەشىلىرىنى كۆرۈپ كۆزلىرىدە بەخت ئۇچقۇنلىرى بىلەن شادلانغان سىيماغا ئوخشىمايتتى .ئانسى ئۇنى تۇنجى قېتىم ئالىي مەكتەپكە ئۇزاتقان چاغدىكى ياشلانغان كۆزلەر ئىچىدىكى سىيماغا ئوخشىمايتتى .ئانسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم جان ئۆزگەن چاغدىكى ياش ۋە قىيالماسلىق تۇيغۇلىرىغا تولغان كۆزلەر ئىچىدىكى سىيماغا ئوخشىمايتتى .
شۇنداق بولغان بولسا ئۇ سىيما ئۇنىڭ قەلىب دۇنياسىنى يورۇتۇپ ،ئۇ يەرنى دۇنيانىڭ مېھىر-مۇھەببەتلىرىگە چۆمدۈرگەن بولاتتى .ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ياش پەيدا پەيدا بولۇپ ئۇنىڭ كۆزى ئىچىدىكى سىيمانى غۇۋالاشتۇرۋەتتى . ئۇ كۆزىنى يۇمۇۋالدى.ئىككى تامچە ياش ئۇنىڭ كۆز قۇيرۇقىدا تۇرۇپ قالدى .
ئۇ يۈزىنى يۇيۇپ بولۇپ قايسىدۇ بىر كۈنى ئەكىرىپ قويغان قاتتىق ناننى سوغۇق سۇغا چىلاپ ناشتىلىق قىلىپ بولۇپ رەسىم جازىسى ئالدىغا كەلدى،ئۇ ھەركۈنى ئۆزىدە ئېلھامنىڭ يوقلىقىنى ھېس قىلسمۇ ،رەسىم جازىسى ئالدىغا كېلىپ بىر نەرسلەرنى سىزماقچى ،قەلبىدىكى ئويىنى ئىپادىلىمەكچى بولاتتى ،بىراق بىر يىلدىن بېرى ئۆزىنى رازى قىلغۇدەك بىر پارچە رەسىم سىزالمدى ،سىزغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى پۇرلاپ-پۇرلاپ تاشلايتتى .ئۇ يەنە ئادىتى بويىچە قولىغا قېرىنداش ئېلىپ ئاق قەغەزگەتىكىلىپ قاراپ تۇردى.بۈگۈن سىزىق سىزىش بۇياقتا تۇرسۇن تېخى نېمە سىزىشنى بىلمەي قېرىنداشنى ئېتىپ ،رەسىم جازىسىدىكى قەغەزنى پۇرلاپ-پۇرلاپ تاشلىۋەتتى،چاچلىرىنى قاماللاپ يەردىكى قۇرۇق ھاراق بوتۇلكىسغا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ قالدى .ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆزلىرىنى بىر نۇقتىغا تىكىپ قاراپ تۇرۇپ قېلىش .ۋاقىتنىڭ توختاپ قېلىشى تۇرمۇشنىڭ «ھەممە»سىگە ئايلىنىپ كەتكەن .
ئۇنىڭ كۆزلىرىگە ئىختىيارسىز ياش كەلدى.كۆز چانىقىدىكى يەرگە تۆكۈلۈشنى خالىمىغان بىر تامچە ياش سىرتقا چىقماي كۆزىدىلا توختاپ ،كۆز ئالدى بارغانسىرى غۇۋالاشتى.ئۇ قولىنى ئاستا چىقىرىپ بارماقلىرىغا قارىدى.بارماقلىرىنى قاراڭغۇلۇق ئاستا-ئاستا يۇتماقتا ئىدى .ئۇ ئۇزۇن سۈكۈتتىن كېيىن ئېغىر نەپەس ئالدى،لېكىن ئالغان نەپەس بىلەن بىرلە غېرىبلىقنىڭ ئۆپكىسىگە كىرىپ ،ئۆپكىدىن قىلدام قان تومۇرلارغا ئۆتۈپ پۈتۈن بەدىنىدە ئېقىۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى .ئۇ ئۆيدە داۋاملىق تۇرۇۋىرىشكە تاقەت قىلالمىدى ، كىيىم ئىشكابىدىن ئۆزى دائىم دەپ قويىدىغان « كېيگىلى بولىدىغان كىر كىيىم»لىرنى ئالماشتۇرۇپ سىرتقا ماڭدى .دېمىسىمۇ ئۇنىڭ كېيىم ئىشكابىدا كىيگىلى بولىدىغان «كىر»كېيىم ۋە كېيگىلى بولمايدىغان «كىر»كېيىملا بار .
ئۇ چوڭ كوچىغا چىقىپ قايان مېڭىشىنى بىلمەي بىر ئاز تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن ئوڭغا قاراپ بۇرۇلدى.كوچىدا گەرچە نۇرغۇن ئادەم ۋە ماشىنلار ئۆتۈشۈپ تۇرغان بولسىمۇ،ئۇنىڭ ئۈچۈن جىمجىت ،سۈركىلىپ ئۆتكەن ناتونۇش كىشلەر ئۇنىڭغا نىسبەتەن پەرۋاسىزدەك بىلىندى .ئۇنىڭىغلا ئەمەس ھەممە بىر-بىرىگە پەرۋاسىز ئىدى.كىشلەر بىر-بىرىنى ئۇنۇتتمۇ ياكى ئۆزىنى ئۇنۇتتىمۇ بۇنىسى ئۇنىڭغا نامەلۇم،ئالدىراش شەھەر كوچىسى ئۇنىڭ كۆزىدە خۇددى ئاۋازسىز قويۇلۇۋاتقان رەڭسىز فىلىم كەبى داۋام قىلىۋاتاتتى،ئاشۇ ئۆتۈشۈۋاتقان ناتونۇش كىشلەر خۇددى نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان چۈمۈلىلەردەك ئالدىراش ،ئۇلارنىڭ چىرايىدا ئۇ ئىزلىمەكچى بولغان كۈلۈمسرەشنىڭ ئورنىدا جىددىيلىك ۋە ھارغىنلىقىنى كۆردى .
ئۇ ئۆزىنىڭ تەكلىماكاننىڭ بېقىنىدىكى مەھەللىسىنى ئەسلەپ قالدى ، ئۇزۇنغا سوزۇلغان ھەم ئېتىزلىققا تۇتىشىدىغان توپىلىق يول ،ئۇنىڭ ئىككى قىرىدا جىگىدىلەر ،جىگدىلەر چېچەكلىگەن .ئېشەك ھارۋىسى ،ھارۋا ئۈستىدىكى زاغرا ئۇۋۇندىسى قالغان سېرىق چىشلىرىنى چىقىرىپ كۈلۈمسىرىگىنچە ناخشا ئېيتىپ كېلۋاتقان دېھقان.ئۇ ناخشا ئېيتقاچ ئېتىزىغا ماڭغان باشقا دېھقانلارغا كۈلۈمسرەپ چاقچاق ئارىلاش سالام قىلىپ ماڭاتتى ،ئېگىسىگە ئوخشاش كەيپىياتى چاغ ئېشەكمۇ مەيدىسىنى تىك كۆتۈرۈپ ،يېنىدىن ئۆتۈشۈپ كەتكەن مادا ئېشەكلەرگە ھاڭراپ قويۇپ ئېتىز تەرەپكە قاراپ ئېشەك يورغىسىغا چۈشۈپ كېتۋاتاتتى .قورۇق قاپلاپ كەتكەن چىرايى مىس رەڭگە كىرىپ قالغان دېھقان ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا خۇددى سىترولۇق كېنودەك ئېشەك ھارۋىسىنى ھەيدىگىنىچە خوشال ئۆتۈپ كەتتى . ئۆتۈپ كەتكەن دېھقاننىڭ سىيماسى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا بارغانسىرى غۇۋالىشىپ توپىلىق سەھرا يولىغا سىڭىپ كەتتى ،لېكىن توپا قونۇپ كەتكەن سىدام كىيىملەرنى كېيگەن دېھقاننىڭ روھىي دۇنياسى ئۇنىڭ كۆز قارىچۇقىدا قېتىپ قالدى .ئاددى لېكىن سۈزۈك بىر دۇنيا ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا يالتىراپ تۇراتتى ،ئەمەلىيەتتە دۇنيادىكى رەڭلەرنىڭ ھەممىسى ئاشۇ يەردە ئېدى .ئۇ شۇ چاغدىلا ئۆزنىڭ خاتالاشقانلىنى ھېس قىلدى .
ئۇ ئىلگىرى سەھرا تۇرمۇشىنى بىر رەڭسىز فىلىم دەپ بىلەتتى ،ئۇنىڭدا دېھقاننىڭ توپا بىلەن قوپۇرۇلغان پاكار تاملىق ھويلىسى ،ئاددى ،تولىمۇ ئاددى ،رادىئودىن باشقا ئائىلە ئېلىكتىر سايمىنى يوق ئۆيى .تۈگىمەس ھاشاردىن پۈكۈلگەن ئەركەكنىڭ بېلى ۋە بەلدىكى ئەسلى رەڭگىنى بىلگىلى بولمايدىغان پوتا ،تۇغۇلغان چېغىدا ئاق ،لېكىن ھازىر توپا بىلەن رەڭ ئالغان قورۇق باسقان تېرە .شۇنداق ،ئۇ سەھرادىكى دېھقاننىڭ تۇرمۇشىنى رەڭسىز فىلىمدەك ھېس قىلاتتى ،ئۇ يەردە رەڭ يوقالغان دەپ بىلەتتى .
لېكىن بۈگۈن ئۆزنىڭ خاتالاشقانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتى ،ئۇ پەقەت سەھرانىڭ بىرلا تەرىپىنى ،ئۆزىگە رەڭسىز بىلنىگەن تەرىپىنى كۆرۈپ يەتكەنلىكىنى بىلدى ،ئەمەلىيەتتە دۇنيادىكى ھەقىقى رەڭلەر سەھراغا قېچىپ بېرىۋالغاندەك تۇيۇلدى .چۈنكى قۇياش نۇرى ھەقىقى سۆيەلىگەن يەردە ،ئۇنىڭ نۇرلىرى ھەرخىل رەڭلەرنى ھاسىل قىلىدۇ .
ئەنە كۆپكۈك ئاسمان ،ئاپئاق بۇلۇت .توپا ئۈستدىكى ياپيىشىل زىرائەتلەر ،قېپقىزىل ئېچىلغان قىزىلگۈل ،ساپسىرىق بۇغداي باشىقى .ئەڭ مۇھىمى تەبىئەتكە يېقىنلاشقان ئادەملەرنىڭ روھيتىدىكى ھېچقانداق كىر قونمىغان سۈزۈكلۈك ،شۇڭا ئۇلارنىڭ كەيپىياتى كىچىك بالىنىڭ كەيپىياتىنىڭ ئۆزى ،بالا ئويۇنغا كىرىشىپ ھېچنىمىنى بىلمىگەنگە ئوخشاش ،ئۇلارمۇ بەزىدە شۇنداق غەمسىز ،دۇنيادىكى ھەقىقى مەنىدىكى خوشاللىقنىڭ جۇلاسى ئۇلارنىڭ قەلبىدە .ئوخشاشلا بالىنى كىم مەڭگۈ غەمسىز دەپ ئويلايدۇ ،بالىنىڭمۇ غېمى بار ،بىراق ئۇنىڭ خۇشاللىقى ھەقىقى ساپ خوشاللىق .لېكىن شەھەردىچۇ ؟پۇل ھەممىگە قادىر بىلنىدىغان شەھەردە ،خوشاللىقا ئېرىشىش ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل خەجلەنسىمۇ ئاقىۋەت ئېرشدىغىنى يەنە شۇ چارچاش ۋە كۆڭۈلسىزلىك .
ئۇ ئۆزى رەڭلىك دۇنيا دەپ بىلگەن شەھەرنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر رەڭسىز دۇنيا ئېكەنلىكىنى ھېس قىلدى ،چۈنكى كىشلەر ئاللىقاچان تەبېئەت بىلەن خوشلاشقان ئېدى .
ئۇ بۇنى ئويلاپ چوڭقۇر بىر نەپەس ئالدى،پەقەت نەپەس ئېلىشلا ئۇنىڭغا ئۆزنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ھېس قىلدۇراتتى .ئۇ كوچىدا شەھەر كىشلىرىگە خاس كۈلۈمسىرەش يوقالغان ھارغىن چىراي بىلەن نېمە خىيال قىلىشىنى بىلمەي كوچىدا ماڭدى .
بۇ چاغدا يەرشارى ئۆزئوقىدا°23 ئايلىنىش بىلەن بىرگە قۇياشنى ئايلىنىۋاتاتتى .بىر چىۋىن تاشلىۋىتىلگەن مېۋە شۆپۈكىدىن ئۆزىگە كېرەكلىك ئوزۇقلۇققا ئېرىشكەندىن كېيىن قانىتىنى 2000 قېتىم سوقۇپ ئۇچۇپ كەتتى .سىرتنىڭ تېمپراتۇرسى 15-22 گىرادۇس ،شامال كۈچى 2بال ئىدى .شۇنداق ھەممە ھەرىكەتتە .پەقەت ئۇنىڭ خىيالىدىن باشقا.
ئۇ تۇيۇقسىز چۈمىلىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرغان ئالدىراش كىشلەر توپى ئارسىدا ئۆزنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكنى ھېس قىلدۇرماقچى بولۇپ يۇقىرى ئاۋازدا «ئاھ خۇدا ،مېنى ئۇنۇتتۇڭمۇ ؟»دەپ ۋارقىرىۋەتتى.پەقەت شەھەرنىڭ بۇ كىچىك بىر بۆلىكىدىكى ئازغىنە كىشلەر توپى ئۇنىڭ ئاۋازنى ئاڭلاپ نېمىلەرنىدۇ دەپ قويۇپ يوللىرىغا راۋان بولدى . ھەممە تېزلىكتە ئۆز ئەسلىگە قايتتى .ئۇ ئۈمىدىسىزلىك ئىچىدە تۇنجۇققاندەك بولدى دە نىشانسىز يولىنى داۋاملاشتۇردى .
ئۇ مېڭىپ باغچا ئالدىغا كەلگەنلىكىنى ھېس قىلغان چېغىدا ئىختىيارسىز باغچە ئىچىگە قاراپ ماڭدى .باغچە ئىككى قاسنىقىدىكى گۈللەر ۋە ياپيىشىل چىملار سۈنئىيلىك بىلەن بىرلەشكەن تەبىئەتنىڭ جۇلاسىنى بۇ يەردە نامايەن قىلاتتى .ئۇ باغىچىغا كىرىپ ئۆزنىڭ چارچىغانلىقىنى ھېس قىلدى .ئولتۇرغۇدەك ئورۇندۇقلارنىڭ ھەممىسى كىشلەر تەرىپىدىن ئىگىلىۋىلىنغان بولۇپ ھېچ ئورۇن چىقىدىغاندەك ئەمەس ،ئۇ باغچىنىڭ ئىچىكىرسىدىكى كۆلنىڭ قېىشىغا بېرىپ ،كۆلنىڭ قىرىدىكى پەلەمپەيدە ئولتۇردى .سۇ يۈزىدىكى باشقىلار تەرىپىدىن تاشلانغان بىر نەچچە قۇرۇق سۇلياۋ بوتۇلكا ۋە خالتىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا سۇ يەنىلا سۈزۈك ئىدى.ئۇ سۇ ئاستدىكى بىر نەچچە بېلىقىنىڭ ئۈزۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ،ئېڭىشكىنىچە سۇغا سىنچىلاپ قارىغان چېغىدا، ئۆزنىڭ سۇدىكى ئەكسىنى كۆردى .چاچ-ساقاللىرى ئۆسۈپ كەتكەن بولۇپ ،قارىماققا ياش يىگىتتەك كۆرۈنمەيتتى،ئۆزنىڭ چىرايىغا داۋاملىق قاراشقا بەرداشلىق بېرەلمىدى ،چىراي ئۇنىڭغا غېرىبلىقىنى چىللاۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى ، يانچۇقىنى كوچىلاپ قاچانلاردۇ قالغان بىر تال تەڭگىنى ئېلىپ سۇدىكى ئەكسى بار جايغا ئاتتى .كىچىك دائىرىدە پەيدا بولغان دولقۇنلار كېڭىيىپ ئۇنىڭ ئەكسىنى يوقاتتى .سۇ يۈزى ئەسلىگە كەلگىندە ،ئۇ سۇ يۈزىدە چۈشىدە كۆرگەن يىگىتنى كۆردى.بېشىغا پەي قىستۇرۇلغان كىگىز مالخاي كېيگەن،بوينىغا ئوقدان ئاسقان قامەتلىك يىگىت ئۇنى چاقىرۋاتاتتى .ئۇنىڭ روھى تېنىدىن ئاستا چىققاندەك سىزىم بولدى .ئۇ روھ ئاستا-ئاستا ئۇنىڭ بېشىدا ئايلىنىپ كۆلدىكى سىما بىلەن بىرلىشىپ كەتتى .
* * * *
قىز باربىتنى چېلىپ بولغان چاغدا بىر ناتونۇش يىگىتنىڭ ئۆزىگە قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆردى .كۆزلەر ئۇچىراشتى. قىزمۇ يىگىتكە تىكىلىپ قاراپ قالدى .بىر ئىللىق سىزىم بىلەن ئۇنىڭ يۈرىكى ئېغىنشقاندەك بولدى .
تولىمۇ قاملاشقان بىر يىگىت ئات ئۈستىدە ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى ، ،ئىككەيلەن بىر-بىرىگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويدى .بۇ بىر قانچە سېكۇنت قىزنىڭ ئىختيارىدا ئەمەس ،قىز ئۆزنىڭ يىگىت بىلەن تىكىلىشىپ قاراپ تۇرغانلىقىنى ھېس قىلغان چېغىدا ، ئېسىگە كەلگەندەك بولۇپ ، خىجىللىق ئىلكىدە ئۆزنى چېدىر ئىچىگە ئاتتى.
كۈنتىكىنمۇ بۇ يەردىن كېتىشكە قېيمىغاندەك ئېتىنى دېۋىتتى .ئۇ ئارقىسىغا قاراپ-قاراپ قوياتتى .بۇرۇلما يولغا كەلگەندە ئاخىرقى قېتىم چىدىرىغا قارىدى ، چېدىر ئۇنىڭغا تولىمۇ ئىللىق بىلىنۋاتاتتى .
كۈنتىكىن نۇرغۇن خىياللار ئىچىدە ئۆزنىڭ ئاۋۇل نېرىسىدىكى كۆل بويىغا كېلىپ قالغانلىقىنى بىلدى.ئۇ ئاتنى ئېگەردىن يېشىپ ،كۆل بويىدىكى چۆپلەرگە قويۇۋەتتى .ئۆزى بولسا توقۇمنى ئاستىغا سالغىنىچە بىر تال ياۋا گۈلنى چىشلىگىنىچە ئاسمانغا قاراپ ئولتۇرىدى ،ئاي بۈگۈن تولىمۇ نۇرلۇق بولۇپ كەتكەن ئىدى . ئايغا ھەربىر باققان چېغىدا ئۇ قىزنىڭ گۈزەل چىرايىنى ئايدا كۆرگەندەك بولاتتى ،ئۇ ئايغا تىكىلىپ قارىغىنچە تەگىسىز خىياللار ئىچىگە چۆكۈپ كەتتى ..
قىزمۇ يىگىتنى كۆرگەندىن كېيىن نېمىشقىدۇ كاللىسى توختاپ قالغاندەك بولدى ،نەچچە رەت يىگىتنى خىيال قىلىپ ئانىسىنىڭ سورىغان سوئاللىرىنى جاۋابىسىز قالدۇردى .بوقاسۇن بوۋاي قايتىپ كەلگەندە ،دادىسىنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بېرىۋىتىپ ،بوۋاي ئاللىقاچان چىدىر ئېچىگە كىرىپ بولغان بولسىمۇ،چېدىر ئىشكىگە يۆلىنىپ سۇنى تاكى تۇلۇمدىكى سۇ تۈگىگچە قۇيۇپ، يىگىتنى خىيال قىلىپ چېدىر ئالدىدا خىيالغا كەتتى .
قىزنىڭ ھېسياتىدا بۇرۇن بولۇپ باقمىغان ئۆزگىرىش بار بولدى .كېچە بولغاندا ئۇيقۇسى كەلمەي چېدىر ئىچىدە سىرتقا قاراپ ئولتۇردى ،چىدىرنىڭ نېپىز كەلگەن چىمىلدىقى غۇر-غۇر تاغ شامىلىدا يېنىك يەلپۈنەتتى .
ئۇيقۇسى كەلمىگەن قىز بىر چاغدا ئاستا سىرتقا چىقتى ،ئاي ئېگىز كەلگەن قارىغاينىڭ ئۈستىدە تۇرغاندەكلا تولىمۇ يوغان،نۇرلۇق تۇراتتى .قىزنىڭ چاچلىرى چىقۋاتقان تاغ شامالىدا يەلپۈنۈپ يۈزلىرىگە چۈشۈپ تۇراتتى ،ئاينىڭ سۈتتەك نۇرىدا قىزنىڭ گۈزەل چىرايىغا چۈشۈپ تۇراتتى.قىز بېشىنى كۆتۈرۈپ ئايغا قارىدى ،ئايدا ھېلىقى يىگىتنىڭ سيماسى ئەكىس ئېتەتتى ،بېجىرىم كەلگەن قاۋۇل يىگىت ئات ئۈسىتدە ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا قاراپ تىكىلىپ تۇرىغاندەكلا كۆرۈنەتتى.بىر چاغدا بوۋاي يۆتىلىپ سىرتقا چىقتى ،قىز بىردىنلا ئالاقزدە بولۇپ چېدىر ئىچىگە كىرىپ كەتتى .
قىز چېدىر ئىچىگە كىرىپ ،يوتقان ئىچىگە كىرىپ ياتتى ،بىر چاغلاردا يىگىتنى خىيال قىلىپ ئۇخلاپ قالدى ،چۈشىدە يىگىت سانسىز ناھايىتى نۇرۇلۇق يۇلتۇزلار ئارسىدىن ئات مىنىپ چۈشۈپ ئۇنى ئاتنىڭ كەينىگە ئېلىپ يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا ئېلىپ چىقتى ،قىز يىگىتنى خۇددى كىچىك چاغلىرىدا دادىسنىڭ ئارقىسىدا ئاتتا ئولتۇرغاندا قۇچاقلىغاندەك چىڭ قۇچاقلىدى.يىگىت ئارقىغا بۇرۇلۇپ كۈلۈمسىرەپ قىزغا قاراپ قويدى،قىزمۇ جاۋابەن كۈلۈمسىرىگىنچە كۆزىنى يۇمۇۋالدى،ئات سامانيولى ئۈستىدە چاپاتتى ،سانسىز يۇلتۇزلار بۇ ئىككى ئاشىق-مەشۇققا ئەگىشىپ ئۇچتى .ئۇلار نۇر ئىچىدە كۈلىۋاتاتتى ،بۇ ساپ ھەم ياڭراق كۈلكىلەر بىپايان يۇلتۇزلۇق ئاسماندا ئەتراپقا ئەكىس سادالار پەيدا قىلىپ جاراڭلايتتى.ئۇلار يوپيۇرۇق نۇر ئىچىدە نۇرغۇن يۇلتۇزلار بىلەن چەكسىز كېچە ئاسمىنىدا غايىپ بولدى...
قىز بۇ تاتلىق چۈشتىن ئويغىنىپ كەتتى .ئۇ خېلى ئۇزاققىچە ياستۇقتىن بېشىنى كۆتۈرمەي چۈشىدە كۆرگەن يىگىتنىڭ سېيماسىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرەتتى . قىز قانچە كۆزىنى چىڭ يۇمۇپ ئۇخلاشنى ئويلىغان بولسمۇ ئۇخلىيالمايۋاتاتتى . بىر چاغدا قىز ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ كېيىملىرىنى كېيپ چېدىردىن چىقتى.تېخى بايىلا چۈشىدە كۆرگەن ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويۇپ ، كۆل بويىغا قاراپ ماڭدى .
قىز كۆل بويىغا كېلىپ ئەتراپقا بىر نەزەر سېلىۋىتىپ ئادەم يوقلۇقىنى جەزىم قىلغاندىن كېيىن كېيىملىرىنى يېشىپ سۇغا چۈشتى .
سۇنىڭ چايقالغان ئاۋازىنى ئاڭلىغان كۈنتىكىن ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆزىدىن سەل نېرى بولغان كۆل ئىچىدە بىر قىزنىڭ يۇيۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆردى .ئەسلىدە ئۇ بارىگاھقا قايتماي ،قىزنى خىيال قىلىش بىلەن بۇ يەردە قېلىپ قالغانىدى .كۈنتىكىن دەرھال كۆل يېنىدىكى چاتقاللىق ئىچىگە يوشۇرۇنۇپ كۆل ئىچىگە قارىدى ،كۆلدە بايا ئۆزى بىر كۆرۈپ ئاشىق بولغان قىز يۇيۇنۇۋاتاتتى .
كۆل يۈزىدە ئاي نۇرى جىمىرلايتتى ،قىز چاقنىغان ئاي نۇرى ئىچىدە ئاسماندىن يۇيۇنغىلى چۈشكەن ھۆر-پەرىلەرنىڭ ئۆزى ئېدى .قىز بەدىنىنىڭ يېرىمى سۇدىن چىقىپ تۇرغان بولغاچقا،ئۇ قىزنىڭ ئەمدىلا كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغان كۆكسىنى ئېنىق كۆرۈپ قالدى، ئۇنىڭ يۈرىكى بىردىنلا تېز سوقۇپ ،نەپەس ئېلىشى توختاپ قالغاندەك بولدى ،ئۇ خىجىللىق ئىچىدە بېشىنى باشقا ياققا بۇرۇۋالدى .لېكىن ئاز ئۆتمەي يەنە بىر قېتىم قىزغا قارىدى .
قىز بۇ چاغدا كۆلدىن چىقىپ كېيملىرىنى كېيىۋىلىش ئۈچۈن كېيىملىرىنىڭ قېشىغا ماڭدى قىز كېيملىرىنىڭ قېشىغا بېرىپ تىتىرىگىنىچە كېيىملىرىنى تېزلكىتە كېيۋاتاتتى.كۈنتىكىن ھاڭۋىقىنىچە قىزغا قاراپ قېتىپ قالغانىدى، بىردىنلا ئېسىنى يىغىپ كۆزلىرىنى يۇمۇۋالدى .ئۇ ئۆزىنى كۆرۈشكە تېگىشلىك نەرسىنى كۆرۈپ قالغاندەك گۇناھ ھېس قىلدى .ئۇنىڭ بەدىنىمۇ ھاياجاندا تىترەيتتى ،يۈرىكى ھاياجاندا تولىمۇ تېز سالاتتى ،نەپەس ئېلىشىمۇ قالايمىقانلىشىپ كەتتى .
قىز ئىتتىكلىك بىلەن كېيمىنى كېيىپ چېدىر تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى . كۈنتىكىنمۇ ئاتنى ئېگەرلەپ بارىگاھقا قايتتى .
* * * * * * *
بولۇق ئۆسكەن ئوت-چۆپلەر ۋە ياۋا گۈللەرگە پۈركەنگەن كۆل بويىدا ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن قۇياش نۇرىدا تۈكلىرى پارقىراپ تۇرغان قاپقارا بىر ئات چۆپ يېگەچ يالىنى سىلكىپ قوياتتى. ياۋاگۈللەر ئارسىدىكى تار چىغىر يولدا بىر قىز تۇلۇمنى يۈدۈپ كۆل تەرەپكە قاراپ كېلۋاتاتتى.قىز كۆل بويىدىكى بىر تاشنىڭ ئۈستىگە چىقىپ،تاش ئۈستىگە قويۇپ قويۇلغان چۆمۈچنى ئېلىپ ئاۋايلاپ تۇلۇمغا سۇ قۇيۇۋاتاتتى.
بۇ چاغدا كۈنتىكىنمۇ ئېتىنى سۇغارغىلى كۆل بويى تەرەپكە قاراپ كېلۋاتاتتى.ئۇ يىراقىتىن قىزنىڭ قىزلارغا خاس نازۇكلۇق بىلەن كۆل بويىدىكى تاشنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ چۆمۈچ بىلەن ئاۋايلاپ تۇلۇمغا سۇ قۇيۇۋاتقانلىقىنى كۆردى .قىز تۆۋەنگە ساڭگىلىغان ئۇششاق ئۆرۈلگەن چاچلىرىنى سىلكىپ قوياتتى .
ئۇ قىزنى چۆچىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن ئاتنى توختتىتىپ قىزغا قاراپ تۇردى ،قىز پۈتۈن ئىشتياقى بىلەن سۇنى تۇلۇمغا قويۇۋاتاتتى ،ئۆزىگە بىر يىگىتنىڭ نېرىدىن قاراپ تۇرغانلىقىدىن پۈتۈنلەي بىخەۋەر ئىدى .قىزنىڭ پۇتى ئاستىدىكى بوشاپ كەتكەن تاش تۇيۇقىسزلا قىز بىلەن سۇغا چۈشۈپ كەتتى .
قىزنىڭ «ئا»دىگەن ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئۇ ئېتىنى كۆل تەرەپكە قارىتىپ چاپتۇردى ،ئات چېپىپ تېزلا كۆل بويىغا كېلىشىگە ئۇ ئاتتىن چاققانلىق بىلەن سەكرەپ قىز تەرەپكە ئۆزىنى ئاتتى .قىزنى سۇدىن تارتىپ ،قىرغاققا ئاز قالغاندا قىزنى ئىككى قولىغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ قىرغاققا ماڭدى.بۇ چاغدا قىز كۆزىنى ئېچىپ يىگىتكە قارىدى ،چۈشىدىكى يىگىت ئۇنى كۆتۈرۈپ قىرغاققا قاراپ مېڭۋاتاتتى ،يىگىتنىڭ كۆزى قىرغاقتا ئىدى .قىز يىگىتنىڭ بەدىنىگە تەگكەن قوللىرىدىن تولىمۇ ئىللىقلىق ھېس قىلدى ، يىگىتنىڭ بەدىنىدىن كېلۋاتقان ھاراراەت ئۇنىڭ جىسمىنى ئېرىتىۋەتتى .قىز مەستخۇشلۇق ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە كۆزىنى يۇمۇۋالدى ،ئۇنىڭ كۆزىنى دەرھاللا ئېچىۋالغۇسى يوق،يىگىتنىڭ قۇچىقىدا بىر ئاز تۇرىۋالىشمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن بەخت بولۇپ سانىلاتتى .كۆزىنى ئېچىپ قويسا ئۆزنىڭ يىگىتنىڭ ئالدىدا خىجىل بولۇپ ئوڭايسىزلىنىپ قالىدىغانلىقى ئۇنىڭغا ئايان .
كۈنتىكىن قىزنى كۆتۈرۈپ قىرغاققا ئېلىپ ،كۆل بويىدىكى چۆپنىڭ ئۈستىگە قويدى ،قىز چوڭقۇر نەپەس ئېلۋاتاتتى ، قىز ھازىرمۇ كۆزىنى ئېچىشنى خالىمايتتى ،ئۆزى بىر كۆرۈپ ياخشى كۆرۈپ قالغان يىگىتنىڭ قېشىدا ئازىراق بولىسمۇ تۇرۇشنى تولىمۇ ئۈمىد قىلاتتى،بىراق يىگىتكە يېقىنىدىن بولسىمۇ بىر قارىۋىلىشنى ئارزۇ قىلىپ كۆزىنى ئېچىپ يىگىتكە قارىدى ،يىگىتنىڭ كۆزىمۇ ئۇنىڭىغا تىكىلگەن ئىدى ،كۆزلەر ئۇچىراشتى ،ئۇنىڭ كۆرگىنى يىگىتنىڭ جىددىيلەشكەن چىرايى بولدى .قىز بىردىنلا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ۋە خىجىل بولغىنىدىن يەرگە قاراپ تۇرۇپ يىگىتكە« رەھمەت »دېدى .
كۈنتىكىنمۇ تۇيۇقىسىز بولغان بۇ ئەھۋالدىن ھودۇقۇپ دۇدۇقلاپ تۇرۇپ ئاران ھېچقىسى يوق دېيەلىدى.
-بىرەر يېرىڭىز زەخمىلەنمىگەندۇ ؟
-ياق ،دىققەتسىزلىكتىن چۈشۈپ كەتتىم .قىز ئوڭايسىزلانغىدىن يەرگە قاراپ تۇراتتى ،ئۇنىڭ ھۆل بولۇپ كەتكەن چاچلىرى يۈزلىرىگە چاپلىشىپ قالغان بولۇپ ،ئۇنىڭغا يەنە باشقىچە ھۆسىن قوشۇپ تۇراتتى .
-ئىسمىڭىز نېمە ؟ قىز يىگىتتىن سورىدى .
-كۈنتىكىن ،سىزنىڭچۇ؟
قىز يىگىتنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمەي كۈلۈمسىرەپ قويۇپ ئۆيى تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈپ ماڭدى .
-ئەتە سىزنى كۆل بويىدا ساقلايمەن .كۈنتىكىن قىزنىڭ ئارقىسىدىن ۋارقىراپ .
قىز يىگىتكە بۇرلۇپ كۈلۈمسىرەپ قويدى .ئۇنىڭ قىياپىتى شۇنچە گۈزەل ئىدىكى ،ئۇ بۇ كۈلۈمسىرەشكە جېنىنى تېگىشىشكە ماقۇل ئىدى.
* * * *
-ھەي ئويغان ،ئويغان دەيمەن ئويغان ،ساراڭمۇ بۇ كېچىدە بۇ يەردە ئۇخلاپ .
-شۇنى دېمەمسەن ،ئادەمنى ئاۋارە قىلىپ ،ئورنىڭدىن تۇر.
-مەس ئەمەستۇ ھە ؟
-ياق مەس ئەمەستەك ،مەس بولغان بولسا ،ھاراق پۇرىمامتى .
ئۇ كۆزىنى ئېچىپ ئۆزنىڭ باغچا ئىچىدىكى كۆل بويىدا ئۇخلاپ قالغانلىقىنى ،ئىككى ئامانلىق ساقلىغۇچىنىڭ بېشىدا قولچىراقنى يورۇتۇپ تۇرغانلىقىنى كۆردى .ئۇلار بىرمۇنچە غودۇڭشۇپ قويۇپ ئۆز يولىغا راۋان بولدى .ئۇمۇ ئاستا كۆزلىرىنى ئۇۋلىغىنچە ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆيىگە قايتتى .
بۇ چاغدا تولىمۇ كەچ بولۇپ كەتكەن ئېدى ،ئۇ ئەمدىلا كۈندۈزى خىيال بىلەن ئۆيدىن تولىمۇ يىراقلاپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى .كوچا ئاپتۇبۇسىغا ئولتۇراي دېسە ھەممە ئاپتوبۇسلار ئاللىقاچان توختاپ كەتكەن ئېدى .تاكسىغا ئولتۇراي دېسە يېنىدا بىر يۈەنلا قالغان ،بۇنىڭغا پۇل يەتمەيتتى.شۇنىڭ بىلەن پىيادە قايتىشقا تەرەددۇت قىلدى .ئۇ ئۆزنىڭ تاماكا خۇمارىنىڭ تۇتۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى ،گەرچە كەچ بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ 24 سائەت ئېچلىدىغان ماگىزىنلاردا تاماكا سېتىلسىمۇ ،تاماكا ئېلىشقا ئۇنىڭ قېشىدىكى پۇل ئەسلا يەتمەيتتى ،ئۇنىڭ خىيالىغا ئىجارە ئولتۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ قېشىدىكى بوۋاينىڭ دۇكىنى كەلدى ،ئۇ دۇكاندا پارچە تاماكا ساتاتتى.بەلكىم بۇ چاغدا بوۋايمۇ دۇكىنىنى تاقىۋەتتى دېگەنلەرنى ئويلىغىنىچە پىيادە ئۆز يولىغا مېڭىش قارارىغا كەلدى .«ماڭماي ئامال يوق،قورساقنىڭ ئېچىپ كېتشچۇ تېخى» دەپ ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەپ قويدى .ئەتىگەن يېگەن قاتتىق نان بىلەن بىر كۈن يۈرگەندىن كېيىن ،قورسىقىنىڭ ئاچقىنىنى ھېس قىلدى .ئۇ ھالسىز قەدەملىرى بىلەن يولىغا راۋان بولدى .
ئانچە-مۇنچە يولدا ئۆتۈپ تۇرغان ماشىنلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا كوچا تولىمۇ جىمجىت بولۇپ كەتكەن ئىدى،يۇلتۇزلىرى ئاز بۇ شەھەر كېچسى كوچا چىراقلىرىدا يەنىلا يورۇق تۇراتتى .ھالسىز ئېغىر قەدەملەر بىلەن مېڭۋاتقان ئۇ ئارقىسىغا قارىدى ،قەدەملىرىدىن يالغۇزلۇق ھەم غېرىبلىقنىڭ ئىز بولۇپ كوچىغا تۆكۈلۈۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى . راستنىلا قەدەملىرىدىن غېرىبلىق تۆكۈلۈۋاتقاندەك كۆرۈندى.ئۇ كۆزلىرىنى يۇمۇپ ،ئېغىر بىر ئۇھسىنىش بىلەن كۆزىنى ئېچىپ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى .
يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ئۈستدىكى كۆۋرۈككە كەلگىنىدە بىر كىشىنىڭ يالغۇز كۆۋرۈك ئۈستىدە تاماكا چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ،ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ تاماكا سوراش قارارىغا كەلدى .ئۇ بېرىپ ناتونۇش كىشگە سالام قىلىپ ئۇنىڭغا ئۆزنىڭ باغچىدا ئۇخلاپ قالغانلىقىنى ،يىراق يولنى بېسىپ ئاران بۇ يەرگە كەلگەنلىكىنى ،يېنىدا پۇلنىڭ قالمىغانلىقىنى ،بولۇپمۇ تاماكا خۇمارىنىڭ بەك تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۇنىڭدىن بىرتال تاماكا سورىدى .ئۇ كىشى ئۇنىڭغا قاراپ گەپمۇ قىلماسىتن بىر تال تاماكىنى تۇتاشتۇرۇپ بەردى .ئىككەيلەن تاماكا چەككەچ كۆۋرۈك ئۈستىدە تۇرۇپ تۆۋەنگە قارىدى ،كۆۋرۈك ئاستىدا ماشنىلار ئۆتۈشۈپ تۇراتتى .
-قارا ،كېچە نېمىدىگەن جىمجىت ھەم ئارامبەخىش ھە ؟ھەممە ئادەمگە گۈزەل تۇيۇلىدۇ،كېچە مەيلى قەيەردە بولسۇن جىمجىت،خۇدا كېچىنى گۈزەل ياراتقان ،ئاي-يۇلتۇزمۇ كېچدە پەيدا بولۇپ كېچىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلۋېتىدۇ.قارا ئاۋۇ يول بويدىكى چىملىقتىكى مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىز-يىگىتلەرگە ،بەلكىم خۇدا مۇھەببەت ئۈچۈن كېچىنى ياراتقان ئوخشايدۇ.بىراق يەنە قارا، ئاۋۇ ياتقان مۇساپىرلارغا ،مۇھەببەت ئۈچۈن كېچىنى ياراتقان خۇدا نېمە ئۈچۈن مۇساپىرلارغا ياتار جاي ياراتمايدۇ ؟
ناتونۇش كىشى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ بېقىندىكى چىملىققا قارىغىنىچە بۇ گەپلەرنى قىلىۋىتىپ تاماكىسىنى كۈچەپ شوراپ قويۇپ سۈكۈتكە چۆمدى .
كۈنتىكىن بىردىنلا ئۇ كىشىگە دىققەت قىلىپ قالدى ،قارىماققا زىيالىدەك كۆرۈنىدىغان بۇ كىشنىڭ كەڭ پېشانىسىنى قورۇقلار قاپلىغان ،چوڭقۇر كەلگەن كۆزلىرىگە نۇرغۇن گەپلەر يوشۇرۇنغاندەك تۇيغۇ بېرەتتى .ئۇنىڭ تاماكىنى كۈچەپ شوراشلىرى ئۇنىڭ بىر ئېغىر دەرتكە مۇپتىلا بولغاندەك قىلىپ كۆرسىتەتتى .
ناتونۇش ئادەم
- تاماق يېدىڭمۇ ئۇكام؟ دەپ ئۇنىڭدىن سورىدى .
كۈنتىكىن ئېتتىكلا يەرگە قارىتىپ ،
-يېدىم. دېدى .ئۇ ئادەتتە يالغان گەپ قىلمايتتى ،ئەگەر مەلۇم سەۋەبلەر ئۈچۈن ئۈچۈن يالغان گەپ قىلغىنىدا كۆزلىرىنى يەرگە قارىتىپ ئۆزنىڭ يالغان گەپ قىلغانلىقىنى چاندۇرۇپ قوياتتى .
-قارا-قارا ماۋۇنىڭ يالغانچىلىقىنى ،يۈرە مېنىڭمۇ قورسىقىم ئاچتى ،ئىككەيلەن تۆۋەندىكى 24سائەت ئاچىدىغان كالا گۆشى ئۈگرىخانسى بار .شۇ يەرگە بېرىپ تاماق يېگەچ پاراڭلىشايلى قارىسام بېشىڭىدىن خېلى ئىش ئۆتكەن يىگىتتەك تۇرىسەن .
ئۇلار ئاشخانا تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى .ئاشخانىغا كەلگەندىن كېيىن ئۇ كىشى تاماقنى بۇيرۇتۇپ قويۇپ چاي ئىچكەچ ئۇنىڭدىن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ،
-ئىسمىڭ نېمە ياش يىگىت؟- دەپ سورىدى،
-كۈنتىكىن .
-ئىسمىڭ نېمىدىگەن ياخشى ، ئورخۇن ۋاقتىدىكى قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمىغا ئوخشىتىپ قويۇپتىكەن .خوش ،قارىغاندا داداڭ مۇئەللىم ،مەنچە تارىخ مۇئەللىمىغۇ دەيمەن .سېنىڭ ئاشۇ تارىختىكى ئاشۇ تېگىندەك باتۇر قەھىرىمان يىگىت بولۇشۇڭنى ئۈمىد قىلىپ بۇ ئىسىمنى ساڭا قويغان ئىكەندە .
-شۇنداق توغرا تاپتىڭىز ئاكا ،رەھمەتلىك دادام تارىخ مۇئەللىمى ئېدى ،ئەپسۇس ،مەن كىچىك چېغىمدا ۋاپات بولۇپ كەتكەن .بىچارە يالغۇز ئانام مېنى بېقىپ چوڭ قىلغان .
ئۇ كىشى ئوڭايسىزلىنىپ قالدى ،بۇ چاغدا تاماقمۇ كېلىپ قالدى ،ئۇ كىشى دەرھال تاماقنى مۇلازىمەتچىنىڭ قولىدىن ئېلىپ كۈنتىكىننىڭ ئالدىغا قويدى .
-قېنى ئۇكام قىزىقىدا تاماققا باققىن .
ئۇ كىشى ئۆزنىڭ تامىقىنى ئېلىپ ئالدىغا قويغان ۋاقتىدا ،كۈنتىكىن ئاللىقاچان تاماققا تۇتۇش قىلىپ بولغان ئىدى ،ئۇنىڭ كالا گۆشى ئۈگرىسىنى چوكىغا جىققدە قىسىپ يېيىشىدىن ھەقىقەتەن قورسىقى ئاچقانلىقىنى بىلىنىپ تۇراتتى .ناتونۇش كىشى ئۇنىڭغا قارىدى ،كۆز ئالدىدىكى يىگىت چاچ-ساقاللىرىنىڭ ئۆسۈپ كەتكەنلىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ناھايىتى قاملاشقان ئېدى .ئۇ قولىدىكى چوكىنى قويۇپ كۈنتىكىننىڭ تاماق يېيىشىگە قاراپ ئولتۇراتتى ،چىرايلىق بىر ياش يىگىتنىڭ بۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ئېچى سېرىلىپ كەتتى .ئۇ يىگىت ھەققىدە نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلگۈسى كېلىپ قالدى .
كۈنتىكىن تېزلا تاماقنى يەپ بولۇپ ئۇ كىشگە قاراپ ئۆزنىڭ ناھايىتى تېزلا يەپ بولغىنىدىن خىجىل بولۇپ قالدى ،ناتونۇش كىشىمۇ ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرىگىنچە ،
-يەنە بىر قاچا يېگىن .
-بولدى،بولدى رەھمەت .
-نېمە بولدى،بىر ئوغۇلبالىغا بۇ تاماق نېمە بولىدۇ،بۇ يەردە كالا گۆشى ئۈگىرسىدىن باشقا تاماق يوق ئېكەن ،شۇنداقتىمۇ يەنە بىر قاچا ئىچىكىن .
كۈنتىكىن ئارتۇقچە گەپ قىلىمىدى ،راستىنى ئېيتقاندا ئۇنىڭ قورسىقى چالا تويغان ئېدى.ئۇنىڭ تامىقىمۇ تېزلا كەلدى ،بىراق بۇ قېتىم تېز يېمىدى ،بەلكى ئالدىرىماي يېگەچ ناتونۇش كىشى بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى .
ئۇ كىشى تاماقتىن كېيىن ئۇنىڭغا بىر تال تاماكىنى سۇندى ھەم
-قورساق تويدى ،ئەمدى بىرتال چەككۈڭ كەلگەندۇ .
كۈنتىكىن بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى .
-ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي ،ئىسمىم نۇرمۇھەممەت بولىدۇ،مەنمۇ مۇئەللىم بولغان ،بىراق ھازىر پېنسىيگە چىقتىم .خوش يىگىت ئۆزۈڭ ھەققىدە ئازراق سۆزلەپ بەرمەمسەن،قارىسام ئوقۇغاندەك قىلىسەن ،كېيىنىشىڭىدىن قارىغاندا رەسساملىقنى ئوقۇغان ئوخشىمامسەن ؟
كۈنتىكىن بۇ ئادەمگە ھەيران قالدى ،راستىنلا ئوقۇتقۇچى بولىغنىغا لايىق ئەتراپلىق كۆزىتىشكە ماھىر ئادەم ئېكەن .
- شۇنداق ،مەن رەسساملىق كەسپىدە ئوقوغان،دادام گەرچە تارىخ مۇئەللىمى بولسىمۇ رەسىم سىزىشقا ئۇستا ئادەم ئېدى ،شۇڭلاشقا كىچىكىمدىنلا رەسىم سىزىشقا قەۋەتلا ھەۋەس قىلاتتىم ھەم داڭلىق بىر رەسسام بولۇش ئارزۇسىدا ئالىي مەكتەپ ئېمتھانىدا رەسىم كەسپىنى تاللىدىم .بىراق پۈتتۈرۈپ كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تاپالماي ئىككى يىل بولدى يۇرتقا قايتماي كەسىپتە بولىسمۇ نەتىجە قازىنىشنى ئويلاپ بۇ شەھەردە قالدىم،ئۆيۈم تەكلىماكاننىڭ يىراق سەھراسىدىن ،ئۇ يەردىكى كىشلەر ھېلھەم رەسىم سىزغان كىشلەرنى ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ،بۇ قايتماسلىقىمدىكى مەسىلە ئەمەس ،چۈنكى مېنڭ ئۇ يەردە ھېچكىمىم قالمىدى ،ئاناممۇ مەن ئوقۇش پۈتتۈردىغان ئاخىرقى يىلى كېسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولۇپ كەتتى ،شۇنىڭىدىن كېيىن قارا يېتىم بولغان مەن بۇ شەھەردە يالغۇز تۇرۇۋاتىمەن .دەسلەپكى چاغلاردا ئادەم كۆپ كوچىلاردا باشقلارنىڭ پورترىتىنى قېرىنداش بىلەن تېز سىزما قىلىپ ئۆز تۇرمۇشۇمنى قامدايتتىم ھەم ئازغىنە ئېشىنغان پۇلۇمغا ماي بوياق ۋە باشقا رەسىم سىزىشقا كېرەكلىك نەرسىلەرنى سېتۋىلىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىناتتىم ،بىراق كۆڭلۈمدىكىدەك رەسىم سىزالمىدىم دەپ ئويلايمەن .ھازىر سىزغانلىرىمنى ساتماي ساقلاپ قويۇۋاتىمەن ،چۈنكى سىز سىزغان رەسسىممۇ بالىڭىزدەك قەدىناس بولۇپ كېتىدىكەن .ھەرگىز سېتىشنى ئويلاشمىدىم.ھازىرچە قانچە قېينالساممۇ رەسىملىرىمنى ساتقۇم يوق ،چۈنكى ئۇلار مېنىڭ يالغۇز غېرىبلىقنمنىڭ شاھىدى ھەم مېنىڭ قېرىنداشلىرىم .كېيىن سىزغان رەسىملەرنى ساتساممۇ ھازىرقى رەسمىلەرنى ساتقۇم يوق.بىراق ھازىر شەھەر باشقۇرۇش خادىملىرى كوچىدا رەسىم سىزغۇزمايدىغان بولۇپ كەتتى ،كەچ ئۇلار ئىشتىن چۈشكەندە سىزاي دىسەم ، قاراڭغۇدا رەسىم سىزىش تەسىرەك ھەم بۇنى قىلىدىغانلار كۆپىيىپ كەتتى .بىر يەردە خىزمەت تېپىپ ئىشلەش ئويۇم بار ،بىراق بۇنداق بولغاندا جان بېقىش بىلەن بولۇپ كېتىپ رەسىم سىزىشقا ۋاقىت ۋە زېھىن ئاجىرىتالمسالىقتىن قورقىمەن ،راستىنلا رەسىم سىزىش مېنىڭ جېنىم بولۇپ قالدى،شۇندىلا مەن غېرىبسىنىش ھېس قىلمايمەن . يېقىنىدىن بېرى ئىشلار ئويلىغىنىمدەك بولمايۋاتىدۇ.ئازابلىق بىر تۇيغۇ مېنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى چىرمىۋالدى ،ئۇ ئازابنىڭ نېمە ئېكەنلىكىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن .
- يىگىت ئېيتىپ باقە ،ھاياتىڭىدا نېمىگە ئېرىشىشنى بەكرەك ئويلايسەن ؟
- كەچۈرۈڭ ،نېمە دېمەكچى بولغانلىقىڭىزنى چۈشەنمىدىم .ئۇ سەل گاڭگىراپ قالدى .
- ھاياتىڭىدا نېمىگە ئېرىشىشنى بەكرەك ئويلايسىز ؟مەسلەن،بەخت،مال-دۇنيا ،ئورۇن-مەنسەپ،ياخشى تۇرمۇش..دېگەندەك.
- مەن سالامەت ھەم ياش ،خۇشال خۇرام بولسام ئېكەن دەپ ئويلايمەن ،باياشات ياشىسام دەيدىغان ئۈمىدىممۇ يوق ئەمەس ،ئەجىبا ھەممە ئادەم ئۇنداق ئويلىمامدۇ ؟
- توغرا ،بۇ نېمە ئۈچۈن ئاز ساندىكى كىشلەرنىڭ خوشال-خورام،ساغلام ۋە باياشات ئېكەنلىكىنىڭ سەۋەبى ؟
- سىز نېمە دېمەكچى ؟
- ئەگەر سەن ھاياتىڭىدا نېمىنى ئىزدەۋاتقانلىقىڭىنى بىلمىسەڭ ،ئۇنى قانداق تاپالايسەن ؟
- مەن يەنە چۈشەنمىدىم .
- مەن تېخمۇ ئېنىق دەي .سەن قانداق بولغاندا ئاندىن باياشاتلىق ھېس قىلسەن ،زادى قانچىلىك پۇل تاپقاندىن كېيىن باياشات بولىسەن ؟
- ئايدا بەش مىڭ سوم تاپسام ،باياشات تۇرمۇش كەچۈرگەن بولاتتىم .
- يەنىچۇ ؟
- بىر يۈرۈش ئۆيۈم ۋە ماشىنام بولسا دەيمەن .
- قانداق ئۆي ؟قايسى ماركىدىكى ماشىنا ؟
- ئۇقمايمەن .بۇ ئانچە مۇھىم ئەمەس ،قانداق بولسا بولىۋىرىدۇ .
- ئۇنداقتا سەن تازلىق ئۆيى بولمىغان ،مەينەت ئۆي بولسمۇ بولامدۇ ؟ئەسكى داستەك ماشىنا بولسمۇ بولامدۇ ؟
- ياق .
- ئەمسە قايسى خىلدىكى ئۆي ۋە ماشىنا بولسا بولىدۇ ؟
- مەن شەھەرنىڭ شەرقىگە جايلاشقان مەنزىرە رايونىدا بىر داچام بولسىكەن دەپ ئويلايمەن .ئۇنىڭىدىن باشقا مەن تاغلارغا چىقىشنى ياخشى كۆرىمەن ،شۇڭا ئېسل بىر دالا ئاپتوموبىلى ئالغۇم بار .ئاندىن ئاپتوموبىلىمنى ھەيدەپ ساياھەتكە چىقىپ تۇرسام دەپ ئويلايمەن .
- ئۇنداقتا ئايدا بەش مىڭ سوم تاپسىڭىز بۇ چىقىملارنى كۆتۈرەلەمسىز ؟
- ياق ،ئايدا ئون مىڭ تاپساممۇ بۇنداق ئۆي ۋە ماشىنىنى ئالالمايمەن .
- ھە ،مۇنداق دە .ئۇنداق بولسا بايا ئايدا بەش مىڭ تاپسام باياشات ھېس قىلمەن دەۋاتاتتىڭغۇ ؟
- مەن ئەستايىدىل ئويلاپ كۆرمەپتىمەن .
- ئۇنداقتا مەسلىنىڭ زىددىيەتلىك تەرىپىنى كۆردىڭمۇ ؟نۇرغۇن كىشلەر باياشات بولسامكەن دەيدۇ .بىراق ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشلەرلا ۋاقىت چىقىرىپ ئۆزنىڭ نېمگە ئېرىشمەكچى ۋە نېمە ئۈچۈن ئېرىشمەكچى بولغانلىقى ھەققىدە ئويلىشىدۇ .شۇڭا سىز مەيلى بايلىق يارىتمەن ياكى باشقا ئىش قىلمەن دەيدىكەنسىز چوقۇم ئالدى بىلەن بۇلارنى ياخشى ئويلىشىڭ كېرەك .ھەتتا ئۇنىڭ ئېنچىكە تەرەپلىرىنى ئويلا ،بۇ ئېنتايىن مۇھىم بىر جەريان .نېمىنى ئويلاش ۋە نېمىنڭ كەملىكىنى ئېيتىپ بېرىشلا كۇپايە قىلمايدۇ .كىشلىك ھاياتتىكى ئۇلۇغۋار ئىشلارنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشى ئەقل-ئىداركقا باغلىق بولۇپ قالماي ،ئەڭ مۇھىمى ھەرىكەتكە باغلىق .بۇ خۇددى ماڭا بەش مېليون لاتارىيە چىقسىكەن دەپ قاقشاپ يۈرۈپ لاتارىيە بېلىتى سېتۋالمىغاندەك ئىش .شۇڭا بايا دەپ ئۆتۈپ كەتتىم .ئېنچكە ئويلا ھەم ۋاقتىدا ھەرىكەت قىل .
- ھەسرىتىڭگە كەلسەك .
ھەمىمىزدە ئازاب بىلەن كەشتىلەنگەن ئەڭ ئۇلۇغ سوۋغا بار .ئەگەر سەن ئەشۇ سوۋغىنىڭ سىرتىدىكى ئازابنى كۆرۈپ ،ئىچىدىكى خوشاللىق تۇيغۇسى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن كاتتا سوۋغىنى ئېلىشنى رەت قىلساڭ ،مەڭگۈ ئاشۇ ئازاب بىلەن كەشتىلەنگەن سوۋغىنىڭ سىرتىغا قاراپ ھەسرەت بىلەن ئۆتۈپ كېتىسەن .
ئۇلار بىر ھازاغىچە پاراڭلىشىپ بولۇپ ئاندىن ئاشخانىدىن چىقتى.نۇرمۇھەممەت ئاكىمۇ كۈنتىكىننى ياقتۇرۇپ قالغانىدى .ئۇ كۈنتېكىننى قۇچاقلاپ ئىشلىرىڭ ئىلگىرى بولسۇن دەپ خوشلاشتى.كۈنتىكىنمۇ ئۇ كىشى بىلەن قىيالماسلىق بىلەن خوشلىشپ ئۆزنىڭ غېرىب كۆلبىسىگە قايتتى .
ئۆيگە كىرىپ چارچىغىندىن كېيىملىرىنى سالمايلا ئۇخلاپ قالدى .
بۇ ئۆيدە تەنھالىق ھۇۋلاپ تۇرغان بولسىمۇ بىراق قۇياش نۇرى چۈشۈپ تۇراتتى.قۇياشلا ھەممىگە ئورتاق ئېدى .ئۇ يەنىلا سېخيلىق بىلەن ئۆزنىڭ ئېللىق نۇرلىرىنى بۇ ئۆيگە چۈشۈرۈپ تۇراتتى .كۈننىنىڭ قىزىق تەپتىدىن ئۇ يەنە ئۇخلىيالمىدى .ئېغىر ھالدا ئورنىدىن تۇرۇپ نېمە قىلىشنى بىلمەي بىر ئاز كارۋاتنىڭ قىرىدا ئولتۇردى ،ئاز كىرلىشىپ كەتكەن ۋە ئانچە-مۇنچە يېرى تاماكا چوغى چۈشۈپ تېشىلگەن كىرلىك يەرگە ساڭگىلاپ تۇراتتى .يەردە تاماكا كۆتىكى ھەممە يەرنى بىر ئالغان ئېدى .ئۇنى كۆرۈپ يەنە تاماكا خۇمارى تۇتتى ،ئۆيدە تاماكا قالمىغان ئېدى ،ئۇ چىقىپ قالامدىكىن دىگەن ئۈمىدتە يەرگە قاراپ چىقتى .ئۇ نۇرغۇن تاماكا كۆتىكى ئارسىدىن يېرىم چېكىلگەن تاماكىدىن بىرنى كۆردى . بەدىنىدە بىر ئىللىق سېزىم گۈپپىدە پەيدا بولغاندەك بولدى ،دە . يەردىن ھېلىقى چالا چېكىلگەن تاماكا كۆتىكىنى ئېلىپ ئۇنى تۇتاشتۇرۇپ چەكتى .ھەر نېمە بولسا بۇ بىر تال تاماكىنى چالا بولسمۇ چېكىپ قويۇپتمەن دەپ ئويلاشقا ئۈلگۈردى .
ئۇ تاماكىنى ناھايتى قەدىرلەپ چوڭقۇر تارتىپ چەكتى .ئارقىسغا كەلگەندە تولىمۇ ئاچچىق بىلىنىپ كەتتى .شۇنداقتىمۇ كۆڭلى بىر ئاز بولسىمۇ تىنچلاندى .
ئۇ كارۋاتتا ئولتۇرۇپ بۈگۈن نېمە قىلىش ھەققىدە ئويلاندى ،بىر خىزمەت تېپىپ ۋاقىتلىق بولسىمۇ تۇرمۇشنى قامداپ ھاياتلىقنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك ،گەرچە ئۆي ئېجارسىنى ئالدىن تۆلىۋەتكەن بولسىمۇ ،بىراق ئېجارە ھەققىنى تاپشۇرىدىغان ۋاقىت كېلىپ قالدى .ئۇ ھېلىقى چېچى چۈشۈپ كەتكەن مۇزچىراي ئۆي ئېگىسىنىڭ سېسىق گېپىنى ئاڭلاشنى خالىمايتتى ،ھەرقېتىم ۋاقىت توشۇشقا بەش-ئون كۈن قالغاندا ئۆي ئېگىسى كېلىپ ئۆي ئېجارسىنى سۈيلەيتتى .ۋاقىتدا بېرەلمىسە بىرمۇنچە سېسىق گەپ قىلاتتى .ئۆي ئېجارسىنى سۈيلەپ كىرگەن چاغدىلا دەرھال بەرسە ئۇ سارغىيىپ كەتكەن چىشلىرىنى چىقىرىپ بىر خىل كىشنى بىزار قىلىدىغان ھالدا كۈلۈمسرەش بىلەن ئېغىزى قۇلىقىغا يېتەتتى ۋە بىر مۇنچە ياخشى گەپلەرنى قىلىپ ئۇنى ماختاپ كېتەتتى.ئۇنىڭ قاملاشمىغان ساختا ماختاشلىرى كىشىنىڭ ئىچىنى ئېلىشتۇرۇپ بەدەندە توخو ئەت پەيدا قىلاتتى .بىر نەچچە كۈن كېچىكىپ قالسا بولدى ،ئۆزىدىكى بار ئاچقۇچ بىلەن ئۆينى ئېچىپ ئىچىدىكى نەرسىلەرنى بوسۇغا ئالدىغا ئېلىپ چىقىپ كىشىنى تولىمۇ ئوسال قىلاتتى ،ئۇنىڭ پۇلنىلا تونۇيدىغان بۇ مېجەزى ئالدىدا بايىقى ماختاشلىرىنىڭ تولىمۇ ساختلىقى كىشىدە باشقىچە تۇيغۇ ھاسىل قىلاتتى .ئۇ ئۇنىڭ چىرايى پۈرلەشكەن ھەم چاكىنا كۈلۈمسرەشلىرىنى ئويلاپ تېنى شۈركىنىپ كەتتى ،مەيلى قانداق بولمىسۇن ئۇنىڭ ئالدىدا خار بولۇشنى ھېچكىمگە نېسىپ قىلمسۇن.ئۆي ئېجارە پۇلىنى بىر ئامال قىلىپ تېىپىش كېرەك ،ئۇنىڭ تېزلكتە قەرز ئالغۇدەك بىرەر تۇغقىنىمۇ يوق .گەرچە دادىسىنىڭ بىر ئېنىسى بۇ شەھەردە بولسىمۇ ئۇ بۇنىڭغا ياردەم قىلالمايتتى ،چۈنكى ئۇنىڭ ھازازۇل خوتۇنى ئۇنىڭ ئۆيىگە بارسقىمۇ قاپىقىنى ئاچمايتتى ،گەرچە قائىدىسىنى قىلىپ تاماق قىلىپ بەرسىمۇ ئاشخانا ئۆيدە نېملەرگىدۇ غودۇڭشۇپ ،چىنە قاچىلارنى قوپاللىق بىر-بىرىگە ئۇرۇپ كىرگەن كىشىنى تولىمۇ ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قوياتتى .يولدىشى ئېغىز ئېچىشغىلا
-ھە ،سەن نېمە قىلىدىڭ ھۇ يارىماس ،ئاشۇ ئامانلىق قوغدۇغۇچىلىق قىلىپ تاپقان ئازغىنە پۇلۇڭ بىلەن بۇ ئۆينى قامداپ كېلۋاتىمەن دەپ ئويلامسەن ،ئۇخلىماي چۈش كۆرمە،ھېلىمۇ مېنىڭ كەچلىك بازاردا ئۆپكە-ھېسىپ قۇيۇپ تاپقان پۇلۇم بىلەن مەيدەڭنى كېرىپ يۈرۋاتىسەن ،نېمەڭگە چوڭچىلىق قىلىسەن ھۇ ھەزىلەك يارىماس. دەپ مېھمانلار ئالدىدىلا ياقىسنى سىقاتتى .ئۇنىڭ تاغسىنىڭ بۇنداق ئامالسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغىنى كۆرۈپ بىر قېتىم؛
-ئاچا بۇنداق قىلىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوققۇ ،تاغامنىڭ ياقىسىنى قويۇۋىتىڭ دېگنىنى بىلدۇ ،ئارقىدىنلا ئۇ خوتۇن ،
-ھەممىڭ ئوخشاش ،سەنمۇ تاغاڭغا ئوخشاش بوشاڭ ،ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ يا خىزمەت تاپالماي ،يا بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالماي ،ھە ،سەنمۇ ئوخشاش يارىماس ،جەمەتىڭلارنىڭ ھەممىسىدىن يارىماس چىقامدۇ.ماۋۇ يېتم ئوغلاقنىڭ ماڭا تېخى نەسھەت قىلىپ كەتكىنىنى .
چاڭ قىلغان بىر تەستەك ئۇنىڭ يەڭگىسىنىڭ يۈزىگە تەگدى ،تاغىسى خوتۇنىنىڭ ئۆزنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان ئاكسىنىڭ ئوغىلىنى كۆز ئالدىدىلا يېتىم دەپ تىللىشى ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن ھار كەلگەنلكتىن ئۇ خوتۇنىنى بىر كاچات سالغان ئېدى .
بەزى چاغدا ،ئادەمنىڭ كاللىسدا نۇرغۇن ئەسلىملەر ناھايىتى تېز ئۆتىدۇ .ئۇ «يېتىم ئوغلاق»دىگەن سۆزنى ئاڭلىغان چاغدا ،رەھمەتلىك ئاكسى ئېسگە كەلدى .ئاكىسى ھايات چېغىدا ئۇنىڭغا نۇرغۇن ياردەملەرنى قىلغان ئېدى ،كىچىدە ئۇلارمۇ دادىسىدىن يېتىم قالغاندا ئاكىسى ۋە ئانسى ئۇنى يېتلەپ كىشلەرنىڭ ئېتىزدا ئىشلەيتتى.ئۇنى بولسا ئېتىزنىڭ قىردىكى سايىدا ئۇخلىتىپ قوياتتى ،ئو ئويغىنىپ يىغلىغان چاغلىرىدا ئاكسى يۈگۈرۈپ كېلىپ ئۇنى باغرىغا چىڭ بېسىپ ئۇنى بەزلەيتتى ،يانچۇقىدىن بىر سىقىم گۈلە-قاقنى ئېلىپ ئۇنىڭ كىچىك يانچۇقىغا سېلىپ يىغىسىنى توختىتاتتى .ئۇ ئاكسىنى شۇنداق ياخشى كۆرەتتى ،دادىسىدىن كۆرەلمىگەن مېھىرنى ئاكىسى ئۇنىڭغا بېرىپ كەلگەن .ئاكىسى شۇنداق جاپالارنى تارتقان بولسىمۇ مەكتەپنى شۇنداق ياخشى ئوقۇدى .ئۆز كەنتدىن تۇنجى بولۇپ ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى ،ئائىلىسدە قېيىنچىلىق ئېغىر بولغاچقا بىر قېتىممۇ ئانىسغا پۇل سالدۇرمىدى .ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىپ ئوقۇش پۇلىنى تۆلسە ،شەنبە-يەكشەنبە قۇرلۇشلاردا ئىشلەپ ئۆز تۇرمۇشنى قامداپ كەلدى ،ھەتتا ئۆيگە پۇل ئەۋەتىپ تۇردى . تەتىلدە بىر قېتىممۇ كەنىتكە قايتىپ كەلمىدى ،چۈنكى تەتىللەردە شەھەردە قېلىپ ئىشلەپ تۇرمۇش پۇلى تاپمىسا بولمايتتى .كېيىن ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ ، مەكتەپنىڭ ئېلىپ قېلىش تەلىپنى رەت قىلىپ يېزىغا ئانسى ۋە ئۇكىسنى دەپ قايتىپ كەلدى .تېخى كەلگەن چاغدا ئۆزىگە نۇرغۇن ياخشى نەرسىلەرنى ھەم چىرايلىق كېيىملەرنى ئېلىپ كەلگەن ئېدى .ئۇ كېيمنى كېيىپ خوشال بولغىنىدىن كېچىچە ئۇخلىمىغىنى ھەم كېيىمنى كېيىپ مەھەللىدە بالىلارغا بىرنەچچە كۈن ماختانغىنى ھېلھەم ئۇنىڭ شۇنداق ئېسىدە .
ئاكىسى شۇنداق تىرىشچان ئادەم ئېدى .كېيىن ئۇنىمۇ شەھەردە ئوقۇتتى ،ئۇ ئاكىسغا ئوخشاش قىلالمىدى ،يامان بالىلار بىلەن ئارلىشىپ مەكتەپتىن قوغلاندى بولۇپ كەتتى .كېيىن ئاكىسنىڭ ئالدىغا قايتىشىتىن نومۇس قىلىپ بىر شىركەتتە ئامانلىق ساقلغۇچى بولۇپ ئىشلەپ بۇ شەھەردە قالدى. ئاكىسى ئۇنىڭ ئەھۋالىنى مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ قېلىپ قالغان ساۋاقدىشىدىن ئاڭلىغان بولسىمۇ چىش يېرىپ بىر نېمە دېمىدى .ھەتتا ئانسىغا ئۇكسىنىڭ شەھەردە قېلىپ خىزمەت قىلۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ياشانغان ئانسىنى خاتىرجەم قىلدى .ھەم ئۇنىڭغا تېلىفون قىلىپ ئىشنى قايتىدىن باشلاشنى ،چوقۇم ھازىرقى يەردە بولسمۇ ياخشى ئىشلىشىنى ھەم ئۆزنى ئاسىرىشىنى ،ئەگەر قېينىلىپ قالغۇدەك بولسا يېزىغا قايتىپ كېلىشىنى ،ئۆزنىڭ ئۇنىڭغا بىر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتقۇزۇپ قويىدىغانلىقنى ئېيتتى .كېيىن ئانىسى قازا قىلىپ يېزىغا قايتقان چىغدا.ئانىسىنى يەرلىككە قويۇپ بولغان ئىكەن ،ئانسىنىڭ قىرىق نەزىرىنى بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئاكىسى ئۇنىڭغا ئۆزنىڭ بۇ يەردە يالغۇز قالغانلىقىنى ،ئېنىسىدەك تىكەندەك بىرتال تۇغقىنىنىڭ قېشىغا قايتىپ كېلىش ئۈمىدنىڭ بارلىقىنى ئۇنىڭغا ئېيتتى .ئۇ شۇ چاغدىلا ئۆزنىڭ نەزىردە ناھايىتى چوڭ بىلىدىغان ئاكىسنىڭ كۆزىدىن ئاكىسنىڭ يالغۇز قالغانلىقىنى كۆرۈپ ئىچى سېرىلىپ كەتتى . ئاكسىغا ئۆزنىڭ شەھەرگە كۆنۈپ قالغانلىقىنى ھەم ئاشۇ شەھەردە بىر قىز بىلەن يۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ئاكىسىدىن رۇخسەت بېرىشىنى ئېيتتى .بىرنەچچە يىلدىن كېيىن ئاكىسى دادا ھەم ئانا بولۇپ ئۇنىڭ توينى قىلىپ بەردى .ئۆزنىڭ يەنە تىرىشچانلىق بىلەن توپلىغان پۇللىرىنى يىغىپ ۋە تونۇشلىرىدىن قەرز ئېلىپ ئۇنىڭغا شەھەردىن كىچىكىرەك بولسىمۇ ئۆي ئېلىپ بەردى .ئاكسىنىڭ بالسى ئالتە ياشقا كىرگەندە ئاكسى كەلكۈندە قالغان بالىنى قۇتقۇزىمەن دەپ قازا قىلدى .ئۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان چېغىدا بىر كېچە يىغلاپ چىقتى .ئۇنىڭ ئاكسى ،ئۇلۇغ ئاكسى قازا قىلغان ئېدى .ئۇنىڭ بىردىنبىر روھىي تۈۋرىكى يىقىلغانىدى .ئۇ ئاكسىنىڭ تۇل قالغان ئايالى ۋە يېتىم قالغان بالىسغا ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمىدى ،ئاكىسنىڭ بالسى ئالىي مەكتەپكە كەلگەندە ھازازۇل خوتۇنىدىن قورقۇپ ئۇنى ئۆيىگە يۈرەكلىك باشلاپ كېلەلمىدى .ئۇ ئاكسىنىڭ ئالدىدا ئۆزنى مەڭگۈ گۇناھكار ۋە قەرىزدار ھېسابلايتتى .
بۈگۈن ھازازۇل خوتۇنىنڭ كۆز ئالدىدا ئاكىسنىڭ بالىسىنى تىللىغىنى كۆرۈپ چىدىيالمىدى .گەرچە جىيەنىگە ھېچنىمە قىلىپ بېرەلمىسمۇ ئۇنىڭ ئاكىسغا ئوخشاش ئۆزنى ھېچكىمنىڭ ئالدىدا خار قىلغۇزمىغىنىدەك ،جىيەنىنڭمۇ كۆز ئالدا ھاقارەتلىنىشگە ،توغىرىسى ئۆزنىڭ ئالدىدا خار بولۇشىغا چىداپ تۇرالمىدى .
«چاڭ»قىلغان بىر كاچات بىلەن خوتۇن بىرئاز تۇرۇپ قالدى ،بىردىنلا كۆز ئالدىدىكى يولدىشنىڭ ياقىسغا ئېسلىدى .ئۇنىڭ ياقىسىنى يىرتىپ بولۇپ ئۆزنى كارۋاتقا ئېتىپ؛
- مېنى نېمە قىلغىنمغا ئۇرىسەن ،مەنمۇ ساڭا ئوخشاش بۇ ئۆينى دەپ كۈندە كەچتە كەچلىك بازاردا خېردارغا تەلمۈرۈپ پۇل تېپىۋاتىمەن ،مېنىڭ تاپقىنىم سېنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ ،ئېيتە يارىماس ،ماڭا توي قىلغاندىن بېرى ماۋۇنى سېلىپ قوي دەپ بىر ئۈزۈك ئېلىپ بەردىڭمۇ ،ئاددىيسى بازارغا ئېلىپ چىقىپ كېيىم ئېلىپ بەردىڭمۇ. دەپ ھۈم-ھۈم يىغلاپ كەتكەن ئېدى .دېمىسىمۇ ئۇنىڭ دېگەنلىرنىڭ ئاساسى بار.تاغىسىنىڭ ئازغىنە مۇئاشى بىلەن بۇ ئۆينى قامداپ بالىلارنى ئوقۇتقىلى بولمايتتى .بۇلارنى ئويلاپ ئاشۇ توڭ مىجەز يەڭگىسىگە ئىچ ئاغىرتىپ قالاتتى .
ئۇ بۇلارنى ئويلاپ، بۈگۈن قانداقلا بولمىسۇن بىر خىزمەت تېپىشنى،پەقەت بولمىغاندا بۇلاقبېشىغا چىقىپ ئېغىر ئىش قىلىپ بولسىمۇ ئۆي ئېجارىسىنى تۆلەشنى ئويلىدى .لېكىن تېزلا بۇلاقبىشغا چىقىپ كۈنلۈك ئىش قىلىش ئويىدىن تېزلا ياندى .بۇلاقبىشىغا چىقىپ كۈنلۈك ئىش ئىشلەش ئۈچۈن،قارا ئىش قىلىدىغانلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ ئىش بېرىدىغانلارنى ساقلاپ ئولتۇرۇشى كېرەك . ئۇ ئەگەر شۇ يەردە بۇ ھالتى بىلەن ئولتۇرسا يۈزىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيتتى .ساۋاقداشلىرى كۆرۈپ قالسا نېمە دىگۈلۈك .
ئۇ بۇلارنى ئويلاپ ئىشخانا خىزمىتىدەك بىرەر «ئاق ياقىلىق»لار ئىشلەيدىغان خىزمەت تاپماقچى بولۇپ،نەچچە كۈن بۇرۇن ئېلىپ قويغان شەھەر گېزىتىنىڭ خىزمەت ئىزدەش سەھىپىسىگە قارىدى .گېزىتتە نۇرغۇن خىزمەتلەت بار ئىدى .گېزىتنىڭ پۈتۈن بېتىگە ئاشپەز كېرەك دىگەندەك ئېلانلار توشۇپ كەتكەن. دېمىسمۇ كوچىدا ھەممە يەردە ئاشخانىلار ئۇچىراپ تۇراتتى،ھەتتا نەچچە مىليون خەجىلىنىپ بېزىلىۋاتقان ئاشخانىلارمۇ كۆپىيۋاتاتتى، كىشلەر ئۇنداق ئاشخانىلارغا ئالاھىدە ماشىنلارغا ئولتۇرۇپ بېرىپ يەپ كېلىشىنى شەرەپ بىلىپ قىممەت بولسمۇ بېرىپ يەپ كېلەتتى .رېستورانلاردا بولسا بالدۇر تىزىملىتىپ قويمىسا ئورۇن قالمايتتى .كىشلەر رېستورانلارغا بېرىپ بىر مۇنچە تاماق ۋە قىممەت باھالىق ھاراقلارنى بۇيرۇتۇپ،ھاراقنى ئىچىپ قۇسقۇدەك ھالەتكە كەلمىگۈچە ئۆيىگە قايتمايتتى .ھېچكىممۇ نەچچە كىتاب كېلىدىغان قىممەت باھالىق ھاراقلارنىڭ ئورنىغا كىتاب ئېلىشنى ئويلاپ قويمايتتى .شۇنداق بولغاندا ئۆزىمىزنىڭ يازغۇچىلىرى پىيادە يۈرمىگەن،باشقىلارنىڭ يازغۇچىلىرىغا ئوخشاش ماشىندا يۈرگەن بولاتتى.ئۆزىمۇ ھاراق ئىچىپ تاماكا چېكىپ ئۆزىنى زەھەرلەۋاتىدىغۇ .كىشلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن پۇل خەجلەپ ئۆز تېنىنى ۋە روھيىتىنى زەھەرلەيدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئۇ ئويلاپ يېتەلمەيتتى .
.مەدەنىيەت،بىلىم قۇرۇلمىسى يۈكسەك تەرەققىي قىلغان شەھەر بۇنداق بولغاندا يېزىسىدىكى بازارغا پاختا ئاپىرىپ ئۆيىدىكلىرى نەچچە ھەپتە گۆش يېمىسىمۇ ،ئۆيىدىكىلىرىگە بىر كىلو گۆش بولسىمۇ ئېلىپ قايتماي ،بازاردىن نەچچە كىلو گۆشنىڭ پۇلىغا شورپائىچىپ كاۋاپ يەپ ،ھەتتا بىر ياز ئەجىر بىلەن تاپقان پۇلىغا ھاراق ئىچىپ قىمار ئويناپ ھەممىسىنى يوقىتىۋەتمىگىچە بازاردىن قايتمايدىغان يېزىلىق قېرىنداشلىرىدىن ئاغىرىنشنىڭ ئورنى يوقلۇقىنى ھېس قىلدى .ئۆزىمۇ مانا بۈگۈن پۇل يوق قورساق غېمى قىلىپ ئولتۇرۇپتىغۇ .بۇنى كىمدىن كۆرۈش كېرەك ؟ئۆزگىدىنمۇ ياكى ئۆزدىن كۆرۈش كېرەكمۇ ؟مەيلى قانداق بولسۇن تىرشقاندىلا يەنە بىر گەپ بولىدىغۇ ،بىراق ،يەنە شۇ بىراق ،باشقىلارنىڭ جاپا تارتماي ناھايىتى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۇنىڭ ئېدىيسىدىن ئۆتمەيتتى ،باشقىلار كىم .مەن كىم ؟بۇنداق چىگىش سوئاللار ئۇنىڭ كاللىسىنى چىرمىۋالاتتى .توغرا ئۇ ئالىي مەكتەپنى ناھايىتى ياخشى نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن ،ھەتتا ئوقۇش پۈتتۈرگەن چاغدا سىزغان رەسىمى رايون دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئەسەر بولۇپ مەدەنىيەت مۇزىيىغا تاللانغانغۇ ؟ياش بولسىمۇ باشقا پېشقەدەملەرنىڭ ئەسىرىدىن ياخشى ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقارغانغۇ ؟رەسساملار ئاكادېمىيسنى ئېيتمايلا قويايلى ،ئاددىيىسى نېمشقا بىرەر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئاددى رەسىم مۇئەللىمى بولالمايمەن ؟ھېلھەم كوچىلاردا تېنەپ يۈرۈپ باشىقلارنىڭ تېز سىزما پورتىرىت رەسىمىنى سىزىشقىمۇ ئورۇن يوق ؟ئۆزنىڭ مەكتپىدىكى دۆلەتنىڭ نۇرغۇن پۇلىنى ئېلىپ بىرەر پارچە بولسمۇ رەسىم سىزماي پروففسور بولۇپ مەيدىسىنى تىك كۆتۈرۈپ يۈردىغان پېشقەدەم رەسساملار بىلەن سېلىشتۇرغاندا قويۇق دەۋىر ئالاھىدىلىكىگە ۋە يۈكسەك يېڭىللققا تويۇنغان رەسىم سىزىپ چىققان ئۆزنىڭ ئەسكى غېرىبانە ئۆيدە بىچارە ،ئاچ ئولتۇرۇشى ئۇنىڭ ئېدىيسىدىن ئۆتمەيتتى .
قورسىقىنىڭ ئاچلىقتىن كولدۇرلاپ كېتىشى ئۇنىڭ خىياللىرىنى ئۈزۈپ قويدى .ئۇ ئاشپەزلەر ھەققىدىكى ئېلاننى كۆرۈپ ئۆزنىڭ ئاشپەزلىكنى بولسىمۇ ئۆگىنىپ قويمىغانلىقىغا پۇشايمان قىلدى ،ئاشپەز بولسمۇ ياخشى ئىكەن .ئالىي مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ ئاچ يۈرگەندىن كۆرە ،قورسىقى توق تۇرىدىغان ھەم ياتار يېرى بار ئاشپەزلىك ياخشى ئىكەن .تېخى بىز ئۆزىمىز خالاپ بىكارچى بولۇۋالغاندەك ،بىزنى پۇل تۆلەپ ئوقۇتقاندەك خەقلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ بېكار يۈردۈڭ ،جەمئيەتكە يۈك بولدۇڭ دېگەن سېسىق گەپ قىلىشلىرىنى ئاڭلىمايسەن .
ئۇ گېزىت بېتنى ئۆرۈپ باشقا ئېلانلارنى كۆرمەكچى بولدى .«تۈن قىسمىتى پۇلدار ئاياللار ئىستراھەت كۇلۇب »ىغا ئالىي دەرىجىلىك ئەر مۇلازىم قوبۇل قىلىمىز .كۈنلۈك مۇئاشى 1000-2000 يۈەن ،شۇ كۈنى ھېساب بوغىمىز .ئەھۋالغا قاراپ قوشۇمچە مۇكاپات بار. دىگەن ئېلان ئۇنىڭ باشقىچە دىققىتىنى تارتتى ھەم بۇنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغىنىنى تېزلا ھېس قىلدى . ئالىي مەكتەپ ئوقۇۋاتقان چېغىدا مۇئەللىمىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى سۈيلەپ كۈندە ساۋاقداشلىرى ئالدىدا يۈزىنى تۆكۈشنى خالىمىغان بىر ساۋاقدىشى بىر بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىغا بېرىپ ئاشۇ يەردە بىرنەچچە ھەپتە ئالىي ئەر مۇلازىمەتچلىك خىزمىتىنى ئىشلەپ قايتقاندا ئادەم قىياپىتىدىن چىقىپ رەڭگى سارغىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ھەم ئەشۇ ساۋاقدىشغا ئىچ ئاغىرتقان ئىدى .ئۇ چاغدا ساۋاقدىشنىڭ باشقا تاللىشى يوق ئېدى .ئۇمۇ يېزىدىكى بىر دېھقاننىڭ بالسى بولۇپ ،ئانسى ئاغىرىپ دوختۇرخانىدا يېتپ قالغان ئېدى ،بىچارە دادىسى ئانسىنى داۋالىتىمەن دەپ يېرىنى بىرنەچچە يىللىق سېتىپ شەھەرگە ئەكىرىپ داۋالىتۋاتقان چاغلىرى ئېدى ،بۇنداق چاغدا ئۆيگە پۇل دېسە خۇددى« ئېشەك ئۆلىمەن دېسە قۇيرۇقى غېجەك تارتىپتۇ»دىگەندەك ئىش بولاتتى .قېرىشقاندەك مەكتەپمۇ بانكىدىن قەرىز ئېلىپ ئوقۇتۇش بېناسى سېلىپ ،ئەمدىلىكتە بانكا قەرىز سۈيلىگەندە ئوقۇش پۇلىنى ۋاقتىدا تۆلىيەلمىگەن ئوقۇغۇچىلاردىن ئوقۇش قەرز پۇلىنى تاپشۇرۇشقا قىستىدى،ئۇلاردىن ئالالمىغان چاغدا ،مۇئەللىملەرگە بېسىم چۈشۈرۈپ ئوقۇغۇچىلاردىن ئوقۇش پۇلىنى يىغمىساڭ مۇئاشىڭنى بەرمەيمىز دەپ بېسىم چۈشۈرشى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارمۇ كۈندە دەرسكە كىرىپ ئوقۇغۇچىلاردىن ئوقۇش قەرز پۇلىنى سۈيلەيتتى ،پۇل بەرمىگەنلەرنى سىنىپتىن دەرسىكە قاتناشتۇرماي چىقىرۋىتەتتى . ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئىلاجىسىز ،چۈنكى ئۇلار بىر ئامال قىلىپ ،ئوقۇغۇچىلاردىن ئوقۇش پۇلى يىغمىسا ،ئۆز مۇئاشىنى ئالالمايدۇ.ئۇلارمۇ بىر ئۆينى بېقىۋاتقان ئادەملەر ئىدى .
ئەشۇ ئوقۇش پۇلى تۆلىمىگەن ئوقۇغۇچىلار قاتارىدا ئۇمۇ كۈندە سىنىپتىن چىقىرىۋېتىلىپ تۇراتتى .كىچىكىدە دادىسى قازا قىلىپ يېزىدا ئوقۇۋاتقان چېغىدىمۇ بۇنداق ئەھۋالغا ئۇچراپ چوڭ بولغان ئۇ ئەمدىلىكتە ئالىي مەكتەپتىمۇ بۇ خىل قورقۇنۇچلۇق ھېسياتنى باشتىن كەچۈرىۋاتاتتى .يېزىدىكى چاغدا بۇرۇن دادىسى بىلەن خىزمەت قىلغان مۇئەللىملەر ئۇنىڭ دەرستە شۇنداق ياخشلىقى ۋە بۇرۇن دادىسى بىلەن ياخشى ئۆتكەنلىكنىڭ يۈزى بىلەن ئۇنىڭ ئوقۇش پۇلىنى بىر نەچچە مۇئەللىملەر يىغىش قىلىپ تۆلىۋېتەتتى .باشقا ساۋاقداشلىرى بولسا دېرىزىدىن ئىچىدە ئوقۇۋاتقانلارغا تەلمۈرۈپ قاراپ تۇراتتى ،چۈنكى ئۇلار ئۆيگە بارسا دادىسىنىڭ ئېغىر ھالدا موخۇركا يۆگەپ چوڭقۇر سۈكۈت ئىچىدە ئىلاجىسىز قالىدىغانلىقىنى ،ئۆز يۈرەك پارىسىگە ئاشۇ ئازغىنە پۇلنى راسلاپ بېرەلمىگەن ئانىلىرنىڭ ئۆي ئىچىدە ياغلىقىنىڭ ئۇچىنى تۇتقىنىچە ئۈنسىز ياش تۆكۈپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرەتتى ياكى دادسىنىڭ ئامالسىزلىق ئىچىدە؛
- بوپتۇ بالام ،جاھاننىڭ ئېتىكى كەڭ ،مەنمۇ ئوقۇمىغان ،مانا بۈگۈنمۇ سىلەرنى بېقىپ كېلۋاتىمەن.سۆگەت ياغىچى بادىرا بولماس ،دېھقان بالسى كادىر بولماس دەپتىكەن ،قايتىپ كېلىپ مېنڭ دېھقانچىلىقىمغا ياردەم بەر -دېگىنىنى ئاڭلايتتى .ئۇلارنىڭ ئوقۇشىسز قالغۇسى يوق ،ساۋاقداشلىرى ئوقۇپ يۈرسە ئۆزنىڭ قارا قورساق بولۇپ قالغۇسى يوق .ياخشى ئوقۇپ ئەشۇ قىزىقارلىق جۇغىراپىيە دەرىسدە تونۇشتۇرۇلغان ئافرىقا دىگەن قىتئەلەرگە بېرىپ كۆرۈپ باقمىغان ئاجايىپ ھايۋانلارنى كۆرگۈسى،قاپقارا كۆمۈردەك قاراتەنلىك بالىلار بىلەن بىلەن پاراڭلىشىپ باققۇسى .ئۇچقۇچى بولۇپ ئاسماندا پەرۋاز قىلىشنى ،ئەسكەر بولۇپ ۋەتەننى قوغداشنى ،ساقچى بولۇپ يامان ئادەملەرنى تۇتۇشنى ئارزۇ قىلاتتى .ئۇلارنىڭ شۇنداق ئوقۇغۇسى بار .ئۇلارنىڭ نەزىرىدە پەقەت ياخشى ئوقۇغاندىلا بۇ ئارزۇلارغا يەتكىلى بولىدۇ دىگەن غايىلەر بار .
تېخى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ساۋاقدىشى ئۆيىگە پۇل دەپ بېرىپتىكەن .ئامالسىز قالغاندا دادا ھەپتە موزدۇزلۇق قىلىپ ئىشلەپ تاپقان ئون يۈەننى ئاكا-سىڭىل ئېككەيلەنگە بېرىپتىكەن .ئاكىسى ئۇ پۇلنى سىڭلىسىغا بېرىپ،ئۆزى مەھەللىنىڭ چېتىدىكى دوڭغاق جىگدىگە ئېسلىپ ئۆلۈۋاپتۇ .بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغىنىدا ئۇنىڭ مېڭىسدە چاقماق چاققاندەك بولۇپ كەتتى .دادىسى ئۆلۈپ كەتكەندە ئاپسى ئۇنى يىراق يەرگە كەتتى دەپ بەزلەيتتى .كېيىن ئۇ ئۆلۈپ كەتكەن ئادەملەرنىڭ مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ بۇ ساۋاقدىشىنىڭ ئۆلۈمىگە قاتتىق ئېچىندى .ئۇلار ناھايىتى يېقىن دوست ئېدى .بىللە قوي باققان چاغلىرىدا ئۇزۇندىن-ئۇزۇن بالىلىق ھېكايىلىرىنى سۆزلىشەتتى .ۋاللەي ئويناپ كۈننىڭ كەچ بولغانلىقىنى سەزمەيتتى ،دوستى شۇنداق مەردانە،ھەقىقەتەن دوستلۇققا يارايدىغان بالا .بالىلار ئۇنى يېتىم ئوغلاق،سېسىق توققۇزىنچىنىڭ بالسى دەپ تىللىغان بالىلارنىڭ ئەدىپىنى بېرەتتى .تېخى ئۇنىڭ ئۇچقۇچى بولۇپ ئاسماندا پەرۋاز قىلىپ ۋەتەن ئاسمىنىنى ياۋلاردىن قوغداش ئارزۇيۇم بار دەپ دائىم ئۆلگەن قاغىلارنىڭ قاناتلىرىنى كېسۋىلىپ قولىغا باغلاپ تاملارنىڭ ئۈستىدىن تۆۋەنگە قانات قېقىپ سەكرەپ يۈرەتتى .دوسىتى ئۆلۈپ كەتتى .ئەمدى ئۇنىڭ باتۇر ،ئۆزى چوڭ بىلىدىغان قەدىناس ئادىشى يوق بولدى .ئۇ كەچ قورقماي ئۇنىڭ قەبرىسىگە چىقىپ خېلى ئۇزۇنغىچە يىغلىدى .ئۆز ۋاقتىدا ئۇ تالاشقاندا بەرمىگەن ئويۇنچۇق ئايروپىلاننى ئۇنىڭ قەبرىسىگە قويۇپ قويدى .ئۇ دوستىغا قىيالمىغان ئېدى .دوستنىڭ مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ ،ئۇنىڭ قەبرىسى ئالدىدا ،دوستۇم مەن چوقۇم ياخشى ئوقۇپ ئۇچقۇچى بولۇپ سېنىڭ ئارزۇيۇڭنى ئىشقا ئاشۇرىمەن دەپ ئۇنىڭ قەبرىسىدىن يېنىڭ چۈشتى .كېيىن ئۇ ئالىي مەكتەپكە كەلگەندە ئۇچقۇچىلىققا تىزىملىتىش ئۈچۈن بارغاندا نېمە ئۈچۈنكىن رەت قىلىندى ،چۈنكى ئۇ ھەممە شەرتكە چۈشەتتى .كېيىن ئۇ «دوستۇمنىڭ ئارزۇسى »دېگەن تېمىدا بىر رەسىم سىزىپ ئۆزىگە ۋە دوستىغا تەسەللىي بەردى .كېيىن دۆلەت بارلىق يېزا بالىلىرنىڭ ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلۋەتتى ،ئۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان چېغىدا مەكتەپنىڭ مەيدانىغا چىقىپ يىغلىدى،بالدۇر بولغان بولسا نېمدىگەن ياخشى ئۇ مەردانە دوستدىن ئايرىلىپ قالمايتتى .
مانا ئەمدى ئۆزنىڭ ياتىقىدىكى يەنە بىر يېقىن دوستى يەنە شۇ ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرىمەن دەپ بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىغا بېرىپ ئالىي ئەر مۇلازىم بولىمەن دەپ كۆپ مىقداردا باھنى قۇۋۋەتلەيدىغان دورا ۋە باشقا روھلاندۇرغۇچى نېرۋىغا تەسىر قىلىدىغان دورىلارنى ئېستمال قىلىپ ئۆزىنى كاردىن چىقاردى ،گەرچە ئۇ ئوقۇش پۇلىغا يېتەرلىك پۇل تاپقان بولىسمۇ ،كۈن بويى گەپ قىلمايدىغان بولۇپ قالدى،ئۇ دەرىسلەرنى چۈشىنىش بۇياقتا تۇرسۇن ئۆزنىڭ نېمە يەۋاتقانلىقىنى بىلمەيدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالدى .بۇنىڭ سەۋەبىنى پەقەتلا ئۇ بىلەتتى .چۈنكى دوستى ئوقۇش پۇلى تاپشۇرۇش ئۈچۈن ئالىي ئەر مۇلازىم پۇلدار ئاياللارغا ھەمراھ بولۇپ كۆپ مىقىداردىكى روھلاندۇرغۇچى دورىلارنى يەپ نېرۋسىدىن كېتىپ قالغان ئېدى.بۇ خىل خىزمەتنى قىلىدىغان ئەرلەرنى ئادەتتە «ئۆردەك »دەپ قوياتتى .بۇلار ئادەتتە ئالىي دەرىجىلىك مېھمانسارايلاردا ياكى خاس مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدا ئاياللارغا قارىتا جىنسى مۇلازىمەت ۋە ياكى باشقا بۇ خىلدىكى يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيتتى.ئەمدى باھىنى كۈچەيتكۈچى ۋە باشقا خىلدىكى روھلاندۇرغۇچى دورىلارغا كەلسەك بۇ خىل خىزمەتنى بىرنەچچە كۈن داۋاملاشتۇرماق تولىمۇ قېيىن ،شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىل مۇلازىمەتنى قىلغۇچىلار قوشۇمچە روھلاندۇرۇش تىپىدىكى دورىلارنى يەيدۇ ،بەزىلەر ئادەم بىلەن ھېسابلاشماستىن قانۇنسىز ،ئىشلىتىش مىقىدارىغا چەك قويۇلغان دورىلار بىلەن تەمىنلىشى تۈپەيلىدىن دوستىغا ئوخشاش ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقاتتى ،دوستى ئەنە بۇ ئىشنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەن ئېدى .
دوستى بۇ ئىشنى قىلۋاتقان چاغدا ئۇنىڭغا ئىشنىپ بۇنى ھېچكىمگە ئېيتماسلىقىنى ،بۇنداق بولغاندا ئۇنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە تەسىر يېتىدىغانلىقىنى ،بولۇپمۇ ئاتا-ئانسىنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ قالسا قاتتىق ئازابلىنىدىغانلىقىنى ئۇنىڭغا ئېيتقان ئېدى .مانا ئەمدى دوسىتى كاللىسىدىن كەتتى .بۇ سىرلارنى ئۆزىلا ئېلىپ قىلىپ نېرۋسىدىن كەتتى .ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ دادىسى ئېلىپ مەكتەپتىن كەتتى ، بىردىنبىر ئۈمىدى بولغان ئوغلىنىڭ بۇ ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشى دادسىنڭ ئىچىنى سېرىۋەتتى .ئەمدىلا ئايالىنى دوختۇردىن ئېلىپ چىققان دادا ئوغلىغا داۋالاش پۇلىنى قەيەردىنمۇ تاپار .دادىسى مەكتەپتىن ئايرىلىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىدىغان چاغدا مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىشخانسى ئالدىدا مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇشى ھەرقانداق كىشنىڭ ئىچىنى سېرۋېتەتتى .بۇ خىل ئەھۋال ئۇنىڭغا مەكتەپتە كۆپ ئۇچراپ تۇراتتى .قايسىدۇ بىر بالىنىڭ ئائىلە قېيىنچىلقى تۈپەيلىدىن ئاشۇ يىراق يېزىدىن كەلگەن دېھقان ئاتا-ئانىلارنىڭ مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا مەكتەپتىن ئىزدەپ تاپالمايدىغان مەكتەپ مۇدىرىنى ياكى باشقا مەسئۇل كىشلەرنى ساقلاپ مۇڭلىنىپ ئولتۇرغان ھالىتىتنى بۇ يەردە ئۇچىراتماق تەس ئەمەس ئېدى .ئۇنىڭ دادىسمۇ مەكتەپنىڭ يىراقتىن كەلگەن ئاتا-ئانىلارنى كۈتىدىغان ئىككى يۈەنلىك ياتىدا نەچچە كۈن يېتىپ ئوغلىنى ئېلىپ كەتتى .
ئۇ يەنە ئازاپلاندى .ئوقۇش پۇلى ئۈچۈن بالىلىقدا ئەشۇ يېزىدىكى ئەڭ يېقىن دوستدىن ئايرىلغان بولسا ،مانا ئەمدى بۇ شەھەردە تونۇشقان ئەڭ ياخشى دوستىدىن ئايرىلىدى.ئۇمۇ مەكتەپنىڭ قىسىشى بىلەن ئاخىر بىر يىل ئوقۇشنى توختىتىپ شىركەتلەردە ئىشلەپ ئوقۇش قەرز پۇلىنى تۆلىدى .
ئۇ ئېغىر بىر ئۇھسىنىش بىلەن دوستىنى ئويلاپ قالدى ،ئۇ ساۋاقدىشىنىڭ ھازىر ئەھۋالى قانداق بولۇپ كەتكەندۇ .مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىزچىل كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىش ۋە بۇ شەھەردە جان قامداش بىلەن بولۇپ كېتىپ ساۋاقداشلىرى بىلەن ،بولۇپمۇ يۇرتقا قايتقان ساۋاقداشلىرى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالدى ،ئۇنىڭ ئويىچە بولسا كەسىپتە ياخشى ئۇتۇق قازىنىپ پۇل تېپىپ بولغاندىن كېيىن ساۋاقداشلىرىنى ئىزدەش ئويى بار ئېدى .
قورسقىنىڭ ئېچىپ يەنە كولدۇرلاپ كېتىشى ئۇنىڭ خىيالىنى ئۈزىۋەتتى ،ئۇ ھېلىقى ئېلان بار گېزىتكە قاراپ خىيالغا پېتىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى .قورساقنىڭ ئېچىپ كېتىشى ئۇنى تولىمۇ قېيناپ قويدى ،ئەمدى ئۆيدە قاتتىق بولسىمۇ نان قالمىغان ئېدى .قانداق قىلىش كېرەك ؟ئۇ بارلىق ئىشتانلىرىنىڭ يانچۇقلىرىنى ،ئۈستەل تارتمىلىرىنى ،ياستۇقىنىڭ ئاستىنى ئاقتۇرۇرۇپ قېلىپ قالغان پارچە پۇللارنى ئىزدەشنى باشلىدى .ھېلمۇ ياخشى تۇرمۇشنىڭ قاتتىقچىلىقىدا ئېشىپ قالغان ئون تېيىنىلىق پۇللارنى ئۇيەر-بۇيەرگە قويۇپ قويۇپتىكەن.بۇ پۇللاردىن ئىككى سوم يەتمىش تېيىنلىق پۇل تېپىپ چىقتى .كارۋاتنىڭ قىرىدا ئولتۇرۇپ يەنە پارچە پۇللار ئۇچراپ قالامدىكىن دېگەن ئۈمىدتە ئۆينىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا قاراپ چىقىتى،تېلىۋىزور قۇيۇلغان ئۈستەلنىڭ ئاستىدىن بىر سوملۇق تەڭگە پۇلنى تېپىپ چىقتى ۋە تۆنۈگۈن ھېلىقى كۆلگە تاشلىۋەتكەن بىر سوملۇق تەڭگە پۇلغا ئىچى ئاغرىپ ئۆزىنى ئەيىبلەپ كەتتى .يەنە كارۋاتنىڭ قىرىدا ئولتۇرۇپ بۇ غايەت زور مەبلەغنى قانداق ئىشلىتىش ھەققىدە ئويلاندى (ئۇ چاغدا بۇ تېپىۋالغان پۇللار ئۇنىڭ ئاخىرقى پۇللىرى بولۇپ ،ئۇ خىيالىدا بۇ پۇللارنى شۇنداق جىق بىلىپ ئۇنى غايەت زور مەبلەغ دەپ ئويلىدى ).ئۇ پۇلغا بىر ۋاق تاماقمۇ كەلمەيتتى .شۇ چاغدا ئۇنىڭ كۆزىگە يەنە يەردە تاشلىنىپ تۇرغان بىرمۇنچە قۇرۇق ھاراق ۋە پىۋا بوتۇلكىلىرى كۆرۈندى ،ھېلىمۇ پاكىزلىقىم تۇتۇپ بۇ بوتۇلكىلارنى تاشلىۋەتمەپتىمەن دەپ چىرايىغا كۈلكە ياماشتى .ئۇ ئۆينىڭ بىر يېرىدىن بىر يوغان خالتا تېپىپ بوتۇلكىلارنى قاچىلاپ ئۆزى بىلەن قوشنا ئولتۇرىدىغان ئەسكى-تۈسكى يېغۇچنىڭ قېشىغا ئېلىپ كىرمەكچى بولدى .ئاقىۋەت ئۇ ئۆيىدە يوق بولۇپ چىقتى ،بوپتۇلا مەھەللىنىڭ بېشىغا چىقىپ شۇ يەردىكى ئەسكى-تۈسكى يىغۇچىغا ساتاي .نېمىدىن خىجىل بولىمەن ،خىجىل بولغۇدەك يېرىممۇ قالمىدى ،ئىلگىرى چاغلار بولغان بولسا ئۇ كوچىدا بوتۇلكا ساتىمەن دەپ چىقىشتىن نومۇس قىلاتتى .تەلىيىگە ھويلىنىڭ ئىشىك ئالدىدىلا قوشنىسى ئۇچراپ قالدى ،بوتۇلكىلارنى ئۇنىڭغا نەق بەش سومغا ساتتى .
قوشنىسى ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا بۇ يەرگە كۆچۈپ چىققاندا يېنىدا ئۆيگە تۆلىگىدەك پۇلنى ئاران ئۆي ئېگىسىگە بەرگەن چاغدا ئۇمۇ ئۇنىڭ قېشىدا بار ئېدى .ئۇ شۇكۈنى چىقىپ قەيەردىندۇ ئەسكى-تۈسكىلەرنى يىغىپ كېلىپ ئۆيگە قايتىپ كەلگىنىدە كۈنتىكىن ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئۇنىڭ بىر تاغار يىغقان ئەسكى-تۈسكىسىنى كۆتۈرشۈپ ھويلىغا ئېلىپ كىرىشىپ بەرگەن ئېدى .قوشنىسى ھەركۈنى سەھەر چىقىپ كېتىپ كەچ بىرمۇنچە نەرسىلەرنى تېرىپ كىرگەن چاغدىلا ئۇنى كۆرەلەيتتى .ئۇ شۇنداق قىلىپ بىر مەزگىل تىرشىپ ئىشلەپ ئەسكى ۋېلسىپىتتىن بىرنى سېتىۋالدى ،ئۇ ئەمدى يىغقان نەرسىلىرنى ئۆزى يۈدمەيدىغان بولدى.ھەركۈنى يىغقان نەرسىلىرىنى ۋېلسىپتنىڭ ئارقىسغا باغلاپ قايتىپ كىرەتتى.بىر كۈنى ھويلا ئىچىدە بىر ئۈچ چاقىلىق موتسىكىلىت پەيدا بولدى .موتسىكىلىت ئۈستىدە كونا ئائىلە ئېلىتكتىر سايمانلىرى تۇراتتى .موتسكىلىتنىڭ ئالدىدا «كونا ئائىلە سايمانلىرى ،ئەسكى كېيىم-كېچەك ،كېرەكىسز نەرسىلەرنى سېتۋالىمەن»دىگەن قارا بوياقتا قولدا يېزىلغان خەتلەر بار تاختا تۇراتتى .بۇ موتسىكىلىت قوشنىسىنىڭ ئېكەنلىكىنى پەرەز قىلدى .قوشنىسى بويى پاكار ئارتۇق ئىش بىلەن كارى يوق ئادەم ئېدى ،ئۇ ھەركۈنى ئىشىك ئالدىكى يەرگە بىر گاز ئوچاقنى قويوپ ئۆزى تاماق ئېتىپ يەيتتى .موما پىشۇرۇپ قوياتتى .ئۇ شۇنداق ئىقتسادچانلىق بىلەن بىر يىل ئىچىدە مەھەللە چېتدىكى يەردە ئەسكى-تۈسكى نەرسىلەرنى يىغىدىغان پونكىتتىن بىرنى قۇرۇۋالدى ،ئەمدى ئۇنىڭ مەھەللە-مەھەللىمۇ يۈرۈپ ئەسكى نەرسىلەرنى يېغىۋىلىشنىڭ ئورنى قالمىغان ئېدى .ئەمدى باشقا كېرەكسىز نەرسىلەرنى يىغۇچىلار يىغىپ ئۇنىڭغا ئۆتكۈزىدىغان بولدى .قوشىنلارنىڭ دېيىشچە ئۇ ھازىرمۇ ئەسكى چاپانلارنى كېيىپ ئاددى يۈرسىمۇ بانكىدا بىرنەچچە يۈزمىڭ سوم پۇلى بار ئىكەن .ئۇ ھازىر يۇرتىدىكى خوتۇن بالا-چاقىلىرىنى ئېلىپ كېلىپ يەنە بۇ ئۆيدە تۇراتتى .شۇنچە پۇلى بولسىمۇ يەنە ئۆيىدە كۈنتىكىننىكىدەك نەرسىلەر يوق ئېدى .بارى-يوق بېساتى كارۋات ۋە سىرتتىكى گازئوچاق ۋە بىرنەچچە تاماق يەيدىغان چىنسى بار ئېدى .ئۆزى ۋە ئايالى ئىككىسى كېرەكسىز نەرسلەرنى يىغىش ئورنىدا بولسا ،بالىلىرىنى بىرنېملەرنى قىلىپ بۇ شەھەردىكى ئەڭ ياخشى مەكتەپتە ئوقۇتۇۋاتاتتى .
كۈنتىكىن ئىشك ئالدىدىلا ئۇچراپ قالغان قوشنىسغا نەرسىلەرنى سېتۋېتىپ بارلىق سەككىز سوم يەتمىش تېيىن پۇلغا ناۋايخانىغا بېرىپ نان سېتۋالماقچى بولدى .
ناۋاي يىگىت كۈنتىكىنگە كۈلۈمىسىرەپ تۇرۇپ ،
- قانداق رەسسام يېگىت يېقىنىدىن بېرى يەنە رەسىم سىزۋاتامسىز دەپ ئەھۋال سورىدى .
بۇ مەھەللىدە ئۇنىڭ بىلەن تەڭ دېمەتلىك كۈنتىكىنلا بولغاچقا ھەم كۈنتكىن ھەركۈنى ئۇنىڭدىن نان ئېلىپ تۇرغاچقا ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ كەتكەن ئېدى ،كۈنتىكىنىمۇ ئۇنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ ئۆيىدە بىللە ئولتۇرغان ئېدى .كېيىن ناۋاي يىگىت ئۆزى كەچلىرى زېرىككەن چاغلىرىدا ناندىن بىرنەچچىنى ۋە ھاراق،باشقا نەرسىلەرنى ئېلىپ كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن ھال-مۇڭ ئېيتىشاتتى .گەرچە ناۋاي يىگىت ئوقۇمىغان قاراقورساق بولسىمۇ ئوقۇغان كىشلەرنى ھۆرمەتلەيتتى ،مەيلى قانداق ئولتۇرسۇن ئۇلار بىلەن سۆھبەتتە بولۇشنى چوڭ بىلەتتى.ئۇ كۈنتىككىنىڭ سىزغان رەسىملىرىنى كۆرۈپ ھەيران بولاتتى .كۆز ئالدىدىكى بۇ يىگىتنىڭ بۇنچىۋالا كارامىتى بارلىقىغا ھەيران بولاتتى ،ھەتتا بىر قېتىم ئۇ كۈنتىكىن سىزغان بىر ماي بوياق رەسىمدىكى قىزغا كۆيۈپ قالغاندەك بولۇپ ،نەچچە قېتىم كۈنتىككىنىڭ ئۆيىگە كۈنتىكىننى دەپ ئەمەس،ئاشۇ قىزنىڭ رەسىمىنى دەپ كىرگەن چاغلىرى بولغانتى .ئۆزى رەسمىدىن ھوزۇرلىنشىنى بىلمىسمۇ ،بىراق كۈنتىكىننىڭ سىزغان رەسىملىرنى كۆرۈپ رەسسامللىققا قىزىقىپ قالغان ئېدى .ھەمدە كۈنتىكىنگە مېنىڭ بىر تاغام بار خەتىنى شۇنداق چىرايلىق يازاتتى ،مەن خەت تونۇمۇساممۇ ،ئاشۇ تاغامنىڭ خېتى ماڭا تولىمۇ چىرايلىق بىلنەتتى .ئۇ خەتلەر ماڭا كومپىيۇتىردا ئۆلچەملىك يېزىلغان خەتلەردىن بەك جېنى باردەك كۆرۈنەتتى .مەنمۇ ھەم ئېلگىرى نۇرغۇن رەسسامملارنىڭ سىزغان رەسىملىرىنى كۆرگەن ،بىراق سىزنىڭ رەسىملىرىڭىز ماڭا شۇنداق جانلىق ھەقىقىدەك كۆرنىدۇ،ئاشۇ ئادەملەرنىڭ كۆزلىرى ماڭا قانداقتۇ بىر ئىشنى سۆزلەۋاتقاندەك بىلىندۇ .سىزدىن يوشۇرماي ،مەن بىرنەچچە قېتىم ئۆيىڭىزگە سىزنى دەپ ئەمەس ،بەلكى سىز سىزغان ئاۋۇ قىزنىڭ رەسىمىنى دەپ كىرەتتىم.ئۇ قىز ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىگەندەك بىلىنەتتى ،ئۇ قىزنىڭ كۆزىگە قاراشتىن خىجىل بولاتتىم،چۈنكى ئۇ قىزغا قارىسام ،ئۇ قىزمۇ ماڭا قارىغاندەك بىلنەتتى .نەچچە قېتىم تونۇردىن نان قومۇرۇۋاتقان چېغىمدا ئۇ قىزنى خىيال قىلىپ نەچچە ناننى تونۇر ئىچىگە چۈشۈرۈۋىتىپ كۆيدۈرۈپ قويغان ئېدىم .ئۇ قىزنى يەنە بىر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلاتتىم دەپ ئۆز كۆڭلىنى ئېيتقان چاغدا كۈنتىكىن كۆز ئالدىدىكى بۇ ئاددى ئىللىق چىراي يىگىتنىڭ ئۆزنىڭ سىزغان رەسىمىدىن ھوزۇر ھېس قىلغانلقىنى بىلىپ شۇنداق تەسىرلەندى .ئادەتتە كۈنتكىننىڭ ئۆيىگە ئادەم كەلمەيتتى ،كەلدى دېسە بۇ يىگىتلا كېلەتتى .كۈنتىكىن ئۆزنىڭ سىزغان رەسىمىنىڭ تۇنجى كۆرەرمەنى بولغان بۇ يېگىتنىڭ ئۆز رەسىمگە بولغان باھاسىنى ئاڭلاپ كۆزىگە كەلگەن ياشنى ئاران توختىتۋالدى .شۇنىڭ بىلەن يىگىتكە ئۆزى ھەم شۇنداق ياخشى كۆردىغان قىزنىڭ پورتىرىت رەسىمىنى ئۇنىڭغا بېرىۋەتكەن ئېدى .يىگىتمۇ بۇنىڭ جاۋابىغا بىرمەزگىل ئۇنىڭدىن نان ئالغاندا پۇلىنى ئالماي قويدى ،كۈنتىكىنمۇ بۇ يىگىتنىڭ پۇل تېپىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى بىلىپ ئۇنىڭغا بۇنداق قىلسا ئۇنىڭدىن نان ئالمايدىغانلىقىنى ئېيىتپ پۇل بېرىدىغان بولدى .
ناۋاي يىگىتمۇ بۇ رەسىمنى ئاددى ئۆيىگە ئېىسىپ قويغان ۋاقتىدا ئۇنىڭ ئاددى ئۆيى يورۇپ كەتكەندەك بولدى .ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلگەن باشقا يۇرتداشلىرى رەسىمىنى كۆرۈپ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كېتەتتى .بىرقېتىم ئۇنىڭغا ئۇن ئەكىلىدىغان زاۋۇتنىڭ خوجاينى كېلىپ بۇ رەسىمنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن بۇ رەسىمنى سېتىپ بېرىشنى ئېيتىپ تۇرۇۋالدى.ناۋاي يىگىت بۇ رەسىمنى بىر دوستنىڭ سوۋغا قىلغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆزۈرخاھلىق بىلدۈرۈپ رەسىمنى ساتمىدى ،بىراق ئۇن زاۋۇت خوجاينى بۇ رەسىمگە كىرىشۋېلىپ ئۇنىڭغا بىر يىل نان يېقىشقا يېتىدىغان بىر ماشىنا ئۇنمۇ بەرمەكچى بولدى .بىراق ناۋاي يىگىت يەنىلا رەت قىلدى .چۈنكى ئۇ كۈنتىكىنىڭ بۇ رەسىمىنى ئاسان سىزمىغانلىقىنى ،شۇنداق قېيىنچىلىق ئىچدە سىزغانلىقىنى بىلەتتى .ئادەتتە ئۇنىڭ سىزغان رەسىملىرىنى باشقىلار تالاشسمۇ ساتماي ساقلاپ كەلگەنلىكىنى بىلەتتى ھەم ئۇنىڭ ئۆزىگە قىلغان سوۋغىسى ئىكەنلىكى تۈپەيلىدىن قەتئىي ئۇنىمىدى .شۇنىڭ بىلەن ئۇ خوجايىن ئۇنىڭدىن سىزغان رەسسامنى تونۇشتۇرۇپ قويۇشنى ئۆتۈنۈپ تۇرىۋالدى ،بۇنىڭ بەدىلگە ئۇنىڭغا ئۇنلىرىنى ئەرزانراق بېرىدىغان بولدى .ناۋاي يىگىت بولسا ،بولىدۇ ،ئۇ ئادەتتە باشقا ئادەملەر بىلەن كۆرۈشمەيدىغان بالا ،مەن ئالدىنئلا دەپ قوياي دەپ قويدى .زاۋۇت خوجاينى بولسا ،چوقۇم ماڭا خەۋىرنى بېرىڭ دەپ رەسىمگە قاراپ قىيالماسلىق بىلەن قايتتى .
ناۋاي يىگىت ئادەتتە ئۇن سېتۋالغان چاغدا بەزىدە ئۇن باھاسنىڭ تۇراقىسز بولۇشى تۈپەيلى يېرىم يىللىق ئۇننى بىراقلا سېتۋالاتتى ھەم بۇلارنىڭ ئۇنىغا ئىشنەتتى ،چۈنكى بۇلارنىڭ ئۇنىنىڭ سۈپىتى ئەڭ ياخشى دەپ قارىلاتتى .ئەتراپتىكى باشقا ئاشخانا ياكى باشقا كىشلەر بولسۇن بۇ زاۋۇتنىڭ ئۇنىنى ئىشلتەتتى .بۇ قېتىم ئۇن زاۋۇت خوجاينى بۇ پۇرسەت تۈپەيلى ناۋاي يىگىتنىڭ ئۆيىدىكى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن سىزىلغان رەسىمنى كۆردى .ئۇن سودىگىرى ئۆيىگە قايتىپ بېرىپ ئاشۇ رەسىمنى توختىماي ئويلىدى .ئاھ بىر جۈپ كۆزلەر .جەلىپكار كۆزلەر .ئۇ كۆزلەر كىشگە قاراپ سۆزلەيتتى .كىشى قەلبىنى لال قىلاتتى .ئۇ رەسسامنىڭ تالانتىغا ھەقىقەتەن قايىل بولدى .ئۇنىڭ پۇلى بار ئېدى .ئادەتتە ئۇ ئۇن سېتىش ئۈچۈن ھەرگىز ئۇن سېتۋالغۇچى خېرىدارلانىڭ قېشىىغا بىۋاستە بارمايتتى ،قول ئاستدىكى نەچچىلىگەن ياللىغان ئادەملىرى باراتتى ،بۈگۈن ئۇ تەقدىرنىڭ ئۆزىگە قىلغان ھېممىتگە رەھمەت ئېيتتى ،بۈگۈن بازار ئەھۋالىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن ھەم خېرىدارلارنىڭ ئۇ ھەققىدە قانداق پىكىرلىرى بارلىقىنى ئاڭلاش ئۈچۈن چىقىپ شۇنداق بىر قالتىس رەسىمنى كۆرگەنلىكىنى ئويلىسا ئۆزنىڭ نەقەدەر تەلەيلىكىنى ھېس قىلاتتى .ئۇ بىرنەچچە كۈن تىت-تىت بولۇپ ناۋاي يىگىتكە تېلفون قىلدى ،بىراق ناۋاي يىگىت ئۇنى ئۇچىراتمىغانلىقىنى ئيتىپ تۇرىۋالدى .چۈنكى ئۇ كۈنتىكىنىڭ خۇيىنى بىلەتتى ،ئۇ ئادەملەر بىلەن كۆپ ئۇچىرىشىنى خالىمايتتى .ھەم بۇ رەسىمىنڭ ئىشىنى ئۇنىڭغا ئېيتقان چاغدا ،ئۇ ھەرگىز ئۆزنىڭ ئالاقىلىش ئادرىىسنى دەپ بەرمەسلىكىنى ،بۇنداق بولغاندا ئۆزنىڭ تىنچ تۇرمۇشنىڭ بۇزۇلۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى ،ئۇنىڭغا بىرنېملەرنى دەپ باھانە كۆرسىتىپ بۇ ئىشنى ئۇنتۇلدۇرۇشنى ئېيتتى .
بىراق بۇ خوجايىن بولدى قىلماي ناۋاي يىگىتنىڭ قېشىغا نەچچە باردى .ناۋاي يىگىت نېملەرنىدۇ باھانە قىلىپ ئۇنى قايتۇرۇۋىتەتتى .ھەم بۇ يىگىتنىڭ ئاددى ئادەم ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتتى .
بۈگۈن كۈنتىكىن نان ئالغىلى ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى .
ئۇنى كۆرگەن ناۋاي يىگىت كۈلۈمسىرىگىنىچە ،
-نەچچە كۈن بولدى ،سىزنى كۆرمىدىم .قارىغاندا رەسىم سىزىش بىلەن ئالدىراش ئوخشىمامىسز ؟
ناۋاي يىگىت بىر ناننى قومۇرۇپ بولۇپ ئۇنىڭغا قول بېرىپ سالام قىلدى .
ئۇ ناۋاي يىگىتنىڭ ئىللىق سالىمىنى ئېلىك ئېلىپ ئۇنىڭغا كۈلۈمسرەپ يېقىندىن بېرى تۇرمۇشنىڭ قاتتىقچىلى تۈپەيلى رەسىم سىزشقا ئانچە ئېلھام يوق دەپ ئېيتۋاتقان چاغدا ئۇنىڭ ئاۋازى چۈشۈپ كەتتى .ناۋاي يىگىت كۈنتىكىننى چۈشىنەتتى .ئۇنىڭ قانچىلىك قېيىنچىلىقتا قالغانلىقنى بىلەتتى ،ئۆزى ئاز بولسىمۇ ياردەم قىلاي دېسە كۈنتىكىن رەت قىلاتتى ھەم ئۇنىڭغا ئەگەر يەنە شۇنداق قىلسىڭىز مەن سىز بىلەن پاراڭلاشمايمەن .ھەم بۇ مەھەللىدىن كۆچۈپ كېتىمەن دەپ چاقچاق ئارلاش تەھدىت سېلىپ قوياتتى .ناۋاي يىگىت كۈنتىكىننىڭ مىجەزنى چۈشەنگەچكە ئارتۇق گەپ قىلالمايتتى .كۈنتىكىننىڭ ئۈمىد قىلىدىغنى ناۋاي يىگتىنىڭ ئىللىق سالىمى ئېدى .بارغانسىرى ھەممە ناتونۇش بولۇپ كېتىۋاتقان بۇ شەھەردە ئۇنىڭ سالىمى ئۇنىڭ نەپەس ئېلىشىدىن باشقا ئۆزنىڭ مەۋجۇدلىقىنى ۋە دۇنيانىڭ مېھىر-مۇھەببىتنى ھېس قىلدۇراتتى .ئۇنىڭغا مۇشۇلا كۇپايە بولاتتى .
-ماڭا قىزىق ئەمدى پىشقان ناندىن بەشنى بەرگەن بولسىڭىز دەپ تۇرۇشىغا ،بىر بىنىز ماركىلىق ماشىنا توختاپ ھېلىقى خوجايىن چۈشۈپ كەلدى ،ئۇ تونۇر ئالدىغا كېلىپ ناۋاي يېگىتتىن رەسسام يىگىتنىڭ خەۋىرىنى ئالدىڭىزمۇ دەپ ناھايىت جىدىدى تەلەپپۇزدا سورىدى .
بۇ قېتىم ناۋاي يىگىت ئامال قىلالمىدى ،ئۇ كۈنتىكنىنىڭ قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغىننى ئويلاپ ؛
-سىز ئىزدەپ يۈرگەن رەسسام يىگىت ئالدىڭىزدىكى بۇ يىگىت بولىدۇ دەپ بولۇپلا كۈنتېكىندىن خىجىل بولۇپ يەرگە قارىۋالدى .ھېلقى خوجايىن قارا كۆزەينىكىنى ئېلىۋىتىپ كۆز ئالدىدىكى بۇ يىگىتكە باشقىچە بىر قاراپ ئۇنىڭ قولىنى سىقىپ تۇرۇپ ،
-دىدار غەنىمەت سىزنى ئاخىر تاپتىم .دەپ ھاياجانلانغىنىدىن نېمە دىيىشنى بىلمەي كۈنتكىننىڭ كۆزىگە قاراپ ئۇنىڭ سۆزلىشنى كۈتتى .
كۈنتىكىن نېمە قىلارىنى بىلمەي بىر ئاز ئىككىلىنىپ قالدى ۋە سىز كىم بولسىز دەپ سوردى .خوجايىن ئۇنىڭغا بولغان ئەھۋالنى باشتىن سۆزلەپ بەردى ،يەنە ئەگەر مۇمكىن بولسا رەسىملىرىنى سېتىپ بېرىشنى قانچە پۇل بولسا مەيلى دەپ قوشۇمچە قىلىپ قويدى .
-بۇ ،بۇ قانداق بولىدۇ .مەن رەسىملىرىمنى سېتىشنى ئويلاشمىدىم .چۈنكى ئۇلار مېنىڭ تۇغقانلىرىم ،غېرىبلىقىمنڭ شاھىدى بولۇپ قالدى ،ئەگەر ئۇلاردىن ئايرىلسام مېنىڭ يەنە نېمەم قالىدۇ دەپ سېتشقا ئۇنىماي قويدى .
بۇچاغدا خوجايىن ناۋاي يىگىتكە قاراپ قويدى ،ناۋاي يىگىت دەرھاللا ئۇنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىپ ئۇنىڭغا بۇ خوجايىننىڭ ئۆزىگەنەچچە يۈز قېتىم تېلفون قىلغانلىقتىن ھازىر ئۆزنىڭ تېلفونىنمۇ ئاچالمايۋاتقانلىقىنى .تېلفونىنى ئاچماي قويسا ئۆزنىڭ نەچچە كەلگەنلىكىنى ،كۈندە ئادەم ئەۋەتىپ سىزنى سوراپ ھالىمنى قويمايۋاتىدۇ دەپ ئۇنىڭغا ھال ئېيتىپ كەتتى
خوجايىنمۇ دەرھال ناۋاي يىگىتكە ئۇلىشىپ ،
-بۈگۈن سىزنى ئاخىر كۆرۋالدىم ،ئەمدى سىزنىڭ ئارقىڭىزغا كىرىۋلىپ ئۆيىڭىزگىچە بېرىپ بوسۇغۇڭىزدىن كەتمەيمەن .ئۇنداق قىلماي ماڭا رەسىمىڭىزدىن بىرنى بولسمۇ سېتىپ بېرىڭ.- دەپ تۇرۋالدى ۋە يەنە ناۋاي يىگتكە قاردى ،
ناۋاي يىگىت ،
-كۈنتكىن ،سىزنىڭ قەلبىڭىزنى چۈشىنمەن ،بىراق بۇ ئادەممۇ سىزنىڭ رەسمىڭىزنىڭ مەستانسى بولۇپ قالدى .سىز ئەينى چاغدىمۇ مەندەك بىر نامراتنىڭ سىزنىڭ سىزغان رەسىمىڭىزنى ياخشى كۆرگەنلىكى تۈپەيلى ماڭا ھەدىيە قىلغان ئېدىڭىز،ئەمدى بۇ ئادەمگىمۇ شۇ ئوت چۈشۈپتۇ .ئۇ مەندىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ئوت بىلەن سىزنىڭ سىزغان رەسمىڭىزگە ئاشىق بوپتۇ ..ئۇ ئۆزنىڭ قىلغان گەپلىرىنىڭ سەل قاملاشماي قالغانلقنى سېزىپ دەرھاللا ،
-ئىشقىلىپ بۇ كىشنىمۇ ئويلىشىپ قويۇڭ ،قاچانچىغە ئاشۇ پىرىنسىپىڭىز بىلەن ياشايسىز ،ھېلھەم قېينىلىپ كېتۋاتىسز .مېنى ئەتىگەن بوتۇلكا ساتقىنىڭىزنى كۆرمىدى دەمسىز ،مەن ھەممىنى بىلىپ تۇرىمەن ،سىزگە ئاز بولسمۇ ياردەم قىلشىنى ئويلايمەن ،بىراق يەنە سىزنىڭ خۇيىڭىزنى بىلمەن .سىزنىڭ قارىشىڭىزنى ھۆرمەتلەپ كەلدىم .بىز خەقتىن سىزدەك تالانتلىقلار چىقىشى تەس .بىراق بۇ قېتىم ئۇنداق قىلماڭ .قاچانغىچە بۇنداق ئۆزىڭىزنى قېيناپ ئۆتسىز ،پەقەت بولمىغاندا بۇ قېتىم بىر پارچىنى سېتىپ بولسىمۇ ،بۇ قېيىنچىلىقتىن ئۆتۈۋىلىپ يەنە سىزسڭىز بولىدىغۇ .سىز تېخى ياش يەنە پۇرسەتلەر بار .
-مېنڭ كېيىنكى رەسمىلەرنى ساتساممۇ ،بۇ رەسىملەرنى ساتقۇم يوق !
-ئەستەغپرۇللا ،ما بالىنى ،يەنە شۇ پىرىنسىپ .
بۇ چاغدا ھېلىقى خوجايىن ئۇنىڭ قولىنى سىقىپ تۇرۇپ ،مەن بىر خوجايىن ،قول ئاستىمدا نۇرغۇن ئادەملەر ئىشلەيدۇ .مەن كىشگە بۇنداق يالۋۇرۇپ باقمىغان ئېدىم .مەن پەقەت رەسىمىڭىزنىڭ يارىغانلىقى ئۈچۈن سىزگە بۇنداق ھاجەتمەن بولۇپ ئولتۇرۇپتىمەن.دېدى
كۈنتىكىن ئوتتۇرلۇقتا قالدى ،دېمىسىمۇ ئۇ بۈگۈن ئەڭ قېينالغان كۈنلىرىنى ئويلاپ ئۇنىڭغا بىر پارچە رەسىمىنى سېتىپ بىرىشنى قارار قىلىدى .
ئۇ ھېلىقى خوجايىننى ئۆيىگە باشلاپ باردى ،خوجايىن ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ھەيران قالدى .ئۆزى ھەپتىلەپ ساقلىغان بۇ تالانتلىق رەسسامنىڭ ئۆيىنىڭ بۇنچە ۋەيرانە ئاددى كەپىدەك ئۆيدە تۇرىدىغانلىقىغا ئىشەنگۈسى كەلمىدى ھەم ئۇنىڭ بۇنچىلىك قېيىنچلىقتا بۇنداق نادىر ماي بوياق رەسىملىرىنى ۋۇجۇدقا چىقارغانلىقنىڭ ئۆزى مۆجىزە ئېدى .
گەرچە ئۆيدە توڭلاتقۇ ،تېلىۋىزور دىگەندەك نەرسىلەر بولىسمۇ ھەممىسنى كېرەكسىز ئائىلە سايمانلىرىنى ساتقۇچىلاردىن ئالغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى .نەچچە ئادەمنىڭ قولىدىن چىققان ياغاچ كارۋاتنىڭ نەچچە يېرى تېشىلىپ كەتكەن ،ئۆيدە ھەتتا دېرىزە پەردىسىمۇ يوق ئېدى .پەقەت تامغا ئېسلىغان رەسىملەر بۇ ۋەيرانە ئۆيدە جۇلالىنىپ تۇراتتى ،ئۇ تامدىكى رەسىملەرگە بىر-بىرلەپ قاراپ چىقتى ،ھەربىر رەسىمنىڭ ناھايىتى يۈكسەك ماھارەت بىلەن سىزىپ چىققانلىقغا ھەيران بولاتتى ،ئۇنىڭ رەڭ ئىشلىتىش جەھەتتىكى ئۇستىلىقى ،يېڭىللىقا قويۇق تويۇنغان داداىللىق بىلەن سىزىلغان ماي بوياق رەسىملىرى ئەگەر بازارغا ئېلىپ چىقىلسا بېباھا گۆھەر بولاتتى ، بۇ يەردە بۇنىڭ قەدىرىنى بىلىدىغانلار ئاز بولسىمۇ .بىر ناۋاينىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغان بۇ سۈرەتلەر ماي بوياق رەسىملەردىن ئازىراق بولسىمۇ ھۇزۇرلىنىشنى بىلىدىغان كىشلەرنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سالماي قالمايتتى .
ئۇ قايسىنى سېتۋىلىشنى بىلمەي ئىككىلىنىپ قالدى ،ھەممە رەسىملەر بىر-بىرىدىن سەرخىل ئېدى .ئۇ ئاخىر «ئۈمىد» دەپ ئىسىم قويۇلغان بىر رەسىمنى سېتىۋىلىشنى قارار قىلدى ،قارىماققا ئاددى تۇرغان بۇ رەسىم ئۆزنىڭ تىرەن مەنىلەرگە تولغان ئېدى .بىپايان قۇملۇقتا قۇياش ئەمدى قۇم بارخانلىرى ئارسىدا چىقىۋاتاتتى ،ئۇنىڭ نۇرلىرى ياش بىر توغراققا چۈشكەن ،توغراقنىڭ ياپراقلىرىدىكى شەبنەم قۇياش نۇرىدا چاقنايتتى .رەسىم مەيلى رەڭ جەھەتتە بولسۇن ،كومپىزىتسيە ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە بولسۇن رەسساممنىڭ يۈكسەك ماھارىتىنى نامايەن قىلىپ تۇراتتى .
ئۇ ئاخىر بۇ رەسىمنى سېتىۋىلىشنى قارار قىلدى ،ئۇ كۈنتىكىنگە ئۇنىڭ مۇۋاپىق بىر باھانى قويوشىنى ئېيتتى .كۈنتىكىن يېقىنىقى ئىككى يىل مابەينىدە رەسىم سېتىپ باقمىغان ،پەقەت مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدا مەكتەپ رەسىم كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرغان چاغدا بىر نەچچە رەسىم ساتقان ئېدى ،ئۇ چاغلاردا مەيلى ئۇلار رەسىمنى قانچە ياخشى سىزسۇن يەنە رەسىم سېتۋالغۇچىلارنىڭ نەزىرىدە ئۇلار ئوقۇغۇچى سانىلىپ ئۇلارنىڭ رەسىمنى ئەرزان سېتىۋالاتتى ،مەيلى ئۇ ئوقۇغۇچى كېيىن پېكاسسودەك نام چىقارسىمۇ ،بىراق شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ رەسىملىرى يەنىلا ئەرزان سېتىلاتتى .
بىراق بۇ قېتىم ئۇ ئۆزنىڭ سىزغان بۇ رەسىمىگە قانچە باھا قويوشنى بىلمەي قالدى ،ئۇ خوجايىن ئەللىك مىڭ سوم بولسا قانداق دەپ چورتلا باھا قويدى .تېخى ئەتىگەنلا بەش سومغا زار بولغان كۈنتىكىن بۇ باھانى ئاڭلاپ ھەيران قالدى .ئۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر ئەللىك مىڭ سوم خۇددى بىر ئاستورونوميلىك رەقەم ھېسابلىناتتى .ئۇ ئىككى يىلدىن بېرى بەشيۈز سوم پۇلنى پۈتۈن كۆرۈپ باقمىغان ئېدى .
ئۇ خوجايىن يەنە ئۇنىڭغا ،بىلىمەن بۇ باھا ھازىر سىزگە ناھايىتى جىقتەك بولسمۇ ،بىراق مەن ئىشىنمەن ،مەن ئەرزان ئالدىم دەپ قارايمەن ،ھەم سىزنىڭ رازى بولۇپ بۇ رەسىمنى ماڭا بېرىشىڭىزنى سورايمەن .
كۈنتىكىن ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ رەسىمنى تامدىن ئۇنىڭغا ئېلىپ بەردى .خوجايىن دەرھال يېنىدىكى شوپۇرىغا تۆۋەنگە چۈشۈپ ماشىندىن سومكا ۋە فوتو ئاپپاراتنى ئېلىپ چىقىشقا بۇيرۇدى .شوپۇر يىگىت تېزلىكتە چىقتى ،خوجايىن سومكىنى قولىغا ئېلىپ ئۇنىڭدىن بەش باغلام قېپقىزىل يۈز سوملۇق پۇلنى ئېلىپ كۈنتىكىننىڭ قولىغا تۇتقۇزدى ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىر پارچە رەسىمگە چۈشۈۋىلىش ئوينى ئېيتىپ تامدىكى رەسىملەر بار يەرگە كېلىپ رەسىمگە چۈشتى ،شوپور يىگىت ھە كۈلۈڭلار بىر،ئىككى ،ئۈچ «چاس»قىلغان ئاۋاز بىلەن خوجايننىڭ كۈلۈمسىرىگەن ،كۈنتىكىننىڭ خىيالغا پاتقان چىرايى تارتىلدى .راستىنلا كۈنتىكىن ئېسىنى يىغالماي قالدى ،ئۇ مۇرەككەپ خىياللار قاينىمدا قالغان ئېدى ،خوجايننىڭ قانداق ئىش بولسا ئىزدەڭ دەپ ئىسىم كارتۇچكىسنى ئۇنىڭغا بېرىپ شوپۇرىنى ئەگەشتۈرۈپ چىقىپ كەتكەنلىكىگىمۇ پەرۋا قىلماي قالدى .
ئۇ ئۆزنىڭ قەدىناس كونا كارۋتىدا ئولتۇرۇپ پۇلغا قارىغىنچە قېتىپ قالدى ،بۇ پۇل ئەينى چاغدا بولغان بولسا ،ئانسى ئاغىرىپ قالغان چاغدا كىچىك ئەرزىمەس كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتمەيتتى ،ئەينى چاغدا پۇل بولمىغانلىقى تۈپەيلىدىن دوختۇرغا بارالماي كېسەل ئېغىرىلشىپ كەتكەن ئېدى ،ئەگەر ۋاقتىدا دوختۇرغا بارغان بولسا كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولاتتى ،ئۆزىمۇ ئانىسىدىن ئايرىلىپ قارايېتىم بولۇپ قالمايتتى .
بۇ پۇل بولغان بولسا دوستى ئون يۈەن ئوقۇش پۇلى تۈپەيلىدىن مەھەللە سىرتىغا چىقىپ دوڭغاق جىگدىگە ئېسلىپ ئۆلۈۋالمايتتى .
بۇ پۇل بولغان بولسا ئالىي مەكتەپتىكى ئەڭ يېقىن دوستى ئوقۇش پۇلىنى تۆلەش ئۈچۈن ئەر ھەمراھ بولغۇچى بولۇپ روھلاندۇرۇغۇچى دورىنى كۆپ ئېستمال قىلىش تۈپەيلىدىن نېرۋىسىدىن كېتىپ قالمايتتى .
پۇل نۇرغۇن كىشلەرنىڭ نەزىرىدە پەسكەشلىكنىڭ باشلىنىشى دەپ قارىلاتتى،جىمى بالا-قازانىڭ ئۇۋسى دەپ قارىلاتتى ،بىراق ھەممە كىشى پۇل تېپىشنى،ھەتتا ئالتۇن تېپۋىلىپ ياكى لاتارىيدىن تۇيۇقىسز بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات چىقىپ توساتتىنلا بېيىپ كېتىشنى خىيال قىلاتتى ،قول يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق .كىشلەر پۇل تاپالمىغانسىرى ئۇنى رەزىللىكنىڭ باشلىنىشى دەپ قارايتتى .پۇل بىلەن بىرلىكتە يەنە ئۆزلىرى ئېرىشەلمىگەن ھوقۇق ۋە چىرايلىق ئاياللارنى تىللايتى .چۈنكى مۇتلەق كۆپ قىسم ئەرلەرنىڭ ئاخىرى مەقسىتى دەل بۇ ئۈچ نەرسىگە يېتىش ئۈچۈن ئېدى ،يېتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن بۇ ئۈچ نەرسىنى تىللاپ ئۇنى رەزىللەشتۈرۈپ ئۆزلىرىگە تەسەللىي بېرەتتى.بۇ پۇل ئەينى چاغدا بولغان بولسا ،كۈنتىكىنمۇ نۇرغۇن نەرسىلەردىن ئايرىلىپ قالمىغان بولاتتى ...
ئۇنىڭ كۆزچانىقدا ھازىرغىچە تۆكۈلۈپ باقمىغان ئىككى تامچە ياش يەنە كۆزچانىقىدا پەيدا بولدى .ئۇنىڭ كۆز ئالدى خىرەلەشتى .ئۆزنىڭ قانچە سائەت پۇلنى سىقىمداپ ئولتۇرغىنى ئۇنىڭ ئېسىگە كەلمەيتتى .قورسىقىنىڭ پىژ قىلىپ ئېچىشىپ كېتىدىشىدىن ئېسىنى يىغقان ئۇ تېخى بايا رەسىم سېتىش بىلەن بولۇپ كېتىپ تاماق يېمىگەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى .ئۇ پۇلنى ئۆيدىكى ياخشى يەرگە قويغاندىن كېيىن مىڭ يۈەننى ئايرىپ ئېلىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى .
كەچ ئۇ قەيەرلەردىندۇ ھاراق ئىچىپ مەس بولغان ھالدا قايتىپ كەلدى ،ئۇ پۇلنى قويغان يېرىدىن ئېلىپ« پۇل» دەپ ۋارقىرىغىنچە ھەممە پۇلنى يۇقۇرىغا قارىتىپ چېچىۋەتتى ،ئۇ چېچىلىپ ئۆز بېشىغا چۈشۈۋاتقان پۇللارنىڭ ئاستدا تۇرغىنىدا ئۆزنىڭ نەچچە يىلدىن بېرى چەككەن ئازابلىرى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن كېنو لېنتىسىدەك بىر-بىرلەپ ئۆتتى ..ئۇ بىردىنلا ۋارقىراپ ئۈستەل ئۈستدىكى نەرسىلەرنى ھەممىسىنى سېرىپ پەسكە چۈشۈرىۋەتتى ۋە يەرگە چۈشكەن نەرسىلەرنى تېپىپ ،ئۈستەلنى ئۆرۋەتتى .شۇ تاپتا ئۇنىڭ كاللىسى چىگىش خىياللار ۋە ئىچكەن ھاراق بىلەن قىزىپ كەتكەن .ئۇ يەردىكى ئىستاكاننى ئېلىپ تامغا ئاتقاندىن كېيىن تۇيۇقسىزلا چاچلىرىنى قاماللىغىنچە ئۆزى تاپقان پۇللارنى دەسسىگىنچە تۇرۇپ قالدى .ئۇ ئېغىر نەپەس ئالاتتى ،نەچچە ۋاقىتتىن بىرى چاك-چېكىدىن ئاجراپ دەز كەتكەن روھىيتىدىكى ئۆزىنى چىرماپ كەلگەن نېدالار ،غېرىبلىق ،چۈشكۈنلۈك ھەممىسىنى چىقىرىۋەتمەكچى بولغاندەك كۆينىكىنىڭ ياقىسىنى يىرتىۋەتتى ،كۆينەكنىڭ تۈگمىلىرى يەرگە چۈشۈپ كەتتى .ئۇ يىرىم يالىڭاچ ئورنىدا تۇرۇپ ئىشىك بېشىدىكى ئەينەككە قارىدى .كۆزلەردە يەنە ئۇ يەرگە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەلگەن غېرىبلىقنىڭ كۆلەڭگىسى ئەگىپ يۈرەتتى .ئۇ قوللىرى بىلەن كۆزىنى توسۇۋالدى .ئۇنىڭ شۇ تاپتا ئۆزنى قويۇپ بېرىپ يىغلۋالغۇسى بار ئېدى ،شۇندىلا ئىچى بوشاپ قالغاندەك بولاتتى .ئۇ يىغلىيالمىدى ،پەقەت كۆزلىرىدە چوڭقۇر ھەسرەتكە تولغان ئىككى تامچە ياش كۆز چانىقدا ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن چىقىشنى خالمىغاندەك كۆزىدە تۇرۇپ قالدى ،ئۇ چىقىپ كەتسە ئۇنىڭ تومۇر-تومۇرلىرىغا ئورناپ كەتكەن ھەسرەت شۇنىڭ بىلەن چىقىپ كېتەتتى .بىراق ،ئۇ ئىككى تامچە ياش توغىرىسى ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ ئۇنىڭغا كۆنۈپ قالغان ئازابلارنى سىڭدۈرگەن ئىككى تامچە ياش ئۇنىڭدىن ئايرىلغۇسى كەلمىگەندەك ئۇنىڭ كۆز چانىقىدىلا يېيىلىپ كېتىپ ئۇنىڭ كۆز ئالدىنى خىرەلەشتۈردى .
ئۇ يۈرىكىدە لەختە-لەختە قان ئۇيۇپ قالغاندەك ھېس قىلدى،ئۇ نەپەس ئالالماي قالدى .يانچۇقىدىكى بايا ئىچمەي ئېشىپ قالغان ھاراقنى گۈپۈلدىتىپ ئىچىۋەتتى ۋە كارۋاتقا چۈشۈپ ئۇخلاپ قالدى .
* * * *
قۇياش نۇرى كېلۋاتقان قىزنىڭ يۈزىنى سۆيەتتى ،قىز قولىدا بىر تال ياۋا گۈلنى تۇتقىنچە كۆل بويى تەرەپكە قاراپ كېلۋاتاتتى .قىزنىڭ چاچلىرى تاغ تەرەپتىن كېلۋاتقان مەيىن شامالدا يەلپۈنەتتى ،قىزنىڭ چىرايدا مۇھەببەتلىك كۈلۈمسرەش بالقىپ تۇراتتى .قىزنى كۆرۈپ يىگىتمۇ قىزغا قاراپ كۈلۈمسىرىدى.ئەمما قىز يېقىنلاپ قېشىغا كەلگەن چاغدا يىگىت جىددىيچىلىك ئىچىدە قىزغا قاراپ كەلگىنىڭىزگە رەھمەت دېدى .قىز قولىدا چېچىنىڭ ئۇچىنى تۇتقنىنىچە يەرگە قاراپ تۇرۇۋالدى .
ئۇلار كۆلنىڭ بويىدىكى ياۋا گۈللەرگە پۈركەنگەن چىملىقنىڭ ئۈستىدە ئولتۇردى .قىز يىگىتكە قارىدى ،شۇنچە يېقىن ئارلىقتىن يىگىتنى كۆرۈپ ،يىگىتنىڭ ئالدىنقى قېتىم كۆرگەن چاغدىكىدىن خېلىلا بەك قاملاشقان يىگىت ئىكەنلىكنى ھېس قىلدى .قىسقا لېكىن تولىمۇ ياراشقان بۇرۇت ،قاڭشارلىق كەلگەن بۇرنى يىگىتىنى تولىمۇ جەلىپكار قىلىپ كۆرسىتەتتى ،كۈچلۈك كەلگەن بىلەكلىرى قىزغا ناھايىتى كۈچلۈك بېخەتەرلىك تۇيغۇسى ئاتا قىلاتتى .ئارلىق شۇنچە يېقىن بولغاچقىمىكىن يىگىتنىڭ يۈرەك سوقۇشى قىزغا ئاڭلىناتتى .ئۇلار خىجىللىقتىن ئۆز ئارا خېلى ئۇزۇنغىچە گەپ قىلشماي يانمۇ-يان ئولتۇردى .بىراق ئىككەيلەن بۇ خىل ھالەتتىن تولىمۇ مەمنۇن ئېدى .يۈرەكلەر بىر-بىرىگە ئۈنسىز پىچىرىلشاتتى ،مۇھەببەت تۇيغۇسى ئىككەيلەننى بىر-بىرىگە كۆرۈنمەس ھالدا چىرمايتتى .ئۇلار ئۈنسىز بىر-بىرىگە خىيالىدا ئۆز كۆڭلىنى بىلدۈرەتتى ،ئەنە يىگىتنىڭ خىيالى كۆل بويىدىكى ياۋا گۈللەردىن ئۈزۈپ گۈلدەستە تىزىپ قىزغا سۇناتتى ،قىزمۇ جاۋابەن كۈلۈمسىرىگىنىچە يىگىتنىڭ گۈلىنى قوبۇل قىلاتتى ،قىزنىڭ چىرايدىن پاكلىق ۋە لاتاپەت بالقىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ خىيالى قىزنىڭ قۇلاق تۈۋىدىن يېنىك ئۇچۇپ ئۆتۈپ مەيىن شامالدەك «سىزنى سۆيىمەن»دەپ شىۋىرلاپ ئۆتۈپ كېتەتتى .قىزنىڭ خىيالى بولسا يىگىتنىڭ قولىنى تۇتۇپ ياۋا گۈللەرگە تولغان دالا ئۈستدە يۈگۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن سەھەردە ئەمدىلا چىققان قۇياش تامان يۈگۈرەيتتى .يىگىت قىزنى قۇچاقلاشقا ئۇرۇنغان چاغدا قىز ناز بىلەن ئۇنىڭ قۇچىقىدىن چىقىپ ئۇنىڭغا قاراپ كۈلەتتى ۋە ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قاچاتتى ،يىگىت قىزنى قوغلايتتى .
ئۆز سۆيگۈسىنى تىل بىلەن ئىپادىلمىگەن بۇ بىرجۈپ-قىز يىگىت ئۆز خىياللىرىدا ئەنە ئاشۇنداق تاتلىق خىياللار بىلەن خېلى ئۇزۇنغىچە ئولتۇرۇپ قالدى ،بولۇپمۇ قىزنىڭ بۇ ھالەتنى بۇزغۇسى يوق ئېدى ،ئۇ يىگىتنىڭ قېشىدا شۇنداق خاتىرجەملىك بىلەن ئولتۇراتتى ،بولسا يىگىتنىڭ دولىسغا بېشىنى قويۇپ ئولتۇرغان بولسا ،ئۇنىڭ ئۈچۈن تېخمۇ ياخشى بولغان بولاتتى،بىراق بۇنىڭغمۇ شۈكرى ،يىگىت ھازىر ئۇنىڭ قېشىدا .
كىچىكىدىنلا ئوۋ جەريانىدا ئازىراق شەپىگىمۇ تېز ئېنكاس قايتۇرلايدىغان كۈنتىكىن يىراقتىن بىر بالىنىڭ قولىغا يۈگەن ئالغان ھالدا كۆل بويىدىكى ئېتىنى ئېلىپ قايتىش ئۈچۈن كېلۋاتقانلىقىنى كۆردى ،ئاڭغىچە قىزمۇ كۆرۈپ ئىككەيلەن ئورنىدىن ناھايىتى تېزلىكتە تۇرۇپ كەتتى .
ئۇلار كۆلنىڭ بويىدىكى قېيىنزارلىق ئىچىگە كىرىپ كەتتى ،قۇياش نۇرى قويۇق قىين يۇپۇرماقىلىرى ئىچىدە تەڭگە چوڭلۇقىدا چۈشۈپ تۇرغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ،باشقا يەرلەرنىڭ ھەممىسى سايە ئېدى .ئۇلار ناھايىتى يوغان بىر قېيىن دەرىخنىڭ تۈۋىگە كېلىپ توختىدى.ئۇلار ئەمدى خاتىرجەم ئۆزلىرىنىڭ گەپلىرىنى قىلىشىپ ئولتۇراتتى .
قىز بىر چاغدا كېيمىنىڭ يانچۇقىدىن كەشتىلەنگەن بىر قولياغلىقىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا ئۇزاتتى .
-سىزنىڭ مېنى ئەسلەپ تۇرشىڭىز ئۈچۈن بۇنى كەشتىلەپ چىقتىم .ئەتە ئۇرۇشقا ماڭىسىز ،سىزنىڭ ئۇرۇشتىن خاتىرجەم قايتىپ كېلىشىڭىزنى كۆك تەڭرىمىدىن تىلەيمەن .
كۈنتىكىن قولياغلىقىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا قاراپ چىقتى ،كەشتە ناھايىتى سىپتىلىق بىلەن قىلىنغان بولۇپ ،كەشتىلەنگەن رەسىم گەرچە كىچىك بولسمۇ ،ناھايىتى ئېنچكلىك بىلەن كەشتىلىگەچكە ،رەسىمدىن قىزنىڭ چىرايىنى بىلگىلى بولاتتى .
ئۇ قىزغا كۈلۈمسىرەپ قارىغىنچە رەھمەت دېدى .ھەم ئۆزنىڭ بىرەر سوۋغا ئالغاچ كەلمىگىنىدىن ئەپسۇسلاندى .شۇنداقتىمۇ ،ئۇ يېنىدىكى ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان خەنجەرنى ئۇنىڭغا تۇتتى .
-مەن نېمە سوۋغا قىلىشىنى بىلمەي قالدىم .بۇ خەنجەر سىزگە ئارمىغان بولسۇن .بۇنى كۆرسىڭىز مېنى كۆرگەندەك بولارسىز .
قىز پىچاقنى ئېلىپ ئۇنى مەڭزىگە سۈرتتى .دېمەك قىز ئۇنىڭ سوۋغىسىنى ياقتۇردى دېگەن گەپ .
قىز بىردىنلا كۈنتىكىنگە ،
-ئەتە سىز ئۇرۇشقا ماڭىسىز ،بالدۇر قايتىڭ .لەشكەرلەر سىزنى كۈتۈۋاتىدۇ .سىز ماڭىلا كېرەك بولۇپ قالماي ،ئۇلارغىمۇ كېرەك .سىز مېڭىۋىرىڭ ،بۇ يەر چېدىرغا يېقىن ،مەن ئۆزۈم قايتىۋىرەي .
-بۇ قانداق بولىدۇ ،مەن ئاپىرىپ قوياي .
-ئاۋۇلدىكىلەردىن سەت بولىدۇ ،ئېتىڭىزغا مېنىڭ مەن چۇلۋۇرىنى تۇتۇپ سىزگە ئاق يول تىلەي .
كۈنتىكىن ئاتقا مىندى ،قىز ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى يېشىپ يىگىتكە تۇتقۇزدى ھەم ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ قاراپ ،
-سىزگە ھەم لەشكەرلەرگە ئۇتۇق تىلەيمەن .دەپ بولۇپ ئاتنىڭ ئارقىغا چۇھ دەپ قولى بىلەن بىرنى ئۇرۇۋەتتى ،ئات ئالدىغا قاراپ ماڭدى ،كۈنتىكىن ئارقىسغا قارىغىنىچە ،
-ئامان بولۇڭ مەلىكەم .مەن چوقۇم قايتىپ كېلىمەن دېگىنىچە ئاتنى چاپتۇرۇپ بارىگاھقا قاراپ كەتتى .
قىز ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قىيالماسلىق كۆزلىرىگە ياش ئالدى ھەم ئۇنى بالدۇر ماڭغۇزغىنغا پۇشايمان قىلغاندەك ئۇھ تارتىپ قويدى .
ئايچېچەك بىردەم تۇرۇپ كۆز يېشى قىلۋالغاندىن كېيىن ،كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ چېدىرىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى .
ئەتسى سەھەردە كۈنتىكىن سەپنىڭ ئەڭ ئالدىدا ئاتتا ئولتۇرۇپ خىيال بىلەن كېتۋاتقىنىدا ،ئاۋۇلدىكلەر ئۇلارنى ئۇزاتقىلى چىققان ئېدى .ئۇلار ياغاچ چۆچەكلەردە سۈتلەرنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا تۆكۈپ ئاق يول تىلەۋاتاتتى .
ئۇلارنىڭ قېشىدىكى باخشى بولسا ،بىردەم ئۇسۇل ئويناپ ،بىر چاغدا تارتىشىپ قالغاندەك يېتىپ قالدى ،ئۇنىڭ كۆزلىرىنىڭ ئېقى كۆرۈنۈپ قالغان ،ئۇ بىرئاز جىمجىتلىقتىن كېيىن ،
- كۆك بۆرىنى كۆردۈم ،بىزنىڭ لەشكەرلەر بايراقلىرىنى لەپىلدەتكىنىچە بىز تەرەپكە غەلبە بىلەن قايتىپ كېلۋاتىدۇ .دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئاسمانغا قاراپ چۈشىنكىسز ئاھاڭدا غىڭىشىپ ناخشا ئېيتىپ بولۇپ ،
- كۆكتەڭرىم سىلەرگە غەلبە ئاتا قىلغاي ،ئۇلۇغ ئوماي ئانىنىڭ روھى سىلەر بىلەن بىللە ،ئاق سۈت يولۇڭلارنى ئوچۇق قىلىدۇ .
دەپ يەنە توختىماي سەكرەپ ،ئاسمانغا قاراپ ئۇسۇل ئوينىدى .
بىلگ بوۋاي كۈنتىكىننىڭ ئېتنىڭ چۇلۋۇرىنى تۇتۇپ .
-ئوغلۇم ،سەن ئەل-يۇرتۇڭ ئۈچۈن جەڭگە مېڭۋاتىسەن ،ھەققىقانىيەت ھامان رەزىللىك ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ .بار ،ئۆزۈڭنىڭ كۈچىنى ئايىما ،لەشكەرلىرىڭگە ياخشى باشلامچى بول .كۆكتەڭىرىم سەن بىلەن بىللە ،بىز بىلەن بىللە .
كۈنتىكىن ۋە لەشكەرلەر ئاۋۇلدىكلەرنىڭ ئاق دۇئالىرىنى ئاتلىرىنى دېۋىتتى ، ئاتلارمۇ بىر خىل رېتىمدا يورغىلاپ ئالدىغا قاراپ ماڭدى ،ئۇلار ئارقىغىمۇ قارىماي ،ئالدىغا قاراپ ھەيۋەتلىك سەپ تۈزۈپ ماڭدى .كۈنتىكىن ئېتىنى چاپتۇرۇپ ئالدىدىكى تۆپىلىككە چىقىپ لەشكەرلەرگە قارىدى ،نەچچە مىڭلىغان لەشكەرلەر رەتلىك بولۇپ ئۇ تەرەپكە قاراپ كېلۋاتاتتى .ئۇنىڭ ئېتى بولسا تۇياقلىرىنى يەرگە ئۇرۇپ چاپچىىپىۋاتاتتى .ئۇ يەنە ئېتىنى چاپتۇرۇپ سەپنىڭ ئالىدىغا كەلدى ۋە بايراقچىنىڭ قولىدىن جەڭ بايرىقىنى ئېلىپ توۋلىدى ،
-قېرىنداشلار ، ئالغا !
* * * *
ئۇ ئۆزنىڭ توۋلىۋەتكىنىنى خىرە ھېس قىلىپ ،كۆزىنى ئاچتى ،يەردە پۇللار چېچىلىپ تۇراتتى .ئاخشام ئۇ ئۆزنىڭ ئېغىر مەست بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى .بىراق نېمىشقىكىن بۈگۈن بېشى بېئاراملىق ھېس قىلماي ئورنىدىن ياخشى تۇرغان ئېدى .
ئۇ يەردىن پۇللارنى تېرىپ ،ئۈستەل تارتمىسقا سىلىپ قويۇپ نېمىندۇ ئويلاپ سىرتقا چىقىپ كەتتى .
كەچ بىر چاغلاردا قايتىپ كەلدى .كېلىپ چاپىنىنى كارۋاتقا قويۇپ قويۇپ ئولتۇرغاچ ئۆزى ھەققىدە نۇرغۇن ئويلاندى .بولۇپمۇ چۈشى ھەققىدە ئۆزىگە ھەيران بولاتتى .ئۇ ئەينەك قېشىغا باردى ،كۆزلىرى گەرچە ئاخشام ئىچكەن ھاراقنىڭ تەسىرىدىن قىزىرىپ قالغان بولسمۇ ،كۆزلەر ئىچىدىكى تونۇش بىر سىيما ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى .كۈنتىكىن ئۇنىڭغا قاراپ سەن كىم دەپ پىچىرلىدى .
-مەن دەل سەن .ئۇ سىيما ئۇنىڭغا ئۆزى بولۇپ كۆرۈندى .مەن دەل سەن ،سەن ئۆزۈڭنى تونۇيالمىدىڭ ،مەن سېنىڭ روھىڭ ،مەن ھەقىقى سەن .مەن بوۋاڭنىڭ غەيرىتدىن،موماڭنىڭ مېھىرىدىن ھېممەت ئالغان ،ئۇلارنىڭ دۇئالىرىدا كۆكلەپ ئۆزلۈككە قايتقان سەن،مەن ئاتا-ئاناڭنىڭ سەندىن كۈتكەن ئۈمىدلىرىنى ئۆزۈمگە قانات قىلىپ ئاسماندا پەرۋاز قىلماقچى بولغان سەن .ئەقىدە ۋە بۇرچلىرى ئۈچۈن ياشاۋاتقان سەن ئېدىم .بىراق سەن ئۆزۈڭىنى تونۇيالمايۋاتسەن ،كۆزۈمگە قارا !كۆزۈمگە قارا ! كۆزلىرىم ئىچىدىن ئۆزۈڭنى كۆرىسەن .مەن دەل سەن !مېنى تونۇدۇڭمۇ !ئۇ سىيمانىڭ قوللىرى كۈنتىكىننىڭ مۈرىسىدىن تۇتۇپ ئۇنى سىلكىدى.
ئۇ سىيما ئۇنىڭغا ئۇنىڭ ئۆتمۈشىنى زاھىر قىلىپ بەردى ،ئۇ خىيالىدا پەيدا بولۋاتقان كۆرۈنۈشلەرگە قاراپ تۇراتتى ،ئەنە ،ئۆزى بۆشۈكتە تاتلىق ئۇخلاۋاتقان ،ئانىسى يېنىدا ئۇنىڭغا ئالەمچە مېھىر بىلەن تويماي بېقىپ ئۇنىڭغا ئەللەي ناخشلىرىنى ئېيتقىنىچە ئۇنىڭ بۆشۈكىنى تەۋىرىتۋاتاتتى ،ئۇ ئانىسىنىڭ چىرايىدىن ئۆزىگە بولغان مېننەتسىز مۇھەببەتنىڭ سىيماسىنى كۆردى،ئەنە تەمتىلەپ مېڭۋاتقان ئۇ ،ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا قاراپ كەل بالام دېگىنىچە ئۇنىڭغا قوللىرىنى ئېچىپ تۇراتتى ،ئۇلارنىڭ چىرايىدا ئۆزىگە بولغان ھەقىقى مۇھەببەتنى كۆردى .ئەنە بوۋىسى ئۇنى بوينىغا مىندۈرۈپ توپا پۇرقىراپ تۇرغان يولدا كېتۋاتاتتى ،ئۇنىڭ ۋە بوۋىسىنىڭ چىرايىدا سەمىمي كۈلكىلەر .ئەنە ،مومىسى ئۆزى ئۈچۈن ساقلاپ قويغان كەمپۈتلەرنى بېرىپ ،ئۇنىڭ شۈمۈشلىرىگە قاراپ بېشىنى سىيلۋاتاتتى ،ئۇنى قۇچىقىغا ئېلىپ «چىن تۆمۈر باتۇر»چۆچىكىنى ئېيتىپ ئۇنى ئۇخلىتۋاتاتتى ،ئۇ مومىسنىڭ چىرايىدىن ئۆزىگە بولغان مېھىرنى كۆرۈۋاتاتتى .
-مەن دەل سەن ،ئاشۇ مۇھەببەتلەر بىلەن سۆيۈلگەن سەن .ئەشۇ مۇھەببەتلەر ئۈچۈن نېمە ئىش قىلدىڭ ؟سەن ئەشۇ ساپ سۆيگۈلەرنىڭ يۇغۇرۇلمىسى ،ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىنىڭ داۋامى ،سەن ئۇلارنىڭ ساڭا بولغان مۇھەببىتىدە ئېچىلغان گۈل ،سەن چوقۇم مېۋە بېرىشىڭ كېرەك .ئۇ سېيما ئۇنىڭغا پىچىرلاپ قويۇپ ئاستا –ئاستا غايىپ بولدى .
ئۇنىڭ قەلبى ھاياجانغا تولدى.كۆزىگە ئىللىق ،تولىمۇ ئىللىق بىر ياش كەلدى.ياش بۇ قېتىم كۆز چانىقىدا توختاپ قالمىدى.ئۇنىڭ قەلبىدىكى چۈشكۈنلۈكنى ،غېرىبلىقىنى ئېلىپ تاشقىنىدەك ئېقىپ چىقتى .تومۇرىنى بويلاپ ئېقىپ مۇزلىغان يۈرىكىگە بىرىپ ئۇ يەرنى ئىللىتتى .ئۇ چوڭقۇر نەپەس ئالدى ،كۆكسىدىكى ئۇنى ئۇزۇن ۋاقىت چىرماپ كەلگەن نىدالار نەپەس بىلەن چىقىپ كۆز ئالدىدا غۇۋا تۇمانغا ئايلىنىپ بېشىنى چۆرىدەپ چېرقىرىغىنىچە ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن غايىپ بولغاندەك بولدى ،ئۇ قوللىرىغا قارىدى ،قوللىرىنى بۇرۇنقىدەك قاراڭغۇلۇق يالماپ يۇتالمىدى ،قوللىردىكى سىزىقلارمۇ ئۇنىڭ ئېنىق كۆرۈندى .قوللىرى ئۇنىڭغا مېنىڭ بىلەن بەختىڭىنى يارات دەپ پىچىرلىغاندەك بولدى .
ئۇ كارۋات ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئۆي ئىچىگە قارىدى .ئۆي ئىچىنىڭ مەينەچىلىككە تولغانلىقىنى كۆرۈپ ئىشىنى ئۆينى تازلاشتىن باشلاشنى قارار قىلدى .
ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ،ئۆينى تازلاشقا باشلىدى .ئىككى سائەتتىن كېيىن ھەممىنى جايلاشتۇرۇپ بولۇپ خاتىرجەملىك بىلەن ئۆي ئىچىگە قارىدى .ئۆي ئىككى يىلىدىن بۇيان بۇنداق رەتلىك ،پاكىز بولۇپ باقمىغان ئىدى.ئۇنىڭ كۆزى رەسىم جازىسىغا چۈشتى .ئاستا رەسىم جازىسى قېشىغا بىرىپ ئۇنى سىلىدى.ئۇنى پۇرىدى .تونۇش بوياق ھىدىنى پۇراپ خاتىرجەملىك ئىچىدە كۆزىنى يۇمدى .خىيالىدا ئانىسىنى كۆردى ،ئانىسى ئۇنى مەھەللىنىڭ چېتىدىكى بىر تۈپ تېرەكنىڭ قېشىدا ئۇزىتىۋاتاتتى ،قولىغا پۇل بېرىپ ،بالام بۇ پۇل ئۆيدىكى ساغلىق قوينى ساتقان پۇل ،بۇنى سېنىڭ رەسىم سىزىشقا كېرەكلىك بوياق ۋە قوراللارنى سېتۋالغىن .ئال بالام ،كۆكلە بالام .بىر ئاللاغا ئامانەت .....
ئۇ شەھەرگە كېلىپ ئاشۇ پۇلغا بۇ رەسىم جازىسىنى ۋە باشقا كېرەكلىك بۇيۇملارنى سېتۋالغان ئىدى.ئۇ رەسىم جازىسىغا قاراپ خېلى ئۇزاققىچە تۇردى .بىر ھازادىن كېيىن قولىغا رەسىم سىزىدىغان قەلەمنى ئېلىپ ،ماي بوياقلارنى تەڭشەپ رەسىم سىزىشنى باشلىۋەتتى .ئۇنىڭ قوللىرى توختىمايتتى .
كېچە ئاسمىنىدىكى ئاي قۇياشقا ئايلاندى،قۇياش نۇرى ئۆي ئىچىدىكى رەسىم جازىسىغا چۈشتى .ئۇ ئورۇندۇقتا ئۇخلاپ قالغان ئىدى .رەسىم جازىسدا بىر گۈزەل قىز پېپا چېلىپ ئولتۇراتتى .شامالدا يەلپۈنگەن چاچلىرى يۈزىگە چۈشكەن ،قىياق كەبى ئېگىلگەن كىرىپىكلىرى يۇمۇلغان كۆزلىرنىڭ سىرىنى ئاچاتتى .قىز قېشىدىكى تۆكۈلۈۋاتقان ياۋا ئۆرۈك چېچەكلىرى شامالدا ئۇسسۇل ئويناپ قىزنى چېچەكلەر ئىچىدىكى تولىمۇ بىر چىرايلىق چېچەككە ئايلاندۇرغان ئىدى.
ئۇ ئويغىنىپ رەسىمگە قارىدى ،رەسىم تولىمۇ گۈزەل چىققان ئىدى.رەسىمگە مەستلىكى كەلدى،توغىرىسى قىزغا مەستلىكى كەلدى .رەسىمىنى يەنە بىر مەزگىل سىزىپ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك ،بۇ كېيىنكى ئىشلار ئېدى ،رەسىمنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى پۈتتى ،قالغىنىنى يەنە سىزىدۇ.بۇنىڭغا ئالدىراشنىڭ ھاجىتى يوق.ئۇ يۈزىنى يۇيۇپ باشقا ئىشلىرىنى قىلىشقا تەرەددۇت قىلدى .ئۇ يۈزىنى يۇيۇپ ئەينەككە قارىدى،بىر جۈپ نۇرلانغان كۆزلەر ئۇنىڭغا تىكىلدى. كۆزلەر ئۇنىڭغا قاراپ كۈلەتتى .ئۇ چۈشىدىكى يېقىملىق پېپا مۇزىكىسغا ئىسقىرتقىنىچە لۆڭگىنى بېشىدا پىرقىرتىپ بەدەنلىرىنى ئۇسسۇلغا كەلتۈردى ئاندىن مۇنچىغا كىرىپ سوغۇق سۇ بىلەن يۇيۇندى .مۇنچىدىن چىقىپ ساقاللىرىنى ئېلىپ باشقىچە تۈسكە كىرىدى .ئۇ ئەينەكتىن ئۆزىنىڭ تولىمۇ قاملاشقان بىر يىگىت ئىكەنلىكنى كۆردى.يۇيۇپ قويغان كېيىملىرىنى كېيىپ ناشتا قىلىش ئۈچۈن سىرتقا ماڭدى.
ماي ئايلىرى،قۇياش نۇرى كوچىنى باشقىچە نۇرلاندۇرۇۋەتكەن ئىدى.كۆكىرىپ چىققان دەرەخ يۇپۇرماقلىرى مەيىن چىققان باھار شامىلىدا يەڭگىل تەۋرىنەتتى.ئۇ قېنىپ نەپەس ئالدى .بۇ نەپەس ئېلىش ئۇنىڭغا ئۆزنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى،بۇ ھاياتنىڭ ھۇزۇرلۇقىنى ھېس قىلدۇردى .
كۈنلەر بىر-بىرىنى قوغلاپ تۆت يىل ئۆتۈپ كەتتى .ئۇ چۈشىدىكى قىزنىڭ رەسىملىرىدىن بىر قانچىنى سىزىپ بولدى .بىر كۈنى تېلىۋىزورىدىن بۇ شەھەردە «يىپەك يولى»خەلىقئارالىق رەسىم كۆرگەزمىسىنڭ ئۆتكۈزۈلدىغانلىق خەۋىرىنى كۆردى.
رەسىمدىن ئۈچ پارچىنى تاللاپ كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇرۇش ئورنىغا كەلدى.ئۇ ئىشەنچ بىلەن چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ كۆرگەزمە تىزىملاش ئورنىغا كىرىدى.
ئۇ كۆرگەزمىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپكە ئۆزنىڭ رەسىملىرىنى كۆرگەزمىگە قويۇش ئويى بارلىقىنى ئېيتتى.
-كەچۈرۈڭ ئەپەندى.بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە نۇرغۇن دۆلەت تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ،بۇنىڭغا دىيارىمىزىدىكى داڭلىق رەسساملارنىڭ رەسىملىرى قاتناشتۇرىلىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزدە تەكلىپنامە يوق ئىكەن .كەچۈرۈڭ بىزگىمۇ ئامال يوق .دىدى ئېگىز بويلۇق يالاڭ قاپاق بىر ئادەم .
ئۇ ئۈمىدىسزلىنىپ ئارقىسغا بۇرۇلدى .ئۇ ئېغىر قەدەملەر بىلەن سىرتقا چىقىپ كېتۋاتقان چېغىدا .كۆز ئەينەك تاقىغان يەنە بىر ئەپەندى ئۇنىڭغا
- توختاپتۇرۇڭ ئەپەندى،بەرىبىر كەلگەن ئىكەنسىز رەسىملىرىڭىزنى كۆرۈپ باقايلى .
ئۇ كۆزەينەك رامكىسنى سەل كۆتۈرۈپ قۇيۇپ رەسىمگە سىنچىلاپ قارىدى.ئۇنىڭ يۈزىگە بىردىنلا كۈلكە ياماشتى.
-پاھ ،سەنئەت دىسە ماۋۇ رەسملەرنى دېسە بولغۇدەك !ئەپەندىم ،رەسىمىلىرىڭىز بىزگە يارىدى .بۇنداق رەسىملىرىڭىزدىن يەنە بارمۇ ؟بىز سىزگە ئايرىم بىر كۆرگەزمە رايونى ھازىرلاپ بېرەيلى .
-سىزگە كۆپ رەھمەت .سىزگە كۆپ رەھمەت .ئۇنىڭ ھاياجانلانغىنىدىن تىلى گەپكە كەلمەي قالدى.
ئۇ كۆزەينەكلىك كىشىگە رەھمەت ئېيتقىنىچە بۇرۇلۇپ بولۇپ ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدىيۇ ،يەنە تۇيۇقىسز ئارقىغا بۇرۇلۇپ ،
-ئەمەلىيەتتە مېنىڭ يەنە باشقا بىر ئويۇم بار ،كۆرگەزمە توغۇرلۇق ،ۋاقتىڭىز بولسا ئاڭلاپ باقامىسىز ؟
- ئەلۋەتتە بولىدۇ ،تالانتىلىق يىگىت.كۆزەينەكلىك ئەپەندى ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى .
كۈنتىكىن ئۇلارغا ئۆزنىڭ ئويىنى ئەستايىدىللىق بىلەن چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى.
رەسىم كۆرگەزمىسگە بۈگۈن نۇرغۇن ئادەملەر كەلگەن ئىدى.بۇ قېتىمقى رەسىم كۆرگەزمىسى نۇرغۇن دۆلەت رەسىساملىق ئاكادىميىلىرى تەرىپىدىن يىپەك يولىدىكى ھەرقايىسى مىللەت رەسساملىرىنىڭ رەسىملىرىنى ۋە يىپەك يولى مەدەنىيىتىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بىرىلدىغان رەسىم كۆرگەزمسى ئىدى.ئۇنىڭ رەسىم قويغان كۆرگەزمە رايونى ئىككىگە بۆلۈنگەن بولۇپ ، ئادەملەر تولىمۇ كۆپ ئىدى.ئۇلار بۇ رەسىملەرگە قاراپ ھاڭۋېقىپ قېتىپ قالغان ئىدى .ئەنە بىر رەسىمدە بىر قىز شۇنداق چىرايلىق كۆل بويىدا تۇلۇمغا چۆمۈچ بىلەن سۇ قۇيۇۋاتاتتى .كۆل ،سۈزۈك كۆلدىكى تاغ ۋە قارغايلارنىڭ ئەكسى شۇنداق ئېنچىكە تەسۋىرلەنگەن .يەنە بىر رەسىمدە سۈتتەك ئاينىڭ نۇرىدا كۆلدە قىزنىڭ يۇيۇنۇۋاتقان ھالىتى سىزىلغان ،قىزنىڭ ئاستىنقى قىسمى سۇ ئىچىدە ،بىر قولى بىلەن كۆكسىنى توسقان ،يەنە بىر قولى چېچىنى ئارقىغا قىلىپ تۇتۇپ تۇرغان ھالىتى كىشىگە ئاياللار بەدىنىنىڭ گۈزەللىكىنى نامايەن قىلاتتى...ئۇلار بۇ ماي بوياق رەسملەرنى كۆرۈپ يەنە بىر كۆرگەزمە رايونىغا كەلدى .بۇ رايون باشقا ماي بوياق رەسىملىرىگە ئوخشاش ئوچۇق كۆرگەزمە قىلنىمغان بولۇپ ،ئايرىم ھالدا نېپىز تام بىلەن توسۇپ قويۇلغان ،سىرتىغا «يۇلتۇزلۇق كېچىلەر» دەپ يېزىپ قويۇلغان ئېدى .كىشلەر قىزىقىپ ئىچىگە كىرگەن چاغدا ھەيران بولغىنىدىن توۋلىۋەتتى .
ئىچى تامامەن باشقا بىر دۇنيا ئېدى ،قاپقاراڭغۇ ئۆي ئىچىدە يۇلتۇزلار نۇر چىقىرىپ تۇراتتى ،ئۇنىڭدا يۇلتۇزلۇق ئاسماندا بىر جۈپ قىز-يىگىتنىڭ ئاتقا مىنىپ ئاسماندا پەرۋاز قىلۋاتقانلىقى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ ،ئاتنىڭ ئارقىسىدا يۇلتۇزلار نۇر سىزىقى ھاسىل قىلىپ قىز ۋە يىگىت بىلەن بىللە ئۇچۇۋاتقاندەك تۇيغۇنى بېرەتتى .
كىشلەر بەلكىم باشقىلارنىڭمۇ سىرتتا توسۇپ تۇرغانلقى ئۈچۈنمىكىن ،قىيالماسلىق ئىچىدە كۆرگەزمە ئۆيىدىن چىقتى .
سىرتتا كۈنتىكىن ئۆزنىڭ رەسىملىرىنى باشقىلارغا چۈشەندۈرۈپ تۇراتتى ،كىشلەر ئۇنىڭ قېشىغا يىغىلىۋىلىپ «يۇلتۇزلۇق كېچىلەر»دىگەن رەسىملەر ھەققىدە توختىماي سوئال سورايتتى .
-ئەپەندىم ،سىز بۇ كېچىدە رەڭ چىقىرىدىغان بوياق بىلەن ماي بوياقنى تەڭشەپ يورۇيدىغان ماي بوياق رەسىم سىزىپ چىقىپسىز ،بۇ دۇنيادا تۇنجى قېتىملىق ئىشقۇ دەيمەن ؟ بۇ ھەقتە سۆزلەپ بېرەمسىز ؟
كۈنتىكىن كۈلۈمسىرىگىنىچە ،كىشلەرگە ئۆزنىڭ ئەشۇ تەكلىماكان بويىدىكى بىر كىچىك يېزىدا چوڭ بولغانلىقى ،ئاشۇ قۇملۇق ئاسمىدىنكى يۇلتۇزلارنىڭ بىر روھ ،ساپ مۇھەببەتنىڭ شاھىدى ئېكەنلىكىنى ،ھېلھەم كۆزىنى يۇمسا ،ئاشۇ يۇلتۇزلارنى كۆرىدىغانلىقىنى كىشلەرگە چۈشەندۈرۈپ بولۇپ ،ئىستاكاندا سۇ ئىچىۋاتقان چاغدا بىر قول ئۇنىڭ مۈرىسىگە تەگدى .ئۇ بۇرلۇپ قارىۋىدى ،بىر سېرىق چاچلىق چەتئەللىك بىر ئايال تۇرۇاتتى .
- Well done, wonderful show( خوش ،بەك پېچەت كۆرگەزمە بولدى) دېگىنىچە ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرىگىنىچە قولىنى ئۇزاتتى .
I’m aimely, aimly marc ئىسمىم ئەمېلىي ،ئەمېلى مارك
Kvntiken, it’s nice to meet you كۈنتىكىن،سىز بىلەن تونۇشقانلىقىمغا خۇشالمەن.
I’ve got a gallery in New York مېنىڭ نېۋيورۇكتا رەسىم سالونىم با،مەن سىزنىڭ كېلەر قېتىملىق كۆرگەزمىڭىزگە قىزىقىۋاتىمەن .
I’ve interest to talk to you about your next show
My next show? كېلەر قىېتلىق كۆرگەزمە ؟
Any idea باشقىچە پىلانلىرىڭىز بارمۇ ؟
-بۇ ،بۇ ..
-بۇ مېنىڭ ئىسىم كارتام .ئەگەر نىيورۇكتا رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈشكە قىزىقسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشنىڭ .ئىشنىمەن ،سىز ئامىرىكىدىكى ئەڭ داڭلىق رەسىم كۆرگەزمىسىگە چوقۇم قىزىقىسىز . پىكاسسۇ ،داۋىنچ ،ۋان گوكنىڭ ئەسەرلىرى ۋە ھازىرقى دەۋىردىكى ئەڭ داڭلىق رەسساملارنىڭ ئەسەرلىرى كۆرگەزمە قىلنغان .
-بولىدۇ .مەن سىز بىلەن ئالاقىلىشمەن .
سىرتتا تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ مۇخبىرلىرى ۋە گېزىت ژورناللارنىڭ مۇخبىرلىرى پارىژ رەسساملار ئاكادىميىسىنىڭ باشلىقى ژان ئەپەندىنى زىيارەت قىلۋاتاتتى .
-ئەپەندىم .بۇ قېتىلىق رەسىم كۆرگەزمىسىدىن قانداق تەسىراتقا كەلدىڭىز ؟
-خوش ،بۇ قېتىمقى رەسىم كۆرگەزمىسدە مەن يىراق يىپەك يولىنى قايتا كۆرگەندەك بولدۇم ،نۇرغۇن يەرلىك رەسساملارنىڭ رەسىملىرى ماڭا بەك يارىدى .ئىپادىلەش جەھەتتە شۇنداق ياخشى چىققان .
-سىزگە يارىغان ئەسەردىن بىر قانچىنى دەپ بېرەلەمسىز؟
پېشقەدەم رەسساملارنىڭ بىر قانچە ئەسەرلىرى ماڭا بەك يارىدى .كۈنتىكىن دەپ بىر ياش بالىنىڭ رەسىمى ماڭا ھەممىدىن بەك يارىدى .ئۇنىڭ رەڭ ئىشلىتىش جەھەتتىكى دادىللىقى ۋە مول تەسەۋۋۇر كۈچىنى ئىشقاسېلىپ سىزىپ چىققان ئۇرخۇن خاقانيسى دەۋرىدىكى بىر گۈزەل ئۇيغۇر قىزىنى باش تېما قىلغان ئەسەرلىرى ماڭا بەك يارىدى .ئۇ قىزنىڭ سىرتقى قىياپەت تەسۋىرى ناھايىتى گۈزەل چىققان ھەم ماھىرلىق بىلەن قىز قەلبىنى يورۇتۇپ بېرەلىگەن.ئەتراپتىكى شەيئىلەرنىمۇ قىز بىلەن بىر گەۋدە قىلىۋەتكەن.
بولۇپمۇ ئۇنىڭ «يۇلتۇزلۇق كېچىلەر »دىگەن ئەسىرى ،ھەقىقى يىپەك يولىغا شاھىت بولالايدۇ ،بۇ يۇلتۇزلار شانلىق تارىخ ۋە مۇساپىلەرگە گۇۋاھ بولغان ،ئەشۇ تەكلىماكاننى كېسىپ ئۆتكەن كارۋانلارنىڭ چۆچەكلىرىگە قوشۇلۇپ سىرلىق تۇيغۇلارنى بەرگەن .قۇملۇق ئاسمندىكى يۇلتۇزلۇق ئاسماننىڭ تەڭرى زېمىنغا ئاتا قىلغان سەككىزىنچى مۆجىزىسى ئېكەنلكىنى بىزگە ھېس قىلدۇردى .مەن ھازىر ھاياجىنىمنى باسالمايۋاتىمەن.بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقىنىمدىن تولىمۇ بەختىلىك ھېس قىلمەن.
بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدىكى كۈنتىكىننىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر قىزنى باش تېما قىلىپ سىزىپ چىققان ئەسەرلىرى ۋە «يۇلتۇزلۇق كېچىلەر »دىگەن ئەسىرى ناھايىتى زور غۇلغۇلا قوزغىدى.گېزىت-ژورنال ،رادىئو-تېلىۋىزورلاردا بەس بەس بىلەن خەۋەر قىلىندى .بولۇپمۇ روسيىدىكى بىر ئۇيغۇر باينىڭ قىزنىڭ پېپا چېلۋاتقان چاغدىكى رەسىمنى بەش مىليون دوللار ۋە بىر ئەرەب باينىڭ «يۇلتۇزلۇق كېچىلەر »دىگەن ئەسىرىگە 50 مىليون دوللار باھا قويىشى جەمئىيەتتە ھەتتا دۇنيا مىقياسىدا بەس-مۇنازىرە ىولۇپ كەتتى .كۈنتىكىنمۇ بىر كېچە دىگۈدەكلا نام چىقىرىپ كەتتى.
* * * *
دوستۇم قارىغىنە ،بۇ قىز ساڭا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىكەن ،سەن بۇ ياش رەسسامغا پورتىرىت بولغانمۇ يە ؟ رەسىمدىكى قىزنىڭ قولىدىمۇ پېپا تۇرۇپتۇ .
ئەمدىلا بىر ھەشەمەتلىك مىللى مۇزىكىلىق تاماقخانىدا مۇزىكا ئورۇنداپ كەلگەن ئايچېچەك ئۈستەلدىكى ژورنالغا قارىدى .ژورنال تېشىدا راستىننلا ئۆزىگە ئوخشايدىغان بىر قىز تۇراتتى .ئۇ ژورنالنى ئېلىپ قاراپ قېتىپ قالدى ،رەسىمدىكى قىز ئەينەن ئۆزى ئىدى .بۇ قانداق بولغىنى ؟ مەن ئۇ رەسسامغا پورتىرىت بولمىغان تۇرسام ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ قىزمۇ پېپا چېلىپ ئولتۇرۇپتۇ .قىز ھەيرانلىق بىلەن ژورنالنىڭ كەينىگە قارىدى ،كەينىدە كۈنتىكىننىڭ رەسىمى بىلەن ئۇنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى بار ئىدى .ئۇ يىگىتكە قاراپلا ئۇنى بىر يەردە كۆرگەندەك ناھايىتى تونۇش ھېس قىلدى .ئۇ ئويلا-ئويلا يىگىتنى قەيەردە كۆرگەنلىكىنى ھېچ ئېسىگە ئالالمىدى .
ئايچېچەكنىڭ مۇزىكىدا كىچىكىدىنلا تالانتى بار ئىدى .دادىسى قىزنىڭ قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلىپ ئۇنى سەنئەت ئېنستۇتىغا بەردى .قىز بىر كۈنى ئۆيىدە كۈسەن مەدەنىيتىىگە ئائىت بىر پروگىرامىنى كۆرۈپ ،ئۇنىڭدا ئىچكىرنىڭ مىللى مۇزىكىسى بولغان باربىتنىڭ ئەمەلىيەتتتە تاڭ سۇلالسى ۋاقتىدا غەربىي دىيارنىڭ مۇزىكىسى ئىكەنلىكىنى ،ئەينى چاغدىكى تاڭ سۇلالسى ۋاقىتدا ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكىنى .كۈسەن باربىتچىلىرىنىڭ تاڭ ئوردىسىدا يۇقىرى دەرىجىدە ھۆرمەتلەنگەنلىكنى بىلدى ۋە بۇ ئۇيغۇر قەدىمى سازىغا باشقىچە ئىشتىياق باغلاپ ئۇنى ئۆگىنىشكە بەل باغلىدى .ئۇ ئالايىتەن مۇزىكا ئەسۋابلىرى ساتىدىغان دۇكانغا بېرىپ ئۇ يەردىن ياخشى باربىتتىن بىرنى سېتۋالدى ۋە ئۇ يەردىن نۇرغۇن باربىت مۇزىكىسغا ئائىت ئۆگىتىش پىلاستىنكىلىرى ۋە كىلاسسىك باربىت مۇزىكسى پىلاستىنكىلىرنى سېتىۋىلىپ كەلدى .ئۇ مۇزىكدىكى تالانتىغا تايىنىپ ناھايىتى تېزلا بۇ مۇزىكنى ياخشى چالالايدىغان بولدى .ئايچېچەكنىڭ باربىت مۇزىكسى ئىجاد قىلغۇسى بار ئىدى ،بۇ جەھەتتە جىق ئىزدەندى ،ھەتتا كۇچاغا بېرىپ قەدىمى كۈسەن مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى زىيارەت قىلدى .بىر نەچچە مۇزىكا ئىجاد قىلغانمۇ بولدى ،بىراق بۇ قىزغا يارىمىدى .ئاخىرى مەكتەپمۇ پۈتتى .بىراق قىز مەكتەپ پۈتتۈرۈپ خىزمەت تاپالمىدى ،ئۇنىڭ يۇرتقا قايتقۇسى يوق ،چۈنكى ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن دادىسى قايتا توي قىلغان ئۆگەي ئانىسىنى ۋە ئانسىنىڭ ياش ئۆلۈپ كېتىشگە سەۋەب بولغان دادىسنىڭ قېشىغا قايتقۇسى يوق.
دادىسى باج ئېدارسىنىڭ باشلىقى بولسىمۇ ،بىراق ھاراققا بۆلەكچە ئامراق ئادەم ئېدى ،ئازىراق ھاراق ئىچىۋالسىلا ئۆيگە كېلىپ بىر نېملەردىن قۇسۇر تېپىپ ئايالنى ئۇراتتى .بىچارە ئانا ئۆيدىن چىقىپ كېتىشنى نەچچە ئويلاشقان بولىسمۇ ،ئىككى بالسىنىڭ تىرىك يېتىم بولۇپ باشقىلارنىڭ قولىدا خارلىنىپ قېلىشنى خالىمايتتى .ئۇنىڭغا بالىلىرى ئۈچۈن بولسىمۇ چىشىنى چىشلەپ بۇ ئۆيدە تۇرۇۋىرىشتىن باشقا ئامال يوق ئېدى .ئانىسى خەلق ئىشلىرى ئېدارىسىدە بولۇپ ،ھەر قېتىم خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭ چىراينىڭ كۆكۈرۈپ ئىشقا كەلگەنلىكىنى كۆرگەندە ئۇنىڭ بۇ زوراۋان ئېرىدىن ئاجىرىشىپ كېتىشنى ،ئۇنىڭ بۇ چىرايى بىلەن يەنە نۇرغۇن ياخشى ئەرلەرنى تاپالايدىغانلىقىنى ئۇنىڭغا نەچچە قېتىم ئېيتقان بولسىمۇ ،بىراق ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ ئۇلارغا بالىلىرىنىڭ تىرىك يېتىم بولۇپ قېلىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئېرىنىڭ خورلىشىغا چىداپ كەلدى ،ئېدارە باشلىقى بۇنىڭغا چىدىيالماي ئۇنىڭ ئېرىنىڭ ئىشخانىسغا نەچچە بېرىپ ئېرىغا نەسھەتلەر قىلىپ كەلگەن ئېدى ،بۇ قىلغانلىرىمۇ كارغا كەلمىدى .
ئەمەلىيەتتە قىزنىڭ دادىسى ئادەتتە ھاراق ئىچمىگەن چاغدا شۇنداق ياخشى ئېدى ،ئەتىسى ئەتىگەندە ئاخشام قىلغانلىرى ئۈچۈن خىجىل بولۇپ ناشتلىقمۇ قىلماي ئىشقا كېتەتتى .بىراق كەچتە يەنە قەيەرلەردىدۇ ھاراق ئىچىپ كېلىپ بۇ تىراگىدىيىنى باشلايتتى ،ئايالىنى تىللاپ ھەتتا قول سېلىپ بولۇپ خورەك تارتقىنىچە ئۇخلاپ قالاتتى .بالىلار بولسا ئۆيدىن چىقماي يىغلاپ ئولتۇراتتى .چۈنكى ئۇلار چىقسىمۇ كىچىك بولغاچقا ھېچنمە قىلالمايتتى .قىز بولسا كېچىك ئۇكىسىنى قۇچاقلاپ ئۇنى بەزلەيتتى.ئانا كىرىپ يىغلاپ تۇرۇپ ئۇلارنى بەزلەپ ئۇخلىتاتتى .ئۇ دادىسنىڭ ئانىسىنى نېمە ئۈچۈن ئۇرىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيتتى ،بۇنىڭدا باشقا سەۋەبمۇ يوق ،پەقەت دادىسنىڭ ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ كاللسىدىن كېتىشىلا سەۋەب ئېدى ،ئانىسمۇ بىشەم خوتۇنلاردىن ئەمەس ،كەمسۆز مېھىرىبان ئانا ئېدى .
بىر قېتىم قىش كۈنى دادىسى ھاراق ئىچىپ كېلىپ ئانىسنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقاردى ،يېلىڭ كېيىم بىلەن سىرتقا چىقىرىۋىتىلگەن ئانا شىۋىرغانلىق كېچىدە ئۆپكىسىگە سوغۇق ئۆتۈپ قېلىپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى ،ئۇ ھەرقېتىم بالىلىرىغا قارىغان ۋاقتىدا ئۆزنىڭ كېسەل بولۇپ قېلىپ بالىلىرىغا قارىيالمىغانلىقىغا ئۆكۈنۈپ ئۈنسىز ياش تۆكەتتى ،قىزى ۋە ئوغلىغا تەسەللىي بېرىپ ئۆزنىڭ ياخشى بولۇپ قالسا ئۇلارغا ياخشى تاماقلارنى ئېتىپ بېرىدىغانلىقىنى ،بازارغا ئېلىپ چىقىپ چىرايلىق ئويۇنچۇق ھەم كېيىم-كېچەك ئېلىپ بىرىدىغانلىقنى ئېيتاتتى ،ئەپسۇس ئۇ شۇ ئاغرىپ ياتقىنچە ئورنىدىن تۇرالمىدى .ئۇنىڭ كۆزلىرى ئۆزنىڭ ئەڭ ئامراق بالىلىرىغا قىيالماسلىق بىلەن قارىغنىچە ئوچوق كەتتى .
ئايال ئۆلۈش ئالدىدا ،ئۆزنىڭ ئامانەتنى تاپشۇرىدىغان ۋاقتى كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ ،ئېرىنى چاقىرىپ ئۆزنىڭ ئۇنى يەنە كەچۈردىغانلىقىنى ،ئۇنىڭ بىرلا ئۈمىدىنىڭ بارلىقىنى ،ئۇ بولسىمۇ بالىلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ ،ئۇلارنى تەربىيلەپ قاتارغا قوشۇشىنى ئۇنىڭغا يىغلاپ تۇرۇپ ئېيتتى ،رەھىمسىز دادا بۇ چاغدا كۆز يېشى قىلىدى ،بىراق ئۇ كېچىككەن ،پۇشايمان قىلسمۇ ئۈلگۈرمەيتتى .ئۇ ئەمدى ئۆز ئايالىنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلىقىنى ھېس قىلدى،ئۇ پۇشايمان ئىلكىدە يىغلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىدى،ئاخىرقى كۈنلىرىدە ئۇنىڭغا ئاخىرقى قېتىم بولسىمۇ ياخشى قارىدى .
ئانا كەتكەندىن كېيىن ئۆي ئىچى چۆلدەرەپ قالدى،دادا ھاراق ئىچمىدى ،ئۇمۇ ئىشتىن ۋاقتىدا قايتىپ كېلىپ بالىلىرىغا تاماق ئېتەتتى ،ھەرقېتىم بالىلىرنىڭ ئۇنىڭغا سوغوق نەزەر بىلەن قارىشىدىن ئانىمىزنى قايتۇرۇپ بەر دېگىنىنى ھېس قىلاتتى .ئۇ ئۆزنىڭ قانچە قىلىسمۇ بالىلىرى ئالدا مەڭگۈ گۇناھكار ھېس قىلاتتى .بۇ گۇناھىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئەمدى ئۇلارغا ياخشى قاراپ ئۇلار ئالدىدا گۇناھىنى يۇيۇشنى ئويلايتتى .بالىلارنى ئۇخلىتىپ بولۇپ تاماكىسىنى چەككىنچە سۈكۈتكە چۆمۈپ خېلى بىر چاغلارغىچە ئۆتۈپ كېتەتتى .
كۈنلەر ئۆتتى.خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭغا بىر ئايالنى تونۇشتۇرىدى .ئۇ ئايال بىلەن كۆرۈشكەن چاغدا بۇرۇن ئۆتكەن ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىپ ئۇنىڭغا بالىلارغا ياخشى قارىشىنى ئېيتتى ،ئايالمۇ يىغلاپ تۇرۇپ بالىلارغا ياخشى قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى .بىراق توي قىلىپ ئۇنىڭغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئۇنتۇپ بالىلارغا ياخشى قارىمىدى .ھەرقېتىم ئۇ بار چاغدا ساختا قىياپەت بىلەن بالىلارغا كۆيۈنگەن بولىۋالاتتى ،ئۇ ئىشقا كەتكەندە بولسا بالىلارغا دوق قىلىپ ئۇلارنى يوق باھانىلەر بىلەن تىللايتتى ،ئەگەر بۇ ئىشلارنى دادىسغا دېسە ئۇلارغا رەھىم قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتاتتى .بالىلار ئۆگەيلىكنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتتى .كېيىن بالىلار چوڭ بولۇپ قىز ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى ،ئۇ بۇ ئۆگەي ئانىدىن قۇتۇلدى .بۇ چاغدا بۇ ئۆگەي ئانىنىڭ بالىلارغا مېھىرى چۈشۈپ ئۇلارغا ياخشى بولۇپ كەتكەن ئېدى.بىراق ئايچېچەكتە ئۇنىڭغا بولغان ئۆچمەنلىك بار ئېدى .ئۇ ئەمدى چوڭ بولۇپ بىر ئىشلارنى ھېس قىلغىنىدا دادىسىنى كەچۈرەلمەيدىغانلقىنى ھېس قىلدى ،ئەگەر ئۇ ھاراق ئىچىپ ئانىسنىڭ بېشغا چىقمغان بولسا ،ئۇلار ئەڭ مېھىرىبان ئانىسىدىن ئايرىلىپ ئۆگەي ئانىنىڭ قولىغا چۈشمىگەن بولاتتى ،شۇنداق ،بالىلىق چاغلىرى كۆز يېشى ۋە ئازاب بىلەن ئۆتتى .بۇلارنى ئويلاپ ئۇ مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆيگە قايتقۇسى كەلمدى .
بىر مەزگىل ئايچېچەك بىر شەخسى شىركەتتە كاتىپ بولۇپ ئىشلىدى ،كېيىن دېرىكتور ئۇنىڭغا باشقىچە يېقىملىق مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ كەتتى .بىر كۈنى شىركەتتىكى باشقا خادىملار باشقا شەھەرگە بازار ئېچىشقا كەتتى ، ئايچېچەك شىركەتتە قالدى ،چۈنكى شىركەتنىڭ كېيىنكى مەزگىللىك پىلان دوكلاتىنى تەييارلىمىسا بولمايتتى .قىز ئالدىراش كومپىيۇتىر ئالدىدا جىدىدى خىزمىتىنى قىلۋاتاتتى .بىر چاغدا دېرىكتور ئالدىراش كىرىپ كەلدى . ئايچېچەك ئورنىدىن تۇرۇپ خوجايىنىغا سالام قىلدى ،خوجايىن كۈلۈمسىرىگىنچە ئۇنىڭغا ئولتۇرۇشقا ئىجازەت بېرىپ بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى. يالغۇز قالغان ئايچېچەككە قاراپ قويۇپ ،تازىلانغان سۇدىن بىر ئىستاكان ئېلىپ ئايچېچەككە سۇندى ،قىز ئۆز خوجايىنىنىڭ بۇ ئىشىدىن ھەيرانلىق ھېس قىلىپ قالدى ،ئادەتتە ئۇ ئىشخانىدا ئۇنىڭدىن باشقا ئادەمگە قاپاق ئاچمايتتى ،ئايچېچەك دەسلەپتە بەلكىم خىزمەتنى جان-دىل بىلەن ئەستايدىل ئىشلىگەنلىكىمىدىن بولسا كېرەك دەپ ئويلىدى.ئايچېچەك سۇنى ئېلىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ۋە خىجىل بولغىندىن ئۆزۈم ئېلىپ كېلەتتىم ئەمەسمۇ سىزنى ئاۋارە قىلىپ دېيشىگە خوجايىن ئۇنىڭغا يېقىندىن بىرى شىركەتنىڭ ئىشنى ئۆز ئىشڭىزدەك كۆرۈپ تولىمۇ جاپا چەكتىڭىز دەپ ئۇنىڭ قېشىغا ئورۇندۇقنى ئېلىپ كېلىپ ئېكراندىكى خىزمەت دوكلاتىنى كۆرمەكچى بولدى .سەبى قىز ئۇنىڭغا ئېكراندىكى دوكلاتنىڭ ئشلىشنىش جەريانىنى ئۇنىڭغا ناھايىتى ئەستايدىللىق بىلەن تونۇشتۇرۇۋاتاتتى ،بىراق خوجايىن ئېكرانغا قارىغاندەك قىلغىنى بىلەن كۆزى قىزنىڭ كۆكسىدە بولۇپ ،ئۇنىڭ كۆزلىرى شەھۋەت ئۇچقۇنلىرىدا خۇمارلىشىپ كەتكەن ئېدى .بىر چاغدا ئاستا ئايچېچەكنىڭ قولىنى تۇتۇۋالدى .«ئاپام» قىز چۆچۈپ كەتكىنىدىن ۋارقىرىۋەتتى ،ئۇنىڭ بۇ ۋاقىرىشى خوجايىننىمۇ چۆچۈتۈۋەتتى ،ئۇ قانداق قىلىشنى بىلمەي قىزغا تۇيۇقسىزلا ئەسىبيلەرچە ئېتىلىپ بېرىپ ئۇنى قۇچاقلىۋالدى ۋە ئۇنىڭ يۈزلىرىگە سۆيۈپ كەتتى ،قىز تۇيۇقىسز بولۇپ كەتكەن ئىشلارغا ئېنكاس قايتۇرالماي قالدى ۋە بىردىنلا ئېسىنى يىغىپ ئۇنى ئېتتىرىۋەتتى ۋە ئۈستەل ئۈستىدىكى قايچىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا قاراپ يېغلىغىنچە ئەگەر ئۇنىڭ يەنە داۋاملىق قېشىغا كەلسە قايچىنى ئۆزىگە تىقىۋالىدىغانلىقنى ئېيتىپ ۋارقىرىدى .خوجايىن قىلچە تەمتىرىمەستىن بولدى ھەممە ئىش تۈگىدى دېگىنچە تام تەرەپتكى بىخەتەرلىك ئىشكاپ تەرەپكە قاراپ ماڭدى ۋە ئاچقۇچىنى ئېلىپ ئۇنى ئاچماقچى بولدى .
قىز خىيالىدا خوجايىننىڭ نېمە ئىش قىلۋاتقانلىقىنى ئاڭقرالمدى .ئۇنىڭ كۆزى بىر ئىشك تەرەپتە ،بىر خوجايىن تەرەپتە ئېدى .ئۇنىڭ خىيالىغا يەنە بىردىنلا قورقۇنچ چۈشتى.نېمە بېخەتەرلىكتىن تاپانچا ئېلىپ ئۆزىگە تەھدىت سېلىپ مەقسىتىگە يەتمەچىمۇ نېمە ؟قىزنىڭ كۆڭلىگە تېخمۇ چوڭ تەشۋىش چۈشتى .قىز كېنولاردا بۇنداق پۇلى بار خوجايىنلارنىڭ بېخەتەرلىك ئىشكابىدا ياكى ئۈستەل تارتمىىسدا قورال ساقلايدىغانلىقى كۆرگەن ئېدى قانداق قىلىش كېرەك ئىشك تەرەپكە قېچىپ بىرىش ئۈچۈن يەنە ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتمەي بولمايتتى ..ئۇ قانداق قېچىپ چىقىپ كېتىشنى ئويلاۋاتقان چاغدا خوجايىن ئىشكاپتىن بىر نەچچە تىزىق پۇلنى ئېلىپ ئۇنىڭغا .
-مەيلى قانچە پۇل دېسىڭىز مەيلى ،سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم .مەندەك بىر ئاشىقنىڭ تەلىپنى رەت قىلماڭ ،دەپ ئۇنىڭغا قاراپ كېلىۋاتاتتى .
قىز بىردىنلا يەنە ،
-يەنە كېلىدىغان بولسىڭىز قايچىنى ئۆزۈمگە تىقىۋالىمەن ،سېسىق پۇلۇڭ بىلەن مەقسىتىمگە يېتىمەن دەپ ئويلىما ھۇ ،قوي تېرىسىگە ئورۇنغان بۆرە .ئەگەر يەنە بىر قەدەم ئالدىڭغا باسىدىغان بولساڭ ،قايچىنى ئۆزۈمگە تىقىپ بىراق تۈگىشمەن ،سەنمۇ قانۇننىڭ تورىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسەن.ئۇ قايچىنى قورسىقغا تەڭلەپ يۇم-يۇم يىغلىغىنچە بىر قولى بىلەن سومكىسىنى ئېلىپ ئىشك تەرەپكە قاراپ ماڭدى ،ئىشكىنى ئېچىپ قاتتىق بىر ياپقاندىن كېيىن يۈگۈرۈپ پەلەمپەيدىن چۈشۈپ كەتتى .ئۇ بەك قورقۇپ كەتكەچكىمۇ ئارقىسىغا قاراپ قوياتتى .ئۇ بېنا ئالدىدىن تاكسى توسماقچى بولدى .تەلىيىگە بىر قۇرۇق تاكسى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى .ئۇ ماشىنغا ئۆينىڭ ئادرىسىنى ئېيتىپ بەردى .شوپۇر ماشىندا ئولتۇرۇپ ئارقىنى كۆرۈش ئەيىنىكىدىن ئۇنىڭ قىزىرىپ كەتكەن كۆزىگە قاراپ قويۇپ ھە يىگىتى بىلەن تاكاللىشىپ قالغان قىز ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغنىچە ماشىنىنى نىشانغا بۇرىدى .
قىز ئىشىكتى كىرىپ ،ئىشكىنى چىڭ يېپىپ بېخەتەرلىك قۇلۇپىنمۇ تاقىدى .ۋە ئىشك يېندىكى تامغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ قالدى .ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قايتىدىن ياش كەلدى ،ئۇ چاچلىرىنى ئۇستىغىنچە ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى .ئىككى كۆزىدىن تاراملاپ قۇيۇلۇۋاتقان ياشلار بۇ يالغۇز قىزنى پەپىلىگەندەك ئۇنىڭ يۈزىنى ئىسسىقىنە بويلاپ چۈشۈۋاتاتتى .ياش گەرچە ئازاپ سەۋەبىدىن تۆكۈلسىمۇ ئۇنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلغىلى بولاتتى .ئۇنىڭ ئۆكسۈشى بېسىلىپ جىمجىت بولدى،بىراق ئۇنىڭ كۆز يېشى توختىمايتتى ،ئۆزىنىڭ ئىللىقلىقنى ئېلىپ قىز يۈزىنى بويلاپ چۈشكەچ ئۇنىڭ يۈزلىرىنى سىلغاندەك ئۇنىڭغا تەسەللى بېرەتتى ،قىز بۇ ئىللىقلقنى سېزىپ كۆزلىرىنى يۇمغىنچە جىمجىتقىنە ئولتۇرۇپ قالدى .
كىچىكىدىن بۇنداق ئىشلارغا يولۇقۇپ باقمىغان قىز بۇ تۇيۇقىسز بولغان ئىشقا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلمەيتتى ،گەرچە تېلىۋىزوردىن بۇنداق ئىشلارنى كۆپ كۆرگەن بولىسمۇ مانا ئەمدىلىكتە ئۆز بېشىغا كېلىپ قالغانلىقىغا ھەيران بولاتتى .بىراق ئۇ بۇنى قوبۇل قىلالمايتتى .ساقچىغا مەلۇم قىلىشنىمۇ ئويلاشتى ،بىراق ئۇ يەنە كىشلەرنىڭ بۇنى ئۆزىدىن كۆرىدىغانلىقى بىلەتتى ،كىشلەرنىڭ قان-قېنىغا سىڭىپ كەتكەن بىر ياقلىما قاراشلىرى بىلەن –
ۋاي-يەي قىز ئۆزى سۈينى ئېقىتمسا ئەركىشى ئۇنىڭغا چاچرامتى ،ھەممسى ئۇ ياش جىندا ،نېمە قىلىدۇ دادىسىدەك ئادەمنى بۇزۇپ .دەپ بارچە گۇناھنى ئۇنىڭغا قوياتتى .كىچىكىدىنلا قائىدە-يوسۇن ئىچىدە ناھايىتى ئەدەبلىك چوڭ بولغان بۇ قىزغا نسىبەتەن بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىغىندىن ئۆلگىنى ياخشى .ھېلىمۇ ھېچىكم يوق ،بولدى دەپ ئۆزىگە تەسەللى بەرگىنچە يۈز بەرگەن خورلۇققا تەن بەردى ۋە ھەر نېمە بولسا ھېچ ئىش يۈز بەرمىدى دەپ ئۆز-ئۆزىگە تەسەللى بەرگىنچە ئورنىدىن تۇردى .بىراق نېمە قىلىشنى بىلمەي كارۋاتقا ئۆزىنى تاشلاپ تورۇسقا قارىغىنچە خىيالغا پاتتى .
ئۆي ئىچى كىچىك ھەم ئۆي ئىچىدىكى نەرسىلەر ئاددى بولغىنغا قارىماي ناھايىتى رەتلىك ۋە پاكىزە ئېدى .كارۋاتنىڭ قىشىدىكى تومپۇچكىنىڭ ئۈستىدە بىر دەستە گۈل تۇراتتى.بۇ گۈلنى قايسى بىر كۈنى دوسىتى ئالمېرە بىر ئۆزىدىن چوڭ لېكىن ئۆزىگە ئاشىق بىر ئادەم سوۋغا قىلىدى ،بىراق سەن ئالغىن دەپ ئۇنىڭغا بەرگەن ئىدى . ئالمىرە بولسا ئۇنىڭ بىلەن ساۋاقداش بولۇپ بىر كۇلۇبتا ناخشا ئېيتاتتى . تامدا ئۇنىڭ باربىتى ئېسىقلىق تۇراتتى ،بۇ شەھەردە جان باقماق قېيىن ئېدى،ئۇ خىزمەت بىلەن بولۇپ كېتىپ ھازىر پۈتۈنلەي باربىت چېلىشنى تاشلىۋەتكەن ،مۇزىكا ئىجاد قىلىش دىگەندىن ئەسەر ئېچىش مۇمكىن ئەمەس ئېدى .ئۇنىڭغمۇ ئامال يوق .ئۇنىڭ خىيالىچە بىر نەچچە ئاي جاپالىق ئىشلەپ بولىسمۇ ئاز پۇل تېپىۋىلىپ ئاندىن كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇۋىلىپ ئاندىن باربىتنى قولىغا ئېلشىنى ئويلىغان ئېدى .
قىز شۇنداق قىلىپ نەچچە كۈن ئىشقا بارمىدى ،ئۇنىڭ يەنە بارغۇسى ،بولۇپمۇ ھېلىقى شەھۋەتپەرەس خوجايىننى كۆرگۈسى يوق ئېدى .گەرچە ئاي توشۇشقا ئاز قالغان بولىسمۇ ،ئۇنىڭ بىرىپ مۇئاشىنى ئالغۇسى يوق .تېخى نەچچە كۈن ئالدىدا دادىسىغا ئۆزنىڭ مۇئاشىنى ئالىدىغىنىغا نەچچە كۈن قالغانلىقىنى،ئۇنىڭ خىزمەت تاپقانلىقى ،ئەمدى ئۇنىڭغا پۇل ئەۋەتىشنىڭ ھاجىتى قالمىغانلىقىنى ئېيتىپ تېلفون قىلغانلىقى ئېسىگە كەلدى .
قىز ئادەتتە ئۆيدە تاماق ئېتىپ يەيتتى ،چاققانغىنە توڭلاتقۇدا بىر نەچچە كۈنگە يەتكۈدەك سەي-كۆكتات بار ئېدى .ئۇ ئۆزنىڭ قورسىقى ئاچقانلىقى ھېس قىلىپ تاماق قىلماقچى بولدى ،تۇرۇپلا بۈگۈن يۈز بەرگەن ئىشنى ئويلاپ سەي قورۇپ نان بىلەن قورساقنى ئەپلىمەكچى بولدى.ئۇ ئۆزىگە لايىق بىر كىشلىك قىلىپ سەينى قورۇپ بولۇپ ،چاينى دەملەپ تۆنۈگۈن ئەكىرىپ قويغان نان بىلەن كەچلىك تاماق قىلىپ تەييارلاپ ئۆز ئولتۇرۇپ يېدى .
نەچچە كۈن ئۆتتى ،توڭلاتقۇدا يېگۈدەك نەرسە قالمىدى ،ئاەتتە ئۇ ئۆزى يالغۇز بولغاچقا ئۇن-ماينى ئۆزىگە لايىق قىلىپ نەچچە كۈن يەتكۈدەكلا قىلىپ ئالاتتى.ئەمدى ھەممە تۈگىدى ،ئۇنىڭ ئانىسغا تېلفون قىلىپ پۇل دېگۈسى يوق ئېدى.تېخى نەچچە كۈن ئالدىدا مۇئاشىمنى ئالىمەن دەپ تېلفون قىلغان ئەمەسىمىدى .ئەمدى پۇل تۈگىدى دېسە دادىسىنىڭ بۇنداق جاپا تارتقۇچە قېشىمغا قايتىپ كەلگىن سەندەك بىر قىزىمنى خاتىرجەم باقالغۇچىلىكىم بار دەپ ئۇنى يۇرتقا قايتىشقا مەجبۇرلىشىدىن ،ھەتتە ئۇنىڭ ئېلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ تېلىفون قىلىشتىن يالتايدى .قانداق قىلىش كېرەك ؟ ئادەم قورسىقى ئاچقان چاغدا ئالدى بىلەن ئويلايدىغنى قانداق قىلىپ قورساقنى تويدۇرۇش ،باشقا ئىشلار بولسا ،بۇ چاغدا مەڭگۈ كېيىنكى مۇھىم بولمىغان ئىشلار بولۇپ قالاتتى.
قىز ئەمدى چوڭقۇر غەمگە پاتتى .ئۇنىڭ يېنىدا پۇل قالمىدى،ئۆز ئۆيۈڭ بولسا نېمىدىگەن ياخشى ،يەيدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بار .ئۇ شۇ چاغدىلا تۇرمۇش قۇرۇپ بىر ئۆينى ئۆي قىلماقنىڭ تەسلىكىنى بىلدى،بۇرۇن ئۇ ئۆزىنى ئوقۇغان چوقۇم كېيىن قېينالمايمەن.ئاتا-ئانامنىڭ تۇرمۇشى نېمىدىگەن مەنىسز ،سەھرادا بىر ئۆمۈر ياشاپ ئۆتتى ،بۇنداق ياشىغاننىڭ نېمە پايدىسى ،خۇددى قۇدۇق ئىچىدىكى پاقىدەك سىرتقى دۇنيادىن خەۋەرسىز ئۆتۈپ ،دەپ ئويلايتتى ،ئۇنىڭ بۇ شەھەردە يوغان ئۆيلەردە ئولتۇرۇپ ،بۇ شەھەرنىڭ مەئىشىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ راھەت ئىچىدە ئۆتكۈسى بار ئېدى .بىراق قېنى ئۇ تۇرمۇش ؟مانا ئاچ قورساق ئولتۇرپتىغۇ ؟
كارىۋىتىنىڭ بېشىدىكى تومپۇچكىنىڭ ئۈستىدىكى گىرىم-بۇيۇملىرىغا قارىدى،ئۇنىڭ قىممەت پۇلغا سېتىۋالغان داڭلىق گىرىم-بۇيۇملىرىنى يېگىلى بولمايدۇ دە ،ئېسىت ئۇنى ئالماي ئۇنىڭ ئورنىغا نەچچە نان بولىسمۇ سېتۋىلىپ توڭلاتقۇغا سېىلىپ قويغان بولسىمۇ نەقەدەر ياخشى بولاتتى ،بىراق ئادەم ھەر قېتىم ئۆزى توقلۇق ئىچىدە بولغان چاغدا بۇنى ئويلاپ قويمايدۇ ،تېخى ئۇنىڭدىن قىممەت،ئۈنۈمى ھازىرىقىدىن ياخشى گىرىم بۇيۇملىرىنى سېتۋالغۇسى كېلىدۇ دەپ ئۆزنىڭ ھېلىقى سودا بازىرىدىن پۇلى يەتمەي ئالالمىغان گىرىم بۇيۇمىغا نەچچە كۈن كۆڭلى بىر قىسما بولۇپ قالغان ئۇ ئۆزنىڭ ئالمىغانلىقىغا خۇش بولدى.دېمىسىمۇ قىز ئادەتتە گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىپ كەتمەيتتى .سەنئەت كەسپى بىلەن شۇغۇللانغاچقمىكىن ئادەتتە سەھنىگە چىقىش ئېھتىياجى ۋە باشقا دوستلىرى بىلەن ئولتۇرۇشلارغا قاتناشقان چاغدا ئىشلىتىش ئۈچۈن گىرىم بۇيۇملىرىنى سېتىۋالاتتى ،ئوخشاشلا بىر قىز ئۈچۈنمۇ گىرىم بۇيۇملىرنىڭ ئېھتىياجى چۈشەتتى .
ئۇنىڭ تۇرۇپلا مەكتەپتىكى ئۆزىگە ئاشىق بولغان ساۋاقدىشىغا تېلفون قىلغۇسى كەلدى ،مەكتەپ پۈتتۈرىدىغان چاغدا ئۇ يېگىت ئۇنىڭغا ئۆزنىڭ ياردەمگە دۇچ كەلسە ،ئۆزنىڭ قولىدىن كېلىشچە ياردەم بېرىغانلىقىنى ئېيتىپ بىر پارچە خەتنى ئۇنىڭغا بەرگەن ئېدى .خەتتە گەرچە ئۇنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئۇنى كۆرەلمەيدىغانلىقى ،ئۇنى يەنە ھېلھەم قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقنى يازاغان مەزمۇنلار ئېسىدە قالماي ئاخىرقى ئۇنىڭغا يازغان قانداق قېيىنچىلىققا يولۇقسا ئۇنى ئىزدەش ھەققدىكى مەزمۇننىڭ ئېسىدە قالغىنى قىزىق.
ئۇ يىگىت تولىمۇ ياخشى ھەم كېلىشكەن .بىراق ئۆزنىڭ ئۇنى نېمە ئۈچۈن رەت قىلغانلىقى ئېسىدە يوق ،ئۆزىمۇ ئۇ يىگىت بىلەن بىللە بولۇشنى.ئۇنىڭ قىزىق يۇمۇرلۇق گەپلىرىنى ئاڭلاشنى ياقتۇراتتى .ھەتتا يىگىتنىڭ شوخلۇقى تۈپەيلى سىنىپىدىكى باشقا قىزلار بىلەن چاقچاقلىشىپ تۇرغىنىنى كۆرسە ئۇنىڭ تۇرۇپلا خۇيى تۇتۇپ قالاتتى ،بىراق نېمە سەۋەبكىن يىگىت ئۇنىڭغا قانچە كۆڭلىنى ئىزھار قىلسمۇ ،ئۆزىدىكى يىگىتكە بولغان ياخشى كۆرۈشنى ئېتراپ قىلغۇسى يوق .يىگىت ھەر جەھەتتىن يېتىلگەن ،ئۇنىڭ كەلگۈسىدە خىزمەت تاپالماسلىقىدىن ھېچكىم گۇمان قىلمايتتى ،چۈنكى ئۇ مۇزىكىنى ناھايىتى ياخشى چېلىپلا قالماستىن يەنە مەكتەپتكى چاغدا بىرنەچچە چەتئەل تىلىنى ناھايىتى پىششىق ئىگىلىگەن ھەر جەھەتتىن تالانتىلىق بىر بالا ئېدى.ئۇ يېگىتمۇ ئۇنىڭغا ئەگەر ئۆز كەلگۈسىدىن ئەنسىرىسە ئۆزنىڭ بىر سودا شىركىتىدە ئىشلىسمۇ .ھەتتا تاكسى شوپۇرى بولسمۇ ئۇنى گۈلدەك باقىدىغانلىقى ئېيتىپ ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرەتتى .قىز ئۇنى نېمە ئۈچۈن رەت قىلغانلىقىنى بىلمەيتتى .بەلكىم ئۇ يىگىتنىڭ دائىم ئۇنىڭ بىلەن بىللە پاراڭلاشقان چاغدا ئۇنىڭغا دائىم ئۆزنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرسىلا چەتئەلگە چىقىپ كېتىدىغانلىقنى ئېيتىپ يۈرگەنلىكى ،ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن ئارلاشسا ئۇنىڭ چەتئەلگە چىقىپ كېتىدىغانلىقى ،بۇنداق بولغاندا ئۆزنىڭ ئۇنىڭغا كۆنۈپ قېلىپ ۋىسال بىلەن ئۇ يىگىتىنى كۈتۈپ ئۆتۈپ كېتىشىدىن ،ياكى ئۇنىڭ شوخلۇقى تۈپەيلى باشقا بىر قىز بىلەن كېتىپ ئۆزىنى تاشلاپ كېتىشى ياكى ئۆزنىڭ ئارزۇلىرى ئۈچۈن ئۇ يىگىتنى رەت قىلغانلىقىنى بىلمەييتى ،بەزى چاغلاردا ئادەم ھەقىقەتەن ھۆكۈم چىقىرىش ئىقتىدارىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.بىراق ئۇ يېگىتنى بەكمۇ ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلەتتى .بىراق يىگىت ئۇ قانچە رەت قىلغانسىرى ئۇنىڭغا شۇنچە كىرىشىپ قالغان ئېدى .
ھېلھەم ئۇنىڭ شۇنداق ئېسىدە ،بىر كۈنى يىگىت بىلەن مەكتەپنىڭ يېنىدىكى سوغۇق ئېچىملىك ساتىدىغان بىر ئارامگاھقا ئولتۇرغان چاغدا ،يىگىتنىڭ ئازغىنە پىۋا ئىچىپ مەست بولۇپ قېلىپ ئۇنىڭغا يىغلاپ تۇرۇپ ئۇنى قانچە ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتقان چاغدا ،ئۇ يىگىتنىڭ بۇنداق چوڭقۇر مۇھەببىتىدىن تەسىرىلىنىپ ئۇنى سۆيۈپ قويغان ئېدى .ئۇ يەنە كېيىن يىگىتىنىڭ ياش تۆكگىنىنى كۆرۈپ ئىچ ئاغىرىتتىمۇ ياكى تەسىرلەندىمۇ بۇنى ئۆزى ھېس قىلالمىدى ،ئاخىرى يىگىتتىن چىن قەلبىدىن كەچۈرۈم سوراپ ئۇنى رەت قىلدى .رەت قىلىش سەۋەبىنى ئۆزىمۇ بىلمەيىتتى .
تۇرۇپلا ئۇ يىگىتىنى ئۆزىمۇ بىلمەي رەت قىلغانغا ئوخشاش تېلفون قىلىش نىيىتىدىن ياندى .
ئۇ تورۇسقا قاراپ خىيالغا پاتقان چېغىدا ،قول تېلفونى جىرىڭلاپ كەتتى .ئۇ تېلفونغا قاراپ دوستى ماھىرەنىڭ تېلفونى ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئالدى .
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،مەن ماھىرە ،قانداق دوستۇم ئەھۋالىڭ قانداق ،بۈگۈن ۋاقتىڭ بارمۇ ،بىر نەچچە دوستلار تاماق يەپ ئويناپ كەلسەك دىگەن .قانداق چىقالامسەن؟
-بۇ ،بۇ قانچە پۇلدىن چىقىرىدىغان بولدىڭلار؟
-بۇ مەسىلە ئەمەس چىقساڭلا بولدى،پۇلدىن غەم قىلما ،ئاچاڭ بار ،ھى ھى .قارشى تەرەپتىن ماھىرەنىڭ كۈلكە ئاۋازى ئاڭلاندى.
-بولىدۇ.سەن ماڭغۇچە مېنى ئالغاچ كەتسەڭ بولۇپتىكەن ،مەن سېنى ئۆيدە كۈتۈپ تۇراي .ماھىرە ئۇنىڭ بىلەن بىر قورۇدا ئولتۇراتتى .
-بولىدۇ ،سەن تەييارلىقىنى قىلۋەرگىن مەن ھازىر يېنىڭغا بارىمەن .
ئايچېچەك تېلفوننى قۇيۇپلا خۇشال بولۇپ كەتتى ،مەيلى قانداق بولمىسۇن نەچچە كۈن ئۆيىدىن چىقماي زېرىكىپ كەتكەن ئېدى ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈن تاماقنى قانداق قىلىشنى ئويلىشۋاتاتتى .ئۇ تەييارلىقىنى قىلىشقا باشلىدى ۋە تېزلا تەييارلىقىنى پۈتتۈرۈپ ماھىرەنى كۈتۈپ ئولتۇردى.كۈتە-كۈتە ئون مېنۇتتەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى ،ئۇ دېرىزىگە تۈۋىگە بېرىپ تۆۋەنگە قاراپ-قاراپ قوياتتى .بىر چاغدا تۆۋەندە ماھىرە پەيدا بولدى ،ئۇ تۆۋەندە تۇرۇپ ئۇنىڭغا چۈشۈشكە شەرەت قىلىدى .
ئايچىچەك ئىككەيلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى .ئۇ ئېغىز ئاچماي تۇرۇپلا ماھىرە سۆزلەپ كەتتى .ساڭا تېلفون قىلىپ تۇرسام ئاكام بىلەن يەڭگەم ئىككسى كېلىپ قالدى قارا،شۇنىڭ بىلەن ئاز ھايالشىپ قالدىم ،سىنى ساقلىتىپ قويمىغاندىمەن.
ئۇ بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى .
-چىرايلىرىڭ سارغىيىپ كېتىپتۇ ،ئاغرىپ قالمغانسەن ؟ئۇزۇن دەرت تارتقان ئادەمدەك بولۇپ كېتىپسەن .بىرەر يىگىتنىڭ ئوتى چۈشمىگەندۇ ،ھا،ھا قىز ئېغىزىنى تۇتۇپ كۈلۈپ كەتتى.ساڭىغۇ بىر يىگىتنىڭ ئوتى چۈشتى دېسە كۈن غەربىتىن چىقىدۇ دېگەن بىلەن ئوخشاش ،قاچانغىچە بىرەر يېگىتنىڭ پېشىنى تۇتارسەن .ھا ،ھا بولدى ،قارا ئوماق ئېغىزىنىڭ دومسىيىپ كەتكىنىنى .بولدى دۇستۇم مۇنداقلا دەپ قويدۇم .
ماھېرە كېلىپ ئۇنىڭ ئېڭىكىنى كۆتۈرۈپ قويدى ،ماھىرە كۆڭلىدىكنى ئۇدۇل دەيدىغان قىز ئېدى ،ئۇ دوستىنىڭ بۇ مېجەزىنى ياخشى كۆرەتتى .
ئۇلار تاكسى توسۇپ ماڭدى .يولدا ئايچېچەك ماھىرەدىن بۈگۈنكى ئولتۇرۇشتا كىملەرنىڭ بارلقىنى سورىدى،ئادەتتە قىز ئانچە كۆپ سورۇنلارغا بارمايتتى ،پەقەت دوستلىرنىڭ تۇغۇلغان كۈن شەرىپىگە ئۇيۇشتۇرلغان سورۇنلارغىلا باراتتى .باشقا سورۇنلارغا ئانچە بېرىپ كەتمەيتتى .
ماھىرە ئۇنىڭغا بۈگۈن ئۇنىڭ شىركىتىدىكى دېرىكتورنىڭ چاقىرىغانلىقىنى ئېيتتى .
-نېمە سېنڭ دېرىكتورنىڭ داداڭدەك ئادەم ئېدىغۇ ،تەڭ دېمەتلىك دوستلىرى بىلەن ئولتۇرماي ھەجەپ سېنى چاقىرىپ قاپتىغۇ ؟
-شۇ ،ئۆزنىڭ تەڭ دېمەتلىك دوستلىرى بار ،مېنمۇ چاقىرىدىغۇ تاڭ .
سەل تۇرۇپتۇر ھە ،قىز تېلفونىنى چىقىرىپ تېلفون قىلدى .
- ۋەي ئالمىكاممۇ؟ مەن ماھىرە ،بىز كېلەي دېدۇق .
- ئەمسە مەن چۈشەي ،سىلەر رېستوراننىڭ ئىشكى ئالدىدا توختساڭلارلا بولدى ،مەن سىلەر كېلىپ بولغۇچە ئالدىڭلارغا چىقىپ بولىمەن .
- بولىدۇ ئەمسە .
ئۇلار بىر نەچچە مېنۇتتىن كېيىن رېستوراننىڭ ئالدىغا كەلدى .ماھىرە ماشىنىڭ دېرىزسنى چۈشۈرۈپ ئاق كۆينەك كېيۋالغان يوغان قورساق ئادەمگە قاراپ «ئالىمكا »دەپ چاقىرىدى .ئۇ ئادەم كۈلۈپ كېلىپ ئىشكىنى ئېچىپ
- سىلەر رېستوراننىڭ ئالدىغا بېرىپ تۇرۇڭلار ،دىگىنچە ئۆزى ماشىننىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ شوپۇرغا يۈز يۈەنلىك پۇلدىن بىرنى تەڭلىدى.
قىزلار بۇ چاغدا رېستوراننىڭ ئىشكى ئالدىدا ئۇنى ساقلاپ تۇردى .ئالىم ئەپەندى كېلىپ ئۇلارنى باشلاپ بەشىنچى قەۋەتتىكى رېستورانىنڭ ئايرىم خانىسىغا باشلىدى .
ئۇلار ئايرىم خانىغا كىرگەن چاغدا ئۇ يەردە بىرنەچچە ئۆزى دېمەتلىك قىزلار ۋە بىرنەچچە دادىسى دېمەتلىك كىشلەر ئولتۇراتتى ،ئۇلار ئولتۇرغىنچە ئۇلارغا بېشىنى لىڭشىتىپ سالام قىلىپ قويدى .
ئۇلار ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئارىدىن قىزىقچىراق بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ
-قارىغاندا ئالىمنىڭ قىزلارنى بىزگە تونۇشتۇرۇش ئويى يوقتەك تۇرىدۇ ،مەن ئۆزۈمنى تونۇشتۇرپ ئۆتەي ،ئىسىمىم ئەخمەت .دېھقانچلىق نازارىتىدە ئىشلەيمەن .
-ئىشلەيمەن دىگۈچە پېنسىيىگە چىقتىم دىگىنە .خا-خا
ئارىدىن بىرەيلەن ئۇنىڭ گېپىنى ئوتتۇردىن بۆلۈۋەتتى .ھەممە كۈلۈشۈپ كەتتى .
ئۇ ئادەم بىرئاز ئوڭايسىزلىنىپ قالدى،ۋە تېزلا گەپنى ئوڭشاپ،
-ھە،ھە، پېنسىيەگە چىقتىم ،قېنى ئۆزۈڭلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتسەڭلار .
ماھىرە ئورنىدىن تۇرۇپ ،-ئاراڭلاردا كۆپىنچىڭلار مېنى تونۇيسلەر ،بىر نەچچە مېھمان بار ئىكەن ،ئىسىمىم ماھىرە .ھازىر ئالمىكامنىڭ شىركىتىدە كاتىپ.
-خا،خا ئالمىنىڭ ئايالىنىڭ كۆرسەم ئۆلتۈرىمەن دىگەن ماھىرە دىگەن قىز سىز ئىكەنسىز دە ،ھا-ھا ھەسەت قىلغۇچىلىكى بار قىز ئىكەنسىز .بۇ قېرىمۇ نەلەردە يۈرۈپ سىزنى كەلتۈرۈۋالغاندۇ .يامان قېرى بۇ ئالىم دىگەن .
يان تەرەپتكى بىرەيلەن ئۇنىڭغا قاراپ چاقچاق قىلدى،سورۇندىكى ھەممەيلەن بۇ كەلمىگەن مۇنداقلا سۆزگە بولۇشۇپ كۈلۈشەتتى .ئايچېچەك بولسا تۇيۇقىسزلا ئۆزنىڭ بۇ يەرگە خاتا كېلىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى .ماھىرەنى شۇنداق ياخشى قىز دەپ ئويلايتتى ،بىراق ئۇنىڭ ئالىم ئاكا دېيىشىدىن ئۇ كىشىنى تولىمۇ ياخشى كىشى ئىكەن دەپ ئويلايتتى ،ئۆزنىڭمۇ دېرىكتورنىڭ ئاشۇنداق بولۇشنى ئۈمىد قىلاتتى .بىراق بۇ ئويلىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى ،ئۇ كېتىشنى ئويلىدى ،بىراق يەنە تۇرۇپلا ئۇنىڭ ئۆزى ئاڭلىغان بۇنداق سورۇندا يەنە قانداق ئىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقماقچى بولدى.
تونۇشتۇرۇش نۆۋىتى ئۆزىگە كەلگەندە ئۇ تارتىنىپقىنە ئورنىدىن تۇردى .
-ئىسمىم ئايچېچەك .سەنئەت ئېنستۇتىنى پۈتتۈردۈم ھازىر بىكار .دەپ ئورنىدا ئولتۇرۇۋالدى.
-ھا،ھا بۈگۈن ياخشى كەپسىز ،ئاكا دەپ قويسىڭىز خىزمەت ئىشڭىزنى توغۇرلاپ قويىدىغان قولىدىن ئىش كېلىدىغان ئاكىلىرىڭىز بار ، بىكار دېگەن نېمە گەپ ،بولدى ،ئەتە بىزنىڭ شىركەتكە بېرىپ ئىشلەڭ .
ئەخمەت قىزنىڭ چىرايلىق كەلگەن چىرايىغا قاراپ باشقلارنىڭ ئېغىز ئېچۋىلىشىدىن ئەنسىرىگەندەك ئالدىراپ كەتتى .
-ھا ھا ئەخمەت ،بۇ قىز شۇنداق چىرايلىق ئىكەن ،قارا بۇ قېرىنىڭ چاققان چىقىپ كەتكىنىنى .
بۇ چاغدا ئايچېچەك تولىمۇ خىجىل بولۇپ كەتتى .
ئەخمەت دېگنى قولىغا رومكىنى ئالدى ،
-بۈگۈن ئالىم قېرىنىڭ 55 كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى ،ئۇنىڭ تېخمۇ سالامەت بولۇپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىشى ئۈچۈن قېنى كۆتۈرەيلى .
ماھىرە ئۇنىڭغا رومكىنى كۆتۈرۈپ ئىچۋىتىشنى شەرەت قىلدى،بىراق ئۇ بېشىنى چايقاپ تۇرىۋالدى ،ماھىرە بىرنى ئالىيىپ قويىۋىدى،ئۇ رومكىغا ئېغىزىنى ئاپىرىپ قويغان بولدى،بىراق رومكىدىكى ئاق ھاراقنىڭ پۇرىقىدىن سەسكىنىپ كەتتى .
ئۇ ھاراق رومكىسىنى ئۈستەلگە قويۇپ جىمجىت ئولتۇردى ،يېنىدىكى بىر قىز قېشىدىكى چوڭراق ئايپاڭباش ئادەمگە ئەركىلەپ ھېلىقى مەن كۆرگەن زەنجىرىنى قاچان ئېلىپ بېرىسىز ،تولىمۇ ئالدامچىكەنسىز دەپ ئۇنىڭ گالستۇكىنى ئويناپ ئولتۇراتتى .
- ئېلىپ بېرىمەن ،ئەتىلا ئېلىپ بەرمىسەم توختى گاڭ بولماي كېتەي .دەپ ئۇنىڭ ئەركىلتىتىپ ئېڭىكىنى كۆتۈرۈپ قويدى .
بۇ چاغدا ھەممەيلەن ئۆز پارىڭىغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى،تولا ئىش كۆرۈپ كەتكەن قىزلار بولسا كۆز ئالدىدىكى بۇ پۇلى بار قېرىلاردىن قانداق قىلىپ كۆپرەك نەرسە ئۈندۈرىۋىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى ھەدەپ كۆڭۈل ۋەسۋەسىگە سالاتتى .بۇنىڭ بىلەن بۇ قىزلارنى ئەيبىلەپ كېتىشنڭمۇ ھاجىتى يوق ،چۈنكى ھەممىسلا ئۆزى خالاپ كەلمىگەن .بەزىلىرىنىڭ دادىسى ئاغرىپ دوختۇرخانىدا ياتقان ،بەزىسنىڭ ئېنسىنى ياكى سىڭلىسىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن پۇلغا ھاجىتى چۈشكەنلىكى ئۈچۈن كەلگەن ئېدى ،بۇلار ئەنئەنىۋى ئۇيۇنچى قىزلار دەپ ئاتىلاتتى .بۇلارغىمۇ باشقا تاللاش يولى يوق ، ئۇلار كۆپلەپ پۇل تاپمىسا ،پۇل تۈپەيلى مەلۇم ئىشلاردا ئىلاجىسىز قالغان قېرىنداشلىرى قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالاتتى ،بۇنى ئايچېچەك ئۇلارنىڭ مەلۇم ئېھتىياج تۈپەيلدىن مەجبۇرلىنۋاتقاندەك سولغۇن چىرايدىن بىلىۋالدى ،بىراق ئۇلار چىشىنى چىشلەپ بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرىپ ئۆز غەمكىنلىكىنى يوشۇراتتى، ھاراق بىلەن چۈشكۈن كۆڭلىنى مەسىت قىلىپ بۇ رېئاللىقمنى قوبۇل قىلاتتى .ئۇلار ئامالسىز ،ئەشۇ قېرىنداشلىرى ئۈچۈن ئۇلار بۇنىڭغا بەرداشلىق بىرىشى كېرەك ئېدى .
ئەنە ئاۋۇ تېلىۋىزورنىڭ قىشىدىكى يېنىدىكى ئەرگە ھەدەپ كېيىمنىڭ جېدىلىنى قىلۋاتقان قىز بولسا زامانىۋى ئويۇنچى قىزلار دەپ ئاتىلاتتى ،ئۇلار گەرچە كۆپ پۇلى بولمىسمۇ دوستلىرىنىڭ ئالدىدا تېخمۇ ئۈستۈن تۇرۇش ۋە باشقىلاردىن نەرىمىز كەم بىزمۇ باشقلاردەك ئېسل يۈرىشىمىز كېرەك دىگەن ئاتالمىش قىممەت قارىشى تېخمۇ قىممەت كېيىم-كېچەك ،زىبۇ-زىننەتلەرنى ئېلىش ئۈچۈن بۇنداق قىممەتلىك سورۇنلارنى قولدىن بەرمەيتتى .تېخى ياشلارغا قارىغاندا بۇ قېرىلار ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ،تېخى سېخى دەپ ئۇلارنى ئۆزىنى ئاتايتتى ،ئامال قىلىپ ئۇ قېرىلارنىڭ كۆڭلىنى ئالاتتى .
ماھىرەگە ئوخشاش بىرنەچچەيلەن بولسا خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالماسلىقى ياكى ئۇلارنىڭ زورلۇق قىلىپ بولۇپ كۆپ پۇل بېرىشى تۈپەيلى بۇنداق سورۇنلارغا كەلمىسە بولمايتتى ،چۈنكى ئۇلار ئەرز قىلسا يۈزىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن ياكى خىزمىتىدىن ئايرىلىپ باشلىقىنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسگە ئۇچىرىشىدىن،ئويناشماڭ ئەرباب بىلەن ئەپلەپ سالىدۇ ھەرباب بىلەن دىگەن ئېدىيىنىڭ سەۋەبىدىن بۇ رەھىمىسىز رېئاللىقىنى ئامالسىز قوبۇل قىلىپ ،بولىدىغان ئىشلار بولۇپ بولدى دەپ يۈرۈىۋرىدىغان ئۆتكۈنچى ئۇيۇنچى قىزلار ئېدى.
ئۆزى قانداق قىز ؟بۇ سوئالنى تۇرۇپ ئۆزىدىن سورىغان ئايچېچەك ئۆزنىڭ بۇ يەرگە ئۇقۇشماي كەلدى دېسە ،بۇنداق بولىدىغانلقىنى بىلەتتى .بىراق ئۆزنىڭ بىر ۋاق تاماق ئۈچۈن كەلگەنلىكىگە ئاچچىق كۈلدى .ئۇ بۇنى ئويلاپ سورۇن بىلەن كارى بولماي چوكىنى ئېلىپ ئۈستەلدىكى تاماققا داخىل بولىۋەردى .باشقلار بولسا تېلىۋىزوردىن چىقاۋتقان ناخشىغا تانسا ئويناش بىلەن بولۇپ كەتكەن ئېدى .
ئۇ قورسىقىنى بىر ئاز ئەستەرلىۋىلىپ ئەتراپقا قاردىدى .قايسىدۇ بىر چاغدا ئۇنىڭدىن راۋاپ چېلىشنى ئۆگەنگەن بىر چەتئەللىك دوستى ئۇنىڭغا ؛
- سىلەردە ئاياللارنى كەمسىتىش بەك ئېغىر ھە دەپ قوياتتى .
-ئۇنداقمۇ ئەمەس .بىزدە قىز بولسىمۇ ئوخشاش دەپ قارايدىغۇ .
-مېنىڭ دىگىنم .سىلەرنىڭ كۆپ قىسىم ئەرلىرىڭىلارنىڭ ھەممىسى سىرتتا بولمىغاندا بىر قېتىم بولسىمۇ يات جىنسلار بىلەن كۆڭۈل ئاچىدۇ .بۇنىڭ ئۆزى ئاياللارنى كەمسىتكەنلىك بولماي نېمە ؟
-بۇ .
ئۇ چاغدا ئۇ بۇنى ھەقىقى چۈشىنىپ يەتمىگەن ئېدى .ئەمدى بولسا نەۋرىلىك بولاي دىگەن بۇ كىشلەرنىڭ بۇ يەردە بۇ قىزلار بىلەن كۆڭۈل ئېچىپ ئولتۇرۇشى ھەقىقەتەن بۇنىڭ تىپىك ئېپادىسى ئېدى.
بىر چاغدا قولىدا بىر رومكا ھاراقنى كۆتۈ رگەن ئەخمەت ئۇنىڭ قېشىغا كەلدى .ئۇ قىزغا قاراپ تۇرۇپ ،-چىرايلىق قىز قېنى رومكىڭىزنى ئېلىپ ،يەنە تونۇشۇپ قالغانلىقىمىز ئۈچۈن بىر رومكىدىن كۆتۈرۈۋىتەيلى .
-بۇ ،بۇ ئەخمەتكا مەن ھاراق ئىچىپ باقمىغان كەچۈرۈڭ .
-ئىچمىگەن بولسىڭىز ئىچىپ بېقىڭ ،يامان نەرسە ئەمەس بۇ .
-مەن راستىنلا ئىچىپ باقمىغان .ئۇ ئامالسىز قىياپەتتە ئۇنىڭغا قاراپ ئورنىدىن تۇردى .
-سىلەردەك قىزلارنى كۆپ كۆرگەن ئىچىپ باقمىغان دەپ نەچچىمىزنى مەست قىلىپ ھېچنمە بولمىغاندەك ئولتۇرسىلەر ،ھۆرمىتىڭىزنى قىلىپ قويسام بەك ئېشىۋالماڭ .
ئۇ بەك مەست بولۇپ كەتكەچكىمۇ ،دەلدەڭشىپ قىزغا رومكىنى تەڭلەپ تۇرىۋالدى .
قىز ھەقىقەتەن ئامالسىز قالدى .ئىچەي دېسە ئۇ ھاراق ئىچىپ باقمىغان ھەم ھاراقنىڭ دەردىدىن كىچىكىدىنلا ئانسىدىن ئايرىلغانلىقى ئۈچۈن ھاراققا شۇنداق ئۆچمەنلىك بىلەن قارايتتى .ئىچمەي دېسە ماۋۇ ئادەم زورلاپ تۇرىۋەردى .ئۇ ئاخىر ياخشى نەسھەت بىلەن ئۇنىڭ قولىنى ياندۇردى .
بىراق مەست بولۇپ قىزغا كىرىشىپ قالغان ئەخمەت دېرىكتور بولسا قىزغا ھاراقنى زورلاپ تۇرۇىۋالدى .ئۇ –سىلەر ئالىي مەكتەپ قىزلىرىنى كىم بىلمەيدۇ ؟ياشلار بىلەن بەك ئوينايسىز،بىزنى قېرى كۆرىۋاتامسىز ؟ئالىي مەكتەپ ئوقۇغانلارمىش تېخى ،ھەممىڭ كوچا جالىپى .
«چاڭ»قىلغان بىر تەستەك بىلەن سورۇن جىمجىت بولۇپ كەتتى .باشقىلار نېمە ئىش بولۇپ كەتكەنلىكنى ئاڭقىرىپ بولغۇچە .ئايچېچەك ئاچچىقى بىلەن ھېلىقى ئەخمەتكە ۋارقىرۋاتاتتى ،ئۇنىڭ ئاچچىقىدىن چىرايلىرى پۈرۈشۈپ كەتكەن ئېدى ،بىرەيلەن ئۇنىڭغا قاراپ ،
-بۇ قىز ئاچچىقى كەلسە تېخمۇ چىرايلىق بولۇپ كېتىدىكەن ،مەن مۇشۇنداقلىرىغا ئامراق. دەپ يېندىكى ھەمراھىنى نوقۇپ ئۈلگۈردى.
- ئالىي مەكتەپ قىزلىرى جالاپما ؟جالاپ قىلۋاتقان كىم ؟!بىلىپ قوي قېرىغىننى تۇيمايدىغان رەسۋا .ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمە ،.ئالىي مەكتەپ ھەقىقەتەن چوڭ ،بىر نەچچسىنى چىقمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ ،بىكار بولساڭ مەكتەپنىڭ كۈتۈپخانسىغا بېرىپ باق!قىزلار ياتىقىغا بېرىپ باق !نۇرغۇن قىزلار ئاشۇ يەردە ئۆگىنىش قىلىدۇ !ئەشۇ چىققان بىر نەچچە جالاپنى كىم جالاپ قىلدى ،ئۆزى خالاپ جالاپ بولدىما ؟بۇنىڭ ھەممىسىنى سەندەك رەسۋالار قىلغان .تۈفى سەندەك ئاتىلارغا!
ئۇ ئاچچىقى بىلەن سومكىسىنى ئېلىپ سىرتقا ماڭدى ،ماھىرە ئۇنىڭ ئارقىدىسىن ئەگەشكەن ۋاقتىدا ئۇ ماھىرەنى سىلكىپ يولىغا ماڭدى .ماھىرە ئارتۇق گەپ قىلالماي ئارقىسىغا كىرىپ كەتتى ،ئۇنىڭ دوستىنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتكۈسى يوق ئېدى.بىراق يەنە سورۇنغا قايتىمسا بولمايدۇ ،ئالىم ئاكىسى رەنجىپ قالىدۇ...
سورۇن جىمجىت بولۇپ قالغان ئېدى .ئەخمەت دېرىكتور بولسا چاپىنىنى كېيىپ يولىغا ماڭدى ،ئۇنىڭ رەسۋالاشقىنمۇ يېتىپ ئاشاتتى ،ئەمدى بۇ يەردە تۇرىۋىرىشنىڭ ھاجىتى يوق .ئۇ ئىشكىنى يېپىپ چىقىپ كەتكەن ۋاقتىدا ،ھەممەيلەن بىردەملىك جىمجىتلىقتىن كېيىن يەنە ئۆز سورۇنىنى باشلاۋەردى .
بۇنىڭغا ئامال يوق ،ئايچېچەكنىڭ ئاچچىقى بىلەن قىلغان سۆزلىرى ئۇلارنىڭ بىر قۇلىقىدىن كىرىپ يەنە بىر قۇلىقىدىن چىقىپ كېتەتتى،ئۇلار بۇنداق سۆزلەرنى كۆپ ئاڭلىغان ،ئېتوتلاردا تەنقىدلەنگەن ،بۇ گەپلەر قۇلاققا كىر ئورنىغاندەك ئورناپ كەتكەن بولىسمۇ خۇددى ھاياتلىق داۋاملاشقىنىدەك ،ئۇلارمۇ ئۆز ئويۇنلىرىنى داۋاملاشتۇرۇىۋىرەتتى .
نومۇسچان قىزغا بايىقى گەپ جېنىدىن ئۆتۈپ كەتكەن ئېدى ،«قورقۇپ كەتسە توشقانمۇ ئادەم چىشلەيدۇ» دىگەندەك ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ئاچچىقى كەلگەن ئېدى .مەكتەپتىكى چاغلىرى ئېسىگە كەلدى ،ھەرقىتىم ئۇ مۇنازىرە تور بېكەتلىرىدە بولسۇن ياكى كىشلەرنىڭ ئېغىزىدا بولسۇن ئالىي مەكتەپ قىزلىرى بۇزۇلۇپ كېتىپ بارىدۇ دىگەن سۆزلەرنى ئاڭلايتتى .ئۇنداق قىزلارمۇ يوق ئەمەس ئېدى،بىراق ئۇنداقلار تولىمۇ ئاز ئېدى،ئۇ ھەرقېتىم كۈتۈپخانىدىكى بېرىلىپ ئۆگىنۋاتقانلارنىڭ ئىچىدە قىزلارنىڭ كۆپلۈكىنى كۆرەتتى .ئەمەلىيەتتە مەكتەپتىكى قىزلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ياخشى بولۇپ خۇددى «بىر سېسىق ئالما بىر سېۋەت ئالمىنى بۇزۇپتۇ»دىگەندەك پۈتۈن ئالىي مەكتەپ قىزلىرىنىڭ يۈزىنى تۆكەتتى .بىراق بۇنداقلار تولىمۇ ئاز بولۇپ ،باشقا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان قىزلارغا نىسبەتەن ئاددىللىق ئەمەس ئېدى.بىزنىڭ ئارىمىزدىمۇ بۇقىنى تۇغدۇرىدىغانلار ئاز ئەمەس دەپ ئويلىغىنچە رېستوراننىڭ ئالدىغا بېرىپ قالدى .قىز ئىشكتىن چىقىپ ئۆيگە قانداق قايتىشىنى بىلمىدى،چۈنكى ئۇنىڭ يېنىدا پۇل يوق ئېدى،يالغۇز قىز كېچىدە يالغۇز ماڭسا قانداق بولىدۇ دەپ غەمگە چۈشكەن چېغىدا ئارقىدىن بىر نەچچە بالىلار چۈشۈپ كەلدى ،ئۇلارنىڭ ئالا-تاغىل توۋلاشلىرىدىن مەست بولۇپ قالغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى .ئۇلار قىزدىن ئۆتۈپ بولۇپ ئارقىسىغا قاراپ چىرايىلىق بىر قىزنى كۆرۈپ كۆزلىرى يورۇپ كەتتى .
ئۇلاردىن بىر نەچچەيلەن قىزنىڭ ئالدىغا كېلىپ .
- ياخشىمۇسىز خان قىز ،ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قويايلىمۇ ؟
ئايچېچەك بېشىنى تۆۋەن قىلىپ تۆۋەن ئاۋازدا- بولدى رەھمەت دېدى .
-بولدى ،تالاشماڭ دوستىمىزنىڭ ماشىنسى بار ،سىزنى ئاپىرىپ قويايلى .رەت قىلماڭ ئاپئاق قىز .
ئايچېچەك رەھمەت دېگىنچە ئاستا ئۇلاردىن ئەگىپ سىرتقا قاراپ ماڭدى .قىز قورقۇپ سىرتقا قارىدى ،كېچە بولۇپ كەتكەن بولۇپ كوچىدا ئادەم يوق دېيەرلىك ئېدى ،يۈگۈرۈپلا تاكسى توساي دېسە ،ماشىنغا لايىق پۇل يوق .قىز ئامالىسىز تېز-تېز ئالدىغا قاراپ ماڭدى .
يىگىتلەر ئۇنىڭغا يېتىشۋىلىپ بايا چىرايلىق گەپ قىلغان بولسا ئەمدى ئۇنىڭغا ھاياسىزلارچە .
-خان ،بولدى ئاپىرىپ قويايلى دېسەك ھەجەپ ئېشۋالدىڭ .بىزنى نېمە كۆرۈپ قالدىڭ ،جالاپ بولمىساڭ كېچىدە ساڭا يالغۇز بۇ يەردە نېمە بار .بىز بىلەن چىرايلىق ماڭ .بولمىسا ..
قىز ئەمدى تېخمۇ قورقۇپ كەتتى ،ئالدىدىكى ئۈچەيلەنگە تەڭ كېلەلمەيتتى .ئۇنىڭغا تېخمۇ قورقۇنچ چۈشتى ،تىزلىرى تىتىرەپ كېتۋاتاتتى .ئۇ چىشىنى چىشلەپ ئالدىغا يۈگۈرىشىگە بىر يۈگۈرۈپ ئۇنىڭغا يېتىشۋالدى .
-ھەجەپ ئىززىتىڭىنى بىلمەيدىغان ئۇششۇق جالاپكەن ماۋۇ ،ھەي سۇلتان ماشىنىنى ئېلىپ كەل ،ماشىنغا باسايلى ماۋۇنى .غەيرەت كېلە .
ئۇلار قىزنىڭ قولىدىن تۇتۇۋىلىپ ھەدەپ ماشىنا تەرەپكە تارتاتتى .قىز بىرەيلەننىڭ قولىنى چىشلۋالدى ،ئۇ قولىدىكى قانغا قاراپ قويۇپ قىزنىڭ كاچىتغا بىرنى سالدى .قىزنىڭ جاۋغىيدىن قان سىرغىپ چۈشتى .قىز جاۋغىيىنى سۈرتۈپ قولىدىكى قاننى كۆرۈپ تېخمۇ كۈچەپ قېچىشقا ئۇرۇندى .قولى قاناپ كەتكەن ھايۋان قىزنىڭ چېچىدىن تۇتۇۋالدى .قىز ئەمدى قولى بىلەن ئۇنىڭ قوللىرىنى مورلىۋالدى .ھېلقى ھايۋان ئۇنىڭ قولىنى قويىۋىتىپ ئۇنىڭ بىر تەپتى ،قىز بۇ تېپىك بىلەن يىقىلىپ چۈشتى ،ئۇ كېلىپ يەنە بىرنەچچىنى تېپىۋەتتى .
- ھەجەپ يامان جالاپكەن ماۋۇ ،بۈگۈن بۇنى ئېلىپ كېتىپ كۆڭۈل ئاچمىسام يىگىت بولماي كېتەي ، خەپ! دىگىنچە قىزنىڭ چېچىدىن سۆرەپ ماشىنغا باسماقچى بولدى.
قىزنىڭ كۆزى ئەتراپقا قارايتتى ،قاياقتىندۇ بىرەيلەننىڭ ،قولۇڭنى تارت ئۇ مېنىڭ سېڭلىم !دىگەن ئاۋازنى ئاڭلاپ قېلىشنى تولىمۇ ئۈمىد قىلاتتى .ئۇنىڭدا بۇ ھايۋانلار بىلەن ئېلشقۇدەك ماغدۇر قالمىغان ،تېپىك دەستدىن قورسىقى ئاغىرىۋاتاتتى .قايىسدۇ بىر چاغدا گېزىتتىن بىر بالىنىڭ بىرقىزنىڭ بۇلاڭچىلققا ئۇچراۋاتقان بىر قىزنى «قولۇڭنى تارت،ئۇمېنىڭ سىڭلىم» دەپ ئۆزى پىچاق يېسىمۇ قىزنى قۇتقۇزۇۋالغانلىقىنى كۆرگەن ئېدى .نېمىشقا ماڭا كەلگەندە ئاشۇنداق يىگىتتىن بىرى پەيدا بولمايدىغاندۇ دەپ كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈلدى .قېشىدا دېمسىمۇ بىر يىگىت ئۆتۈپ كېتىپ باراتتى ،ئۇنىڭ بېشغا پىت تېپىۋالغۇسى يوقتەك ياردەم قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن يېنىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ كەتتى ،قىز ئۈمىدىسزلەندى .
-ھۇ يارىماس ،ئانا سېنى ئوغۇل دەپ تاپقۇچە تاپمىسا بولمامدۇ ،مېنى قويۇۋەت ،ھۇ ئېپلاس دەپ ئۆزىنىڭ چېچىدىن تۇتۇۋالغان يىگىتكە ۋارقىرايتتى .ئۇ ھېچ قويۇپ بېرىدىغاندەك ئەمەس ئەكسىچە قىزنىڭ چېچىدىن تېخمۇ چىڭ قاماللايتتى .
قىز بىردىنلا كۈچىنى يىغىپ «قۇتقۇزۇڭلار !قۇتقۇزۇڭلار!»دەپ توۋلىدى ،ئۇنىڭ چېچىدىن تۇتۇۋالغان يىگىت بولسا ئۇنىڭ ئاغزىنى توسۇۋالدى .
بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئالدىغا بىر ماشىنا ئېتتىك كىلىپ تورمۇز قىستى .ماشنا چىرىقى كۈچلۈك ھالدا ئۇلارنىڭ ئالدىنى يورۇتاتتى .بۇ چاغدا ماشىندىن بىر يىگىت چۈشۈپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلدى .
-بىر ناتىۋان قىزنى بوزەك قىلغۇچە نومۇس قىلىشساڭ بولمامدۇ ،قىزنى قويۇۋەت!، دەپ قاتتىق توۋلىدى .
ھاراق بېشىغا چىققان بۇ بىرنەچچە يىگىت ئۇنىڭغا قاراپ كېلىپ .
-ئۆلگۈڭ كەلگەن ئوخشىمامدۇ ھە؟ئارتۇق ئىشقا ئارلاشماي يولۇڭغا ماڭساڭ بولمامدۇ.
-نېمىشقا يولۇمغا ماڭىمەن .سىلەرمۇ ئارتۇق گەپ قىلماي قىزنى قويۇۋىتىش.
-قويمىساق قانداق قىلىسەن دېگىنچە بىرەيلەن يېنىدىن پىچىقىنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا شىلتىدى ،ناتونۇش يىگىت چاققانلىق بىلەن بىرنى تېپىپ ئۇنىڭ قولىدىكى پىچاقنى چۈشىرىۋەتتى .ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن غەزەپ ئۇچقۇنلىرى چاقنايتتى .ئۇ ئېتىلىپ كېلىپ قىزنى تۇتۇۋالغان يىگىتنىڭ يۈزىگە بىر مۇشىت سالدى .قىزنى تۇتۇۋالغان يېگىت يەرگە يىقىلىپ كەتتى .ئۇ يەنە ئارقىسىدىن يۈگۈرۈپ كېلۋەتقان بىرەيلەنگە بۇرۇلۇپ ئۇنىڭ مەيدىسىگە بىرنى تەپتى .تاياق زەربىسىدىن يىقىلغان ئۈچەيلەن ئەمدى ئۇنىڭغا يوپۇرلۇپ كەلدى .ئۇ چاققانلىق بىلەن بىردەمدە ئۇ ئۈچ مەستنى يەرگە ياتقۇزىۋەتتى .يىگىت يەنە تېلفونىنى چىقىرىپ ساقچىغا تېلفون قىلدى.
بۇ چاغدا ئۈچەيلەن يەردە ھوشىنى بىلمەي ياتاتتى ،قورقۇپ كەتكەن قىز بولسا يەردە يۈزىنى توسوپ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاۋاتاتتى .ناتونۇش يىگىت قىزنىڭ ئالدىغا بېرىپ -قورقماڭ .بولدى ھەممە تۈگىدى ،ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ .
قىز ئورنىدىن تۇردى .يىگىت قىزنىڭ جاۋغىيدىن ئېقىپ چىققان قاننى كۆرۈپ قايتىدىن ئارقىسغا قايتىپ بايا قىزنىڭ چېچىنى تۇتقان يەردە ياتقان بالىنڭ يۈزىگە بىرنى تەپتى ،ئۇ يەنە قالغان ئىككەيلەننىمۇ يۈزىگە تەپتى .ئۇنىڭ بەدىنى غەزەپتىن تىتىرەيتتى .
-ھۇ يارىماسلار ،ئۆزۈڭنىڭ قىزىنى دەپسەندە قىلغۇچە ئۆلسەڭ بولمامدۇ ھە ! لەنەت سىلەرگە !دەپ يەردە ياتقان بىرەيلەننىڭ قورسىقىغا يەنە بىر نەچچىنى تېپىۋەتتى .ئۇ ئىڭىراپ تولغىنىپ كەتتى .
بۇ چاغدا يىگىت ماشىندىن قەغەز ئېلىپ قىزنىڭ يۈزىدىكى قاننى سۈرتتى .ئۇنىڭ چىرايىلىق كەلگەن لەۋلىرى قاناپ ئىششىپ كەتكەن ئېدى .يىگىتنىڭ قەلبىدە بىرخىل ئېچىنىش ۋە ئىچ ئاغىرىتىش پەيدا بولغان ئېدى.ئۇ قىزغا بولدى قورقماڭ ،ھەممە تۈگىدى دەپ قىزنى بەزلەپ تۇردى .
بۇ چاغدا ساقچىلار كېلىپ ئۇلاردىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىدى ،يىگىت بولغان ئەھۋالنى ساقچىلارغا ئېيتىپ بەردى ،ساقچىلار ئۇ ئۈچەيلەننىڭ قولىغا كويزا سېلىپ ئۇلارنى ماشىنغا باستى ،ۋە قالغان ئىككەيلەننىڭ قېشىغا كېلىپ:
- بىز بىلەن ساقچىغا بېرىپ دېلو يېزىشىمىزغا ماسلاشساڭلار .دېدى
ناتونۇش يىگىت،
- مەن ئاۋۋال قىزنى دوختۇرغا ئاپىراي ،ئاندىن سىلەرنىڭ تۇرۇشلۇق ساقچىخانىغا قىزنى ئېلىپ باراي. دېدى.
ساقچىلار ئۇلارغا تېلفون نومۇرىنى قالدۇرۇپ ئۈچەيلەننى ماشىنغا بېسىپ ئېلىپ كەتتى .
يىگىت قىزنىڭ ئۇنىمىغىنغا قارىماي دوختۇرغا ئېلىپ ماڭدى .قىز بۇ ناتونۇش يىگىتنىڭ ئالدىدا تولىمۇ خىجىل بولدى ،ئۇنىڭ بۇ ھالەتتە بۇ يىگىت بىلەن دوختۇرغا بارماي ئۆيگە قايتقۇسى بار ئېدى .بىراق ئۇ يىگىتمۇ قىزنى دوختۇرغا ئېلىپ بىرىشتا چىڭ تۇرىۋالدى .
يىگىت قىزنى ماشىنىنىڭ ئارقىسدا ئولتۇرغۇزۇپ يېقىن يەردىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭدى .
ئۇ ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىدىن جىم ئولتۇرغان قىزغا قاراپ ،
ھەرنېمە بولسا تەلىيىڭىز بار ئېكەن .ماڭا ئۇچراپ قالدىڭىز ،بۇ كەچتە بۇ يەردە نېمىمۇ قىلىپ يۈرگەنسىز .بىلەمسىز ،بۇ شەھەردە مۇشۇنداق كەچ قالسىڭىز بۇنداق ئىشلارغا يولۇقۇپ تۇرسىز ،ھەپتىسگە نەچچە قېتىم يۈز بىرىپ تۇرىدۇ .رېستوران ۋە كەچلىك كۇلۇبلاردىن كەچ قايتقان قىزلار بۇلارنىڭ نەزىرىدە كەچ قالغاندىن كېيىن ياخشى قىز ئەمەس دىگەن خاتا كۆز قاراشنىڭ ئاستىدا ئاسانلا ئۇلارنىڭ ئوۋ نىشانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ .
بۇرۇن ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا ئايچېچەك بۇنداق ئىشلارنى كۆپ ئاڭلاپ تۇراتتى .مەكتەپتكى قىزلار بولسۇن ياكى جەمئيەتتىكى قىزلار بولسۇن بۇنداق ئىشلارغا ئۇچراپ تۇراتتى .بەزىدە ھەتتا ياتاقداشلىرىنىڭ كەيىنىگە بىرنەچچە يىگىتىنىڭ چۈشۈۋالغانلىقى ئۇلارنىڭ ئادەم بار يەرگە بېرىپ ئۇلاردىن قۇتۇلغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن ئېدى .ئەمدى بۇنداق ئېنسان قېلىپىدىن چىققان ئىشلارنىڭ ھەپتىدە نەچچە قېتىم يۈز بىرىشى باشقا قىزلارنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاش خورلانغانلىقنى ئويلىغنىدا تېنى شۈركىنىپ كەتتى .
- بۇنىڭدىن كېيىن كەچتە سىرتقا چىققاندا دىققەت قىلىڭ ،بەك كەچ قالماڭ .
يىگىت قىزغا سەمىميلىك بىلەن ئەستايىدىل تەلەپپۇزدا ئۇنىڭغا نەسھەت قىلۋاتاتتى .
قىز يىگىتنىڭ خاتا چۈشىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنىڭغا بولغان ئىشنىڭ ھەممىسىنى دەپ بەردى .
يىگىت بۇ چاغدا قىزنىڭمۇ ئۆزىگە ئوخشاش قىسمەتلەرگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ھەم ئۆزىگە ئوخشاش ئارزۇدىكى قىز ئېكەنلىكىنى بىلدى.بىراق ئارتۇق گەپ قىلمدى،چۈنكى قىز ھەممە ئىشنىڭ باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭدا باشقىچە بىر دۇنيا قاراش بولاتتى .
كەچتە دوختۇرخانىدا ئادەم ئاز بولغاچقا ،يىگىت بىردەمدىلا نومۇر ئېلىپ بولدى .بىر قاتار تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن دوختۇر چىققان نەتىجىگە قاراپ ،
- باشقا چوڭ ئىش يوق ئىكەن ،يىقىلىپ باش تەرىپى ئازىراق يېرىلىپ كېتىپتۇ،باشنى CT غا سالدۇق .بىراق يەنە 12 سائەتتىن كېيىن بىر قېتىم كۆزىتىمىز .ھازىرچە دوختۇرخانىدا بىر كۈن ئارام ئالسۇن .
بۇ چاغدا قىز قانداق قىلىشنى بىلمەي قالدى ،ئۇنىڭ بۇ ناتونۇش يىگىتنىڭ ھېممىتىدىن يەنە داۋاملىق بەھرىمەن بولغۇسى يوق ئېدى ،ھېلھەم ئۇ بىر ئۆمۈر ئۇنتمىغۇدەك ئىش قىلدى .
بۇ چاغدا يىگىتمۇ قىزنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى پەملەپ بولدى ۋە قىزغا ،
-بولدى سىز دوختۇرنىڭ دېگىنىدەك قىلىڭ ،باشقا ئىشلاردىن ۋايىم يېمىسڭىزمۇ بولىدۇ دېگىنچە دوختۇرغا قاراپ .
ئايېچىچەك نېمە دېيىشىنى بىلمەي تۆۋەن ئاۋازدا رەھمەت دېدى.
يىگىت قىزنى بالنست ئۆيىگە ئېلىپ كىرىپ قويدى .ئۇ سىرتقا چىقىپ كىرگەن ۋاقتىدا قىز ئاللىقاچان چارچىغىندىن ئۇخلاپ بولغان ئېدى .بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئايالىمۇ تېلفون قىلىپ قالدى ،ئۇ ئايالىغا ئۆزنىڭ مەلۇم بىر ئىشلار بىلەن ھايال بولۇپ قالغانلىقىنى،ئۆزنىڭ ھېلى بىرىپ چۈشەندۈرۈپ قويدىغانلىقى ۋە ھازىر قايتىدىغانلىقىنى ئېيتتى .
قىز ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرغان چېغىدا كارۋاتنىڭ بېشىدىكى ئۈستەل ئۈستىدە بىر خەت تۇراتتى .
-خەيرىلىك سەھەر سىڭلىم ،مەن ئۆيگە كەتتىم .سىزنىڭ داۋالاش كارتىسغا سىزگە يەتكۈدەك پۇل قويۇپ قويدۇم.دوختۇرغىمۇ تاپىلاپ قويدۇم.ئەگەر ئۇ جىددى ئىش بولسا ماڭا تېلفون قىلىدۇ.كارتىدىكى ئاشقان پۇلنى خىراجەت قىلىڭ .سىز مۇزىكا كەسپىدە ئوقۇغان دېگەن ئېدىڭىز ،مەن دوستۇمغا تېلفون قىلىپ قويدۇم ،ئۇنىڭ يېڭىدىن ئاچقان مىللى مۇزىكىلىق چوڭ تاماقخانىسغا بىرىپ مۇزىكا چېلىپ بېرىڭ .ئۆزى شۇنداق ياخشى بالا .چوقۇم سىزنى رازى قىلدۇ.چوقۇم ئۇنىڭغا تېلفون قىلىڭ .مەنمۇ نومۇرۇمنى قالدۇرۇپ قويدۇم .ئەگەر ئۆي تامىقى سېغىنغان چاغدا ئۆيگە بېرىپ يەڭگىزنىڭ ئوخشىغان تامىقىنى تېتىپ بېقىڭ .
ئاكىڭىز .
قىز بۇ خەتنى كۆرۈپ تەسىرلەنگىندىن كۆز يېشى قىلدى.نېمىدىگەن ياخشى يىگىت ھە .قىز يىگىتنىڭ ياخشلىقىلىرىنى ئويلاۋاتقان چاغدا سېسترا قىز كىرىپ كەلدى -ئاكىڭىز بۈگۈن بىر سودا ئىشى بارلقىنى كېلەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ كېچە سىز ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىن بۇ خەتنى قالدۇرۇپ كەتتى .
قىز يەنە بىرقېتىم تەكشۈرشتىن كېيىن ئانچە چوڭ مەسىلە بولمىغاچقا ئۆيىگە قايتتى .ھەقىقەتەن داۋالاش كارتسىدا ئۇنىڭغا بىر ئاي يەتكۈدەك پۇل ئېشىپ قالغان ئېدى .
قىز ئۆيىگە قايتىپ بىرنەچچە كۈن ئارام ئالغاندىن كېيىن ھېلىقى مىللى مۇزىكىلىق تاماقخانىغا باردى .بۇ تاماقخانا مىللىي ئۇسلۇبتا ھەقىقەتەن ياخشى بېزەلگەن بىر ھەشەمەتلىك تاماقخانا ئىدى.ئىچىدە نۇرغۇن چەتئەللىك مېھمانلار ئولتۇرۇپ تاماق يەۋاتاتتى .ئۇ مۇلازىمەتچى قىزغا ئۆزنىڭ خوجايىننى ئىزدەيدىغانلىقىنى ،ئۇنىڭغا تېلفون قىلىپ بولغانلىقىنى ،ئىشخانسىنىڭ قەيەردىلىكىنى سورىدى .مۇلازىم قىز ئۇنىڭغا ئىشخانىنى كۆرسىتىپ قويدى .خوجايىن يىگىت تولىمۇ خۇشخۇيلۇق بىلەن ئۇنى كۈتىۋالدى .ئۇنىڭغا ھەركۈنى كەچ سائەت ئالتدىن سەككىزگىچە بۇ يەردە مۇزىكا چالىدىغانلىقى ھەم ھېلىقى يىگىتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن مۇزىكىلىق تاماقخانىنىڭ ئارقىسىكى ئولتۇراق رايوندىن بىر ئۆينى ئېلىپ قويغانلىقى ،ئۇ يەردە بىر قىز بىلەن تۇرىدىغانلىقىنى .ئۆزنىڭ ئادەم ۋە ماشىنا ئەۋەتىپ قىزنىڭ كۆچۈپ كېلىشىگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ھەم قىزغا بۈگۈن تەييارلىق قىلىۋىلىشنى ئەتە ئادەم ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
قىز شۇنداق قىلىپ بۇ يېڭى يەرگە تېزلا ئۆزلىشىپ قالدى ،ئۇ يەنە ئۆزنىڭ ياخشى كۆردىغان ئىشنى قىلىدىغانلىقى ئويلاپ تولىمۇ خۇش بولدى ،يېڭى ئۆينىڭ شارائىتمۇ شۇنداق ياخشى ،بىللە تۇرىدىغان قىزمۇ شۇنداق ياخشى ئىدى .
دېمىسىمۇ ژورنال مۇقاۋىسىدىكى ماي بوياق رەسىمگە سىزىلغان قىز ئۇنىڭغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايتتى .ئۇ دەرھال تامدىكى ئېسقىلىق باربىتقا قارىدى ،رەسىمدىكى قىزنىڭ قولىدىكى باربىتىمۇ ئۆزنىڭ باربىتىغا ئوخشايتتى ،ئەڭ ھەيران قالارلىقى باربىتتىكى ئۆزى سىزىپ قويغان چىرايلىق ئەتىرگۈلمۇ سىزىلغان .
ئايچېچەك ھەيران بولغىنىدىن قولى بىلەن ئېغىزىنى تۇتقىنىچە ،ھەمراھىغا تامدىكى باربىتىنى ئىشارەت قىلدى .قىز ژورنالنى كۆتۈرگىنىچە تامدىكى باربىت بىلەن رەسىمدىكى باربىتنى سېلىشتۇردى .
-سەن پورتىرىت بولۇپ بېرىپىتىكەنسەن دە ،ھەتتا باربىتىڭمۇ ئوخشاش.
-ياق ،مەن ئۇ بالىنى تونومايمەن ،مەن ئۇنىڭغا مودىل بولغانمۇ ئەمەس .مېنىڭ ئوخشاپ قالغىنم ھەيران قالارلىق ئەمەس ،بەلكىم ماڭا ئوخشاش بىرەيلەننى سىزغاندۇ دېسەكمۇ ،قىزنىڭ قولىدىكى باربىتمۇ مېنىڭ باربىتىم بىلەن ئوخشاش ئىكەن .ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بالىنى مەن بىر يەردە كۆرگەندەك ،لېكىن ھېچ ئېسمگە ئالالمايۋاتىمەن ،خۇددى چۈشۈمدە كۆرگەندەك غۇۋا .
ئايچېچەك بۇنىڭ سىرىنى يېشەلمىدى ،ئۇزۇن ئولتۇرغاندىن كېيىن دوستىغا قاراپ بىز ئەتە رەسىم كۆرگەزمىسىگە بېرىپ كېلەيلى دېدى .چۈنكى ئەتسى ئۇلار دەم ئالاتتى .
ئەتسى ئۇلار رەسىم كۆرگەزمىسىگە باردى .رەسىم كۆرگەزمىسىدە،بولۇپمۇ كۈنتىكىننىڭ كۆرگەزمە رايونىدا بۇ رەسىملەرگە قىزىقىپ كەلگەن ئادەملەر كۆپ ئىدى .قىز تامدىكى ئېسلغان رەسملەرگە قاراپ قېتىپ قالدى .سىزىلغان ھەممە رەسىمدىكى قىز ئۆزى ئىدى . بۇلارنى كۆرۈپ ئايچېچەك تېخمۇ ھەيران بولدى .
ئەتىراپىدىكى رەسىم كۆرۈشكە كەلگەن كىشلەرمۇ بىر قىزغا بىر رەسىمگە قاراپ بىر-بىرىگە پىچىرىلىشاتتى ؛
-قارا ئاۋۇ قىز پورتىرىتتىكى قىز شۇمۇ نېمە ؟نېمانداق ئوخشىغان .
-شۇنداق ئوخشايدۇ ،ئاۋۇ كېچىدە كۆلدە يۇيۇنىۋاتقان يېرىم يالىڭاچ رەسىمگە مودىل بولۇپ بەرگىنىگە قارىغاندا ،بۇ قىزنىڭ ئىستىلى سەل چاتاقمۇ نېمە ؟
-بەلكىم ،رەسسام بىلەن چاتىقى باردۇ .
ئۇلار بۇلارنى پىچىرلىشىپ ،ئايچېچەككە قاراپ مەسىخىرە قىلغاندەك كۈلۈپ قويدى .ئۇلارنى رەسىم كۆرگەزمىسگە رەسىمدىن بەدىئىي زوق ئېلىشقا كەلدى دىگەندىن كۆرە ،نۇرغۇن پۇلغا يارىغان بۇ رەسىملەرنىڭ قىزىقىنى كۆرۈشكە كەلگەنلەر ئېدى .شۇنداقتىمۇ ئۇلار رەسمنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلىپ تىللىرىنى چاكىلداتقىنچە ،
-مەنمۇ بۇنداق رەسملەرنى سىزالىغان بولسام باي بولۇپ كېتەتتىم .دېگىنىچە ئايېچەكنىڭ قېشىدىن يىراقلاپ كەتتى .
ئايچېچەك بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ يەنە ھەيرانلىق ئىچىدە رەسىمگە قايتا-قايتا قارايتتى .قىز راستىننلا نېمە ئىش بولغىنىنى ئاڭقىرالمىدى .
ئۇ بايا ئۇلار ئېيتقان يېرىم يالىڭاچ سىزىلغان ماي بوياق رەسمنىڭ قېشغا كەلدى .
ئۇنىڭ رەسسام بىلەن كۆرۈشكۈسى بار ئىدى .ئەپسۇس ،كۈنتىكىن بۈگۈن بىر تېلۋىزىيە ئىستانسىنڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ شۇ يەرگە كەتكەن ئىدى .
ئايچېچەك ئۇ يەردىن بۇقېتىملىق كۆرگەزمىنىڭ رەسىملىك ژورنىلىدىن بىرنى سېتىۋىلىپ قايتىپ كەلدى .ئۆيگە قايتىپ رەسىملىك ژورنالدىن كۈنتىكىننىڭ سىزغان رەسىملىرىنى كۆردى ،رەسىملەر ھەقىقەتەن ياخشى سىزىلغان ئېدى ،گەرچە بۇ كۆپەيتمە نۇسخىدىكى رەسىملەر بولسىمۇ ،يەنىلا كىشىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلاتتى .ئۇ رەسىملەرگە ئەستايىدىللىق بىلەن بىر-بىرلەپ قاراپ چىقتى .رەسىمدىكى قىزنىڭ پورتىرىتى راستىنلا ئۆزىگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايتتى .ئۇ ئۆزنىڭ ماي بوياق رەسىمدە بۇنداق چىرايلىق چىقىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئېدى ،رەسىمدىكى باربىت چېلۋاتقان ئۆزنىڭ گۈزەل كەلگەن ھۆسنىگە ئۆزىمۇ ھەۋەس قىلىپ ئۇزۇن قاراپ كەتتى .
ئۇ ژورنالنىڭ مۇقاۋىسىدىكى رەسسامغا قارىدى ،رەسسامنىڭ كۆزى ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغاندەك بىلىندى ،ئۇنىڭ ئېنچىكە كەلگەن بۇرۇتى ئۇنىڭغا تولىمۇ ياراشقان ئېدى .ئۇنىڭ بوغۇۋالغان ئۇزۇن چېچىغا قاراپ كۈلۈپ كەتتى .سەنئەتكار ئەمەسمۇ ،ئۆزىمۇ ئوقۇۋاتقان چېغدا رەسىم فاكۇلتىدىكى ئوقۇغۇچىلار مۇشۇنداق غەيرى يۈرەتتى ،بەلكىم بۇ ئۇلارنىڭ خارەكتىرى بىلەن ،كەسىپكە بولغان ئۆزنى بېغىشلاش روھى تۈپەيلىدىن بولسا كېرەك دەپ ئويلىدى.گەرچە ئۇنىڭ قويۇۋالغان ئۇزۇن چېچى باشقىلارنىڭىكىدەك چاكىنا بىلنمىدى ،ئەكسىچە ئۆز ئوبرازى بىلەن بىرىكىپ كەتكەن ئېدى.قىز ئۇنىڭ ھەممە يېرىنى دېگۈدەك كۆزىتىپ چىقتى .ئۇنىڭ كۆزلىرى تولىمۇ چىرايلىق ئېدى ،ئۇمۇ بۇ كۆزلەرنى قەيەردىدۇ كۆرگەندەك تونۇش ھەم ئىللىق بىلندى .ئۇ كۈنتىكىن دىگەن ئىسمنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز «كۈنتىكىن »دەپ پىچىرلىدى....
ئۇ ئاستا دېرىزىنى ئېچىپ ئاسمانغا قارىدى ،گەرچە بۇ شەھەرنىڭ ھاۋاسى بۇلغانغان بولسمۇ ،تولۇن چىققان ئاي بۈگۈن تولىمۇ نۇرلۇق بولۇپ كەتكەن ئېدى .ئايچېچەك ئايغا باقتى ،ئايدىن كۈنتىكىننىڭ سېماسىنى كۆرگەندەك بولدى.ئۇ ئۆزىگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرغاندەك بېلندى .ئايچېچەك ئاستا قايتىپ كېلىپ تامدىكى ئەينەككە قارىدى .ئۇ ئۆزنى بۇنداق چىرايلىق ھالەتتە كۆرۈپ باقمىغان ئېدى .تال-تال بولۇپ تۆكۈلگەن كىرپىكلىرى ئاستدىكى كۆزلەر شۇنداق چىرايلىق نۇرلىنىپ تۇرسىمۇ ،ئۇنىڭ ئاستىدا يەنە ھەسىرەتنىڭ كۆلەڭگىسى ئەگىپ يۈرگەندەك بېلىندى .ئۇ كۆزلىرىنى يۇمۇپ ئارقىسغا ئۆرۈلۈپ كارۋىتىغا كېلىپ ياتتى ،ئۇنىڭ قولىدا رەسىملىك ژورنال ھېلھەم تۇراتتى ،ئۇنىڭدا تۇرۇپلا رەسسام يىگىتىكە بولغان كۈچلۈك قىزىقىش پەيدا بولدى .توغىرسى قىزىقىش ئەمەس ،بەلكى بىر ھاياجانلىق سېزىم ئېدى .خۇددى يىگىتكە ئاشىق بولغاندەك ئۇنىڭ رەسىمىگە تويماي قارايتتى .قىز رەسىمىگە قارىغىنچە ئۇخلاپ قالدى...
* * * *
يوغان بىر تۈپ قېيىن دەرىخى ئاستىدا قىز قولىدا بىر تال ياۋا گۈلنى ئۇستىغىنىچە ئولتۇراتتى ،قىزنىڭ قوڭۇر كەلگەن كۆزلىرى يىراقتىكى ئاق قار بىلەن كۆمۈلگەن چوققىغا قاراپ تىكىلىپ تۇرغان ئېدى .ئۇ ئاتنىڭ تۇياق ئاۋازنى ئاڭلىدى،ئۇ كۆزىنى يۇمۇپ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا «ئۇ كەلدى،ئۇ كەلدى »دەپ بوشقىنە پىچىرلىدى.ئۇنىڭ يۈرىكى ھاياجان ئىچىدە تېز سوقۇپ كەتتى .قولىنى كۆكسىگە ئاپىرىپ يۈرىكى بار جايغا بوشقىنە قويدى ،يۈرىكى تولىمۇ كۈچلۈك سوقۇۋاتاتتى ،بىر ئوتلۇق سېزىم ،تونۇش سېزىم ئۇنىڭ تومۇرلىرىنى بويلاپ ئېقىپ يۈرەك تامان باراتتى .
ئۇ كۈلۈمسىرىگىنچە كۆزىنى يۇمۇپ ئولتۇرۋەردى ،يىگىتنىڭ چوقۇم ئاق قېيىن قېشىغا كېلىدىغانلىقىنى بىلەتتى ،ئۇ يىگىت كەلگەندىن كېيىن ،يىگىتنىڭ ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ بوشقىنە پىچىرلاپ ،مەلىكەم كۆزۈڭىزىنى ئېچىڭ دىگەن ئاندىن كۆزۈمنى ئېچىپ ئۇنى باغرىغا ئۆزۈمنى ئاتىمەن دىگەن ئوي بىلەن كۈلۈمسىرىگىنچە كۆزىنى ئاچماي ،بۇ تاتلىق خىياللار بىلەم مەسىت بولۇپ ئولتۇردى .
بىراق ئات تۇيىقى ئاۋازنىڭ بارغانسىرى يېقىنلىشىشى بىلەن ئۇ كۆزىنى ئېچىپ ئورنىدىن تۇرۇپ يىگىت تەرەپكە قارىدى ،قېينزارلقىتىكى كىچىك چىغىر يولدا يىگىتنىڭ پەيدا بولغىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇردى .ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن يىگىتكە بولغان كۈچلۈك تەلپۈنۈش بالقىپ تۇراتتى .
يىگىت ئۆز مەھبۇبسىنىڭ چىرايلىق كېيىنىپ ئۇنىڭغا قاراپ چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن كۈلۈمسرەپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئاتتىن سەكرەپ چۈشۈپ قىز تەرەپكە تېز قەدەملەر بىلەن ماڭدى ،بېرىپ قىزنى چىڭ قۇچاقلاشنى ئويلىغان بولسىمۇ ،بىراق قىزنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۇنىڭ قەدەملىرى ئاستىلاپ قالدى .قىزغا كۈلۈمسىرەپ بېقىپ
-كەچۈرۈڭ ،سىزنى ساقلىتىپ قويدۇم دەپ بېشىنى تۆۋەنگە قارىتۋالدى .ئادەتتە ئۇ بېشىنى تۆۋەنگە قاراتماي ھەرقاچان مەغرۇر يۈرەتتى .ھەرقانچە كۈچلۈك ياۋ ئالدىدىمۇ ،ئۇ مەغرۇرلۇق بىلەن بېشىنى تىك كۆتۈرۈپ ،باتۇرلۇق ھەرقاچان جىلۋىلىنىپ تۇرىدىغان كۆزلىرى بىلەن ئۆز جاسارىتىنى نامايەن قىلاتتى .بىراق،قىزنىڭ ئالدىغا كەلگەن چېغىدا ،بۇ جاسارەتنىڭ ئورنىنى مۇلايىملىق ئىگەللەيتتى .كۆزلەر قاياقلارغىدۇ قاچاتتى .
قىز ھېچقىسى يوق ،مەن بالدۇر چىقتىم. دەپ كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا تىكتى ،ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن يىگىتكە بولغان كۈچلۈك تەلپۈنۈش چىقىپ تۇراتتى ،كۈنتىكىن قىزنىڭ كۆزىگە بىر قاراپ ،يەنە كۆزلىرىنى باشقا ياققا ئېلىپ قاچتى .
-يۈرۈڭ ،بىللە ئايلىنىپ كېلەيلى دەپ ماڭدى .
قىز يىگىتنىڭ ئارقىسدا مېڭىۋاتاتتى ،ئۇ يىگىتنىڭ قامەتلىك كەلگەن گەۋدىسىگە قاراپ ھەۋەسلىنىپ قاراپ قوياتتى .يىگىتنىڭ قەدەملىرىدىن ئۇنىڭغا مۇھەببەتنىڭ گۈللىرىنى تۆكۈپ ماڭغاندەك بىلندى ،ئۇ بۇ تۆكۈلگەن مۇھەببەت گۈللىرىنى خۇددى قۇياش نۇرى سۆيگەن كەڭ دالىدىن ياۋا گۈللەرنى ئۆزگەندەك ئاۋايلاپ تېرىپ ماڭاتتى .
كۈنتىكىنمۇ ئارقسىدىن سايىدەك كېلۋاتقان قىزغا قاراپ بىللە مېڭىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلسمۇ ،نېمىشقىدۇ جۈرئەت قىلالمايتتى ،ئۇ قىزنىڭ ئۆز سايىسىگە ئايلانغاندەك ھېس قىلدى ،ئارقىسىدىن قىزنىڭ ئىللىق شامالدەك يېنك ئۇچۇپ كېلۋاتقاندەك ھېس قىلدى .ئۇ ئىللق شامال ئۇنىڭ بەدىنىنى ئىسسىق ھارارەتكە چۆمدۈرەتتى .يۈزلىرىنى يېنىك سېيپاپ ئۆتۈپ يۈزلىرىنى سۆيەتتى .
كۈنتىكىن ئىختىيارسىز قەدەم ئېلىشنى توختاتتى ۋە ئارقىسغا بۇرۇلدى .ئايچېچەك بېشىنى يەرگە قارىتىپ كېلۋاتاتتى ،ئۇنىڭ بۇ ھالىتى تولىمۇ ئوماق ئېدى .بۇنى كۆرۈپ كۈنتىكىن ئىچ-ئىچىدىن سۆيۈنۈپ كەتتى .ئارقىسىدىن قالماي ئۇنىڭ بىلەن تەڭ كېلۋاتقان قىز بېشىنى تېزلا كۆتۈرگەن بولسىمۇ ،بىراق ئۆزىنى توختىتالماي يۈزى يىگتنىڭ يۈزىگە كېلىپ توختاپ قالدى .ئارلىق شۇنچە يېقىن ،كۆزلەر بىر بىرىگە تىكىلىپ قاراپ قالدى .بىر-بىرسنىڭ يۈزىگە قارشى تەرەپتىن كېلۋاتقان ھارارەتلىك تىنقىلار ئۇرۇلاتتى ،قىز ئاستا كۆزىنى يۇمدى .كۈنتىكىنمۇ كۆزىنى يۇمۇپ لەۋلىرىنى قىزنىڭ لەۋلىرى تەرەپكە ناھايىتى ئاۋايلاپ ئاپاردى.لەۋلەر بىر-بىرىگە تەشنا بولۇپ كەتكەن ئېدى.لەۋلەر ئاستا ئاستا بىر-بىرىگە يېقىن كېلۋاتاتتى .
لەۋلەر تېگىشەي دىگەندە ،دەرەخ ئۈستىدىكى بىرجۈپ تېيىننىڭ بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ،چۇرقىراشقان ئاۋازى ئۇلارنى توختىتىپ قويدى .ئۇلار تېزلىكتە كۆزىنى ئاچتى ،لەۋلەرنىڭ تېگىشىگە بىر نېپىز پەردىدەك ئارلىق قالغاندا توختاپ قالدى.قىز بىردىنلا ئۆزنى قاچۇردى .
بۇ چاغدا ئۇلار قېيىنزارلىقنىڭ يانباغىرىدىكى بىر تىك كەلگەن ئورۇنغا كېلىپ توختىغان ئېدى ،ئايچېچەك قاراڭ ،مالنا پىشىپتۇ دەپ ،قويۇق كەلگەن مالنا چاتقاللىقى ئىچىگە يۈگۈرۈپ كىرىپ كەتتى .ئۇ تۇرغان جايىدا قېتىپ تۇرۇپ قالدى ، ئاتنىڭ ئېگىرىگە ئىلىپ قويغان ئوقيانى ئېلىپ ئۇ تېيىنلارنى جېنىدىن جۇدا قىلغۇسى كېلىپ كەتتى ئامال قانچە ،شۇنداق ياخشى پۇرسەت قولدىن كەتتى.بۇ چاغدا ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ دەرەخ ئۈستىگە قارىدى ،بايىقى شوخ تېيىنلار بىر –بىرىنى قوغلاپ دەرەخ غولىدا ئايلىنىپ يۈگۈرشۈپ يۈرەتتى .ئۇلار غەمسىز ھالدا يەنە چۇرقىراشقىنىچە بىر –بىرنى قوغلاشقىنىچە قويۇق دەرەخ شاخلىرى ئارسىدا سەكرەپ يۈرۈشەتتى .
كۈنتىكىننىڭ ئەمدى ئۇلارغا مەستلىكى كېلىپ كەتتى ،ئىككى تېيىن بىر-بىرىنى قوغلاپ قويۇق دەرەخ شاخلىرى ئارسىدا غايىپ بولدى.
ئايچېچەك ئالقىنىدا جىق مالىنانى ئاۋايلاپ كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى .
-قاراڭ ،نېمىدىگەن چىرايلىق قىزىرىپ پىشقان ھە ،يەمسىز ؟مەن ئېغىزىڭىزغا سېلىپ قوياي ،ئاغزىڭىزنى ئېچىڭ .
كۈنتىكىن ئېغىزىنى ئېچىشغا ،ئايچېچەك ئۇنىڭ ئاغىزىغا بىر تال يوغان مالىنانى ئاپىرىپ سالاي دەپ ،ئۆزنىڭ ئېغىزىغا چاققانلىق بىلەن سېلۋالدى .
-خەپ . مېنى ئەخمەق قىلۋاتامسىز .مەن قولىڭىزدىكى مالىنانى بىراق تارتىۋالمىسام .دەپ قىزنىڭ قولىدىكى مالىنانى ئېلىشقا شۇنداق قولىنى ئاپىرىشىغا قىز چاققانلىق بىلەن ئارقىغا بۇرۇلۇپ قاچتى .
-قېچىپ قەيەرگە بارالايسىز ،سىزنى تۇتۇۋالمىسام ھېساب ئەمەس .دەپ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كەتتى .قىز بىر تەرەپتىن قاچسا بىر تەرەپتىن ۋىلىقلاپ كۈلەتتى ،كۈنتىكىنمۇ كۈلۈپ قىزنىڭ ئارقسىدىن كۈلگىنىچە ئۇنى قوغلاپ كەتتى .ئۇلارنىڭ كۈلكىسى جىمجىت قېيىنزارلىق ئىچىدە ئەكس سادا پەيدا قىلىپ جاراڭلايتتى .
قېيىن دەرەخلىرىنىڭ يۇپۇرماقلىرى يېنىك چىقۋاتقان تاغ شامىلىدا شىلدىرىلىشىپ تۇراتتى .ھېلقى بىر جۈپ تېيىن ئەمدى دەرەخ شېخى ئۈستىدە تۇرۇپ يۈزلىرىنى بىر-بىرىگە سۈركەپ كۈيلەۋاتاتتى .
تاش ئۈستىگە ئۈنۈپ قالغان بىر تال تاغ لەيلىسى قىز قاچقان يەردە شامالدا تەۋرەنگىنىچە تۇراتتى .ئۇنىڭ بەرگىلىرى ئارسىدا بىر تال ھەسەل ھەرىسى گۈل چېڭى يىغىۋاتاتتى ،ئۇ گۈل چېڭى يىغىپ بولۇپ ئۇچۇپ كەتتى .گەرچە ھەسەل ھەرىسى ئۇچۇپ كەتكەن بولسمۇ،قويۇق دەرەخ شاخلىرى ئارسىدىن چۈشۈۋاتقان بىرتال تەڭگىدەك چوڭلۇقىدا چۈشۈۋاتقان قۇياش نۇرى گۈل بەرگىگە چۈشۈپ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇۋاتاتتى .
ئۇلار قايتقان چاغدا ،كۈن ئاللىقاچان تاغ ئارقىسغا ئۆتۈپ ،يۇلتۇزلار ئاسماندا جىمىرلاپ تۇرغان چاغ بولغان ئېدى.قىز بۇ چاغدا بىردىنلا ئېسىگە كېلىپ
-ئاپلا دادامدىن تىل ئىشتىدىغان بولدۇم.چىقىدىغان چاغدا ،ئاپامغا دەپ قويغان ،شۇنداقتمۇ بەك كەچ قالدىم .دادام بەك تىللاپ كېتەرمۇ ؟دەپ ئەنسىرەشكە باشلىدى.
كۈنتىكىن ،ئۇنداق بولسا مەن سىزنى ئاپىرىپ قوياي دەپ ،ئاتنى ئېگەرلەپ قىزنىڭ ئالدىغا كەلدى .
قىز ئېتتىكلىك بىلەن ئاتنىڭ كەيىنگە چىقىتى ،كۈنتىكىن ئاتنىڭ يالىنى سىلاپ قويۇپ «چۇھ»دېگىنىچە ئاتنى دېۋىتتى .
كەچ بولغاندا تاغنىڭ ھاۋاسى سوۋۇپ كېتەتتى.ئايچېچەك كۈنتكىننىڭ ئارقىسدا ئۇنى قۇچاقلاپ ،يۈزىنى كۈنتىكىننىڭ دۈمبىسىگە چىڭ چاپلاپ ئولتۇراتتى ،ئۇنىڭ بەدىنىدىن ئوتتەك ھاراراەت كېلىپ تۇرغاندەك بىلىندى.خۇددى كىچىك چاغلىرىدا دادىسنىڭ ئارقىسىدىن مۇشۇنداق قۇچاقلاپ ماڭغانلىرى ئېسىگە كەلدى .
كىچىكىدە دادىسى دائېم ئۇنى باشقا قەبىلىدىن تونۇشقان ئاداشلىرىنىڭ قېشىغا مېھماندارچىلىققا ئېلىۋالاتتى ،دادا قىزىغا شۇنداق ئامراقلىق قىلاتتى،ئۇنى بىر چۈش كۆرمىسە چىدىيالماي قالاتتى ،ئايچېچەك دائىم دوستلىرى تاغ ئارسىدا ئويناپ يىراقلاپ كېتەتتى ،چۈنكى ئۇنىڭ بىردىنبىر ۋەزىپىسى ئەتىگەندە ئانىسى كالىلارنى سېغىپ بولغاندىن كېيىن موزايلارنىڭ كالىنى ئېمىۋالماسىلىق ئۈچۈن ئانىسىدىن باشقا يىراق يەرگە ئاپىرۋىتىش .كەچتە بولسا موزايلار ئۆز قايتىپ كېلەتتى .ئەتىگەن موزايلارنى ئاپىرۋەتكەندىن كېيىن ئۆيىدىكىلىرى بىلەن ئەتىگەنلىك ئەتكەن چاينى ئىچىپ بولغاندىن ،ئاۋۇلدىكى دوستلىرى بىلەن بىللە ئوينايتتى .ئۇلار بەزىدە ئويناپ ئاۋۇلدىن خېلى يىراقلاپ كېتەتتى .بۇ چاغدا ئۇلار خېلى ئۇزۇنغىچە ئاۋۇل تەرەپكە قايتىپ كەلمەيتتى .شۇنىڭ بىلەن دادا ئۆز قىزىنى ئىزلەپ بېرىپ ئۇنى ۋە دوستلىرىنى ئاتقا مېندۈرۈپ قايتىپ كېلەتتى .
دادىسى ھەرقېتىم ئاداشلىرنىڭ ئۆيىگە يوقلاپ بارغىنىدا ئۇنى ئېلىۋالاتتى ،ساھىبخان ئۇلار ئۈچۈن قوي سوياتتى ،ئاندىن يېڭى ئېچىتلغان قىمىزنى ئۇلارغا قۇياتتى ،ئۇلار كەچ بولغاندا ئاندىن قايتاتتى ،بەزىدە ئايچېچەك دادىسىنىڭ ئالدىكى ئېگەردا ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قالاتتى .ئۇيقۇسى كەلمىگەن چاغدا ،داداسنىڭ ئارقىسغا ئولتۇرۇۋالاتتى .چۈنكى يېنىك چىققان سوغ تاغ شامىلىنى دادىسنىڭ گەۋدىسى توسۇپ ماڭاتتى .ئۇ داداسىنىڭ ئارقىسدا ئولتۇرۇپ ،يۇلتۇزلارغا ۋە ئايغا قاراپ ماڭاتتى .داداسىدىن
-دادا نېمىشقا كۈندۈزى يۇلتۇز يوق ؟ دەپ سورايتتى ،داداىسى بۇنداق سوئاللارغا كۆك تەڭرىم مۇشۇنداق قىلىپ ياراتقان دەپ جاۋاب بېرەتتى .
قىز ئەمدى كۈنتىكىنىڭ ئارقىسدا ئولتۇرۇپ بۇلارنى ئويلاشقا باشلىدى .مانا ئەمدى ئۇمۇ ئۆز يېگىتىنى چىڭ قۇچاقلاپ ئولتۇرۇپتۇ ،خۇددى كىچىك چېغىدا دادىسىنى مۇشۇنداق خاتىرجەم قۇچاقلىغان .مەن نېمىدىگەن بەختىلىك ھە .دەپ ئويلايتتى قىز .
بۇ چاغدا كۈنتىكىنمۇ قىزنىڭ ئۆزىنى قۇچاقلاپ مېڭىشىدىن شۇنداق خاتىرجەم كېتۋاتاتتى .گەرچە قىزنىڭ ئۇنى قۇچاقلىغان يېرىدىن بىر ئوتلۇق سېزىم بەدىنگە تاراۋاتقان ھەم باشقىچە تۇيغۇلارنى ئويغۇتۇپ قويغان بولسىمۇ ،ئۇ ئۆز ھېسياتنى كونتىرول قىلىپ مېڭىۋاتاتتى .ئۇ شامالدا سەگىش ئۈچۈن ئاتنى چاپتۇردى .
ئۇلار ئەمدى بىر تۈپمۇ دەرەخ يوق تاغنىڭ ئۈستىدىكى چىغىر يولدا ئات بىلەن چېپىپ كېتۋاتاتتى .يان تەرەپتىن قارىغاندا ئۇلار خۇددى يۇلتۇزلۇق ئاسماندا ئۇچىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى .قىز ئاستىراق دەپ كۈلگىنچە كۈنتىكننىڭ بېقىنىغا نۇقۇيتتى ،كۈنتكىنمۇ ئۆزىنى قاچۇرۇپ كۈلگىنىچە ئاتنى «چۇھ»دەپ قويۇپ قىزنىڭ چىشىغا تېگىپ قوياتتى .جىمجىت كېچىدە ئۇلارنىڭ كۈلكىسى ھەر تەرەپكە تارايتتى .ئۇلار ئېتىنى چاپتۇرۇپ ئايچېچەكنىڭ ئۆي تەرەپكە بۇرۇلدى ،بۇ چاغدا ئۇلار خۇددى يوغان چىققان تولۇن ئايغا كىرىپ كەتكەندەك يوقاپ كەتتى ...
ئايچېچەك سائەتنىڭ داڭ ئۇرۇشى بىلەن ئويغىنىپ كەتتى .ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ دېرىزە پەردىسىنى ئېچىۋەتتى ،تۆۋەندە كىشلەر ئەتىگەنلىك تىرىكچىلىكىنى باشلۋەتكەن ،ھەممە چۈمۈلىدەك ئالدىراش بولۇپ كەتكەن ئېدى .
ئۇ ئادەتتە ئىشغا كەچ سائەت بەشتە بېرىپ بولاتتى ،قالغان ۋاقىتىلاردا تولا ھاللاردا ئۆيىدە بولاتتى ،تېخى يېقىندىلا يۈز بەرگەن كۆڭۈلسىز كەچۈرمىشلەر ئۇنىڭ قەلبىدىن تېخى يۇيۇلۇپ چىقىپ كەتمىگەن بولغاچقا ،ئۇ ئۆيدىن چىقمايدىغان بولدى ،ئادەتتە تېلىۋىزور كۆرۈش بىلەن كۈنىنى ئۆتكۈزەتتى .ئۇ ئەتىگەنلىك ناشتىسىنى تەييارلاپ ئۈستەلگە قويۇپ بولۇپ ،تېلىۋىزورنى ئاچتى ،تىلۋىزورنى ئاچقان چېغىدا تېلۋىزوردىن كۈنتىكىننى زىيارەت قىلغان پروگرامما قويۇلۇۋاتاتتى ،كۈنتىكىننىڭ چېچى قىسقا قىلىپ ياسىتىۋىتىلگەن ئېدى .ئۆزىگە ياراشقان كاستۇمى ئۇنى تېخمۇ سالاپەتلىك قىلىپ كۆرسەتكەن ئېدى .
ئۇ رىياسەتچىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىۋاتاتتى ،ئۇنىڭ ئاۋازىمۇ يېقىملىق ئېكەن دەپ ئويلدى قىز ،
رىياسەتچى قىز كۈنتكىندىن ؛
-سىزنىڭ بۇ قېتىمقى رەسىم كۆرگەزمىڭىز رايونىمىزدا غۇلغۇلا قوزغاپ قالماستىن بەلكى دۇنيا خەلقىنى ھەيران قالدۇردى ،ئۇلار ھايات داۋىنچتىن بىرى پەيدا بولدى دەپ سىزگە بولغان ئېتراپ قىلىشنى بىلدۈردى .ئاڭلىساق سىزنى ئامىرىكىدىكى داڭلىق سەنئەت سالونى ۋە فىرانسيە پارىژ لۇۋىر سارىيى كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلىپتۇ.بۇنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز .سىزنىڭ ئۇيغۇر رەسسامچىلىقىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرگەنلىكىڭىز ۋە ئۇلارنىڭ كۈچلۈك ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشكەنلكىڭىزدىن تەسىرلەندۇق .ئەمدى كۈنتىكىن ئەپەندى ،سىزنىڭ بۇ قېتىم ياراتقان ئوبرازىڭىزنىڭ ھەممىسى بىر قىزنىڭ ئوبرازى ،يەنى يىراق ئۆتمۈشتكى ئورخون خانلىقىدىكى بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ ئوبرازى ئېكەن .بۇنىڭ پورتىرىتى كىم دىگەننى ھەممە ئويلىشۋاتىدۇ ،بۇ ھەقتە بىزگە بىر نەرسە دەپ بېرەمسىز ؟
-بۇ ھەقتە سۆزلىسەم بەك ئۇزۇن بولۇپ كېتىدۇ ،ئۇ قىزنىڭ ئوبرازى مېنڭ چۈشۈمدە كۆرگەن بىر قىزنىڭ ئوبرازى ،مەن ئۇدا بىرنەچچە ئاي بۇ چۈشنى كۆردۈم ۋە ھەيران بولدۇم .بۇنىڭ خۇددى ماڭا كەلگەن بىر بېشارەتتەك ھېس قىلدىم .ئاندىن بۇ چۈشتىن كەلگەن ئېلھام بىلەن بۇ ئوبرازىنى يارىتىپ چىقىتىم .بىراق مەن ئەمەلىيەتتە بۇ چىرايدىكى قىزنى رىئال دۇنيادا كۆرۈپ باقمىدىم .مېنىڭ دەيدىغىنم مۇشۇنچىلىك .
-ئاڭلىساق ،سىز كۆرگەزمە قىلۋاتقان چاغدا كىشلەر بىر قىزنىڭ سىزنىڭ ماي بوياق رەسىملىرىڭىزنى كۆرگەنلىكى ،ئۇ قىزنىڭ رەسىمدىكى ئوبرازغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغانلىقىنى كۆرگەنلىكنى ئېيتىشماقتا .بۇنىڭغا قانداق قارايسىز ؟
-مەن ئۆزۈم سىزغان بۇ قىزنى راستىنلا رېئال تۇرمۇشتا كۆرۈپ باقمىدىم ،ئەگەر شۇنداق بولسا ،شۇ قىزنى بىر كۆرۈپ باققۇم بار .بەلكىم ئۇ قىزنى بىر كۆرۈپ ياخشى كۆرۈپ قېلىشىم مۇمكىن .
بۇ چاغدا رىياسەتچى قىز ۋە تۆۋەندە ئولتۇرغان تاماشىبنلار كۈلۈشۈپ كەتتى ،ئايچېچەككە خۇددى بۇ سۆزلەرنى ئۆزىگە قارىتىپ دەۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى .دېمىسمۇ كۈنتىكىن بۇ گەپلەرنى دەۋاتقان چېغىدا كۆزى ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلگەندەك كۆرۈندى .
-ئاخىرىدا كەڭ تېلىۋىزور كۆرگۈچى تاماشىبنلارغا دەيدىغان سۆزىڭىز بارمۇ ؟
-ئالدى بىلەن خەلقىمنىڭ مېنى قوللىغىنغا ۋە ئاقكۆڭۈل كىشلەرنىڭ سەمىمىي ياردىمىگە تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن .
مەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەت تاپالمىدىم .ئەگەر بۇ چۈشنى كۆرمىگەن بولسام ئەشۇ ئۈمىدىسىزلىك ۋە چۈشكۈنلۈك ئىچىدە تۈگىشىپ كېتىشىم تامامەن مۇمكىن ئېدى .مېنىڭ كۆرگىنم چۈش بولۇپلا قالماي بەلكى بىر ئۈمىد.مېنىڭ ئۆز تەڭتۇشلىرىمغا دەيدىغىنم ،شۇنداق ،ھەممىزنىڭ قەلبىدە بىر خىل كۆرۈنمەس قورقۇنچ ۋە قاراڭغۇلۇق بار.شۇنداقلا ئەشۇ قاراڭغۇ قورقۇنچقا تولغان ئېزىقىش ئىچىدە بىر غايىۋى نۇر بىزنىڭ قەلبىمىزنى ئىزچىل يورۇتۇپ كېلىۋاتىدۇ .ئۇ بولسمۇ ئۆزلۈك .ئاشۇ ئۆزىنى تونۇشتىن ئېبارەت بۇ نۇرنىڭ بىزنىڭ قورقۇنچ ۋە ئېزىقىشقا تولغان ھايات يولىمىزنى يورۇتۇتىغانلىقىغا ئىشىنمەن.
رەھمەت.
ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى ئايچېچەككە قاتتىق تەسىر قىلدى .ئۇ ئولتۇرۇپ ئۆزى ھەققىدە ئويلاندى ،ئۆزنىڭ بۇ شەھەردە قېلىشمۇ ،ئۆزنىڭ باربىتتىن خەلق سۆيىدىغان ،خەلق ئېتراپ قىلىدىغان مۇزىكىلارنى ئىجاد قىلىش ئەمەسمىدى .ئەشۇ تاڭ سۇلالسى ئوردىسىدا غەربىي يۇرتنىڭ سازى دەپ ئەتىۋارلىنىپ چالىدىغان سازنى ،شەرق رىۋايەتلىرىدە ئاسماندىكى يورۇن سۇلتان ئوردىسىدا پەرشىتلەر چالىدىغان ساز دەپ ھۆرمەتلىنىپ كېلۋاتقان مۇزىكا ئەسۋابىدىن ھەققى ئۇ تەۋە بولغان خەلق مۇزىكىلىرنى ئىجاد قىلىش ئەمەسمىدى .شۇنداق ئۇنىڭ قەلبىمۇ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە بولسمۇ ،بۇ ئۈمىد نۇرى ئۆچمىگەن ئېدىغۇ ،نېمىشقا ئاشۇ نۇرنى بويلاپ ئۆز مەنزىلىگە يەتمەيدۇ ؟
ئۇ بۇلارنى ئويلاپ يەتكەن چېغىدا ،ئۆزنىڭ ئىلگىرى تۇرمۇشتىكى بەزى پاسسىپ ئويلار بىلەن ئىزچىل باھانە كۆرسىتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدى .راست،ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن خىزمەت تاپالماي ،چۈشكۈنلۈك پاتقىقىغا پېتىپ يۈردى .نۇرغۇن ياشلارمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش چۈشكۈنلۈككچە پاتماقتا ،ئۇلاردا ئۈمىد بارمۇ ،بۇ قىزغا نامەلۇم ،بىراق قىزنىڭ ئۈمىدى بار .شۇنداق ئۈمىد بولغان ئېكەن ،قالغان ئىشلارمۇ بولىدۇ ،ئەمدى پەقەت قول سېلىشلا قالدى .
قىز بۇلارنى ئويلاپ ئۆزىدە بىر خىل ھاياجانلىق تۇيغۇنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى ئويلىدى ،ئۇ تامدىكى باربىتنى ئېلىپ چېلىپ مەشىق قىلىشنى ئويلىدى ،جاپالىق مەشىق قىلغاندىلا ئاندىن قەلبىدە ئويلىغان مېلودىيلەرنى چالالايدۇ .بۇ چاغدا ،ئۇ ئۆزنىڭ نۇرغۇن ۋاقىت باربىت چالمىغانلىقىنى ھېس قىلدى ،ئالدى بىلەن قولىنى كۆندۈرۈشى ۋە مۇزىكا ئورۇنداشتا ۋايىغا يېتىشى كېرەك ،شۇندىلا مۇزىكا ئىجاد قىلىشتىن ئېغىز ئاچقىلى بولىدۇ.
ئايچېچەك بىر كۈن مەشىق قىلىدى ،كەچتە ئۆزنىڭ باربىتنى ئېلىپ مۇزىكىلىق تاماقخانىغا باردى .ئۇ سەھىنىگە چىقىپ باربىتنى قولىغا ئېلىپ مەشھۇر بولغان «ئاي سەيلىسى»دىگەن مۇزىكىنى ئورۇندىدى .
مۇزىكا ئورۇنداۋاتقان چاغدا ،تۆۋەندىكى تاماق يەۋاتقانلار بۇ غەلىتە ئۆزلىرى ئاڭلاپ باقمىغان مېلودىيىدىن ھەيران بولۇپ بېشىنى كۆتۈرۈپ قىزغا قاردى ،قىز كۆزىنى يۇمۇپ مۇزىكا چېلۋاتاتتى .بىر ياپونيىلىك ياشانغان ئەپەندى ،بۇ مۇزىكىنى ئاڭلاپ قىزنىڭ بۇ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئوردىدىكى بىر ئۇيغۇر مۇزىكانت ئىجاد قىلغان مەشھۇر جوڭگو مۇزىكىسىنى يۇقىرى سەۋىيە بىلەن ئورۇندىشى ئۇنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى .ئۇ كۆزىنى يۇمۇپ قوللىدىكى چوكا بىلەن تەڭكەش قىلىپ مۇزىكىغا مەستخۇش بولۇپ كەتتى .
ئەنە ئاي شولىسى كۆل ئۈستگە ئۆزنىڭ كۈمۈشرەڭ نۇرلىرىنى چاچماقتا ،كۆل بويىدىكى راۋاقتا ئولتۇرغان قىز ئۆز مەشۇقىنى ساقلىماقتا .كۆل بويىدىكى سۆگەتنىڭ تۆۋەنگە ساڭگىلىغان شاخلىرى كەچنىڭ سالقىن شامىلىدا يېنىك تەۋرەنمەكتە،كۆل ئىچىدىكى نېلۇفەر گۈللىرىمۇ يېنىك تەۋرەنمەكتە .قىز مەشۇقىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇ تەرەپكە يۈگۈردى ،ئۇلار قۇچاقلىشىپ ۋىسال لەزىتتىنى سۈرگىنچە بىر-بىرىگە تويماي قارايتتى ،ئايدىڭدا قىز ناھايىتى گۈزەل بولۇپ كەتكەن ،ئۇلار ئايغا قاراپ نەزمىلەر توقۇشماقتا ئېدى .
چەتتىكى ئورۇندا تاماق يەۋاتقان بىرنەچچە زىيالى سۈپەت ياشانغان كىشى قىزنىڭ ئورۇندىغان بۇ مۇزىكسىنى ئاڭلاپ قەلبىدە ئېيتقۇسىز سۆيۈنۈش بولدى .بولۇپمۇ كۆزەينەكلىك كىشى تېخمۇ ھاياجانلىنىپ كېتىپ باراتتى ، ئۇ كۆزەينىكىنى ئېلۋەتتى ،قولياغلىقىنى چىقىرىپ كۆزدىن ئاققان ياشلىرىنى سۈرتمەكتە ئېدى .
قىز مۇزىكىنى ئورۇنداپ بولۇپ كۆزىنى ئاچتى ،تۆۋەندە رېستوراننى كۆتۈرۈۋەتكىدەك ئالقىش ساداسى ئالدى .بۇ چاغدا ھەممە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتكەن ئېدى .
ھەممەيلەن قىزنىڭ مۇزىكىسغا ئالقىش ياڭرىتۋاتقان چاغد ،بىر نەچچە جوزىدىكى بۇ شەھەرگە تەربىيلنىشكە كەلگەن ئېماملار
-سۇن ۋۇكۇڭنىڭ كېنوسىدىكى جىن-شاياتۇنلارنىڭ چالىدىغان سازىنى چالغىنىغا ھەجەپ خۇش بۇلۇپ كېتۋاتىدۇ بۇلار .شەھەرلىكىلەرنىڭ ئېمانى بۇلغىنىپتۇ ،ئاۋۇ قىزمۇ بىر چىرايلىق قىز ئېكەن ،نېمانداق مۇزىكا چالغۇچە چاچلىرىنى ساراڭ خوتۇندەك ئاتىدىغاندۇ. جىن ئۇرۇۋەتكەن ئوخشايدۇ ،بىچارە قىز.بۇ يەردىن تېز چىقىپ كېتەيلى ،ئېمانىمىزنى بۇلغىمايلى يەنە دېيىشكىنچە چىقىپ كەتتى .
- ئۇلار قىزنىڭ بىچارە ئەمەس .ئۆزلىرنىڭ نەقەدەر بىچارە ئېكەنلىكىنى بىلسە ئېدى كاشكى .دېدى ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قالغان ياشانغان ئەپەندى .ئۇ بۇ شەھەرگە بىر ئىلمى پائالىيەت بىلەن كەلگەن زىيالى ئادەم ئېدى .
تۆۋەندىكلەر ھېلىلا ئۆزلىرىنى تەربىيە كۆرگەن ھەم ئالىيجاناپ كۆرستىش ئۈچۈن ئەدەب بىلەن جىمجىت تاماق يەۋاتقان بولسا ،ئەمدىلىكتە ئورنىدىن تۇرۇپ ئىسقىرتقىنىچە ،يەنە بىر ئورۇنداپ بېرىڭ .يەنە بىرنى ئورۇنداپ بېرىڭ دەپ چۇرقىرشىپ كەتتى ،ئۇلارنىڭ بايىقى ئۆزلىرىنى ئالىجاناپ قىلىپ كۆرسەتكەن ھالىتى قاياقلارغىدۇ كەتكەن ئېدى .ھەممە ئورنىدىن تۇرۇپ تەنتەنە قىلاتتى .
قىز مېھمانلارنىڭ تەلىپى بويىچە ئارقا-ئارقىدىن بىر نەچچە مۇزىكا ئورۇندىدى ،توغرا ،بۇ مۇزىكا ئەسلى تەۋە بولغان بىر مىللەتنىڭ روھى بىلەن ئورۇندالغان مۇزىكا ئېدى .باربىتمۇ خۇددى ئۆز ئېگىسىنى تاپقاندەك تېخمۇ سازلىشىپ كېتۋاتاتتى .
خوجايىن يىگىت بۇ چاغدا قىزنى ئۆز رېستورانىغا ئېلىپ كەلگەنلىدىن رازى بولدى ،قىزنى تونۇشتۇرغان دوستىغا مىڭ تەشەككۈر ئېيتتى .ئەمدى بىر مەبلەغ سالغۇچىغا نىسبەتەن بۇ بىر سودا چوڭ بىر سودىدىن دېرەك بېرەتتى .شۇنداق بولسمۇ ،يىگىت بۇ تەرەپتىن ئويلىماي ،بۇنىڭ ئۇنىڭغا ئېلىپ كەلگەن ئەھمىيىتى توغىرسىدا ئويلاندى .ئۇمۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئېدى ،لېكىن ئۇ ئۆز ئارزۇسى بويىچە سودا يولىنى تاللىۋالدى ،مانا بۈگۈن ئۇ يۈزدىن ئارتۇق ئادەم ئىشلەيدىغان بىر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيەت شىركىتنىڭ دېرىكتورى بولۇپ قالدى .
ئايچېچەكنىڭ بۈگۈنى شۇنداق خوشال ئۆتتى ،ئۆزىدىن تۇنجى قېتىم رازى بولغانلقىنى ھېس قىلدى ،ئادەمنىڭ بۇنداق تۇيغۇغا كېلىشى تولىمۇ قېيىن ،چۈنكى كۆپ ھاللاردا كىشلەر ئۆزنىڭ قىلغان ئىشىدىن رازى بولمايدۇ ،ھەم قانداق قىلغاندا ئەمىنلىك تاپىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتەلمەي ئۆلۈپ كېتىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس .بۈگۈن ئۇ ئۆزى خوشال بولىدىغان ئىشنى قىلدى ،بۇنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭغا يېتەرلىك ئېلھام ۋە رىغبەتلەندۈرۈش ئېدى .
كەچ ئايچېچەك ئۆيىدە يالغۇز قالدى ،ئۇنىڭ بىلەن تۇرىدىغان قىزنىڭ دادىسى بېتاب بولۇپ قالغاچقا ،ئۇ قىز يۇرتىغا كەتكەن ئېدى .ئۇ ئۇخلاشقا تەرەددۇت قىلدى ،كارۋاتتا يېتىپ بولغاندا،ئۆزنىڭ بۈگۈنكى ھاياجىنى تۈپەيلى ئۇخلىيالمايۋاتاتتى ،قىز ئۇخلاش كېيملىرى بىلەن ئۆي ئىچىدە ئۇياقىتن-بۇياققا مېڭىپ يۈردى ،بىرىدىن كۆزى كارۋىتى بېشىدىكى كۈنتىكىن ئەسەرلىرى بار كاتالوگ ژورنىلغا چۈشتى ،قىز ئۇنى قولىغا ئېلىپ ،كۈنتىكىنگە قاراپ كارۋىتىدا ئولتۇردى ،ئۇ تۇرۇپلا ئۆزنىڭ ئىچى سىقىلۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى ،ئۇ ئۆزدە بىر نەرسە كەمدەك ھېس قىلدى ،مانا 25 ياشقا كىرىپ قالاي دېدى ،ئۆزنىڭ تېخىچە يۈرگەن يىگىتى يوق .ئەينەككە بېرىپ قارىدى،گەرچە 25 ياش ئۇنىڭ تازا يېتىلگەن تولغان ۋاقتى ،ئەگەر يەنە نەچچە يىل ئۆتسە ئۆزنىڭ بۇ چىراينىڭ قالمايدىغانلىقى ئۆزىگە ئايان ئېدى .ئۇ بەزىدە ئۆيىگە توساتتىن قاملاشقان بىر يىگىتنىڭ كىرىپ ئۆزىنى يىراق يەرلەرگە ئېلىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلاتتى ،ئۇ كۈنتىكىن بولۇپ قالسا تېخمۇ ياخشى بولاتتى .
ئۇ بۇ خىياللار بىلەن كارۋاتقا چىقىپ ئۇخلاپ قالدى .
* * * *
ئەتىگەن چاي ۋاقتىدا دادىسى ئانىسغا بىر نەچچە كۈن ئىچىدە قەبىلىنىڭ يەنە بىر قەبىلە بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى ،دېمىسىمۇ بۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ھەممە ئەنسىزلىككە تولغان ئېدى ،چۈنكى يەنە بىر قەبىلىنىڭ باشلىقى بۇرۇنقى ئۆچ ئاداۋەتنى دەپ ،ئۇلارنىڭ قەبىلىسى تەرەپكە باستۇرۇپ كېلۋاتقانلىق خەۋىرى تارقاپ كەتكەن ئېدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە قەبلىنىڭ ئاساسىي كۈچى يەنە بىر قەبىلىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن نەچچە كۈن يىراقتىكى يايلاققا كەتكەن ئېدى .گەرچە ئۇلارغا خەۋەرچى ئەۋەتىلگەن بولسمۇ ،ئۇلارنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ ،يايلاققا ئۆز قېرىنداشلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كېلىشىگە يەنە ۋاقىت بار ئېدى. بويى ھارۋىدىن ئاشىدىغان ئۆسمۈرلەر ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ ئاللىقاچان بارىگاھ تىكىپ ،كۈنتىكىننىڭ باشچىلىقىدىكى قوغدىغۇچى قوشۇنغا ھەمدەم بولۇپ تەييارلىقىنى باشلاپ بولغان . ،بۇ قېتم بىلگ بوۋايمۇ ياشىنىپ قالغىنغا قارىماي لەشكەرلەر بىلەن ئۇرۇشقا بىللە بېرىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ سېپىگە قېتىلدى ،ئۇنىڭ بۇ قېتىم ھېچكىم توسالمىدى ،چۈنكى ئۇنىڭ غەزەبتىن ساقىلىنى تىتىرتىپ تۇرۇپ ئېيتقان؛
- ئەمەلىيەتتە ھېچكىمنىڭ بۇ جەڭنى قىلغۇسى يوق ، قەبىلىمىزنىڭ ئەزەلدىن ياتلار بىلەن زىمىن تالىشىپ ئۇرۇشمىغان ،ئۆز تارىخىدا ئۆزى بىلەن ياشاپ ئۆتكەن ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىپ ،ئۆز قوشنلىرى بىلەن ئېناق ئۆتكەن،پۇرسەت تاپقاندا قوشنىلىرىغا ياردەم قىلىشتىن باش تارتمىغان ،ئۇلارنىڭ ئالدىغا ياردەم تىلەپ كەلگەن ھەرقانداق بىر مىللەتكە ياردەم بېرىپ كەلگەن،ھېچىكىم ئۈستىدىن قانلىق زوراۋانلىق قىلىپ باقمىغان پاك قەبىلە ئېدى .لېكىن بىز باشقلارنىڭ ئۆز زېمىنىنمىزنى دەپسەندە قىلىشىغا چىداپ تۇرالمايمىز،ئۆز خوتۇن-بالىلىرىمىزنىڭ باشقلارنىڭ ئالدىدا قۇل بولۇپ ،خارۇ-زارلىققا قېلىشى بىز ئۈچۈن مەڭگۈ يۇيۇپ چىقىرۋىتەلمەيدىغان نومۇس ! مەن ئات ئۈستىدە تۇغۇلدۇم .بۈگۈن يەنە ئۆز قەبىلەم ئۈچۈن ئات ئۈستىدە جان بەرسەم خاتىرجەم كۆك تەڭرىنىڭ قېشىغا كېتمەن .بۇگۈن بۇ ئۇرۇشقا قېرى جېنىمنى تىكىپ قويدۇم دەپ ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرۇۋالدى ،ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ جېنى بار ئېدى ،دېمىسمۇ بۇ قەبىلە ،ئەزەلدىن ئۆز قوشنىلىرى بىلەن ئېناق ئۆتۈپ كەلگەن ،زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇلارغا ياردىمىنى ئايمىغان ،بۈگۈن بۇ زېمىنىنى، ئايال ۋە بالىلارنى قوغدىمىسا بولمايدۇ ،بۇ ئۇلار ئۈچۈن مۇقەددەس بۇرچ سانىلاتتى ،شۇڭا ھەممەيلەن بۇ قېتمقى جەڭ ئۈچۈن ئاخىرقى جېنىنى تىكىپ قويدى.
قىز بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان چېغىدا كۈنتىكىن بىلەن يەنە كۆرۈشۈش كۈنىنى ساقلاپ تىت-تىت بولاتتى ،يېقىندىن بېرى ئۇلار ئۈچ كۈندە بىر كۆرۈشۈشكە پۈتۈشۈپ قويغان ئېدى .
مانا كۆرۈشۈش كۈنىمۇ يېتىپ كەلدى ،قىز ئاق قېيىننىڭ قېشىغا بارغان چېغىدا كۈنتىكىن ئاتنى چۆپكە يايلىتىپ قويۇپ ،ئۆزى بىر تاشقا يۆلىنىپ ئولتۇراتتى ،ئۇ قىزنى كۆرۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ قىز تەرەپكە كەلدى ،قىزمۇ قەدىمنى ئېتتىكلەتتى .ئۇلار يېقىن كەلگەندە يەنە بۇرۇنقىغا ئوخشاش تۇرۇپ قالدى ،بىراق بۇ قېتىم قىز ئۇنىڭغا ئېتىلىپ بېرىپ ئۇنى قۇچاقلىۋالدى ،ئۇنىڭ كۈنتىكىندىن ئايرىلغۇسى يوق ،بىراق بىر قىز بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز يىگىتنىڭ ئۇرۇشقا بېرىپ زەپەر قۇچۇشىغا ھەمدەمدە بولمىسا بولمايتتى .
ئايچېچەك يىغلاپ كەتتى ،ئۇ ئايرىلىشقا ئۆچ ،نېمىشقىكىن كىچىك چېغىدا دادىسى يىراققا ئوۋغا چىقىش ئالدىدىمۇ يىغلاپ قالاتتى ،دادىسىنىڭ ئوۋغا چىقىدىغان خەۋىرىنى ئاڭلىغان چېغىدا ئىشتھاسى تۇتۇلۇپ ،مېجەزىمۇ ئەسكىلىشىپ كېتەتتى ،ئاكىلىرى بىلەن كىچىك ئىشلاردىمۇ سوقۇشۇپ يامانلاپ قالاتتى ،كېيىن ئۆيدىكىلىرى قىزنىڭ بۇ خۇيىنى بىلگەندىن دادىسى ئوۋغا چىقىش ئالدىدا ئۇنىڭدىن يوشۇرۇن تۇتىدىغان بولدى ،ھەم قىز ئۇخلاۋاتقان چېغىدا دادىسى ئۇنىڭ پېشانىسگە سۆيۈپ قويۇپ كېچىدە يولغا چىقاتتى .ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرغان چېغىدا دادىسنىڭ يوقلۇقىنى كۆرگەندە بولسا ،دادام قېنى دەپ قويۇپ ئۆزى ئويۇنىنى ئويناۋېرىدىغان بولدى .چۈنكى دادىسى ئوۋغا كېتىپ بولغان ،ئۇنىڭ ئۆچ كۆردىغىنى شۇ پەقەتلا دادىسنىڭ سەپەرگە مېڭىش ئالدىدىكى ۋاقىتتا كەيپىياتنىڭ قىيالماسلىق ھېسياتنىڭ بىلەن بېئارام بولۇپ قالىدىغانلقىدا ئېدى .
مانا بۈگۈنمۇ قىز كۈنتىكىننىڭ جەڭگە ماڭىدىغانلىقى بىلدى ،قەبىلە قىزلىرىدا ئەگەر سۆيگەن كىشىسى جەڭگە ماڭسا ئۇلارنىڭ جەڭ تەييارلىقىنى قىلىپ بېرىشىپ ،ماڭىدىغان چاغدا ئېتنىڭ يۈگىنىنى تۇتۇپ .كۆك تەڭىرىگە تاپشۇردۇم ،ئامان بولۇڭ ،جەڭدا باتۇرلۇق كۆرستىڭ دەپ ئۇلارغا ئاق تىلەك ۋە غەيرەت-باھادىرلقىنى تىلەيتتى .
كۈنتىكىن قىزنىڭ كۆز يېشىنى سۈرتتى .ئۇ ئارتۇق گەپ قىلمدى ،پەقەت قىزنىڭ يىغلاپ ئىچىنى بوشىتۋىلىشنى ساقلاپ تۇردى ،ئۇنىڭ قىلىپ بېرەلەيدىغىنى قىزنى قۇچاقلاپ ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىش ئېدى .
قىز بىر چاغدا يىغلاپ بولۇپ ئۇنىڭغا قارىدى ۋە ،بەك ئەسكمىكەنمەن ،يىغلاپ سىزنى بېئارام قىلىپ قويدۇم ،كەچۈرۈڭ ،سىز سەپەرگە چىقىش ئالدىدا ئەسىلىدە سىزنى خوشال ئۇزاتسام بولاتتى ،بىراق سىزدىن ئايرىلشقا چىدىمايۋاتىمەن .
-بولدى ،مەن قايتىپ كېلمەن ،كۆك تەڭرىم ۋە كۆكبۆرە روھى ماڭا ھەمدەم بولىدۇ ،ئۇلۇغ ئوماي ئانا روھى مېنى قوللايدۇ .مەن چوقۇم زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كېلىمەن ،قاراڭ يىغلاپ ،بۇرنىڭىز قىزىرىپ كېتپتۇ .ئىت بۇرۇننىڭ(تاغدا ئۆسۈدىغان قىزىل مېۋە) ئۆزى بولۇپ قاپتۇ .
-ئەسكىنىڭ ئىت بۇرۇنغا ئوخشتۋاتقىنىنى .سىزنى ئۇرىمەنغۇ تازا دەپ ،ئۇنىڭ قولىدىكى قامچىنى ئېلىپ ئۇنى قوغلاپ كەتتى ،ئۇلار يۈگۈرۈشۈپ قېينزارلىقنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىكى بىر ئوچۇقچىلققا كەلگەندە توختاپ قالدى .
بۇ قېتىم سىز خاتىرجەم جەڭگە بېرىڭ ،مەن سىزنىڭ ئېتىڭىزنىڭ ئالدىغا سۈت چېچىپ سىزگە بولغان ئاق تىلىكمنى بىلدۈرىمەن .بۈگۈن يىغلاپ قالدىم ،چۈنكى سىز بىلەن تونۇشقاندىن بېرى سىزدىن ئايرىلىپ باقمىدىم ،بۇ ماڭا سەل قېيىن توختىدى ،شۇنداقتىمۇ سىزنىڭ زەپەر قۇچۇپ كېلىشىڭىزنى ساقلايمەن .كۆك تەڭرىم روھى سىزنى قوللىسۇن ،كۆك بۆرە روھى بىزگە مەدەتكار بولسۇن.
كۈنتىكىنى قىزنىڭ گېپىدىن تەسىرلەندى ،ئۇنىڭدا بۇ قېتىمقى جەڭگە بولغان مەسئۇلىيەت تېخمۇ كۈچەيدى .ئۇلار كۆل بويىدا خېلى كەچكىچە ئولتۇرۇپ ،بىر-بىرىگە قىيالمىغان ھالدا خوشلاشتى .
كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگەن ،ئىككى تەرەپ بىر تۈزلەڭلىكنىڭ قېشىدا سەپ تۈزۈپ بولغان ئېدى ،قارشى تەرەپتىنىڭ سەركەردىسى تاشبارس بولۇپ ،ئۇنىڭ بىر كۆزى قىلىچ يەپ قۇيۇلۇپ كەتكەن بولۇپ ،خۇرۇم قاپ بىلەن توسۇۋالغان ئېدى .ئالدىنقى قېتىم ئۇ كۈنتىكىننىڭ لەشكەرلىرى تەرىپىدىن زەربە يەپ نۇرغۇن لەشكىرىدىن ئايرىلغان ئېدى ،مانا بۈگۈن ئۇ ئۈچ يىلىنى ئۆتكۈزۈپ بۇ قىساسىنى ئالغىلى كەلگەن ئېدى .ئۇ يەنە بىر نەچچە قەبىلىنىڭ ئاقساقاللىرىنى قۇترىتىپ ،قەبىللەر ئېتتپاقىنى تۈزۈپ نۇرغۇن لەشكەر توپلاپ كەلگەن ئېدى .ئۇ يەنە بۇ جەڭدە چىدىماسلىق قىلىپ يەنە نۇرغۇن لەشكەرنى كۈنتىكىننىڭ قەبىلىسى تۇرۇشلۇق ئاۋۇلغا ئەۋەتكەن ئېدى ،ئۇنىڭ بۇ قەبلىنى تۇخۇمىدىن قۇرۇتۇش ئارقىلىق ،بۇرۇنقى قان-قەرزنى ئالماقچى ئېدى.
بۇياقتىن كۈنتىكىن ئۇنىڭغا ۋارقىرىدى ،
-ئاسىي مۇناپىق ،سەن ئاتاڭ بىلەن بىزنىڭ تۈزگەن كېلىشىمىزنى بۇزۇدۇڭ يەنە نۇرغۇن قان تۆكۈلۈشكە سەۋەبچى بولدۇڭ ،بۈگۈن يەنە باشقا قەبىلىدىكى قېرىنداشلارنى ئازدۇرۇپ ،قەبىللەر ئېتتپاقى تۈزۈپ جازا يۈرۈشى قىلغلى كەپسەن ،خوش ،بۈگۈن سېنىڭ يەنە بىر كۆزۈڭىنى قۇيۇپ ،كاللاڭنى ئېلىپ ،مەڭگۈ تاشنىڭ يېنىغا ئاسىمەن.بۇنىڭ بىلەن باشقىلارغا مۇناپىقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى مەڭگۈ ئېبرەت قىلمەن .لەشكەرلەر ئۇلۇغ كۆكتەڭرنىڭ روھىي بىزنى قوللايدۇ . ،قەبىللەر ئېتتپاقىنى بۇزۇشقا جۈرئەت قىلغان مۇناپىقنىڭ كاللىسىنى ئالايلى .ئالغا !
لەشكەرلەر كۈنتىكىننىڭ ئارقىسىدىن ئات چاپتۇرۇپ ماڭدى ،قارشى تەرەپتىكلەرمۇ ،
-قان-قىساسىنى ئالايلى ،كۆك تەڭرىم بىزنى قوللايدۇ ،ئالغا !دېگىنچە ئاتلىرىنى كۈنتىكىننىڭ قوشۇنى تەرەپكە چاپتۇردى .
ئوخشاش بىر دىن ۋە ئوخشاش بىر تىلدىكى كىشلەر ئۆز زېمىندا ئۇرۇش قىلۋاتاتتى .
نەچچە مىڭلىغان ئاتنىڭ تۇياقلىرنىڭ دۈپۈرلىشى ،ئەزەلدىن ئۇرۇش ئۈزۈلمەي كېلۋەتقان بۇ دالىدا يەنە ياڭراشقا باشلىدى.ئۇنىڭدىن تاراۋاتقان گۈپۈرلىگەن ھەيۋەتلىك ئاۋاز زىمىننى لەرزىگە سالاتتى .ئىككى تەرەپنىڭ لەشكەرلىرى كىرشىپ كەتتى ،خۇددى بىرلا ۋاقىتتا ئۇرۇلغاندەك كۈچلۈك چىققان قىلچلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلىناتتى .
كۈنتىكىننىڭ قول ئاستىدىكلەر ھەقىقانىيەت ۋە يۇرت ماكانىنى ياتلاردىن قوغداشتەك ئالىي بۇرچ بىلەن قىلغاچقا ئۇلار ناھايىتى باتۇرلۇق كۆرسەتتى .
بولۇپمۇ كۈنتىكىن ئاجايىپ باھادىرىلىق بىلەن جەڭ قىلۋاتاتتى ،ئۇنىڭ ھەربىر ئۇرغان قىلچى بىر ياۋنى جېنىدىن جۇدا قىلاتتى ،ئۇ قىلچىدىن قان تامغۇزغىنچە ئۆز ئېلىنىڭ خەلقىنى دەپسەندە قىلماقچى بولغان ياۋغا زەرب بىلەن قىلىچ ئۇراتتى،گەرچە ئۇنىڭ سەركەردە ئېكەنلىكىنى بىلىپ ئۇنى ئاۋۋال جايلاپ ،قارشى تەرەپنىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ ئۇنى قورشىۋالغانلار كۆپ بولسمۇ ،ئۇنىڭ باتۇرلىقىدىن قېشىغا كېلەلمەيۋاتاتتى ،قارشى تەرەپمۇ يايلاق باتۇرلىرى ئېدى ،بىراق يۇرت-ماكانغا بولغان مۇھەببەتنىڭ كۈچى تۈپەيلى ئۇ ئاجايىپ باتۇرلۇق كۆرستىۋاتاتتى .ئۆز سەپداشلىرنىڭ كۈنتىكىنىڭ قىلىچى ئاستىدا جان بېرۋاتقىنى كۆرگەن ياۋ بۇنىڭغا چىدىيالماي كۈنتىكنگە قارىتپ ئوق ئۈزدى ،كۈنتىكىن بۇ يا ئوقلىرنى چەبدەسىلىك بىلەن توسۇپ ئالغا ئىلگىرلەيتتى ،ئۇنىڭ قېشىغا بىرنەچچە ئاداشلىرى كېلىپ ئۇنى قوغدىغاچ ئۇلارمۇ ئوقيالىرىنى ئېلىپ قارشى تەرەپنىڭ ئوقياچىلىرىغا قارىتپ ئوق ئۈزۈپ ،ئۇلارنى ئاتنىڭ ئۈستىدىن دومىلتۋەتتى .
كۈنتىكىن ئارقىغا بۇرۇلۇپ قارىغنىدا، تاشبارس نۇرغۇن سەپداشلىرنى يىقىتۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ،ئۇنىڭغا قارىتىپ ئات چاپتۇردى ،تاشبارس ئۇنىڭ بىلەن قىلچىلىشىپ كەتتى ،ئۇ بۇرۇنقى ئەنتىنى ئالماقچى بولغاندەك ،كۈنتىكىنكە زەرب بىلەن قىلىچ ئۇراتتى .ئۇ بىر قىلىچ ئۇرۇپ كۈنتىكىننىڭ سول بىلكىنى چېپىۋەتتى ،بەخىتكە يارىشا قىلىچ ئۇنىڭ سول بىلىكىنىڭ گۆشىدىن ئازىراق شىلىپ كەتكەن ئېدى .بۇنى كۆرگەن كۈنتىكىنى غەزەبلەنگىنىدىن ۋارقىرىغىنچە ئاتتىن سەكرەپ ئۇنىڭغا ئېتىلدى ،ئىككەيلەن ئات ئۈستىدىن دومىلاپ چۈشۈپ كەتتى ،ئۇلار ئەمدى يەردە ئېلىشتى ،كۈنتىكىنى قىلىچنى ئۇنىڭ قىلىچغا تىرەپ بوينىغا ئاپاردى ،كۈچلۈك كەلگەن تاشبارس ئۇنىڭ قىلچىنى ئىتتىرۋەتتى ،كۈنتىكىن يىقىلپ چۈشتى ،شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنە چاققانلا ئورنىدىن تۇرۇپ قىلچنى ھاۋادا ئوينىتىپ ئۇنىڭغا قىلچ ئۇردى ،تاشبارس بۇ قېتممۇ ئۇنىڭ ئۇرغان قىلچىنى توسۇۋالدى ،ئۇ كۈنتىكىننى ئىتتىرگىنچە ئولتۇرغۇزۇپ قويدى . كۈنتىكىن تىزلىنىپ تۇرۇپ ،بىر قولى بىلەن يەرنى تىرىگىنچە ئورنىدىن تۇرۇپ قىلىچىنى ئايلاندۇرغىنچە ئۇنىڭ بوينىغا چېپىۋەتتى ،تاشبارسىنىڭ بېشى يەرگە دومىلاپ كەتتى ،ئۇ يەردىن تاشبارسىنىڭ بېشىنى ئېلىپ ،ئۇنىڭ ئۇزۇن كەلگەن چېچىدىن تۇتقىنىچە ئېتغا چەبدەسلىك بىلەن مىنىپ .ئۆز لەشكەرلىگە كۆرسەتتى ،لەشكەرلەر بۇنىڭغا تەنتەنە قىلغىنچە روھلىنىپ قارشى تەرەپكە تېخمۇ كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغىدى ،ئۆز قاغانىدىن ئايرىلغان ياۋ لەشكەرلىرى قانداق قىلىشنى بىلمەي پىتراپ كەتتى ،ئۇلار بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ياۋنىڭ كۆپنى قىرىۋەتتى ،بۇنداق كۈچلۈك ھۇجۇمغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن ياۋ چېكىنشكە باشلىدى ،كۈنتىكىنىڭ لەشكەرلىرى ئۇلارنى ئېككىنچى ئاياق باسقۇزماسلىق ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ ئۇلارغا ئوق ئۈزەتتى .
بۇ چاغدا قەبىلە تەرەپتىن بىر خەۋەرچى ئات چاپتۇرغىنچە كېلىپ ،يەنە بىر قەبىلىنىڭ ئۇلارنىڭ ئارقىسدىن كېلىپ قەبىلىدىكلەرنى قىرىشقا باشلىغانلىقى ،ئۇلارنىڭ كېگىز ئۆيلەرنى كۆيدۈرۈپ ،ئادەملەرنى ئالدىغا سېلىپ ماڭغانلىقى ئېيتتى ،
ئەسلىدە تاشبارس كۈنتىكىن قەبىلسىنىڭ ئاساسىي كۈچنىڭ يوقلۇقىدىن پايدىلىنىپ ،قەبىلىدە قالغان قوغدۇغۇچى لەشكەرلەرنى بىراق ئوجۇقتۇرالايمەن دەپ ئويلاپ ،ئۆزىگە ھەمدەمدە كەلگەن يەنە بىر قەبىلىنى كۈنتىكننىڭ قەبىلسنى تېرە-پېرەن قىلشقا ئەۋەتىۋەتكەنىدى ،شۇندىلا ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە ئايال-بالىلىرنى ئۆلتۈرۈپ ،ئۇلارنى قان يىغلاتماقچى بولغان .بىراق تاشبارس كۈنتىكننىڭ ئۆزىدىن بەش ھەسسە ئاز لەشكەرلىرى تەرىپىدىن بۇنچە كۈچلۈك زەربە يېيشىنى ۋە ئۆزنىڭ جېنىدىن جۇدا بولۇشنى ئويلاپ باقمىغان ئېدى .
ھەمدەمگە كەلگەن قەبىلىدىكلەر بۇ چاغدا كۈنتىكىنىڭ قەبىلسىدىكى قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ،قالغانلارنى ئەسىر قىلىپ ئارقىدىن ھەيدەپ ماڭغان ئېدى .
كۈنتىكىن بۇ چاغدا لەشكەرلىرى بىلەن ئاتلىرىنى قەبىلە تەرەپكە چاپتۇردى ،زېرەك ئاتمۇ بىردىنلا تېز چېپىشقا باشلىدى ،بايىقى جەڭدە ئۇنىڭ تۇياقلىرى قىزىپ كەتكەن ئېدى ،بارلىق لەشكەرلەر ئۇلارنىڭ ئارقىسىن قوغلاپ يەتتى .
بۇ چاغدا ئۇلار ھايات قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى ھەيدەپ مېڭىۋاتاتتى ،ئارقىسىدىن كەلگەن بۇ لەشىكەرلەرنى كۆرگەن ياۋ ئارقىغا بۇرۇلۇپ ئۇلار بىلەن جەڭ قىلىپ كەتتى .
تېخى بايىلا جەڭ قىلىپ چارچاپ كەتكەن لەشكەرلەر ئۇلار بىلەن يەنە قەيسىرانە جەڭ قىلغان بولسمۇ ،كۆپ دۈشمەن ئالدىدا يەنىلا ئاجىزلىق قىلىپ قالدى ،ئۇلار بىر-بىرلەپ ئاتتىن يىقىلدى . قېرىلىقىغا تەن بەرمىگەن بىلىگ بوۋايمۇ بىر نەچچە ئوقيا ئوقى يەپ يەرگە يىقىلدى ،ئۇ يەرگە چۈشۈپ ئورنىدىن ئەمدى تۇرۇپ يوتسىغا تەكگەن ئوقنى ئەمدى ئېلىشغا ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كەلگەن بىرى ئۇنىڭ بوينىغا قىلىچ ئۇرۇۋەتتى .ئۇ تىزلىنىپ قالدى ،ئۇ ئاخىرقى كۈچىنى يىغىپ قىلىچىنى يەرگە تىرەپ ئورنىدىن تۇرۇپ يوغان بىر تاشنى قۇچاقلاپ جان بەردى .ئۇنىڭ كۆزى ئوچۇق كەتتى ،ئۆز ئۆمىرىدە يېنى يەرگە تەگمىگەن بوۋاي ،ھېلھەم يېنىنى يەرگە تەكگۈزمەي ،تاشنى قۇچاقلاپ تىك تۇرغىنىچە جان بەردى ،بىر ئۆمۈر ئۆز ئېلى ئۈچۈن كۆرەش قىلغان بۇ بوۋاي ھاياتنىڭ ئاخىرقى مېنۇتلىرىدا يەنە ئۆز ئادەملىرى ۋە يۇرت ماكانى ئۈچۈن جان بەردى .
بۇنى كۆرگەن كۈنتىكىن «بىلىگ بوۋا» دەپ ۋارقىرىغىنچە بوۋايغا قىلىچ ئۇرغان ياۋنىڭ بېشنىڭ ئوتتۇرسىغا قىلىچ ئۇرۇپ ئۇنىڭ كاللىسىنى ئىككى پارچە قىلۋەتتى ،ئۇنىڭ كۆزلىرىدە قىساس ئوتى چاقنايتتى .ئۇ ئالدىغا ئېتىلىپ يەنە بىرنەچچىسنىڭ كاللىسىنى چاپتى ،بىراق تەقدىر رەھمىسىز ،ئۇنىڭغا ئېتىلغان ئون نەچچە يا ئوقىنى ئۇ توسۇۋىلىشقا ئامالسىز قالدى .بىر نەچچە يا ئوقى ئۇنىڭ دۈمبسىدىن تېشىپ كۆكرىكىگە چىقىپ كەتتى .
دەل مۇشۇ چاغدا ،قەبىلىنىڭ بايرىقى تۆپلىكتىن كۆتۈرۈلدى ،ئارقىدىنلا بۇ بايراقنى كۆتۈرگەن لەشكەرنىڭ بېشى كۆرۈندى ،ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئاساسىي قوشۇن قىلچلىرىنى يالىڭاچلاپ ھاۋادا ئوينىتاتقىنىچە ئاتلىرىنى بۇ تەرەپكە چاپتۇرۇپ كېلۋاتاتتى ،ياشىراق بىر لەشكەر .قوشۇنىمىز يېتىپ كەلدى !قوشۇنىمىز يېتىپ كەلدى دەپ ۋارقىرىدى .ھەممەيلەننىڭ نەزىرى تۆپىلىك تەرەپكە تىكىلدى .
قەبىلىنىڭ بايرىقى ھاۋادا لەپىلدىگىنىچە كۆرۈندى . ئارقىدىن ئۇنى كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقان لەشكەرنىڭ سىماسى كۆرۈندى ،نەچچە مىڭلىغان لەشكەرلەر توۋلىغنىچە بوراندەك يوپۇرۇلۇپ كەلگىنچە بۇ ياققا كېلۋاتاتتى .نەچچە مىڭلىغان ھاۋادا ئويناپ كېلۋاتقان قىلچلار قۇياش نۇرىدا چاقنايتتى .
بۇ ياقتىكلەرنىڭ كۆزلىرىدە ئۈمىد ئۇچقۇنلىرى پارلىدى ،ئۇلارنىڭ چىرايىدا كۈلۈمسرەش پەيدا بولدى .شۇنداق قوشۇن يېتىپ كەلدى ،ھاياتتىن ئۈمىد تۇغۇلدى .ئۇلار قايتىدىن روھلىنىپ ئاداققى كۈچى بىلەن ياۋغا ئېتىلدى .ئۇلارنىڭ قانلىرى قىزىپ ئۆركەشلەپ ئاققاندەك بولدى ،ئەمدى ئۇلار ئاغرىقنىڭ نېمە ئېكەنلىكىنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئېدى .
ياۋ بۇ ئۇشتۇمتىت كەلگەن ئاساسىي قوشۇننى كۆرۈپ چېكىنڭلار دەپ ۋارقىراشقىنىچە ئاتلىرنى بۇراپ ئارقىغا چاپتۇردى .ئاساسىي قوشۇن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئاتلىرىنى چاپتۇرغىنچە ئۇلارغا ئوق ئۈزۈپ ئۇلارنىڭ نۇرغۇنىنى يىقىتتى ،ياۋنى بىراق يوقىتىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياۋنى قوغلاپ كەتتى .
قالغانلار يارلانغان لەشكەرلەرنى يۆلەپ ئۇلارنىڭ يارىلىرىنى تېڭۋاتاتتى ،كۈنتىكىننى بىر نەچچەيلەن كۆتۈرۈپ بىر تۈپ قارىغاينىڭ قېشغا ئېلىپ كەلدى .ئۇ قارىغايغا يۆلەنگۈنىچە ئېغىر تىناتتى ،بەدىنىدىن كۆپ قان ئېقىپ كەتكەچكە ،ئۇ شۈك بولۇپ قالاي دېگەن ئېدى .
ھەممە ياقتىن يارلانغانلارنىڭ ئاھۇ-زارلىرى ئاڭلىناتتى ،كىلمەردۇ ئوغلۇم دەپ ۋارقىرىغۇنىچە ،ئۆلگەن ئوغلىنىڭ جەسىتنى قۇچاقلاپ ئاسمانغا قاراپ نالە قىلاتتى ،ئايچېچەك كۈنتىكنىڭ قېشىغا كەلدى ،ئۇ كۈنتىكننىڭ يۈزلىرىدىكى قاننى سۈرتكىنىچە ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى ،كۈنتىكىن ئاران-ئاران
-يىغلماڭ ...مەن ئېلمنىڭ قۇتقۇزۇلغانلىقىن كۆردۈم ...،ئۈمىدنى كۆردۈم ...ئەمدى ئۆلسەممۇ ئارمىنىم يوق..
قىز ئۆكسۈپ يىغلىغنىچە
-ياق ،سىز ئۆلمەيسىز ،سىز ئۆلمەيسىز ،كۆك تەڭرىم سىزنى قوغدايدۇ ،سىز كەتسىڭىز مەن قانداق قىلمەن ،سىزسىز ياشاشنىڭ ماڭا نېمە ئەھمىيىتى ،سىز ئۆلمەيسىز ...
قىز ھۆركىرەپ يىغلاپ كەتتى ،ئۆزنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك كىشسىگە قىيمايتتى .
كۈنتىكىن ،قان بولۇپ كەتكەن قولى بىلەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ ،
-كۆك تەڭرىم مېنىڭ يېنىغا ئېلىپ كېتدىغان ئوخشايدۇ..سىزگە ئەڭ ئاخىرقى تەلپىم ،مەن سىزنى ھاياتىمدىن بەك سۆيگەن ...ئەڭ ئاخىرقى قېتىم مېنى بىر سۆيۈپ قويۇڭ بولامدۇ ،چۈنكى مەن سىزنى سۆيۈپ باقمىغان .سىزنىڭ سۆيگۈڭىز بىلەن كېتىشنى خالايمەن .
بۇ چاغدا قىزنىڭ كۆز ياشلىرى خۇددى يامغۇرەك قۇيۇلۇپ كەتتى ،ئۇ چاچلىرىنى قايرىغنىچە لېۋىنى كۈنتىكىننىڭ لېۋىگە ئاستا ئاپاردى .
لەۋلەر بىر-بىرىگە چىڭ چاپلاشتى .كۈنتىكىنىڭ بۇ ئاداققى سۆيگۈ بىلەن كەتكۈسى بار ئېدى .ئۇ خاتىرجەملىك ئىچىدە كۈلۈمسىرەپ جان ئۈزدى .
قىزنىڭ «كۈنتىكىن !!!»دەپ ۋارقىرىغان ئاۋازى تاغۇ-تاشلارنى لەرزىگە سالدى.
ئۇنىڭىسز ھاياتنىڭ ئەمدى قىزغا ھېچىبىر ئەھمىيىتى قالمىغاندەك بىلگەن قىز بىرىدىنلا كۈنتىكىن بەرگەن خەنجەرنى ئېلىپ ،ئۆز كۆكرىكىگە سانجىدى.
ئۇ ئاستا .مېنى ساقلاڭ ،ئارقىڭىزدىن بارىمەن دەپ پىچىرلىغىنچە بېشىنى كۈنتىكننىڭ بېشىغا قويدى .ئۇنىڭ ئېغىزىدىن قان بۇلدۇقلاپ ئېقىپ ،كۈنتىكىنىڭ يۈرىكى قېشىغا تۆكۈلدى .قانلار قوشۇلۇپ كەتتى .
ئەمدى ئۇ كۈنتىكننىڭ ئارقسىغا مىنگۈشىپ بېپايان چەكسىز ئاسماندا يۇلتۇزلار بىلەن بىللە ئۇچىدۇ ،ئۇلارنىڭ كۈلكىسى ئەبەدى بۇ بېپايان بوشلۇقتا ياڭرايدۇ ...قىز خاتىرجەم ھەم كۈلۈمسىرىگەن ھالدا كۆزىنى يۇمدى .
بىر جۈپ قەبرە ئۈستىگە ئۈنگەن ياۋا ئوت-چۆپلەر يېنىك چىققان تاغ شامىلىدا يەلپۈنۈپ تۇراتتى ،بۇ يەرگە بىرجۈپ ئاشىق مەشۇقنىڭ تېنى كۆمۈلگەن بولسمۇ ،ئۇلارنىڭ ساپ مۇھەببىتىدىن تەسىرلەنگەن كۆك تەڭرى ئۇلارنى پەرىشىتىگە ئايلاندۇرغان ئېدى .ئۇلارنىڭ روھى ئەمدى ئەبەدى يۇلتۇزلۇق چەكسىز يايلاق ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلاتتى ،قىز كۈنتىكننىڭ قاناتلىق ئېتىغا مېنگۈشىپ، خاتىرجەم ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قۇچاقلاپ بېپايان كەڭ ئاسماندا ئۇچاتتى ،ئۇلارنىڭ كۈلكىسى ئەبەدى بۇ يايلاقنىڭ يۇلتۇزلۇق ئاسمىندا ياڭرايتتى ،يۇلتۇزلار ئۇلارغا ئەگىشىپ بىللە ئۇچاتتى ....
ئايچېچەك ئۆكسۈپ يىغلىغىنچە ئويغىنىپ كەتتى ،ئۇنىڭ كۆرگەن چۈشى ئۇنىڭدا ئېيتقۇسىز ھەيرانلىق تۇيغۇسىغا چۆمۈلدۈرەتتى ،ئۇ قولى بىلەن ئېغىزىنى توسۇپ مۆجىزىدەك چۈشنى كۆرگەنلىكىگە ئىشەنمەيتتى.ئۇ چىراقنى ياندۇرۇپ بولۇپ كارۋاتتا ئولتۇردى ،ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى ھېلھەم ئېقىۋاتاتتى ،ئۇ كۆرگەن چۈشىدىكى ساپ مۇھەببەت ۋە ئەقىدە ئۈچۈن تەسىرلنەتتى .ئۆزنىڭ ئۆتمۈشى كۆز ئالدىدىن بىر-بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى ،ئۇ بىردىنلا ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى .ئۇ ئەمدى ئۆزى ئۈچۈن يىغلاۋاتاتتى ،ۋۇجۇدىغا سىڭىپ كەتكەن غېرىبلىق ۋە ئاجىزلىقى ئۈچۈن يىغلىدى ،ئۆلۈپ كەتكەن ئانىسى ئۈچۈن يىغلىدى ،ئۇ يىغلاپ بولۇپ جىمىپ قالدى .ئۇزۇن ۋاقىت كۆكسىگە تولۇپ كەتكەن ھەسرەتلەر بۇ كۆز ياشلار بىلەن چىقىپ كەتكەندەك بولدى،ئۇ چوڭقۇر بىر نەپەس ئالدى .
بۇ چاغدا دېرىزە ئوچۇق قالغان بولۇپ ،دېرىزە پەردىسى شامالدا يەلپۈنۈپ تۇراتىتى ،پەردە يەلپۈنۈپ دېرىزە تۈۋىدىكى ئۈستەل ئۈستىدىكى باربىتقا تېگىشىپ تۇراتتى .قىز باربىتقا قاراپ ئۇنى ئاستا قولىغا ئالدى ،قىز باربىتنىڭ تارىلىرىنى بارماقىلىرى بىلەن ئاۋايلاپ سىلاپ چىقىتى ،ئۇنى باغىرىغا بېسىپ كۆزلىرىنى يۇمغىنچە سىلايتتى .ئۇنىڭ قولى باربىتنىڭ تارىسىغا باردى ،بېشىنى كۆتۈرۈپ تارىنى يېنىك چەكتى ،ئۇ بىردىن ھاياجانغا چۆمۈپ باربىتنى چېلىشقا باشلىدى ..
گەرچە شۇنچە كەچ بولۇپ كەتسمۇ ،بېنانىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى كەچلىك بازاردا كىشلەر تېخى قايتىمىغان ،ئەمدىلا قايسى تۈن بەزمىخانلاردىن قايتقان كىشلەر ۋە كەچلىك خېرىدار ئىزدەپ يۈرگەن شوپۇرلار ۋە باشقا كىشلەر بۇ يەردە كەچلىك تاماق يەپ ئولتۇراتتى ،ئۇلار بىردىن بېنانىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىن كېلۋاتقان مۇزىكا ئاۋازىنى ئاڭلىدى،مۇزىكنىڭ بارا-بارا كۈچىيشىگە ئەگىشىپ ،ۋاراڭ-چۇرۇڭلار بېسىقىشقا باشلىدى ،ھەممەيلەننىڭ دىققىتى بارا-بارا مۇزىكىغا يۆتكەلدى ،مۇزىكا تولىمۇ ھەسرەتلىك ئورۇندىلۋاتاتتى،ھەممەيلەن مۇزىكىغا رام بولۇپ كەتتى ،ئۇلارنىڭ بەزىسى ئالدىدىكى ئۈستەلگە جەينەكلىرىنى قويۇپ باشلىرىنى چايقىغىنچە يۈزلىرىنى تۇتۇپ ئولتۇرسا ،بەزىلىرى ئورۇندۇقنىڭ ئارقىسغا يۆلەنگۈنىچە كۆزلىرىنى يۇمۇۋالغان.كاۋاپ چىقىراۋتقان ياش بالىلارمۇ كاۋاپنىڭ زىقىنى تۇتقىنىچە ئالدىدىكى كاۋاپنىڭ كۆيۈپ كېتۋاتقانلىقىغا قارىماي ھاڭۋىققىنىچە مۇزىكا چىقۋاتقان بېنا تەرەپكە قاراپ تۇراتتى .
.مۇزىكىدىن كېلۋاتقان مۇڭ ئۇلارنىڭ قەلبىگە ئورناپ كەتكەن مۇڭلىرىغا قوشۇلۇپ قىيان ھاسىل قىلىپ كۆز ياشلىرى تۆكۈلدى ،بۇ ھەسرەتكە چىدىمغان بەزىلەر جىق ئىچۋالغاچقىمىكىن ،ھۆركىرەپ يېغلاپ كەتتى ،ھېچكىم بۇ چاغدا ئۇلارغا ھەيرانلىق بىلەن قارىمايتتى .
نېمىدىگەن مۇڭلۇق مۇزىكا ،ئاھ ،مەن چىدىمىدىم دەپ بىرەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ئالدىدىكى ھاراقنى بوتۇلكىسى بىلەن ئېلىپ گۈپۈلدىتىپ ئىچىۋەتتى ۋە كۆينىكىنىڭ تۈگمىسىنى قولى بىلەن ئۈزۈپ ئېچىۋەتتى .
مۇزىكا توختىدى ،ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ چاۋاك چېلىپ كەتتى ،ئۇلار بىر-بىرنى تونۇسۇن-تونۇمىسۇن ئۆز ئارا قۇچاقلىشىپ كەتتى ،ئۆزلىرىنى مۇڭلاندۇرغان ھەم قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن ھەسرەتنى چىقىرىپ ،ئۈمىد بېغىشلىغان بۇ مۇزىكا تۈپەيلى ئەمدى ئۇلار بىر-بىرسىدىن مېھىر-مۇھەببەت ئىزلەۋاتاتتى ،ئۇلار مۇھەببەتكە تولغان ۋۇجۇدى بىلەن بىر-بىرىنى چىڭ قۇچاقلايتتى ،بەزىلەر قارشى تەرەپنى كۆتۈرۈۋالاتتى .ھەممەيلەن ئەمدى كۈلۈمسىرىگىنچە بىر-بىرىگە قېرىنداشلىق مۇھەببىتى بىلەن باقاتتى .
ئايچىچەك دېرىزە تۈۋىگە كېلىپ ،تۆۋەندىكلەرگە قارىدى ،چۈنكى ئۇ چىققان چاۋاكلارنى ئاڭلاپ تۆۋەنگە قارىغان ئېدى ،ئۇ تۆۋەندىكى كىشلەرنىڭ بىر-بىرىنى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن قۇچاقلاشقىنىنى كۆرۈپ ،كۆز ياشلىرى ئىسسىق ھالدا يۈزىنى بويلاپ چۈشتى ،ئۇ بۇ مۇھەببەتتىن تەسىرلەنگەن ئېدى .
تۆۋەندىكلەردىن بىرى مۇزىكا چىققان ئۆيگە قارىغان ۋاقتىدا ،ئاپئاق ئۇزۇن ئىچ كېيىم بىلەن تۇرغان ئايچېچەكنى كۆرۈپ ،
- قاراڭلار ،مۇزىكا چالغان پەرىشتە !
بۇ چاغدا ھەممەيلەن دېرىزە تەرەپكە قارىدى ،ئۇلار دېرىزە تەرەپكە قاراپ چاۋاك چالدى .بەزىلىرى ئىككى قولىنى ئېغىزىغا تىقىپ ئىسقىرتاتتى .
بىرەيلەن ئۈستەل ئۈستىگە چىقىپ ،
-قىزچاق سىز پەرىشتمۇ ،نېمانداق مۇڭلۇق مۇزىكا بۇ ،جەننەتتىن كەلگەن مۇزىكىمۇ بۇ ؟ رەھمەت سىزگە ،ئەمدى مەن غېرىب ئەمەس! دەپ توۋلىدى ،ئۇنىڭغا ئەگىشىپ جوزىدىكلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ؛شۇنداق،بىز غېرىب ئەمەس !بىز غېرىب ئەمەس ! دەپ توۋلىدى .
بۇ يۇقىرى ئاۋازدىن چۆچۈگەن ھەم ئاللىقاچان ئۇخلاپ قالغانلار ئويغىنىپ كۆزلىرىنى ئۇۋلىغىنچە دېرىزىسىنى ئېچىپ تۆۋەندە نېمە ئىش بولغاندۇ دەپ ھەيران بولاتتى ،ئارقىدىن ساقچى ماشىنىسى كېلىپ بۇلارغا نەسھەت قىلغاچ
- كۆپچىلىك قايتىڭلار ،بەك كەچ بولۇپ كەتتى دەپ ئۇلارنى تارقىتۋەتتى .
ئايچېچەك ئۆزى چالغان مۇزىكىنىڭ بۇنچىۋالا كىشلەرنى تەسىرلەندۈرشىنى ئويلاپ باقمىغان ئېدى ،شۇنداقتىمۇ ئۇ مۇزىكىنى بارچە روھى بىلەن چالغان ئېدى .ھەسىرەت ۋە ئۈمىد ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇشلار ئەكىس ئەتكەن ،مۇزىكىنىڭ ئاخىرىدا بارلىق غېربىلىقنى ئۈمىدكە ئايلاندۇرغان ئېدى .
ئۇ ئۈستەل تارتمىسىدىن نوتا يازىدىغان دەپتىرىنى ئېلىپ ،قەلەمنى قولىغا ئالغىنىچە بايىقى مۇزىكىنىڭ نوتىسىنى يېزىشقا تۇتۇش قىلدى ،ئۇنىڭ قەلىمى نوتا دەپتىرى ئۈستىدە يورغىلايتتى ،بىردە قەلەم بىلەن سىزاتتى ۋە بۇ ۋاراقلارنى يىرتىپ يەرگە تاشلايتتى ...
ئىللىق قۇياش نۇرى ئۆي ئىچىگە چۈشكەن ۋاقتىدا ئايچېچەك ئۈستەلگە بېشىنى قويۇپ ئۇخلاپ قالغان ئېدى .ئۇنىڭ ئالدىكى نوتا دەپتىرىدە «يۇلتۇزلۇق كېچىلەر»دېگەن تېما قويۇلغان مۇزىكا نوتىسى تۇراتتى .
ئايچېچەك ئورنىدىن تۇرغان چاغدا ،ئۆزنىڭ ئۈستەلدە ئۇخلاپ قالغانلىقىنى بىلدى ،ئۇ ئالدىدىكى نوتا دەپتىرىدىكى مۇزىكنىڭ نوتىسىنى قولىغا ئېلىپ كۆتۈرگنىچە ئۇنى سۆيۈپ ئۆزى ئۈچۈن تەنتەنە قىلدى ،
-مەن ئاخىر مۇزىكا ئىجاد قىلالىدىم ،ۋا !مەن ھەقىقەتەن يارايمەن . ،شۇتاپ ،ئۇنىڭ خوشاللىقىغا ھېچنىمە توغرا كەلمەيتتى ،بىردىن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى ئېقىپ كەتتى . ئانىسى بولغان بولسا نېمىدىگەن ياخشى بولاتتى ھە ؟ خۇددى كىچىك چاغلىرىدەك ئۇنى باغرىغا بېسىپ ،چاچلىرىنى سىلىغىنچە ئۇنىڭ خۇشاللىقىغا جۆر بولاتتى .بىراق ھازىر ئانىسى يوق ،ئۇ ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە ئۇھ تارتىپ قويدى .
ئۇ بۇرنىنى كارۋات بېشىدىكى قەغەز بىلەن سۈرتىۋىتىپ ئۆتكەن كۈنلەرنى خىيال قىلىشقا باشلىدى .ئۇ نېمە كۈنلەرنى كۆرمىدى ،ئۇ خورلاندى ،ئۆزىنى يوقاتتى ،بىراق ئۆزنىڭ خىيالىنى يوقىتىپ باقمىدى ،ئەگەر ئاشۇ قېتىم ئاشۇ ئاقكۆڭۈل يىگىت قۇتقۇزمىغان بولسا ،ئۆزنىڭ كەلگۈسى قانداق بولار ئېدى ھە ،ئۇنىڭ داڭلىق كومپىزىتور بولۇش ئارزۇلىرى قەيەرلەردە تېنەپ يۈرەتتى ،بۇ ئۇنىڭغا نامەلۇم .ئۆتمۈش ئۆتۈپ كەتتى ،مانا ئەمدى ھەممە ئىشلار ياخشى بولۇپ كەتتى ،ئۇ ئاخىر ئۆزى ئارزۇ قىلغاندەك مۇزىكىدىن بىرنى ئىجاد قىلالىدى ،ئۇ يەنە ئىجاد قىلىدۇ تېخى .ئارزۇ-ئۈمىد بولسىلا ھامان بىر كۈنى ئۆزى كۈتكەن زەپەر ئىشكى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېچىلدۇ .
ئايچېچەك خۇددى ئۆزنىڭ ئېلھام قۇشلىرىنىڭ ئەمدى قانات قاققانلىقىنى ھېس قىلدى ،ئۇ ئۆزنىڭ نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىنى ئېنىق ھېس قىلىپ يەتتى ،ئۇ مۇزىكىنى ئەشۇ ئۆزىگە ئوخشاش قاراڭغۇدا تېنەپ قالغانلارغا يورۇقلۇق ئاتا قىلىش ئۈچۈن ئىجاد قىلىشى كېرەك ،ھاياتتا ئادەم ئۆزى ئۈچۈن ياشىماسلىقى ،باشقىلارغا ئاتا قىلغان مەنە ئوخشاشلا ئۆز تۇرمىشىغىمۇ مەنە ۋە خوشاللىق ئاتا قىلدىغىنى ھېس قىلىپ يەتتى ،چۈنكى كېچە بولغان ئىش ئۇنىڭدا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى پەيدا قىلىپلا قالماي ئۇنىڭدا بىر مۇزىكا ئىجاد قىلىش ئۈچۈن نىشان پەيدا بولۇپلا قالماي ،ئۇ يەنە يېڭى بىر ھاياتى كۈچكە ئېگە بولدى .ئەمدى ئۇنى ھېچنىمە توسۇۋالالمايدۇ .
ئۇ كۆز يېشىنى سۈرتۈپ كۈلۈمسىرىدى .بۇ كۈلۈمسىرەش ئۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى بىر تۇرمۇش يولىدىن ،يېڭى بىر نىشاندىن دېرەك بېرەتتى .
ئۇ ئۆيدىن ناشتا قىلىپ بولۇپ كوچىغا چىقىتى ،ئۇنىڭ ئۆينىڭ ئاستى بازار ئېدى ،مەيلى كېچە ياكى كۈندۈزى بولسۇن ئادەم ئۈزۈلمەيتتى .
ئۇ ئولتۇراق رايوننىڭ دەرۋازىسىدىن چىقىپ قەيەرگە بېرىشىنى بىلمىدى ،ئۇ ئادىتى بويىچە ئوڭ تەرەپتىن مېڭىپ باقماقچى بولدى .
ئۇ بۇلاقبىشى تەرەپتىن دۆڭكۈرۈك تەرەپكە ماڭدى ، ئۇزۇنغا سوزۇلغان پىيادىلەر يولىنىڭ بويىدا ئۇششاق تىجارەتچىلەر قوللىرىدا كېيم-كېچەكلەرنى تۇتقىنىچە ئالدىدىكى ئالدىراش ئۆتۈپ كېتۋاتقان كىشلەرگە كۆرسىتىپ ئالامسىز دەپ سوراپ قوياتتى .يول بويىدا ئولتۇرغان دىۋانىلەر بىردە ئالدىدىن ئۆتكەن ئادەملەردىن تىلىسە ،بىردە پەرۋاسىز نېمىلەرنى خىيال قىلىپ ئولتۇراتتى ،ئۇلار نېمىنى خىيال قىلىدۇ ،بۇنىسى قىزغا نامەلۇم ،قىزغا ھەممىدىن تەسىر قىلغىنى بەزى تىلەمچلەرنىڭ قېشىدىكى سەبىي بالىلىرى ئېدى ،ئۇلارمۇ ئوخشاش ئۆزنىڭ سەبىيلىك بالقىپ تۇرىدىغان كۆزلىرى بىلەن كۆز ئالدىدىن ئۆتۈۋاتقان ئادەملەرگە نەزەر سېلىپ ئولتۇراتتى ،ئۇلار نېمە ئويلايدىغاندۇ ؟ باشقا بالىلارغا ئوخشاش ئىللىق سىنپلاردا كېيملەرنى ئۇلار بىلەن تەڭ ئوقۇشنى ئويلامدۇ ؟ ياكى ئالدىدىن ئۆتكەن بالىلارغا ئوخشاش چىرايلىق كېيىملەرنى كېيىپ يۈرگۈسى كېلەمدۇ ؟ئۇلار زادى نېمە ئويلايدىغاندۇ ؟ ئايچېچەك ئۇ بالىلارغا مۇھەببەت بىلەن قارايتتى ھەم ئۆزىگە سوئال قوياتتى .شۇ چاغدا ئۇنىڭ قېشىغا بىر كىچىك قىز بالا پۇل تىلەپ كەلدى .ئۇنىڭ خېلى ئۇزۇنغىچە يۇيۇلمىغان چاچلىرى چىگىلىشىپ كەتكەن،كېيملىرنىڭ قىر-چۆرىلىرى كىر بولۇپ مايلىشىپ كەتكەن ئېدى ،كىچىك قىز قولىنى چىقىرىپ ئايچېچەككە تەڭلىدى ،ئۇنىڭ ئوماق كىچىك كەلگەن قوللىرى كىر بولۇپ كەتكەن ئېدى .
ئايچېچەك بۇنى كۆرۈپ ئىچى سېرىلىپ كەتتى ،ئۇ پورتمانىدىن ئون سوم پۇلنى چىقىرىپ قىزغا تەڭلىدى ،كىچىك تىلەمچى قىز بۇ ئون سوم پۇلنى ئېلىپ ئۇنىڭغا خۇددى راست ئون سوم بەردىڭىزمۇ دەپ دېگەندەك ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن ئۇنىڭغا قارىدى
تىلەمچى قىزچاق ھەقىقەتەن ئوماق ئېدى ،ئۇنىڭ قاپقارا كەلگەن يوغان كۆزلىردىن ،چىرايلىق چۈشكەن بۇرۇنلىرىدىن قىزنىڭ چوڭ بولغاندا نەچچە يىگىتنى ئاھ دېگۈزىدىغان رەنا بولىدىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى ،ئايچېچەك ئىختىيارسىز ئولتۇرۇپ ئۇ قىزنى چىڭ باغىرىغا باستى ،كىچىك قىزمۇ بۇنداق ئىللىق قۇچاقلاشنى باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغاندەك ئايچېچەكنى چىڭ قۇچاقلىدى ،ئۇلار بىر-بىرىگە مۇھەببەت ئاتا قىلۋاتاتتى .
ئەتراپتىكلەر ئۇلارغا قاراپ قويۇپ ئۆتۈۋاتاتتى ،بەزىلەر خۇددى تاماشا چىقىشىنى ساقلىغاندەك ،بۇنداق ئىشنى كۆرۈپ باقمىغاندەك ئۇلارغا قاراپ تۇراتتى ،ئۇلار نېمە ئۈچۈن تۇرىدۇ ؟بۇنى ئۆزلىرىمۇ بىلمەيدۇ ،بەلكىم بىر تاماشنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ تۇرغاندۇ ،ئايچېچەكنىڭ بۇلار بىلەن كارى بولمىدى ،ئۇ قىزدىن چوڭ بولغاندا نېمە بولىسىز ؟دەپ سورىدى ،قىز بىگىز بارمىقىنى ئېغىزىغا سېلىپ كۆزلىرىنى پىلدىرلاتقىنچە بىر ئاز ئويلاندى.
-چوڭ بولسام ،بۇنى بىلمەيمەن ،لېكىن مېنىڭ باشقا كىچىك بالىلارغا ئوخشاش مەكتەپتە ئوقۇغۇم بار.بىراق دادام مېنى مەكتەپكە بارغۇزمايدۇ ،ئۇ ھەركۈنى مېنى بۇ يەرگە ئەچىقىپ تىلەمچىلىككە سالىدۇ ،كەچتە ھاراق ئىچىپ مېنى جىق پۇل تاپمىدىڭ دەپ ئۇرىدۇ .ئاچا ،چىرايلىق ئاچا مېنىڭ تىلەمچىلىك قىلغۇم يوق .مېنىڭ ...مېنىڭ ئوقۇغۇم بار .قىز بىردىنلا ئېسەدەپ يىغلاپ ئۇنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى .
-يېغلماڭ ھە،ئوماق سىڭىلىم ،يېغلىماڭ ..ئاچىڭىز سىزنى مەكتەپكە ئېلىپ بارىدۇ ،سىزگە چىرايلىق كېيملەرنى ئېلىپ بېرىدۇ .
بۇ چاغدا كېيمىلىرى رەتسىز ،چاچىلرى قالايمىقان پاخپىيىپ كەتكەن بىرەيلەن كېلىپ قىزنى ئايچېچەكنىڭ قولىدىن تارتتى
- بۇقىز مېنىڭ قىزىم ،بالىڭىز يوق تۇغماس خوتۇنمۇ سىز ؟ بالا كۆرۈپ باقمىغانمۇ ؟ قىزىمنى ئېلىپ كېتىپ نېمە قىلماقچىدىڭىز ،ئۇنى ئېلىپ كەتسىڭىز بىز نېمە بىلەن جان باقىمىز ،قايدا خېنىم بۇ ؟ يۈرە ،دەپ قىزىنى سىلكىشلەپ ئېلىپ كەتتى .ئايچېچەك نېمە دېيىشىنى بىلمەي بوغۇزىغا تۇرۇپ قالغان گېپنى ئىچىگە يۇتتى .
ئۇ ئامالسىز داۋاملىق ئالدىغا ماڭدى ،بۇ چاغدا بۇنى كۆرۈپ تۇرغان تاماشبىنلار ئارسىدىن ،قارىغاندا بالنى ياخشى كۆرىدىغان تۇغماس خوتۇن ئوخشايدۇ ،بىچارە دېيشىكىنچە يەنە قەيەردە تاماشا چىقار دېگەندەك لاغايلاپ ئاستا ئۆز يوللىرىغا راۋان بولدى.
-سىلەر بىچارە ،دېدى بۇنى كۆرۈپ تۇرغان بىر ياش يىگىت .ئۇ قىزنىڭ نېمە ئۈچۈن تىلەمچى قىزنى قۇچاقلىغانلىقىنى چۈشىنەتتى ،چۈنكى تىلەمچى قىز ئەسلىدە بۇ يېشىدا بۇ يەردە تىلەمچلىك قىلماي ،ئازادە يورۇق سىنپلاردا ئىلم-مەرىپەت ئۆگىنىپ ئولتۇرغان بولسا توغرا بولاتتى ،ھەي دەپ قويۇپ يىگىتمۇ ئۆز يولىغا راۋان بولدى ،چۈنكى بۇ دۇنيانى ئۇ ئۆزى يالغۇز ئۆزگەرتىپ بولالمايدۇ دە .
ئايچېچەكنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن ئېدى ،ئۇ خۇددى بۇ يەرنى بۇرۇن كۆرۈپ باقمىغاندەك باشقىچە نەزەر بىلەن ھەممىگە تويماي قاراپ ماڭاتتى ،بولۇپمۇ كۆز ئالدىدىن ئۆتۈۋاتقان ئادەملەرگە .
شۇنداق ،بۇ يەر ئىزچىل بۇ شەھەرنىڭ كۆزى ،بۇ شەھەرگە ھەركۈنى ھەرقايسى يەرلەردىن كەلگەن ئادەملەر كېلىپ-كېتىپ تۇراتتى ۋە بۇ يەردىن ئۆتمەي قالمايتتى ،ئايچېچەك ماڭغاچ نۇرغۇن ئادەملەرنى كۆردى ،ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەشەمەتلىك ماشىنغا ئولتۇرغانلارنى ،يوقسۇزلۇقنىڭ دەردىدە تىلەمچىلىك قىلۋاتقانلارنى ،خىزىر سۈپەت بوۋايلارنى ،كۆزلىرىدىن دۇنيانىڭ سۈزۈكلۈكى بالقىىپ تۇرغان سەبىي بالىلارنى كۆردى .
ئۇ ئۆتۈۋاتقان ئادەملەرگە خۇددى ھازىرلا ئايرىلىپ كېتىدىغاندەك چوڭقۇر قىيالماسلىق ئىچىدىكى مۇھەببەت بىلەن ئۇلارغا باقاتتى ،ئەشۇ يولدىن ئۆتۈۋاتقان مېھىرى ئاتەش چىراي مومايلارنى قۇچاقلاپ قويۇشىنى ،كىچىك قەدەملىرى بىلەن ئانىسىنىڭ ئارقىسىدىن قالماي كېلۋاتقان ئوماق بالىلارنىڭ مەڭزىگە سۆيۈپ قويۇشنى ئويلايتتى ،ئۇ خۇددى كېنونىڭ ئاستىلاتقان كۆرۈنۈشىدەك بېشىنى ئىككى يانغا ناھايىتى ئاستا بۇراپ ئۆتكەن ئادەملەرگە نەزەر سالاتتى ،ئۇلار ئۇنىڭغا تولىمۇ سۆيۈملۈك بىلىنىپ كەتتى .
ئۇ كۆزلىرىنى يۇمۇپ ئاشۇ ئادەملەر جىددى ئۆتۈپ تۇرغان قىستاڭ پىيادىلەر يولىدا تۇردى .ئۇنىڭ مۈرىسىگە يېنىدىن ئۆتۈۋاتقان كىشلەرنىڭ مۈرسى تېگىپ تۇراتتى ،ھەربىر تەگكەن مۈرىلەردىن ئۇنىڭغا ئىللىقلىق ئۇرۇلاتتى ،قىز كۆزلىرنى يۇمغان ھالەتتە ئۆزىگە تېگىپ ئۆتۈشۈۋاتقان ئادەملەرنى خۇددى مۇزىكا نوتسىدەك ھېس قىلدى. ھەربىر ئۇنىڭغا تېگىشكەن ئادەم گويا نۇرغۇن مۇرەككەپ ئاھاڭغا ئوخشاش ئۇنىڭغا باشقىچە سەزگۈ ئاتا قىلاتتى ،ئۇنىڭ قانلىرى ھاياجاندا ئوخچۇپ ئاقاتتى ،يۈرىكى بۇ سېزىم ئىچىدە ئۆرۈلگەندەك بولدى ،ھاياجاندىن پەيدا بولغان سېزىم ئىچىدە ئۇنىڭ تېرىسىدە توخۇ ئەت چىقىپ كەتتى .شۇ تاپ ئۇنىڭ كاللىسىدا بىر سېمفونيە ئورۇنلىناۋاتاتتى .
ئۇنىڭ چىرايىدا كۈلۈمسىرەش پەيدا بولدى ،كۆزىنى بوش يۇمۇپ ئىككى يېنىدىن ئۆتۈۋاتقان كىشلەرنىڭ ئاياق تىۋىشىنى ئاڭلاشقا باشلىدى ،ئۇنىڭ ئاڭلاش سەزگۈسى شۇ تاپ سەزگۈرلۈك بىلەن ھەربىر ئۆتكەن ئاياق تىۋىشىنى ئاڭلاشقا باشلىدى.
ئەنە ئۇ كالىچىنى سۆرەپ ،ھاسىسىنى يەرگە ئۇرۇپ ماڭغان بوۋاينىڭ ئاياق تىۋىشىنى ھېس قىلدى ،ئۇزۇن ھايات مۇساپىسدە باسقان يولنىڭ شاھىدى بولغان بۇ ئاياق تىۋىشى خۇددى ساتارنىڭ سوزۇلۇپ چىققان ئاۋازىدەك ئېدى .ئالدىراش قەدەملەر بىلەن يېنىدىن ئۆتكەن ئالتە قىزنىڭ ئاياق تىۋىشى ئۇنىڭ كاللىسىدا غېجەك بولۇپ مۇزىكا ھاسىل قىلماقتا .ئانىسىغا ئەگىشىپ مېڭۋاتقان كىچىك بالىنىڭ ئاياق تىۋىشى خۇددى تارىلىرى بىر خىل رېتىم بىلەن چېكىلۋاتقان چاڭنىڭ ئۆزى ئېدى .
ھەربىر ئۆتۈشۈۋاتقان قەدەملەرنىڭ تىۋىشى ئۇنىڭ كاللىىسدا ھەرخىل مۇزىكا بولۇپ يۇغۇرۇلماقتا .
توختماي ئۆتۈۋاتقان قەدەملەر بىر-بىردىن مېھىر ئىزلەيتتى ،بىر-بىرىگە سالام قىلاتتى .ئۇ قەدەملەر خۇددى ئانىسىدىن ئېزىپ قېلىپ ،قەيەرگە بېرىشنى بىلمەي تۇرغان كىچىك بالىدەك نىشانىسز ھەرتەرەپكە چاپاتتى . شۇنداق سۇسلاشقان قېرىنداشلىق،ئۇنتۇلغان ئۆزلۈك ۋە خىرەلەشكەن تىلەكلەر بۇ قەدەملەرنى چارچاتقان ئېدى .بۇ بىر ھەسرەت ،بۇ بىر تىراگىدىيە .مۇزىكا مۇشۇنداق ئاخىرلاشسىنمۇ ؟ قىز خۇددى قەدەملەردىن چىقىۋاتقان ھەسرەتلىك نېدالارنى ئاڭلىغاندەك ،ئۇلارنىڭ بىر-بىردىن ئىزلەۋاتقان مېھىر ۋە ئىشەنچنى ھېس قىلغاندەك ،خىياللىرىنى يىراق ئەمما مېھىر-مۇھەببەت تېخى ئۇنتۇلمىغان سەھرالارغا ،يىراق قىرالارغا پەرۋاز قىلدۇردى .
ئەنە ئېتىز بېشىدا ئورمىنى ئورۇپ ،چېكىسىدىكى تەرنى سۈرتىۋاتقان بوۋايغا مومىيى بىر پىيالىدە سۇ ئېلىپ ئۇنىڭغا سۇنىۋاتاتتى ،ئىككەيلەن ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ قارىدى .
ئەنە لاي سۇدا چۆمۈلۈۋاتقان بالىلارمۇ سۇدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرەيتتى .
پېشايۋانلىق ھويلىدا ئۈزۈم بارىڭىنىڭ ئاستدا كەشتە تىكىپ ئولتۇرغان قىز ،قولىدىكى يېڭىنىسىنى ئەپچىللىك بىلەن ئۆتكۈزۈپ بولۇپ ،ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويدى .
ئايدىڭىدا تار كوچىدا كېتۋىتىپ ئاشقىلىق ناخشىسى توۋلىغان يىگىت ئاي يورۇقىدا ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسرەپ قويدى .
كەچ توپىسى پۇرقىراپ تۇرغان ھويلىنىڭ ئىچىدە ،ئۈزۈم بارىڭىنىڭ ئاستدا توي نەغمىسگە ئۇسۇل ئويناۋاتقان چوڭ-كىچىك ،قېرى ياشلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرىمەكتە .
ئەنە ھېيتگاھنىڭ ئالدىدا مەرادانىلىك بىلەن ساما سېلۋاتقان كىشلەر ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرىمەكتە.
ئەمدى ئۇ ئەشۇ يىراق يېزىلاردىكى كۈلۈمسرەشلەرنى مۇزىكىغا قاتتى ،مۇزىكا خۇددى دېڭىزدىن بېشىنى چىقارغان غەۋۋاستەك ،ئۇ تېنىگەن نەپەس ئالغۇسىز ھاۋادىن چىقىپ ،كۆپكۈك ئاسماندا پەرۋاز قىلدى .
ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ئاڭلىنۋاتقان ئاياق تىۋىشلىرىنىڭ نېداسى شەھەرنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرىغا قېتىلىپ ،بۇ شاۋقۇن-سۈرەنلەرنى ئېلىپ ئاسماندا ئۇچۇۋاتقان كەپتەرلەردىن ئۆتۈپ، بۇ شەھەردىن چىقىپ ياپيېشىل ئورمانلاردىن ئۆتۈپ قۇشلارنىڭ ئاۋازىغا قوشۇلۇپ ،كىچىك ئېقىنلارنىڭ شىلدىرلاشلىرىنى ئېلىپ ،مەيىن شامال بىلەن بىللە تارىم دەرياسىنىڭ ئۆركەشلىرىگە قېتىلىپ كەتتى
ئايچېچەك كۆزىنى كۈلۈمسىرەپ ئاچتى .ئەمدى ئۇنىڭغا بۇ شەھەر مۇھەببەتكە تولغاندەك بىلىندى ، قىز ئەمدى ئۆيىگە قايتىپ كاللىسىدا پەيدا بولغان مۇزىكىنىڭ نوتىسىنى يېزىۋىلىش ئۈچۈن قەدەملىرىنى ئۆيى تەرەپكە بۇرىدى .
* * * *
كۈنتىكىن نېۋىيورۇك مەركىزى باغچىنىڭ قېشىدىكى ھەشەمەتلىك كادىلاك ماشىندا باغچىنىڭ قېشىدىكى ئەمېلىي خانىم ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان مېھمانخانىغا قاراپ كېتىۋاتاتتى .ئۇ تېخى بايىلا ئۆزنىڭ بۇ يەردە ئۆتكۈزلىدىغان رەسىم كۆرگەزمىسى ئۈچۈن ئېچىلغان مۇخبىلارنى كۈتۈۋىلىش يېغىنغا قاتىنىشپ بولۇپ ،ئەمېلى خانىم ئۇنى ئۇ چۈشكەن مېھمانخانغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇش ئۈچۈن بىللە ماڭغان ئېدى .
ماشىنا باغچىنىڭ قېشىغا كەلگەن چاغدا ،دېرىزىنى ئېچىپ قويۇپ ماڭغان كۈنتىكىننىڭ قۇلىقىغا بىر تونۇش مۇزىكا ئاڭلاندى .ئۇ تۇيۇقسىزلا سەكەگلەشكەندەك بولدى ۋە شوپۇرغا قاراپ
- ماشىنىنى توختىتىڭ !تېز ماشىنىنى توختىتىڭ !ھېچنىمنى ئاڭقىرالمىغان شوپۇر جىددى ھالدا ماشىنى يولنىڭ چېتىگە توختاتتى .
كۈنتىكىن ماشىندىن ناھايىتى جىددىلىك ئىچىدە چۈشۈپ مۇزىكا چىققان تەرەپكە قاراپ ماڭدى ،يولدىكى چىراقلارغا ئېسىلغان جوڭگو شىنجاڭلىق كومپىزىتور ۋە مۇزىكانت ئايچېچەكنىڭ «يۇلتۇزلۇق كېچىلەر »مۇزىكا كېچىلىكى دىگەن لوزۇنكىلار شامالدا يېنىك يەلپۈنۈپ تۇراتتى .
كۈنتىكىن ئادەملەر توپىنى يېرىپ ئۆتۈپ مۇزىكا چىقۋاتقان سەھنە تەرەپكە قاراپ ماڭدى ،بۇ دەل ئۇنىڭ چۈشىدە ئاڭلىغان مۇزىكسى ئېدى .ئۇ سەھنە تەرەپكە يېقىن كەلگەن چاغدا ،سەھنىدىكى ئۆزى سىزغان قىزنى كۆردى ،قىز ماي بوياق رەسىمدە سىزىلغان كېيىم كېچەكلەرنى كېيۋالغان ،بەئەينى رەسمىدىكى ھالەتنىڭ ئۆز ئەينى ئېدى .
كۈنتىكىن بۇنى كۆرۈپ كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قالدى .چۈشىدە كۆرگەن قىز چۈشىدە ئاڭلىغان مۇزىكنى ئورۇنلاۋاتاتتى .شۇ تاپتا ھاياجانلانغىندىن بۇ ئوڭۇممۇ ياكى چۈشۈممۇ دەپ بارمىقىنى چىشلەپ باقتى .بۇ ئوڭۇم ئېكەن !بۇ ئوڭۇم ئېكەن ! دەپ ۋارقىرىۋەتتى .يېندىكى كىشلەر ئۇنىڭغا قاراپ «ئۈش»دەپ قويۇپ مۇزىكىنى ئاڭلاۋاتاتتى .
ئۇ ئەمدى قىزغا قارىدى ،ماي ئاخىرى بولۇپ قالغان بولغاچقا ،باغچە ئىچىكدىكى دەرەخلەرنىڭ چېچەكلىرى شامال بىلەن ئۇچۇپ قىزنىڭ چاچىلىرىغا قوناتتى ،ھەم قىزنىڭ ئالدىدىن شامال بىلەن ئۇسۇل ئويناپ ھەرياقلارغا ئۇچاتتى .كۈنتىكىن قىزغا قارىغىنچە قېتىپ تۇرۇپ قالغان ،قىز كۆزلىرىنى يۇمغىنىچە مۇزىكا ئورۇنلاشقا كىرىشىپ كەتكەن ئېدى ،ئۇنىڭ قېشىدىكى ئوركىتسىردىكلەر كۈلۈمسىرىگەن ھالدا ئۆزلىرىنىڭ نادىر بىر مۇزىكىغا تەڭكەش قىلۋاتقانلىقىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولۇپ ئىشتىياق بىلەن مۇزىكىغا تەڭكەش قىلۋاتاتتى .
قىز ھېچنىمىگە قارىماي كۆزلىرىنى يۇمۇپ مۇزىكا ئورۇنلاۋاتاتتى ،ئۇنىڭ تال-تال كىرپىكلىرى ئۈستگە قونۇۋالغان بىر تال چېچەك بەرگى ئۇنىڭ يۈزلىرىدە يەلپۈنۈۋاتقان چاچلىرى تەرىپىدىن چۈشۈپ كەتتى .قىزنىڭ بارماقلىرى يەڭگىل ھالدا باربىتنىڭ تارىلىرىنى چېكەتتى ،مۇزىكا ئورۇنلاشقا بەك كىرىشىپ كەتكەنلىكتنمىكىن بېشىنى ھەربىر سىلكىگەندە چاچلىرى يەلپۈنۈپ يۈزلىرىگە چۈشۈپ يۈزىنى بىردە كۆرسىتىپ بىردە توسۇۋالاتتى .
كۈنتىكىن مۇزىكغا ئەگىشىپ سەھنىنىڭ ئالدىغا كېلىپ بولغان بولۇپ مۇزىكا ئۇنىڭ ھەربىر ھۈجەيرىلىدە دىگۈدەك سېزىم ئاتا قىلۋاتاتتى ،مۇزىكا ھەربىر قېتىم ئەۋجىگە چىققان چاغدا ئۇنىڭ يۈزلىرى تارتىشقاندەك بولۇپ ،تېنىگە توخۇ ئەتلىرى ئۆرلەپ ،كۆزلىرىگە ياش يامىشىپ قالاتتى .مۇزىكا ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا چوڭقۇرلاپ سىڭىپ يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا ئورناپ كەتكەن ھەسىرەت ۋە غېرىبلىقنى نەپەس بىلەن سىرتقا تارتىپ چىقارغاندەك سىزىم پەيدا بولۇۋاتاتتى ،ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ئېغىزىدىن نەپەس بىلەن چىقۋاتقان غېربىلىقنىڭ نېداسى ئاڭلانغاندەك بولدى .گەرچە ئۇ ھازىر مۇۋاپپىقيەت قازانغان بولسمۇ ،ئەشۇ قەلبىنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىگە ئورناپ كەتكەن غېرىبلىق ئىچىدىكى ھەسرەت تۇيغۇسى ئۇنى چىرماپ كەلگەن نەپەس ئالغۇسىز روھىي ئاجىزىلىقنىڭ بارماقلىرى ئەڭ ئاخىرقى جان تالىشىشنىڭ باسقۇچىدا بولىسمۇ ،يەنە ئۇنىڭ گېلىدىن سىقىپ تۇراتتى .
ئۇ مۇزىكىنى تىڭشىغاچ كۆزىنى يۇمدى ،كۆرگىنى قاراڭغۇلۇق ئىچىدە مەنزىلىنى تاپالماي يۈرگەن ئۆزىنى كۆردى .ئۆزى قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تېنەپ يۈرگەن چاغدا ،بىر غايىبانە نۇر ئۇنىڭ كۆز ئالدىنى يورۇتتى ،ئۇنىڭ چىرايىدا كۈلۈمسىرەش پەيدا بولۇپ ،يېنىك نەپەس ئېلىپ قويدى .ئۇ ئۆزىنى تاپالماي يۈرگەن ئېكەن ،مانا ،بۈگۈن خۇددى ئۆزىنى تاپقاندەك بولۇپ كۆزلىرىنى ئېچىپ قىزغا قارىدى .
قىزمۇ ئۆزنىڭ گەرچە مۇزىكا ئورۇنلاۋاتقان بولسمۇ ،ئۇنىڭ يۈرىكى بىر سېزىمنى ھېس قىلۋاتاتتى ،ئۇ مۇزىكىنى تۈگىتىپ كۆزىنى ئاچتى .
كۆز ئالدىدا ،ئانچە يىراق بولمىغان يەردە كۈنتىكىن ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى ،كۆزلەر ئۇچىراشتى .كۆزلەردىن چىققان ئوتلۇق بېقىشلار يۈرەككە تامان مېڭىپ ،يۈرەكلەردە مۇھەببەتلىك سېزىم پەيدا قىلۋاتاتتى .
قىز ئورنىدىن تۇرغان چاغدا ،ھەممەيلەن چاۋاك چېلىپ ،ئۇنىڭغا ئالقىشلار بىلدۈرۈۋاتاتتى ،كۈنتىكىن ئىختىيارسىز سەھىنگە چىقىپ ئايچېچەك تەرەپكە قاراپ ماڭدى ،ئايچېچەكمۇ ئۇ تەرەپكە قاراپ كېلۋاتاتتى ،ئىككەيلەن يېقىن قالغاندا ،بىر-بىرسىگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويۇپ ،بىر-بىرنى چىڭ قۇچاقلىدى .
تۆۋەندە كىشلەر ئۇزۇنغىچە چاۋاك چېلىپ ئىسقىرتىپ ئۇلارنى ئالقىشلاۋاتاتتى .
ئاسماندا ئاتقا مىنگىشىپ تۇرغان ئايچېچەك ۋە كۈنتىكىن ئۆزلىرىنىڭ ئارقىسغا ئەگەشتۈرۈپ كەلگەن يورۇق يۇلتۇزلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئۈستىدە ئۇلارغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى .ئۇلار ئېككەيلەننىڭ قۇچاقلىشىقىنى كۆرگەندىن كېيىن ،كۈنتىكىن ئاتنى «چۇھ »دەپ دېۋىتتى .ئۇلار يۇلتۇزلۇق ئاسماندا ئېتىنى چاپتۇرۇپ كەتتى ،سانسىز يۇلتۇزلار ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ ئۇچاتتى ،ئۇلار شۇ ئۇچقانچە ئەڭ ئاخىرىدا ئىككى نۇرلۇق يۇلتۇز بولۇپ ئاسماندا چاقناپ تۇراتتى .
ئىككىنچى بۆلۈم يېزىلۋاتىدۇ .ئىككىنچى بۆلۈمنى قاچان يوللايمەن ،بۇ ماڭا قاراڭغۇ .شۇ چاغدا بىرىنچى بۆلۈمنى تولۇقلاپ ۋە قايتا ئىشلەپ بىرلىكتە يوللايمەن .
كۈنەس تالدىدا يېزىلدى .