بالىلارنىڭ ۋاقىتنى قەدىرلەش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە قانداق ياردەم بېرىش كېرەك ؟
سۇ
ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنىڭ لايغەزەل ، بىكارچىلىقنى ياخشى كۆرىدىغان ، قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان ، يارامسىز بولۇپ قېلىشىنى خالىمايدۇ . ئاتا - ئانىلار بىلەن بالىلار بىرلىكتە تىرىشقاندىلا بالىلار پات – ئارىدا ۋاقىتنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىدۇ . بالا كىچىك دەپ مەيلىگە قويۇۋېتىشكە ھەرگىز بولمايدۇ . كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى ، ئۆز ۋاقتىنىڭ خوجايىنى ھەممىگە خوجايىن . بۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارنىڭ كىچىكىدىن تارتىپلا ۋاقىتنى قەدىرلەش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك . ۋاقىتتىن پايدىلىنىش ئادىتى – بىر ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ . ئاتا - ئانىلار بالىلارنىڭ ۋاقىتنى قەدىرلەش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشتە تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى سىناپ باقسا بولىدۇ ( ئۆزى ئۈلگە كۆرسىتىشى بىرىنچى ئامىل بولسىمۇ ، مەن بۇ توغرىسىدا توختىلىپ ئولتۇرماي ).
1 ) ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپى باسقۇچدا ( بالا يەتتە ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن ) بالىلارنىڭ نەزەرىدە ۋاقىت ئۇقۇمى بولمايدۇ . بىر كۈندە ئاتا – ئانىسىنى خۇش قىلالايدىغان ئىشلارنى كۆپرەك قىلىۋېلىش ۋاقىتنى قەدىرلىگەنلىك بولىدۇ ، دېگەن ئاڭنى سىڭدۈرۈش لازىم . بالا سىتخىيلىك ھالدا ئاتا – ئانىسىنى دورايدۇ . ئاتا – ئانىسىنىڭ باھاسىنى ئۆز ھەرىكىتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىدۇ . توغرا ياكى خاتاغا نىسبەتەن ئاتا – ئانىسىنىڭ سۆزىنى ئۆلچەم قىلىدۇ . شۇڭا بالىلارغا مۇنداق سۆزنى پات – پات دېيىش كېرەك : « بالام خېلى چوڭ بولۇپ قالدى ، ئەمدى ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرالايدۇ » . بالىلار بىلەن بىرلىكتە بالا ياخشى كۆرىدىغان سائەتنى سېتىۋېلىپ بالىنىڭ ھوجرىسىغا قويۇپ قويۇش كېرەك . ئۇنىڭغا سائەتنى بىلدۈرۈش ، ۋاقىتنى ئىگىلىتىش كېرەك . ئۇنىڭغا سائەت جىرىڭلىغان ھامان ئورنىدىن تۇرۇش ، ھەرگىز ھورۇنلۇق قىلماسلىق ، بىپەرۋالىق قىلماسلىقنى تاماق يىيىش ، دوستلىرى بىلەن ئويناش قاتارلىق ئىشلىرىغا تەسىر يېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش كېرەك . بالىلار بىلەن بىرلىكتە ئەتىگەن ۋە كەچتىكى ئۆگىنىش ۋە ئارام ئېلىش ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەدۋىلىنى تۈزۈپ چىقىىپ ، ئۇنى بالىنىڭ كارۋىتى بېشىغا چاپلاپ قويۇش كېرەك . ئاتا - ئانىلار نازارەت قىلىش ، بالىنىڭ ئىجرا قىلىش ئەھۋالىغا قارىتا ئىلھاملاندۇرۇشنى ئاساس قىلىپ ، موكاپاتلاش ۋە جازالاشنى يولغا قويۇش كېرەك .
2 ) باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچىدا ( يەتتە ياشتىن 12 ياشقىچە) بالىلارغا : « ۋاقىتنى بوشقا ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ . ۋاقىتنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىنى ئادەم كونتىرول قىلالمايدۇ . ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى ھەرگىز قايتۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ . ۋاقىت ئىش قىلسىمۇ ، ئىش قىلمىسىمۇ ، ياخشى ئىش قىلسىمۇ ، يامان ئىش قىلسىمۇ ئۆتىۋېرىدۇ . شۇڭا ۋاقىتنى ئۆزىمىزگە ، ئەتراپىمىزدىكىلەرگە پايدىلىق ئىشلارغا سەرپ قىلىش كېرەك . ئەھمىيەتسىز، ئۇرۇنسىز ئىشلارغا سەرپ قىلىشقا بولمايدۇ » دېگەن ئاڭنى سىڭدۈرۈش كېرەك .
بالىلارغا قاراتمىلىق ھالدا مەكتەپكە بېرىشتىن بۇرۇن ۋە مەكتەپتىن قايتقاندىن كىيىن « ۋاقىتنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش ، ئوقۇتقۇچى بەرگەن تاپشۇرۇقلارنى قانداق سۈپەتتە ئورۇنداش ، دەرستىن سىرتقى كىتاب كۆرۈش ، تېلېۋىزور كۆرۈش ، ئويناش ۋاقتىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك » دېگەن مەسىلىلەردە سۆھبەتلىشىش كېرەك . بالىلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ، بالىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىشتىن بۇرۇنقى ، مەكتەپتىن قايقاندىن كىيىنكى ئۆگىنىش ، تاماق يىيىش ، ئويناش ، كىتاب ۋە تېلېۋىزور كۆرۈش ۋاقتىنى مەسىلىھەتلىشىپ بېكىتسە بولىدۇ . باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوتتۇرا باسقۇچىدا بالىلارنىڭ ۋاقىت قارىشى ئاساسەن يېتىلىپ بولىدۇ ، لېكىن ناھايتى ئەۋرىشىم بولىدۇ ، يەنىلا زور دەرىجىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋە ئاتا – ئانىسىنىڭ قارىشىغا بېقىنىدۇ .
تۆۋەندە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ يازلىق ( دەرس ئوقۇيدىغان كۈنلەردىكى ) پائالىيەت ۋاقىت جەدۋىلى بېرىلدى ( پايدىلىنىش ئۈچۈن )
ۋاقىت ( ئۈرۈمچى ۋاقتى )
| پائالىيەت
| ئورۇندىلىشىغا
باھا
| بېرىلگەن يۇلتۇز
|
دإشەنبە
| سەيشەنبە
| چارشانبە
| پەيشەنبە
| جۈمە
| شەنبە
| يەكشەنبە
|
50 : 6 دىن 00 : 7 كىچە
| ئورنىدىن تۇرۇش ، كىيىملىرىنى كىيىش ، يۈزىنى يۇيۇش
|
|
|
|
|
|
|
|
|
00 : 7 دىن 30 : 7 كىچە
| ئەتىگەنلىك تاماق
|
|
|
|
|
|
|
|
|
30 : 7 دە
| مەكتەپكە مېڭىش
|
|
|
|
|
|
|
|
|
00 : 18 دىن 30 : 19 كىچە
| كەچلىك تاماق يىيىش ، تېلېۋىزور كۆرۈش ، بالىلار بىلەن بىللە ئويناش ، چېنىقىش ياكى بالىلار قىزىقىدىغان مەشخۇلات پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ، ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشىش
|
|
|
|
|
|
|
|
|
30 : 19 دىن 10 : 20 كىچە
| تاپشۇرۇق ئىشلەش
|
|
|
|
|
|
|
|
|
10 : 20 دىن 20 : 20 كىچە
| يۈزىنى ، پۇتىنى ، چىشىنى يۇيۇش
|
|
|
|
|
|
|
|
|
20 : 20 دىن 50 : 20 كىچە
| تاپشۇرۇق ئىشلەش
|
|
|
|
|
|
|
|
|
50 : 20 دىن 10 : 21 كىچە
| پەننىي ھېكايىلارنى ، چۆچەكلەرنى ، مەسەللەرنى ئېيتىپ بېرىش ياكى شۇ خىلدىكى كىتابلارنى كۆرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىش
|
|
|
|
|
|
|
|
|
10 : 21 دە
| ئۇخلاش
|
|
|
|
|
|
|
|
|
ئەگەر بالىلارنىڭ ئىش ئۈنۈمى مۆلچەرىمىزدىكىدىن يۇقىرىراق بولسا ، ۋاقتىدا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە مەسلىھەتلىشىپ ۋاقىتتىن پايدىلىنىش لايىھىسىنى قايتىدىن تۈزۈپ چىقىش لازىم . ئارام كۈنلىرىدىكى ئۇخلاش ، ئارام ئېلىش ، ئويناش ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا بولىدۇ . ئارام كۈنلىرىدىكى ئويناش ، سەيلە – ساياھەت ، نەرسە – كېرەك ئېلىپ بىرىش ئىشلىرىنى بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىگە چېتىۋالماسلىق كېرەك .
بالىلارغا مۇنداق بىر نەرسىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك : « كۈندىلىك تاپشۇرۇقۇمنى ھەم چىرايلىق ، ھەم توغراھەم تېز ئىشلەپ بولالىساملا باشقا ئىش قىلىشقا ۋە ئويناشقا كۆپرەك ۋاقتىم چىقىدۇ »
3 ) تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا ( 13 ياشتىن 15 ياشقىچە) بالىلارنىڭ ئۆزلۈك ئېڭى يېتىلىشكە باشلايدۇ . ۋاقىت قارىشىمۇ ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولىدۇ ھەم چۇڭقۇرلىشىدۇ . غۇرۇر ھېسسىياتى كۈچىيىدۇ . ئۆزىنىڭ ئابرويىنى ساقلاشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ . ۋاقىتقا ئەمەل قىلىش – مۇئەللىمنىڭ ياكى ئاتا – ئانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن ئەمەس ، بەلكى ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئېھتىياجى ، دەپ قارايدۇ . شۇڭا ئۇلارغا مۇنداق مەزمۇنلاردا تەربىيە ئېلىپ بېرىش كېرەك : « ۋاقىت – ئادەمنىڭ باشقىلار ئىگىلىۋالالمايدىغان بايلىقى . ۋاقىتنى بىھۇدە ئۆتكۈزىۋەتكەنلىك – ئۆمۈرنى ئىسراپ قىلغانلىق بولىدۇ . ئۆمۈر – چەكلىك بولىدۇ . شۇڭا ۋاقىتنى ئۆزىنى كۈچەيتىدىغان ، خەلققە پايدىلىق بولغان ئىشلارغا سەرپ قىلىش كېرەك ، ۋاقىتنى قانداق ئىشلارغا سەرپ قىلىش ئۆزۈڭنىڭ ئەركىنلىكى ، ئەمما سەن ئاتا – ئاناڭنىڭ بالىسى بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى يۇرتنىڭ ، ئەلنىڭ بالىسى شۇڭا ۋاقىتىڭنى يۇرتۇڭغا ، ۋەتىنىڭگە يۈز كېلەلەيدىغان ئىشلارغا سەرپ قىلىشىڭ كېرەك . ھاياتنىڭ قىممىتى -خەلقىغە بەخت – يارىتىشتا . ۋاقىتتىن پايدىلىنىشنى بىلسەڭ كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلەيسەن » دەيدىغان كۆز قاراشنى سىڭدۈرۈش كېرەك . تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا بالىلار ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش ، ئالاقە پائالىيەتلىرى ۋە ئائىلىنىڭ ئەمگەك ، جامائەت مۇلازىمىتى ئىشلىرىنى توقۇنۇشتۇرۇپ قويمايدۇ . ئىشلىرىنى مۇھىملىق ، جىددىيلىك ، قىيىن – ئاسانلىق دەرىجىسى بويىچە تۈرلەرگە ئايرىپ ۋاقىتنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ ئورۇنلاشتۇرالايدىدۇ .
ئاتا – ئانىلار ھەر قايسى ياش باسقۇچلىرىدا بالىلارغا مۇۋاپىق ئۆلچەم بېكىتىپ بېرىپ ، قەرەللىك نازارەت قىلىپ كۈندىلىك ئورۇنداش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش كېرەك . پىلان تۈزۈلگەنىكەن ، مۇھىمى – ئىجرا قىلىشتا . بۇ يەردە مۇھىم نۇقتا بالىنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئاڭلىق، مۇستەقىل ، كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا ئادەتلىنىش- ئادەتلەنمەسلىكى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا - ئانىلار مۇمكىن بولسا ھەپتىدە بىر قېتىم بالىلارنىڭ ۋاقىتنى قەدىرلەش جەھەتتىكى كونكرېت ھەرىكىتى ، كۆز قارىشى ، ئىرادىسى جەھەتلەردىن باھالاپ چىقىش لازىم . بالىلارنىڭ ۋاقىتتىن پايدىلىنىشتا ئۆزلۈكىدىن ھەرىكەتكە كېلىش ئىپادىسىنى ئەينەن ، تولۇق خاتىرىلەپ مېڭىش كېرەك . بۇ باھالاشتا مۇھىم ئاساس بولۇپ قالىدۇ .
بالىلارغا « ھەم ياخشى ، ھەم تېز » كۆز قارىشىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك . باللارنىڭ مەلۇم بىر ۋەزىپىنى ئۇرۇنداشقا كەتكەن ۋاقىتنى ھېسابلاپ ، ئوخشاش ئىشقا نىسبەتەن سۈپەت ۋە سۈرئەتنى سېلىشتۇرغۇزۇش لازىم . سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا سۈرئەتنى يۇقىرى كۆتىرىشكە رىغبەتلەندۈرۈش ، ۋاقىتنى تېجەش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك .
بالىلاردا ۋاقىتنى قەدىرلەش ئېڭىنىڭ ئىپادىسى :
1 ) ھەر قانداق ئىشتا ئىلگىرى كىيىنلىك تەرتىپى بولىدۇ . مەن ئەمدى چوڭ بولدۇم . كۈندىلىك تاپشۇرۇق ۋەزىپەمنى ئورۇنداپ بولغاندىلا ئاندىن باشقا ئىش قىلسام يۈكى ئوينىسام بولىدۇ ، دېگەن كۆزقاراشقا ياكى شۇنىڭغا ئوخشاپراق كېتىدىغان كۆز قاراشقا كەلگەن بولسا ؛
2 ) تاپشۇرۇق ئىشلەش – مىنىڭ ئىشىم . چوقۇم مۇستەقىل ئورۇندايمەن . مەكتەپتە ، ئائىلىدە بىر كىشىلىك مەسئۇلىيىتىم بار . ئۇنى ئادا قىلىش ئۈچۈنمۇ بەلگىلىك ۋاقىت سەرپ قىلىمەن ، دېگەن كۆزقاراشقا ياكى شۇنىڭغا ئوخشاپراق كېتىدىغان كۆز قاراشقا كەلگەن بولسا ؛
3 ) « بۈگۈن » چىڭ تۇتىمەن . بۈگۈن مېنىڭ ئىلكىمدىكى بايلىقىم . تاپشۇرۇق ئىشلەش ياكى مەلۇم بىر ۋەزىپىنى ئورۇنداشتىن ئىلگىرى تەييارلىقنى ياخشى قىلىمەن . نەدىن باشلاش ، قايسى تەرتىپ بويىچە قىلىش ، قانداق ئاخىرلاشتۇرۇش ھەققىدە ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلىمەن . شۇندىلا ۋاقتىمنىڭ زايە بولۇپ كېتىشىنڭ ئالدىنى ئالالايمەن ، دېگەن كۆزقاراشقا يۈكى شۇنىڭغا ئوخشاپراق كېتىدىغان كۆز قاراشقا كەلگەن بولسا ؛
4 ) ئىش قىلغاندا كۆڭۈل قويۇپ قىلىمەن . بىر ئىشنى ئۆزۈم رازى بولغۇدەك تاماملاپ بولغاندىن كىيىنلا باشقا ئىشنى قىلىشنى ئويلىشىمەن . ئائىلەمدىكىلەر ۋاقىتنى قەدىرلەش ئېڭىمنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى قەرەللىك تەكشۈرسە ، پىلاندىكى باھا دېگەن كاتەكچىگە باھا سۆزى يازسا بولىدۇ . ئۇلارنىڭ پىكىرىنى قۇبۇل قىلىمەن ، دېگەن كۆزقاراشقا يۈكى شۇنىڭغا ئوخشاپراق كېتىدىغان كۆز قاراشقا كەلگەن بولسا بالىلارنىڭ ۋاقىتنى قەدىرلەش ئېڭىغا « ئەلا » باھا بېرىشكە بولىدۇ . باشتىلا ئۆلچەمنى يۇقىرى ، تەلەپنى بەك قاتتىق قويۇۋالماستىن ، تەدرىجى چىڭىتىش كېرەك .