- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 62
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1862
- تىزىملاتقان
- 2010-11-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-12
- UID
- 7205
- يازما
- 62
- تېما
- 2
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1862
- تىزىملاتقان
- 2010-11-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-12
- توردا
- 1 سائەت
|
ئىلىگىرى مۇنداق بىر يازمىنى ئوقۇغانلىقىم ئېسىمدە :
« كوچىدا شۇنداق پۇزۇر كىيىنگەن ، سالاپەتلىك ، قول - بويۇنلىرىغا ئالتۇن زىبۇ - زىننەتلەرنى تولۇق تاقىغان بىر ئايال مېڭىپ كىتىپ بارغان ئىكەن ، بىر ئوغۇل بالا ئۇنىڭ كەيندىن ئەگشىپتۇ ، قارىسا بۇ ئايال بىر مۇنچىخانىغا كىرىپ كەتكەن ، بۇنىڭ بىلەن ھېلقى بالىمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن( خوجايىنى دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتە ) ئاياللار مۇنچىسىغا كىرۋاپتۇ دە ھېلقى ئايال كىرگەن مۇنچىنىڭ ئىشىك يوچۇقىدىن ماراپتۇ ۋە ئايالنىڭ كيىىم - كىچەكلىرىنى سالغان كۆرۈنۈشلىرىدىن تولۇق ھوزۇرلانغاندىن كىيىن ، ئايالنىڭ يۇيۇنۇشىنى كۈتۈپتۇ ، ئايال كىيىم - كىچەكلىرىنى تولۇق سېلىپ يۇيۇنۇشقا باشلىغاندىن كىيىنلا دەرھال مۇنىچىخانا ئىچىگە كىرىپتۇ ،
( قارىغاندا ھېلقى ئايال
( مۇنچىخانا ئىشىكنى تاقمىغان چېغى ) دە ئايالنىڭ زىبۇ - زىننەتلىرىنى ئېلىپ ئەمدىلا ماڭاي دەپ تۇرۇشىغا ئايال تۇيۇقسىز ئۇنى سىزىپ قېلىپ ۋاقىراپتۇ . ئوغرى دەرھال قېچىپتۇ دە كوچىغا قاراپ چېپىپتۇ ، ھېلقى ئايال زىبۇ - زىننەتلىرىنىڭ دەردىدە كىيىم كەيمىگەنلىكىنمۇ ئۇنتۇغان ھالدا (بەلكىم ئېسىدە باردۇ ) ئۆزىنى كوچىغا ئېتىپتۇ . بۇنى كۆرگەن كوچىدىكى كىشلەر بىردە قېچىۋاتقان بالىغا قارىسا ، يەنە بىردە ھېلقى «يالىڭاچ » ئايالغا قاراپ ھەيران بولۇشۇپتۇ ...............
.يەنە بىر كۆرۈنۈش :
توي قىلغىنىغا تېخى بىر نەچچە كۈن بولغان يېڭى كىلىن ئەدىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ ، ھويلا - ئاراملارنى پاكىز تازلىۋەتكەندىن كىيىن ، دەرھال ئەدىگەنلىك ناشتىلىق تەييارلاپ ، چوڭلارنى داستىىانغا تەكلىپ قىلىپتۇ ۋە قېيىن ئانىسىغا چاي قۇيۇۋېتىپ ، ئىھىتىياتسىزلىقىتىن ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا كىچىككىنە «يەل » چىقىپ كىتىپتۇ ،دە شۇ ھامانلا ھېچكىمگىمۇ قارىماستىن قىزارغانچە ئىچكىرى ئۆيگە كىرىپ كىتىپتۇ ، ئۆيدىكلەر بەلكىم خىجىل بولۇپ كەتكەن چېغى ، بىردەمگىچە چىقىپ قالار دەپ چېيىنى ئىچىپتۇ ، خېلى ئۇزۇنغىچە چىقمىغاندىن كىيىن ، قېيىن ئانسى ئۆيگە كىرىپ قارىغۇدەك بولسا ، ھېلقى كىلىن ئۆيدە ئاپپاق رەختكە ئېسىقلىق
تۇرغۇدەك »....
گەرچە بۇ يازمىنى ئوقۇغىلى بىر نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ ، ھازىرغىچە ئېسىمدە تۇرۇپتۇ . ھەر قېتىم ئويلىسام ئويلىنىپ قالىمەن ، ئادەمدىكى شەرمىي - ھايا ، ئىزا - نومۇس تۇيغۇسى پەقەت شۇنچىلىكلىغۇ ، ھاياسىزلار كىشلەر ئالدىدا ، ئاتا- ئانىسى ئالدىدا ، پەرزەنىتلىرى ئالدىدا يېرىم - يالىڭاچ ، يەنە ئاللىقانداق بىر خىل قىياپەتلەردە ، ئاللىقانداق بىر ئىشلارنى خاترجەم قىلىپ ،خۇددى
ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۈرەلەيدىكەن ، باشقىلار ئۇلارغا تەربىيە بەرسە ياكى بىر نەرسە دىسە پېتىگمۇ ئېلىپ قويمايدىكەن ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالدى بىلەن ئۆزنى سېستىدىكەن ، ئۇنىڭدىن كىيىن پەرزەنىتلىرى شۇلارنى دورايدىكەن ، بۇنىڭ شۇ ئائىلىدە ئەخلاق سۇسلشىدىكەن ، ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرسىدا ھايا يوقىلىپ ، پەدىشەپ ، ئىزا - نومۇس تۈگەيدىكەن ، بۇ خىل ئەھۋال كىڭەيسە بىر جەمئىيەتكە بىر قەۋىمگە تارايدىكەن ، ھايا - نومۇس ، پەدىشەپ بولمىغان تۇرمۇش خۇددى يۇندىغا چۈشۈپ كەتكەن نەرسىنى يىگەندەك تۇيغۇ بىرىدۇ ، ھايا - نومۇس بولمىغان جەمئىيەت خۇددى يۇندا ئازگىلىدا ياشاۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ .
ئەتراپمىزغا قارايدىغان بولساق ، كىشلەرنىڭ ئەخلاق قارىشىنىڭ سۇسلىششىغا ئەگشىپ ، ھاياسىزلىق ، نومۇسسىزلىق يامىراپ ، كىشلەر ئارسىدىكى مىھىرى - موھەببەت ئاجىزلاپ بارماقتا ، بۇنىڭ بىلەن ئاياللار ئەرلەرنىڭ ، بالىلار ئاتا- ئانىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدىغان ، ئائىلىدە ئىناقلىق يوق ، مىھىرى - موھەببەت سۇس بولغان بىر خىل كەيپىيات شەكىللەنمەكتە .
خىزمەت ، تۇرمۇش رېتمىنىڭ تىزلششىغا ئەگىشىپ ، كىشلەردىكى مەنپەئەتپەرەسلىك تۇيغۇسى كۈچىيىپ ، بىر - بىرىگە بولغان مىھىرى - موھەببەت كىميىپ ، جەمئىيەتتە شەخسىيەتچىلىك ئەۋىج ئالدى ، بۇنىڭ بىلەن سەمىيمىيلىك يوقىلىپ ، كىم بىلەن كىمنىڭ كارى دەيدىغان قاراشنىڭ تەسىرىدە ھاياسىزلىق يامراشقا باشلدى ، كوچىلاردا يېرىم - يالىڭاچ يۈرۈش ، بالىلار ئاتا- ئانىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىماسلىق قاتارلىقلار ئومۇمىي ئەھۋالغا ئايلىنىشقا باشلىدى ...........................موشۇ مۇنبەردە ئالدىنقى بىر تېمىدا دىيىلگەندەك ، بىر قىسىم قىز - ئاياللىرىمىزنىڭ( كوچىلاردا ، سىرىتلاردا ) كىيىپ يۈرگەن كىيىم - كىچەكلىرىنى ، شەرمىي ھايالىق بىر ئايال ھەتتاكى كىچىدە ھالال جۈپتىنىڭ قېشىدا كىيىپ يېتىشتىنمۇ ئۇيلىدۇ ...............
بىزدىكى ئەخلاق ، ئىتقاد نىمىشقا شۇ دەرىجىدە سۇسلاپ كەتتى ؟ ئەجىبا بىز ئەجدادلىرىمىزنىڭ شۇنداق ئېسىل ئەنئەنلىرىنى ئۇنتۇپ كەتتۇقمۇ ياكى ھەممىنى « تەرەققىيات» قا ئارتىپ قويۇۋاتامدۇق ؟ مىنىڭچە تەرەققىيات ھەرگىزمۇ ئەخلاق - پەزىلەتنى ، شەرمىي - ھايانى چەتكە قاقمايدۇ ، تەرەققىيات ھەرگىزمۇ كىيىم - كىچەكلەرنىڭ قىسقىراپ كىتىشىنى ، مىھىرى - موھەببەتنىڭ سۇسلاپ كىتىشىنى ، شەرمىي - ھايانىڭ ئاجىزلاپ كىتىشىنى تەشەببۇس قىلمايدۇ ھەم خالىمايدۇ .ئەكسىچە ئەخلاق - پەزىلىتمىزنىڭمۇ« تەرەققى » قىلىپ تېخمۇ موكەممەللىشىنى ، كىشلەرنىڭ تېخمۇ ئىناق بولۇپ بىر - بىرىگە كۆيۈنۈشىنى ، جەمئىيەتنىڭ تېخمۇ مىھىر - موھەببەتكە تولىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ .............
ئۆز ئەخلاقىمزنى ، ئىتقادىمىزنى مۇستەھكەملەيلى ، باشقىلار ئالدىدا يەرگە قارىمايمىز ، باشقىلار ئالدىدا بېشىمزىنى تىك تۇتالايمىز ، ھەركىتىمىز بىمالال بولىدۇ ، باشقىلار ئالدىدا ئۇياتقا قالمايمىز ...........ئۆز ئەخلاقىمز ئارقىلىق پەرزەنىتلەرگە ئۈلگە بولايلى ، شۇندىلا پەرزەنىتلىرىمىز بىزدىن ھېيقىدىغان ، بىزنى ھۆرمەتلەيدىغان ، گىپمىزنى يىرمايدىغان ، ئاخىرىدا بىزنى قاقشاتمايدىغان ........بولىدۇ .ئۆز پەزىلىتىمىز ئارقىلىق باشقىلارنى قايىل قىلايلى ، شۇندىلا باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىىشىپ ، قاتارغا قوشۇلالايمىز ، مىھىرى - موھەببىتمىز ئارقىلىق باشقىلارنى تەسىرلەندۈرەيلى ، شۇندىلا باشقىلارغا جەمئىيەتنىڭ ئىللقىلىقنى ھىس قىلدۇرالايمىز ، دۇنيا ئىللىقلقا تولىدۇ . سەۋرىچانلىقىمز بىلەن باشقىلارغا موئامىلە قىلايلى ، شۇندىلا تالاش - تارتىش ئاز بولىدۇ ، مىھرىبانلىقىمىز بىلەن باشقىلارغا تەسەللىي بىرەيلى ، باشقىلار دۇنيانىڭ گۈزەللىكنى ھىس قىلسۇن ، قولىمىزىدىن كىلىشچە باشقىلارغا يارىدەم قولىمىزنى سۇنايلى ، بىر ئادەم بولسىمۇ ئورنىدىن دەس تۇرسۇن ، شەرمىي - ھايا بىلەن ياشايلى ، شۇندىلا يېڭى تاڭلار ئېتىپ ھەربىر كۈنىمىز يېڭى مەنالارغا تولۇپ ،ئۆزىمز ۋە باشقىلار خۇشال - خۇرام ياشايدۇ.........دۇنيا شۇندىلا تېخمۇ گۈزەل تۇيۇلىدۇ ............................. |
|