كۆرۈش: 2554|ئىنكاس: 5

مائارىپ ئىدىيەسى ۋە مەكتەپ باشقۇرۇش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
6825
يازما
501
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
11762
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-5 22:29:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مائارىپ ئىدىيەسى ۋە مەكتەپ باشقۇرۇش تۇردى توختى



مەكتەپ باشقۇرغۇچىلارغا نىسپەتەن قىلىپ ئېيتىغاندا،ئۇلار ئالدى بىلەن مائارىپ ئىدىيەسى بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ھەل قىلۋېلىشى لازىم.بىز ھازىرقى رىياللىقنى تەھلىل قىلىدىغان بولساق بىر قىسىم مەكتەپ مەسئۇللىرىدا مائارىپ ئىدىيەسى سۇس بۇلۇپ، بۇلار قانداق قىلغاندا مەكتەپنى مائارىپ قانۇنىيەتلىرى ۋە مەكتەپنىڭ ئەمىليىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، باشقۇرۇشنى ئويلىماي نۇقۇل ھالدىكى<<ئادەم باشقۇرۇش>>نى چىقىش قىلىپ مەكتەپ باشقۇرۇپ كىلىۋاتىدۇ بۇنىڭ بىلەن مەكتەپلەردە مەكتەپ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇقۇتقۇچىلار ئوترىسىدا ھاڭ پەيدا بۇلۇپ مەكتەپنىڭ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش ئىشلىرىغا بىۋاستە تەسىر كۈرسىتىۋاتىدۇ.
مىنىڭچە بىر مەكتەپ باشقۇرغۇچى بۇلۇش ئۇچۈن ئۇنىڭدا چۇقۇم مۇككەممەل بولغان مائارىپ قارىشى بۇلۇشى كېرەك.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۈزىدىكى بۇ قاراش بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش ئەمىليىتىنى بىرلەشتۈرەلەيدىغان قابۇليەتمۇ بۇلۇشى كېرەك.شۇنداق بولغاندا ئاندىن كىيىن مەكتەپنى قانۇنىيەتلىكك ۋە ئىلمىي باشقۇرغىلى بۇلۇپلا قالماي، مەكتەنى يەنە بارلىق ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇشتەك مەكتەپ باشقۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بۇلىدۇ.

ئۇنداقتا مائارىپ ئىدىيەسى دىگەن نىمە؟
ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا مائارىپ ئىدىيەسى دىگىنىمىز-كىشىلەرنىڭ مائارىپقا بولغان تۇنۇشى ۋە قارشىدىن ئىبارەت.
بۇ يەردىكى تۇنۇش بولسا مائارىپنىڭ ئورنى ،رۇلى،مەقسىدى قاتارلىقلارغا بولغان توغرا تۇنۇشنى كۆرسىتىدۇ.قاراش مەسىلىسى بولسا مائارىپنىڭ خارەكتىرى ۋە كىم ئۈچۈن؟نىمە ئۈچۈن؟خىزمەت قىلىشى كېرەكلىكىگە بولغان ئىدىيەۋى قاراشتىن ئىبارەت.شۇنىڭ ئۇچۈن ئۇقۇتقۇچىلار ۋە مەكتەپ باقۇرغۇچىلاردا ماسلىشىش ئىختىدارى بۇلۇشى كېرەك.بۇنداق ماسلىشىش بولسا ئوخشاش بولمىغان تارىخى شارايىتتا مائارىپ ئىدىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشكە ماسلىشىشنى كۈرسىتىدۇ.بۇنداق بولمىغاندا مەكتەپ مەسئۇللىرى ۋە ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ ئىدىيەسى مائارىپ تەرەققىيادى ۋە جەمىيەتنىڭ تەرەققىيات تەلىۋىگە ماسلىشالماي قالىدۇ-دە مائارىپنىڭ تەرەققىيادىغا توسقۇنلۇق قىلىپ تولدۇرۋالغۇسىز زىيانلارنىڭ سەۋەپچىسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا مائارىپ ئىدىيەسىنى مۇنداق ئىككى قاتلامغا بۇلۇش مۇمكىن بىرى ئادەم يىتىشتۇرۇش(تەربىلەش)يەنە بىرسى بولسا ئادەم تەربىلەش جەريانىدىكى يىتەكچى ئىدىيەدىن ئىبارەت.ھەرقاندا بىر مەكتەپنىڭ مەسئۇلى بۇ نوقتىنى چۇقۇم ئايدىڭلاشتۇرۋېلىشى لازىم.بۇ ئىككى قاتلامنىڭ مۇناسىۋىتى دىيالىكتىكىلىق مۇناسىۋەت بۇلۇپ ئۇلار ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلىك ھەم پەرىقلىق بولغان ئىككى قاتلام.ئۇلار ئۆز-ئارا بىرى-بىرنى تۇلۇقلايدۇ ۋە شەرت قىلىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىككى قاتلامنى بىرى-بىرىدىن ئايرىۋېتىشكە بولمايدۇ.ئەگەر ئايرىۋېتىلسە مائارىپنىڭ ھەقىقى مەقسىدىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس.شۇنداقلا يەنە مەكتەپ باشقۇرۇشنىڭ بىر پۈتۈنلىگىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.
بۇ يەردە دىيىلۋاتقان ئادەم يىتىشتۈرۈش مەسىلىسى تەربىلەنگۈچىلەرنى ئەخلاقى،ئەقلى،جىسمانى جەھەتلەردىن تەربىلەپ يىتىشتۈرۈپ ،كىشىلەردە بەلگۈلۈك ساپا ھازىرلاشقا قارتىلغان.ئادەم تەربىلەش جەرياننىڭ يىتەكچى ئىدىيەسىگە كەلسەك ماھىيەتتە بۇ مائارىپنىڭ سىنىپلىگى مەسىلىسى بۇلۇپ،مەيلى كاپاتالىستىك مائارىپ بولسۇن،مەيلى سوتسىيالىستىك مائارىپ بولسۇن،مەيلى پادىشالىق تۈزۈمدىكى مائارىپ بولسۇن تەربىيەنىڭ ئاخىرقى مەقسىدىنى ئۈزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت قىلىدۇ.بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش بولسا مائارىپنى باشقۇرۇش ھۇقۇقى ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ.
يۇقارقىلاردىن شۇنى كۈرىۋېلىش تەس ئەمەسكى مائارىپ ئىدىيەسى بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش زىچ مۇناسىۋەتكە ئىگە.
نىمىنى باقۇرۇش؟قانداق باشقۇرۇش؟كىم باشقۇرۇش؟دىگەن مەسىلىلەرنى مائارىپ ئىدىيەسى تەتقىقى قىلىدۇ.مەكتەپ باشقۇرۇش بولسا مەكتەپنى ياخشى باشقۇرۇش ئارقىلىق بىر تۈركۈم مائارىپ ئىدىيەسى يۇقىرى كىشىلەرنى تەربىلەپ يىتىشتۇرۇپ چىقىدۇ.بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى بىرى-بىرىگە ئۈتۈشۈش مۇناسىتىدىن ئىبارەت بۇلۇپ ئۇلار بىرى-بىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.بۇ ئىككىسىنىڭ بىرى بولمىسا مائارىپ دىگەن ئۇقۇممۇ مەۋجۇتلۇقتىن قالىدۇ.
بۇ يەردىكى نىمىنى باشقۇرۇش مەسىلىسى بولسا -مەكتەپ باشقۇرۇش مەزمۇنلىرىنى يەنى قانۇن تۈزۈم،دۆلەتنىڭ مائارىپ سىياسەتلىرى،يەرلىك ھەر دەرجىلىك ھۈكۈمەتلەرنىڭ ئەمىر-پەرمان سىياسەتلىرى ۋە مەكتەپنىڭ قايدە تۈزۈملىرى ئاساسىدا مەكتەپنى(تەربىلەنگۈچىلەرنى)باشقۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.
مەكتەپنى قانداق باشقۇرۇش مەسىلىسى بولسا-قانداق چارا-تەببىرلەرگە تايىنىپ مەكتەپ باشقۇرۇش مەسىلىسى بۇلۇپ،مەكتەپنى ئىلمىي قانۇنىيەتلىك باشقۇرۇشنى ۋە قوللانغان چارە تەببىرلىرنىڭ ئاقىلانە بۇلۇپ ئۇقۇ-ئۇقۇتۇش سۈپىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بەلگۈلۈك رول ئوينىشنىڭ لازىملىغىنى كۆرسىتىدۇ.
مەكتەپنى كىم باشقۇرۇش مەسىلىسى بولسا-مەكتەپ باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا قارتىلغان بۇلۇدۇ.بۇ يەردە مەيلى مەكتەپ باشقۇرغۇچىلار بولسۇن،مەيلى ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلار بولسۇن مەكتەپ باشقۇرۇشتا ئورتاق كۈچ چىقىرىپ مەكتەپنى ياخشى باشقۇرۇش كۆزدە تۇتۇلغان.قانداقتۇ مىنىڭ مەكتىۋىم،سىنىڭ مەكتىۋىڭ دىگەن خايىشلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ،مەكتەپ باشقۇرۇش ئىشلىرىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويماسلىق كېرەك.بۇنداق قىلىش ئەمىليەتتە ئەۋلاتلار ئالدىدا ئۆتكۈزگەن زور خاتالىق ھىساپلىنىدۇ.شۇنداقلارنى كەڭ خەلق ۋە پۈتكۈل جەمىيەت ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات كۈچۈرمەيدۇ.بۇ مەسىلىدە مەكتەپ رەھبىرى بولغانلار چۇقۇم دىمۇگىراتتىك بۇلۇپ ،كەڭ ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلارغا ئەركىن خىزمەت قىلىش شارايىتىنى يارتىپ بىرىشى كېرەك.كەڭ ئۇقۇتقۇچىلارمۇ مەكتەپنىڭ قايدە-تۈزىملىرىنى ھەقىقى ئىجرا قىلىش ئاساسىدا خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.بۇنداق دىمۇگىراتتىك مەكتەپلەردە تۈزۈلگەن تۈزۈملەر ئەلبەتتە كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل-پاراسىتى.مۇنداقچە دىگەندە چۇقۇم ئۆزىمىز تۈزگەن تۈزىمنى ئۆزىمىز قەدىرلىشىمىز لازىم.بۇ ماھىيەتتە بىر خىل مائارىپ ئىدىيەسى بۇلۇپ،مائارىپنى قىزغىن سويگەنلىك ھىساپلىنىدۇ.
مائارىپ ئىدىيەسى بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇش مەسىلىسى ماھىيەتتە بىر مەسىلىنىڭ ئىككى تەرىپى بۇلۇپ،بۇ ئىككىسىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرگەندىلا ئاندىن مائارىپنىڭ سۈپىدىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ،ئادەم تەربىلەش مەخسىدىگە يەتكىلى بۇلۇدۇ.بۇ نوختىنى چۇقۇم مەكتەپ مەسئۇللىرى ماھىيەتى بىلەن چۈشىنىش بىلەن بىرگە بارلىق ئۇقۇتقۇچى-ئىشچى خىزمەتچىلەرمۇ توغرا چۈشىنىشى لازىم.بىر ئېغىز گەپ بىلەن خۇلاسىلىغاندا چۇقۇم بىز كىمنى، قانداق،نىمە ئۈچۈن تەربىلەيدىغانلىغىمىزنى چۈشەنسەك بىز مائارىپ ئىدىيەسى بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇشنى ئىلمىي ھالدا ئورگانىك بىرلەشتۈرگەن بولىمىز

ئىجادىيەت

خۇدا ئادەمدىن ئارتۇق ئادەم ياراتمايدۇ...
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
2053
يازما
85
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
2786
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-11
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-8 20:15:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمىنى كۆرۈپ چىقتىم ، مېنىڭچە مىللىي مائارىپىمىزدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ناھايىتى كۆپ ، بەزىلىرى سىياسەتكە بېرىپ تاقاشسا ، بەزىلىرى مىللىي مەسىلىگە تاقىشىدۇ . بۇنداق چوڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىزدەك ئاددىي پۇقرانىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ . ئەڭ ياخشىسى چوڭ مەسىلىگە ئېسىلماي ،كىچىك مەسىلەردىن قول سېلىپ ئىشلەش كېرەك .
         باشقۇرۇلغۇچى ( ئوقۇتقۇچىلار ) بولغان كىشىدە ئادىمىيلىككە خاس قىممەت قارىشى ، ھوقۇق-مەجبۇرىيەت قارىشى ، توغرا بولغان دۇنياقاراش بولىشى كېرەك . كۈن ئۆتكۈزۈشنىلا ئويلايدىغان ، باشلىق نىمە دىسە ‹‹ لەببەي ›› دەپ ئورۇنلايدىغان ، ئىدىيىسى پۈچەك ، دىلىغا كەلگۈسىنىڭ ئىگىلىرىنى پۈكمىگەن ، ھەققانىيەت قارىشى يوق جۇۋاز كالىسى مىجەزلىك كىشىلەرنى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىن  تازىلاش كېرەك .
    1. بىكار ۋاقىت چىقسا چايغا ، ھاراق سورۇنىغا قاتنىماي ، كىتاب كۆرۈش ، قانۇن ئۆگىنىش ، ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى تۇرغۇزۇش ، باشلىق بىر نەرسە دىسىلا قورقۇپ ئىشتاغا چىقىرىۋەتمەي ، ئەستايىلدىل ئويلىنىپ ، قىلىشقا تېگىشلىك بولسا قىلىش ، قانۇن-نىزام ، سىياسەتلەرگە خىلاپ بولسا دادىللىق بىلەن رەت قىلىش كېرەك .
   2. ئوقۇتقۇچى بولغان ئادەم ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە بولىشى ، خاتالىق سادىر قىلسا تۈزىتىشكە جۈرئەت قىلىشى زۆرۈر . يېقىندا ناھىيىمىزدىكى   ئالىي مەلۇماتلىق ، خەنزۇ تىلىدىمۇ ئىككى يىل تەربىيىلەنگەن ، بىر نەچچە يىللىق سىتاژغا ئىگە باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسىنى ئۇچرىتىپ قالدىم . ئۇ دەرسىدە ساناق سانلارنى ئوقۇشنى ئۆتكەندە ‹‹ بىر مىليون››نى خەنزۇچە 亿دەپ ئۆگەتكەن . نىمىدىگەن مەسئۇلىيەتسىزلىك بۇ ؟ مۇشۇنىمۇ بىلمىگەن ئادەمگە دەرس مۇنبىرىدە نىمە بار ؟ ئىلىمگىمۇ مۇشۇنداق مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان بارمۇ ؟
  3. ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىچىك سەۋەنلىكىنى كەچۈرىۋېتىشكە بولىدۇ ، لېكىن بەزەن خاتالىقلارنى قەتئىي ئۆتكۈزىۋەتمەسلىك كېرەك . مەسىلەن : كىچىك بالىلار سوئال سورىماقچى ياكى جاۋاپ بەرمەكچى بولسا قولىنى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە يەنە ‹‹مالىم! مالىم ! مالىم !!!›› دەپ توۋلايدۇ .
بۇنىڭ ئەدەبىي تىلدىكى ‹‹مۇئەللىم ›› دىگەن سۆز ئىكەنلىكىنى بىلىمىز ، ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدىن مۇشۇ خىل خاتا تەلەپپۇزغا قارىتا ئىنكاس بىلدۈرىدىغانلار مېنىڭچە ناھايىتى ئاز . ئۇلار بۇنى خاتالىق دەپ قارىمايدۇ . نەتىجىدىچۇ ؟ ئۈرۈمچى تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى ، شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مۇخپىر ، دېكتورلىرى ئارىسىدىمۇ  ‹‹مۇئەللىم ››نى ‹‹مالىم ›› دەپ تەلەپپۇز قىلىدىغان ئەھۋاللار ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ .

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.

UID
10177
يازما
55
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1615
تىزىملاتقان
2011-3-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-10 14:43:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنىڭ تەكىتلەيدىغىنى مەكتەپنى دېمىكراتىك باشقۇرۇش، مائارىپچىلار مائارىپنىڭ مەقسىتىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇپ، مۇشۇ مەقسەتكە ئۆزىنى ماسلاشتۇرۇپ، ئەۋلادلارنى ياراملىق تەربىيىلەپ چىقىش زۆرۈر دىگەندىن ئىبارەتمىكىن، دەپ قارايمەن. <<بۇ يەردىكى نىمىنى باشقۇرۇش مەسىلىسى بولسا -مەكتەپ باشقۇرۇش مەزمۇنلىرىنى يەنى قانۇن تۈزۈم،دۆلەتنىڭ مائارىپ سىياسەتلىرى،يەرلىك ھەر دەرجىلىك ھۈكۈمەتلەرنىڭ ئەمىر-پەرمان سىياسەتلىرى ۋە مەكتەپنىڭ قايدە تۈزۈملىرى ئاساسىدا مەكتەپنى(تەربىلەنگۈچىلەرنى)باشقۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. >> دىگەن قۇرلاردا مائارىپنىڭ مەقسىتى، نىمىنى باشقۇرۇش، قانداق باشقۇرۇش، كىم باشقۇرۇش مەسىلىلىرى ناھايىتى روشەن دىيىشكە بولىدۇ.
ئاتنىڭ تازا چاپقۇسى بولسىمۇ، ھارۋىكەش تىزگىن تارتىپ تۇرىۋالسا قانداق بولىدۇ؟ تۇردى مۇئەللىم ئېيىتقاندەك، مەكتەپ مۇدىرلىرى ھوقۇق يۈرگۈزۈشتە ئاۋال ئۆزىنىڭ ئۇستاز ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىقى، ئەۋلادلارنى تەربىيىلەش جەريانىغا باشلامچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىشى لازىم، بولمىسا مائارىپ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولۇپ قالىدۇ.

UID
8672
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
378
تىزىملاتقان
2011-1-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-9
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-10 18:01:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپنى دېموكراتىك باشقۇرىدىغانلار مۇدىر بولاممايدۇ.

UID
6825
يازما
501
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
11762
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-24 23:17:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 3قەۋەتتىكىniyazdixan يوللىغان 2011-05-10 18:01 غا قارتىلغان :
مەكتەپنى دېموكراتىك باشقۇرىدىغانلار مۇدىر بولاممايدۇ.

بۇنداق بىر تىرەپلىمىلىك قاراشتا بولىشىڭىزدىمۇ بەلگۈلۈك سەۋەپلەر باردۇ،ئەمىليەتتە مەكتەپنى دىمۇگىراتتىك باشقۇرۋاتقان مۇدىرلارمۇ ئاز ئەمەس.

خۇدا ئادەمدىن ئارتۇق ئادەم ياراتمايدۇ...

UID
17513
يازما
23
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
533
تىزىملاتقان
2011-11-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-21 22:21:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپنى دىمكىراتىيە بىلەن باشقۇرۇش،ئۆزىنىڭ ئۇستاز ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ھەقىقەتەن زۆرۈل. لېكىن بىرقىسىم كۆنۈپ كەتكەن ئۇقۇتقۇچىلارغا دىمكىراتىيەنى ئەمەس بەلكى دىكتاتۇرانى يۈرگۈزۈش ھەقىقى ئېسىل دورا ئىكەن،بۇنى مەن خىزمەت تەجرىبەمگە ئاساسەن دەۋاتىمەن،دىكتاتۇرا ئارقىلىق باشقۇرۇلغان مەكتەپنى ئىلمى باشقۇرىمەن دىسە بىزنىڭ نادان ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ھەقىقەتەن ماسلىشالمايدىكەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش