كۆرۈش: 4281|ئىنكاس: 7

بالىڭىز باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگۈدەك بولدىمۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يېڭى يۇلتۇز

ياخشى نىيەت جاھا

UID
10508
يازما
5
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
50
تىزىملاتقان
2011-3-31
ئاخىرقى قېتىم
2011-6-24
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-5 19:07:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بالىڭىز باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگۈدەك بولدىمۇ ؟

سۇ

ھەر يىلى 8 – ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدىغان ۋاقىت . باشلانغۇچ مەكتەپكە كىردى دېگەنلىك بالىلار يېڭى ئۆگىنىش مۇھىتى ، يېڭى تۇرمۇش قانۇنىيەتلىرى ، بارغانسىرى ئېغىرلىشىۋاتقان ئۆگىنىش ۋەزىپىسىگە يۈزلەندى دېگەنلىك . نۇرغۇن ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپكە قاچان قۇبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى بىلىدۇ . يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى قۇبۇل قىلىدىغان كۈننى تەقەززالىق بىلەن كۈتىدۇ . بالىلىرىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغاندىن تارتىپ پۈتتۈرگىچە ئارىلىقتا مەكتەپتىكى ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچىلار قاتارىدا ئوقۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ ، زور ئۈمىدلەرنى كۈتىدۇ . ئەمما بالىلىرى باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگۈدەك ساپا ھازىرلىدىمۇ – يوق بۇنىڭ بىلەن ئەنچەھېسابلىشىپ كەتمەيدۇ . باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىش ئالدىدا بالىڭىزنىڭ تەييارلىقى پۈتتىمۇ ؟

ئەلۋەتتە ، بالىلارنىڭ تەييارلىقى  بويىنىڭ ئۆسۈشى ، يېشىنىڭ يەتتىگە توشۇشى بىلەنلا ئۆزلۈكىدىن پۈتۈپ قالمايدۇ . بالىلار مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن ئەخلاقىي ، ئەقلىي، جسمانىي ، گۈزەللىك ، جەھەتلەردىن ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىپ ، ئاتا- ئانىلارنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىغۇدەك ، ئارزۇيىدىكىدەك ئادەم بولۇشى ئۈچۈن ئاتا – ئانىلار بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ تۆۋەندىكى جەھەتلەردىن تەربىيىلەش زۆرۈر  . بىزدە « نېمىنى تېرىساڭ ، شۇنى ئالىسەن » دېگەن ماقال بار . ئاتا – ئانىلار شۇنى ئېسىدە تۇتۇشى كېرەككى ، بالىلارنىڭ كۆپ قىسىم ئادەتلىرى باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن يېتىلىشكە باشلايدۇ . مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىنكى ئادەتلىرى مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى ئادەتلىرى ئاساسىدە تەرەققىي قىلىدۇ .

ئۇنداقتا ، بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىپلا مەكتەپ مۇھىتىغا ماسلىشىپ ، ساۋاقداشلىرى بىلەن ئىناق ئۆتۈشى ، ياخشى بولغان ئۆگنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى ئۈچۈن ئاتا – ئانىلار قانداق تەييارلىق قىلىشى كېرەك ؟

1 . بالىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقە قىلىش ئېڭىنى تىكلەش كېرەك .

بالىلار باغچىسىدىن ياكى ئائىلىدىن باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىش بالىلارنىڭ كىشىلىك ھايات يولىدىكى بىرىنچى چوڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . مەكتەپ ، مۇئەللىم ، ساۋاقداشلار كىچىك بالىلاردا قىزىقسىنىش ، ئۆزىدىن پەخىرلىنىش ھېسسىياتىنى ، شۇنداقلا ئاسانلا تەشۋىشلىنىش ۋە ئەنسىرەش ۋە بىئارام بولۇش كەيپىياتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . شۇڭا بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش ۋاقتىغا بىر يىل قالغاندىن باشلاپ بالىنى خاتىرجەم قىلىش كېرەك . بالىلارغا بۇيرۇق ياكى نەسىھەت تۈسىدىكى سۆزلەرنى قىلماستىن : « بالام ، مۇئەللىملەرنى كۆرگەندە مۇنداق سالام بېرىدۇ ، ساۋاقداشلىرى بىلەن ئۇرۇشمايدۇ ، تالاشمايدۇ ، ئىناق ئۆتىدۇ . بىللە ئوينايدۇ . ساۋاقداشلىرىغا ياردەم قىلىدۇ . قوڭغۇراق چېلىنغان ھامان سىنىپقا كىرىدۇ .  دەرس ۋاقتىدا نان يىمەيدۇ . سىنىپ ، مەيدان تازىلىقىغا ئاكتىپ قاتنىشىدۇ . سىنىپقا قالايمىقان نەرسىلەرنى تاشلىمايدۇ ...» دېگەندەك كۆڭلىگە ياقىدىغان ، ئىلھام بىرىدىغان سۆزلەرنى قىلىش كېرەك . بۇ چاغدا ئەگەر ئاتا – ئانىلار ئاڭلىق ھالدا يېتەكلىسە بالىلارنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىدۇ . يېڭى كوللىكتىپقا ئاسانلا ئۆزلىشىپ ، ماسلىشىپ  كېتەلەيدۇ . ئاتا – ئانىلار چۆچەك مەسەللەرنى ئېيتىپ بىرىش ، رەسىملىك كىتابلارنى كۆرسىتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق بالىلارغا ئاساسىي قائىدە – يوسۇنلارنى بىلدۈرۈپ قويۇشى ، مۇنازىرە قىلىش ئارقىلىق بالىلار بىلەن تونۇشۇش ، دوستلىشىش ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقە قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئۆگىتىپ قويۇشى  كېرەك . مەسىلەن : ئۆزىنى قانداق تونۇشتۇرۇش ، ھەمراھلىرى بىلەن قانداق ئويناش ، ھەمراھلىرى ئارىسىدىكى ياكى ساۋاقداشلىرى بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدىكى تالاش تارتىشلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش دېگەندەك . ئۇنىڭدىن باشقا ئاتا – ئانىلار بالىلارنى سىرتقا چىقىپ مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن بىللە ئويناشقا رىغبەتلەندۈرۈش ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوستلىرىنى ، ساۋاقداشلىرىنى ئائىلىگە كىلىپ مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلىش قاتارلىقلارنى سەمىگە سېلىپ تۇرۇش ئارقىلىق بالىلارنىڭ باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش لازىم . بالىلارنىڭ دوستلىرى مىھمان بولۇپ كەلسە قىزغىنلىق بىلەن كۈتىۋېلىش ، بالىلارنىڭ ساۋاقداشلىرى ، دوستلىرى ئالدىدا كەمچىلىكلىرىنى سۆزلىمەسلىك ، ئەيىپىنى ئاچماسلىق ، بالىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىماسلىق كېرەك .

2 ) ياخشى ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ۋە كۈچەيتىش

باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن بالىلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ ياخشى – يامان بولۇشى ، تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا ئەقلى سەۋىيە جەھەتتىكى رىقابەت دېگەندىن كۆرە ، ئۆگىنىش ئادىتى جەھەتتىكى كۈچ سىنىشىش دېگەن تۈزۈك . شۇڭا بالىلارنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ ياخشى بولغان ئۆگىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم .

بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتىن قول سېلىش كېرەك .

 (1) ئۆگىنىش ھەۋىسىنى يېتىلدۈرۈش . بالا باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىشكە ئاز قالغاندا ئاتا – ئانىلار بالىنى مەكتەپكە قىزىقتۇرىدىغان سۆزلەرنى كۆپرەك قىلىشى ، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ كىتابلارنى تەمتىرىمەي ئوقۇيالىشى ، شىئىرلارنى دېكلىماتسىيە قىلالىشى ، رەسىملەرنى سىزالىشى ، گىماسستىكا ۋە ئۇسسۇل ئوينىيالىشى ، لەگلەك ، ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ مودىللىرىنى ياسىيالىشى قاتارلىقلارنى ئۈلگە قىلىپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە نىسبەتەن ھەۋىسىنى قوزغىشى كېرەك . « بالام چوڭ بولۇپ قالدى ، مەكتەپتە ئوقۇسا تېخىمۇ ئەقىللىق ، تېخىمۇ چىۋەر بولۇپ كېتىدۇ ، بويى ئۆسىدۇ ،  بىلىدىغانلىرى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ . كومپىيۇتېر ئىشلىتەلەيدىغان ، رەسىم سىزالايدىغان ، پۇل خەجلىيەلەيدىغان ، ناخشا ئېيتالالايدىغان ، مۇزىكا چالالايدىغان ، ئۇسسۇل ئوينىيالايدىغان ، كىتاب ئوقۇيالايدىغان ، نۇرغۇن نەرسىلەرنى ياسىيالايدىغان بولىدۇ . مەن شۇ چاغدا بالامغا نۇرغۇن كىتابلارنى ئېلىپ بېرىمەن »دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىشى ، يەنە « باشلانغۇچ مەكتەپ كىرىپ ئوقۇغىنىڭدىن بىز ناھايتى خوشال بولدۇق ، سەن چوقۇم ئەڭ ياخشى ئوقۇيالايسەن... » دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ بالىنىڭ ئوقۇيالىشىغا بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش كېرەك . يەنە بالىلارغا باشقىلار بىلەن ئىناق ئۆتۈش ، ھەمكارلىشىش ، باشقىلارنى ھۆرمەتلەش ، ئۆگىنىشكە ھېرىسمەن بولۇش ، چىداملىق بولۇش مەزمۇنىدىكى قىزىقارلىق چۆچەكلەرنى ، مەسەللەرنى ئېيتىپ بىرىپ بالىنىڭ قايتا بايان قىلىشنى تەلەپ قىلىش ، قېرىنداشنى توغرا تۇتۇشقا ، خەت يېزىش ھالىتى رۇس بولۇشقا ئادەتلەندۈرۈش ، 1 ~ 100گىچە سانلارنى تەرتىپ بويىچە سانىيالايدىغان ،  1 ~ 10غىچە سانلار ئىچىدىكى قوشۇش ، ئېلىش ئەمەللىرىنى توغرا بېجىرەلەيدىغان سەۋىيىگە يەتكۈزش كېرەك . بالىلارنىڭ سۆز بايلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك .

 تىل تەپەككۇرنىڭ ئاساسى . بالىلارنىڭ تىل ئاساسى قانچىكى پۇختا بولسا ،  تىل ئىشلىتىشكە قانچە ماھىر بولسا  ، تەپەككۇر قىلىشقا شۇنچە ماھىر بولىدۇ . شۇڭا كۆپرەك سۆزلىسىمۇ چەكلىمەسلىك ، تەرتىپ بويىچە سۆزلەشكە ، ئېنىق سۆزلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك . بالىلار ئويۇنلىرى بالىلارنىڭ تىل قابىلىيىتىنى ئۆستۈرىدىغان مۇھىم ۋاستە .

(2) دىققەتنى داۋاملاشتۇرۇش مەشقى ئېلىپ بېرىش . بالىلار باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن كۈنىگە تۆت – بەش سائەت دەرس ئوقۇيدۇ . ئىككى – ئۈچ سائەت ئۆگىنىش قىلىدۇ . ھەر بىر سائەتلىك دەرس 40 مىنۇت بولىدۇ . بالىلار مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن خالىغانچە يەپ ، ھاجەت قىلىپ ، ئويناپ ، ئۇخلاپ كۈنۈپ قالغانلىقتىن ، مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن بىر سائەتلىك دەرس ئاخىرلاشغۇچە دىققىتتنى مەركەزلەشتۈرۈش ۋە داۋاملاشتۇرۇش ئاسانغا توختىمايدۇ . شۇڭا ئاتا – ئانىلار مەقسەتلىك ھالدا دىققەتنى داۋاملاشتۇرۇش مەشقى ئېلىپ بېرىش  كېرەك . مەسىلەن : يولدىن ئۆتكەن ماشىنىلارنى ساناش ، چۆچەك ئېيتىپ بىرىش ، تېلېۋىزور كۆرۈش ، رەسىملىك كىتابلارنى كۆرۈش ، دامكا قاتارلىق ئويۇنلارنى ئوينىشىپ بىرىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ دىققەتتنى مەركەزلەشتۈرۈش ۋە داۋاملاشتۇرۇش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتىرىش لازىم . بۇنىڭدا بالىلار ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنلارنى تاللاپ ئويناش ، ئوينىغاندا ئالدى بىلەن ئويۇننىڭ مەقسىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ، ئاخىرىدا مەقسەتكە يەتكەن – يەتمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈش ، جەرياننى باھالاپ ، تەجرىبە – ساۋاقنى يەكۈنلەشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك .

3 ) بالىلارنىڭ ۋاقىت قارىشىنى تىكلەش .

  باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن بالىلارنىڭ قاتنىشىدىغان پائالىيەتلىرى ، قىلىدىغان ئىشلىرى كۆپىيىدۇ . شۇڭا بالىلارنىڭ ۋاقىت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك . مەسىلەن : بىر مىنۇت ئىچىدە قانچىلىك ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ ، ئون مىنىۇت ئىچىدە قانچىلىك ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ . يېرىم سائەتتە قانچىلىك ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ بۇ ھەقتە ئەمەلىي مىساللارنى كۆرسىتىپ ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇشنىڭ  مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك .

ئىشنىڭ مۇھىملىقىغا ، جىددىيلىكىگە ئاساسەن ئىلگىرى – كىيىنلىك تەرتىپىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك .  بىر قانچە ئىشنىڭ ئىچىدە قايسى ئىشنى ئاۋال ، قايسى ئىشنى كىيىن قىلىشنى قارار قىلالايدىغان ، بىر ۋاقىتتا زىھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىرلا ئىشنى تاماملاشقا تىرىشىدىغان ئاڭنى يېتىلدۈرۈش كېرەك .

4 ) بالىلارنى مەكتەپ تۇرمۇشىغا ئادەتلەندۈرۈش كېرەك

(1 ) ئوقۇش قوراللىرى ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى رەتلىك قويىدىغان ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك . بالىلارغا ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ سومكىسىنىڭ ئىچىنى قانداق رەتلەشنى كۆرسىتىپ قويۇش ۋە پارتىسىنىڭ ئىچىنى قانداق رەتلەش ھەققىدە كۆرسەتمە بېرىش كېرەك . بالىلار ئوقۇش قوراللىرىنى قالايمىقان قويسا لازىم بولغاندا تاپالمايدۇ .  ئۆزىنىڭ نەرسىسىنى تاپالمىغانلىقى – ئۇدۇل كەلگەن  يەرگە قويىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ . بۇ بالىلار ئۈچۈن زىيانلىق ئادەت . بالىلار بىرەر نەرسىسىنى تاپالمىغانلىقىنى بايقىغان ھامان ئۇنى ئەيىپلىمەستىن ، ھەر قانداق نەرسىنى قويغاندا تۈرگە ئايرىپ ، ئېنىق ۋە مۇقىم جايغا قويۇشنى سەمىگە سېلىش ۋە دەل جايىغا قويغان – قويمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش لازىم . ئۇنىڭغا نەرسە – كېرەكلىرىنى ئۆزى يىغىشتۇرۇشقا پۇرسەت بىرىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئىنچىكە ، تەرتىپلىك تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش لازىم . ئاتا – ئانىلار بالىلارغا كىيىمىنى ئۆزى كىيىش ، تاماقنى ئۆزى يىيىش ، ھاجەتخانىغا بېرىش ، قولىنى يۇيۇش ، پىچاق ياكى ئۇچلىغۇچنى ئىشلىتىش قاتارلىق ئىشلارغا ئادەتلەندۈرۈش كېرەك .

 (2) بالىلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك . بالىلار مەكتەپكە قەدەم قويغاندىن كىيىن مەكتەپتە ئۇستازلىرىنىڭ يېتەكلىشى ، باشقۇرۇشىدا بولىدۇ . لېكىن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ بولالمايدۇ ھەم ئۇنداق قىلىشىنىڭمۇ زۈرۈرىيىتى يوق .

بالىلارغا گەپ قىلغاندا « بۇنى مۇنداق تۇت ، ئۇنى مۇنداق ياز » دېگەن شەكىلدە ئەمەس ، « بالام بۇنى مۇنداق تۇتالايدۇ ، ئۇنى مۇنداق يازالايدۇ ، بالامنىڭ قولى بەك ئەپلىك ... » دېگەن شەكىلنى قوللىنىش مۇۋاپىق .

بىزدە « قانداق بولسا تەدبىرىڭ ، شۇنداق بولار تەقدىرىڭ » دېگەن ماقال بار . باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى تەربىيە ئاتا – ئانىلاردىن سەۋرچانلىقنى ، تەلەپچانلىقنى  ، مېھرىبانلىقنى ، تۇيغۇنلۇقنى، مەسىئۇلىيەتچانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ . ئاتا – ئانىلار يۇقىرىدىكى كۆرسەتمىلەرگە دىققەت قىلسا ، ئىشىنىمىزكى ، بالىلىرىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا كەڭ يول ھازىرلىيالايدۇ .

بىلىم ، پاراسەت ، تەجرىبە - ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئۈچ پۇتى .
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

كۆيۈمچان ئەزا

قىيىن ئىش يوق ئا

UID
7205
يازما
59
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1859
تىزىملاتقان
2010-11-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-29
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-6 10:35:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىكەن ، رەھمەت ، بالام مەكتەپكە كىرگۈدەك بولغىچە چوقۇم قايتا - قايتا ئوقۇيمەن ‹........................................

ھايات ھەقىقىتى ............ كىشى مىنى كىشى دىسە ، كىشى بىلەن پىشار ئېشىم . كىشى مىنى كىشى دىمىسە ، كىشى بىلەن نىمە ئىشىم ..................

UID
10960
يازما
41
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
530
تىزىملاتقان
2011-4-30
ئاخىرقى قېتىم
2011-6-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-6 12:44:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تىمىكەن ھەرقانداق ئاتا   ئانىنىڭ بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك ئىشىكەن بۇ ئەجرىگىزگە كوپتىن  كوپ رەخمەت

UID
4483
يازما
117
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3468
تىزىملاتقان
2010-8-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-7
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-6 12:55:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ،بىلىۋالدىم،بالام  مەكتەپكە  كىرگۈچە خېلى  نەرسىلەرنى  ئۈگەتكىدەك  پۇرسىتىم  باركەن،لىكىن  ھازىرمۇ   خېلى نەرسىلەنى  ئۈگىتىۋاتىمەن،مەسلەن  ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا  چوقۇم  قول ۋەيۈزىنى  يۇيۇپ  ئاندىن  ناشتا  قىلىشقا ،سىرىتقا ماڭغاندا  ئۆيدىكىلەرگە"  ئاللاغا  ئامانەت " دىيىشنى ،سىرىتتىن  كىرگەندە "ئەسسالامۇئەلەيكۇم "دەپ قول  ئېلىشىپ  سالاملىشىشنى،ئاپتۇبوسقا  چىققاندا  ياكى تاكسىغا چىققاندا  پۇلنى قولىغا  تۇتقۇزۇپ  شوپۇر  ياكى بىلەتچىگە  بىرىشنى، ئاجىز -مىيىپ كىشىلەرگە  سەدىقە  بەرگەن  پۇللارنى  ئاپىرىپ  بىرىشنى......قاتارلىق  بىر  قاتار  ئىشلارنى  ئۈگەتتىم ،ھازىر  تېخى  بىر  يېرىم ياشقا  كىرگەن ،ئەمدى  تىل  چىققان بولسىمۇ ،لىكىن  يۈزىنى يۇيماي تۇرۇپ  ناشتا  قىلمايدۇ، ئالدىمغا  كىلىپ بودۇرۇق  قوللىرىنى بىر بىرىگە  سۈركەپ  تۇرۇپ "ئاپا ئاپپاق ئاپپاق" دەيدۇ،قولۇمنى يۇيىمەن  دىگىنى،كەچتە چوڭلارنىڭ  قېشىدىن ئېلىپ  ماڭغاندا ،"ئەمىسە  بىز قايتايلى "دىگەن  گەپنى ئاڭلاپلا  يۈگۈرۈپ  كىرىپ  چوڭلانى  سۆيۈپ  "ئاللا خوش" دەيدۇ(ئاللاغا ئامانەت دىگىنى)، .....قاتارلىق، ئىشقىلىپ  كىچىك  بالىلارنى  قانداق  كۆندۈرسە  شۇنداق  كۆنىدىكەن ،شۇڭا ياش  ئاتا-ئانىلارنىڭ باللىرىنى كىچىك  دىمەي ،ئۇلارغا  سەۋىرچان بولۇپ ئەدەپلىك تەربىيىلىشىنى  ئۈمۈد  قىلىمەن. چۈنكى  ئۇلار  بىزنىڭ  ئۈمۈدىمىز ،مىللىتىمىزنىڭ  ئۈمۈدى،ئۇلار  بىزنىڭ يىتەلمىگەن  ئارزۇ-ئۈمۈدلىرىمىزنى  ئەمەلگە  ئاشۇرىدىغان  ئىز باسارلىرىمىز.

دائىملىق ئەزا

باش ئەگمەيمەن!

UID
3892
يازما
799
تېما
24
نادىر
0
جۇغلانما
25564
تىزىملاتقان
2010-7-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-31
توردا
34 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-6 18:20:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىل ئۆگىتىش ۋە ئائىلە ئەخلاقى ئۆگىتىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىمەن.

UID
3436
يازما
37
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
1308
تىزىملاتقان
2010-7-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-9
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-11 20:14:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىنى خاتىرجەم قىلىش ھەممىدىن مۇھىمكەن .بىر يىل ئىلگىرى بالام يەسلىگە كىرىشتىن ئىلگىرى بىر نەچچەئاي بۇرۇنلا بالامغا <يەسلىگە كىرىسڭىز نۇرغۇن ئاداشلار بار ،ئۇلار بىلەن كۈندە كۆڭۈللۈك ئوينايسىز ،ھەرخىل ئۇيۇنچۇقلار بار ...>دىگەندەك گەپلەر بىلەن بالامغا ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلىگەن ئىدىم ،بالام يەسلىگە بارغان كۈندىن باشلاپ بىر كۈنمۇ يىغلاپ ياكى يەسلىگە بارمايمەن دەپ غەلۋە قىلىپ باقمىدى ...

UID
6678
يازما
24
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
804
تىزىملاتقان
2010-10-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-16
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-12 11:17:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋالدىم.

UID
21539
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2012-1-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-9
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 13:16:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش