ھازىرقى قىزلارنىڭ كىيىم كىيىشلىرىدىن تۇغۇلغان ئويلار ؟ جەميىتىمىزنىڭ كۈندىنكۈنگە تىزلىشۋاتقان تەرەقياتغا ئەگىشىپ، بىزنىڭ كىيىم كىچەكلىرىمىزمۇ(بۇلۇپمۇ قىز -ئاياللارنىڭ كىيم-كىچەكلىرى) ئالەمشۇمۇل تەرەقياتلارغا ئىرىشتى،مەسلەن :ئىشتانلىرىمىز بارغانسىرى تارلىشىپ بەدەن تىرىسى بىلەن ئوخشاش بولدى،ئىلگىرى ئۇشۇققا كىلدىغان پۇچقاقلارمۇ تىزنىڭ ئۈستىگچە ،ھەتتا يۇتسنمىۇياپالمىغدەك دەرىجىدە قىسقىرىپ ،بىزنىڭ ئىلگىرىكى ئۇشۇققا كىلىدىغان ئەتلەس كۆينەكلىرىمىز ئاتالمىش «مودا»ئېقىمىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ ،يۇقلىش ھالىتىگە بېرىپ قالدى .ئەگەر نەزەر سالسىڭىز ئۈرۈمچىدە ئەتلەس كۆينەك كىيۋالغان ھەقىقى ئۇيغۇر قىز ئاياللىرىدىن بىرەرنى ئۇچرىتىشىڭىز تۇلىمۇ تەس .
كىيم -كچەكلەرنىڭ بەللىرىمۇ كىندىكنى ئۇچۇق قۇيۇشنىڭ ئىھتىياجى بىلەن قىسقىراپ سۆڭگۈچىدىن ،يىرتىۋەتسىمۇ ئۆتمەسلىك مىزانىغا 100دە200%ماسلاشتى .ئۈستىگە كىيدىغانلىرىمۇ ماس ھالدا، بەزىلەرنىڭ ئەگەر قۇيۇپ بەرسە يالڭاچ كۈچىغا چىقىشتىنمۇ يانماسلىق «ئىرادىسى »گە يېقىندىن ئۇيغۇنلىشىپ، مەيدە ۋە كىندىكنى ئۈچۈق قالدۇرۇش تەلپىگە ئاساسەن ،ئۇچۇقلىشىش،قىسقىلىشىىش ،نىپزلىشىىش ،شۇنداقلا بەدەننىڭ گۈزەللىكنى تۇلۇق« نامايان »قىلىش تەلىپىگە ئورتاق ئاۋاز قۇشۇپ، ئىلاستكچانلىققا ئىگە قىلنىپ ئىشلىنىپ، بەدەننىڭ ئىگىز پەس يەرلىرىنى تۇلۇق نامايەن قىلىپ باشقىلارنڭ شەھۋىتىنى قوزغاپ قيناشتىن ئىبارەت بىرتارىخى باسقۇچقا كىرىپ، رەخىت تىجەش «ئۈنۈم»مى ھەقىقى قولغاكەلتۈرۈلۈپ دەۋىر بۆلگۈچ ھالەتنى ساقلىماقتا .
ھەرقېتىم ئاشۇنداق مودىكەش خېنىملارنى كۆرگۈنۈمدە نىمىشقىدۇر تىللاپ رەسۋاسنى چۇۋۇپ خەقنىڭ ئالدىسدا يالڭاچ سازايى قىلغۇم كىلىپ كىتدۇ ،لىكىن يەنلا ئاچچىقىمنى ئىچىمگە يۇتمەن ،ئەگەر سىلىقراق گەپ قىلساممۇ نۇمۇس قىلماستىن «نمە كارىڭ ئۈزۈمنىڭ پۇلىغا ئالدىم ،ئۈزۈمنىڭكىنى ئۇچۇق قويدۇم،مەن ئۇچۇق قويسام سىنىڭ نەرىڭگە تاقاشتى ،بۇئۇزۇمنىڭ ئىشى، ئىشىڭنى قىلمامسە بېرىپ مىنى باشقۇرىمە دىمەي » دىيىشى ئېنىق تۇرسا يەنە مەن نىمە دىيەلەيمەن .
دىنى كەيپىياتنىڭ ئەۋىج ئېلىشىمۇ خېلى ياخشى ئىدى بولمىسا ؟ھايا ئتقاد-ئمان سۇسلاپ كەتكەن ،ئۇمۇمىي جەميەت ئەخلاقىنىڭ كۈچى يىتەرلىك بولمىغان بۇ دەۋىردە، قانۇن پەقەت جەميەت تەرتىپنى ساقلاشتىن ئىبارەتلا رول ئويناۋاتىدۇ خالاس ،سىز ئۇنداقلار بىلەن تەگەشسىڭىزمۇ ،قانۇننڭ جازاسىغا ئۇچرىغۇچى ئاقىۋەتتە سىز بۇلۇپ قالىسىز .شۇڭلاشقا ھازىر ھەممىمىز ئۇنداقلارنى كۆرسەك ،دوسلار ئۆز -ئارا ئاچچىق تەنە قىلىشىپ قۇرساق كۈپۈكمىزنى چىقرالايمىز خالاس .مەسلەن :بۇلتۇر بەشىنچى ئايلاردا مەلۈم بىر ئالىي مەكتەپتە بىر سىتودىنىتنى كۆردۈم (بۇنداقلارغۇ ئاز ئەمەس )كيىنىشى خۇددى ھەرخىل «خانا »ۋىۋىسكىسى ئاستىدىكى ئىشقىۋازلىق سورۇنلىرىنىڭ خېنىملىرىدىن پەقەتلا پەرىقلەنمەيدۇ .بۇنداقلارنىڭ ھەرقانداق جايدا ھەممە كىشنىڭ دىقتىنى تارتىشى ئېنىق بولغاچقا مەنمۇ قاراپ سالدىم دە ،يىندا مەبىتى (ئۇغۇل دوستى )دىگەن لاتا باركەن،ئۇخىلى قاملاشقان ئېغىر بېسىق بالىدەك قىلىدۇ بولمىسا . دوسلۈرۈم بىلەن دىيىشىپ قالدىم ،بۇقىزغۇ بۇنداق كىيىنسۇن لىكىن مەبىتى دىگەن لاتاقاس -قاس نىمىشقا« تۈزۈك كىيىن دىمەيدۇ؟ئۇنمىسا ئارىنى ئۈزسىلا بولمىدىمۇ ؟ياكى ئۇ ئۇغۇلمۇ ئۇ «قىز»نى پەقەت كۈڭۈل ئېچشقىلا سۆرەپ يۇرۋاتامدىغاندۇ؟»دىيىشىكىنمىزچە گۇناھنى يەنىلا ئۇغۇلدا قويدۇق.بۇغۇ ئېنىق ،ئۇغۇللارنىڭ مەنتىقىسى بۇيچە ئېيىتقاندا ،ھەر قانداق ئۇغۇل ئۇنداق مودىكەش سەتەڭنى كۈڭۈل خۇشى ئۈچۈن سۆرەپ يۇرمىسە ھەرگىز ئۇنداقلارغا قارىمايدۇ دەپ ئويلايمەن .
نەچچە كۈن ئاۋال كەچتە مەكتەپ ئاشخانىسدىن تاماق يەپ چىقىۋېتىپ تۆت مودىكەش سەتەڭ دىقتىمنى تارتتى .بۇ «مودىكەش »لەرنىڭ كىينىشمۇ شۇنداق چاكىنا بۇلۇپ، چاچلىرى بېشىدا پوجاڭ ئېتىلىپ كەتكەن كىشدەك پوجاڭباش ،گىرىممۇ ھازىرلا بۇياق قۇتىسدىن چىققاندەك قېنىق ،ئۇسىتىگە يوتسنىمۇ ياپالمايدىغان ،ھازىر مودا بۇلىۋاتقان ئۇزۇنراق، نىپز بەدەنگە مەھكەم يېپىشىپ تۇرىدىغان يوپكىسمان كۆينەك كىيگەن ،ئاستىدا كەيدىم دىگەنگە ھىساپ يوقتىن ياخشى پايپاق بار ئىدى .ئۇلار ئۈتۈپ كەتكەندىن كىيىن مەن دەپ بولغۇچە دوستۇمدىن بىرسى« مۇشۇلارمۇ ئۇقۇتقۇچى بولىدىغانلار ھە ؟»دىدى دە چوڭقۇر ئوھ.... سۇنغان ھالدا مەنىلىك قىلىپ .................! بەلكىم بۇ بىر تەرەپلىمىلىك بۇلۇپ ئاز سانلىقتۇر ،ھەم شۇنداق بۇلۇشنى ئارزۇ قىلىمەن .
بىزنىڭ ئارىمىزدىمۇ شۇنداق شەرىم ھايالىق ئەخلاغلىق قىزلارمۇ ئاز ئەمەس ،بۇمۇ كۆز يۇمۇۋالغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت .
ئەي قىزشۇنى بىلىڭكى سىزنىڭ ئاشۇ كىچىككىنە شۆھرەتپەرەسلىك ئدىيڭىز ،سىزنىڭ باشقىلار ئالدىدىكى ئىناۋىتىڭىزنى تۈكۈپ يۇندىدىنمۇ بەتەر ،سىزدىن ھېچكىم ئەيمەنمەيدىغان ،باشقىلار ئالدىدا ئۈزىڭىزنىڭ بىر موچەنلىكمۇ يۈزىڭىز بولمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قېلىشڭىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ؟ئەگەر تېخچە باشقىلارنىڭ كۈزىدىن «ئوت »چىقىرىش ئۇچۇن چۈشتىن كىيىن ياكى ئەتە قايسى كىيىم كىچەك كىيىش،قايسى كىيىم كىچەكنى ئېلىش ،قايسىسنىڭ مەيدىنى ،قۇرساقنى بەك ئاچىدىغانلىقى ،قايسىنىڭ يوتىڭىزنى بەك ئاچدىغانلىقى ۋە يۇزىڭىزدىكى ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ۋاقىتسىز چۈشكەن داغ ،سەپكۈن ،قورۇقلارنى قايسى گىرىم بۇيۇملىرى بىلەن پەردازلاش توغرىسدا ئالدىراش بۇلۇپ يۇرەمسىز ؟بىلىڭكى كۆپ ساندىكى ئۇغۇللارنىڭ ھەقىقى ياقتۇردىغنى ئۇنداق« مودا كەش »لەرئەمەس ،بەلكى شەرىم -ھايالىق ،ئىززەت ئابرۇيلۇق ،ۋىجدانلىق ،تەبىيلىككە ئنتىلىدىغان ،ئۇيغۇر ئىسلام قىزلىرىدۇر .ئەكسچە بولغانلارنىڭ ئۇلارنىڭ تۇرار جايى ھامان ئەسكى تۈسكى ئەخلەت بازىردۇر خالاس .
ھايالىق قىز باھالىق قىز ،بىر شەيئىنىڭ گۈزەللىكى ئۇنىڭ قانچە سىرلىقلقىدا ياكى يۇشۇرۇنلىقلقىدا، بىر يۇشۇرۇنلىقنىڭ ئاشكارلىنشى بىر گۈزەللىك سەپىرنىڭ ئاخىرلىششى خالاس .ھەممە كىشى يۇشۇرن نەرسىلەرگە شۇنداق قىزىقدۇ ،قانچە يۇشۇرۇن بولغانسىرى تېخمۇ شۇنداق .يالىڭاچلق يۇلىغا قەدەم باسقىنىڭىز ئىناۋىتىڭىزنىڭ يۇندا ئازگىلى تەرەپكە قاراپ ئېقىپ كۈرۈنمەس بۇيۇنتۇرۇققا ئەسىر بۇلۇپ بىلىپ بىلمەي كىشلەر تۇپىدىن جەميەتتىن ئايرىلىپ قالغىنڭىز نىڭ مۇقەددىمىسدۇر
مەنبە :ئۆز قەلىمىم
|