تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1754|ئىنكاس: 9

ئۈچ پارچە شېئىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

قىيىنچىلىق، مېن

UID
7347
يازما
294
تېما
23
نادىر
0
جۇغلانما
8305
تىزىملاتقان
2010-11-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-8
توردا
48 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-4 11:41:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۈچ پارچە شېئىر



1.ئۆزۈمگە تەسەللى

كۈلكە ماراپ تۇرغان شېئىرنى،
يازماقچى بوپ ئالساملا قەلەم،
مىسرالىرىم ياش تۆكەر بىردىن...

خالىغانچە ياشاش ھوقۇقى،
بولمىسىمۇ ئەگەر قولۇمدا،
بار مېنىڭدە پاتېنت ھوقۇقى،
كاللامدىكى تۈگىمەس خىيالنىڭ.
خالىغانچە سۈرىمەن خىيال،
باشقۇرىمەن ئۇنى بىمالال.
ئەڭ ئاخىرقى كۆزنەكلىرىممۇ،
ئېتىلىپ كەتتى بىلمەيمەن نېچۈن؟
قالدىم ئۆزۈم قاراڭغۇلۇقتا،
سېغىنىمەن يامغۇرنى نېچۈن؟
قالمىغان بولساممۇ ئايرىلىپ،
تەنھا مۇڭدىشىم-خىيالىمدىن،
يۈرىكىمنى ئۆرتەيدۇ پىراق.
بەخت ئىزدەپ تۇرغاندا كۆڭلۈم،
بەختىمگە قارشى،
بەكمۇ ساددا، ئاقكۆڭۈل يۈرەك،
قىسمەتلەرگە ئاچىدۇ قۇچاق.
قىسمەتلەرمۇ ئۆز بىلىپ مېنى،
كېلەر يېقىن قىرغاقلىرىمغا،
كۈلۈمسېرەپ بىر تاتلىق ئوماق.
قىسمەت-قىسمەت-بىر دۆۋە قىسمەت،
سىڭىپ كەتتى مىسرالىرىمغا.
نۇر چاچىدۇ ياشلار تامچىسى،
تەقدىرىم ۋە مىسرالار ئارا...

مەن ئۆزۈمگە
بېرەلەيمەن تەسەللى.
تەسەللىينى بېرەلمەمدىكىن،
مىسرالىرىم ئۆزىگە؟!
يىغلاڭغۇ شامدەك يىغلاڭغۇ مىسرا،
ياش تۆكىدۇ غەمكىن ئۆزىچە.
شۇ چاغدا
مىسرالارغا تەسەللى ئىزدەپ،
قايتارمەن خىيال كوچىسىدا،
ھاياتىمنىڭ شاتلىق باغچىسىغا...
بولدى بەس!
كۆزلىرىمدىن ياشلار ئاققۇچە،
قەلىمىمدىن تەرلەر ئاقسۇن!
ئالدانمايدۇ ئەمدى يۈرىكىم،
قىسمەتلىرىم يىراققا قاچسۇن!
زېرىكمىدىم ئۆزۈمدىن تېخى،
كېتەلمەيمەن ئۆزۈمدىن يىراق،
ئۆز دىلىمنى يورۇتالايمەن،
بولالايمەن ئۆزۈمگە چىراق.

ئويلىنىمەن نېمىشقا ئۇزاق؟...


2.مەن ئىزدەيمەن ئۆزۈمنى...

مەن ئۆزۈمنىڭ ئەينىكى ئەمەس،
مەن ئۆزۈمنىڭ ۋەكىلى ئەمەس،
مەن ئۆزۈمنىڭ سايىسى پەقەت.
ئىزدەپ ئۆزۈمنى،
كىرىپ باقتىم تەكلىماكانغا.
ئىزدەپ ئۆزۈمنى،
چىقىپ باقتىم كۆپكۈك ساماغا.
سېغىندىم مەن ئۆزۈمنى قەۋەت.
مەن-ئۆزۈمنىڭ پىغان دەرياسى.
مەن-ئۆزۈمگە كۆتۈرگەن چۇقان!
مەن-ئۆزۈمدىن زېرىككەن ئادەم.
مەن-ئۆزۈمگە تەلمۈرگەن ئىنسان!
مەن ئىزدەيمەن ئۆزۈمنى نەدىن؟
سوئال قويدۇم ئۆزۈمگە شۇئان!...

****

مەن ئىزدەيمەن ئۆزۈمنى،
ئۇپۇقتىكى نۇرلاردىن
تارىختىكى قۇرلاردىن
يەرشارىنىڭ قۇرغاق لىۋىگە،
تامچىلىغان يامغۇرلاردىن...
ئۇپۇق-
نۇرلار توپلىمى.
تارىخ-
يىللار توپلىمى.

مەن ئىزدەيمەن ئۆزۈمنى،
تاڭ سەھەردە قۇياشتىن
كۆزۈمدىكى بىر تامچە ياشتىن
تام تۈۋىدە يىغلىغان تاشتىن...
قۇياش-
ئۈنسىز مۇزىكا،
نۇرلۇق تامچە ياش.
ياش-
كۆڭۈلگە قاياش،
سەمىمىي مۇڭداش.
تاش-
غەمدەك ئېغىر تاش.

مەن سورايمەن ئۆزۈمنى،
نەگە بارسام ئەگىشىپ يۈرگەن
زېرىكىشلىك ئەبگا سايەمدىن،
پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەردىن،
ئالدىمدا تۇرغان ئەينەكلەردىن.
مازاردىكى غېرىپ قەۋرىدىن،
بازاردىكى ئاۋات تەنزىدىن...
سايە-
تۇيدۇرماستىن باغلانغان زەنجىر.
گۈل-
كۆز ياش قىلىپ شەبنەملەرنى،
تاڭ سەھەردە يىغلايدىغان كۆز.
ئەينەك-
سايىلىك ئەينەك.
مازار-
سودىسى ئۆكسىمەس بازار.
بازار-
پۇل ئىشقىدا توۋلىغان بازار،
پۇل ئىشقىدا ئالجىغان بازار.
تۆكمە قىلىپ غېرىبلىقىنى،
كۆز يېشىدەك چاقنىغان بازار.

ئىزدەپ ئۆزۈمنى،
كىرىپ كەتكەن ئىدىم ئۇيقۇغا،
(ئۇيقۇ-
ۋاقىتلىق ئۆلۈم)
ئويغىنىش
ئېلىپ كەپتۇ رېئاللىقىمنى.

****

مەن ئىزدەيمەن ئۆزۈمنى،
ھەقىقەتتىن، گۈلدىن، پاكلىقتىن
رېئاللىقتىن، نۇردىن، ئۇپۇقتىن
مىسرالاردىن، شېئىرلىرىمدىن...


3.بىر تامچە ياش

بىر تامچە ياش گويا بىر دېڭىز،
ئۆركەشلىگەن قەلبىم قېتىدا.
ئۇ تۆكۈلگەن قارا سىياھتۇر،
كۆڭلۈمنىڭكى ئاپئاق بېتىغا.

بىر تامچە ياش باشتۇر ياشلارغا،
ياش سۆرەيدۇ كۆز قارچۇغىنى.
كۆز كۆرسىمۇ تامچە سۇيۇقلۇق،
كۆڭۈل كۆرەر ھەقىقىتىنى.

كۆزۈمگە تولغان بىر تامچە ياش،
لىغىرلايدۇ قەلبىمگە تۇتاش.
بەلكىم بىر تامچە ياش يەرشارى،
ياكى يەرشارى بىر تامچە ياش.
ئالەمدىن تامچە بوپ تۆكۈلگەن،
كۆزلىرىمگە سۇ بوپ كۆرۈنگەن.



2001

بىز نومۇس قىلىشىمىز كېرەك...
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

كۆيۈمچان ئەزا

بەزىدە "خات

UID
8033
يازما
477
تېما
32
نادىر
0
جۇغلانما
15689
تىزىملاتقان
2010-12-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-19
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-4 13:55:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەفىفى بۇرادەر مۇنداقمۇ ھۇنىرىم بار  دەڭ  ...
   خىلى ھۇزۇرلاندىم . تىمىلىرىڭىز ئۇزۇلمىسۇن !

دىنىمنىڭ ئۇستۇنلىكى -مىنىڭ شان-شەرپىم

UID
10994
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
30
تىزىملاتقان
2011-5-2
ئاخىرقى قېتىم
2011-10-13
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-4 14:17:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىرىماي ھەزىم قىلاي !

UID
5684
يازما
218
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
5469
تىزىملاتقان
2010-9-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-9
توردا
47 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-4 15:53:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇشئىرىڭىزغۇ  بەكياخشى چىقىپتۇ.ئۆزىڭىز يازغانسىزھە.........ئاممالىكىن  شئىردىگەننى يىزىۋىتىپسىزجۇمۇ........

UID
10960
يازما
41
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
530
تىزىملاتقان
2011-4-30
ئاخىرقى قېتىم
2011-6-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-4 15:56:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يىزىپسىز قۇلىغىزغا دەت بەرمىگەي..

كۆيۈمچان ئەزا

مەن تۇرغانلارغا

UID
5387
يازما
335
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
10033
تىزىملاتقان
2010-9-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-7
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-4 21:06:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا ياخشى چىقىپتۇ

.

UID
10479
يازما
95
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
2138
تىزىملاتقان
2011-3-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-20
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-5 11:55:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئېرنىڭ قاتىلى    [s:2]

تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم

ئۈمىدلىك ئەزا

شاھ نەزەر

UID
11031
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
186
تىزىملاتقان
2011-5-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-8 12:54:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يامان  بەيزى  چىقىپتۇ جۇما !!!

شاھ نەزەر

UID
3770
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
68
تىزىملاتقان
2010-7-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-4
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-8 17:32:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئېر ياخشى چىقىپتۇ. ئادىل تۇنيازنىڭ <قەشقەردىكى يەر شارى> دىگەن شىئېرنى ئەسلەتتىڭىز...

UID
10965
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
307
تىزىملاتقان
2011-5-1
ئاخىرقى قېتىم
2011-6-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-14 15:55:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇسۇپجاننىڭ 14 ياش چاغلىرىدىكى شېئىرلىرى بۇنچىلىك بولسا بالىغ بولغاندىن كېيىنكى شېئىرلىرىنىڭ كامالىتى تېخىمۇ قىيامىغا يەتكەن بولۇشى بەرھەق... ئەمما قايسى ژۇرناللاردىن تاپقىلى بولار...؟!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش