تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1692|ئىنكاس: 11

ئېلان ھەققىدە ساتىرا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
4406
يازما
104
تېما
15
نادىر
0
جۇغلانما
3384
تىزىملاتقان
2010-8-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-11-2
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-2 16:36:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىڭشىسام ھەممە ئېلان،ساقلىقنى ئارمان قىلغۇدەك ،
ئەل-ئاۋامنىڭ خوشلۇقى ،بەختىنى نىشان قىلغۇدەك ،
ساختىسى راستىن تولا سۆزلىرى دەبدەبىلىك ،
ئاقىبەت ئالداپ يۈرۈپ  يانچۇقنى ۋەيران قىلغۇدەك .

بىرىنىڭ تابلېتى بار ،رولى ئاجايىپ ئۆزگىچە ،
يېگۈچى بولماس كېسەل ئۇنى يېگەندىن ئۆلگۈچە،
ئۇ شىپالىق بولغۇسى تاكى زۇكامدىن- راكقىچە ،
ئۈچ داۋالاش باسقۇچى كېسەلنى سەرسان قىلغۇدەك .

بىرىدە باردۇر سوپۇن چاچنى قىلاركەن قاپقارا ،
چاچنى توم، تال-تال قىلىپ  ،باش تېرىنى قىلماس يارا ،   
ھەم يوقاتقاچقا  كېپەك  شۆھرەت تېپىپ ئالەم ئارا ،
تازغا سۇمبۇل  چاچ چىقىپ سايلىقنى بوستان قىلغۇدەك .

بىرىنىڭ چىش پاستىسىدا يۇيساڭلا چىشلار پارقىراق ،
يوق بولارمىش ئەتىسى داغ ھەم يەنە  سسېسسىق پۇراق ،
چوتكىسى ئۇندىن ئېسىل سۈرگەنچە كىرىپ ئىشتىياق ،
ساپسېرىق توڭكاي چىشىڭنى ئۈنچە مارجان قىلغۇدەك .

بىرىدە بار ئىچ كىيىم كەيسەڭلا  بولغايسەن ئورۇق ،
بىرىنىڭ بار دورىسى سۈرسەڭلا يۈتكەي سەت قورۇق ،
داغ سېرەرنى ئىشلىتىپ ئەر ئالدىدا يۈزلەر  يورۇق ،
بۇ ئېلانلار سەتنى ئۇز ،مايماقنى جانان قىلغۇدەك .

بىرىدە گىرىم بويۇم ئاسرايدۇ يۈزنى تېرىنى ،
سۈركىسە قىز قىلغۇسى 70كە كىرگە قېرىنى ،
بىرلىرى ئەتتىر چېچىپ رام قىلدى خەقنىڭ ئېرىنى ،
ئەلنى جىق ئالداش ئۈچۈن ئەرتىسنى قالقان  قىلغۇدەك .

بىرىنىڭ  كەندىر بىلەن  مەخسۇس توقۇلغان كۇسىرى ،
كەيسىڭىز تاپقاي شىپا بەل ئاغرىقى ،مەزى بېزى ،
بۇ كۇسار ئەر زاتىگە بەئەينى بەخىت يۇلتۇزى ،
بۆرىكىڭ يوق بولسىمۇ ئىشرەتتە پالۋان قىلغۇدەك ....

بىرى دەر سۆزلەر شېرىن چىققايكى يېسەڭ شاكىلات ،
بىرى دەر توغماسنىمۇ بىزلەر قىلارمىز ئىككى قات ،
بىرى دەر پۇل خەجلىسەڭ ئۆلگەنگە  بەرگەيمىز ھايات .
يۈزدە يۈز ھۆددە قىلىپ قەسەمنى ئوكيان قىلغۇدەك .

"نەچچە مىڭ يىللىق" رېتسىپتا ياساپتۇمىشلەر دورىنى ،
"بىرنى ئالساڭ ئۈچى سوۋغا"  كولاپ  قويۇشتى ئورىنى ،
بىز نادانلار گول بولۇپ ئۆرۈك ساناشتۇق غورىنى ،
ئالدىنىپ يۈرگەنچە بىز، كاززاپلار خەندان قىلغۇدەك .

تېگى پەس ئىپلاس ئېلانلار دەستىدىن خەستە  يۈرەك.
دورىدا ئىش پۈتسىتى  ،دوختۇرنى  قىلغاي كىم كېرەك ،
شۇڭىمۇ زورلاپ ساتارغا بولغۇلۇق قاتتىق سەگەك ،
مەقسىتىن يەتمەك ئۈچۈن ساپساقنى نىمجان قىلغۇدەك .

2009-يىلى 2-ئاينىڭ12-كۈنى شەھرى بورتالادا ۋاپادارىم ئىشخانىسىدا يېزىلىپ بېقىلدى ..

بىر سوم پىلانىنى بىلەمسىز ؟
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
5684
يازما
218
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
5469
تىزىملاتقان
2010-9-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-9
توردا
47 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-4 15:30:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەل جايىدا كەلتۇرۇپ يىزىپسىز..
مەن ئويلاپ قالدىم بىزمىللەتتە ياخشى شائىرلار كۆپ ئىكەن .بىزدە پەقەت تونۇش  ۋەتونۇتۇشلا  كام قاپتۇ...     رەھمەت سىزگە مەن بىر شئىر خۇمار ئۇيغۇر بولۇش سۇپىتىم بىلەن ھەربىر شئىرىڭىزنى   ساقلاپ  كىلىۋاتىمەن...........بۇنداق قىلسام كۆڭلىڭىزگە كەلمەس دەيمەنغۇ......

UID
10960
يازما
41
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
530
تىزىملاتقان
2011-4-30
ئاخىرقى قېتىم
2011-6-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-4 16:10:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كوپـتىن  كوپ رەخمەت سىز گە بۇ شئىر بەكلا ياخشى يىزىلىپتۇ  مەن بۇ شئىرىڭىزنى ساقلاپ پات پات ئوقۇپ تۇرمەن..

UID
4398
يازما
91
تېما
18
نادىر
0
جۇغلانما
2291
تىزىملاتقان
2010-8-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-7
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-4 16:50:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىساڭ ئۇشبۇ ئېلاندا ساپلا ئەرتىسلەر كېسەل،
ساقىيىپتۇ ۋەلېكىن يەپلا شۇئان ساپ ھەسەل،
ماي چىقىپتۇ يەپ شۇنى باشتىن-ئاياق قىلساڭ ئەمەل،
قان تومۇرنى تازىلاپ قېنىڭنى ۋولقان قىلغۇدەك.

UID
5684
يازما
218
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
5469
تىزىملاتقان
2010-9-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-9
توردا
47 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-6 18:48:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يەنە ئاخىرىنى چۇشۇرىدىغانلار بارمۇ يا.......
.ئۇرىيە ،لەربەكئىسىل ئەخشىتىدۇ ھەممىنى.
ئاچچىق ئۆرۇكبولسىمۇ بال قىلىدۇتەمىنى،
چاچساڭ كىۋەزدورىسى كىۋەزقىلاچۆپنىمۇ.
چاچساڭ ھاشارەت دورىسى يىلان قىلار قۇرتنىمۇ،

بۇنى ئوقۇپ بەزى دوسلار قۇرىتمۇ يىلان بولامدۇ دىيىشى مۇمكىن .ئۆتكەن يىل نايىمىزدە دەل شۇنداق بولدى.
كىۋەزگە چاچقان ھاشارەت ئۆلتۇرۇش دورىسى ئۆمۇچۇكلەرگە بەك پايداقىلىپ 15ئادەمنى چىقىپ جىددى قۇتقۇزۇشتا ياتقۇزۇپ قويدى.

كۆيۈمچان ئەزا

ي. م. ئىلقۇت

UID
2000
يازما
367
تېما
20
نادىر
0
جۇغلانما
12549
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-10 00:25:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ئادەمنى بىزار قىلىدىغان ئېلانچىلىق! ئەمما ئوخشاش بولمىغان نوقتىدىن چىقىش قىلسا، ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە چۈشلۇق سەۋەبى بار.......

UID
32606
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-3-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-23
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-14 16:57:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۈرۈڭلار مەن ئەمدى كۆرۈپتىمەن    لىكىن   بەك  پەيزى يىزىلىپتۇ    جۇما    شائىر  قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
624
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
624
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-6
توردا
230 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 12:19:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرنى ئالدىرماي ئاختۇرۇپ كۆرسە ، ياخشى تېما ، ئەسەرلەر كۆپكەن . بۇ شىئېرمۇ شۇنداق ياخشى يېزىلىپتۇ .

UID
35538
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2012-4-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-28
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 21:52:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھسۇلاتنى ماختىسا قالماس ئېغىزدا شېرىن سۆز،
ئالدىنىپ يۈرەر ساختىغا مىڭلىغان ساددا قارا كۆز.
ئىشلەتسىڭىز مەھسۇلاتنى راستۇر بىرى،ساختىسى يۈز،
ئالداپ خەلقنى نامەردلەر،پۇللارنى غەملەپ يۈرگۈدەك.

يېڭى يۇلتۇز

يىگىتنى گەپتىن قويغان يانچۇقتا

UID
30383
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-2-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-20
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 23:57:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاچسىڭىزيەرگەئوغۇتنى بىرنى مىڭ تال قىلارمىش،
مول ھوسۇلدىن ئامبرى  بۇغداي.شالغا  تولارمىش.
مىليۇنىر بوپ يوقسۇلمۇ ساراي،داچا  سالارمىش،
ساددا  دىھقان  ئاكامغا ئورا كولاپ  يۈرگىدەك.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش