تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 6268|ئىنكاس: 15

مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ دادىسىنى تونۇمسىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
7294
يازما
66
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
2177
تىزىملاتقان
2010-11-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-11
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-30 22:08:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى


داڭدار ئالىم يۆتۈك ئەدىب، تونۇلغان جامائەت ئەربابى سالىھ ئىبنى نىزامۇددىن ئىبنى سالىھ ئىبنى يۈسۈف ئىبنى نىياز 1895- يىلى ئاتۇشتا تۇغۇلغان، كىچىك چېغىدىلا ئاتا – ئانىسى نىكاھتىن ئاجرىشىپ كەتكەنلىكتىن يىتىمچىلىكتە چوڭ بولۇپ نۇرغۇن ئىسسىق – سوغۇقلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن، يۇرتى تەختىيۇن يېزىسىدا موللا غازى خەلپىتىم ئاچقان مەكتەپتە دەسلەپكى ساۋاتىنى چىقىرىپ ناۋايى فۇزۇلىنىڭ ئەسەرلىرىنى بېرىلىپ ئۇقۇپ ئۆزىدە ئالاھىدە ئەدەپى زوق پەيدا قىلغان.
12 يېشىدا غۇلجىغا دادىسىنىڭ يېنىغا چىقىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغان. ئەينى چاغلارنىڭ ئادىتى بويىچە چوڭ داموللا بولۇش ئۈچۈن بۇخاراغا بېرىپ ئۇقۇپ كېلىشنى نىيەت قىلىپ سەپەر تەييارلىقىنى قىلىۋاتقاندا دادىسى قازا قىلىپ كېتىپ بۇ ئارزۇسىغا يېتەلمىگەن، شۇنىڭ بىلەن يۇرتى ئاتۇشقا قايتىپ كېلىپ، قەشقەر مەدرىسىلىرىگە ئورۇنلىشىپ ئابدۇقادىر داموللام، موللا ئىسلام داموللام، مەھمۇد داموللام، شەمسىدىن داموللام قاتارلىق داڭلىق ئۆلىمالاردا زور تىرىشچانلىق بىلەن تەبىئەت، مەنتىق، تەپسىر، ھەدىس، ئۇسۇلى فىقھى، تەۋھىد، ئەدەبىيات قاتارلىق 16 خىل پەنگە ئائىت مۇھىم كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى ئەلا دەرىجىدە ئوقۇپ تۈگىتىپ، يۇقىرى ئۇقۇم، يۈكسەك مەلۇمات ھاسىل قىلىش بىلەن مەشھۇر ئۇستازلاردىن تۈزۈلگەن سورۇندا ئۇلارنىڭ نەزىرىدىن ئۆتۈپ داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ يۇقىرىقى ئىلىملار تۈرى بويىچە خەتمە گەردە بولغان، ئۆزىنىڭ ئىلمى سەۋىيىسى، كامالەتكە يەتكەن ئىستىبداتى كۆزدە تۇتۇلۇپ ئۆلىمالار تەرىپىدىن قەشقەر بويىچە ئەڭ مەشھۇر بولغان خانلىق مەدرىسىگە مۇدەررىسلىككە تەكلىپ قىلىنغان، ئۆزرە ئېيتىپ بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلماي 1925- يىللىرى ئەتراپنى ئايلىنىپ شەھەر كېزىپ تەكشۈرۈش تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ۋە ئىلىم مەرىپەت تارقىتىش مەقسىتىدە يۇرتىدىن چىقىپ ئاقسۇ، كۇچا، كورلا، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا بولۇپ ئاخىرى گۇچۇڭغا بېرىپ بۇ يەردە يەتتە سەككىز يىلچە تۇرۇپ قالغان.
گۇچۇڭدىكى چاغدا چوڭ جەمەدە ئىمام ۋە خەتىپلىق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش بىلەن بىللە ئەتراپتىن كەلگەن تالىبۇلئىلمىلەرگە دەرس ئۆگۈتۈش بىلەن مەشغۇل بولغان.
بۇ جەرياندا ھەر قايسى جايلاردىكى مەرىپەتپەرۋەر زاتلار ۋە ئۆلىمالار بىلەن زىچ ئالاقىدە بولۇپ ئىلمى مۇناسىۋەت ئورناتقان، جۈملىدىن ئەينى زاماندا چۆچەكتە يەرلىشىپ قالغان.
تۈرلۈك ماۋزۇلاردا نۇرغۇنلىغان تاتارچە ۋە ئەرەبچە ئەسەرلەر يازغان. مەشھۇر تاتار ئالىمى مۇراد ھەزرەت بىلەن دوستلۇق ئورنىتىپ ئۆز ئارا ئىلمى مەكتۇبلار يېزىشقان.
چۆچەكتىكى بىر قىسىم مۇتەئەسسىپ موللىلار مۇراد ھەزرەتنى كۈرەلمەستىن ئۇنىڭ يېڭى مەكتەپلەرنى ئېچىپ ئاقارتىش ئىشلىرى ئېلىپ بېرىشى، ئۆشرە – زاكات ماللىرىدىن خەلققە پايدىلىق بولغان تەلىم تەربىيە ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىشلىرىغا ئىشلىتىش قاتارلىق بىر قاتار مەرىپەتپەرۋەر ئىلغار تەشەببۇسلىرىغا قارشى چىقىپ بۇ زاتقا ھەرخىل تۆھمەتلەرنى چاپلىغان.
بۇ چاغدا سالىھ داموللا ھاجىم مۇراد ھەزرەتكە 110 مىسرالىق ئەرەبچە شېئىر قەسىدە يېزىپ ئۇنىڭ ئىلغار تەشەببۇسلىرىنى قوللىغان، ھەمدە ئۇنىڭ خاسىيەتلىك ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش رەقىبلىرىنىڭ تۆھمەتلىرىگە پەرۋا قىلماسلىق «ئىت ھۈرەر، كارۋان يۈرەر» مەزمۇنى بويىچە ئۆز يولىدا ماڭىۋېرىش ھەققىدە كۆڭلىنى يوپۇتۇپ تەسەللى بەرگەن.
مۇراد ھەزرەت يۈكسەك سەۋىيىدە يېزىلغان پاساھەتلىك بۇ قەسىدىنى كۆرۈپ تەسىرلىنىپ سالىھ داموللا ھاجىمغا ئاپىرىن ئوقۇغان.
ئارتۇقچە تەكەللۇپ ۋە خوش – خوشنى ياقتۇرمايدىغان، ئادەتتە كەلدى باردى مېھمانلارنى ھويلىسىدىن چىقماي كۈتۈۋالىدىغان ۋە ئوزۇتۇپ قويىدىغان بۇ ئالىم 1930- يىلى سالىھ داموللا ھاجىم چۆچەككە بارغاندا چۆچەك شەھىرىنىڭ سىرتىغىچە ئالدىغا چىقىپ قارشى ئالغان.
سالىھ داموللا ھاجىمغا ئۇنىڭ پۈتۈن ئىسلام دىنى ئىلىملىرى بويىچە يۈكسەك سەۋىيەلىك ئالىم ئىكەنلىكىنى ۋە داۋاملىق ئىلىم تارقىتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆزىنىڭ مۆھۈرىنى بېسىپ ئىجازەتنامە يېزىپ بەرگەن.
گۇچۇڭدا يەتتە سەككىز يىل تۇرغاندىن كىيىن ئانا يۇرتى ئاتۇشقا قايتىپ كېلىپ ئەينى يىللاردا ئاتۇشنى دەۋر قىلغان ھالدا قەشقەردە قانات يايغان يېڭى مائارىپ ھەرىكىتىنى ئەمىلى ھەرىكىتى بىلەن قوللاپ پائال تۈردە كۆزگە كۆرۈنەرلىك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان.
يېڭى مائارىپ ھەرىكىتىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەش بىلەن بىللە كونا مەدرىس مائارىپىنى ئىسلاھ قىلىشنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلغان.
قەشقەردە مەھمۇد سىجاڭنىڭ تەشەببۇسى بىلەن «ئىسلاھى مەدارىس» ئىدارىسى قۇرۇلۇپ پۈتۈن مەدرىسىلەر، مەسچىت مازارلارنىڭ ۋەخپىلىرىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇپ، ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىچە يول تۇتۇشنى يولغا قويغان. دادام مەرھۇم بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاساسلىق تەشەببۇسچىلىرىدىن بولغان ۋە قەشقەر خانلىق مەدرىسكە مۇدەررىسلىككە تەيىنلىنىپ، تالىبۇل ئىلمىلەرگە دەرس ئۆتكەن.
ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپ تەختىيۇن جامەسىگە چوڭ بىر مەدرىس سالدۇرۇپ بۇنىڭدا يېڭىچە مەدرىس مائارىپىنى يولغا قويغان، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلغان.
«ئىقدۇلمەرجان»، «ئۇنۋانۇسسەرىپ»، «مىشكات راۋىلىرىنىڭ تەرجىمىھالى»، «تەجۋىدى تۈركى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ دەرسلىك جەھەتتىكى بەزى بوشلۇقلارنى تولدۇرغان.
بەش يىللىق دەرسلىك پىلانى تۈزۈپ ئوقۇتۇپ قىسقا مۇددەت ئىچىدە نۇرغۇنلىغان شاگىرتلارنى يېتىشتۈرۈپ چىققان.
سالىھ داموللا ھاجىم ئۆتكۈر فىكىرلىك يېتىلگەن ئەدىب بولۇپ ئۇيغۇرچە، ئەرەبچە فارىسچە بولۇپ نۇرغۇن شېئىرلارنى پاساھەتلىك قەسىدىلەرنى يازغان. ئۇلارنىڭ مەزمۇنى كەڭ بولۇپ مەدھىيە، مەرسىيە، ۋەتەنپەرۋەرلىك، مۇھەببەت، لىرىكا، ۋەئز – نەسىھەت، تەربىيە قاتارلىق جەھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا يازغان شېئىرلار دىۋانى مەدەنىيەت ئىنقىلابى قالايمىقانچىلىقىدا يوقىلىپ كەتكەن.
ئۇنىڭ ئەرەب تىلىدا يازغان شېئىرلار دىۋانى سالامەت ساقلىنىپ قالغان، كەلگۈن ھەققىدىكى چوڭ ھەجىملىك قەسىدىسى بولاقتا ئېلان قىلىنغان.
سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنى قوللاپ ۋە تەنتەنە قىلىپ يازغان شېئىرلىرى ئەينى چاغدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا مەيدانغا كەلگەن ئىنقىلابى مەجمۇئە ئاتۇش گېزىتىدە داۋاملىق نەشىر قىلىنىپ تۇرغان، بۇ شېئىرلار ئەينى ۋاقىتلاردا كەڭ ئاممىنى ئويغۇتۇشتا، ئەكسىيەتچى كۈچلەرنى پاش قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان.
ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرىگە ئۇلارنى قوللاش يۈزىسىدىن شىئرى مەكتۇپ يازغان.
سالىھ داموللا ھاجىم 1937- يىلى بىرىنچى قېتىم ئۆز راسخوتى بىلەن ۋە 1955- يىلى جۇڭگو ھەج ئۆمىكى تەركىبىدە ھەرەمگە بېرىپ ھەج قىلغان، ھەج سەپىرىدە ئەرەبىستان، ھىندىستان، مىسىر، سۇرىيە قاتارلىق ئەللەردە زىيارەتتە بولغان.
بۇ يەرلەردە ئىلمى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارغان، نۇرغۇن ئۆلىما ۋە شائىرلار بىلەن ئۇچرىشىپ ئىلمى سۆھبەتلەردە بولغان، ئۇلار بىلەن مۇشائىرەلەر قىلىشقان، مىسىرغا بارغاندا ئالغان تەسىراتى ھەققىدە يازغان ئەرەبچە شىئرى مىسىردىكى ئىلمى ساھەدىكى كىشىلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن .
سالىھ داموللا ھاجىم گۈزەل ئەخلاقلىق ئېسىل پەزىلەتلىك، ئالى تەبىئەتلىك ۋەتەنپەرۋەر، تەرەققىيپەرۋەر ، ئىلغار پىكىرلىك، ھەققانىيەتچى، ئىنساپلىق، سېخى زات بولۇپ، نادانلىق، خۇراپاتلىق، بىدئەتچىلىكلەرگە قارشى ئىدى.
ئەھلى ئىلىم بولغان كىشىلەرنىڭ باشقىلارنىڭ قولىغا تەلمۈرمەي ئۆز غۇرۇرىنى ساقلىشىنى، تەمەخورلۇقتىن يىراق بولۇپ ئۆز ئەمگىكىگە تايىنىپ ياشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيتتى.
گۇچۇڭدىن ئايرىلىش ئالدىدا ئەھلى جامائەت خوشلىشىش يۈزىسىدىن داموللا ھاجىمنىڭ ئالدىغا سوغا سۈپىتىدە 35 سەر ئالتۇن قۇيىدۇ، داموللا ھاجىم بۇنى شەخسى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ رەت قىلىدۇ. بۇ ئالتۇننى شۇ مەيداندىلا كەمبەغەل نامراتلارنى چاقىرىپ ئۇلارغا ئۈلەشتۈرۈپ بېرىدۇ. داموللا ھاجىمغا ھەممە ئاپىرىن ئوقۇيدۇ، بۇ ۋەقە ئەل – يۇرت ئىچىدە تىللاردا داستان بولۇپ تارقىلىدۇ.
سالىھ داموللا ھاجىم بىر تەرەپتىن دېھقانچىلىق قىلىپ يەنە بىر تەرەپتىن رومال – پايپاقچىلىق زاۋۇتى قۇرۇپ قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ھەسسە قوشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆلىما بولغان ئادەمنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشىشىنىڭ ئۈلگىسىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.
سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ مەيلى ئۇيغۇرچە بولسۇن مەيلى ئەرەبچە فارىسچە بولسۇن يازغان شېئىرلىرى شۇ تىللاردا يېزىلغان ئەدەبى ئەسەرلەرنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە تۇرىدۇ.
بەدىئىلىكنىڭ يۇقىرىلىقى ، فىكرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، پەلسەپىۋى پىكىرلەرگە تولغان لىرىك ھېسياتىنىڭ نازۇكلۇقى، مەنا تەسۋىرىنىڭ ئىنچىكىلىكى، رىتىمىنىڭ جۇشقۇنلىقى بىلەن خاراكتېرلەنگەن ، پۈتۈن ئەدەبى ئىجادىيەتتە پاساھەت، بالاغەت قائىدىلىرى تولۇقى بىلەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.
ئەدىب ئۆزىنىڭ ئۈچ خىل تىلدا يازغان شېئىرلىرىنىڭ ھەممىسىدە «نىزامى» دېگەن تەخەللۇسنى ئورتاق قوللانغان.
مەرھۇم 1957- يىلى 7- ئاينىڭ 20- دە كۆكرەك پەردىسى كېسىلى بىلەن ۋاپات قىلغان.
ئاتۇش تەختىيۇن يېزىسىغا دەپنى قىلىنغان.

مەنبەسى: مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم


رەسىم چىقىرىشنى ئەپلەشتۈرەلمىدىم. بوشلۇقى بارلار بولسا ئەۋەتىپ بەرسەم بوشلۇققا قۇيۇپ ئادرىسنى يوللاپ بەرسە بولىدۇ.

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

كۆيۈمچان ئەزا

قىيىنچىلىق، مېن

UID
7347
يازما
291
تېما
23
نادىر
0
جۇغلانما
8302
تىزىملاتقان
2010-11-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-10
توردا
40 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-1 11:10:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتتىگەندە ئۇسسىغان يەرگە باردى. نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز...

بىز نومۇس قىلىشىمىز كېرەك...

UID
9520
يازما
80
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2270
تىزىملاتقان
2011-2-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-14
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-1 11:43:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەھزۇن ئىنىمىز ھەقىقەتەن ناھايتى ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپتۇ . ئىنىمىزنىڭ غەيرىتىگە تەشەككۈر . ھەقىقەتەن ، ئۇيغۇر ئىسلامىيىتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان كاتتا ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ ئاتىسى سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ پۈتكۈل ھاياتى ئىسلام ۋە مىللەت ئۈچۈن خىزمەتتە ئۆتكەن بولۇپ ، جانابى ئاللاھدىن ئۇ كىشىگە ۋە ئالىمىمىز مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم جانابلىرىغا جەننەتتىن مەرتىۋە تىلەيمىز .

UID
9650
يازما
18
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
858
تىزىملاتقان
2011-2-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-1 12:20:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ئېگەمدىن مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمغا ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە سالامەتلىك  تىلەيمىز!يېتۈك ،تۆھپىكارئالىمىمىزنى يېتىشتۈرۈپ چىققان ئاتىسىغا ئاللاھ ئېگەم كاتتا ئەجىرلەر ۋە يۇقىرى مەرتىۋىلەر ئاتا قىلسۇن.....

UID
10479
يازما
88
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2131
تىزىملاتقان
2011-3-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-8
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-1 12:24:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ئۇ كىشىگە كۆپ ئەجىر بەرسۇن ، ئارىمىزدىن ئۇ كىشىدىنمۇ ياخشى كىشىلەرنى چىقىرىپ بەرسۇن ....
تەختىيۈن ياخشى يۇرت جۇمۇ ...

تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم

UID
5684
يازما
178
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
5430
تىزىملاتقان
2010-9-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-8
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-1 17:59:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجايىپ ياخشى تىمىكەن .رەھمەت سىز گە............

UID
7328
يازما
119
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3660
تىزىملاتقان
2010-11-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-31
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-1 19:21:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر بىرىدىن ئىسىل تىمىلانى يوللاۋاتىسىز جۇمۇ تىما ئىگىسى ، ئەجرىڭىزگە رەخمەت

دىلمۇرات

UID
6514
يازما
139
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1420
تىزىملاتقان
2010-10-15
ئاخىرقى قېتىم
2011-5-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-1 21:04:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىمنىڭ دادىسىنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن. ئالىمىمزنىڭ تىنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن.

UID
10960
يازما
41
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
530
تىزىملاتقان
2011-4-30
ئاخىرقى قېتىم
2011-6-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-2 17:21:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر بىرىدىن ياخشى تىمىلارنى يوللاپسىز .ئاللاھ ئىگەم ئەجرىڭىز نى بەرگەي.

كۆيۈمچان ئەزا

kiyinki kisimni kurup bikig? 

UID
2581
يازما
200
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
6233
تىزىملاتقان
2010-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-3 00:04:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقۇردا  y.n.elqut    ئاكاشنىڭ ئىت قىنىدەك  مۇھەممەد سالىھ ئۇستازنىڭ دادىسىمۇ ئۆزىمۇ ھەقىقەتەن دىنىمىزغا ھەم مىللىتىمىزنىڭ ھەقنى تۇنۇشىغا زۇر تۈھپىلەرنى قۇشقان ئېسىل ئۇستاز لاركەن
مۇشۇندا ياخشى ئېسىل ئۇستازلارنىڭ تەرجىمھالىدىن خەۋەرلەندۈرگىنىڭىزگە رەھمەت، اللە كۆپلەپ ئەجىرلەر بەرسۇن مەھزۇن قىرىنداش

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش